سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر
قاينىمىسا دىلىڭدىن ۋىجدان ،
ئۆزلىكىدىن چىقمايدۇ غورۇر،
ئۆزگى كېلىپ سۆيمەيدۇ سىنى،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
ھەر قەدەمدە بىردىن پايلاقچى،
ئوغۇر قىلىپ چاقار يالاقچى ،
بايلىقىڭغا ھىرىس قاراقچى،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
تىلغا كەلدى ئەبجەش خىرىسلار،
دىنغا دۈشمەن بولدى كىرىسلار،
ئۆچۈپ كېتەر شانلىق شۇ ئىزلار،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
چاڭ باسماقتا مىللى مەدەنيەت،
يۇقتۇرۋالغاچ ياتلاردىن ئىللەت،
بۆلىنىمىز بۇپ ئىككى مىللەت،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
تۇنجۇقماقتا كىملىك روھىمىز،
جۈپلىشەلمەي ئەپسۇس قولىمىز،
غۇلاپ چۈشەر ھەتتا ھۇلىمىز،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
بىردىن كۈلۈپ كۆكلەپ كەتمەيسەن،
بىردىن ئۈلۈپ تۈگەپ كەتمەيسەن،
ئۆزلىكىڭسىز قالساڭ تۈگەيسەن،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
نەپسىز قىلماس بىراۋ سۆزىڭنى،
نەپ بەرمىسەڭ قىلماس يۈزۈڭنى،
قاغا بولۇپ چۇقۇر كۆزۈڭنى،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
ئۆز قەدرىڭنى ئۆزەڭ قىلمىساڭ،
ئۆزگى قىلماس ھەتتا يىلىنساڭ،
زىمىن يىغلار خارلىقتا قالساڭ،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
باغچىلىرىڭ باغۋەنسىز قالار،
گۈل -گىياھىڭ ۋاقىتسىز توزار،
تارىخ بىركۈن ياقاڭدىن ئالار،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
ۋاقىت قىسقا مەنزىلىڭ يىراق،
يالغۇز كارۋان ماڭالماس بىراق،
كۆكلىمەيسەن بولماستىن ئىناق،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
ئۆزگى قولدا قالسا قىممىتىڭ،
خائىن بولار ئۆزەڭگە جىنىڭ،
كەچۈرەلمەس سىنى ۋەتىنىڭ ،
سەن ئۆزەڭنى سۆيمىسەڭ ئۇيغۇر.
ئۆچمەس ئوت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-3 04:04 PM