|
|
|
|
5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىكى دوپپا بايرىمىغا بىغىشلايمەن
بۈگۈن يىقىن بىر دوستۇمنىڭ ئوغلىنىڭ سۈننەت توي مەرىكىسى
ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى .
مەن بۇ مەرىكىگە بالدۇراق بىرىپ دوستۇمغا قارىشىپ بىرىش ئۈچۈن چۈشلۈك تامقىمنى ئالدىراپ يىدىم -دە دوستۇمنىڭ تەكلىۋى بويىچە دوپپامنى كىيىپ ، شىم -كاستۇمنى ئۇچامغا ساپتىمدە تىلفۇن قىلدىم .
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، قانداق ئەھۋال؟
دوستۇم خاپا بولغان ھالدا ؛--ئادۇش!!! باركەنمىز --ھە؟؟؟ < ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ > دەپ يىقىن ئاغىنە بولغاندىكىن بالدۇراق بىرىپ قارىشىپ بىرەي دىمەي ئەمدى تىلفۇن قىلامسىلە ؟ سىلنىمۇ كۆرۈپ قويدۇق جۇما !!!
مەن خىجىل بولغان تەلەپپۇزدا ؛--خاپا بولماڭلار ئاداش ، مىنىڭمۇ شۇ ئىشىم ئالدىراش بولۇپ قىلىپ .......مىھمانلار كىلىۋاتامدۇ ؟دەپ سورىدىم .
--ھەممە مىھمانلار كىلىپ بولۇپ سىلگىلا قاراپ قالدۇق جۇما !تىزراق كىلىڭلار ،سىلە ياردەملىشىدىغان ئىشلار بار .
--مەنمۇ ھازىرلا ماڭاي دەپ تۇرغان ، خوش دىدىمدە تىلفۇننى قويۇپ سىرىتقا چىقىپ تاكسى توستۇم .
مەن < قوش ئامەت رىستۇرانى > غا كىلىپ دوستۇم بىلەن كۆرۈشتۈم .
--ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئاداش ، مۇبارەك بولسۇن .
---ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . رەخمەت ئاداش .ھەر نىمە بولسا كەلدىڭ . قىنى زالغا كىرىلى !
مەن رىستۇراننىڭ ئىچىگە كىردىم . قارىسام كەلگەن مىھماننىڭ تايىنى يوق ، بەزى ئۈستەللەردە بىر-ئىككىدىن ئادەم ئولتۇراتتى .
--ئادوش !!1 قىنى مىنىڭ يولۇمغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتكەن مىھمانلار ؟ دىدىم تەنە قىلىپ .
--ئاشۇنداق دىمىسەم كەچتە كىلىسىلە ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ . بىلمەمدىم مەن سىلنى ؟دىدى ھىجيىپ تۇرۇپ.
بىز پاراڭلىشىپ تۇراتتۇق ، دوستۇمنىڭ بىر جۇپ ئوغلى كىلىپ قالدى .---ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىدى چوڭ ئوغلى
ئارقىدىنلا كىچىكىمۇ ئاكىسىنى دوراپ قولىنى تەڭلىدى .
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . نىمانچە ئوماق بولۇپ كەتتى بۇ بالىلار ؟؟
دوستۇم بۇ بالىلارنى ھەقىقى مىللى خاسلىقىمىز بىلەن كىيىندۈرگەن بولۇپ ئوخشاش دوپپا ، ئۇچىسىغا مىللى قول ھۈنەر سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كانىۋاي كۆينەك ، قارا شىم -كاستۇم كىيگۈزگەن بولۇپ بۇ بالىلارغا ئۆزىمىزگە خاس بۇ كىيىم -كىچەكلەر بەكمۇ ياراشقان ئىدى .
--ئەسسالام دىگەن زىل ئاۋاز بىلەن ئارقامغا بۇرۇلدۇم .
قارىسام دوستۇمنىڭ ئايالى كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى .
--ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! تونىيالمايلا قالدىمغۇ؟؟؟
مەن بۇ خانىم بىلەن ئامان -ئىسەنلىك سوراشقاندىن كىيىن ---ھەي ئۆزىمىزنىڭ بۇ يارىشىملىق كىيىملىرىمىزگە نىمە يەتسۇن ؟؟؟؟؟؟ دوپپا ،ئەتلەس كۆينەك سىزگە بەكلا يارىشىپتۇ .دىيشىمگە ؛--مۇشۇ ئاغىنىڭىز زورلاپ كىيگۈزدى دەڭا ! ئۇنداق بولمىغان بولسا مىنىڭ ئەسلىدە تاللىغان كىيمنى كىيگەن بولسام دوسىت -دۇشمەنلىرىمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكەن بولاتتىم .
دوستۇمنىڭ ئاچچىغى كەلدى بولغاي ؛--ھىلى بىكار ،جۇما ! بىر چىرايلىق ئۆزىمىزنىڭ كىيىملىرى تۇرسا ، يەنە نىمنى كىيەتتىڭ ؟؟ خوتۇن خەق دىگەننىڭ چىچى ئۇزۇن ئەقلى قىسقا دىگەن شۇ --دە .ھەي بىز قانداق كىيىنسەك
پەرزەنىتلىرىمىزمۇ شۇنداق كىيىملەر بىلەن چوڭ بولىدۇ .ئۆزىمىز توي تۆكۈنلەردە ياۋرۇپا پوسۇنىدىكى يىرىم -يالىڭاچ بىر نىملەرنى كىيىمىزۇ --يەنە ئەۋلاتلاردىن نىمە دەپ ئاغرىنىمىز ؟ ئۇلاردىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىمىز ؟
مەن دوستۇمغا تەسەللى بىرىپ --بولدى قىلە ئاداش .ئاۋال توي تۈگسۇن قالغان گەپلەر كىيىن بولسۇن دەپ دوستۇمنى سىرتقا ئىلىپ چىكەتتىم .
دوستۇم سىرىتقا چىقىپ بىر تال تاماكا چىكىپ جىلە بولغان ھالدا؛ ھەي مۇشۇ خوتۇن خەقنىزە !!! ئۆزىنىڭ مىللى ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ، ئەنئەنىۋى كىيىملىرىمىزنى مەسخىرە قىلغان ئادەم بىلەن دوئىلغا چىققۇم كىلىدۇ مىنىڭ .
--بولدى قىلە ئاداش! خوتۇن خەق بىلەن تەڭ بولماي . قىنى دىگىنە بۈگۈن قانداق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بار ؟
-- ئۈلۈشكۈن سىلە بىلەن دىيىشكەنگە ئوخشاش . مەن كىلدىغان مىھمانلارنىڭ سانىنى ئۆلچەم قىلىپ 100 دانە ئەر-ئايالچە دوپپا تەييارلىدىم .مەرىكىگە كەلگەن مىھمانلارغا ئۆز قولۇم بىلەن كىيدۈرۈپ ، ئۇلارغا مىللى خاسلقىمىزنى ئازراق بولسىمۇ ھىس قىلدۇراي دەيمەن .خوتۇنغىمۇ مەجبۇرلاپ يۈرۈپ بۇ كىيىمنى كىيگۈزدۈم .
مەن ئۇنىڭ سۆزىدىن قاتتىق خۇشال بولۇپ ؛-يارايسەن ئاداش ! ئاخىرى ئۆزۈڭ ئويلىغان ئىشتىن بىرنى قىپسەن .ئەتلەس كوينەك ، دوپپا --ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىراسى . قىز -ئاياللىرىمىزنىڭ جۇلاسى ئەمەسمۇ ؟؟؟
--توغرا دەيسەن . دىدى دوستۇم مۈرەمنى شاپىلاقلاپ ؛-مىھمانلار كەلگىلى تۇرۇپتۇ .بىز ئىچىگە كىرىپ دوپپىلارنى تەييارلايلى دىدى .
بىز زالغا كىرىپ يىشكتىكى دوپپىلارنى ئىلىپ تەييار قىلدۇق .مىھمانلار بىر-بىرلەپ كىلىشكە باشلىدى .دوستۇم مىھمانلار بىلەن كۆرۈشكەچ بىشىغا دوپپا كىيدۈرۈپ زالغا باشلايتى .
مەن يەنە بىر يەشىك ئايالچە دوپپىلارنى دوستۇمنىڭ ئايال نەفىسە خانىمغا ئىۋەتىپ بەردىم .ئايال مىھمانلارنىڭ خىلى كۆپ قىسمى كالتە چاچ ، چاچلىرىنى ھەر خىل رەڭلەردە بويىۋالغان بولۇپ بىشىغا كىيدۈرۈپ قويغان دوپپا ئۇلارغا قەتئى ياراشمىغاندەك قىلاتتى .بۇ ھالەت ماڭا چەتئەللەردىن كەلگەن چەتئەللىك مىھمانلارغا ھۆرمەت سۈپتىدە دوپپا كىيدۈرۈپ قويغان مەنزىرىنى ئەسلىتىپ قويدى ،
مىھمانلار ئاياغلاشقان بولسا كىرەك دوپپىلارمۇ تۈگەپ قالغان ئىدى .
مەن زالغا كىرىپ دوسىتلىرىم ئولتۇرغان ئۈستەلگە كەلدىم . ھەممىمىزنىڭ بىشدا دوپپا ، چىھرىدە كۈلكە .
مەن بۇ مەنزىرلەردىن زوق ئىلىپ بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ شاھىدى بولغان دوپپىغا بولغان ھۆرمىتىم تىخىمۇ ئىشىپ كىتىۋاتاتتى .
ئولتۇرغان ئاغىنلەردىن بىرسى ؛--مەرىكە باشلىنىشقا خىلى ۋاقىت باردەك قىلىدۇ .ناماز ئوقۇيدىغانلار سىرىتقا چىقىپ ئوقۇپ كىرەيلى دىدى .
بەش-ئالتە يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ساھىپخاندىن سوراپ سوراپ سىرتقا مىڭىشتى.
ئۈستەلدە دوستۇم ،مەن ،يەنە بىرەيلەن ئۈچىمىزلا قالدۇق .دوستۇمنى بىرسى چاقىرىپ سىرىتقا ئىلىپ چىقىپ كەتتى .
مەن ئۆزۈم يالغۇز بىر ئاز زىرىكىپ ئەتراپتىكى ئاياللار ئولتۇرغان ئۈستەلگە قارىدىم .بىز سوۋغا قىلغان دوپپىلار بەزىلەرنىڭ بىشىدا ،بەزىلەرنىڭ قولىدا ، بىر قانچە دوپپا تاماق شىرەسى ئۈستىدە تۇراتتى .
ئاياللارنىڭ بىر قانچىسى باشلىرىنى بىر يەرگە يىغۋىلىپ پارڭلىشىۋاتقان بولسا كىرەك نىمگىدۇر خۇشاللىغىنى باسالماي ھىجىيشىپ كۈلۈشەتتى .
يان تەرەپ ئۈستەلدىكى ئاياللارنىڭ يۇقۇرى ئاۋازلىق پاراڭلىرى قۇلقىمغا كىرىشكە باشلىدى .
--ھەي نۇربىيە ئاداش ! دوپپىنى بىشىڭغا چۆكۈرۈپ كىيىپ ئولتۇرۇپ كىتىپسەنغۇ سەھرالىقتەك ؟؟؟دىدى چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بويىۋالغان كالتە چاچ سىمىز ئايال.
--ئاداش مازاق قىلمىغىنا ! بۇمۇ دوستىمىزنىڭ كۆڭلى ئەمەسمۇ ؟ بىزنى ئەزىز مىھمىنى بىلىپ بىشمىزغا قوندۇرۇپ قويسا ئىلىۋەتسەم سەت بولار ؟؟؟
--مۇشۇ ئالتە كويلۇق دوپپىنى بىشىمىزغا قوندۇرۋىلىپ ھىلى سورۇندا پىرقىراپ يۈرسەك بىزگە چىرايلىق تۇرارمۇ خان؟؟؟ دەپ تەنە قىلدى سىمىز ئايال .
--ھەجەپ سەن مۇشۇ دوپپا بىلەن بىلەنلا قالدىڭغۇ ئاداش ؟ قارا نەفىسە دوسىتىمىزغا ، ئەتلەس كوينىگى ، دوپپىسى بەكلا يارىشىپتغۇ ؟ خۇددى توزدەكلا .دىدى نۇربىيە ئىسملىك ئايال .
---سەن بەك مەتۇ جۇما ئاداش ! دىدى سىمىز ئايال سەت ھىجىيىپ ؛--ئۇنىڭ كىيۋالغان دوپپىسىغا قارىما .دوپپىسىغا ئايلاندۇرۇپ ئورناتقان قاداق ئالتۇنلارغا قارا !ئاشۇ دوپپىدىكى ئالتۇنلارنىڭ باھاسىلا 10 مىڭدىن ئاشىدۇ دوستۇم . ئۇ ئاشۇ ئالتۇنلىرىنى كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ دوپپا كىيمىسە تارىخىدا ئۇ قاچان دوپپا كىيىپ باققان؟؟؟
--ئۇغۇ راسىت دىدى نۇربىيە ئىسىملىك ئايال سولاشقان ھالدا بىشدىكى دوپپىنى بىشىدىن ئىلىپ ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى .
بۇ پاراڭلاردىن ئىچىم ئاچچىق بولۇپ بىر -ئىككى ئىغىز تىللىغۇم كەلدى . بىراق ئۆزىنىڭ مىللى خاسلىقىنى ، مىللى كىملىگىنى ئاللىقاچان يوقۇتۇپ قويغان بۇنداق ئادەملەرگە ئارتۇقچە سۆز بىھاجەت بولسا كىرەك .
سەھنىدە رىياسەتچى قىزنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن قاينام -تاشقىنلىق ناخشا ساداسى باشلىنىپ كەتتى .ناخشا ساداسى قۇلاقنى ياراتتى .
توۋا!!!!!! دىدىم ئىچىمدە .ناخشا -مۇزىكا ئەسلىدە ئادەمگە ھوزۇر ، غەمكىن كۆڭۈللەرگە شاتلىق ئاتا قىلاتتى .
لىكىن بۇ ناخشا -مۇزىكىلار ئادەمنىڭ تىنىچ ، نۇرمال نىرۋىلىرىنى چارچىتىپ ئەسەبىلەشتۈرۋىتەتتى .
ناخشا باشلىنىش بىلەنلا ئۈستەل-ئورۇندۇقلاردىكى خانىم -قىزلار مەيداندا ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .
باياتىن ناماز ئوقۇشقا ئالدىرىغان يىگىتلىرىمىزمۇ ناخشا مۇزىكىنىڭ سىھرى كۈچىگە بەرداشلىق بىرەلمەي مەيداندا پىرقىراپ يۈرۈشەتتى .
رىستۇراننىڭ زالى ئۇسۇل ئوينىغانلارنىڭ كۆپلۈگىدىن كىچىكلىك قىلۋاتاتتى .مەن بۇ يەردە <مىللىتىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇلغا ماھىرلىغىنى ، دىيارىمىزنىڭ ناخشا -ئۇسۇل ماكانى > ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم .
ئۇسۇلغا چۈشكۈچىلەر قولىنى كۆتۈرسە چۈشۈرۈلمەي ، قولىنى چۈشۈرگەنلەر چىقرالماي مەيداندا قىستىلىشىپ يۈرەتتى .قىستاڭچىلىقتا بەزىلەرنىڭ قوللىرى يەنە بەزىلەرنىڭ ئاللىقانداق يەرلىرىگە تىكتىپمۇ قالاتتى .
مەن بۇ ئەبجەش ئوينالغان ئۇسۇللاردىن بىزار بولۇپ باشقا ياققا قارىدىم ،قاراپلا چۈچۈپ كەتتىم .ئۇدۇلدىكى ئادەمسىز شىرەلەرنىڭ ئاستىدا بىر قازچە دوپپا تاشلىنىپ تۇراتتى .تاماق توشقۇزىۋىتىلگەن شىرەلەردىمۇ بىر -ئىككى دوپپا تاماق ئىشىندىلىرى يىنىدا خورلانغان ھالدا تۇراتتى .
بۇ ئۈستەللەرنىڭ < ئەزىز > مىھمانلىرى ئۇسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى .
مەن دوستۇمنى چاقىرىپ شىرە ئۈستىدىكى ۋە ئاستىدىكى خارلانغان دوپپىلارنى كۆرسەتتىم .
دوستۇم بۇنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى . بىز بۇ دوپپىلارنى بىر -بىرلەپ تىرىپ قاتلاپ يىشىككە سالدۇق .دوستۇم سىرىتقا چىقىپ تاماكىسىنى قاتتىق شوراشقا باشلىدى .دە--مۇشۇنداق خەقنىمۇ ھۆرمەتلەپ دوپپا سوۋغا قىپتىمەن .
ئىسىت !!! سورۇندىلا بىر تىللاي دەپ ئويلىغان . ئۆزەمنى بىسۋالدىم .دىدى دوستۇم ئاچچىغىنى باسالماي .
--ئاداش ! بىز خاتا قىپتۇق ! دىدىم مەن ھەسرەت بىلەن ؛---ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگى ، مىللى ئۆرپ-ئادىتى، شەرمى -ھايا ، ئەخلاقىنى يوقاتقان ئاشۇنداق بىر قىسىم مىھمانلارغا ئۆزىمىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى بولغان دوپپىمىزنى سوۋغا قىلىش --ئەڭ زور خاتالىق . بۇ خۇددى تىزەككە قىزىل گۈل سانجىپ قويغان ئىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس !!! دىدىم ئاچچىغىمدا .
قارا ئاداش !مىھمانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس .شەرمى -ھايا ،ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان يىگىتلىرىمىز ، قىز -ئاياللىرىمىز بۇ ئەزىز دوپپىدىن پەخىرلىنىپ بىشىدىن ئالماي كىيپ ئولتۇرۇپتۇ .دىدى دوستۇم مەمنۇن بولغان ھالدا؛
--بۇنىڭدىكى ئاسالىق سەۋەپ يەنىلا ئائىلە تەربىيسىدە دىدىم دوستۇمغا قاراپ ؛--باياتىنقىدەك ئۆزىنىڭ ئەجدات مىراسى بولغان دوپپىنى مازاق قىلىپ ، ئۆز كىملىگنى ئۇنتۇپ چاچلىرىنى ھەرخىل بوياپ ئالۋاستىلارچە
ياشاۋاتقان ئاشۇ خانىملار ---مىللى ئەخلاققا ، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە پەرۋاسىز قارايدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئاتىلارنىڭ ، ئانىلارنىڭ ،ئەرلىك غورۇرى بارغانچە يۇقاپ كىتىۋاتقان ئەرلىرىمىزنىڭ مەھسۇلى .
ئەڭ ئىچىنارلىغى ،مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلىرى . بۇ ئەۋلاتلار بىزنىڭ ئىسىل ئەنئەنىۋى مىللى ئەخلاقىمىزدىن مۇستەسنا ھالەتتە ياشايدۇ .
ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگىنى ئاتا-ئانىلىرى ئاللىقاچان يۈتتۈرۈپ قويغان تۇرسا ، بۇ كىملىكنى ئەۋلاتلىرىدىن ئىزلەپ تىپىش مۆمكىنمۇ؟؟؟؟
دوستۇم بۇ سۆزۇمنى ئاڭلاپ ؛--توغرا دەيسەن دوستۇم دەپ مۈرەمگە شاپىلاقلىدى .
بۇ مەرىكىدىن رايىم يانغان ھالەتتە قايتتىم .
يازمامنىڭ ئاخىرىدا شۇنداق مۇراجەت قىلغۇم كەلدى .
--ئۆزىمىزنىڭ مىللى كىيىملىرىمىزنى قەدىرلەيلى .ئەۋلاتلىرىمىز مىللى خاسلىقتىن ئايرىلىپ قالمىسۇن .
ئەۋلاتلىرىمىز دوپپىمىزنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان ، قەدىرلەپ كىيدىغان بولسۇن .
بىز پەقەت مىللى كىملىگىمىزنى ئاشۇ دوپپا ئارقىلىقلا نامايەن قىلالايمىز .
3 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (147.94 KB)
3 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (100.29 KB)
3 كۈن ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (223.74 KB)
مەنبە ؛ www.1miskal.com
|
|
|
|
|
|