ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىسلام دىنىمىزدىكى شېھىد دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ باقمانمىتىڭىز ؟ بۇ سۆزنى قانداق چۈشىنىسىز ؟ قانداق كىشلەر شېھىد دىيىلىىدۇ؟ شېھىد بولغانلارغا قانداق مۇكاپات بار ؟ بۇلارنى بىلىشكە قىززىقسىڭىز تۆۋەندىكى ھەدىسلەرنى مۇلاھىزە قىلىپ باققايسىز.
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
مىقدام ئىبنى مەئدى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: شېھىد ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا يەتتە خىسلەت باردۇر، 1-تۇنجى قېتىم تامغان قېنىنىڭ بارا بىرىگىلا پۈتۈن گۇناھلىرى مەغپىرەت بولۇپ بولىدۇ. 2- ئۆز ئورنىنى جەننەتتىن كۆرەلەيدۇ، 3-قەبرە ئازابىدىن ساقلىنىپ قالىدۇ، 4-(قىيامەت كۈنىدىكى)چوڭ قورقۇنجىدىن، چۇچۈشتىن ئەمىن قالىدۇ، خاتىرجەم قىلىنىدۇ. 5-(جەننەتتە)ئۇنىڭ بېشىغا كاتتىلىق، ئۇلۇغلۇق تاجىسى قويۇلىدۇ، ئۇنىڭ بىر تال ياقۇتى پۈتۈن دۇنيا، دۇنيانىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەردىن ياخشىدۇر، 6-ئىمان تونىدىن تون، زىننەت قاتارلىقلار كىيىدۈرۈلۈپ، جەننەتنىڭ ھورۇلئەيىن، شەھلا كۆزلۈك ھۆر قىزلىرىدىن 72سى خوتۇن قىلىپ بېرىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى)ئۆز ئەھلى بەيتلىرىدىن ئائىلىسى، يېقىن جەمەتىدىن 70 ئىنسانغا شاپائەت قىلىپ(اللەدىن ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن 70 كىشىنىڭ گۇناھىنى تىلۋىلىپ ئۈزى بىلەن بىللە) جەننەتكە ئەكىرىدۇ. -ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجەلەر توپلىغان، سەھىھ.
قانداق كىشىنى شىھىد دەيمىز ؟ ...........
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: سىلەر ئاراڭلاردا قانداق كىشىنى شېھىد دەپ سانايسىلەر؟ ئۇلار؛ ئى اللەنىڭ ئەلچىسى! اللە يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلا كىشى شېھىد دېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ ئۇنداقتا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ شېھىد بولىدىغان كىشىلىرى بەكلا ئاز بولۇپ قالمامدۇ؟ كىم، ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلسە، ئۇ شېھىد، كىم ئاللاھ يولىدا ئۆلسىمۇ ئۇمۇ شېھىد بولىدۇ. ۋابادا(سارىس -قۇش زۇكىمى.....دىگەندەك تارقىلىشچان كىسەللەردە)، قورساق ئاغىرىقىدا ئۆلسە، سۇدا غەرىق بولسا ئۇ كىشىمۇ شېھىد بولىدۇ دېدى. مۇسلىم توپلىغان، سەھىھ.
جابىر ئىبنى ئەتىيكە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئۇنىڭ بوۋىسى ئاغرىپ قالغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يوقلاپ كەلگەن، بىرسى بىز سېنىڭ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈپ، شېھىد بولۇشىڭنى ئارزۇ قىلاتتۇق دېدى، ئاندىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنداقتا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ شېھىد بولىدىغان كىشىلىرى بەكلا ئاز بولۇپ قالمامدۇ؟ ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلۈش، شېھىدلىق بولىدۇ، ۋابا كېسىلىدە ئۆلگەن كىشى شېھىد بولىدۇ، ئىككى قات، ھامىلدار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتكەن ئايال شېھىد بولىدۇ، سۇدا غەرىق بولۇپ، ئوتتا كۆيدۈرلۈپ ئۆلگەن كىشى شېھىد بولىدۇ، زاتۇلجەنبى( قورساققا جاراھەت چىقىش ياكى ئىچكى كىسەل) دىگەن كېسەلدە ئۆلگەن كىشى شېھىد بولىدۇ. ئىبنى ماجە نەسەئى ئەبۇ داۋۇد ئەھمەد مالىك توپلىغان- سەھىھ.
سەئىد ئىبنى زەيىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كىم دىنىنى، ئىمانىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە ئۇ شېھىد، كىم قېنىنى، جېنىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە شېھىد، كىم مېلىنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسە شېھىد، كىم ئەھلىنى-بالىلىرىنى قوغداپ ئۇرۇش قىلىپ ئۆلتۈرۈلسە ئۇمۇ شېھىد بولىدۇ.
ئەھمەد، ئىبنى ھەببان ئۈچ كىتاب توپلىغان، سەھىھ
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، بىر كىشى كىلىپ؛ ئى اللھ نىڭ ئەلچىسى! قېنى دەپ باقسىلا، بىركىشى كىلىپ مىنىڭ مېلىمنى ئېلىۋېلىشنى مەقسەت قىلسا، قانداق قىلىمەن؟دېدى.رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : ئۇنىڭغا مېلىڭنى بەرمىگىن،دېدى. ئۇ كىشى؛ ئەگەر ئۇ مەن بىلەن مالنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلسىچۇ؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: سەنمۇ مېلىڭنى قوغداپ ئۇرۇش قىلغىن دېدى، ئۇكىشى؛ ئۇ مىنى ئۆلتۈرىۋەتسىچۇ؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: سەن مېلىڭنى قوغداپ ئۆلتۈرۈلسەڭ، شېھىد بۇلىسەن دېدى، ئۇ: ئەگەر مەن ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتسەمچۇ؟ دېدى، رەسۇلۇللاھ: ئۇ بۇلاڭچى دەۋزەختە بۇلىدۇ دېدى. مۇسلىم توپلىغان.
ئەبۇ دەردائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەن شېھىد (قىيامەت كۈنى)ئەھلى-بەيت ئائىلىسىدىن 70 كىشىگە شاپائەت قىلالايدۇ.- ئىبنى ھەببان توپلىغان، سەھىھ
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ۋابا كېسىلى ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن شېھىدلىقتۇر. ئەھمەد، بەيھەقى، بۇخارى،مۇسلىم، ھاكىم توپلىغان، سەھىھ.
مەنبە- سەھى ھەدىسلەر توپلىمى ۋە مەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا jangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-3 12:58 PM