ياپراق ئەمەس روھىڭ پەرۋازى
راخمانجان ئاۋۇت ئۆزھال
تۇرغۇن ئالماسقا بېغىشلايمەن
پىغانلىق چۈللەردىن ئۆنگەن يۇلغۇنسەن ،
قوياشقا كۆكسىنى قاقلاپ ياشىغان ،
چىنارسەنكى يىلتىزىڭ ئەلدە
ئەسىرلەرگە سايە تاشلىغان ،
ئانا يۇرىتنىڭ گۇناھكارىسەن ،
قاماقخانا سىنىڭ پاناھىڭ ،
زەي تۈرمىگە بولغاندابەندە
بۇلبۇل كەبى خەندان ئۇراردىڭ
سەن قانمىغان يىگىتلىك مىراس ،
غۇرۇر سۈيىدە يۇيۇنغانلارغا ،
ئەركە شامال پۈتتى ئېسمىڭنى
ئەبەدىيلىك مەغرۇر قىياغا .
نۇرسەن بەلكىم روھىڭ قاناتلىق ،
بۇ خانداننى تامام يورۇتقان .
تىرىكلىگىڭ نامەرىتكە زۇلۇم
بىر شىر سەنكى ئۇيقۇدا ياتقان .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-3 01:37 PM