يۇگوسلاۋىيە
The Federal Republic of Yugoslavia
جەنۇبىي سلاۋيانلار دۆلىتى
يۇگوسلاۋىيىنىڭ تولۇق نامى < يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى > بولۇپ، ياۋروپانىڭ شىمالىدىكى بالقان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان.يۇگوسلاۋىيە مىللەت نامىدا ئاتالغان دۆلەت بولۇپ،مەنىسى < جەنۇبىي سلاۋيانلار دۆلىتى> . سابىق يۇگوسلاۋىيىدىكى بىر قانچە ئاساسلىق مىللەت ،مەسىلەن ،سېربىيىلىكلەر ، كرودىيىلىكلەر ،سلوۋىنىيىلىكلەر ،ماكىدونىيىلىكلەر ، قارا تاغلىقلار ، بوسىنىيىلىكلەرنىڭ ھەممىسى جەنۇبىي سلاۋيانلارغا تەۋە . سلاۋيان سۆزى < شەرەپلىك> مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ.مىلادى 6-ئەسىردە سلاۋيان مىللىتى كاراپات تېغىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ،بالقان يېرىم ئارىلىغا ماكانلىشىپ،تەدرىجىي تەرەققىيات قىلىپ،ھەر قايسى يۇگوسلاۋىيە مىللەتلىرىنى شەكىللەندۈرگەن،925-يىلى كرودىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان.1220-يىلى سېربىيە پادىشاھلىقنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.15-ئەسىردىن باشلاپ تۈركىيە ۋە ئاۋىسترو - ۋىنگىر ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ كەلگەن.1918-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى سېربىيە-كرودىيە-سلوۋىنىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلۇپ، 1929-يىلى < يۇگوسلاۋىيە پادىشاھلىقى> غا ئۆزگەرتىلگەن؛ 1945-يىلى 11-ئاينىڭ29-كۈنى <يۇگوسلاۋىيە فېدىراتىپ خەلق جۇمھۇرىيىتى > قۇرۇلغان؛ 1963-يىلى 4-ئاينىڭ27-كۈنى < يۇگوسلاۋىيە سوتسىيالىستىك فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتىلگەن . 1991-يىلى 6-ئايدا پارچىلىنىپ،1992-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى سېربىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى( مونتوگرو) بىرلىشىپ تەشكىل قىلغان < يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى>نى قۇرغان.
يۇگوسلاۋىيىنىڭ يەر مەيدانى 102.173 مىڭ كۋادرات كلومېتىر ، ئاھالىسى 11مىليون 675مىڭ ،نىڭ 8.9مىليونى سېربىيىلىكلەر ،قالغان 52مىڭى قارا تاغلىقلار ،1.8مىليونى ئالبانلار ،400 مىڭى مۇسۇلمانلار ھېساپلىنىدۇ . روس شىۋىسىدىكى سېرب تىلى دۆلەت تىلى ھىسابلىنىدۇ . كېلىر روس يېزىقى ئىشلىتىدۇ. سېربلار پىراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقات قىلىدۇ . پايتەختى بېلگراد ،پۇل بىرلىكى دىنار .
ھازىر سابىق يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى : سېربىيە ، قارا تاغ ، كرودىيە ، سلوۋىنىيە ، بوسىنىيە ۋە گرىتسىگوۋىننا ، ماكىدون ، ۋە 2008-يىلى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان كوسوۋۇ دىن ئىبارەت يەتتە مۇستەقىل دۆلەتكە پارچىلاندى ۋە يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاق جۇمھۇرىيىتى دىگەن ئاتالغۇ دۇنيا خەرىتىسىدىن مەڭگۈ يوقالدى......
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ