مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 2

ھارۋىكەش ناخشىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94762
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 79
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-4-13
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


"ھەر ئىككىمىز خىيالغا پېتىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كەتتۇق. مەن ئاخىرى بېشىمنى كۆتۈرۈپ:


-نېمە

>-بۇنىڭدىن كېيىن سىزمۇ ئۆزىڭىزگە ھېزى بولۇپ قويۇڭ- ھە!- دېدى مېنى ئاگاھلاندۇرۇپ،- ئامال بار ماشىنا دېگەن نەرسىگە يېقىن يولىغۇچى بولماڭ!
"مەن «ماقۇل» دېگەن مەنىدە باش لىڭشىتىپ قويدۇم.
-بىزغۇ مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن ھېچقانچە ئېتىبارىمىز يوق بىر بەندە،- دېدى ئۇ يەنە گېپىنى ئۇلاپ،- لېكىن سىز بىزگە ئوخشىمايسىز، سىز دېگەن ئەھلى ئۆلىما، ئالىم ئادەم، ئەل- يۇرتنىڭ چىرىغى. سىز بىرەر ھاۋادىسەتكە يولۇقۇپ قالسىڭىز بولمايدۇ. ئادەم دېگەن بۇ دۇنياغا بىر كېلىدىغان گەپكەن. ئۇ دۇنياغا كېتىپ بولۇپ يېنىپ كېلىشنىڭ ئورنى يوقكەن. بەزىدە سىزنى ھېلى ئۇيان كەتتى، ھېلى بۇيان كەتتى دەپ ئاڭلاپ تۇرىمەن. شۇنداق چاغلاردا مەھەللىدە قالغانلارنىڭ كۆڭلى ئۈيەپ قالىدىكەن.ئۆزىڭىزمۇ ئارامخۇدا ياشارمەن دەپ يېزىنى ئارزۇلاپ كەلگەن ئادەم.شۇڭا بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچراپ قالمىغىنىڭىز ياخشى.بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيان-بۇيان بېرىپ-كېلىدىغان يۈگۈر-يېتىم ئىشىڭىز چىقىپ قالسا ماڭا «ھايت»دەڭ، ئاددى كۆرمىسىڭىز ھارۋامدا ئاپىرىپ- ئەكېلىمەن
-نېمىشقا ئاددى كۆرگۈدەكمەن؟- دېدىم ئۇنىڭ مېنى ئۆز بىلگىنىدىن سۆيۈنۈپ،- مەنمۇ ئەسلىدە دېھقان بالىسى تۇرسام؟
-شۇ ئەمەسمۇ،- دېدى جۈمە شامال گېپىمنى توغرا تېپىپ،-«ئۆتمۈشۈڭنى ئۇنۇتما، شىر چورۇقۇڭنى قۇرۇتما» دېگەن گەپ بار. ئادەم دېگەننىڭ سىزگە ئوخشاش ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىغىنى ياخشى.
-ئەسلىمنى ئۇنتۇپ قالسام قانداق بولغىنى؟-دېدىم مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلىپ،-سىزگە دېسەم، مېنىڭ تۇمۇرۇمدا ئېقىۋاتقىنى دېھقاننىڭ قېنى بولغاچقىمۇ بەزىدە مەھەللىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا بىرەر دېھقاننىڭ ھارۋا ھەيدەپ كېتىپ بارغىنىنى كۆرسەم كىچىك بالىدەك بېرىپلا چىقىۋالغۇم كېلىپ كېتىدۇ.ئاتا-بوۋامنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولۇپ ھارۋا كەتكەن تەرەپتىن كۆزۈمنى ئۈزەلمەي قالىمەن.ھالال رىزقىنى يەپ ياشاۋاتقان دېھقانلار نامرات بولغىنى بىلەن ئېسىل پەزىلەتلەرگە باي، قورسىقى كەڭ، كۆڭلى تۈز، شۈكۈر- قانائەتچان، ئاتا- بوۋىسىنىڭ روھىغا يېقىن كىشىلەر. بىزنىڭ ئەنئەنىمىزنى، مىللى مەدەنىيىتىمىزنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلارمۇ شۇلار. ئۇلۇغ دېسە مانا شۇلارنى دېسە بولىدۇ
-ناۋاتتەك گەپ قىلدىڭىز،- دېدى جۈمە شامال كۈلۈمسىرەپ.
جۈمە شامال ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى خىيال قىلىۋاتقاندەك بىردەم جىمىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئاندىن :
-بەزىدە بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالىدۇ،- دېدى بېشىنى كۆتۈرۈپ،- ئۇ چاغلاردا بىللە ئوينايدىغان بالىلار بىلەن تايچاقتەك بىردەم جىم تۇرالمايتتۇق.ناۋادا مەھەللىمىزدىن بىرەر ھارۋا ئۆتۈپ قالغۇدەك بولسا جېنىمىز ئىچىمىزگە پاتماي قالاتتى.ھارۋىنىڭ ئارقىسىغا ئېسىلىۋېلىپ ھارۋىكەشنى تازا جىلە قىلاتتۇق. ئارقىسىغا قاراپ قامچىسىنى چۆرۈگەن ھامان بەدەر قېچىشاتتۇق. ئالدىغا قاراپ ھارۋىسىنى ھەيدىگەن ھامان يەنە يۈگۈرۈشۈپ بېرىپ ئېسىلىشاتتۇق. ئۇ زاماندىكى ھارۋىكەشلەر بوي- بەستى سەگۈ تېرەكتەك، شاپ بۇرۇتلۇق ئاجايىپ ئادەملەر بولىدىغان، گەپ قىلسا گۈركىرەپ، يول ماڭسا گۈرسۈلدەپ دەسسەپ ماڭىدىغان.ھارۋىسىدا تەلپىكىنى قىرلاپ ئولتۇرغىنىچە ئالدىغا ئۇچرىغان قىز-چوكانلارغا قاش ئېتىپ قويغاچ ناخشا دېگەننى ئاسماننىڭ قەھرىدە توۋلايدىغان.ھازىر ئۇنداق ھارۋىكەشلەر نەدە قالدى؟ ھە راست، شۇ زاماندىكى ھارۋىكەشلەرنىڭ ناخشلىرىنى سىزمۇ ئاڭلاپ باققان بولغىيدىڭىز؟
جۈمە شامال ماڭا سوئال نەزىرىدە تىكىلدى.
-مېنى دەمسىز؟ ھە... مەنما؟ كىچىك چاغلىرىمدا ئاڭلىغاندەك قىلغان،- دېدىم مەن ئېسىمگە ئېلىشقا تىرىشىپ.
-ئېسىڭىزدە باركەن ئەمىسە؟
-ھېچ ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ،- دېدىم گەدىنىمنى سىلاپ قويغاچ، سىزنىڭچۇ، سىزنىڭ ئېسىڭىزدە باردۇ؟
-مېنىڭما، ھە...- دېدى جۈمە شامالمۇ گەدىنىنى سىلىغىنىچە،- مېنىڭمۇ تۈزۈك ئېسىمدە قالماپتۇ، يېشىمىز بىر يەرگە بېرىپ قالدى ئەمەسمۇ
"مەن قىممەتلىك بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويۇپ مەيۈسلەنگەندەك بولدۇم.
شۇ ھالدا مېنىڭمۇ بالىلىق چاغلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.ئۇ چاغلاردا رەھمەتلىك داداممۇ ئەترەتنىڭ ھارۋىسىنى ھەيدەيدىغان ھارۋىكەش بولىدىغان.دادامنىڭ قامچىسىنى چۆرۈپ پاڭ-پۇڭ قىلىپ قويغىنىچە ناخشىسىنى توۋلاپ ھارۋا ھەيدەپ كېتىۋاتقان سېيماسى ھېلىغىچە كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ. دادام بەزىدە ھارۋا ھەيدەپ يىراق- يېقىنلارغا بارماقچى بولسا يولدا ھەمراھ بولار دەپ مېنى بىرگە ئېلىۋالاتتى. بۇنداق چاغلاردا خۇشاللىقتىن قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالاتتىم. دادامغا ئوخشاش بار ئاۋازىم بىلەن ناخشا ئوقۇغۇم كېلەتتى. دادام قانداقلا ناخشا ئېيتمىسۇن ماڭا ھامان ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك مۇڭلۇق، بۇلبۇل ناۋاسىدەك يېقىملىق ئاڭلىناتتى.مەن بەزىدە دادامنىڭ ناخشىسىغا قۇلاق سالغاچ ھارۋا ئۈستىدىكى خالتا- خورجۇن، ئوت- چۆپ دېگەندەك نەرسىلەرگە يۈلەنگىنىمچە ئۇيقۇغا كېتەتتىم. شۇنداق شېرىن ئۇخلاپ ياتقان چاغلىرىمدا دادام: ھوي، كۆزۈڭنى ئاچ ئەمدى! دەپ سىلكىشلىسىمۇ ھېچ كۆزۈمنى ئاچقۇم كەلمەيتتى. كۆزۈمنى ئاچقاندا بولسا ئۆزۈمنى يا شەھەردە، يا چۆل- جەزىرىدە، يا ئىشىك ئالدىدا كۆرەتتىم- دە، قانچىلىك يول يۈرگىنىمىزنى بىلمەي قالاتتىم. مەن ھارۋىكەشلەرگە بەك ھەۋەس قىلغاچقىمۇ، دادام بىر قېتىم:
-چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن؟- دەپ سورىسا:
-ھارۋىكەش بولىمەن،- دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدىم.
<دادام يەنە
-ھارۋىكەش بولۇپ نېمە قىلىسەن؟- دەپ سورىسا مەن كۆزۈمنى مىت قىلىپمۇ قويماي:
-ناخشا ئېيتىمەن،- دېسەم ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۈپ كېتىشكەن ئىدى.
چوڭلاردىن ئاڭلىسام، مەن تۇغۇلۇشىمدىنلا ناخشىغا ئامراقكەنمەن. زاكىدىكى، بۆشۈكتىكى چاغلىرىمدا قىقاسلاپ يىغلاپ كەتسەم ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىنى ئاڭلىغان ھامانلا جىمىپ ئۇخلاپ قالىدىكەنمەن.ئۆزۈممۇ تىلىم چىقىشى بىلەنلا ناخشا ئېيتىپ ئاتا-ئانامنى خوش قىلىۋېتىپتىكەنمەن. مەكتەپكە بارغۇدەك بولغان چاغلىرىمدىن باشلاپلا دادامنى دوراپ خېلى ناخشىلارنى ئېيتالاتتىم.ھەر سەھەر جىلتامنى ئاسقىنىمچە ناخشام بىلەن مەكتەپكە بارسام، كەچتە يەنە ئۆيگە ناخشام بىلەن قايتىپ كېلەتتىم.شۇنداق چاغلاردا بار ئاۋازىم بىلەن غېمىمدە يوق ناخشا ئېيتىپ كېتىۋاتقىنىمنى كۆرگەنلەر مېنى:
-بۇ بالا ئۆزى مۇشتۇمدەك تۇرۇپ ھارۋىكەشلەردەك ناخشا ئېيتالايدىكەن. ئاۋازىمۇ ئاسماندا ئاڭلىنىدىكەن. چوڭ بولسا خېلى ئۇستا ھارۋىكەش بولغۇدەك، ئۆزىمۇ ھارۋىكەشنىڭ بالىسى ئەمەسمۇ،- دەپ قويۇشاتتى
ئۇ چاغلاردا ئائىلىمىز بەكمۇ نامرات بولىدىغان.بىزلا ئەمەس ھەممە ئادەم شۇنداق نامرات ئىدى.نامراتلىق دەستىدىن كۈزدە قېقىپ بولغان جىگدىنىڭ تۈۋىنى ئەتىيازدا تاتىلاپ جىگدە تىرىپ يېيىشكەنلەرنىمۇ، ئەتىياز كەلسە قىشتا كىيگەن كىيمىنىڭ پاختىسىنى سۇغۇرۇۋېتىپلا كىيىپ يۈرۈشكەنلەرنىمۇ خېلى كۆرگەنمەن.لېكىن شۇنداق نامراتچىلىقتا ئۆتكەن كۈنلەردىمۇ ناخشا بىلەن ھەممە ئادەم خۇشال كۆرۈنەتتى. ناخشا بىلەن ھايات گۈزەل ئىدى.ناخشا بىلەن يېگەن زاغرا نان شېكەر سۈيىدە ياققاندەك ئۆزۈمگىمۇ شۇنداق تاتلىق تېتىپ كېتەتتى.ئانامنىڭ قولى تەككەن.شۇ تەم ھېلىغىچە ئاغزىمدىن كەتكىنى يوق.شۇڭىمىكىن مەن ھېلىمۇ زاغرا نانغا ئامراقمەن.چوڭ تونۇردا قۇرۇتۇپ پىشۇرۇلغان زاغرا ناننى شورپا، قېتىققا چىلاپ يېسەم بىر خۇماردىن چىققاندەك بولىمەن.ئەمدى ئويلىسام ناخشا ئېيتىپ يۈرگەن شۇ چاغلار مېنىڭ ئەڭ غەمسىز ھەم بەختىيار چاغلىرىم ئىكەن. مەن ھېلىغىچە شۇ چاغلاردىكىدەك ئىچ- ئىچىمدىن ھاياجانغا چۈمۈلۈپ باققىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. گۈدەكلىك بىر شېرىن چۈشكەن. ئادەمنىڭ تەقدىرى باشقا گەپكەن. چوڭ بولۇپ ھارۋىكەش بولماي قەلەمكەش بولۇپ قالدىم
مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئۆزۈمنىڭ يالغۇز ئولتۇرغىنىمنى كۆردۈم.جۈمە شامال كېتىپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنى ئۇزىتىپ قويمىغىنىمنى ئېسىمگە ئېلىپ دەررۇ ئىشىك ئالدىغا چىقتىم. يېقىنلا يەردە بىرى ئاللىقانداق بىر ناخشىغا غىڭشىغىنىچە ھارۋىسىنى ھەيدەپ كېتىپ باراتتى. ئۇ ھارۋىسىدا مەن تەرەپكە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرغاچقىمۇ، ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدىم.ئۇ مەھەللىنىڭ توپىلىق يولىدا قۇياش نۇرىغا چۈمۈلگىنىچە ھارۋىسىنى ھەيدەپ، ناخشىسىنى ئېيتىپ كېتىپ باراتتى.ئۇنىڭ سوزۇپ-سوزۇپ ناخشا ئېيتقان ئاۋازى بارغانچە قۇياش قوينىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك بىلىنمەكتە ئىدى. ئۇنىڭ قايسى ناخشىنى ئېيتىۋاتقانلىقىنى تازا ئاڭقىرالمىساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاۋازى بۇلبۇل ناۋاسىدەك يېقىملىق، ئانامنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك مۇڭلۇق ئاڭلىناتتى. مەن بىر شېرىن چۈش ئىلكىدە ئاتا- ئانامنىڭ سېيماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم- دە. چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن:
-ئېھ ھارۋىكەش ناخشىسى!- دەپ پىچىرلىدىم.


ئەسكەرتىش:تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
-تەھرىردىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 01:04 PM  


http://qintax.33591.cn

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 824
يازما سانى: 792
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13230
تۆھپە نۇمۇرى: 1124
توردا: 6577 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qintax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-3 02:08 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95048
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 28 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىھامىڭىزغا تەشەككۇر ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش