ئۇيغۇر دوپپىسى
ئۇيغۇر دېگەن نامىمىزغا تاج بولدى ھەيۋەت دوپپىمىز،
چېرىمىزدىن ياغدۇردى نۇر بەرگەچ ئۇ راھەت دوپپىمىز.
ئېسىل ئەخلاق، ئەنئەنىمىزنىڭ جۇلاسى، ئەركىسى ئۇ،
زەپ ياراشقان بەستىمىزگە بېرىپ سالاپەت دوپپىمىز.
كىملەر دېدى تاشلا ئۇنى؟ ياق، ياق دىدۇق تاشلىمىدۇق،
بىزگە كىرەك ئەلۋەتتە ئۇ، بىزلەرگە دۆلەت دوپپىمىز.
بار ئېدى دەپ مېنىڭ دوپپام، پەخىرلىنىپ يۈرەلەيمىز،
ئېمان نۇرى جىلۋە قىلدى بەردى مۇھەببەت دوپپىمىز.
كىمىكى بولسا تاشلىماق دىمىسۇن ئۇيغۇر ئۆزىن،
چىقمىسۇن ھەتتاكى باشقا بولسا مۇسىبەت دوپپىمىز.
ئەتتىگەن - كەچتە، باھار ۋە يا ناھاردا كىيگۈمىز،
شۇندا بىز تاپتۇقكى نۇسرەت ، تاپتۇردى قىممەت دوپپىمىز.
كوچىلاردا رەستىلەردە دوپپا كەيگەن يىگىت-قىزلار،
نىمىدىگەن سالاپەتلىك... ياتلارغا سۆھبەت دوپپىمىز.
قەدىرلەيلى دوپپىمىزنى تاشلىمايلى بۇلۇڭلارغا،
بىز تاشلىساق كىيەر كىملەر؟ كەلمەيدۇ پۇرسەت دوپپىمىز.
جانبەر