ئۆينىڭ ئالدىدا كۆكتاتلىق ،كەينىدە گۈللۈك
شۆشىياۋشەن
مېنىڭ قىز دوستۇم ئامرىكىدىن قايتىپ كەلدى . چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇ چىڭخۇا داشۇنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى ئىدى،خارۋارتتا دوكتۇرلۇقنى تۈگەتكەندىن كېيىن بىز ھەممىىز ئۇنى ئامرىكىنىڭ كىرىمىنى جىلغىىسىغا بېرىپ خىزمەت قىلىدۇ ،ياكى بولمىسا ۋولسىتىرىت بېرىپ ئالى دەرىجىلىك خىزمەتچى بولىدۇ دەپ ئويلاپتىمىز ،مۇشۇلار ئۇنىڭ بېرىشىتىن بۇرۇنقى ئارزولىرى ئىدى.
بىراق ئۇ قايتىپ كەلدى .بىز يەنە تېخى ئۇنى ۋەتەنگە قايتسا چوڭ شىركەتنىڭ دىرىكتورى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلغانتۇق.ھازىر ۋەتەنگە قايتقانلار شۇنداق قارشى ئېلىنىدۇ ، كەلگۈسى پارلاق.
ئويلىمىغان يەردىن ئۇ سۈيى ساپ تاغلىق رايۇنغا بېرىپ كۆلگە يېقىن جايدىن ئۆي سېتىۋالدى ،ئۈيى ياغاچتىن ياسالغان ، ئۈيىنىڭ ئالدىغا جىق سەي تېرىدى ،ئۈيىنىڭ كەينىدە نۇرغۇن گۈل ئۆستۈردى،ئۇ قىز بىخىرامان تۇرمۇش كەچۈردى.
نۇرغۇن كشىىلەر ئۇنىڭ بۇ قارارىغا ھەيران قېىلشى مۇمكىن ،ئۇ ئارانلا 30 ياش تۇرسا ،شۇنداق ئالتۇن مەزگىل ،ئىسىتىقبالى ئوبدان ، بىراق ئۇ ۋاز كەچتى ،كىشىلەرپەقەتلا چۈشىنەلمىدى.
مەن ئۇنىڭدن «سىز ھەركۈنى نىمىلەر بىلەن ئالدىراش « دەپ سورىسام ،ئۇ تورغا چىقىمەن ، كىتاپ كۆرىمەن ،لاھىلىگەن نەرسەمنى ئېلىخەت بىلەن ئىۋەتىپ پۇل ئالىمەن ،ئاددى كىيىنىپ ،ئۈزەم تېرىغان سەي بىلەن ئوزۇقلىنىمەن ،سەيلىرىمدە خېمىيىلىك ماددا يوق ،ئۆز قۇلۇم بىلەن گۈللىرىمنى پەرۋىش قىلىمەن ،چۈشتە ئازاق ئۇخلىغاندىن كېيىن ئۈزەم ياخشى كۆرگەن ھىكايە يازىمەن،مىنىڭچە بۇ شۇنداق گۈزەل تۇرمۇش دىدى .
مەن ئۇنىڭغا« بۇبىر ئىسراپچىلىق ،سىز دوكتۇرلۇققىچە ئوقۇپ خارۋارتىن يېىنىپ كېلىپ مۇشۇنداقلا ئاستا-ئاستا قېرىسڭىز نىمە دىگەن ئەپسوسلىنارلىق« دىدىم
ئۇ مۇنداق دىدى : ئۈزەم تاللىغان تۇرمۇشقا ئەپسوسلانمايمەن ،ئەگەر مەن شىركەت دىرىكتورى بولسام ئەپسوسلىنارلىق بولمامدىكەن ؟مەن سىمىنوت بىلەن بىلەن قوپۇرۇلغان بىنادا ھەركۈنى ماشىنا ئادەمگە ئوخشاش ئالدىراش يۈرۈشۈم كېرەك . مەن بۇرۇن شۇنداق ياشاپ باققان ،بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئاشقازان ئىقتىدارىمدىن چاتاق چىقىپ ،ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى بۇلۇپ قالدىم ،ئۇمۇرتقا كىىسلىگە گىرىپتار بولدۇم ، بەدەن فىگورۇمنى ساقلاش ئۈچۈن ئازئوزۇقلۇنۇپ چېچىم جىق چۈشۈپ كەتتى ،تەركىبىدە ئاليومىن تەركىبى گىرىم بۇيۇملىرىنى جىق ئىشىلەتتىم ، يەنە بۇلغانغان ھاۋ،،ا.مېنىڭ كىچىك چېغىمدىكى غايەم ئالدىدا كۆكتاتلىق ،كەينىدە گۈللۈك بار ياغاچ ئۆيگە ئىگە بۇلۇش ئىدى ،مانا ھازىر شۇنداق ئۆيدە ئولتۇرۇپ ھىكايە يېزىۋاتىمەن ،مانا بۇ مەن ئېرىشمەكچى بولغان تۇرمۇش.
بۇرۇن مەن 60 ياشقا بارغاندىن كېيىن ئاندىن ئاندىن شۇنداق تۇرمۇشقا ئېرىشىشنى ئويلايتتىم .بىراق مەن 60 ياشقا بارغۇچىلىك ھېرىپ چارچاپ ئۈلۈپ كىتىشتىن ئەنسىرەيمەن ،مەن يەنە 60 ياشقا بارغاندا ئۇنداق خيالىمىنىڭ يوق بۇلۇپ قېىلىشىدىن غەم قىلىمەن ،مەن يەنە غايىسز ئادمگە ئايلىنىپ پۇل ۋە ھوقوقنىڭ قۇلى بۇلۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەيمەن ،شۇنداق بۇلۇپ قېلىش ئەڭ قورقۇنۇشلۇق ، مانا ھازىر مەن غايەمدىكى ھايات تۇرمۇش كەچۈرۋاتىمەن ،يەنە نىمىىشقا 60 ياشقىچە ساقلىغۇدەكمەن .؟ 30 ياشتىلا گۈزەل ھاياتقا ئېرىشىسەم بولمامدىكەن؟
مەن داڭ قېتىپ قالدىم .
ئۆينىڭ ئالدىدا كۆكتاتلىق ،كەيىنىدە گۈللۈك نىمە دىگەن گۈزەل.بۇ بىر مەزگىللىك كۆرەشتىن كېينىكى تاللاش ،شۇنداق گۈزەل خۇش پۇراقلىق ،رومانتىك ،مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قايتا ئەپسۇنلانمىدىم .خارۋات دوكتۇررىنىڭ قايتىپ كېلىپ سەي كۆكتات تېرشىدىن ھەيران قالمايدىغان بولدۇم .
نەچچە كۈن ئىلگىرى مەن ساۋاقداشلار يىغىلىشىغا قاتناشتىم ،كۆپچىلىك تۇرمۇشىدىن زارلاندى ،پۇلى بارلار ھېرىپ چارچىدۇق ،تىجارەتتە ئالدىراش بۇلۇش كېرەك ، داۋاملىق كۈلۈش كېرەك ، پۇل جىقلىغانسىرى غەممۇ جىقلايدىكەن دىيىشىتى ،پۇلى يوقلارمۇ ھېرېپ چارچىغىدىن ۋايساپ خىزمەتتىن بوشۇتىۋتېلىشتىن ئەنسىرەيردىغانلىقىنى ئېيتتى .
مەمورى خادىم بولغانلارمۇ مائاشىمىز تۆۋەن ،چەتئەلگە بېرىش پۇرسىىتى يوق ،پەقەت ئاددىغىنە تۇرمۇش كەچۈرۋاتىمىز دەپ قاخشاشتى .كۆپچىلىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ رازى بولمايدىغان تەرەپلىرى بارئىكەن .بىرەسىمۇ باھارنىڭ كەلگەنلىگىگە دىققەت قىلمىغان ئىدى ، پەقەت بىر ساۋاغدىشىمىزنىڭ ئەپ كەلگەن بالسى «ئاتا ،ئاۋۇ گۈزەل شۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپتۇ« دەپ چۇقۇرىدى . بۇ گەپنى ئاڭلىغان بىز جىمىپ كەتتۇق . كۆپچىىلىك شۇندىلا نام ئەمەل ئۈچۈن ،پۇل دۇنيا ئۈچۈن ياشاپ شۇنداق چارچىغانلىقىنى ھىس قىلىشقان ئىدى.
بېز باھارنىڭ كەلگەنلىگىگە سەل قاراپتۇق خارۋارتتىن قايتتىن ھېلىقى قىز دوستۇم باھارنىڭ ئەمىلىيەتتە كىشىلەرنى قەلبىدە بولىدىغانلىغنى ،نىمىلا خىزمەت بولسۇن خوشال بولىسلا ھەممىسىنىڭ ئوخشاشلىغىنى ئاللىقاچان ھس قىلغان ئىدى.
باھاردىكى گۇگۇمدا مېيخۇۋا گۈلى ئېلىپ ۋېلىسپتىمگە قستۇرۇپ ناخشا ئېيتقاچ ئۈيۈمگە قايتتىم .بىناغا چىققاندا قۇلىدا تاتلىق كاشتان كۈتىرۋالغان خوشنامغا بىر تال مېيخۇا گۈلىنى سوۋغا قىلدىم ،ئۇ ماڭا بىر خالتا كاشتان بەردى.بىز كۈلۈشتۇق.
مۇشۇندق ھايات ھەقىقى گۈزەل ھايات .
مەنبە:
http://soul.cn.yahoo.com/ypen/20130501/1726681.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eternal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-2 09:23 PM