ئاپئاق ئېقىنلار
ئابلەت مۇھەممەت
1
ئاپئاقدۇنيا ئۆزىگە ئىنتىلگەن سۆيۈملۈك ئارمان ئۈچۈن يىراق، بەكمۇ يىراق بىر مەنزىلگاھقابارماقچى بولۇپ جابدۇنغاندەك قىلاتتى.
2
ئۆزۈمگەمەنسۇپ ھېسلىرىم پەرىشانلىق ئۇپۇقى قوينىدا يېگانە قۇشقاچتەك خىلۋەت ئورمانزارغايۈرەك ناخشلىرىنى بۇرۇندىنلا ئېيىتىپ بېرىۋاتاتتى.
3
دېرىزەمنىڭسوغۇق ئەينىكىدىن سىرغىۋاتقان سىم- سىم يامغۇر، سەن ماڭا ئەۋەتكەن تاشنالىقىنىقاندۇرۇش شەربىتى. نەچچە يۇتۇم ئوتلىدىم، باغرىم، بارىم چاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى.
4
ساڭابېغىشلانغان تەئەللۇقاتلىرىمنى قوبۇل كۆرمىگىنىڭدە، ئاپئاق قارىستاندا يېگانەبوۋايغا ئايلىنىپ كەتتىم.
5
سېغىنىششاماللىرى سەلكىن چىقىۋاتقان قەلبىمدە، سېنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن سەمىمىي تۇيغۇلىرىڭنىئىزدەپ تاپماقچى بولدۇم. لىكىن ماڭا ئۇچرىغىنى تەنھالىق ئىچىدىكى قەدىرسىزپۇچۇلىنىش بولدى، خالاس!
6
تەنھالىقئوچىقىدا كۆيۈۋاتقان ھەربىر ئوتۇن خۇددى ئاشىقنىڭ جۇنۇنلۇق دەشتىدىكى ئاھىدەكتولغىنىپ- تولغىنىپ جان بېرەتتى.
2007- 1- 7
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ئۆز-ئۆزۈمگە ئۇپۇقتەك پەرىشان ھالدا پېتىپ تۇرىمەن. غېرىبلىق دەرىخىدىن تۆكۈلگەن سايە لاۋۇلداپكۆيۈۋاتقان بارخانلار ئىچىدە تەنھالىقىنى ئەسلەيتتى.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ماڭاتىكىلىپ تۇرغان غۇبارسىز ئايدىڭ، مەن ئىنتىلىپ تۇرغان نائېنىق نوقتا، ساڭا تەۋەيۈرىكىمنى چاقىرىپ تۇرغان ئىزسىز كوچا، قەپەزگە ئۆزىنى مەڭگۈلۈك ئۇرۇۋاتقان كاككۇك، قايغۇ دېڭىزىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىۋاتاتتى.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
جىمجىت دەرەخلەر كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىنى بىلەتتى. تەسەللىي يامغۇرىنىڭ تاراسلاپ- تاراسلاپ يىغىشىنى ئارمان قىلدىم. لىكىن يۈرىكىمنى زەھەرخەندىلىك بىلەن رەھىمىسىزلەرچە مۇجۇۋاتقىنى ھىجران يامغۇرى...
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ئاپئاق تۇيغۇغا چۈمكەلگەن ھوجرامدا ئاسمانغا قاراپ شىرىن- شىرىن خىياللارنى سۈرىمەن.قارىچۇقۇم ئىختىيارسىز تاشاتتى. كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىدىغان قولياغلىقنى ئىزدىدىم.سەن ماڭا قولياغلىق ھەدىيە قىلىپ باقمىغان ئىكەنسەن.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
مەن ساڭا ئەڭ مۇھتاج بولغان ئازابلىق دەقىقىلەردە، سەن مېنىڭ يېنىمدىن يىراقتائىدىڭ. ساڭا ئەقىدە باغلاپ، كۆيۈپ- پىشىپيۈرۈپ ھچقانداق شادلىق تاپالمىغاننى ئاز دەپ، يەنىلا زەھەرگە چىلاشقان ئازابقەدەھلىرىنى ئۆزۈم بىلەن سوقۇشتۇرۇپ كۆتۈردۈم. يا يۈرىكىم زەھەرلىنىپ ئۆلمىدى، يابىر سېنىڭ خىياللىرىڭ قەلىب قەسىرىمدىن سۈرگۈن بولۇپ، ئۆز- ئۆزۈمگە تاشلىنىپقالمىدىم.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ئەرك_يۈرەكنىڭ سەلتەنىتى. سۆيگۈ_ يۈرەكنىڭ مەڭگۈلۈك بارلىقى. ھەممەيلەن ئۆز پايانىغائۇزاپ كېتىۋاتقان دۇنيادا مەن ئۆزۈمدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتىم....