ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار! ئالدى بىلەن مەن بىلىگ تورىغا ۋاكالىتەن ھەرقايسىڭلارغا ئوتلۇق سالىمىمنى يوللىماقچىمەن!
يېڭى يىلدا بىز ياپونىيە كارتون فىلىمى <<شامال جىلغىسى>> نى بېكىتىمىزگە تەرجىمە قىلىپ يوللىغاندىن بۇيان كەڭ قېرىنداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. مەن بۇ يەردە پۈتكۈل بىلىگ تەرجىمە گۇرۇپپىسىدىكى ئەزالارغا ۋاكالىتەن كەڭ تورداشلارغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئادەم كۈچىمىزنىڭ چەكلىك بولۇش سەۋەبىدىن ئىككىنچى قېتىملىق كارتون فىلىم تەرجىمە ئەسىرىمىزنى كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلدۇق. شۇنداق بولسىمۇ كەڭ تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىنى ۋە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىلىگ تەرجىمە گۇرۇپپىسىمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ئەسەرلىرىمىزنى كەڭ تورداشلار بىلەن ۋاقتىدا ئورتاقلىشىپ ماڭىدۇ!
فىلىم نامى: <<كۆكتىكى شەھەر>>
فىلىم قىسقىچە مەزمۇنى: كىچىك كان خىزمەتچىسى پازۇ ئاسماندىن چۈشكەن بىر قىزچاقنى قۇتقۇزىۋالىدۇ، قىزچاق ئويغانغاندىن كېيىن بىر توپ قاراقچىلار ئۇنى تۇتقىلى كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پازۇ ۋە شىتا ئىسىملىك بۇ قىزچاق بىرلىكتە قېچىپ كېتىدۇ. قاراقچىلارنىڭ قوغلاپ تۇتىشىدىن قۇتۇلغان پازۇ بىلەن شىتانى ھەربىيلەر تۇتۇپ كېتىدۇ. ئەسلىدە ھەربىي تەرەپنىڭ مەقسىتى شىتانىڭ مىراس قالغان ئۇچقۇر تېشى ئارقىلىق رىۋايەتتىكى ئاسماندا لەيلەپ تۇرىدىغان شەھەر لاپۇتانى تېپىش ئىكەن......
فىلىم تەشۋىق رەسىمى ۋە بىر قىسىم كەسمە رەسىملەر: