ئايرىما
(ساتىرا)
ئاپتۇرى: ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
يا رەب مىنى غورۇردىن-ۋىژدانىمدىن ئايرىما،
قانائەتلىك ياشاشتەك جەريانىمدىن ئايرىما،
ئىشلەپ ھالال يەيدىغان ئىمكانىمدىن ئايرىما،
نادانلىقتىن مىڭ ھەزەر،ئېرپانىمدىن ئايرىما،
يازاي،سۆزلەي كۆرگەننى،ئىلھامىمدىن ئايرىما.
كۆردۈم بۈگۈن بىزارمەن بەزى ناباپ كىشىدىن،
باھا بەرمەس بولدۇم مەن خەققە قاراپ تېشىدىن،
دۇرۇس بولماق ھەرگىزمۇ ئەمەس ئادەم يېشىدىن،
قاچتىم كۆرسەم ياماننى يىراقلارغا قېشىدىن،
تەلۋىلەرگە يۈز قويماس پىلانىمدىن ئايرىما.
ئەر-ئاياللار ئىچىدە كۆردۈم كۆڭلى سۈيۈقنى،
ئار-نومۇس يوق،ھايا يوق ئوينايدىغان بۇزۇقنى،
ئاسان بىلەر ئۆي تۇتۇش،نىكاھ،تۇرمۇش،تۇغۇتنى،
تاشلاپ قاچۇر غىپپىدە ئۆز جۇپتىنى بۇ يۇرتنى،
شۇنداقلارغا مىڭ لەنەت! رەيھانىمدىن ئايرىما.
بەزىلەرگە ھەيرانمەن ھارام يىسە سىڭەدۇر،
يانچۇق توملاپ گال مايلاپ يىگەنسىرى ئۆسەدۇر،
ئىش-ئەمگەكتە بەك قاشاڭ يىمەكلىكتە چېۋەردۇر،
يۈرەك پوك-پوك ھېمىشە خۇدۈكسىرەپ يۈرەدۇر،
ناننى ھالال يەيدىغان ئىنساۋىمدىن ئايرىما.
سەپرا ئىكەن بەزىلەر تۇرار ئۇرۇش ھالەتتە،
ئالاقىدە بەك قوپال گەپ-سۈزىمۇ ئادەتتە،
(ئۆزگىلەرگە ئىللىقلىق ئەزەلدىن يوق نامەرتتە)
يۈرسەم دەيمەن خۇشچىراي ھەر چاغ ھەربىر سائەتتە،
دىل ئازاردىن ئەل بىزار،خۇش ھالىمدىن ئايرىما.
بەزەنلەر بار ساختىپەز خۇددى چىڭخەي تۈلكىسى،
ئىچى زەھەر رەڭگىدىن تېپەر يالغان كۈلكىسى،
بولالايدۇ ھەر جايدا رەڭۋازلىقنىڭ ئۈلگىسى،
بىلەلمەيمىز ئىچىدە مۇنداقلارنىڭ بەلگىسى،
قۇۋغا ئاتسام دەل تېگەر ئوقيارىمدىن ئايرىما.
كۆرەلمەسلەر ياخشىغا تۆھمەت تېشى ئاتاركەن،
تۈك ئۈندۈرۈپ تىرناقتىن غەيۋەت ئىزلەپ چاپاركەن،
ئارىمىزدا قىسمەنلەر دەرۋەقە بەك ناچاركەن،
ئىناق بولساق ئىشىمىز ئاندىن روناق تاپاركەن،
دوستلۇق گۈلى بىخ سۈرگەن گۈلزارىمدىن ئايرىما.
يامانلىق يوق ئۆزگىگە ھەر مىسرا ھەر سۆزۈمدە،
ئاسايىشلىق تىلەيمەن ئۆتكەن ھەر بىر كۈنۈمدە،
ئۆسەكلەرگە دۇچ كەلدىم جىم ياتساممۇ ئۆيۈمدە،
ئۆز كۆڭلۈمنى خۇش قىلاي مۇھەببەتلىك كۈيۈمدە،
ھاياتىمغا مۇڭ بەرگەن خۇشتارىمدىن ئايرىما.
نەزەر سالدىم جاھانغا بەلكى ياخشى-يامانغا،
سۆكۈپ تۇردۇم ئىللەتنى بولۇپ ۋەكىل ئاۋامغا،
تەپەككۇرۇم جانلانغاي مەن چىقساممۇ ئارامغا،
ئىجاد-ئەمگەك تەسەللى مىنىڭ كۆڭۈل يارامغا،
<<ھەققانىي>>يول تۇتۇشتەك ئارمانىمدىن ئايرىما.
********
مەنبە:ئۆز ئىجادىيىتىم.