|
|
|
|
قەھرىمان قىز ئانانۇرخان ۋە تۇرپان خەلق ناخشىسى «ئانانۇرخان»نىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى
«ئانانۇرخان» ناخشىسى خەلقىمىز ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى سۆيۈپ ئاڭلاپ ۋە ئېيتىپ كېلىۋاتقان خەلق كۈيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇڭلۇقلۇقى، تەسىرچانلىقى ۋە مول ھېسسىياتقا تويۇنغانلىقى بىلەن كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدۇ. ئۇنداقتا سىز بۇ ناخشىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى بىلەمسىز؟ ئۆزىنىڭ ئىپپەت-نومۇسى، پاك مۇھەببىتىنى قوغداش يولىدا باتۇرلارچە جېنىنى پىدا قىلغان قەھرىمان قىز ئانانۇرخان ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟
مىلادى 1899-يىلى ئوت يۇرتى تۇرپاننىڭ پىچان دىيارىدا مۈرەنلىك قىز ئانانۇرخاننىڭ ئېچىنىشلىق پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ. لۈكچۈن ۋاڭى ئەفرىدۇن ۋاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئورنىغا ئەفرىدۇن ۋاڭنىڭ يەكەنلىك دۇئايى نىكاھ ئايالىدىن بولغان ئوغلى مامۇت ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ. جاڭگالدا پادا بېقىپ ئۆسكەن بۇ يېتىم گاداي تەختكە چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوردىدىكى پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن خۇدىنى يوقىتىپ، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپاغا بېرىلىپ، خۇشامەتچى كاھ-بەگلەرنىڭ يانتاياق بولۇشى بىلەن خەلققە چىدىغۇسىز ئېغىر زۇلۇملارنى سېلىپ، ئالۋاڭ-ياساقنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ، ئاچ-يالىڭاچلىقتا زار-زار قاقشىتىدۇ. شەھۋەتپەرەس سۇلتان مامۇت ئوردىدا ئاتالمىش مېلىس مەشرەپلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، يۇرتتىكى چىرايلىق ياش قىز-چوكانلارنى، جۇۋانلارنى مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇپ ۋە زورلۇق بىلەن چاڭگال سېلىپ، ئىشرەت پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، خەلقنىڭ ئاھۇ-زارىنى، لەنەت-نەپرىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئەنە شۇنداق زۇلمەتلىك كۈنلەردە بۇ پېشكەلچىلىك مۈرەنلىك 16 ياشلىق ساھىبجامال قىز ئانانۇرخاننىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ. مەشرەپكە قاتناشتۇرۇلغان ئانانۇرخاننىڭ گۈزەل ھۆسن-جامالىغا ئاشىق بولغان سۇلتان مامۇت ۋاڭ ئۇنى مەجبۇرىي كىچىك خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولىدۇ ۋە ئانانۇرخاننى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىدۇ. مۇشۇنداق تەشۋىشلىك پەيتتە ئانانۇرخاننىڭ سۆيگەن يىگىتى جېلىل ھاشار ئەمگىكىگە قاتنىشىپ كارىز چېپىۋاتقان ئىدى. شۇملۇقنى سەزگەن ئانانۇرخان دەرھال جېلىلغا ھالىنى بايان ئەيلەپ مەكتۇپ يېزىپ ئۇكىسىدىن ماڭدۇرىدۇ. ئەمما جېلىل بولغان ئىشنى ئۇقۇپ ئات چاپتۇرۇپ مەھەللىگە يېتىپ كەلگەندە كېچىككەن بولۇپ، ئەلچىلەر ئاللىقاچان ئانانۇرخاننى ئېلىپ لۈكچۈنگە راۋان بولغانىدى. بۇ بۇ تەڭسىز نىكاھقا قەتئىي رازىلىقى بولمىغان ئانانۇرخېنىم ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن توي ئاخشىمى زالىم سۇلتان مامۇتنى تىغ بىلەن (ئۇستىرا ياكى بەكە بىلەن) ئېغىر يارىلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدۇ. بۇ مۇدھىش ئوردىدىن قېچىپ چىقىپ كېتىشكە كۆزى يەتمىگەن مەردانە قىز ئانانۇرخان ئۆز ئىپپەت-نومۇسىنى، غۇبارسىز تېنىنى، پاك مۇھەببىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى 14 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئوردا پەنجىرىسىدىن تاشلاپ، بۇ رەھىمسىز دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىدۇ.....جېلىل مەشۇقىنىڭ ھىجران ئازابىدا زار-زار يىغلاپ ئانانۇرخاننىڭ جەسىدىنى ھازىرقى پىچاننىڭ قىزىل سىڭىر دېگەن يېرىگە دەپنە قىلىدۇ ۋە ئانانۇرخانغا ئاتاپ ھەسرەتلىك ناخشىلارنى ئوقۇيدۇ. مانا بۇ ناخشىلار تا ھازىرغىچە خەلق تەرىپىدىن ئۇنتۇلماي، تىللاردا داستان بولۇپ كەلمەكتە.
زالىم، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلارغا باتۇرلارچە قارشى چىقىپ، ھۆرلۈك يولىدا ئاداققىچە كۈرەش قىلغان قەھرىمان قىز ئانانۇرخان تۇمارىس، مەختۇمسۇلا، نۇزۇگۇملار قاتارىدا بۇ ئالەمدە خەلق قەلبىدىن، ئۇ ئالەمدە جەننىتى رىزۋاندىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغۇسى!
ئەگەر بۇ تارىخقا قىزىقسىڭىز تۇرپان تېلىۋىزىيە ئىستانىسسى «بېزەكلىك خاتىرىسى» پروگراممىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن تۆۋەندىكى قىسقا فىلىمدە بولسۇن.
ئەسقەر رېقىپ ئىجراسىدىكى «ئانانۇرخان» ناخشىسى ھۇزۇرۇڭلاردا :
مەنبە : يوۋكۇ تورى ، تۇدوۋ تورى http://v.youku.com/v_show/id_XNTE2NzY5NzA4.html http://www.tudou.com/programs/view/w1WEK9A7ln4/ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yabgu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-2 09:38 AM
|
|
|
|
|
|