مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 14418|ئىنكاس: 140

كۈتۈلمىگەن مىھمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 07:05:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭ سەھەردىلا ئىشىك زەردە بىلەن چىكىلدى تىخى ئەمدىلا ئۇيقۇسىنى ئاچقان ئەكبەر يۈگۈرۈپ كىلىپ دەرۋازىنى ئاچتى.بوي تۇرقى ئىگىز كەلگەن قاڭشارلىق بىر كىشى ئىشىك يىنىدا قاراپ تۇراتتى.
-كىمنى ئىزدەيسىز؟
دىدى ئەكبەر بۇ ناتۇنۇش ئادەمگـە قاراپ .
-سىزنى ئىزدەپ كلىشىم ئىدى،ئۆيىڭزگە كىرسەم بولامدۇ؟
-مىنى ئىزدەپ كەلدىڭز؟بۇ ئەتتىگەندە..قانداق بولغىنى بۇ....قىنى ئۆيگە كىرىڭ..
ئەكبەر بۇ ناتۇنۇش مىھماننى ئۆيگە باشلىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈستى بىشىغا سەپ-سىلىپ قاراپ چىقتى .بۇ قاڭشارلىق ھەم ئىگىز كەلگەن بۇ كىشىنىڭ چىرايىدىن قانداقتۇر شۇملۇق بىلىنىپ تۇراتتى.
-قانداق بىرەر نەرسە ئىچەمسىز؟
-بولسا ئەتكەن چاي ئىتىپ كىرگەن بولسىڭز بوپتىكەن....
-ئوھۇي،،نىمە دەيدىغانسىز؟بىزنىڭ بۇ يۇرىتلاردا ئەتكەن چاي دىگەننى ئىچىپمۇ باقمايمىز..ھەم بۇ يەردىكىلەر ئومۇملاشمىغان دىسەكمۇ بولىدۇ..
دىدى ئەكبەر ھەيرانلىق بىلەن
-ھە..شۇنداقمۇ..ئۇنداقتا ئازراق قايناقسۇ ئەككرىىپ بىرەمسىز؟
-سەل ساقلاڭ ئەمسە..
ئەكبەر بۇ ناتۇنۇش مىھماننىڭ كمىلىكىدىن گۇمان قىلىۋاتقان ئىدى يەنە كىلىپ ئۇ بۇ ئادەمنى تىخى تۇنجى قىتىم كۆرگەن يەنە كىلىپ بۇلار ئەزەلدىن كۆرىشىپ باقمىغان ئۇ كىشىمۇ شۇنچە ئۆينىڭ ئارىسىدىن كىلىپلا ئەكبەرنى ئىزدەپ كىلىشى ئۇنىڭ كاللىسنى قايمۇقتۇرۋاتقان ئىدى.
ئەكبەر تۇلىمۇ ئاستا قەدەملەر بىلەن بىر ئىستاكان چاينى كۆتۈۈرپ كىرىپ كىىشنڭ ئالدىغا قويدى ھەم ئۆزىمۇ يىنىدىكى سافاغا كىلىپ ئولتۇردى.
-بۇ ئۆيدە سىز يالغۇز تۇرامسىز؟بالا -چاقىلىرىڭىز يۇقمۇ؟
-ياقەي..ئايالىم بالىلىرىمنى ئىلىپ ئاپىسىنڭ ئۆيىگە كىتىپ قالغان..2 قىزىم بىر ئوغلۇم بار...
-بالىلىرىڭىز قانچە ياشلار چاممىسىدا كىلىپ قالىدۇ؟
-چوڭى ئوغۇل 18 ياشقا كىردى ..كىچىكى قىز 15 ياشلارغا كىرىپ قالدى ..سوراپ قاپسىزغۇ ؟
-مۇنداقلا سوراپ قويدۇم..
كىىشى شۇنداق دەپ ئىستاكاندىكى چاينى بىر ئوتلىۋالغاندىن كىيىن يەنە نىمىنىدۇر سورىماقچى بولۇپ تۇرغان ئىدى.ئەكبەر تىزلا ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلىۋەتتى.
-راسىت...سىز كىمۇ؟مىنى نىمە ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەن ئىدىڭز؟
-راسىت..ئىسىم قۇرسۇن..ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇراي..ئىسىم ئابلەت مەن ئىچكىردە رىستۇران ئاچىمەن .بىلىشىمچە سىزمۇ خىلى داڭلىق سودىگەرلەردىن ئىكەنسىز خالىسىڭىز ئىككىمىز شىرىكلىشىپ بىرەر ئىشنى باشقا چىقارغان بولساق بوپتىكەن...
-بۇ نىمە گەپ ئەمدى...يەنە كىلىپ بىز بەك تۇنۇشلاردىن بولمىساق...مەن قانداقمۇ سىزگە ئىشىنىپ سىزنى ئىلىپ قالالايمەن..
-مانا ھازىر تۇنۇشتۇققۇ..ماڭا ئىشەنمەۋاتامسىز قانداق؟بوپتۇ ئۆزىڭزىنىڭ شورى...بىراق بارا-بارا چۈشىنىشىۋالساقمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ...
-ئۇ دىگىنىڭزغۇ تۇغرا...ئەمما مەن شىرىكلىشىنى خالىمايمەن...مىنىڭ ھەممە دەسمايەممۇ تۇلۇق..ماڭا شىرىكنىڭ لازىمى يۇق...مىنڭىچە سىز باشقا بىرەرىنى ئىزدەپ باقسىڭز بولىدىغۇ دەيمەن...
ئابلەت ئىغىر ئۇھ تارتىپ قويغاندىن كىيىن يانچۇقىدىن تاماكىدىن بىرنى چىقاردى ھەم ئەكبەرگە سۇندى.
-كەچۈرۈڭ مەن ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيمەن بولدى سىز چىكىۋىرىڭ..
-نىمە دەيدىغانسىز؟ئەركەك چىكىدىغان نەرسە بۇ..چەككەنگە نىمە بولىدىكەن..قىنى بىر چىكىڭە..سىزگە زەھەرنى سۇنمىدىمغۇ مەن...
-ئەتىگەندە تىخى ناشتىلىق قىلماي تۇرۇپ تاماكا چەكسەكمۇ قاملاشماس.بولدى ئۆزىڭز چىكىۋىرىڭ....
ئابلەت تاماكىسىنى پۈدەپ بىر تارىتقاندىن كىيىن يەنە شىرىكلىشىىش تۇغۇرلۇق سۆز ئىچىشقا باشلىدى ئەكبەرنىڭ تىخىمۇ جۇدۇنى ئۆرلەشكە باشلىدى بىراق بۇ كىشى مىھمان بولغاچقا گەپ قىلىشقا ئامالسىز ئىدى،ئابلەتمۇ ھىچ پايدىغا ئىرىشەلمەيدىغىنىغا كۆزى يەتكەن بولسا كىرەك بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇردى
-بولدى مەن قايتاي..يەنە كۆرىىشپ تۇرايلى..ماقۇل ئەمسە
-بولىدۇ خوش.
ئەكبەر بۇ كىشىنى ئۇزىتىپ كىرگەندىن كىيىن خىلى يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدى ھەم يەڭگىل نەپەس ئىلىپ سافا يىنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ تۇرىشىغا بىقىنىغا بىر نەرسە ئۇرۇلغاندەك بولدى ئۇ قولىغا ئىلىپ قارىغىندا بىر تىلفۇن ھەم بىر پۇل قاپچۇقى تۇراتتى.
-تۇۋا.بۇ ئادەمنىڭ نىمە قىلغىنى بۇ،،،قەستەن قويۇپ قۇيۇپ كەتتىمۇ قانداق؟تازىمۇ غەلىتە ئادەم ئىكەنغۇ بۇ...قىنى ئىچىپ كۆرۈپ باقايچۇ..
ئەكبەر خىلى ئىكلەنگەندەك بولۇپ پۇل قاپچۇقىنى ئىچىپلا چۆچۈپ كەتتى.پۇل قاپچۇقىنىڭ ئىچىدە بىر پارچە سۈرەت تۇراتتى سۈرەتكە سەپ-سىلىپ قارىغىندا ئۆزىنىڭ ئايالى گۈلنۇر شۇنداقلا ئابلەتنىڭ قولتۇقلىشىپ چۈشكەن سۈرىتى تۇراتتى.
-ئاھ خۇدا ...بۇ ھىلىقى ئەلى ئەمەسمۇ..ئەجەبا بۇ سۈرەت بۇ كىشىدە نىمىش قىلىدىغاندۇ؟بۇ راستىنلا ئەلىمۇ يا؟..ياق..ياق،،،خاتالاشتىم....
ئەكبەرنىڭ كاللىسىنى تۈگىمەس خىياللار چىرمىۋالدى .شۇ ئارىدا ئۇنىڭ كاللىسىغا بۇرۇنقى ئۆتمۈشلىرى بىر-بىرلەپ كىلىشكە باشلىدى.



ئەكبەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ۋاقىتلىرى ئىدى ،ئۇ مەزگىللەردە ئەكبەر بىلەن يىقىن ئۆتىدىغان ئەلى شۇنداقلا تۇرسۇن ئىسىملىك بىر قانچە بالىىلار بار ئىدى،بۇلار شۇنچىلىك يىقىن ھەم سىرداش دوسىتلاردىن ئىدى .
كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ئارىدىن 2 يىل تۇشۇپ يىڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلاندى .
شۇ يىلى ئەلى ئۆزىدىن 2 يىللىق تۆۋەن ئوقۇيدىغان دىلبەر ئىسىملىك بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى.ئۇ ئىككسى شۇنداق ياخشى ئۆتەتتى..
بىراق ئۇزۇن ئۆتمەي ئەكبەرمۇ بۇ قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدى ئەمما دىلبەرگە نىمە دەپ ئىغىز ئىچىشنى بىلەلمەي قالدى يەنە كىلىپ ئۇ ئۆزىنىڭ يىقىن دۇستىنىڭ لايىقىنى تارتىۋىلىشقا كۆڭلىمۇ ئۇنىمايتى،ئۇ بۇ بىرنەچچە يىلىنى شۇنچە ئازاپ ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.
ئارىدىن بىر كۈنى تۇرسۇن شۇنداقلا ئەكبەرلەر ئوينىغىلى چىقتى شۇ كۈنى ئۇلار بۇ كەڭرى ھەم گۈزەل يايلاقتا قانغۇچە ئويناپ بۇ بىر كۈننى شۇنچە كۆڭۈللۈك ئاياقلاشتۇردى.
كەچىلىك تاماق ۋاقتى بولدى ئەكبەر كىتاپنى قۇلىغا ئىلىپ كىتاپ ئوقۇشقا باشلىىدى تۇرسۇن بولسا ھە دەپ ئوتۇن ئىلىپ كىلىپ ئوت تۇتاشتۇرۋاتقان ئىدى .شۇ ئارىدا ئەلى بىلەن تۇرسۇن بىر ئىش تۇغۇرلۇق قاتتىق سوقۇشۇپ قىلىشتى.
ئەكبەر قانچە قىلىپمۇ ئۇلارنى ئاجرىتالمىدى يەنە كىلىپ تۇرسۇن ئاچچىقىدىن ئەسەبىيلەشكەن ئىدى .ئەلىمۇ تۇرسۇنغا بوش كەلمەي ھە دەپ مۇش كۆتۈرۈپ تۇراتتى .بۇ جىدەل خىلى ئۇزۇن داۋاملاشتى ئاچچىغا پايلىمىغان تۇرسۇن يىنىدىكى پىچاقنى ئەكىلىپ ئەلىنىڭ بىقىنىغا سانجىۋەتتى.
-ئەلى...
يان تەرەپتە ئۇلارنى ئاجرىتىپ تۇرغان ئەكبەرمۇ بۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى ھەم يۈگۈرۈپ كىلىپ ئەلىنىڭ قان بولۇپ كەتكەن يۈزلىرىنى سۈرتۈشكە باشلىدى.
-بولدى سىنىڭ كارىڭ بولمىسۇن..بۇ ساراڭ ئاخىرى ئۆزىگە ئۆزى قىلدى دىسە....
-نىمە دىگىنىڭ قارىغىنە بۇنىڭ ھالىغا....بولە دوختۇرغا خەۋەر قىل...
دىدى ئەكبەر تۇرسۇننى ئالدىرتىپ
-خەۋەر قىلغۇڭ كەلسە ئۆزۈڭ خەۋەر قىل مىنىڭ ئەمدى كارىم يۇق...
ئەكبەر قولىغا تىلفۇننى ئىلىپ جىدى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چارقىرماقچى بولدى ئەمما ئۇنىڭ تىلفۇنى تارتمىدى ئەكبەر جىلە بولۇپ ئەلىنى يۈدۈپ ئىلىپ ماڭدى بىراق ئازراق يەرگە كىىلپ ھاسراپ تۇختاپ قالدى.
-ماڭا قارا ئەكبەر..بۇ ھامان ئۆلۈپ كىتىدۇ ئۆلۈپ كەتسە دىلبەرمۇ ئازاپلىنىدۇ ...سەن ئەڭ ياخشسى بۇنى تاشلاپ قۇيۇپ كىتىپ قال...
-ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ناۋادا ساقچىلار بىلىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ساقچى دىمىگەن نەزەردىمۇ بىز دىگەن يىقىن بۇرادەر يەنە كىىلپ بىز دىگەن ئوغۇل بالا بۇنىڭغا غورۇرىمىز كۆتۈرەمدۇ؟
ئەكبەر شۇنداق دىگىنىچە ئەلىنى يۈتۈپ ئىلىپ ماڭماقتا ئىىدى.ئەلىنىڭمۇ چىرايىدا كۈلكە يۈگۈرۈپ كۆزىنى چىڭڭىدە يۇمۇپ كىتىپ باراتتى.
-سەن دىلبەرنى ياخشى كۆرىسەنغۇ..بۇ بولۇپلا قالسا ساڭا دىلبەر ماقۇل بولامدۇ؟نىمىشقا بۇلارنى ئويلاشمايسەن؟
ئەكبەرنىڭ كاللىسى قايدى ئۇ بىر ھازا گەپ قىلماي ماڭغاندىن كىيىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ تۇرسۇنغا قارىدى .
-سىنىڭچە قانداق قىلىمىز؟
-بۇ خىىلى ھالىدىن كىتىپ قالدى يەنە كىلىپ بۈگۈن بوران چىقىدىغان ئەلپازى بار خالىساڭ بىز قويۇپ قوپ كىتەيلى...ھامان ئۆلىدۇ بۇ...
ئەكبەرمۇ تۇرسۇننىڭ گىپىنى قوللاپ ئەلىنى بۇ تاغقا قويۇو قۇيۇپ كىتىپ قالدى ۋە مەكتەپكە كىلىپلا بالىلارغا ئەلىنىڭ تاغقا چىقىپ كىتىپلا قايتا كىرمىگەنلىكىنى ئىيتىپ مەكتەپتتىكلەرنى ئالداپ يۈردى بىراق ئەلى تىخى ھايات ئىدى.
ئەكبەر كۆڭلىدە دىلبەرنىڭ مۇھاببىتىگە يەنە ئىرىشەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدى بىراق كىممۇ بىلسۇن دىلبەر بۇ شۇم خەۋەرگە چىدىماي بىنادىن سەكرەپ ئۆلىۋالدى ...
ئارىدىن 3 ئاي ئۆتۈپ ئەلى تۇيۇقسىزلا ئەكبەرلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالدى دەسلەپتە ئەكبەر شۇنچە ھەيران قىلىپ ئەلىنىڭ يىنىغا كەلدى بىراق ئەلى ھەممىلا ئىشلارنى بىلەتتى شۇ سەۋەپتىن تۇرسۇن بىلەن ئەكبەر  ئۆزلرىنىڭ بۇ قاتىللىق دىلۇسىنىڭ ئاشكارلىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەلىنى ئۇجۇقتۇرۋەتمەكچى بولدى بىراق مۇۋاپىق پۇرسەت تاپالمىغان ئىدى.
كىيىن بىر كۈنلىرى تۇرسۇن ئەلىنى شۇنچە ئۇماق بىر قىز بىلەن ئۇچرىتىپ قالدى ئەلىمۇ سىرىتتىن بىر دۇككان ئىچىۋالغان بولۇپ دائىم دىگۈدەك ئۆزىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولاتتى يەنە كىلىپ ئەلى دىلبەرنى ئۇنتالماي شۇنچە ئازاپلىنىۋاتقان  ئىدى.
ئۇ نەچچە قىتىم ساقچىخانا ئالدىغا بىرىپ ئەكبەر بىلەن تۇرسۇننى پاش قىلىشنى ئويلىغان بىراق ئىلگىركى يىقىن دوستى شۇنداقلا ئوقۇغۇچى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر يەتمىسۇن ئۆلگەن ئادەم ھامان قايتىپ كەلمەيدۇ دىگەندەك گەپلەر بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ يۈرەتتى.
شۇ جەرياندا ئەلى گۈلنۇر ئىسمىلىك بىر قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى ئۇ قىز بىلەنمۇ شۇنچىلىك ياخشى ئۆتتى ئۇلار تۇي قىلىشقا  ئازلا قالغاندا تۇرسۇن ئاق قا ئوخشاش بىر چامدان ئاق نى تۇرسۇننىڭ دۇكىنىغا يۇشۇرۇپ قويدى.
ئورۇنسىز تۆھمەتكە قالغان ئەلى ئىلاجىسىز ھالدا تۈرمىگە كىرىپ كىتىپ قالدى كىيىن ئەكبەر نۇرغۇن ۋەدە قەسەملەر بىلەن گۈلنۇرنى كەلتۈرۈپ بۇ تۇينى قىلغان ئىدى...

ئەكبەر ئۆتكەن ئىشلارنى بىرمۇ-بىر ئويلىغانسىرى شۇنچە قۇرقۇنۇش بىسىۋاتاتتى.راستىنلا شۇنداقمۇ؟ناۋادا ئەلى راستىنلا تۈرمىدىن چىقىپ مەندىن قىساس ئالسا قانداق قىلىمەن؟ياق قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر بايىقى ئادەمنى تاپمىسام بولمايدۇ.،،
ئەكبەر قوللىرى تىترىگىنىچە تۇرسۇنغا تىلفۇن قىلدى قىرىشقاندەك تۇرسۇنمۇ بۇ تىلفۇننى ئالماۋاتقان ئىدى خىلى بىر ھازادىن كىيىن تۇرسۇن تىلفۇننى ئالدى
-تۇرسۇن ئاداش ياخشىمۇسەن؟سەن نەدە؟
-ئاداش نىمىگە ھودۇقۇپ كەتتىڭ مەن ھازىر ئۆيدە..ناشتا قىلاي دەپ تۇرغان نىمە بولدۇڭ؟
-ئاداش ئەلى نەدە بىلەمسەن؟ئۇ تۈرمىدىن چىقمىغاندۇ ھە؟
-بۇ...بۇ..سەل ساقلا...ئۆيدە ئايالىم بار...
-بولىدۇ ئەمسە..بىزنىڭ ئۆيگە بىر كىلىپ كەتسەڭ ياخشى بولاتتى قانداق كىلەمسەن؟
-مەن ھازىرلا بارىمەن سەل ساقلا....
ئەكبەر تىلفۇننى قويۇپ ھودۇققىنىچە قويىۋەتتى.
بىر ھازادىن كىيىن ئىشىك قوڭغىرقى يەڭگىل چىكىلدى ئەكبەر يۈگۈرۈپ بىرىپ ئىشىكنى ئاچتى ۋە قاراپ تۇرغان لاربى كۆرۈپ چىرايى بىردىنلا قارداپ تۇرۇپلا قالدى...

داۋامى بار

مەن سىنى سۆيىمەن دىگەن تۈنۈگۈن
ۋەلكىن باشقىغا قارىدىڭ بۈگۈن
بىباھا يۈرەكنى لەختە قان قىلىپ
كىملەرنى ئالدايسەن ،ئەتە ۋە ئۆگۈن

مۇنبەردە ئىتنىڭ باللىرى باركەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7863
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2158 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:11:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز يازغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى كۆپ قىسىملىقكەن ھە .

شۇنداق بىركۈنلەر كىلدۇكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94868
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:22:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشلىنىشتىنلا  دىلو  مۇرەككەپلىشىپ  كەتتىمۇ نىمە؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

دىل بىرىپ يارسۆيمىگەن،بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:29:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kosowluk يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 09:22 PM
باشلىنىشتىنلا  دىلو  مۇرەككەپلىشىپ  كەتتىمۇ نىمە؟؟؟؟؟ ...

تىخى بارا-بارا مۇرەككەپلىشىپ قالىدۇغۇ دەيمەن...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 تىمىنىڭ ئاخىرى چىقمىد.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەن سىنى سۆيىمەن دىگەن تۈنۈگۈن
ۋەلكىن باشقىغا قارىدىڭ بۈگۈن
بىباھا يۈرەكنى لەختە قان قىلىپ
كىملەرنى ئالدايسەن ،ئەتە ۋە ئۆگۈن

شۇنداق بىركۈنلەر كىلدۇكى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94868
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 247
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2013-4-15
ئاخىرقى: 2013-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:36:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇندامۇ  يە      كاللا  ئاددى  بولغاچقا  مۇرەككەپ   تۇيۇلۇپ  كىتىپتۇ  ماڭا  
داۋاملىق  مۇرەككەپلەشتۈرىۋىرىڭ  ئەمسە     بىر ئۇقۇپ  چۈشنەلمىسەم  قايتىلاپ  ئۇقۇپ  چۈشەنگۈچە  ئۇقۇپ   قىلارمەن  ئەمدى   

دىل بىرىپ يارسۆيمىگەن،بىلمەيدۇ جانان قەدرىنى

سەن خۇدادىن ئۈۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 249
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:06:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھايات ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساب

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16558
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6949
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:09:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىزراق چىقىرۋىتىڭ ئاخىرىنى.......

بەزىلەر ئەرلەرنى دەيدۇ باغىرى تاش،
سەۋەبى ئاددىيلا  تۆكمىگەچكە ياش.
ۋە لىكىن ئەرلەرمۇ مۇھەببەتكە باي،
مېھرى بەك ئللىقتۇر گوياكى  قۇياش.

كۆك ئەتتىرگۈل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5226
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 584 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:10:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن .

قىز بولۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ بىراق ،
غەيرەتتە ئوغۇلدىن ئېشىپ ياشايمەن .
غورورۇم ۋىجدانىم پاك قەلبىمدە ،
قىزلىق بۇرچۇمنى بىلىپ ياشايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 796
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 12:01:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن

.......ئەگەشتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4570
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2881 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 12:12:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەقەززا بولدۇق

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش