مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4274|ئىنكاس: 46

بۇ قانداق چاقچاق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 05:40:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_ئاپا،ئاپا ،بۇنىڭغا قارا...  
  ئالدىراش ئاشخانا ئۆيگە يۈگرۈپ كىرگەن ئوغلۇمنىڭ چىرايىدىكى خۇشاللىق ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ دەرھال قولىدىكى تىلفۇننى ئالدىم.<<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،تىزدىن تارقىتىڭ!  خوتەندە بىر بالا ئوغرىسى تۇتۇلۇپتۇ...بۇ ئوغرى ئەللىك دانە بالا ئوغىرلىغانلىقىغا ئىقرار بوپتۇ...بۇ بالىلاردىن بەش بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى تىپىلىپتۇ...قالغان قىرىق بەش دانە بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى تىپىلماپتۇ...ئەتراپىڭلارغا ...تور ...ئۈندىدار...كيۇ-كيۇتوپلىرىغا تارقىتىپ قويۇڭلار...ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن....>>
  بۇنى كۆرۈپ بەش يىلدىن بۇيان بالا دەردىدە قان زەرداپ بولغان يۈرىكىم ئىللىق بىر سىزىم ئىلكىدە ئۈمىدكە تولدى.خوتەندە بولمىساممۇ،بۇ مەن ئۈچۈن زور تەسەللى ئىدى.ئىچىمدە بۇنى يوللىغۇچىغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتىپ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.دەرھال ھىلىلا ئىشقا ماڭغان يولدىشىمغا تىلفۇن قىلدىم:تېز ئۆيگە قايتىپ كېلىڭ.تېز بولۇڭ...
  ھاياجان ئىلكىدە يولدىشىمغا گەپ قىلىش پۇرسىتى بەرمەيلا تىلفۇننى قويىۋىتىپ ئالدىمدا دادىسىغا ئوخشىغان قوي كۆزلىرىنى مۆلدۈرلىتىپ ماڭا قاراپ تۇرغان ئوغلۇمنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتىم...
  بەش يىل ئاۋۋال ،قوشكىزەك ئوغۇللىرىم بار دەپ ئۆزىنى قويغىلى يەر تاپالماي يۈرگەن يولدىشىمغا ،ئۈچ قوي كۆزنىڭ سەھەردە چىيىنى چۈش ،كەچتە تامىقىنى ئىتىپ ،كىيمىنى ياماشنى،ئاددى بولسىمۇ ئىللىقلققا تويۇنغان بۇ غىرىپ كەپەمدە بىر ئۆمۇر مۇشۇ تەرىقىدە ياشاشنى ئاللاھدىن تىلەپ كىلىۋاتقان مەن مەزلۇمغا،قوشكىزەك ئىنىسى بىلەن بىر يوتقاننى ئون يىل تالىشىپ يىپىنىپمۇ بىردەم كۆرمىسە چىدىمايدىغان ھەسەنىمگە تەقدىرنىڭ يوغان بازغىنى تەگدى.ئەتىگەندە سومكىلىرىنى ئېسىپ  ،قوللىرىنى پۇلاڭلاتقانچە مەكتەپكە ماڭغان ئىككى تىغىمدىن چۈشتە پەقەت بىرىلا كۆزلىرى ياش ،كىيىملىرى توپا ھالدا كىرىپ كەلدى.ئاھ مىنىڭ ئاجىز يۈرىكىم !بۇ دەتلارگە نىمە دەي ئەمدى...بىچارە بالام ئىسەدىگىنىچە <<تار كوچىدا...قارا ماشىنا...ئىككى ئادەم...تۇتۇپ ...>>دىگەن گەپلەرنىلا قىلالىدى.ئەنە شۇندىن بۇيان بۇ ئائىلىدە <<بالا>>،<<تىپىلىپتۇ>>،<<ئىزدۋاتىدۇ>>دىگەن سۆزلەر ئالاھىدە مۇھىم سۆز بولۇپ قالدى.چۈنكى بۈ گەپلەر مەن ئاجىزەنىڭ قۇلىقىغا،بالاڭ تىپىلدى ،بولۇپ ئاڭلىناتتى.بۇگۇنكىدەك قەيەرلەردىندۇر كىلىپ قالغان<<بالا>>توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار بىزنىڭ ئۈمىد چىرىغىمىز ئىدى.
  بىچارە يولدىشىم يۈگۈرگەنچە كىرىپ كەلدى،بەلكىم بايىقى ئاۋازىمدىن پەرەز قىلىپ بولغان بولسا كىرەك،كىرىپلا قولۇمدىكى تىلفۇننى ئالدى.ئوغلۇمنىڭ ياردىمى بىلەن ھىلىقى ئۇچۇرنى كۆرگەندە ئۇنىڭ چىرايى بۆلەكچە ئىچىلىپ كەتتى.
_تىز ئالاقىلىشايلى،بۇ ئادەممۇزە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنىمۇ قالدۇرماپتۇ،بەك كۆپ ئىملا خاتالىقىغا يول قويغىنىغا قارىغاندا بەك ئالدىراش يازغان بولسا كىرەك.ئۇنتۇپ قاپتۇ.بىزلەنى بەك ساقلاپ كەتمىسۇن دەپتۇ...
  ئۇ بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا چىرايىدا چەكسىز خۇشاللىق ئەكىس ئەتسىمۇ،مەن ئۇنىڭ كۆز چانىقىدىكى لىغىرلاپ تۇرغان ياشنى كۆرۈپ قالدىم.ئۇنىڭ كۆزىدىكى ياش ئەمدىلا قەقەش بولغان يۈرەك يارامنى يەنە بىر قىتىم تاتلاپ لەختە-لەختە قان قىلىۋەتتى...
  _مەن بۇنى بىزنىڭ سىنىپنىڭ توپىدىكى ئۇچۇر ئارىسىدىن كۆرگەن،يوللىغىنى سىنىپ باشلىقىمىزكەن،مەن ئۇنىڭدىن سوراپ باقاي نەدىن بىلدىكىن،مەندە تىلفۇن نۇمۇرى بار.
_ھازىرلا تىلفۇن قىلايلى ،تىز تاپە نۇمۇرىنى...
  مەن تامغا يۆلەنگەنچە ئۇلارغا قاراپ تۇردۇم.ئۇ ئىككىلىسى شۇنداق خۇشال خۇددى  مۇشۇ تىلفۇن بىرىگە يۆلەنچۈكىنى،بىرىگە تېغىنى تىپىپ بىرىدىغاندەك ئىدى.بىر ھازادا ئوغلۇمنىڭ،سەنمۇ باشقا توپتا كۆرگەنمۇ،ھە،ئامال قىلىپ ساڭا يوللىغان ئادەمنى تاپالامسەن؟ماڭا ياردەم قىل ئاداش ،دىگىنىنى ئاڭلىدىم.
  ئۇلار يەنىلا شۇنداق خۇشال ئىدى.مۇشۇنداق ئۈمىد ۋە ئۈمىدسىزلىك ئارىسىدا ئىزتىراپ چىكىپ ئىككى كۈن ساقلىدۇق.خەۋەر يوق ،ئاڭلىسام ئۇلار ئۇچۇرنىڭ كەلگەن يۆنىلىشىنىڭ قارشىسىغا:بۇ ئۇچۇرنى يوللىغۇچى مەن بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز، بەك جىددى ئىدى.دەپ تىلفۇن نۇمۇرىنى قوشۇپ يوللاپتۇ .ئەمما بۇ ساقلاش بىزنىڭ ئارامىمىزنى قويمايتتى.كىچىلىرى ئۇيقۇ يوق ،كۈندۈزى تاماققا ئىشتىھا يوق.ئاخىرى بەرداشلىق بىرەلمىگەن يولدىشىم خوتەن سەپىرىگە ئاتلاندى.
   ئۇياقتىمۇ خەۋەر يوق ،بۇياقتىمۇ شۇ،بەك چارچاپ كىتىۋاتاتتىم.بەدىنىمنىڭ ئەمدى يەنە بىر قىتىملىق ئۈمۈدسىزلىككە بەرداشلىق بىرەلمەيدىغانلىقىنى سىزىپ تۇراتتىم.ئەمما يىنىمدىكى ئىككى قارا كۆز ئۈچۈن چىدىماي ئامالىم يوق ئىدى.
  يولدىشىم كىتىپ ئۈچ كۈن ئۆتكەندە تىلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلدى:ئۇ ئۇچۇر پەقەت مۇنداقلا يىزىپ قويغان نەرسە ،بەك ئەستايىدىل بوپ كەتمەڭ.بالىڭىزنى چوقۇم تاپىسىز .خوش...
   كۆز ئالدىمغا قاراڭغۇلۇق تىقىلدى.بۇقاراڭغۇلۇق مىنى بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈككە ئايرىپ ئىلىپ ماڭغانىدى.
ئەسكەرتىش:تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
  -تەھرىردىن.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 08:56 PM  


مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىنىڭ ئوتى بالاچە بار ، ئانىنىڭ ئۇتى ئاناچە بار  دىگەنىكەن كونىلار . بالىنىڭ ئوتى راسىت يامان . سەۋىر قىلىڭ . تېپىلىپمۇ قالار . خۇدايىم ساقلاپ بىر ئوغلىڭىز قايتىپ كىلەلەپتۇ . شۈكرى دەڭ .

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:04:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمەك بالا تېپىلماپتۇ ....بۇ يالغان ئۇچۇرمكەن ئەمسە

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73482
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3552
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2012-1-19
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ چاچچاقنى قىلغۇچى تىگىشلىك جازاسىنى تارتسا بولغۇدەك ،ئاز بولغاندىمۇ بىرەر ئاي  زىندان تەمىنى تېتىسا قالايمىغان ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتمايدىغان بولىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:49:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئۆزۈم..بۇ ۋەقەلىك پۈتۈنلەي توقۇلما.ئاۋۇ <<خەۋەر >>دىن باشقىسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   marhaba77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 09:57 PM  


مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 09:55:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 09:04 PM
دىمەك بالا تېپىلماپتۇ ....بۇ يالغان ئۇچۇرمكەن ئەمسە { ...

شۇنچە نەرسىنى يازغان ئادەم نىمىشقا ئالاقىلىشىش ئادىرسىنى يازمايدۇ؟بىز كۆرسەك ئىقىم مىقدارىمنى ئىسىراپ قىلدى دەپ غۇدۇڭشۇپلا قويىمىز،ئەمما شۇ بالا دەردىدە سەرسان يۈرگەنلەرچۇ؟مەن ئاۋۇ ‹‹خەۋەر››نى كۆرۈپ بۇ ئەسەرنى يازدىم.دانە لىرىدىن ئۆرگىلەي،شۇ شەپقەتچىمۇ كۆرەر بۇ تىمىنى .ياكى ‹‹ياخشى››ئىش قىلماقچى بولغانلار ئۆزىنى سورار...

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:02:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
marhaba77 يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 09:55 PM
شۇنچە نەرسىنى يازغان ئادەم نىمىشقا ئالاقىلىشىش ئادىر ...

نىمانداق چۈشۈنكىسز گەپ قىللا ؟؟؟يالغان توقۇلما نەرسىما بۇ؟؟؟مەنمۇ ھەيران قاپتىمەن ..بۇنداق يالغان خەۋەر تارقتدىغانلارمۇ بولماس ..قايسىنى خەۋەرىنى كۆرەپ يازدىلە ؟؟؟

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90131
يازما سانى: 311
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 514
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 484 سائەت
تىزىم: 2013-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 10:02 PM
نىمانداق چۈشۈنكىسز گەپ قىللا ؟؟؟يالغان توقۇلما نەرسى ...

ئاۋۇ بالا تىپىلغانلىق خەۋىرى ئەتە-ئۆگۈن سىزگىمۇ يىتىپ بارار .مەن ئەسلى تىكىست بويىچە نەقىل ئالدىم.بىرەر پەشلىرىمۇ كەم ئەمەس.

مەن بىر نازۇك گۈل،ئەگەر سەن مىنى پاك مۇھەببىتىڭ بىلەن سۇغىرىپ تۇرمىساڭ،مەن خازان بولىمەن.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6759
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7025 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:28:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانچە بالا، مانچە ئادەم دەپ ئالىمىز.. 50 دانە بالا دىسەك خۇددى بالا ئادەمگە نەرسىدەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.
...بۇنداق ئۇچۇر ئالدامچىلىغى ھازىر كۆپىيىپ قالدى.. ئادەم بىدىكلىرىگە لەنەتلەر بولسۇن،

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

شۇنچىلىك~سەن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89066
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 319
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-12-24
ئاخىرقى: 2014-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆل يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 10:02 PM
نىمانداق چۈشۈنكىسز گەپ قىللا ؟؟؟يالغان توقۇلما نەرسى ...

ھەيران بولمىسىلا ھازىرقى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى بۇ

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگنىڭ،كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش