ئەبجەش بايان
زامان كۆرۈپ چەكسەم گەر خىرويىن يا تاماكا ،
تاۋكا قۇرۇپ پۇلۇمنى تىكـسەم دوغـا ،قىمارغا .
سىيرىتماق سېلىپ بوينۇمغا ئاپارغاندا شۇ دارغا،
پىشانەمكەن دەپ بىلەي تىللىمىغىن بىكارغا .
رەڭلىك سورۇن تۈزىدىم ،قېنى قىزلار مەرھەمەت،
تارتىـنـمىغىن يىگىتــلەر بـۈگـۈن ئـۇلار غەنىيمـەت .
ئېغىز تېگـىپ چەكلەنـگە كېسەل بولساق ئاقىۋەت ،
سۆز ئاچمىـغىن ئۆتۈنەي< تويە ئەمدى گۈليارغا>.
ېنـى باشلىـق كېلەيلى ، تويغىـچە بىر ئالىمـىز ،
گــەر يەتمىسـە ماڭايلى ،مانا ھەمـمە مېلـىمىز .
شەپە بەرمەي كېتەيلى ،گەر تېشـىلسا گېلىـمىز ،
خەلىق بىزنى قىستايدۇ تۇيدۇرماستىن تىك يارغا.
ئۇنتۇپ قالدۇق ئىماننى ، ئىتىقادنى ، مىللەتنى ،
كىملەر دېدى غۇرۇرنى...باشلىۋالدى ئىـللەتـنى .
مەدەنىيەت دەپ قويسام ئاچتۇق يېڭى بىر بەتنى ،
پۈتمەس پاكىت كۆرسىتىپ باشلىۋەتمە ئىنـكارغا .
تىل دېگەنلىك بايلىقتۇر، تىلسىز كوردۇر كۆزىمىز ،
ماسـلىشـايلى زامانـغا شۇنـدا ھـۆردۇر سۆزىمـىز .
ئانـا تىلـدا سۆزلىشىپ چۈشەنمىسەك ئۆزىمىز ،
باشقا تىلنى ...دېگۈچە چۈشمە قايغۇ ئاھ-زارغا .
(توۋا دەيمەن)دېيىشتۇق، مەنمۇ دەيمەن مىڭ توۋا ،
سۆز ئاچمايلى تارىختىن كۆتۈرمەيلى بىز غەۋغا .
تارىخ ۋاقتى ئۆتكەن چەك، ماسلىشايلى مودىغا ،
بۇگېپىمنى يوق گەپ دەپ سۆزلەپ كەتمە زىنھارغا .
ئېيتاي دېسەم بايان جىق قورقىمەن سۆز ئېچىشتىن ،
سۆزلىمـىسەم ئۇيالـدىم دائـىم يىـراق قېچـىشتىن .
باشلاپ تۇراي گېپىمنى ئېچىتىـشتىن- ئېچـىشتىن ،
بۇ بايانـغا ئەگـىشىپ چىققانـلار كـۆپ شىكـارغا .
مەنبەسى: ئەپچىلەم
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-5-2 01:37 AM):
ئۈچىنچى كۇبلىتنىڭ بېشىنى
قېنى باشلىق دەپ ئۇقۇڭلار ،ئىملا خاتالىقى،