مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 698|ئىنكاس: 10

بىز ئۆزىمىز توغرىسدا پەقەت ئويلانمامدۇق! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىز ئۆزىمىز توغرىسدا پەقەت ئويلانمامدۇق!بىز بەكلا ئالىي جاناپ بوپكەتۇقمۇ باشقىلارنىلا ئويلايدىغان؟ ياكى  بىزنىڭ يامان ئىللەتلىرىمىز يۇركىمىزنى قاردىتىپ    ئويلىيالماس قىلۋەتكەنمۇ  ياكى بولمىسا نادان بولغانلىقتىن  ئۆزىمىزنىڭ يامان ئەھۋالدا تۇرۋاتقانلىقىمىزدىن خىرىس تۇيغۇسىدا بولغۇدەك  ئەقىل ئىلىم يوقمۇ؟!! مېنىڭچە بىزدە يامان ئىللەتمۇ ؟ئىلىم-ئەقلسىزلىقمۇ بار.. بولۇپمۇ ئىلىم ـ ئەقلسىزلىقچۈنكى ئىلىم ئەقىلنىڭ يولباشچىسى ،بۇ ئىككىسى ئارىسىدا بىر-بىرسىنى ئىلگىرى سۇرۇش چەكلەش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت؛ ئەگەر ئەقىل ئىلىمدىن ، ئىلىم ئەقىلدىن ئايرىلسا ئازغۇنلۇقنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. بارچە ئازغۇنلۇق دوۋزاختۇر.

بۇيەردە سۆز مەن ئۆزۇمنى مەركەز قىلىشى كېرەك ئەلۋەتتە! شۇنىڭ ئۇچۇن ھەربىر مەن ئۆزى ئۈستىدە سوغۇق قانىلىق بىلەن سەممىي ھالدا ، يۇرىكىگە قولىنى تىقىپ تۇرۇپ ئويلىنىشى شەرت.

مەن كىم ؟ نەدىن كەلدىم؟ نىمە سەۋەپتىن يارتىلدىم؟ پەيدا بولدۇم؟ نەگە بارىمەن؟ مىنىڭ ئەسىلىي ماھىتىم نىمە؟ مەن نىمىگە ئەڭ مۇھتاج؟... دېگەندەك سۇئاللارنى ئۆزىگە قويىشى كېرەك!

ئاللاھ قۇرئاننى كەرىمدە:«بىز ئىنساننى شەك-شۇبھسىز ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ يارتتىم»

يەنە مۇنداق دەيدۇ:«بىزنىڭ يولىمىزدا تىرشچانلىق كۆرسەتكەنلەرنى  بىز چوقۇم ئۆزىمىزنىڭ يولىغا باشلاپ قويىمىز» يەنە مۇنداق دەيدۇ::«ئىنسان پەقەت ئۆز تىرشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ.»

،«كىمكى پەرۋەردىگارغا مۇلاقەت بولشنى ئۈمىد قىلدىكەن (ساۋاپنى ئۈمىد قىلىپ ئازاپتىن قورقىدىكەن) ياخشى ئەمەل قىلسۇن.»مانا بۇ ئايەتلەر ئۆزىمىز ئۈستىدە ئويلىنىشقا، ئۆزىمىزنى تۇنۇشقا مەلۇم يىتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ.

مەلۇم بىر سالىھ شۇنداق دېگەن : ئاللاھتىن قورقۇش ھەم قايتۇردىغان ھەم بۇيرۇيدىغان قامچىدۇر،ياخشىغا بۇيرۇيدۇ، ياماندىن قايتۇرۇدۇ.

1.قورقۇش

.ئاللاھ قۇرئاننى كەرىمدە «مەندىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ ».«ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلا مەندىنلا قورقۇڭلار»


ساھبىلار:- ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى  ئالىم دەپ قانداق كىشىنى دەيمىز؟دەپ سورىغاندا .. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :- ئالىم دېگەن بىلگىنىگە ئەمەل قىلغان كىشى دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.(1)يەنە بىر ھەدىستە«سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغىنىڭلار ئەڭ ئەقىللىقىڭلاردۇر» ئالىم دەل ئىلىم ئىگىسىدۇرۋە ئەقلىق كىشىدۇر.بۇ دەلىللەر شۇنداق بىر نوقتىنى بىزگە تەكىتلەيدۇ،ئۇ بولسىمۇ ئاللاھتىن قورقۇش؛ ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئاللاھتىن ھەقىقىي مەنىدە قورقۇپ ئەقىلىق ئالىم بولغىلى بولىدۇ؟1-قورقۇش ئۇچۇن چۇشىنىش،تۇنۇش كېرەك!بۇنىڭغا ئىلىم ،تەپەككۇر .ئۇيلىنىش لازىم . جىنلار قۇرئاننى ئاڭلاپ تەپەككۇر قىلىپ، ئويلىنىپ شۇنداق دىگەنلكى قۇرئاندا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :«بىز ھەقىقەتەن توغرا يول كۆرسەتكۇچى ئاجايىپ قۇرئاننى ئاڭلىدۇق ۋە ئىمان ئېيتۇق »ئەمليەتتە ھەرقانداق ئىلىمنىڭ مەقسىتى ئىنسانغا مەڭگۈلۇك بەخىت-سائادەت ئېلىپ كىلىش ۋە يىتەكلەشتۇر! شۇ مەندىن ئېيتقاندا قۇرئان شەككسىز ئىلىمدۇر؛ئەمدى بىز  بۇ ئىلمنىڭ ئىنساننى قانداق تەپەككۇرغا ،  ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ئۈندەيدىغانلىقىغا بىر نەزەر سالايلى....


1)تەپەككۇر ، ئويلىنىش

نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم :« تەپەككۇردەك ئىبادەت يوق، ھايا ۋە سەۋىردەك ئىمان يوق»


ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن

اﷲ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار.


پىكىر قىلمامسىلەر؟سۈرە ساففات، 155 ـ ئايەت


ھەرقانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ سۈرە يۇنۇس، 100 ـ ئايەت«ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇ سىلەرگە، كۆڭلۈڭلارنىڭ ئارام تېپىشى ئۈچۈن ئۆزۈڭلاردىن جۈپتلەر يارىتىپ بەردى، ئاراڭلاردا مېھىر – شەپقەت ئورناتتى. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[2].

پەرۋەردىگارىڭ ھەسەل ھەرىسىگە ئىلھام بىلەن بىلدۇردى[تاغلارغا،دەل-دەرەخلەرگە،ۋە(كىشىلەرنىڭ ھەسەل ھەرىلىرى ئۇچۇن) ياسىغان ئۆيلىرىگە ئۇۋا سالغىن. ئاندىن كىيىن تۇرلۇك مىۋىلەر(يەنى گۈۈل-چىچەكلەر)يىىگىن،پەرۋەردىگارىڭنىڭ يوللىرىغا ئىتائەتمەنلىك بىلەن كىرگىن،] ئۇنىڭ(يەنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ)قارنىدىن ئىنسانلارغا شىپا بۇلىدىغان خىلمۇ-خىل ئىچىملىك(يەنى ھەسەل)چىقىدۇ.بۇنىڭدا(ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ چوڭلىقىنى) پىكىرقىلىدىغان قەۋم ئۇچۇن ئىبرەت بار. (سۈرە نەھىل 68ۋە69ئايەتلەر)

مانا بۇ ئايەت ۋە ھەدىسلەردىن  شۇنداق ئۇلۇغ ھەقىقەتنى بىلۋالغىلى بولىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ تەپەككۇر قىلىش ۋە ئويلىنىش ئىنساننى يۇكسەكلككە كۆتۇرگىچى شوتا ئىكەنلىكىنى،تەپەككۇر قىلغاندا ،ئويلانغاندىلا  ئاندىن ئاللاھتىن قورقۇپ ، ئاللاھقا يېقىن كىشى ئالىم سانالغىلى بولىدىغانلىقىنى كۈچلۈك ھىس قىلغىلى بولىدۇ.

    بىز بۇيەردە يەنە شۇنداق مەزمۇننى قىستۇرۇپ ئۆتمەكچى  ئۇ بولسىمۇ -ئۆلۇم ،ئۆلۇمنى ئۇنتۇش -ئىنساننى تەپەككۇردىن،ئۆزى ئۇستىدە ئويلىنىشتىن

توساۋاتقان مۇھىىم ئامىل .

ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇئەنھۇ:«ئەڭ ياخشى ئەدەپ-ئەخلاق ئۆگەتكۇچى-ئۆلۇم»

ئاللاھتاللاھ قۇرئاندا:«

اللاھتاللاھ قۇرئاندا:ھەر بىر جان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنى بىز يامانلىققا مۇپتىلا قىلىش ياخشىلىق بېرىش ئارقىلىق سىنايمىز. سىلەر بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتىسىلەر (ئەمەلىڭلارغا يارىشا جازالايمىز).


ئېيتقىنكى «ئەگەر سىلەر ئۆلۈمدىن ياكى ئۆلتۈرۈلۈشتىن قاچساڭلار قېچىشنىڭ سىلەرگە ھېچقانداق پايدىسى يوق قاچقاندىمۇ سىلەر (دۇنيادىن) ئازغىنا (ۋاقىت) بەھرىمەن بولالايسىلەر».


«ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ ئاندىن سىلەر غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ا) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر اﷲ  سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن   قەيەردە بولماڭلار (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە «بۇ ادىن بولدى» دەيدۇ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىسە «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن بولدى)» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى اﷲ  تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى اﷲ  ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ انىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ.  


ئى مۇئمىنلەر! سەپەرگە چىققان ياكى غازاتقا چىققان قېرىنداشلىرى ھەققىدە ئۇلار يېنىمىزدا بولغاندا ئۆلمەيتتى ۋە ئۆلتۈرۈلمەيتتى دېگەن كافىرلارغا ئوخشاش بولماڭلار اﷲ  بۇنى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا ھەسرەت قىلسۇن. اﷲ  تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ غازاتقا چىقماسلىقى ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالمايدۇ). اﷲ  قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر. سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار (يەنى ئەمەللىرىڭلارنىڭ ساۋابى) قىيامەت كۈنى تولۇق بېرىلىدۇ كىمكى دەۋزەختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن ئىكەن ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر (يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ ئازغىنا بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ).


قەيەردە بولماڭلار (ئەجەل كەلگەندە) ئۆلۈم سىلەرنى تاپىدۇ سىلەر مۇستەھكەم قەلئەلەردە بولغان تەقدىردىمۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) بىرەر ياخشىلىققا ئېرىشسە «بۇ ادىن بولدى» دەيدۇ ئەگەر ئۇلار بىرەر زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىسە «بۇ سەندىن (يەنى سېنىڭ دىنىڭغا كىرگەنلىكىمىزدىن بولدى)» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد! بۇ ئەخمەقلەرگە) ئېيتقىنكى «(ياخشىلىق ۋە يامانلىقنىڭ) ھەممىسى اﷲ  تەرىپىدىندۇر (يەنى ھەممىسىنى اﷲ  ياراتقاندۇر)». بۇ قەۋمگە نېمە بولدىكىن ئۇلار ھېچبىر سۆزنى (يەنى ھەممە شەيئىنىڭ انىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىنى) چۈشەنمەيدۇ.



ئىنسانلار ئۆلىدىغان چاغلىرىدا اﷲ  ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالىدۇ ئۆلمىگەنلەرنىڭ جانلىرىنى ئۇخلىغان چاغلىرىدا ئالىدۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان (يەنى ئەجىلى يەتكەنلەر) نىڭ جانلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ قالغانلارنىڭ جانلىرىنى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى ئەجىلى يەتكۈچە) قويۇپ بېرىدۇ بۇنىڭدا پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن (انىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن ئالامەتلەر بار.


ئۇلار (يەنى كۇففارلار) (دەۋزەخقا مۇئەككەل پەرىشتىگە): «ئى مالىك! پەرۋەردىگارىڭ بىزگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلسۇن» دەپ توۋلايدۇ. مالىك: «سىلەر ئازابتا چوقۇم قالىسىلەر» دەيدۇ.


بىز ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيىش كۇففارلىرىدىن)ئىلگىرى ئۇلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق ئۇلار (يەنى شۇ ئۈممەتلەر) ھەر قايسى جايلارنى كەزدى (ئۇلارغا) ئۆلۈمدىن قاچىدىغان جاي تېپىلدىمۇ  ؟


بىز سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆلۈمنى بەلگىلىدۇق (يەنى ھەر بېرىڭلارنىڭ ئۆلۈش ۋاقتىنى بېكىتتۇق) سىلەرنى باشقا بىر قەۋمگە ئالماشتۇرۇشتىن ۋە سىلەرنى سىلەر بىلمەيدىغان بىر شەكىلدە يارىتىشتىن ئاجىز ئەمەسمىز.


ئۇلار مۇئمىنلەرنى: «بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق» دەپ توۋلايدۇ مۇئمىنلەر: «شۇنداق لېكىن سىلەر ئۆزەڭلارنى پىتنىگە سالدىڭلار (يەنى كۆرۈنۈشتە بىز بىلەن بىللە بولساڭلارمۇ لېكىن ئۆزەڭلارنى مۇناپىقلىق بىلەن ھالاك قىلدىڭلار مۇئمىنلەرگە بالايى ئاپەت كېلىشنى) كۈتتۈڭلار (ئىسلام دىنىدىن) شەكلەندىڭلار (انىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭلىكىگە بولغان قۇرۇق) ئارزۇلار سىلەرنى ئالدېدى تاكى سىلەرگە ئۆلۈم كەلدى شەيتان سىلەرنى انىڭ (ئەپۇ قىلىدىغانلىقى ۋە ئازاب قىلمايدىغانلىقى) بىلەن ئالدېدى» دەيدۇ .


(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى «ئى يەھۇدىيلار! ئەگەر سىلەر باشقىلارنى ئەمەس پەقەت ئۈزەڭلارنىلا انىڭ دوستلىرى دەپ داۋا قىلىدىغان بولساڭلار (ئاخىرەتنىڭ راھىتىگە تىزرەك يېتىش ئۈچۈن) ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىپ بېقىڭلار ئەگەر (بۇ داۋايىڭلاردا) راستچىل بولساڭلار».


ئۇلار قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنى ھەرگىز ئارزۇ قىلمايدۇ اﷲ  زالىملارنى بىلگۈچىدۇر.


(ئى مۇھەممەد!) «سىلەر قاچىدىغان ئۆلۈم چوقۇم سىلەرگە يولۇقىدۇ ئاندىن سىلەر غەيىبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچى (ا) نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر اﷲ  سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ» دېگىن .


بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: «پەرۋەردىگارىم! نېمىشقا مىنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن ئۆزەڭلارغا رىزق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار .


سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن اﷲ  ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى اﷲ  غالىبتۇر (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغفىرەت قىلغۇچىدۇر.


(ئى مۇھەممەد! سېنىڭ ئۆلۈمىڭنى ئارزۇ قىلىدىغان مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! ئەگەر اﷲ  (سىلەر ئارزۇ قىلغاندەك) مېنى ۋە مەن بىلەن بولغان (مۇئمىنلەرنى) ھالاك قىلىدىغان بولسا ياكى (بىزنىڭ ئەجىلىمىزنى تەخىر قىلىپ) بىزگە رەھىم قىلىدىغان بولسا (سىلەرگە نېمە پايدا بار) كافىرلارنى قاتتىق ئازابتىن كىم قۇتۇلدۇرىدۇ ».دەر ۋەقە ئۆلۇم ئەڭ بۇيۇك نەسھەتتۇر ۋە ئىبرەتتۇر.بىز ئويلىنىشىمىز كېرەك !بىز مازرالارنى ئاۋاتلاشتۇرغۇچىمۇ؟ياكى دۇنيا بازارلىرىنىمۇ؟

2. يامان ئىللەت.«پەرۋەر دىگاىنىڭ ئالدىدا(سوراققا تارتىشتىن) قورقىدىغان،ئۆز نەپسى خاشىغا بېرىلىشتىن(يەنى ھارام قىلنغان نەرسىدىن،يامان ئىللەتتىن) چەكلەنگەن ئادەمگە كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ جايى جەننەت بولىدۇ»،« چۇقۇمكى شەيتان سىلەرگە دۈشمەندۇر،سىلەر ئۇنى دۈشمەن كۆرۈڭلار.»« ئاللاھ ھەربىر شەيئىگە ئۆلچەم بىكتكەندۇر»بۇ ئايەتلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ئۇ بولسمۇ
يامان ئىللەتنىڭ ئۆزى ئەممليەتتە قوقماسلىقتىن ، يەنە شۇ ئىلىمسىزلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئاخىردا

بىزنى«(ئى مۇھەممەد ئۇممىتى) سىلەرئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن چىقىرىلغان ياخشىلىققا بۇيرۇپ،يامانلىقتىن تۇسىدىغان ئاللاھقا ئىمان ئېيتىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇممەتسىلەر»(سۈرە ئالئىمران 110.ئايەتنىڭ بىر قسىمى) دېگىندەك ئۇممەت قىلشىنى ئاللاھتىن

تۇۋەنچىلىك بىلەن سورايمىز !

خۇلاسە

ئاللاھنىڭ رەسۇللى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:ئاللاھنىڭ بەندىسى بولىدىغان كىشى مەيلى ئاسماندا ياكى زىمىندا بولمىسۇن،سېخى بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولمايدۇ.

مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ سېخى بولمايدۇ.

باشقىلار ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلىدىن ئازار يىگەن تۇرۇپ، ئۇ مۇسۇلمان بولمايدۇ.

ئالىم بولماي تۇرۇپ ، مۇسۇلمان بولمايدۇ.

ئەمەل قىلماي تۇرۇپ ،ئالىم بولمايدۇ.

تەقۋا بولماي تۇرۇپ ئىلمىگە ئەمەل قىلالمايدۇ.

ئاللاھتىن بەك قورقماي تۇرۇپ  تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ.

كەمتەر بولماي تۇرۇپت تۇرۇپ تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ.

ئۆزىنى تۇنۇماي تۇرۇپ كەمتەر بولغىلى بولمايدۇ.

مەنبە : قۇرئان ۋە ھەدىس
ھۆكۈما يازمىىسى 2013.5.1


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھۆكۈما تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-1 05:30 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
toyota + 300 ئىسىل
kukhelal + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 400   باھا خاتىرىسى

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 799
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4827
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 292 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى ھەممە تورداشنىڭ بىر نۆۋەتتىن ئوقۇپ چىقىشىنى سورايمەن!قۇرئاننىڭ ،ئىسلامنىڭ روھىنى بۇ تىمىدىن كۆردۇم!

زۇلمەت كىرسە جاھانغا باسسا تۈن قارا،
مەيلىتى قۇياشنىڭ قەدرى ئۆتۈلسە.
ھىلىغۇ بىر جانكەن مىڭ جىنىم پىدا.
رازىمەن ۋەتەن دەپ قىنىم تۆكۈلسە!
                                                 _(كۆك ھىلال)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 493
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 260 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھنىڭ رەسۇللى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:ئاللاھنىڭ بەندىسى بولىدىغان كىشى مەيلى ئاسماندا ياكى زىمىندا بولمىسۇن،سېخى بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولمايدۇ.
مۇسۇلمان بولماي تۇرۇپ سېخى بولمايدۇ.
باشقىلار ئۇنىڭ قولىدىن ۋە تىلىدىن ئازار يىگەن تۇرۇپ، ئۇ مۇسۇلمان بولمايدۇ.
ئالىم بولماي تۇرۇپ ، مۇسۇلمان بولمايدۇ.
ئەمەل قىلماي تۇرۇپ ،ئالىم بولمايدۇ.
تەقۋا بولماي تۇرۇپ ئىلمىگە ئەمەل قىلالمايدۇ.
ئاللاھتىن بەك قورقماي تۇرۇپ  تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ.
كەمتەر بولماي تۇرۇپت تۇرۇپ تەقۋا بولغىلى بولمايدۇ.
ئۆزىنى تۇنۇماي تۇرۇپ كەمتەر بولغىلى بولمايدۇ.


ئاللاھ ئەجرىڭىزنى كاتتا قىلسۇن !!!

ئاللاھىم سەن ھەممىگە قادىرسەن ،ھەممىنى كۆرۇپ تۇرغۇچىسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sabak يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 05:18 PM
ئاللاھنىڭ رەسۇللى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:ئاللا ...

قۇرئان ۋە ھەدىس  شىرىن بىر بۇلاققا ئوخشايدۇ....

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6075
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ...بىزئۆزىمىز ۋە ئالەم،ئاخىرەت...ھەققىدە ئىزچىل تەپەككۇر قىلىشتىن توختاپ
قالماسلىقىمىز لازىم......
    ئىسلامنىڭ نۇرى ...ئۈچۈن،قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تەپەككۇر بىلەن ئەجىر
سىڭدۈرىپسىز...ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي ئىلاھىم...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 345
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6075
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 894 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-5-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ...بىزئۆزىمىز ۋە ئالەم،ئاخىرەت...ھەققىدە ئىزچىل تەپەككۇر قىلىشتىن توختاپ
قالماسلىقىمىز لازىم......
    ئىسلامنىڭ نۇرى ...ئۈچۈن،قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن تەپەككۇر بىلەن ئەجىر
سىڭدۈرىپسىز...ئەجرىڭىز يەردە قالمىغاي ئىلاھىم...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6222
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9498
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 534 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللادىن قورقوش. تەپەككۇر قىلش.ئنسان ئۇچۇن بەك موھيوم. «ئنسانلار ئۇز تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجسنى كۇردو.»

ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kuraxqan يوللىغان ۋاقتى  2013-5-2 09:21 PM
ئاللادىن قورقوش. تەپەككۇر قىلش.ئنسان ئۇچۇن بەك موھيوم.  ...

شۇنداق

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆكۈما يوللىغان ۋاقتى  2013-5-2 11:15 PM
شۇنداق

قورقۇش بىلەن بىلىش ، ئىلىم ۋە ئەقىل  بىر-بىرنى ئىلگىرى سۇرىدۇ........ بىلشكە ئىنتىلمىسە،ئىلىم بولمىسا قوقمايدۇ..... بىزگە ئاللاھ  بۇ قۇرئان ئەھلى تەقۋا ئۇچۇن ھىدايەتتۇر دەيدۇ........... تەقۋا بولىسا  ئاندىن ھىدايەتنى قولغا كەلتۇرگىلى ( ئاللاھنىڭ ئىزنىسى بىلەن) بولىدۇ......   پۇتۇنلەي  سەۋەپ- نەتىجە

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان  قەلىبلەرنىڭ شىپاسىدۇر.... قۇرئان ئوقۇسا ،قۇرئان بىلەن سۇزلىسە ، ھۈكۇم قىلسا ، راسچىل ئادىل بولىدۇ...  ئەمەل قىلسا غەلبە شۇنىڭكى....................... بۇ  بۇيۇكلۈك ،   ۋەدە

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش