كۆڭۈل يەشىكى
پاختا بولدۇم ياشىشىم ئۈچۈن ،
سوزۇلساممۇ كەتمەي ئۈزۈلۈپ.
ناۋات بولۇپ ئېرىشىم ئۈچۈن ،
ساقلىماقتا تاڭلار سۈزىلىپ.
كونا يىلنىڭ سەپىرى ئۈچۈن،
بارغاق يازدىم تەختىراۋانغا.
كارنىيىنى سىقىپ يانچۇقنىڭ،
ھوسۇل يىغىدىم ئاچكۆز خامانغا.
سېۋىتىگە خىيال قاچىلاپ،
دوقۇرىشتى يولدا كونا يىل.
دوقمۇشىمدا كوتۇلداش ئۈچۈن،
لەۋلىرىنى ئاچتى يېڭى يىل.
تاپشۇرۇقنى قىپتىمەن نىسى،
باشقۇرماستىن تۆھمەت يېشىمنى.
خىرەلىكىم ئالدى قوينىغا،
قاداق بولۇپ كەتكەن بېشىمنى.
يېڭى يىلنى چىشلىسەم ئۇزاق ،
بىر يەرلىرى ئىكەن شاكاراپ.
تۇخۇمىمنىڭ تولغىقى تۇتماي
ئۆز گۆشىمنى قالىمەن چاناپ.
ئايدىڭ ئاخشام قارايدى ماڭا .
قۇرۇت - قوڭغۇز ئالايدى ماڭا.
ساپما كەشتە قوزغالسام جەڭگە،
چىغىر يوللار تارايدى ئاڭا.
كۆز قىسىشتىن چېكىندىم ئاخشام ،
ساختىلىقىم ئىكەن تەمرەتكە .
يېڭى يىلغا بولاي خېرىدار،
مېنى چوقۇم يېزىڭلار بەتكە.
يېڭى يىلنىڭ كىرپىكى ئۇزۇن ،
زىنىقىغا بەردىم رەدىيە.
باغچىدىكى ئورۇندۇق ئۈچۈن ،
بۆرىكىمنى قىلاي ھەدىيە .
قۇيرىقىڭنى قىسىقارت كونا يىل،
مومام كەتتى قىلمىدىڭ دۇئا.
ساناقلاردەك قالغاچ بوش ئورۇن ،
بەك ئەركىلەپ كېتىپتۇ يىللار.
يېڭى يىلدا ناۋات چاي ئىچەي ،
1- ئاي بولسۇن تاتلىقىم .
سىم - سىم ھالدا ھەرب ئۈگەنسۇن ،
پۈركەنجىسىنى يۆگەپ شاتلىقىم.
باياۋانغا چوقۇندۇم بۈگۈن ،
بۇزۇلغاچقا ئەخلەت ماشىنام .
بۇزۇلغاندا غۇرۇر شاكىلى
شەربەتلەرنى قىلىدۇ ھارام .
يېڭى يىلغا < ئۆھۈ > دەپ كەلسەم ،
كىملىكىمنى كۆرۈپ قوشمىدى .
قورىنىمەن ئەينەك سىرىتىدا،
ئېھتىمالىم ، شەرتىم توشمىدى.
كوت كوت ئۈچۈن ناشتام خەيرى خوش،
مەن سايلىنىپ بولاي گاس قولاق.
تاللىغاچقا خالتا كوچىنى،
بۈگۈن سايەم يىدى شاپلاق.
ئاپتۇرى : ئا.مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-1 11:29 AM