پۈچەك ۋىجدان ئەركەككە
ئادىلجان ئىمىن سەبۇرى
كۆز ئاچقاندا ئوغۇل بۇلۇپ دۇنياغا ،
ئاتا-ئاناڭ قېرىندىشىڭ كۈلگەنتى .
دىيانەتلىك ،سەلتەنەتلىك بولسۇن دەپ ،
ئارزۇسىغا ئارزۇ قېتىپ يۈرگەنتى .
ئاياق چىقتى تىلىڭ چىقتى كۈنسىرى ،
ئۆچمەس ئوتنى سالدىڭ بارچە دىللارغا.
قايىل قىلغاچ كىچىك ئەقلىڭ ھەممىنى ،
نامىڭ چىقىپ قالدى يۇرتتا تىللارغا .
يېشىڭ چوڭلاپ باردى تەڭلا ئەقلىڭمۇ ،
مەكتەپكىمۇ كىردىڭ خوشال قەدەمدە .
بىر يىلغىمۇ توشماي ئوقۇش ھاياتىڭ ،
بىرىنچىسى بولۇپ قالدىڭ ھەممىدە .
يېقىپ قالدى ئۇستازلىرىڭ كۆزىگە ،
چېچەنلىكىڭ ،تاتلىققىنە خۇلقۇڭمۇ .
مەپتۇن قىلار ھەمدە كۆرگەن كىشىنى ،
غايىۋانە سۆز -ھەركىتىڭ ،تۇرقۇڭمۇ .
ھەيران قىلار گاھى چەغدا كىشىنى ،
كىچىك تۇرۇپ قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭ .
تۇغدۇرىدۇ ھەر كاللىدا ھەرخىل ئوي ،
چۈچۈك تىلدا چوڭ كىشىدەك سۆزلىشىڭ .
دەيتىڭ دائىم ئىككىلەنمەي تۇرۇپلا ،
نىمە بولغۇڭ بار دىگەنلا كىشىگە .
ئەگەر " ئېگەم" ئامان قىلسا تىنىمنى ،
ئالىم بۇلۇپ تۇنۇلغۇم بار ھەممىگە.
شۇ ئارزۇدا كېچە -كۈندۈز تىرىشىپ ،
زور مەقسەتتە باردىڭ ئالىي مەكتەپكە ،
ئۇ جايدىمۇ ھەركىتىڭدە سۆزۈڭدە ،
ئىرىشتىڭ كۆپ نەتىنجىگە ھۆرمەتكە.
سائەت كۈنگە ، ئاي يىللارغا ئۇلىشىپ ،
بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتتى نەچچە يىل .
تۇتقان يۇلۇڭ كەتتى سەندىن يىراقلاپ،
بۇلۇپ قالدىڭ سەن بارغانچە كەم ئەقىل.
يات خۇيلارنى يۇقۇشتۇرۇپ ئۆزۈڭگە ،
ئوينار بولدۇڭ قاۋاقلاردا كېچىلەپ .
دەرىس دىگەن خىيالىڭدىن ئۈركىگەن،
باغچىلاردا يۈردۈڭ قىزلار يىتىلەپ .
توغرا يولغا ئىشلەتمەستىن ئەقلىڭنى ،
بولدۇڭ روھى رەزىللىكتە قۇترىغان .
ئوقۇشۇڭمۇ تۈگەپ قالدى ئاخىرى ،
قايتىپ قالدىڭ ئالماي بىرەر ئونىۋان .
ئارزۇلىرىڭ غەرق بولدى كۈپۈككە ،
ئاتا-ئاناڭ خىيالىڭغا كىرمىدى .
زور ئۈمۈتتە يۈرگەن ئاتا-ئاناڭنىڭ ،
ئېيت سىنىڭدىن كۈتكەنلىرى شۇمىدى.
پۇشايمىنى يوقتۇر ئاتا-ئانىنىڭ ،
پەرزەنتىگە قىلغان ھەربىر ئەجرىگە.
لىكىن ئويلاپ باقتىڭمۇ سەن ئەي نادان ،
بۇغۇلغانسەن قانچە ۋىجدان قەرزىگە .
قالغىنىڭ يوق ھاراق قۇشقان سورۇندىن ،
نەشە نەدە ھامان پۇراپ تاپىسەن .
قىماردىغۇ ئۇتقىنىڭ يوق بىر مەيدان ،
قايدا جېدەل بولسا ئاتتەك چاپىسەن .
خىزمىتىڭ يوق يۈردۈڭ قاچا بېكارلاپ ،
نان قېپىلىق تاجىنىمۇ تاقىدىڭ .
تويمۇ قىلدىڭ بالاڭمۇ ھەم توغۇلدى ،
ئەگرى يولدىن پۇت -قۇلۇڭنى تارتمىدىڭ.
چاچلىرىڭغا ئاق سانجىدى بىلمىدىڭ ،
بۇلۇپ قالدى بالاڭنىڭمۇ بالىسى .
كىتىپ قالدى كۆزى ئوچۇق ئاتاڭنىڭ ،
نەۋرەڭنىڭ يوق ئەركىلەرگە بوۋىسى .
ئويلىمىدىڭ يېتىپ يىسە تاغنىڭمۇ ،
تۈگەرىنى ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى .
قاچان غالىپ كىلەلىگەن دۇنيادا ،
غەپلىتىدە شىرىن چۈشلەر كۆرگىنى .
سوراقلانساڭ ئەجەل توشقان ۋاقىتتا ،
قىلغىنىڭدىن مەغرۇرلىنىپ يۈرەمسەن .
مەن مۇسۇلمان دەپ يەنىلا بىھىشنىڭ -
ئارزۇسىدا شىرىن خىيال سۈرەمسەن .
شۇ ياشقىچە تاپالمىساڭ ھوشۇڭنى ،
ئېيتقىنا سەن نىمە ئۈچۈن توغۇلغان .
دىدىڭمۇ يا پۈچەك ۋىجدان ئەي ئەركەك ،
ئاخىرەتتە بولىۋالاي مۇسۇلمان .
2013-يىل 4-ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچى