مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2939|ئىنكاس: 37

كارتون ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا ئادەم قۇبۇل قىلىنىدۇ. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73822
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3391
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 196 سائەت
تىزىم: 2012-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 02:28:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى تورداشلار.
ياپونىيەدە كارتون كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپانجان، ئۆزىنىڭ تەتقىقات پىلانى ئۈچۈن بىر  ئۇيغۇرچە كارتون فىلىم ئىشلەشنى قارار قىپتۇ،ھەمدە ئۇيغۇر بالىلارنى گۇرۇپپىسىغا  قۇبۇل قىلىپ قىسقا مۇددەت ئىچىدە فىلىم يېتەكلەش ۋە ئۆگىتىش ئېلىپ بېرىپ، فىلىمنى بىرلىكتە ئىشلەشكە مەيدان ھازىرلىماقچىكەن.تەپسىلىي مەزمۇنىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭلار.

رىۋايەت تور بېتىدىن ئېلىندى.
http://rivayat.com
----------------------------------------------------------------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم قەدەرلىك تورداشلار ۋە بارلىق كارتون فىلىم ھەۋەسكارلىرى.
مەن ياپونىيىدە كارتون كەسپىدە تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرۈپ، بۇ يىل مەزمۇنلۇق دىگىتال ۋاستىلەر كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئېرپان يارمۇھەممەت بولىمەن.
مەن <كارتون فىلىمنىڭ جەننىتى> دەپ نام ئالغان ياپونىيىدە، 2008- يىلىدىن تارتىپ كارتون فىلىم ئۇمۇمىي كەسپى بويىچە ياپونىيىنىڭ دىگىتال ھوللىۋۇد ئۇنىۋېرسىتېتىدا تولۇق كۇرسنى ئوقۇپ، بۇ يىل غەلبىلىك ھالدا دىگىتال مېدىيا سودا مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتى بويىچە ئۆز مەكتىپىمنىڭ ئاسپرانتلىقىغا قۇبۇل قىلىندىم. تولۇق كۇرسنى ئوقۇش جەريانىدا ياپونىيىنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسى، جەريانى شۇنداقلا دىگىتال مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق مەزمۇنلۇق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان كارتون فىلىم سودىسى ھەمدە ئەقلى ئەمگەك مال- مۈلىكىنى قوغداش قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋىي قەغەز يۈزىدە ئىشلىنىدىغان كارتون فىلىم ئىشلەش تېخنىكىسىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، يېڭىچە دىگىتال تېخنىكىلار بىلەن بىرلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەيلى ئىشلەش سۈپىتى ياكى تارقىتىلىش، شۇنداقلا خەلقئارادىكى تەرسىر كۈچى جەھەتتە بولسۇن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن ياپونىيىنىڭ كارتون ساھەسىگە بولغان چۈشەنچەم ھەسسىلەپ ئاچتى. ھەمدە ئاسپرانتلىق تەتقىقاتىمنىمۇ كارتون فىلىم سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش توغرىسىدا ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم.
  ئۇيغۇر مىللىتىمىز نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مىللەتلا بولۇپ قالماستىن، تارىختا ئۆتكەن مۈتەپەككۇر ئالىملىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز،شۇنداقلا ئەدەبىي - سەنئەت ۋە ھېكايە چۆچەك قاتارلىق مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىز جوڭگو دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس خەلقئاراغا داڭلىقتۇر. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ياۋروپا - ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ ئەللىرىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرى سىڭىپ كىرگەن بولسىمۇ، ئۆز مىللىي ئۆرپ- ئادەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىمىز ئۆز مىللىتىمىز ئارىسىدا ئۇنتۇلۇشقا باشلىدى. غەرپ ئەللىرىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىپ، بىزدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىشىدىمۇ دەل كىنو - تېلىۋىزىيە ۋە ئىنتېرنېت قاتارلىق مېدىيا ئۇچۇر ۋاستىلىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا. ئۇنداقتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭمۇ ئىلغار بولغان مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە دۇنياغا تونۇتۇش ئۈچۈنمۇ دەل مېدىيا ۋاستىلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىشقا تامامەن مۇمكىندۇر.
2011- يىلى يازلىق تەتىل ۋە 2012- يىلى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، مەن ئۈرۈمچىدە ئىككى قېتىملىق قىسقا مۇددەتلىك كارتون فىلىم تەربىيىلەش سىنىپىنى ئۇيۇشتۇردۇم.كۇرسقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يىراق دېمەي، ناھايىتى قىزغىن كەيپىياتتا توغرا بولغان كارتون بىلىملىرىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرسكە تولۇق قاتنىشىپ بېرىشى مېنى سۆيۈندۈردى، شۇنداقلا ئەگەر مۇنتىزىم بولغان تەربىيىلەش سېستىمىسى يولغا قويۇلسا، شىنجاڭنىڭ كارتون فىلىم ئىشلەش سەۋىيىسىنىڭمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇقىرى سەۋىيىگە كېلىشىگە ئىشەنچ پەيدا بولدى. ھەمدە ئاسپرانتلىق تەتقىقاتىمنىمۇ شىنجاڭدا كارتون فىلىم سانائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يېڭىچە بولغان ئىپادىلەش ۋاستىسى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ھەققىدە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدىم. لېكىن بۇ تەتقىقاتنى ئوڭۇشلىق ئېلىپ بېرىپ، نەتىجە چىقىرىش ئۈچۈن، چوقۇم بىر سىناق تەرىقىسىدە، قىسقا ۋەقەلىك ھەمدە يۇقىرى بولغان سەۋىيىدىكى كارتون فىلىمنى ئىشلەپ، خەلقئارادىكى كىنو ۋە كارتون فىلىم فىستىۋاللىرى ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشتۇرۇپ، ئېتراپ قىلىشقا ئىگە بولۇش ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ. شۇ ۋەجىدىن 2013-يىلى، يەنى بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ‹قىسقا كارتون فىلىم ئىشلەش پىلانى› نى تۇزۇپ،كارتون فىلىمنىڭ تەييارلىق باسقۇچىدىكى سىنارىيە،كۆرۈنۈشكە بۆلۈش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشلاپ،8-ئايدىن باشلاپ يازلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ،ئۈرۈمچىدە ئىشلەش باسقۇچىنى ئېلىپ بېرىشنى  پىلانلىدىم.
بۇ قېتىم ئىشلىمەكچى بولغان فىلىم خەلقئاراغا ئورتاق بولغان ئەنئەنىۋىي قەغەز يۈزىگە سىزىپ ئىشلىنىدىغان ئىككى ئۆلچەملىك فىلىمنى ئاساس قىلغاندىن سىرت،كومپيوتېر گىرافىكى ۋە ئۈچ ئۆلچەم،ھەمدە ئالاھىدە تۈس بېرىش قاتارلىق 21- ئەسىردىكى يېڭى تېخنىكىلاردىنمۇ ئۈنۈملۇك پايدىلىنىشنى ئاساس قىلىدۇ.  كارتون فىلىمنىڭ ئىشلەش باسقۇچى ۋە توغرا بولغان ئىشلەش ئۇسلۇبىنى بىلىدىغان ياكى تورلاردىن بۇنى كۆرسىمۇ شارائىت ۋە پۇرسەت بولماسلىق سەۋەبىدىن تالانتى ۋە ئەمەلىيىتىنى جارى قىلدۇرالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئىنتايىن كۆپ. بۇ قېتىم ئىشلىنىدىغان فىلىمنىڭ ئىشلىنىش ۋاقتى قىسقا، تەلەپ ھەقىقەتەن يۇقىرى بولغاچقا،  ئۆزۈم يېتىشتۇرگەن ۋە بېكىتكەن كەسپى خادىملىرىمىزنىڭ سانى فىلىم ئىشلەشكە يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. شۇڭا بۇ فىلىمنىڭ ۋاقتىدا ۋە ئۇتۇقلۇق ئىشلىنىپ، كېلەر يىلىدىكى كارتون كۆرگەزمىلىرىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىسىغا تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە ئادەم قۇبۇل قىلىمىز.

1.ئەسلى رەسىم: ئەنئەنىۋىي كارتون فىلىمدىكى ئاچقۇچلۇق ھەرىكەت سىزغۇچى.ئېنگىلىزچە KEY ANIMATION
قۇبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى 2 نەپەر
تېز سىزما ۋە ناتۇرا سىزىش تېخنىكىسى يۇقىرى،رەسىم سىزىش تەجرىبىسى 3يىلدىن يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

2.ئارقا كۆرۈنۈش ۋە دىكۇراتسىيە: كارتون فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش مەنزىرىسى ۋە پىرسۇناژنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسىدىكى دىكۇراتسىيە رەسىملىرىنى سىزىش
قۇبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر
تېز سىزما ۋە پىرسپىكتىۋ (透視)سەۋىيىسى يۇقىرى، كومپيوتېر گرافىكىدا مەنزىرە ۋە ھەر تۈرلۈك رەسىملەرنى سىزىش تەجرىبىسى بار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

3.ئارقا كۆرۈنۈش لايىھىسى: ئارقا كۆرۈنۈش سىزىشتىن بۇرىنقى لايىھە،يەنى كۆرۈنۈش لايىھىسىدا بېرىلگەن ئۇچۇر ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا سىزىلىدىغان رەڭسىز لايىھە.
قۇبۇل قىىلىنىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر
پىرسپىكتىۋ سەۋىيىسى يۇقىرى، تېز سىزما ۋە سۇ،ماي بوياق رەسىملىرىنى سىزىش تەجرىبىسى بار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

4.كىيىم-كېچەك لايىھىسى: پىرسۇناژ لايىھىسىگە يانداش ئېلىپ بېرىلىدىغان كىيىم-كېچەك ۋە ھەرخىل زىننەت لايىھىسىنى
قۇبۇل قىلىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر.
كىيم -كېچەك لايىھىسى ۋە مودا كىيىم لايىھىسى تەجرىبىسى بار بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

5.بىناكارلىق،نەققاشلىق لايىھىسى: كارتون فىلىمنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە سىزىلىدىغان ئىمارەت ۋە بىزەكلەرنىڭ لايىھىسى بولۇپ، ئارقا كۆرۈنۈش لايىھىلىگۈچى ۋە سىزغۇچى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان لايىھە
قۇبۇل قىلىنىدىغان ئادەم سانى 1 نەپەر
ئۇيغۇر بىناكارلىق ۋە نەققاشلىق بىلىملىرىدىن خەۋىرى بولغان،تېز سىزما ۋە پىرسپىكتىۋ بىلىمى يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

يۇقارقى مەخسۇس تۈرلەر بويىچە قۇبۇل قىلىنغانلارنىڭ خىزمەت تەقسىماتى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن،ئۇمۇمىيۇزلۇك ئېلىپ بېرىلىدىغان تولۇقلىما ھەرىكەت سىزىش ۋە رەڭ بېرىش قاتارلىق تۈرلەرگىمۇ قاتناشقاندىن سىرت، ئۆز تەقسىماتى  دائىرىسى بويىچە خام ماتىرىيال توپلاش(مەنزىرە رەسىملەر توپلىمى ۋە نەققاشلىق كىتابلىرى قاتارلىق پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى)قاتارلىق خىزمەتلەرنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

تىزىملىتىش ۋاقتى:2013-يىلى 5-ئاينىڭ 2 -كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە.
تىزىملىتىش ئىلخەت ئادرىسى: conankudou@msn.com
(ئىلخەت ئادرىسىغا تىزىملاتقۇچىنىڭ ئىسىم -فامىلىسى ۋە قىسقىچە تارىخى ۋە تىزىملاتماقچى بولغان تۈر بويىچە بىرەر پارچە رەسىم ئەۋەتىسىز)
چ چ نومۇر:474813600
(ئىلخەت ئادرىسىغا خەت يېزىشتىن بەكرەك چ چ دا ئالاقىلىشىشنى قولايلىق كۆرگەنلەر چ چ دا مېنى قوشۇپ، تەستىق سورىقىغا مەقسەت ۋە ئىسمىڭىزنى يېزىڭ،تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن قايسى تۈرگە كىرمەكچى بولغىنىڭىز ۋە قىسقىچە تارىخىڭىز،ھەمدە تاللىغان تۈرگە مۇناسىۋەتلىك بىرەر پارچە سىزغان رەسىمنى ئەۋەتىڭ )

تىزىملاتقانلاردىن سىناق ئېلىش ۋە ئەسىرىنى باھالاش ئېلىپ بېرىلىپ،بەش تۈر بويىچە 6 ئادەم تاللىنىپ چىقىدۇ.تاللىنىش نەتىجىسىنى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى تىزىملاتقۇچىلارغا يوللىغاندىن سىرت،رىۋايەت تور بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىملىق كارتون فىلىم ئىشلەش پىلانىدا ئىككى كارتون فىلىم ئىشلەش پىلانلىغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئىككى فىلىمنى ئىشلەپ پۈتتۈرۈش نىشان قىلىنىدۇ. لېكىن فىلىم ئىشلەش پەقەت مېنىڭ تەتىل ۋاقتمدىلا كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، يازلىق تەتىلدە بىر ئاي،قىشلىق تەتىلدە بىر ئاي بولۇپ جەمئىي بىر فىلىم ئىشلەشكە ئىككى ئاي ۋاقىت كېتىدۇ.قىشقا فىلىم ئىشلەشنى ئاسان دەپ بىلىدىغان كارتون ھەۋەسكارلىرى كۆپ بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ھەقىقىي سەۋىيىدىكى قىسقا كارتون فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشىش ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.شۇڭا ئىككى ئاي ئىچىدە بىر ياقتىن ئۆگىتىپ، بىر يارقتىن ئىشلەش ئۈچۈن ماڭا چۈشىدىغان بېسىممۇ ئىنتايىن زور.لېكىن بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە نۇرغۇنلىغان ئىشلاردا قۇربانلىق بېرىشتىن باش تارتىشقا بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەن ئۆزۈم بىر چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش خىراجىتىمنى ئارانلا قامداپ كېتىۋاتقان ھالەتتە.بەلكىم چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان تونۇشلىرى ۋە قېرىنداشلىرى بارلار بۇنى ئاڭلىغان بولۇشى ياكى چۈشىنىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ تېخى بارلىققا كەلمىگەن ۋە تەرەققىي قىلمىغان بۇ ساھە ئۈستىدە تەتقىقات ياردەم پۇلى ئېلىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى نۇرغۇن يەرلەرگە ئىلتىماس قىلىپ رەت قىلىنغانلىقتىن چۈشەندىم. بۇ فىلىمنىڭ ئىقتىسادى قىممەت يارىتىش ياراتماسلىقى ئىشلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى نەتىجە ۋە باھالاشقا بېرىپ تاقىلىدىغان بولغاچقا،مەبلەخ ۋە دەسمى سېلىپ ئۇنىڭ ئىقتىسادى قىممىتىدىن نەپ ئېلىش مۇمكىنچىلىكى قىسقا مۇددەت ئىچىدە  ئەمەلگە ئېشىشى تەس.تېخى ھەقىقىي سانائەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىگەنلىكىدىن سىرت،تۇراقلىق ساھە بولۇپ شەكىنلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئكەم دېگەندە ئالدىنقى بەش يىللىق پىلاننى تۈزۈش ئارقىلىق قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.  شۇڭا يۇقىرى ئىش ھەققىي بېرىپ ئىشلىتىش شارائىتىنى بەلكىم ھازىرلاپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەمما توغرا بولغان بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى ئۆگىتىپ ۋە يەتكۈزۈپ، ئۇيغۇر كارتونچىلىقىغا يېڭى قەدەم ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان كىشىلىرىمىزگە مەيدان ھازىرلاپ بېرىش مېنىڭ قولۇمدىن ھازىر كېلىدىغان بىردىنبىر ئىش دەپ ئويلايمەن.ئەمما فىلىم ئىشلەشكە قاتناشقان ھەربىر كىشىنىڭ ئەمگەك مىۋىسىنى قەدىرلەش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچۇم.شۇڭا بۇ گۇرۇپپىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان دوستلىرىمىزنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ھەمدە مۇشۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىپ ،ئۇيغۇر كارتون فىلىمچىلىقى ئۈچۈن تۇنجى يېڭى يولنى ئېچىشقا مەن بېلەن تەڭ كۆرەش قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
----------------------------------------------------------------------------------


ئىرپانجاننىڭ بۇ ئىرادىسى مېنى تەسىرلەندۈردى. ھەقىقەتەن بۇنداق يېڭى ساھەدە قۇربانلىق بەرمەي ئامال يوق. مېنىڭچە بىز بۇ ئىشقا ئىئانە توپلىساقمۇ بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. بىر ئىشنى ھوجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرەر نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاندىن شۇنىڭ مېۋىسىدە ئىقتىسادى قىممەت ياراتقىنى بولىدۇ.ھەقىقەتەن بىز قوللىمىساق قەتئىي بولمايدىكەن. يېقىننى ئەمەس يىراقنى كۆزلەش كېرەكتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 630
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4663
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:29:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ شۇنداق تىزىملاتقۇم باتتى ،ئەپسۇس سەۋيەم يەتمەيدىكەن ، مىنىڭچە بۇ قوللاشقا تېگىشلىك ئىش بوپتۇ.

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93039
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 10:50:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭمۇ شۇنداق تىزىملاتقۇم باتتى لىكىن مىنىڭمۇ سەۋىيەم يەتمەيدىكەن

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10319
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2997 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 11:03:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە بۇ  جەھەتتىكى قابىليىتىم بولمىسىمۇ قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلىمەن ، بۇ خەۋەرنى تارقىتىشىپ بىرەي ، ئۇتۇق قازنىشىڭلارغا ئىشىنىمەن

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4225
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20135
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1660 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 11:35:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوللايمىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 12:09:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي مەنمۇ  بەك قىزقاتتىم ھەم ئاۋۇ تەلەپلەرگىمۇ چۈشەركەنمەن   لىكىن  شۇ شارائىت قاملاشمىغىدەك

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 12:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rasim sizix ming aztula talantimmu batti xu ukwatmahn amasmu haiiii.bolmisa hili kizkixim ba disa.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89660
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-1-6
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 12:50:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11128
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2783 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 01:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Rocky يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 12:50 PM
قارلۇقتا ئوقۇغان بالىلارنى قۇبۇل قىلسىڭىز ياخشى بۇلام ...

ئۇلار نىسى ئىشقا ئۇنارمۇ ؟

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 34280
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 01:05:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ قوللاش يۈزىسىدىن بۇ خەۋەرنى باشقىلارغىمۇ يوللاپ قۇياي.قولىمدىن كىلىدىغىنى مۇشۇ ئوخشايدۇ ۋاقتىنچە

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ZIYAN + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش