بېكىنمە گىگانىت ئادەم
كىچىك چېغىمدا يۇرتۇمدىكى مەكتەپنىڭ سىرتىدا تۇيۇقىسزلا چوڭ تاماكا زاۋۇتى قۇرۇلدى ،ماركىسى پۈتۈن جۇڭگوغا داڭلىق ئىدى ،بىراق زاۋۇتتىن چىقىۋاتقان پۇراق بۇرنىمىزغا ئۇرۇلۇپ ئۆپكىمىزنى ئوت قىلىۋېتەتتى ،بىز ھەركۈنى قىزىل گالىستۇك بىلەن بۇرۇنىمىزنى ئىتىۋېلىپ مەيداندا يۈگۈرەيتتۇق ،مۇئەللىم : ۋەتەننىڭ قۇرۇلىشىنى ھىمايە قىلىشمىز كېرەك ،بۇنچىلىك پۇراق نىمىتتى، ئىنقىلابى قۇربان رېنچىيو شۇنچە قيىىن شارائىىتتا ۋايسىمىغان دەيتتى .بىز مۇئەللىمنىڭ دىگىنىنىڭ ئاساسى باردەك ھىس قىلاتتۇق ، ھەركۈنى بۇرنىمىزنى ئىتىۋېلىپ ئالغا قاراپ ئىلگىرلەيتتتۇق ، قىزىل گالىستۇك قەھرىمانلارنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغان ، سەبىلەرنىڭ ئۆپكىسى تاماكا ئىسىدا قارايغان .
ئۇ ۋاقىتلاردا ۋەتەننىڭ قۇرۇلۇشىنى ھىمايە قىلماسلىق بىر چوڭ خاتالىق ھىساپلىناتتى . كۇچىلىرىمىز ئاستا -ئاستا زاۋۇتلارغا ئايلاندى، يۇرتىمىز كانلارغا ئۆزگەردى ، بىز ئاستا- ئاستاتۇرمۇشىمىزغا ئىگە بۇلۇش ھوقوقۇمىزدىن مەھروم بولدۇق ،خۇددى بىز ئۇنداق ھوقوققا ئەزەلدىن ئىگە بۇلۇپ باقمىغاندەكلا. ئۇزۇن يىللاردىن يۇيان ۋەتەن قۇرۇلۇشىنى ھىمايە قىلىش دىگەن شۇئار بىزنىڭ تۇرمۇشقا ئىگە بۇلۇش ھوقوقۇمىزنى ئوغرىلاپ ئەكەتتى ،خۇددى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئازراقمۇ بىلمەسلىك بەك غەلىتىدك ، مەن بۇرۇن غەرب قىسمىدا قۇرلۇش ئالدىدا تۇرغان خېمىيە بازىسىنىدىن ئۆتكەن ئىدىم . سەپەرۋەرلىك شۇئارى-- خېمىيە سانائىتىنى ھىمايە قىلىش يۇكسەكلىك ، ۋەتەننىڭ ئىشىلىرىغا قارشىلىق نۇمۇس دەپ يېزىلغان ئىدى. يەرلىك خەلىقلەر ئەرز قىلغان ،شاۋقۇن سۈرەن قىلغان ،بىراق دۇمبالانغان . بىر كادىر ئېغىر تىنىپ : قارا ،ھازىر ئامما شۇنداق شەخسىيەتچى ،پەن تېخنىكىنى ئۇقمايدۇ ،بۇ تۈر ئۇلار ئۈچۈن ياخشى دىگەن ئىدى ،مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئۇنىڭ ھېسىياتى گويا بىر باتۇرنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم .
ۋەتەن قۇرۇلۇشىنى ھىمايە قىلىش ئالىجاناپ نامى بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەركىن تاللىشىمىزغا دەخلى تەرۇز قىلماقتا ، سىز ئالىجاناپلىق نامى بىلەن ، ۋەتەننىڭ نامى بىلەن يانچۇقىڭىزنى توشقۇزماسىلىغىڭىز كېرەك ،ۋەتەن قۇرۇلۇشىنى ھىمايە قىلشى دىگەن ئۇقۇمنى ئايىڭلاشتۇرۋېلىشمىز كېرەك .منىڭچە كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداش ئەڭ مۇھىم بولغان ۋەتەن قۇرۇلۇشىنى ھىمايە قىلشىتۇر .ئەمەلدارلارنىڭ ئۆكتەملىگىنىڭ ئالدىى ئېلىش كېرەك .ئەگەر سىزنىڭ قۇرۇش خىيالىڭىز بۇلۇپ بىزنىڭ قۇرماسلىق ھوقوقۇمىزنىڭ بۇلۇشى -ئەڭ ياخشى ۋەتەن قۇرۇلۇشىدۇر .
بىراق ئاممىۋى قۇرۇلۇش شەخسىنىڭ مەنپەتىگە تاقاشقاندا شۇ شەخىس بىلەن كېڭشىىش كېرەك ئەجىبا مۇشۇنچىلىك ئاددىى قائىدنى چۈشۈنۈش شۇنچىلىك تەسمۇ ؟ جۇڭگوچە ھوقوق بەك ھاكاۋۇر،بەك يالغۇز ،ئۇ ئېغىر بېكىنمە كىسىلىگە گىرىپتار بولغان گىگانىت ئادەمگە ئوخشايدۇ ،جەمىيىەت بىلەن پىكىر ئالماشتىۇرشنى ئۇقمايدىغان ،جەميىەتنى ياردەم قىلغۇزىدىغان گىگانىت ئادەم ، ئۇ ناھايىتى كۈچلۇك .ئاۋام خەلق ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدۇ .بىر نەچچە كۈن بۇرۇن چېڭدۇلۇق بىر ئەمەلدار بىلەن يولۇقۇپ قالدىم .ئۇ ئوھسىنىپ :ئۆتكەن يىلى سايلامغا قاتنىشىدىڭ بىزنىڭ بارلىق بۈلۈمدىكىلەر قورقۇپ كەتتۇق دىدى .مەن ئۇنىڭدىن : سىلەر نىمىدىن قورقىسىلەر ،مەن كۇچىغا چىقپ ئادەم توپلىمدىم ، يا شۇئار ئاسمىدىم ،شۇ ئاھالىلار كومتىتى ئۈچۈن مەكتەپ ماشىنسى ،قېرىغانلارنى بېقىش قاتارلىق ئشىلارنى بىجىرپەدىم دىسەم ئۇ : بىزسىنىڭ بۈگۈن نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىغىڭنى بىلىمىز ،بىراق سېنىڭ ئەتە نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىڭنى بىلمەيمىز دىدى .
مەن ئويلىنىۋېلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق دىدىم : ئەمىليەتتە ،ئاۋام خەلق ھۆكۈمەتكە مۇشۇنداق كۆز قاراشتا بولىدۇ.
ئاڭلىماققا سوغۇق كۈلكىلىك پاراڭداك بىلىنىدۇ ،شىيامىن ،دالىيەن ،چىڭداۋ ،چىدۇڭ ،نىڭبو ...قاتارلىق شەھەرلەردىكى ئەمەلدارلار ھاكاۋۇر ۋە بېكىنمە .ئۇلار 63 يىل بۇرۇنقى كېڭىشىش دىگەن ۋەدىنامىسىنى ئۇنتۇپ قالغان چېغى
ھەركۈنى كېچىدىكى سائەت 7دىكى ئۇيۇن پىروگراممسىدىن باشقا ئۇلار ئاۋام خەلق بىلەن بىر يولدىكى ئادەملەر.
ھەربىر قېتىملىق ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش قانۇنىيىتى مۇنداق : ھۆكۈمەت تەرەپ تۈرنى جىمجىتقىنە باشلايدۇ .ئاز ساندىكى شەخىسلەر بايقاپ قالىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن ھۈكۈمەتنىڭ كارى بولمايدۇ ، تېخىمۇ جىق كىشىلەر كۇچىغا چىقىدۇ ،ھۈكۈمەت تەرەپ ئۇرىدۇ ،قامايدۇ ، مىكروبىلوگ ۋەقەنى تارقىتىدۇ پۈتۈن جۇڭگو غەزەپلىندۇ ،ئاندىن ھۆكۈمەت « سەۋىرچانلىق بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ گىپىنى ئاڭلايدىغانقىنى ،ئاۋام خەلقنىڭ ئەرزىنى ئويلىشىدىغانلىقنى بىلدۈرىدۇ .مەن ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ نىمىشقا «سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاش،ئەرىز « دىگەن سۆزلەرنى ئىشلتىشكە ئامراقلىغا ئەجەپلىنىمەن .سىنىڭ نەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە سەۋىرچانلىق بىلەن ئاڭلاش سالاھيىتىڭ بولىدۇ ؟سەن كەمتەرلىك بىلەن يۇقىرىغا دوكلات قىلشىڭ كېرك .ئاۋام خەلىقنىڭ ئەرزى -مەبلەغ سالغۇچىنىڭ تەلىپىدۇر .
پىېكىس تۈرى مۇتەخەسىسلەرنىڭ چۈشنەندۈرىشىچە ناھايىتى بىخەتەركەن ،خەلقارادىمۇ بىخەتەر ،ياپۇندا ئاۋام خەلق بىلەن بىركۇچا ئارلىق بار ،دىيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،يۇ يەردە كۆۋرۈك سالسا يانتۇ بولىدۇ
كۆپچىلىك ساڭا ئىشىنىدۇ.بىراق ئۇنچىۋالا جىق ۋاقىتلىق ئىشچىلارغا ئىشەنمەيدۇ
ئاۋام خەلق بۇ دۈلەتنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كانغا ،خېمىيەلىك زاۋۇتقا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدۇ ..مەسىلە مۇھىت مەىسلىسىلا ئەمەس ،چەكلىمىسى يوق ھوقوق ۋە لۈسىس ئىفېكتىدىن ئىبارەت .لۇسىس جەننەتتىكى ئورنى ئەڭ ئالى پەرشتەكەندۇق .ئۇ ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەيدىكەن ،ئاخىرى ئۇ پەلەكتىكى 3دىن بىرقىسىم پەرشىتىلەرنى باشلاپ قارشىلىق كۆرستىش مۇقەددەس جېڭىنى باشلاپتۇ ،كېيىن چۈشكۈنلىشىپ شەيتانغا ئايلىنىپ كىتىپتۇ.بىزنىڭ ئەمەلدارلىرىمىز ئۆزىنى ھەقىقەتنىڭ ۋەكىل دەپ قارايدۇ بىزنىڭ جېڭىمىز مۇقەددەس ، ۋەكىللىك قىلىدىغنىمىز ئەڭ كەڭ خەلق مەنپەتى دەيدۇ .ئەڭ ئاخىرىدا بۇلاپ -تالاش ئېچىپ پايدىلىنىشقائۆزگىرەيدۇ، ئوغرىنىڭ ئىسمى پەرىشتە بۇلۇپ قالىدۇ .بۇ بېشىنى كۈتەرسىلا خەلق دەيدىغان جۇمھۇرىيەت ھەربىر شەھەر ،يېزىدا خەلقنىڭ تۇرمۇش ئۇسولىغا ئىگە بۇلۇش ھوقوقىغا يول قويمايدۇ،پەقەت رەھبەرلەرنىڭ پىلانلىشىغا يول قويىدۇ ،پىلان بۇيىچە ئۈسۈشكىلا روخسەت قىلىدۇ .پەقەت خەۋەر كۈرىشكىلا ،بىر باللىق بۇلۇشقىلا يول قويىدۇ . پىېكىس تۈرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە
ۋاڭشىياۋبونىڭ قەلىمى ئاستىىدىكى شەرقى ياۋرۇپا دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى چوشقىلىرىنىڭ تاللاش ھوقوقى يوق .
بىراق ئادەم دىگەن چوشقا ئەمەس . ئېچىنىشلىقى ھازىر بۇنداق ھوقوقنى چەكلەيدىغان ھېچقانداق تۈزۈلمە يوق .بۇنداق تۈزۈلمىنىڭ ئۆزى بىر تەرەپتىن مۇما ۋىروسى ئىشلەپچىقارسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ياماق ئىشلەپ چىقىرىدۇ ،ياماق تېخىمۇ چوڭ ۋىروس ،تېخىمۇ چوڭ ياماققا ئېھتىياجلىق بولىدۇ .
بۇرۇن بىر «ئادەم يەيدىغان بېلىق« دەپ كىنو بولىدىغان ،ئۇنىڭدا بىر ئىقىتىسادى كىرسىزتىن ئەسلىگە كەلگەن بىر يېزا تەسۋىرلىنىدۇ ،بۇ يېزىنىڭ بېلىقچىلىق سانائىتىنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ،خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ .ئىنسانلار ئۆستۈرگەن ھورموننى كۆلگە تۈكۈۋېتىدۇ ،،يەرلىك كشىلەر ھوسول ئۈمىدىگە تولغاندا ،بۇ بېلىقلار گۆشخور بېلىقلارغا ئۆزگىرەيدۇ، ھورموننىڭ تەسىرىدە ،قارا بېلىق غايەت زور ھايۋانغا ئايلىنىدۇ ،يىرتقۇچلارچە ئالدىغا كەلگەن بارلىق نەرسىنى يۇتىۋېتىدۇ ،ۋە قۇرۇقلۇقتا ئوۋلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ ،كۆلدە يمەكلىك قالمىغاندا ،قۇرۇقلۇققا چىقىپ يىمەكلىك ئىزدەيدۇ ،ھايۋان ،سەي كۆكتات ،ئادەم قاتارلىقلار ئۇنىڭ ئوزوقلۇقىغا ئايلىندۇ .
بۇنداق كىنونى جۇڭگولۇقلار ئىشلىيەلمەيدۇ ، ئىشلەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق كىشىلەر قەلبىدىكى غەلىتە مەخلوق قىرغاققا ياماشماقتا ،بۇنداق ئىشلار نىڭبودا چەكلىنىپ قالمايدۇ .پۈتۈن دۆلەت ئىقتىسادى قىيىنچىلىقىتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئالدىرماقتا .
。 مېنىڭ نادانلىققا ياردەم بېرىدىغان سالاھىيەت يوق ، مەن بۇ ئىشلارنى قالايمىقانچىلىك ۋەقەسى دەپمۇ قارىمايمەن. بۇلار پەقەت ئاۋام خەلىقنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا بولغان سۆز قىلىش ئەركىنلىكى ، سۆز قىلىش ئەركىنلىكىنى خۇپىڭ ئەپەندى ياخشى چۈشەندۈرگەن .ئەڭ ئاخىرقى تەكلىۋىم --بىر دۆلەتتە سۆزقىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بۇلۇش بولماسلىقى ھوقوقدارلارنىڭ ئاڭلاشقا ئۇنىغانلىقى ۋە تەنقىدكە سەۋىر قىلغانلىقىدا ئەمەس ،بەلكى ئۇلارنىڭ قارشى پكىردىكى شەخىسلەرنى جازالاش ھوقوقۇنىڭ يوقلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ .
بېكىنمە گىگانىت ئادەم ،ئەگەر سەن تاللاش ھوقوقۇنى ئاۋام خەلققە قايتۇرۇپ بەرسەڭ سېنىڭ ئىىززەت ھۆرمىتىڭ تېخىمۇ ئاشىدۇ .
مەنبە:http://blog.sina.com.cn/s/blog_46e7ba410102e7ia.html
ئەسەرنى يازغۇچى جۇڭگودىكى بىرىنچى بىلوگنىڭ ئىگىسى لىچېڭپېڭ .ئۇنىڭ «پۈتۈن دۇنيا خەلقى ھەممىسى بىلىدۇ « دىگەن بازارلىق كىتاۋى بار ،ئۇ بىر ئۇچۇم قەدىر قىممىتى ،ئىززەت ھۆرمىتى يوق كىشىلەر كۈچلۈك دۆلەتنى بەرپا قىلالمايدۇ دەپ قارايدۇ .ئۇ دۇنيانى ،ۋەتەننى تۇرمۇشىنى قىزغىن سۈيىدۇ،ھەربىر كىشنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى بۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇ ئاممىۋى زىيالى ،ئوبزورچى ،داڭلىق پۇتبول مۇخبىرى.
ئۇ شىنجاڭنىڭ قۇمۇل شەھىرىدە تۇغۇلغان
ئۇنىڭغا ئائىت ماتىرياللار
http://baike.baidu.com/view/9929664.htm
http://blog.sina.com.cn/s/articlelist_1189591617_0_1.html
يۇقارقى ماقالدىكى كۆز قاراشلار ئاپتورغىلا ۋەكىلىلك قىلىدۇ .مەن ياخشى تەرجىمە قىلالمىدىم ،بەزى جايلارنى تاشىلىۋەتتىم .ئوقۇرمەنلەر خەنزۇچىىسنى ئوقۇپباقسا بولىدۇ ،خاتا جايلىرى بولسا كەمىنە تۆۋەنچىلىك بىلەن كۆرسىتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن .ئاخىرىدا چېكىدن ئاشقان ئىنكاس يازماسىلىغىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا eternal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-30 09:17 PM