مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4160|ئىنكاس: 72

قاسىم سىدىق:ئىلىم دۇنياسىدىكى"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدورلاش" [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 08:58:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىلىم دۇنياسىدىكى"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدورلاش"


قاسىم سىدىق


بىز ئادەتتە ئىلىم-پەن ساھەسى باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا ھەقىقەتكە بەكرەك يېقىنلاشقان بولىدۇ،ئوبىكتىپ پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارايمىز. لىكىن ،ئەمەليەتتە ئىلىم-پەن دۇنياسىدا بىلىپ - بىلمەي ئۇزىمۇ "كولدۇرلاپ"قالىدىغان،باشقىلارنىمۇ "كولدۇرلىتىدىغان"ئىشلار ئاز ئەمەس.بىلىشتىكى تارىخى چەكلىمىلەر نۇقتىسىدىن ئىتقاندا ھەتتا پۇتكۇل پەن تارىخىنى "كولدۇرلىتىش"ۋە "كولدۇرلاش"تارىخى دىسەك خاتالاشقان بولمايمىز.ھەرقىتىمقى ئىلىم-پەن ئىنقىلاۋى مەلۇم مەنىدە"كولدۇرلىتىش"قارشى جەڭ ئېلان قىلىش،"كولدۇرلىماسلىق" بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن ،ئىنسانىيەت تاكى گالىلىغىچە ئارىستوتىلنىڭ "ئېغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە بۇرۇن چۈشىدۇ"دىگەن قارىشى تەرىپىدىن "كولدۇرلىتىلدى".نۇۋەتتە دارۋىن ئۇزىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ "كولدۇرلاتتى"دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بۇ تىپتىكى "كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش"لاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەك.نۇۋەتتە شەرىتلىك ھالدا ئارىستوتىل ۋە دارۋىن ئىدىيىلىرىنى قوللايدىغان تەتقىقات ۋە كۇزۆتۆش نەتىجىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىغىمۇ پاكىت.

لىكىن،كىشى قوبۇل قىلالمايدىغان بىر خىل"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش"بار.ئۇ بولسىمۇ بىر شەخىس،بىر نەزەريەۋە شۇ شەخىس ،شۇنەزەريە ئوتتۇرىغا قويغان  قاراشلار ئىچىدىكى مەنتىقىسىزلىق تەرىپىدىن"كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش"تىن ئىبارەت.مەن بۇ تەشەببۇسۇمغا تۇۋەندىكىلەرنى پاكىت قىلىپ كۇرسىتىمەن:

"يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ ئۇزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"ئاساسىدىكى "كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش"


1.تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ھەقىقى بوشلۇقتا يورۇقلۇق تىزلىگى ئۇزگەرمەيدۇ،دەپ قارايدۇ.لىكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە نىسبىلىك نەزەريىسى ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.ئېينىشتېيىن مانا مۇشۇنداق"كولدۇرلىغان" بىزمۇ ھازىرغىچە"كولدۇرلاپ"كەلمەكتىمىز.ئەقەللى لوگىكىلىق مىڭىگە ئىگە بىر ئادەم يۇقۇرقى شەرت ۋە ھۇكۇم مۇناسىۋەتلىرىدىكى زىدىيەتنى كۇرۇپ ئالالايدۇ.

2.نىسبىلىك نەزەريىسى"ھەرقانداق تىزلىك يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئاشمايدۇ"دەپ قارايدۇ.ئەگەر يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ئىشىپ كەتكىلى بولسا ئۇتمۇشكە بىرىپ بۇۋىڭىزدىن بۇرۇن توغۇلۇپ قالىسىز.بەلكىم مۇمىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئېلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دۇنياسىدا ئەڭ بازار تاپقان "كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش".مۇمكىن بولمايدىغان بىر رىياللىقنى شەرىت قىلىپ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرئۇستىدە ھۇكۇم چىقىرىش زامانىمىزغا خاس تىپىك "كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش".

3.نۇۋەتتە يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقىرى تىزلىكنىڭ مەۋجۇتلىكى ئىسپاتلىنىپ بولدى.لىكىن، ئېينىشتېيىننىڭ نۇپۇزى تۇپەيلىدىن ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بولسا كېرەك"يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئاشىدىغان تىزلىك يوق"دىگەن كۇنا ئىدىيەتەرىپىدىن "كولدۇرلاپ"كىلىۋاتىمىز.خۇددى"كولدۇرلاش"قا خۇمار بولۇپ قالغاندەك،ھەممەيلەن دىگۇدەك،ئوتتۇرا ۋە ئالى مائارىپمۇ"كولدۇرلاۋاتىدۇ"!.مائارىپ،يېڭى نەتىجىلەرگە سەزگۇر بولمىسا،جىددى قارىمىسا،ئىجادى تەپەككۇرنى قۇزغىتىدىغان لايىھە بويىچە ئىسلاھ  قىلىنمىسا،ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەلمەي كولدۇرلىغىنى كولدۇرلىغان.جۇڭگۇ زىيالىلىرىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ھەقىقىدە شۇنچە كۇپ ئىنكاسلاردا بولىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرسى مۇشۇ!.

"كولدۇرلىتىش"تىپىدىكى مائارىپ رايىش تالىپلارنى تۇركۇملەپ يىتىشتۇرۇپ چىققىنى بىلەن,جاسارەتلىك ئىلىم-پەن ئىختىراچىلىرىنى يىتىشتۇرۇپ چىقالمايدۇ. بۇ جۇڭگۇ زىيالىلىرىنى ھەسرەت چەككۆزىۋاتقان رىياللىق ۋە پاكىت!.

«ماكان -ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»ئىدىيىسى تەرىپىدىن «كولدۇرلاش»ۋە«كولدۇرلىتىش»


«ماكان -ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى» _ مانا بۇ ،ئېينىشتېيىننىمۇ،ئىنسانىيەتنىمۇ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇ يان كولدۇرلىتىۋاتقان ئىدىيەلەرنىڭ بىرى.
ئېينىشتېيىن يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۇزگەرمەسلىك پىرىنسىپىنى تۇرغۇزغاندا ھەقىقى بوشلۇققا مۇھتاج بولىدۇ.ھالبۇكى «ماكان»غا ئىنىقلىما بەرگەندە بۇ ھەقىقى بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.

"غەيرى نۇقتا"نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەھسۇلى،بۇ قاراش توغرا دەپ قارالسا ،ئالەمدىكى ماددىنىڭ ھەجىمى تۇراقلىق ۋە كىچىك بولىشى كېرەك.«ماكان _ ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دىگەن بۇ ئىدىيە بىلەن «غەيرى نۇقتا»ئىدىيىسى زىدىيەتلىك.مانا بۇ بىزنى كولدۇرلىتىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى.

ھازىر ئىلىم-پەن ئالەمدە غايەت زور ۋاكوئۇم ھالەتنىڭ ھالەتنىڭ مەۋجۇتلىگىنى بايقىدى ۋە ئىتراپ قىلىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق«ماكان _ ماددىنىڭ سوزولۇشچانلىغى»دىگەن بۇ ئىدىيە تەرىپىدىن كولدۇرلىتىلىۋاتىمىز!.

«ئالەمدە ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان ماددىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق»دەيدىغان بۇنداق «پان ماددىچىلىق»ئىدىيىسى بۇ خىل «كولدۇرلىتىش»ئوپىراسىنىڭ باش رىجىسورى.غەرىپنىڭ بۇ ئوپىرادىن رايى يېنىپ كەتتى.جوڭگۇ، شۇنداقلا ئىخلاسمەن ئۇيغۇرلار يەنىلا بۇ ئوپىرادا مەمنۇنىيەت بىلەن رول ئالماقتا. بىز قانچە كولدۇرلىساق باشقىلار شۇنچە نەپ ئالىدۇ.سەۋەپ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىدىن ئالدىن بەھىر ئالىدىغانلارۋە تەشەببۇسكارلار ئەزەلدىن ئىلىم-پەن ئالدىنقى سىپىدىكىلەر بولۇپ كەلگەن!.

«كولدۇرلىتىش»ۋە «كولدۇرلاش»قا تەبىئى پەن ساھەسىدىن ئاز بولمىغان مىساللارنى تاپقىنى بولىدىكەن .مەن يالغۇز يېزىپ چىقاي دىسەممۇ ھېرىپ قالغىدەكمەن.سىز قانداق مىساللارنى كۇرسىتەلەيسىز.مەن ئۇزەممۇ «كولدۇرلاپ»ھەم باشقىلارنى كولدۇرلىتىۋاتقاندىمەنمۇ؟!.

32013.4.28

光速- 维基百科,自由的百科全书
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 10:07 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 469
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 11:32:50 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممىسى ئاقماس گەپلەكەنغۇ نىمدەيدىكى دەپ كىرىپ تىمەن  بۇ دۇنيانىڭ قانۇننىيتىنى ھىچكىم ئوزگەرتەلمەيدۇ.
ئىسان ھەقانچە تەرەققى قىغان ھالەتتىمۇ ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگەن تەرەققىياتلاردىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇ.
شەك شۈبىسىزكى ئەمەلگە ئاشمايدۇ .
مۇشۇ تىمدا تىلغا ئىلىنغان نىڭ ھەممىسى كۇلدىرلىتىشمۇ قانداق  نۇر تىزلكىدىن ئىشىپ كەتكىلى بۇسا سىز مۇمڭىزنى ئەمرىڭزگە ئەپقىلشىڭز مۇمكىن دىگەن گەپ بەك ئىشىپ كىتىپتۇ  ھەددىدىن زىيادە كولدۇلاتما گەپ بۇپتۇ بۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 11:37:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«ئىلىم پەن مەڭگۈلۈك، ياكى بېكىپ كەتكەن ئۆزگەرمەس نۇقتىينەزەرلەر ئەمەس، بەلكى ئۇ ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۈگۈنى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆزگەرمەس قانۇنىيەت دەپ قارالغان ھادىسىلەر ئەتىسلا باشقىچە يەكۈن بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ؛ بۈگۈن ھەقىقەت دەپ قارالغان ئىلمىي نەتىجىلەر ئەتىسىلا باتىلغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىمۇ پەرىشانلىق، ئەنسىزلىك، ياكى پىسخىكىلىق ئازاپلارغا چۆمگەن ھالدا ياشايدۇ.»
                          
                    _________________ مۇھەممەد قۇتۇب:«خاتا چۈشىنىلگەن ئىسلام» بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 11:38 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:15:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abduwayt يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 11:32 AM
ھەممىسى ئاقماس گەپلەكەنغۇ نىمدەيدىكى دەپ كىرىپ تىمەن   ...

ئەپەندىم،ھازىر مەكتەپلەردە دىيىلىۋاتقان،بالا-چاقىلىرىڭىز ئۇقۇۋاتقان،بىزنىڭ مىڭىمىزگە قۇيۇلغان گەپلەر ئۇستىدىكى «غەيۋەت»كەن بۇ.سىز نىمىگە خاپا بولۇپ كەتتىڭىز؟.مۇشۇ يازمىدىكى تەنقىدى پۇزىتسىيەنى خاتا دەپمۇ ياكى يازمىدا كۇرسىتىلگەن ئىشلارنى توغرا دەپمۇ؟.

ھېچكىم،قانۇنىيەتنى ئۇزگەرتىمەن دىمەيدۇ.ھەتتا دىنسىزلارمۇ!،پەقەت قانۇنىيەتنى ئىگەللەپ ئونىڭدىن پايدىلىنمەن ،(مەسىلەن:كومپىيۇتىرلارنى ياساپ،  خەت يېزىپ ئۇچۇر تارقىتىمەن)دەيدۇ.بۇنىڭغا قۇرئاندىمۇ يول قويۇلغان،چاقىرىق قىلىنغانغۇ دەيمەن؟!.تېما نەدە،سىلەرنىڭ گىپىڭلار نەدە؟!.

«مۇمىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئىلىپ قېلىش»تەك گەپلەر بۇ ئاپتۇرنىڭ گىپى ئەمەس،نىسبىلىك نەزەريىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەقسىدىدە يېزىلغان نۇرغۇن پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كىتاپلىرىدا،ھەتتا دەرىس مۇنبەرلىرىدە ئۇچرايدىغان،كىنۇلار ئىشلەنگەن گەپلەر.بۇ تېمىنىڭ ئاپتۇرى شۇنداق گەپلەرنى تەنقىتلەپتۇ،شۇنىمۇ بىلەلمىدىڭىزما؟!. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 01:51 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaisar809 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86505
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 786
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-10-26
ئاخىرقى: 2013-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:17:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىملارمۇ ؟بىر-بىرسىنى كولدۇرلىتىپ ئوينامدۇ؟؟
مەنمۇ خەقلەرنى بەك كولدۇرلىتىمەن،بەزىدە بىلىپ بىلمەي  ئوزەممۇ  باشقىلار تەرپىدىن كولدۇرلىتىلىمەن،،،،

مىنى ساراڭ دىگەنلەر ئوزى ساراڭ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەھزۇن يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 11:37 AM
«ئىلىم پەن مەڭگۈلۈك، ياكى بېكىپ كەتكەن ئۆزگەرمەس نۇقت ...

توغرا گەپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tatti-patti يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 12:17 PM
ئالىملارمۇ ؟بىر-بىرسىنى كولدۇرلىتىپ ئوينامدۇ؟؟
مەنمۇ  ...

تولا ھاللاردابىلىپ- بىلمەي كولدۇرلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 765
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32709
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 424 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 12:52:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2013-4-30 12:15 PM
ئەپەندىم،ھازىر مەكتەپلەردە دىيىلىۋاتقان،بالا-چاقىلى ...

تەپەككۇرىڭىز كۈچلۈككەن،ماختاشقا تېگىشلىك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95280
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2013-4-23
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 01:43:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ئالىملارمۇ كولدۇرلاۋېتىپتۇ دە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 3656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14435
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3724 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 01:48:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
"ئىجتىمائى پەن"نىڭ گىپىنىغۇ قويۇپ تۇرايلى.مۇشۇ تەبىئى پەندىكى«كولدۇرلاش»،"كولدورلىتىش"قا ئادەمنىڭ ئىچى بەك پۇشۇدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-30 01:49 PM  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش