قوشنىلار
(مۇنبەردىشىم شامالنىڭ ھېكايىسىگە يانداشما )
ئختىيارسىز كۆرىشىدۇ قوشنىلار
بىر ناننى تەڭ بۆلىشىدۇ قوشنىلار ،
يىقىلغاننى يۆلىشىدۇ قوشنىلار ،
چوڭ ئىشلاردا ئۆملىشىدۇ قوشنىلار.
يامغۇر يېشىن ، ھاۋا تۇتۇق دىمەيدۇ ،
يىڭنە چاغلىق يات ھەققىنى يىمەيدۇ .
كىچىك پېئىل ، كەمچىللىكنى كۆرمەيدۇ.
بىر تاۋۇزنى بۆلىشىدۇ قوشنىلار .
سالام سائەت قىلىشىدۇ ئېرىنمەي ،
تار كوچىدا مېڭىشىدۇ كېرىلمەي .
ۋەدىلىشەر يات ھەۋەسكە بېرىلمەي ،
سىناقلاردا بىرلىشىدۇ قوشنىلار.
ياغاچ قۇلاق توخو- تۇمان باقمايدۇ ،
ئېرىقلاردا ئەخلەت - يۇندا ئاقمايدۇ .
<ئوموم > دەيدۇ ، نەرسە - كېرەك ساتمايدۇ.
بەخت - ئامەت تىلىشىدۇ قوشنىلار .
خېمىرتۇرۇچ سوراپ كىرەر بالىلار ،
دەرۋازىدىن ئۈسسۈپ كىرەر كالىلار ،
كوچىدا يوق يامان نىيەت ئالىلار ،
چۈنكى ئوبدان بىلىشىدۇ قوشنىلار.
داۋاملىشار ئاياللارنىڭ ئۆتنىسى ،
بەرىكەتلىك توي تۆكۈننىڭ پەتنۇسى ،
ئامەت تۇغار چىن تۆمۈرلەر خەتنىسى،
كۆڭۈل سىرىن بىلىشىدۇ قوشنىلار .
دوختۇر گويا چىن ئىمانلىق قارىملار ،
باش كۆتىرىپ ياشالمايدۇ زالىملار،
ئالمىشىشدۇ پولۇ ، گۆشنان، نارىنلار ،
ۋاپا ، سۆيگۈ بېرىشىدۇ قوشنىلار .
ياش بالىلار ئاۋات قىلار دوقمۇشنى ،
چوڭ بىلىدۇ مەرىپەتنى ، ئوقۇشنى ،
ئەيىپ بىلەر يۇرتۋازلىقنى ، سوقۇشنى،
مەسلەھەتتە كېلىشىدۇ قوشنىلار .
باھالايدۇ ياخشى بىلەن ياماننى ،
ئادەم قىلار قەلبى پۇچەك ساماننى ،
ئەبجەش داندا بۇلغىمايدۇ خاماننى ،
ئانا تىلنى قەدىرلەيدۇ قوشنىلار .
ئىسسىتىدۇ تېنەپ قالغان سائىلنى،
يار كوچىلار تۇغالمايدۇ خائىننى ،
يېتېشتۈرەر كۆپكە قادىر ماھىرنى،
يىللار بىلەن چىلىشىدۇ قوشنىلار .
قىزلىرىمىز شۇڭا شەرمىي - ھايالىق ،
ئىمانىدا ئەزىمەتلەر ھەم سالىھ ،
مىللىتىمىز شۇڭا يۈكسەك باھالىق ،
كىملىكىنى قەدىرلەيدۇ قوشنىلار .
بايلىرىمىز شۇڭا ھاجىم ئاتىلار ،
ساخاۋەتنى تارىخ دائىم قايتىلار ،
رىقابەت دەپ تەۋپىق روھى پارتىلار
پۇلنى دىلغا تىگىشىدۇ قوشنىلار.
تام سوقىدۇ جامائەتكە يول تاشلاپ ،
يىقىلغاننى ئېلىپ ماڭار ھاپاشلاپ،
كوچىدىكى ئېرىقلارغا سۇ باشلاپ ،
ئەخلەتلەرگە ئېڭىشىدۇ قوشنىلار .
ئەھۋال سورار پەسىللەرنى تاللىماي ،
ئاي مۈكمەيدۇ سالقىن باغنى چارلىماي ،
قوشنىلارسىز چىقماس قۇياش پارلىماي ،
چىن يۈرەكنى سۇنىشىدۇ قوشنىلار .
خاتىمە
توۋۋا ،دائىم كۆيىشىدۇ خوشنىلار ،
سوقما تامدا كۆرىشىدۇ قوشنىلار.
كېرەك ئەمەس زامانىۋىي ئنتېرنىت،
بىر كۈندە مىڭ سۆيىشىدۇ قوشنىلار !
ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن