مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5357|ئىنكاس: 40

ئاللاھ ۋە بەندە ئارىسىدىكى ئون پەردە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94936
يازما سانى: 452
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1017 سائەت
تىزىم: 2013-4-16
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 09:46:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ!




ئاللاھ ۋە بەندە ئارىسىدىكى ئون پەردە





(خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى:مەھزۇن)




ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ نامى بىلەن باشلايمەن


بارچە ھەمدۇ-سانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن، ئۇنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى، نۇرلۇق كىتابى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بولسۇن.


ئاللاھ ۋە بەندىلەر ئارىسىدا (دۇئانىڭ ئىجابەت بولماسلىقى، ئىبادەتنىڭ مەقبۇل بولماسلىقى، ياكى ياردەم ۋە مەدەتنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ) ئون پەردە بولۇپ، ئۇلار    تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەتتۇر:


بىرىنچى پەردە: ئاللاھنى تونۇماسلىق


ئاللاھنى تونۇمىغان، ئاللاھنىڭ (زاتىنىڭ ھەقىقىتىنى) بىلمىگەن كىشىدە ئاللاھنى ياخشى كۆرۈش بولمايدۇ. ئوخشاشلا، ئاللاھنى ياخشى كۆرمىگەن كىشىدىمۇ، ئاللاھنى (ھەقىقىي) تونۇش بولمايدۇ. ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە كىشىلىرى دەل ئاللاھنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزلىگەن، ئاللاھنى ياخشى كۆرگەن، ئاللاھمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرگەن كىشىلەردۇر.


ئاللاھنىڭ (زاتى ۋە مەخلۇقاتى) ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ھەقىقەتكە ئىنتىلگەن كىشىلەر ئاللاھنىڭ تىخىمۇ ياخشى كۆرۈشىگە مۇشەررەف بولىدۇ.


ئاللاھنىڭ سۆيۈملۈك پەيغەمبەرلىرىدىن بولغان شۇئەيىب ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەۋمىگە خىتاب قىلىب مۇنداق دەيدۇ:« (سىلەر) پەرۋەردىگارىڭلاردىن مەغفىرەت تەلەپ قىلىڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. مىنىڭ پەرۋەردىگارىم (تەۋبە قىلغۇچىلارغا) ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىكتۇر. ئۇلارنى دوست تۇتقۇچىدۇر.» (سۈرە ھۇد، 90-ئايەت)


كەرەملىك ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە يەنە:« (ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇش-خەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سىنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق.» (سۈرە مەريەم، 97-ئايەت)

ئەڭ خەتەرلىك (يەنى چوڭ) پەردىنىڭ ئاللاھنى تونۇماسلىق بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئىنسان كۆپىنچە ھالدا ئۆزى تونۇمىغان (يەنى چۈشەنمەيدىغان) ئوبېكىتقا دۈشمەنلىك قىلىدۇ، ياكى شۇنداق پوزىتسىيە تۇتىدۇ.


ئاللاھنى تونۇمايدىغان ئىنسان، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىدۇ.


ئاللاھنى تونۇمايدىغان ئىنسان، ئاللاھنى يامان كۆرىدۇ.


ئاللاھنى تونۇمايدىغان ئىنسان، ئاللاھنى قويۇپ شەيتانغا چوقۇنىدۇ.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئالدى بىلەن ئىنسانلارنى ئۆزىنى تونۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دەيدۇ:« بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھىچ مەئبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر-ئايال مۇئمىنلەر ئۈچۈن مەغفىرەت تىلىگىن. ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار) .» (سۈرە مۇھەممەد، 19-ئايەت)


بۇنىڭ ئاچقۇچى بولسا، ئىنساننىڭ ئاللاھنى ھەقىقىي تونۇشى ۋە (ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ يولىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە) جەزمىيەت ھاسىل قىلىشى، ئاندىن كىيىن ئاللاھتىن (گۇناھلىرىغا) مەغفىرەت تەلەپ قىلىشىدۇر.


ئىككىنچى پەردە: بىدئەت


كىمىكى بىدئەت ئىشتىن بىرنى قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بىدئەت ئىشى ئاخىرىدا ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدا بىر پەردىنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۇ بىدئەت تاكى ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگۈچە، ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىمىكى دىندا بىدئەت ئىشتىن بىرنى پەيدا قىلسا، ئۇ رەت قىلىنىدۇ » دىگەن. (بۇخارىي ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)


ئىبادەتنىڭ شەرتى ئىككى بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى تەقۋالىق، يەنى ئىبادەتنى يەككە-يىگانە ئاللاھقا خالىس قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا تەقۋادارلىق قىلىش. يەنە بىرى ئەگىشىش، يەنى بارلىق ئىبادەتلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش (يەنى ئۇ تەلىم بەرگەندەك ئىبادەت قىلىش). ناۋادا بۇ ئىككى شەرت ھازىرلانمىسا، ئۇ ھالدا ئىبادەت «ئىھسان» دەرىجىسىگە يېتىپ بارالمايدۇ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىشى تىخىمۇ مۇمكىن بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر بىدئەت يېڭىدىن پەيدا قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇ ئىبادەتنىڭ ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئاندىن بەندە ۋە ئاللاھ ئارىسىدىكى پەردە بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، بىدئەتچىلەر ئەمەللىرىنى ئاللاھنىڭ رىزالىقىنى كۆزلەپ ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شەخسىي خاھىشىغا ئەگىشىپ قىلىدۇ. ئۇ ئاللاھ ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئىرادە قىلمىغان ياكى بەلگىلىمىگەن ئىشتىن بىرنى پەيدا قىلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭ بىدئەت پەيدا قىلىشقا ئۈندىگەن شەخسىي خاھىشى ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قويىدۇ.

ياخشىلىق قىلغۇچىلارنىڭ (ياكى ياخشى ئەمەلدىن بىرنى پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ) ئەجرى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈن بولىدۇ، لىكىن بىدئەتچىلەرنىڭ گۇناھى گۇناھلىق ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ گۇناھىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.


ئۈچىنچى پەردە: ئىچكى گۇناھلار


ئىچكى گۇناھلار، ئىنساننىڭ پىسخىك خاراكتېرى ۋە مىجەز-خۇلقىدىكى چوڭ گۇناھ شەكىللەندۈرىدىغان تەرەپلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ تۈرى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك، ھاكاۋۇرلۇق، ھەسەت قىلىش، ماختانچاقلىق، رىيا، ۋە شۆھرەتپەرەسلىك قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئىنساننىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئىپادىلىنىدىغان بۇ گۇناھلار، پاھىشىۋازلىق قىلىش، ھاراق ئىچىش، ۋە ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش سىرتىقى گۇناھلاردىنمۇ خەتەرلىك ھىسابلىنىدۇ. بۇنداق ئىچكى گۇناھلار ئىنساندا پەيدا بولغاندىن كىيىنلا، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قويىدىغان پەردىگە ئايلىنىدۇ.


ئاللاھنىڭ يولىغا ئىنتىلىش ياكى مۇستەھكەم تۇرۇش (ئىرادىسى) كۆپىنچە ھاللاردا پۇت-قولنىڭ ئەمەس، بەلكى قەلىبنىڭ (يەنى قەلىبتىكى ئىچكى گۇناھلارنىڭ) سەۋەبى بىلەن سۇنىدۇ. گۇناھقا ئۈندىگۈچى قەلىب، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇپ قويىدۇ.

ئىبنى  قەييىم جەۋزى (رەھىمەھۇللاھ) مۇنداق دەيدۇ:« ئىنساننىڭ شەخسىيەتچىلىكى ئۇنىڭ ياخشى ئەمىلىدىن غالىب كېلىشى مۇمكىن، ئاندىن ئۇ ( ياخشى ئەمەل) ئۇنىڭ شەخسىيەتچىلىكىگە ياردەم بەرگۈچى كۈچكە ئايلىنىپ قالىدۇ. (يەنى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئۆزىنىڭ شەخسىيەتچى قەلبىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن، مەسىلەن شۆھرەت ئۈچۈن، نام قازىنىش ئۈچۈن، ياكى تىخىمۇ كۆپ ياخشىلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىدۇ.) ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ (يەنى شۇ ئەمەللەرگە ئۈندىگۈچى قەلىبنىڭ) قۇلى بولۇپ ياشايدۇ، ھەم دەل ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىدىن ئەڭ غاپىل ھالدا ياشايدۇ.» شۇڭلاشقا قەلىبنىڭ گۇناھلىرىغا ئېتىبار بېرىش تىخىمۇ دەركاردۇر.


تۆتىنچى پەردە: سىرتقى گۇناھلار


سىرتقى گۇناھلار، ھاراق ئىچىش، ئوغرىلىق قىلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ سىرتقى ئەمەللىرىدە ئاشكارا بىلىنىپ تۇرىدىغان گۇناھلارنى كۆرسىتىدۇ.


بۇخىل گۇناھلار ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرىنچى تۈرى ئەسىلىدىنلا چوڭ بولغان گۇناھلار، يەنە بىرى كىچىك ساناش، سەل قاراش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن چوڭ گۇناھقا ئايلىنىپ قالىدىغان گۇناھلاردىن ئىبارەتتۇر. خۇددى گۇناھ قىلىپ بولۇپ تەۋبە قىلىش گۇناھنى كىچىكلەتكىنىدەك، گۇناھلىق ئىشتا چىڭ تۇرۇش گۇناھنىڭ تىخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. گۇناھنىڭ تىخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ:


بىرىنچى: گۇناھتا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش


مىسال ئالساق، بىر ئەر كىشى بىر ئايالنىڭ (ئەۋرەت يېرىگە) قاراۋاتقان بولسا، ئۇنىڭ قارىشى كۆزىنىڭ زىناسى ھىسابلىنىدۇ، ئەمما بۇ زىنا (نىڭ گۇناھى) ئۇنىڭ ئەۋرەت يېرى بىلەن زىنا قىلغىنىدەك ئېغىر بولمايدۇ. لىكىن، ئەگەر ئۇ (ئاللاھتىن قورقۇپ باشقا ياشقا بۇرالماستىن) قارىغان ھالىتىدە تۇرۇۋەرگەن (يەنى قاراشنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن) بولسا، ئۇ چاغدا بۇ (گۇناھى يەنە بىر خىل زىنادىنمۇ ئېغىر بولۇش ئىھتىمالى بولغان) چوڭ گۇناھقا ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ گۇناھىدا جاھىللىق قىلىشى ۋە داۋاملاشتۇرۇشى ئۇنىڭ گۇناھىنى تىخىمۇ چوڭايتىۋىتىدۇ.


ئىككىنچى:گۇناھقا سەل قاراش


ناۋادا بىرەيلەن تاماكا چېكىۋاتقان يەنە بىرەيلەنگە « ئى پالانى، ئاللاھتىن قورقۇڭ، تاماكا چېكىش شەرىئەتتە چەكلەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىڭىزمۇ چوڭىيىپ قالدى، بۇ ھالەتتە يەنە تاماكا چەكسىڭىز سىزگە جىق زىيان ئېلىپ كىلىدۇ، تاماكا چېكىشنى تاشلاڭ» دەپ نەسىھەت قىلسا، ئۇ مەنسىتمىگەن ھالدا « بۇ دىگەن يا چوڭ گۇناھ بولمىسا، چەككەنگە نىمە بولاتتى؟» دەپ رەت قىلىشى مۇمكىن.

ئۇنىڭ تاماكا چېكىشى ئەسلى كىچىك گۇناھ بولغان بولسا، ئۇنىڭ كىچىك گۇناھنى مەنسىتمەسلىكى ئاقىۋەت چوڭ گۇناھنىڭ سادىر بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.


ئۈچىنچى: گۇناھتىن خۇشاللىق ھىس قىلىش


جەمئىيەتتە، گۇناھ قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىدىن شەرەپ ھىس قىلىدىغان، (چىرايىدىن ۋە قىلمىشىدىن) ئۆزىنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى سىرتقا نامايەن قىلىدىغان بىر قىسىم كىشىلەر ئۇچرايدۇ. بۇ ھالەتتىكى گۇناھ قىلىشتىن كىيىن ھاسىل بولىدىغان خۇشاللىق ئەمەلىيەتتە چوڭ گۇناھتۇر، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن پەخرلىنىپ خۇشال بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ھالبۇكى، «مۇسۇلماننى تىللاش پاسىقلىق، ئۆلتۈرۈش كۇفۇرلۇق » ئەمەسمىدى؟


شۇنىڭ ئۈچۈن، پاك ئاياللارغا تۆھمەت قىلىپ قارىلاشتىن لەززەت ئالىدىغانلار، ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ئابرويىغا زىيان سالالمايدۇ. « مۇئمىنلەر ئۈستىدە يامان سۆزلەرنىڭ تارىلىشىنى ياقتۇرىدىغان ئادەملەر، شۈبھىسىزكى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاپقا قالىدۇ. ئاللاھ سىرلارنى ۋە نىيەتلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، سىلەر بىلمەيسىلەر.» (سۈرە نۇر، 19-ئايەت)  گۇناھ ئىشى ئۈچۈن خۇشال بولۇش، قىيامەتتىكى ئازابىنى تىخىمۇ كۆپەيتىۋىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەستۇر.


تۆتىنچى: ئاللاھنىڭ گۇناھنى يوشۇرۇشىنى تۆۋەن چاغلاش


ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس ھەزرەتلىرى مۇنداق دەيدۇ:« ئى گۇناھكار ئىنسان! سەن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ يامانلىقىدىن قانداقمۇ خاتىرجەم بولىسەنكىن، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇپ يەنە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرىسەن. (بىلگىنكى)، مانا بۇ چوڭ گۇناھتۇر. گۇناھ ئۆتكۈزسەڭ، ئەتراپىڭدا (گۇناھىڭنى كۆرۈپ ساڭا ئېچىنغان) كىشىلەرچىلىكمۇ ئېچىنمايسەن، مانا بۇ چوڭ گۇناھتۇر. ئاللاھنىڭ سىنى (قانداق ياراتقانلىقىنى، قايسى ھىكمەت بىلەن) ياراتقانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ، سەن تىخى بۇنىڭدىن كۈلىسەن، مانا بۇ چوڭ گۇناھتۇر. گۇناھ ئىشتىن بىرنى قىلماي ئۆتكۈزۈۋىتىپ سالغىنىڭغا ئەپسۇسلىنىسەن، مانا بۇ چوڭ گۇناھتۇر. قەلبىڭنىڭ سەن گۇناھ ئىش قىلماقچى بولغىنىڭدا سىنى توسىدىغان، ئاللاھنىڭ ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ سىنى خاتىرجەمسىز قىلىدىغان بىر ئىشىكىنى ئېچىۋىتىسەن، مانا بۇمۇ چوڭ گۇناھتۇر.»


بەشىنچى: گۇناھىنى ئاشكارىلاش


ئىنسان گۇناھ ئىشتىن بىرنى قىپ سالغىنىدا، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى يوشۇرۇپ (ئۇنى باشقىلارنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولۇشتىن ساقلايدۇ)، ئەمما ئۇ ئاللاھ يوشۇرغان ئىشنى ئۆزى ئاشكارىلىماقچى بولىدۇ. بۈگۈنى گۇناھنى قىلىپ، ئەتىسىلا باشقىلارغا ئۆزىنىڭ قانداق گۇناھ قىلغانلىقىنى (خىجىل بولماستىن) سۆزلەپ يۈرىدۇ.


پەيغەمبەر سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:« ئۈممىتىمدىن ھەر قانداق كىشىنىڭ گۇناھى مەغفىرەت قىلىنىدۇ، لىكىن ئاشكارىلىغۇچىلارنىڭ گۇناھ مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاشكارىلاش بولسا، بىر كىشى كىچىسى بىر گۇناھنى قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى يوشۇرىدۇ. ئەمما ئۇ ئەتىگىنى قوپۇپلا ‹ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق مۇنداق ئىش قىلدىم › دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنى (خىجالەتتىن) ساقلايدۇ، ئەمما ئۇ ئۆزى (خىجىل بولماستىن) قىلغان گۇناھىنى ئاشكارا قىلىدۇ ».


ئالتىنچى: دورالغان ئەگەشتۈرگۈچىلەر


بۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇكى، بىرەر مەكتەپنىڭ ياكى بىرەر زاۋۇتنىڭ باشلىقى تاماكا چەككەن بولسا، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرمۇ ئۇنى دوراپ تاماكا چېكىشكە باشلايدۇ؛ ھەتتاكى، ئاخىرىدا باشلىقى زەھەر چەكسىمۇ، قول ئاستىدىكىلىرى ئۇنىڭ چەككىنىنى دوراپ، ئۇلارمۇ چېكىشكە باشلايدۇ.


ئادەتتە، ئاياللارمۇ شۇنداق بولىدۇ. بۈگۈنى ئاياللارنىڭ بىرەر (ماركىدىكى ياكى پاسوندىكى) كىيىمى مودا بولغان بولسا، ئەتىسىلا ھەممە ئاياللار شۇنداق كىيىنىپ كوچىغا چىقىشىدۇ.


بۇ ھەر قانداق بىر يامان ئىشنى دەسلەپتە پەيدا قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ توغرىلىق ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن:« كىمىكى ئىسلامدا بىر يامان ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ گۇناھى چوقۇم ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ ئىشنى قىلغۇچىلارنىڭ گۇناھىمۇ چوقۇم  ئۇ كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايىتى)


بەشىنچى پەردە: كىچىك گۇناھلار


كىچىك گۇناھلار ھەقىقەتەن چوڭىيىدۇ. نۇرغۇن كىچىك گۇناھلار، ھەقىقەتەن گۇناھكارلارنى (گۇناھىدىن) تىخىمۇ قاتتىق بولغان ئازاپقا دۇچار قىلىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇنىڭدىن ساقلىسۇن.


مۇئمىن كىشى ئۆزىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۇ ئۆتكۈزۈپ سالغان كىچىككىنە گۇناھلىرى ئۈچۈنمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئۇنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭدىن ئاگاھ بولىدۇ (ياكى تەۋبە قىلىدۇ). ئوخشاشلا، ئۇ ھەر قانداق ياخشى ئىشنى (گەرچە ئۇ كىچىك بولسىمۇ) قويماي قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ (ئۇ ياخشى ئىشتا) ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئاتا قىلىدىغان ھېسابسىز نىئمەت ۋە ئىنئاملىرى بارلىقىنى بىلىدۇ. ئۇ تاكى قەلبىدىن (كىچىك) گۇناھقا سەل قاراش ۋە (كىچىك) ياخشىلىقنى ياراتماسلىق خاھىشى پۈتۈنلەي يوقالغۇچە مۇشۇنداق ياشايدۇ. قاچانكى، ئۇ كەرەملىك، رەھىمدىل، مىھرىبان، رەببى تەرەپكە يۈزلىنىپ ئىخلاس بىلەن ئىستىغفار ئېيتىدۇ، ئۇنىڭدىكى بۇ پەردىمۇ شۇنىڭ بىلەن يوقىلىدۇ.


ئالتىنچى پەردە: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش


بۇ گۇناھلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ۋە كۆپ ئۇچرايدىغىنى بولۇپ، ئاللاھنىڭ ساپ تەۋھىدىگە قايتماي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەستۇر.


ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ھەقىقىي مەنىسى بولسا، كىشىنىڭ قەلبىدە مەيلى ئىبادەتتە بولسۇن، ياكى ياخشى كۆرۈش، يامان كۆرۈشكە ئوخشاش ھېسسىي خاھىشىدا بولسۇن؛ مەيلى قەلبىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا بولسۇن، ياكى سىرتقى ئىپادىسىدە بولسۇن، ئۇنىڭ ئاللاھتىن باشقا بىر ئەھەدىگە تەلپۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ.

شېرىك ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئەڭ چوڭ ئەمەل بولۇپ، ئاللاھ ھىچقانداق بىر گۇناھكارغا شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە ئازاپ قىلغاندەك ئازاپ قىلمايدۇ.


شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ تۈرى ھەر خىل بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى مەخپىي شېرىكتۇر. كىشى شېرىك ئەمەلنى باشقىلاردىن يوشۇرۇپ، مەخپىي قىلغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئازابىمۇ ئەڭ قاتتىق بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرگەن گۇناھكارلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:« قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھىساب ئېلىش ئۈچۈن يېغىمىز، ئاندىن مۇشرىكلارغا ‹ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىبادەت قىلغان مەئبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟› دەيمىز. ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغاندىن ئىلتىجا قىلىپ) ‹پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارىشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن. ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان بۇتلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ.» (سۈرە ئەنئام، 22-24 ئايەتلەر)


ھەممىمىز ئاللاھنىڭ ساپ تەۋھىدىگە قايتىش ئۈچۈن تېرىشايلى، قېرىنداشلار! ئاللاھنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەممىمىز ئىخلاس بىلەن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيلى:« ئى رەببىم ! مەن سەندىن بىلىدىغان ۋە بىلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن ساڭا شېرىك كەلتۈرۈپ قويۇشتىن پاناھ تىلەيمەن. سەندىن مەغفىرەت تىلەيمەن.»


ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەش، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە ھەقىقىي ئىتائەت قىلىش بىلەن، ئىنشائاللاھ، بۇ پەردىمۇ يوقۇلىدۇ.


يەتتىنچى پەردە: جائىز نەرسىلەرگە زىيادە بېرىلىپ كېتىش


تۇرمۇشتا مۇنداق ئادەملەر ئۇچرايدۇكى، ئاللاھنىڭ ئۇلارغا ئاتا قىلغان نىئمەتلىرىمۇ ئۇلار بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى پەردىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرى ھەققىدە يامان گۇماندا بولىدۇ (يەنى ئۇلارنى ئۆزىنىڭ تاپقانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ، ياكى زىيادە بېرىلىپ كېتىدۇ، ياكى مەڭگۈ ئېگىدارچىلىق قىلىدىغاندەك بۇزۇپ-چاچىدۇ). بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:« ئىنسان بالىسىنىڭ قورسىقى يامان گۇمان بىلەن لىق تولغاندۇر.» (تىرمىزىي رىۋايىتى)


مەسىلەن، ئاللاھنىڭ ھالال قىلغان نەرسىلىرىدىن خالىغانچە يەپ-ئىچىش جائىز، لىكىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىنى توسۇپ قويىدۇ. قورساق تائامغا لىق تويغاندىن كىيىنلا، ئىنساننىڭ (ھەقىقەت ئۈستىدىكى) تەپەككۇرى توختاپ قالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىنساننىڭ كىيىم-كىچەكلىرىمۇ ئۇنىڭغا زىيادە بېرىلىپ كېتىش تۈپەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئارىسىدا پەردە بوپ قېلىشى مۇمكىن. پەيغەمبىرىمىز بۇ توغرىلىق « ئالتۇن-كۈمۈش، ۋە كىيىم-كىچەك قۇللىرىنىڭ ھالى نىمىدىگەن يامان؟!» دىيىش ئارقىلىق، كىيم-كىچەككە زىيادە بېرىلىپ كېتىشىنىڭ ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قېلىش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنىدى. ھەدىستە بۇ توغرىلىق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىشتان پاچىقىنى ئوشۇقىدىن ئاشۇرۇۋالغانلار دوزاخقا كىرىدۇ» دىگەنلىكىمۇ ئۇچرايدۇ.


بۇنىڭدىن مەقسەت بولسا، بەندىلەرنى ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان نىئمەتلىرىدىن ئوتتۇرا ھال يولدا پايدىلىنىشقا، ئۇنىڭغا بېرىلىپ كېتىپ ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالماسلىققا بۇيرۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئۇيقۇ ئاللاھنىڭ بەندىلەرگە بەرگەن نىئمىتى، ئەمما كېچىچە قوپماي ئۇخلاپ بامداتنى قازا قىلىۋىتىش، ياكى ناماز ۋاقتىدا ئۇخلاش بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا پەردە شەكىللىنىشكە سەۋەب بولىدۇ.


ئاللاھ ئۆزى بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا بۇنداق پەردىنىڭ بوپ قېلىشىدىن ساقلىسۇن!


سەككىزىنچى پەردە: ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە ئېتىبارسىز قاراش


كىشى قاچانكى ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلىرىدا ئەكىس ئەتكەن) كۈچ-قۇدرىتىگە ئېتىبارسىز قاراپ، بۇ ھەقتە (ئويلىشتىن ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتىن) بۇرۇلۇپ كېتىدىكەن، ئۇنىڭغا نەپسى-خاھىشىغا ئەگىشىپ، شەيتاننىڭ يولى تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ۋە ئاللاھنى ئۇنتۇشىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بېسىلغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« بىز دىلىنى زىكرىمىزدىن غەپلەتتە قالدۇرغان، نەپسى-خاھىشىغا ئەگەشكەن، ئىشى ھەددىدىن ئاشقان ئادەمنىڭ (سۆزىگە) ئەگەشمىگىن.» (سۈرە كەھف، 28-ئايەت)


ئاللاھنىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قېلىشنى پەقەت قەلىبتىكى ئۈچ خىل نۇر ئارقىلىق بىلگىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ. بۇ ئۈچ خىل نۇر بولسا:


1. ئاشكارا ۋە مەخپىي يوسۇندا ئاللاھنىڭ نىئمەتلىرىنى كۆزىتىش ۋە تەپەككۇر قىلىش. ئۆزىنى ياراتقان، ۋە سانسىز نىئمەتلەرنى ھىچ بىر تېرشچانلىقىسىز ئاتا قىلغان ھەممىگە قادىر ۋە بۈيۈك رەببىگە قەلىبتىن ئۇرغۇغان ساپ مۇھەببەت بىلەن شۈكرى ئېيتىش. «ئىنسان ھەقىقەتەن ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلارنى ياخشى كۆرىدىغان بىر مەخلۇقتۇر.»


2. ئۆزىنىڭ ئەمەللىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش، ۋە گۇناھلىرىدىن ھىساب ئېلىپ تۇرۇش. نەپسىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنى خارلىققا ۋە ھالاكەتكە باشلايدىغانلىقىنى ھىس قىلىش. ئۆزىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىنى تونۇش ۋە قەلبىدە ئاللاھنى ئۆزىگە لايىق سۈپىتى بىلەن ھەقىقىي تونۇش، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش، ۋە ئۇنىڭ رىزالىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىبادەتنى ئۇنىڭغىلا خالىس قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغۇدەك لاياقەت ھازىرلاش.


3. ئۆمرىنىڭ بىر كۈن بىر كۈننى قوغلىشىپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقى، گۇناھىنىڭ بولسا بارغانسىرى كۆپىيىپ بېرىۋاتقانلىقى، يەنە نۇرغۇن (قىلىشقا تېگىشلىك) ئىشلارنىڭ قىلىنماي قالغانلىقى ھەققىدە توختىماي ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تېرىشىپ ئىشلەشكە، تۇرمۇشنىڭ كەم قالغان قىسىمىنى تىزرەك تولۇقلىۋىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش.


مۇشۇلار ئارقىلىق غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە قايتىدىن قەدەم ئالغاندىن كىيىن، ئىنشائاللاھ، بۇ پەردىمۇ يوقۇلىدۇ. قەلىب دۇنيانىڭ زۇلمىتىدىن ئاللاھنىڭ نۇرىغا چىقىدۇ.


توققۇزىنچى پەردە: ئەنئەنە ۋە ئادەت


جەمئىيەتتە شۇنداق بىر قىسىم ئىنسانلارمۇ باركى، گۇناھ ئىش ئۇلارنىڭ (قەۋمىنىڭ ئەنئەنىسىگە ياكى) شەخسىي ئادىتىگە ئايلىنىپ قالغان، ئۇلار ئاشۇ ئادىتىنىڭ قۇلى بولۇپ ياشايدۇ. مەسىلەن، سىز تاماكا چېكىشنى ئادەت قىلىۋالغان بىرىدىن « سەن نىمىشقا تاماكا چېكىسەن؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇ «ماڭا بۇنداق دىگىنىڭ بىلەن سىنىڭمۇ يامان ئادىتىڭ بارغۇ؟ مەن تاماكا چەكمىسەممۇ ياشىيالايمەن، لىكىن كۆڭلۈم يېرىم بولغان چاغدا ئازراق چەكسەم كەيپىياتىم كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ (شۇڭا چېكىمەن)» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.


ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىتىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان بولغاچقا، (سىزنىڭمۇ يامان ئادىتىڭىزدىن بىرسى بارلىقىنى پەش قىلىش ئارقىلىق) ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولىدۇ، بۇ چاغدا ئادەت ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى پەردىگە ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ پەردىدىن قۇتۇلۇپ ئاللاھنىڭ رىزالىقىغا يېتىشنىڭ بىرىنچى ئۇسۇلى ــــــــ ئادەتتىن قول ئۈزۈش، يەنى ھەر قانداق بىر ئەمەلنى ئادەتنىڭ ئېنىرتسىيىسى بويىچە ئەمەس بەلكى ئاللاھنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن قىلىشتۇر. ئىنسان كۆپىنچە ھاللاردا ئادىتىنىڭ ئىسكەنجىسىدە ياشايدۇ، ئاللاھقا يېتىشنىڭ ۋاستىسى بولسا ئاللاھتىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنىڭ كونتىروللۇقىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ، ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي ئاللاھقا مەنسۇب قىلغان ھالدا ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشىدىن ئىبارەتتۇر.


شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە (رەھىمەھۇللاھ) مۇنداق دەيدۇ:« بەزى ئىشلارنى ئاللاھتىن باشقا كىشىلەرنىڭ سەۋەبى قىلغان قىلغان كىشىنىڭ تەقۋادارلىقى توغرا بولمايدۇ.» شۇنىڭ ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولۇشى، پەقەت نىيەتتە ئاللاھ رىزالىقىنىڭ كۆزلىنىشى بىلەن بولىدۇ.


ئونىنچى پەردە: ئەمەللىرىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىش


بۇ شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى زىيادە چوڭ كۆرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەمىلى ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدا پەردە بولۇپ قالىدۇ. ئەمەللەرنىڭ نەتىجىسىگە بەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىك ئەسلى پەرز، (چۈنكى ئەمەلنىڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرى ياكى ئارزۇسى بويىچە ئەمەس، ئاللاھنىڭ خالىغىنى بويىچە بولىدۇ. غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەت پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ)، ئىنسان ئەمىلىنىڭ نەتىجىسىگە ئەمەس بەلكى ئەمىلىنىڭ خاراكتېرىگە (يەنى ھالالمۇ ھاراممۇ؟ ئاللاھنىڭ رازىلىقى كۆزلەندىمۇ يوق؟ شۇنىڭغا) ئەھمىيەت بېرىشى كىرەك. ئۇ ئەمىلى ئارقىلىق ئاللاھتىن رىزىقىنى تەلەپ قىلىشى، ئەمىلىدىكى يېتەرسىز تەرەپلەرگە ئاللاھنىڭ مەغفىرىتىنى تىلىشى، ۋە ئاللاھنىڭ تىخىمۇ ياخشى، تىخىمۇ سالىھ ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىشىنى تىلىشى زۆرۈر. ناۋادا ئىنسان ئۆزىنىڭ ئەمىلى ئارقىلىق ئاللاھتىن كېلىدىغان ئەجىرنى ۋە ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەمىنلىكىنى ئەمەس، ئەمىلىنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرسە، ئەمىلىگە زىيادە ئىشىنىپ كېتىپ خاتىرجەم يۈرسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ ئەمىلى ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىنى ئايرىپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇ ئەمىلى ئارقىلىق ئاللاھتىن ھاجىتىنى سورىماي، ئاللاھتىن ئەجىرىنى تەلەپ قىلماي، ياكى ئاللاھنىڭ ئەمىنلىكىنى تىلىمەي، ئەكسىچە ئەمىلى ھەققىدە گۈزەل قىياسلارنى قىلىپ (يەنى ئاللاھ ماڭا چوقۇم جىق ساۋاب بېرىدۇ، ئاندىن كىيىن مۇنداق مۇنداق بولىدۇ دەپ شىرىن ئارزۇلار بىلەن) قەلبى شۇنىڭغا باغلىنىپ كېتىدۇ دە، (ئاللاھنىڭ كىيىنكى تەقدىرىدىن)، ۋە تەقۋادارلىقنىڭ ئەسلى سۈپىتىدىن غەپلەتتە قالىدۇ. ئۇ قانداق قىلغاندا ئەمەلنى ئاللاھنىڭ كۆرسەتكەن تەلىپى بويىچە ئادا قىلغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا ئەمىلىنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەقبۇل بولىدىغانلىقى، ۋە ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا نائىل بولغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەستىن، ئەمىلى بىلەن مەغرۇرلىنىش، ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش تۇيغۇسىدا بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن يامان ئاقىۋەت ئۇنىڭ ئەمەلنى شەرتىگە لايىق رەۋىشتە ئادا قىلمىغانلىقىدىن، تەقۋادارلىقنىڭ ئەسلى سۈپىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىدىن بولىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ (قىيامەتتىكى) ھالىمۇ، ئەلۋەتتە، ئىنتايىن يامان بولىدۇ.


كىشىلەردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ:«سىنىڭ قەلبىڭ قانداقمۇ سىنى ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇسۇن؟ بىلگىنكى، قەلبىڭ بۇنى ئەسلا خالىمايدۇ. نەپسىڭ قاچانكى گۇناھلىق تۇيغۇلىرىڭ ۋە ئەمەللىرىڭنىڭ پاناھگاھى بولسا (يەنى سەن گۇناھلىرىڭنى نەپسىڭگە ئارتىپ قويساڭ، ياكى ئاللاھ مۇشۇ نەپسنى ياراتمىغان بولسا گۇناھ قىلمىغان بولاتتىم دىسەڭ)، ئۇنداقتا ئۇ تىخمۇ چوڭ خاتالىق ۋە گۇناھلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بوپ قالىدۇ. ئۇ (يەنى سىنىڭ قەلبىڭ) (شەيتانىي تەلپۈنۈشلەردىن ۋاز كېچىپ) ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىشلەشنى زىنھار ياقتۇرمايدۇ.»


كىشى قەلبىدە ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھەقىقىي ھىس قىلغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ نەپسى بارغانسىرى كىچىكلەپ بارىدۇ، شەيتاننىڭ يولىغا ئەگىشىش ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەل ھەم شۇنىڭغا ئەگىشىپ كىچىكلەيدۇ. كىشى ئاللاھنى، ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى پەرۋىشىنىڭ ئالامەتلىرىنى، ۋە ئاللاھقا قىلىنىدىغان تەقۋادارلىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىدا، ئۇ ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇيدۇ، قولىدىكى مال-دۇنيالىرىنىڭ ھەقىقىي ئېگىسىنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىگە، ۋە ئۆتكۈزۈپ قويغان گۇناھلىرى ئۈچۈن ئاخىرەتتە سوراقنىڭ بارلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. ئۇ يەنە بىلىدۇكى، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىشى ئاللاھنىڭ رەھىملىكلىكىدىن، ئۇنىڭ ئەمەللىرىگە ئەجىر ئاتا قىلىشىمۇ ئاللاھنىڭ سېخىي ئىكەنلىكىدىن بولىدۇ.


كىشى موھتاجلىققا چۈشۈپ قىلىپ ھىچبىر ئىلاج قىلالمىغىنىدا، ئاندىن ئۆزىنىڭ قولىدا ھىچ كۈچ-قۇدرەتنىڭ يوقلۇقىغا، ھەقىقىي ياردەم بەرگۈچىنىڭ ئاللاھ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.


ھەممىمىز دىققەت قىلايلى، ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ھازىرغىچە قانچە پەردە ئاللاھ بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزنى ئايرىپ قويغاندۇ؟! ئاللاھنىڭ نامى بىلەن دەپ باقايلى، بىز ئۇلارنى قانداق يوقاتقاندىمىز؟


ئىخلاس بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنەيلى، ئاخىرقى قارارگاھىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنەيلى، ئاللاھقا تەۋبە قىلايلىكى، يەنە قىپ قالغان پەردىلەر بولسا يىرتىلىپ تۈگىسۇن، چۈنكى ئۇلارنى پەقەتلا رەببىمىز ئاللاھ يوقىتالايدۇ.

ئىبنى قەييىم جەۋزى (رەھىمەھۇللاھ) مۇنداق دەيدۇ:« ئىنساننىڭ قەلبى ۋە ئاللاھ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئون پەردە، ئىنساننىڭ ئۆزىنى (يەنى جىمى ئىبادەت ۋە ئىتائەت ئەمەللىرىنى) ئاللاھ تەرەپكە قايتۇرۇپ كېلىشى جەريانىدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبى (يەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېلمېنىتلىرى) تۆت، يەنى نەپىس، شەيتان، دۇنيا، ۋە شەھۋەتتىن ئىبارەتتۇر.»


ناۋادا، قەلىبتە بۇ ئېلمېنىتلارنىڭ قالدۇقى يەنە بولسا، تاكى ئۇنىڭدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچمىگۈچە ئۇ پەردىنى يوقىتىش تامامەن مۇمكىن ئەمەستۇر.


ئاللاھ تىن بىزلەرنى ئۆزىگە تىلى بىلەن دىلى بىردەك زىكرى ئېيتىدىغان، سەمىمىي ئىخلاس بىلەن يۈزلىنىدىغان، مەقبۇل بولۇش سۈپىتىگە لايىق ئىبادەت قىلىدىغان بەندىلىرىدىن قىلىشىنى تىلەيمىز.


ئاللاھ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ۋە بارچە ئەسھابلىرىغا رەھمەت ۋە ئەمىنلىك بېغىشلىسۇن، ئامىن!















مەنبە: www.muslimjt.com


  ئەسلى ئەسەر ئادېرىسى: http://pan.baidu.com/share/link?shareid=634689&uk=807046712


تەرجىمىنىڭ پ د ف نۇسخىسى : http://pan.baidu.com/share/link?shareid=634691&uk=807046712

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەھزۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 01:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10354
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3299 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2014-9-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:13:41 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما   رەھمەت   
ئاللا رەھمەت  قىلسۇن

ئاڭلىساڭ تىڭشايسەن يۈرەك نىداسى
كۆرىسەن كۆزۈمدىن سۆيگۈئىزناسى
كۆرىمەن سىنىڭدىن كۈلكە سىماسى
قەلبىمدە تولايمەن سۆيگۈ نىداسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90705
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 701
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 12:37:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت بۇرادەر!
  ئىنشائاللاھ ناھىيتمۇ گۈزەل تېما يوللاپ سىز ...
  ئۇلۇغ ئاللاھىم رىيا ،پاسىق ئەمەللەردىن ۋە يۇقۇردىكى 10تۈرلۈپ پەردە ھاسىل بۇپ قىلىشسدىن ساقلىسۇن ...!!!   بارلىق ئەمەللېرىمىز  كىلىشى شەكسىز بولغان قىيامەت كۈندە بىزگە ياردىمى بولدىغان ئەمەل ۋە ئىبادەت بولسۇن !!! (ئامىن)...

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 2232
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23720
تۆھپە نۇمۇرى: 1448
توردا: 3754 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 01:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن قېرىندىىشىم .

بىر مىنۇت ئۆتتى دىگەنلىك ، ئۈلۈمگە بىر مىنۇت يېقىنلاشتىڭىز  دىگەنلىك . ھەرۋاقىت ئۈلۈمنى ئۇنۇتمايلى ، ئاللاھنى يات ئىتەيلى . نامازنى تۇلۇق ئادا قىلايلى قېرىنداشلار .

ئاق شەمشەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37170
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4196
تۆھپە نۇمۇرى: 145
توردا: 2741 سائەت
تىزىم: 2011-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 01:02:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە  پايدىلىق ناھايتى  ياخشى تىما  يوللاپسىز قىرىندىشىم.  ئۇلۇغ ئاللاھ سىزگە كۆلەپ ئەجىرلەرنى  بەرسۇن  رەھمەت  سىزگە

ئىلىم ئۇگۇنىش شەرەپ....

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 02:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم  بۇ تېمىدىن ئالاھىدە بەھىر ئالدىم. ئەجىرىڭىزگە
  رەخمەت!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4674
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 622 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 02:52:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەجەپ ياخشى تېمىكەن،رەھمەت

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33857
يازما سانى: 488
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6200
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 843 سائەت
تىزىم: 2011-3-14
ئاخىرقى: 2014-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 03:37:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق گۈزەل تېمىلار داۋاملىق يوللىنىپ تۇرغاي، چەك باسماس قۇرۇق پاراڭلاردى مىڭ ياخشى ،

پەقەت ئاللاھ قا ئىگىلىمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22893
يازما سانى: 1032
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15560
تۆھپە نۇمۇرى: 312
توردا: 7223 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 03:41:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرلۇق كىتابى قۇرئان كەرىمنى نازىل قىلغان بەندىسى ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بولسۇن.
بۇ سۆزدە خاتالىق بارمۇ قانداق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baturana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-29 03:42 PM  


تۈلكىنىڭ قولىغا چۈشكەندىن،يولۋاسنىڭ قولىغا چۈشكەن ئەلا.
خۇدانى ھەقىقى بىلگەن كىشى ھەرقانداق ۋاقىتتا،خەق كۆرمىدى دەپ ئۆزنەپسىگە چوغ تارتالمايدۇ.
شۇنداق بىر كۇنلەر كىلىدۇ.(مىللىتىم)ھەمىمىز ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان، ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ خالاس!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84142
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2012-8-20
ئاخىرقى: 2014-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 03:53:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن ، بەك ياخشى تېما يوللاپسىز  ،رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش