مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13838|ئىنكاس: 117

ئۇيغۇر دېھقانلىرى قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرمىسا ؟!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ياخشى دوست-بىباھا گۆھەر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 11523
تۆھپە نۇمۇرى: 373
توردا: 2271 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 10:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئۆتىگۈچى دوستلار:

    دېھقانلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسىلىق نۇپۇسىنى تەشكىل قىلىدىغان گىراژدانلاردۇر، شۇنىڭدەك دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلىشى، ئازادلىق ئىشلىرىدا، پارتىنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتىنى تەمىنلەشتە زور تۆھپە قوشقان كۈچ. ھۆكۈمەت ئىقتىسادى كۈچى ئاجىز، تەرەققىي قىلمىغان دەۋرلەردە ئاساسلىق ئىقتىسادى قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسى ئۇل مۇئەسسەسە ھەمدە مەبلەغنى شەھەرلەرگە قاراتتى.   دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال كۈچى ئېشىپ، تەرەققىي تاپقاندا بولسا، دېھقانلار، يېزىلار مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك باج- سېلىقلىرىنى كەچۈرۈم قىلدى ياكى يېنىكلەتتى. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە خەلق قۇرلۇشى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى  دېھقلار ھەمدە يېزىلار خىزمىتى دەپ بېكىتىلدى.  دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىيەت ( ھاشار ) ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى ھەمدە دېھقانلارنىڭ تۈرلۈك باج_ سېلىقىنى يېنىكلىتىشنى ياكى ئالماسلىقنى تەشەببۇس قىلدى.

    گوۋۇيۈەن ، يېزا- ئىگىلىك مىنىستىرلىقى 2004- يىلى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ دېھقانلارنىڭ بارلىق مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ۋە پىلان سىرتىدىكى باج- سېىلىقىنى قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. 2007- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى تەۋەسىدە پۈتۈن رايون بويىنچە مەجبۇرىيەت ئەمگىكى ھەمدە سېلىق پۇللىرىنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ئۇقتۇرۇش قىلىندى.

        ھالا بۈگۈنكى 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا بۇ سىياسەت تېخى ئەمىنلەشمىگەندەك تۇرىدۇ.  يېقىندا ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ‹ ئىستىلدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، ئاساسى قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش › ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىسىدە رەھبىرى كادىر بىلەن بىرگە ياردەمچى كادىر بولۇپ خىزمەت گۇرۇپپىسى تەركىبىدە ، ۋىلايەتتىكى خىزمەت ئورنۇمدىن ناھىيدىكى مەلۇم بىر يېزا- كەنت كومىتىتىغا ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا بىر يىللىق چۈشتۇم. ئىككى ئايدەك ۋاقىت بولۇپ قالدى. كەنتنىڭ ئاساسى ئەھۋالى بىلەن تولۇق دېگۈدەك تونۇشۇپ چىقتىم. بۇ كەنت ئاھالىسى 100% ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان، دېھقان- چارۋىچىلار ئىكەن.   كەنتتە ھەپتىدە بىرەر- ئىككى قېتىم دېگۈدەك كەنت كادىرىلىرى بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا ماجرا  يۈز بېرىدۇ ( ئەلۋەتتە، بىز خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار ياردەملىشىپ ھەل قىلىۋاتىمىز ھەم تىرىشىمىز ).  بۇ زىددىيەت- ماجرالارنىڭ يۈز بېرىش ئاساسلىق سەۋەبىنى مۇنۇ 3 نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈشكە بولىدىكەن:
     1. قوغدىنىش پۇلى يىغىش.
  كەنت قوروسىدىكى ئامانلىق قوغداش ئۆيىدە 6 نەپەر خەلق ئەسكىرى(مىنبىڭ، بىكارچى، مۇقىم ئىشى يوق كىشىلەرنى ئاساس قىلغان )     بار بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپى بويىنچە ھەربىر دادۈيدە ( كەنتىدە ) 6 دىن خەلق ئەسكىرى تەشكىللىشى ھەمدە  خەلق ئەسكەرلىرىگە ئېيىغا 1500 يۈەنلىك ئۆلچەم بويىنچە مائاش بېرىلىشى، بۇ پۇلنى دېھقانلارغا نوپۇس بېشىغا چېچىلىپ ھەل قىلىنىشى، قوغدىنىش پۇلىنى يىغىش نىسبىتى 100% كە يېتىشى كېرەككەن. شۇڭلاشقا دېھقانلار بىر نوپۇس  يىلىغا 150 يۈەن ‹ قوغدىنىش پۇلى › تاپشۇرىدىكەن. بىر ئائىلىدە 5 نۇپۇس بولسا يىلىغا كەنتكە 750يۈەن قوغدىنىش پۇلى تاپشۇرىدىكەن. دېھقانلار بۇ پۇلنى تاپشۇرۇشنى رەت قىلىپ، سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلغاندا: كەنت ئەسكەرلىرى  مۇشۇ كەنتنىڭ مۇقۇملىقى، ئامانلىقى، ھەرقايسىڭلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئاساسى قاتلامنىڭ مۇقۇم، تىنىچ بولغان مۇھىتىنى يارىتىشقا زۆرۈربولغان قوشۇن ، دەپ جاۋاپقا ئېرىشىدىكەن.
   قوشۇمچە: ( مەنچە ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسى قاتلامنىڭ مۇقۇملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن دېھقانلار ئىچىدىدىن ئامانلىق خادىملارنى تولۇقلاپ ئېلىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشى، تاماق تۇلۇقلىما پۇلى ھەمدە قاتناش ياردەم پۇلىنى دېھقانلاردىن ‹ قوغدىنىش پۇلى › دەپ يىغىش توغرا بولمايدۇ. بۇ پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ روھىغىمۇ خىلاپ ھەمدە دېھقان ئاممىسىنىڭ قەلبىدىكى ھۆكۈمەت ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ، رازى بۇلۇش نىسىبىتى تۆۋەنلەپ، قارشىلىق ئېڭى كۈچىيىپ كېتىدۇ.   ئۇنىڭ ئۈستىگە 2 ئايدىن بېرى مېنىڭ كۆزىتىشىمچە ئۇلار مۇشۇ كەنتتىكى 600 تۈتۈن، 2000 دەك ئاممىنى قوغداش ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماي، كەنت تەشكىلىنىڭ قوروسىنى ئوغرى ئېلىپ قاچماسلىقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ دېسە تۈزۈك بولىدىكەن. چۈنكى ئۇلار ئەتتىگەندىن كەچكىچە كەنت تەۋەلىكىدىكى ھاراقكەش، قىمارۋاز، بىكارتەلەتلەر بىلەن قوغداش ئۈيىدە قارتا ئويناش، قىمار ئويناش، ئۇخلاش ياكى قۇرۇق گەپ سېتىش بىلەن ئاۋارىكەن. كەنت تەۋەسىنى ئارىلاش پەقەت ئايدا بىرەر قېتىملىق تەكشۈرۈش بولغاندا، شەكىل خاراكتىرلىق ئىش ئىكەن. ئۇلار قولىدىن ئىش كەلمەس بىكار تەلەتلەر، تەييارنى يەپ، يېتىشنى بىلىدۇ. تەپسە تەۋرىمەس، بىغەم شەھەرنىڭ بىغەم بىكا تەلەتلىرى.    ئۇنىڭ ئۈستىگە كەنتتە يەنە  4 ياردەمچى ساقچى ۋە كەنت رەسمىي ئىشتاتلىق ساقچىسى بار، جەمئىي 10 قوغدىغۇچى كۈن بويى كەنتنىڭ ئىچىدىن تالاغا چىقماي ئولتۇرۇپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ. كىچىك بىر كەنتتىك بۇ 10 قوغدىغۇچى ‹ قوشۇن ›  ئارقىلىق قوغدىلىشى كۈچلۈك مەسخىرە ).
    ھۆكۈمەتنىڭ پۇخرالاردىن قوغدىنىش پۇلى يىغماي تۇرۇپمۇ، دېھقانلارنى قوغداش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش مەجبۇرىيتى ھەم يۈكسەك مەسئۇلىيتى بار. دەپ ئويلايمەن.  

  2.  مەجبۇرىي ھاشار ئەمگىكىگە سېلىش  ھەمدە باج ـ سېلىق يىغىش.
    دۆلەت 10 يىل ئىلگىرىلا دېھقانلارنىڭ مەجبۇرىي ھاشار ئەمگىكىنى كەچۈرۈم قىلغان بولسىمۇ بۇ ناھىيدىكى دېھقانلار يىلىغا 30 كۈندىن ئارتۇق مەجبۇرىيەت ئەمگىكىگە سېلىنىدىكەن. مەسىلەن، بىز خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگەن ئىككى ئاي ئىچىدە تىيەنجىن شەھىرى ئېچىش رايونىغا كۆچەت تىكىش ئۈچۈن بىزنىڭ كەنت پۇخرالىرى 12 كۈن ھاشارغا باردى، بارمىسا جەرىمانە ھەمدە تۈرلۈك ئىشلىرى يۈرۈشمەيدۇ.   يەنە 9 كۈن كەنتنىڭ ئاچقان يېرىگە چىلان، ياڭاق، جىرىم تىكتى. بۇ ئەمگەكلەر پۈتۈن كۈن بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ ، تاماقنى دېھقانلار ئۆزى تېپىپ يەيدۇ، يىلىغا 30 كۈندىن ئارتۇق ئەمگەككە بارسىمۇ بىر پۇڭ ھەققە ئېرىشەلمەيدۇ.  ئۇنداقتا، ھۆكۈمەت ئاللىقاچان كەچۈرۈم قىلغان ھاشار ئەمگىكى رايونىمىزدا قاچان ئەمىنلىشىدۇ. قاچان دېھقانلارنىڭ چىرايىدا ھەقىقى كۈلكە چاقنايدۇ.    ھەپتىگە بىرەر قېتىمدەك پالانچى ھاكىم، پۇكۇنچى ۋالىي، نازىر دېگەندەكلار كىلىدكەن دەپ  يوللارغا سۇ سېپىپ، تازلىق قىلىپ، قىغ، پاسار دۆۋىسىنى يۆتكەپ، يول تاملىرىنى سۈپەتلەش قاتارلىق كۈلكىلىك ئىشلار بۇ يەردە ئادەتتىكى ھەرىكەتكە ئايلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.( بىر 72 ياشلىق موماي يىغلاپ بىزگە ھال ئېييىپ كەلدى، ئۇ دەيدۇ، بىرمو ئەمگەكچى يېرىم بار، مەن تۇغماس، يولدىشىم تۈگەپ كەتكەن، يالغۇز جان. ئەمگەك ئىقتىدرىم قالمىدى. يىلىغا 30 كۈندەك مەجبۇرىي ھاشارغا بارىمەن. ياشلارغۇ بارسۇن، بىز قېرىلارنى بولسىمۇ ئەمگەكتىن خالاس قىلساڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي، خۇدايىم جەننەتنى بەرسۇن خىزمەت گۇرۇپپىسى باللىرىم ،  كومپارتىيە كەگەندىن باشلاپ 60 يىلدەك دۆلەتكە ئىشلىدىم ئەمدى بولسىمۇ دەم ئالاي، تىنىچ ئىبادىتىمنى قىلىپ، جان باقاي دېدى. بىز ۋىلايەت تەۋەسىدە ئومۇميۈزلۈك بولغان بۇنداق ئىشقا قانداقمۇ كۈچىمىزيەتسۇن. سىياسەتنى ئۆزگەرتەلمەيمىز، پەقەت ھېسداشلىق قىلىپ، ئازراق شەخسى پۇلىمىزبىلەن كۆڭۈل بىلدۈردۇق)
   يەنە بىر مو يەرگە 30 دىن مەجبۇرىي چۈجە تارقىتىپ بېرىپ، بىر چۈجىگە 6 يۈەندىن چۈجە پۇلى يىغىلىدۇ. بۇ چۈجىنى مۇشۇ ناھىينى قوللاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تىيەنجىن شەھىرى سانائەت رايونىدىكى يولداش چۈجىچىلەر ئىشلەپ چىقىرىپ ساتىدۇ، ھۆكۈمەت سوتلۇق توخۇ دېھقانلار بېيىيدۇ دەپ سىياسەت جەھەتتە مەجبۇرىي خاراكتىرلىق سېتىپ ، دېھقانلارنى ‹بېيىشقا › يېتەكلەيدۇ.( لېكىن ئىسسىق رايۇندا ئۇ ئاكاشلار ساتقان چۈجىلەر مۇھىتقا ماسلاشماي ئۆلىۋاتسا، ياكى  تېخنىكلار ئىچكىردىن ئەۋەتىلىپ، ئاساسى قاتلامغا ئاخبارات مۇخبىرلىرى كەلگەندە بىر كۆرۈنۈپ قويۇپ، يۇقاپ كەتسە )  بۇ يىل ئىچكىردىن كەلتۈرۈلگەن 40 مىڭ تۈپ شاپتۇل، كېلەر يىلى ئالما، يەنە بىر يىلى يەنە بىر نېمە سېتىلىپ ، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىغا ماس كەلمەيلا قالماستىن، ئاتالمىش  ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن پەن تېخنىكا يېتەكچىسىنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ،دېھقانلار يېتىشتۈرۈش تېخىنىسىكىنى بىلمەي ، نامراتلىق داۋاملىشىۋېرىدۇ، كەنت، يېزا ، ناھىيە دەرىجىمۇ دەرىجە يۇقىرغا  يىلىغا مانچە كوي، مانچە پىرسەن كىرىم ئاشىدۇ دەپ مۆلچەرلەپلا ، يىل بويى ئۆرلىتىپ يۇقىرغا يوللاۋېرىدۇ. مەنچە بۇ يەردىكى دېھقانلار بارغانچە ھالسىزلىنىۋاتىدۇ.
  خەلق خىزمىتىنى جان دىل بىلەن ئىشلەيدىغان كىشىلەر زادى قانچىلىكتۇ؟

3.  چېتىپ جازالاش ئۇسۇلى.
  بىر دېھقان ئائىلىسىدە 7 نۇپۇس بارئىكەن. ئاكىسى ئايرىم ئائىلىكەن، ئۆيىمۇ باشقا باشقا يەردىكەن، لېكىن بىر جەمەت. بۇ دېھقاننىڭ ئاكىىسى بالىسىنى ئۆيىدە ياكى قوشنىسنىڭ ئۆيىدە قۇرئەن ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن دىندا ئوقۇتۇپ ‹ يەر ئاستى دىنى ئۇقۇتقان › بولسا، پۈتۈن جەمەت سىياسى قالپاق ئىچىدە كەنتتىن ھەرقانداق تەمىناتتىن بەھرىمەن بولالمايدىكەن. مەسىلەن، ئېغىل، قۇشخانا، يەرتەۋرەشكە چىداملىق ئۆي، تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى، گاز قاتارلىق خەلق قۇرۇلۇشى تۈرلىرى بۇنداق ئائىلىلەرگە بېرىلمەيدىكەن.
   يەنە جەمەت ئىچىدە بىرەرسى پىلانلىق تۇغۇتقا ياكى سىياسىغا چېتىلغان بولسا، پۈتۈن جەمەتتىكى نەچچە ئائىلە، نەچچە ئون نۇپۇسنىڭ كەنتتە ئىش بىجىرىشى بىر ئاۋاز بىلەن رەت قىلىنىپ توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. بۇ ئارقىلىق   ھېچقانداق سەۋەنلىك سادىر قىلمىغان ئائىلىلەر تۇغقانلىرى سادىر قىلغان قىسمەن سەۋەنلىكلەر تۈپەيلى ئالاقە ئىشلىرى تۇسالغۇغا ئۇچراپ، كەنت -يېزا كادىرلىرى بىلەن سوقۇشۇپ، ماجرا پەيدابولىدىكەن.
      مەنچە، ئوتنى كىم  تۇتسا شۇنىڭ قولى كۆيىشى كېرەك، بۈگۈنكى زامانىۋىي دەۋردە بولسىمۇ ئۇنداق ھاماقەت چېتىپ جازالاشتەك قەدىمكى زامان پادىشاھلقىدىكى جازا ئۆتەش ئۇسۇلى پېچەتلىنىشى، ھەتتاكى يوقىتىلىشى كېرەك.

  يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلى دېھقانلار دائىم ھالسىراپ، ھۆكۈمەتكە تۈزۈكرەك ئېشەنمەس بولۇپ قاپتۇ. بىز 2000 دەك نوپۇس بىلەن ئىككى ئاي ئىچىدە ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ، ئەھۋال ئېگەللىسەك رازى بولۇش نىسبىتى 20 % چىقتى،  بۇ تولىمۇ تولىمۇ تۆۋەن نىسبەت.

     مەن  ناھىيىگە بۇ ئىشنى ئىنكاس قىلسام، بۇ ۋىلايەت خاراكتىرلىك ئىش دەپ يۇقىرىغا ئارتىپ قويدى. مەندەك ئاددىي بىر يېڭى خىزمەتچى ۋىلايەتلىك پارتىكومغا بېرىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلىش يولۇم ۋە ھوقۇقۇممۇ يوق.   
    مۇناسۋەتلىك  تارماق ۋە كادىلارنىڭ بۇ خىلدىكى ئىشلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارغا كۆيۈنۈپ ، ئۇلارنىڭ تىزراق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ۋە يۈكىنىڭ يېنىكلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى، ساۋابلىق ئەل- رايى ئىشلىرىنى جان دىل بىلەن قىلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن! پارتىيە- ھۆكۈمەتنىڭ ئامما ئارىسىدىكى ئوبرازى ھەمدە ئېشەنچىسىنى ساقلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.      ( تورداشلار ئىچىدىكى خەۋەردار دوستلارنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا ئىنكاس ، پاش قىلغىلى بولىدىغان ئادرىس ياكى ئۇسۇللارنى ئىنكاس شەكىلدە قالدۇرۇپ قويىشىنى ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىپ قويىشىنى  ئۈمىد قىلىمەن ).  
              2013-يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى يەكشەنبە. خوتەن   



ھازىرغىچە 6 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kanat + 10
bazarbay + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
گۈلچىنا + 20 ماختاشقا تېگىشلىك
jmgur + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
nawkeran + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
tohtihan1 + 39 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 139   باھا خاتىرىسى

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ. « كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ». « سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولالماس قالغان كۆڭۈلنى». « لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈشكە مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك»

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:07:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەق كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى يېزىپسىلە . بىزنىڭ ناھىيىدە بىر نۇپۇسنىڭ يىللىق قوغداش ھەققى 200 يۈەن . ئۆتكەن ئايدا 3 نۇپۇسقا بىر يىللىق قوغداش ھەققى 600 يۈەن ئالدى . ئۇ تېخى بازارلەق ھۈكۈمەتنىڭ يىققان قوغداش ھەققى ، ئۇنىڭدىن باشقا كەنىت قوروسىنى بېقىشقىمۇ نۆۋەتلەشتۈرۈگلىك . سىز دېگەندەك ئەھۋاللار ھەقىقەتەن مەۋجۇت ، كەنىت قوروسىنى باققىلى بارغانلار شۇ يەردىكى خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن قىمار ئوينايدۇ . كەنىت ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ كارى يوق ھەتتا ئەترەت باشلىقىمۇ باش بۇلۇپ قىمار ئوينايدۇ .
مەجبۇرىي ئەمگەك بىر يىلنىڭ يېرىمىنى ئىگەنلىشى مۇمكىن . قىش ۋاقتىسىمۇ بىكار قويمايدۇ . مۇز سۈزىدىغان ، ئېتىز -ئېرىق قىرلىرىدىكى چىملارنى تاراشلاش . ئورمانلاردىكى غازاڭلارنى سۈپۈرۈش قاتارلىق ئىشلار تۇلا .
ھاكىمىيەت خەلىققا ئىشەنىچ تۇيغۇسى بىرەلمىسە ، ساقچىلار پۇقراغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلمىسە ، قانداقمۇ ئىناق جەمىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولسۇن .

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81480
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3121
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2014-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:11:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دەيسىز. بۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ چاراسى بولسا ياخشى بولاتتى.

بىراۋ دىدى:تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟
           مەن دىدىم:چۈنكى تۇخۇمنىڭ ئەشۇ تاشتا دەردى بار!

ھەممە نەرسە سېنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2939
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12554
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 5672 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن دىگەن مەن،مىنىڭ گىپىم  قانۇن،بىزنىڭ ساۋاتسىز سىكىرتار مۇشۇنداق دەيتتى،
بىزنىڭ دادۈيگە20 يىلدىن ئارتۇق بىر سىكىرتار ھۆكۈمرانلىق قىلدى ،ئۇ ساۋاتسىز ئىدى،
ھازىر يەنە بىرسى سىكىرتار بولدى ئۇمۇ ساۋاتسىز،

سۇغاسالساڭ سۇكۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2776 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[تىمىغا يانداشتۇرۇپ مۇنۇ فىلىمنىمۇ كۈرۈپ قۇيۇڭ !


ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ھەممە نەرسە سېنى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2939
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12554
تۆھپە نۇمۇرى: 329
توردا: 5672 سائەت
تىزىم: 2010-6-23
ئاخىرقى: 2014-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:16:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىشىمچە ۋاكسىنا پۇلى ئەمەلدىن قاپتۇ ،لىكىن بۇ يەردە ھەر بىر ئائىلىدىن 40 كوي ئالىدۇ،چوڭ ئانام،چoڭ داداملار قازا قىلىپ كەتكىلى نەچچە يىل بولدى ،ئۇلار چارۋا باقالمايدۇ ،لىكىن ئۇلارمۇ ۋاكسىنا پۇلى تۈلەيدىكەن،ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم نىمىشقا پۇل تۆلەيدۇ دىسەم 5 پۇڭ يەر بار چارۋېلىق يەردىن دەيدۇ، بۇ پۇلنى يەرگە ئالامسىلە ۋاكسىنىغىمۇ دىسەم ۋاكسىنىغا دەيدۇ،...
بۇنداق  ئىشلار بەك كۆپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەنھا88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-28 11:16 PM  


سۇغاسالساڭ سۇكۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91898
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 133
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-2-19
ئاخىرقى: 2013-7-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:22:04 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز .بىزنىڭ يۇرۇتىمۇ 20 كۈندەك ھاشا چىقىپ بولدى ھازىر يازىنچە يەنە قانچىلىك چىقاركىن .            ى

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3026
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2528 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:22:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە ئىكەن ، مېنىڭچە بۇ جۇڭگوچىلىقتا خەلىقتىن ئېلىپ خەلىققە قايتۇرۇش دېيىلىدىغۇ دەيمەن دېھقانلارنىڭ تۆلەيدىغان باج سېلىقلىرىنى كېمەيتمىسىمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە، مەكتەپتىكى چاغلاردا ئوقۇتقۇچۇم شۇنداق دېگەن   باج ھۆكۈمەتنى ئانا سۈتى بىلەن باقىدۇ دەپ ،  ھېلىمۇ دېھقان ئانا بىزنى راۋۇرۇس باقتى ، ئەمدى ئۇمۇ بېقىنىشقا كۈتۈنۈشكە مۇھتاج

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:37:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمە ئىشلار بۇ؟ كونكرېت قايسى كەنت؟ مەسئۇللىرى كىم ئېنىق يېزىپ يوللىسىڭىز بوپتىكەن؟ ئاندىن يۇقىرىغا يېتەتتى، ئادەتتە ئۇ ئاتالمىش قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەققىنى ھۆكۈمەت بېرەتتىغۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77002
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3378
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-3-6
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:37:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭ پىشتتىن كىچىك پىشت بەك چاقىدۇ ئادەمنى،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش