ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا ھەپتىلىك ئومۇمي تەھلىل
ئۆتكەن ھەپتىدىكى بازارنى ئوبدان ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق ، ئالتۇن كۈمۈش بازىرى ئاساسەن ئۆسۇش يۆلىنىشتە ماڭغان بولۇپ، 240دوللارلىق چوڭ چۇشۇشكە نىسبەتەن مۇكەممەل تەڭشىلىش ھالىتىنى تاماملاپ بولدى ،تەڭشىلىشنى تاماملىغان نۇقتىسى بولسا 1440دوللار بولۇپ، كۈمۈشنىڭ تەڭشىلىشنى تاماملىغان نۇقتىسى 23.45دوللار .يۇقارقى نۇقتىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ،ئالتۇن كۈمۈش تەڭشىلىش بۆلىكىدىن مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا بۆسۇپ ئۆتتى ، ھەم شۇنىڭدەك ئالتۇن 1485دوللاردىكى يۇقىرى بىسىم نۇقتىغا ھۇجۇم قىلدى ، ئەمما بىسىم نۇقتىدىن تىزلا تۆۋەنگە چۇشۇپ كەتتى ، كۈمۈش 24.65دوللاردىكى بىسىم نۇقتىغا مۇۋەپىقىيەتلىك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ ،ئەمما ئوخشاشلا تۆۋەنگە چۇشۇپ كەتتى ، ۋەھالەنكى بىز بۇخىل چۇشۇش ھادىسىنى نورمال ھادىسە دەپ ھىساپلايمىز .چۇنكى ئالتۇن كۈمۈشنىڭ ھەرقايسى ۋاقىت بۆلەكلىرى ۋە شام سىزىقلىرىنىڭ تىخنىكىلىق ھالەتلىرى ئالتۇن كۈمۈش تىرەش نۇقتىنى چىڭدىغان ئاساستا "پەللەمپەيسىمان دولقۇن"شەكلىنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز .
تىخنىكىلىق ئانالىز نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ،ئالتۇن چۇشۇش تونىلىدىن چىقىپ، ئۆسۇش يۆلىنىشىگە كىردى ،كۈمۈشمۇ چۇشۇش يۆلىنىشدىن ئۆسۇش يۆلىنىشگە كىرگەنلىكىنى بايقايمىز .ئۆتكەن ھەپتە تۇركىيەنىڭ ئالتۇن سىتىۋىلىش دولقۇنى كىشىنى چۆچىتىدۇ ، تۇركىيە 50يىلدىن بويانقى ئەڭ يۇقىرى ئالتۇن سىتىۋىلىش رىكورتنى ياراتقان بولۇپ،ئاسىيا قىتئەسى مىقياسىدا ئالتۇن سىتىۋىلىش دولقۇنى كۆتۇرۇلگەن ، مانا بۇ ئالتۇنغا ھەرقانداق بىر ئامىلدىن كۈچلۇكرەك تىرەش كۇچى پەيدا قىلالىغان .شۇ سەۋەپتىن مەملىكىتىمىزدىكى قىسمەن بايلارمۇ ئالتۇنغا مەبلەغ سىلىش دولقۇنى ئەۋج ئالماقتا .نوپۇزلۇق تەھلىلچىلەرنىڭ ئالتۇننىڭ ئەمدى ئۆسۇش يۆلىنىشىگە كىردىغانلىقىدىن شەپە بەرمەكتە .
ئۇنداقتا ئالتۇن راستىنلا 1500دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلالامدۇ ؟
مىنىڭچە ھازىر بۇنىڭغا باھا بىرىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ .چۇنكى ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە ئىلان قىلىنىدىغان ئامىرىكا ئىشسىزلىق نىسبىتى ۋە غەيرى يىزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانلىق مەلۇماتنى ئالتۇن كۈمۈش بازىرىغا خىلىلا چوڭ بۆسۇش ۋە چۇشۇش كۈچىنى پەيدا قىلالايدۇ .شۇ سەۋەپتىن ئالتۇننىڭ بۇنداق چوڭ تەۋرىنىش ئالدىدا يىنىكلىك بىلەن پەرەز قىلىش خەتەرلىكتۇر .ئەمما شەخسى كۆز قارىشىم بويىچە توختالسام ئالتۇن كۈمۈش ئالدىمىزدىكى ھەپتىدە 1500دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلدىن بۆسۇش ئۇمىد بار ، كۈمۈش بولسا 25.40دوللاردىن بۆسۇش ئۇمىد بار .
تۆۋەندىكىسى غەيرى يىزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقنلار ساننىڭ سىتاتىكىستا كۆرسەتكۇچى :
تۆۋەندىكىسى ئىشسزلىق نىسبىتىنىڭ سىتاتىكىستا كۆرسەتكۇچى :
ئالتۇننى 1458دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۇشكە كىرىپ ، زىياننى 1452دوللاردا كونتىرۇل قىلىپ، پايدىنى 1478دوللاردا چىقىرىشقا بولىدۇ .
كۈمۈشنى 23.62دوللاردىن ئۆسۇشكە كىرىپ، پايدىنى 23.95دوللار ئەراپىدىن چىقىرىپ ، زىياننى 23.50ئەتراپىدىن كونتىرۇل قىلىشقا بولىدۇ .
ئەسكەرتىش : پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، سودا ئاساسىي قىلىۋالماڭ !
مەنبەسى : ئۆزۇم