شىنجاڭدا تېرۇرلىققا قارشى تۇرىشتىكى غەلىتە ھىكايە
ۋاڭ داخاۋ
دولان تەرجىمىسى
تېرۇرلىققا قانداق قارشى تۇرىش جوڭگوغا نىسبەتەن يېڭىتېما، تېرۇرلىققا قارشى تۇرىشتىكى تاكتىكا تەتقىقاتى ۋە تەربىيەلەش كەمچىل بولغانلىقتىن، جوڭگونىڭ تېرۇرلىققا قارشى تۇرىش كۈرىشى ئۇزۇندىن بۇيان ئىزچىل ھېسسى تۇيغۇغا تايانغاچقا، ئېغىر قانلىق بەدەل تۇلەۋاتىدۇ.
يېقىندا مارالبېشى ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن « 23-ئاپرىل » زوراۋانلىق-تېرۇرلىق ۋەقەسدىدە 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىپ، جەمىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلىپ، بىزگە ئىنتايىن ئاچچىق ساۋاق بەردى. بۇ ۋەقە يۇزبەرگەندىن كىيىن ئىچكىردىكى نۇغۇن تورداشلار مەندىن «نىمە ئۇچۇن شۇنچە كۆپ ئادەم ئۆلىدۇ؟ مۇشۇنداق پاجىئەنى ئازايتىشنىڭ ياكى ساقلىنىشنىڭ ئامالى يوقمۇ؟ » دەپ سورىدى.
يېقىنقى 30يىلدىن بۇيان تېرۇرلىققا قارشى تۇرىش تەجرىبىمىزنىڭ يىتەرسىزلىگى ۋە تېرۇرلىققاقارشى تاكتىكا تەتقىقاتىغا سەلقارالغانلىقتىن، دۆلىتىمىزنىڭ تېرۇرلىققا قارشىتۇرىش كۇرىشىدە نۇرغۇن سەۋەنلىك سادىر قىلىپ، ئازبولمىغان كۇلكىلىك ئىشلاريۇزبەردى. شىنجاڭنىڭ تېرۇرلىققا قارشى تۇرىش تارىخىنى ئەسلىگەندە، نۇرغۇنلىغان تەجرىبە ساۋاقلارنى ئەستايىدىل خۇلاسىلاشقا توغرا كىلىدۇ.
كۆپيىل ئىلگىرى، شىنجاڭنىڭ مەلۇم شەھرىدە ساقچىلار بىرنەپەر تېرۇرلىق گۇماندارىنى تۇتۇپ ماشىنا بىلەن ئىدارىغا يالاپ ئاپارغاندىن كىيىن ئاندىن يېنىنى ئاختۇرغان، نەتىجىدەدىلو بىجۇرگىچىلەرنى سوغۇقتەر بەسىپكەتكەن، سەۋەبى بۇ گۇماندارنىڭ يېنىدىن بىردانەتاپانچا چىققان، بۇ ئىش سەۋەبىدىن دىلو بىجىرگۇچىلەر ئىدارە باشلىقى تەرىپىدىن بىركۇن دەشنام ئېشىتكەن.
كۆپيىل ئىلگېرى يۇزبەرگەن يەنەبىر ئىش: مەلۇم شەھەردە ساقچىلار يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، بىربۇلىك تېرۇرلىق گۇماندارىنىڭ قارا ئۇۋۇسىنى قورشىۋالىدۇ، نەتىجىدە بىر نەپەرئاساسلىق گۇماندار قېچىپكىتىدۇ، نۇرغۇن ساقچى-ئەسكەر قورشىۋالغان جايدىن ئۇ قانداق قېچىپكەتتى؟ نەدىن قاچتى؟ ئۇ دەرىزىدىن قاچقان؛ كىيىن ساقچىلار بۇ گۇماندارنى تۇتىش ئۇچىن نۇرغۇن رىيازەت چەكتى، ئاخىرى بىركۇنى بۇ گۇماندار يۇشۇرىنغان جايى توغرىسىدىكى ئاخباراتقا ئېرىشىپ، نۇرغۇن چاقچى-ئەسكەر بۇ جاينى قورشىۋالغان بولسىمۇ، نەتىجىدە بۇ گۇماندار يەنە قېچىپ كىتىدۇ، بۇ قېتىم ئۇ قانداق قېچىپكەتتى؟نەدىن قاچتى؟ تۇلىمۇ كۇلكىلىك يېرىشۇكى ئۇ يەنە دەرىزىدىن قېچىپكەتكەن. گەرچە بۇگۇماندار كىيىن قولغا چۇشكەن بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ ھەر ئىككى قېتىم دەرىزىدىن قاچقېنى ساقچىلارغا نىسبەتەن بىرخىل « مەسخىرە ». نۆۋەتتە ج خ ئورۇنلىرىنىڭ تېرۇرلىققا قارشى تۇرىش ئېقتىدارى ئىلگېركىدىن نەچچە ھەسسە كۇچەيدى، يوقۇرقىدەك «مەسخىرىلىك » ھىكايە ئەمدە يۇزبەرمىسە ئىكەن.
ھازىركىشىلەر تېلېۋىزوردىن قوراللىق ساقچى قىسىم ياكى ج خ ئالاھىيدە ساقچى قىسمىنىڭ تېرۇرلىققا قارشى تۇرىش مانىۋىرىنى كۆرىپ، چۇقۇم ھاياجانلىنىدۇ. راستىنى ئېيىتقاندا 20 نەچچىيىل ئېلگىرى تېرۇرلىققا قارشى تۇرىش بۇنچىلىك كەسكىن ئەمەسئىدى.
كۆپيىل ئىلگىركى يەنەبىر ئىش: تېرۇرچىلار ئۆيگە يۇشۇرنىۋەلىپ، ساقچىلاربىلەن ئېتىشىدۇ، ساقچىلارگەرچە بۇ ئوينى قورشىۋالغان بولسىمۇ بىراق ئۇززاق بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ، قۇماندان ئاچچىقلىنىپ، زەمبىرەك ئېتىشقا بۇيرۇق بىرىدۇ، كىچىك تىپتىكى زەمبىرەك ئېتىلىپ ئۆيگە چۇشكەن بولسىمۇ پارتلىمايدۇ، قانداق قىلىش كىرەك؟ بەزىلەر گىرانات تاشلاش تەكلىۋىنى بىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماشىنىدا نەچچە سائەتىن كىيىن گىرانات ئەكىلىدۇ،نەتىجىدە نەچچە سائەت ھەپىلىشىپ ئاخىرى بىرقېتىملىق « ئېغىر » تېرۇرلىق ۋەقەسىنى «ئۇنىملىك بىتچىت قىلىدۇ ».
شىنجاڭدا يۇزبەرگەن ھەرقېتىملىق تېرۇرلىق ۋەقەسىنى بىرتەرەپ قىلىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ يارىلىنىپ،ھەتتا ج خ ئىدارە باشلىقى قۇربان بولىش ئەھۋال كۇرىلدى، مەن تېرۇرلىققا قارشىكۇرەشتە قۇربان بولغان ئىنقىلاۋى قەھرىمانلارغا چوڭقۇر ئىھتىرام بىلدۇرىمەن،ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى بىزنىڭ ئۇگۇنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ ئەلۋەتتە، بىراق بىز باشتىلا تېرۇرلىققا قارشىتۇرىش تاكتىكا تەتقىقاتىغا كۆڭىل بۆلگەن بولساق،بەلكى نۇرغۇن قۇربان بىرىشتىن ساقلانغىلى بولاتتى. ھەرقانداق ۋاقىتتىكى تېرۇرلىققاقارشى تۇرىشتا ئۆلىمدىن قورىقمايدىغان روھ بولىش بىلەن بىرگە جەڭ تاكتىكا ئېقتىدارىنى ئۇزلىكسىز ئۆستىرىش بىھۇدە قۇربان بىرىشىنى زوردەرىجىدە ئازايتىدۇ.
يەنىبىرغەلىتە ھىكايە بار: شىمالى شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەرلىك ج خ ئىدارە باشلىقى، شەخسە نئۇزى تېرۇرچى يۇشۇرنىۋالغان ئۆيگە باستۇرىپ كىرىدۇ، ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە بېشىغاقورال تەڭلىنىدۇ، نەتىجىدە تېرۇرچىنىڭ قورالى ئېتىلماي، ج خ ئېدرە باشلىقى تېرۇرچىنى ئېتىۋېتىدۇ، بۇ ج خ ئېدرە باشلىقىنى كىيىن ج خ مىنىستىرلىگى تەقدىرلەيدۇ. بىز ئادەم ۋە قورال جەھەتتە مۇتلەق ئۇستىنلىككە ئىگە، پەقەت تاكتىكاتەتقىقاتى ۋە ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بەرسەك، تېرۇرلىققا قارشى كۇرەشتە بىھۇدە قۇربان بىرىشنى ئازايتالايمىز.
يېقىنقى 30يىلدىكى تېرۇرلىققا قارشى كۇرەش جەريانىدا، مول تەجرىبە-ساۋاققا ئىگە بولۇپ،تېرۇرلىققا قارشى ئېقتىدارىمىز زور دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ بىراق تېرۇرلىققاقارشى تاكتىكا تەتقىقاتى ۋە تەربىيەلەش سەۋىيىسى، نۆۋەتتىكى تېرۇرلىققا قارشى كۇرەشنىڭ ئىھتىياجىدىن يېنىلا كۆپ يىراق. تېرۇرلىققا قارشى تاكتىكا تەتقىقاتى ۋەتەربىيەلەشتە شەكىلگە ئەھمىيەت بەرمەي، ئەمىلىي قوللىنىشچانلىققا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزگېرىشچان ۋەزىيەتكە ماسلاشتۇرىش كىرەك. نۆۋەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان تېرۇرلىققا قارىشى مانىۋىر« سەنئەت ماھارىتى » بولۇپ، كۆرىنىشى چىرايلىق بولۇپ كىشىنى ھاياجانغا سالسىمۇبىراق ئەمىلىي قولىنىشچانلىقى تۇۋەن. بۇ قېتىم مارالبېشىدا يۇزبەرگەن « 23-ئاپرىل» تېرۇرلىق ۋەقىسىدىكى قانلىق ساۋاقلار بىزگە شۇنى ئوقتۇردۇكى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ماسكىلدىغان تېرۇرلىققا قارشى تاكتىكا جەھەتتىكى تەربىيەلەشكە جىددىي ئىھتىياجلىق ئىكەن. تۇنىگىن، جەنۇبى شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغان بىر كادىر خۇرسىنغان ھالدا « ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارغا بولغان روھى بېسىم بەك ئېغىر » دىدى.
ئاساسىيقاتلام تەشكىلاتىنىڭ تېرۇرلىققا قارشى ئېقتىدارىنى يوقۇرى كۇتىرىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۇچەيتىش، تېرۇرلىققا قارشى مۇقىملىق خىزمىتىگەمۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلە، « 23-ئاپرىل » قانلىق دىلوسى بىزگە شۇنى ئاگاھلاندۇردۇكى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى تېرۇرلىققا قارشى تاكتىكا جەھەتتەتەربىيەلەش، نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپە.
شىنجاڭ تېرۇرلىققا قارشى ئالدىنقى سەپ، مەن شىنجاڭدىكى مۇقۇملىقنى قوغداش ئورۇنلىرىغاتىزلىكتە تېرۇرلىققا قارشى تەتقىقات ئورنى قورۇپ، مەخسۇس ج خ ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ تېرۇرلىققا قارشى تاكتىكا تەتقىقاتى قىلىش توغرىسىدا تەكلىپ بىرىمەن.شىنجاڭ نۆۋەتتە تېرۇرلىققا قارشى نوقتىلىق ئۆلكە بولۇپ قالدى، نۇرغۇن تىپىك دىلوماتىرىيالىغا ئىگە بولوپ، تېرۇرلىققا قارشى تاكتىكا تەتقىقاتىدا پايدىلىنىش قىممىتىگەئىگە. جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ تېرۇرلىققا قارشى ئېقتىدارىنى يوقۇرى كۇتىرىش ئۇچۇن، تېرۇرلىققا قارشى پەن-تېخنىكا مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، تېرۇرلىققا قارشىكۇرەشتە خاتالىقتىن ساقلىنىپ، بىھۇدە قۇربان بىرىشنى ئەڭ تۇۋەن چەككە چۇشۇرىشلازىم.
مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/main_v5/ria/print.html?blog_id=blog_60f25ed70102ea6y
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kadirdolan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 07:52 PM