ھجىران ئازابى
(ئپىك نەسىر)
نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم ،بىئارامبولۇپلا تۇرمەن . زادى نېمىشقا ؟بۇ جاھاندىن بەكلا زېرىكىپ كەتتم، مەن بۇ جاھاندىننەپىرەتلىنىمەن ئەجىبا ئازابلارنىڭ ھەمىسى ماڭا كېلىۋاتامدىغاندۇ؟ كىچىكىنەيۈرىگىمنى خۇددى ئوپىراتىسىيەخانغا ئەكىرىپ كەتكەن بىمارنىڭ يۈرگىنى تىلغاندەكتىلماقتا…..
پارە –پارە بولۇپ كەتكەن يۈرگۈم بىلەن بۇ جاھاندا قانداقمۇ ياشارمەن؟ بۇتۇرمۇشنىڭ ماڭا قىلغان چاقچىقىمۇ ياكى سىنىقىمۇ؟ زادى قانداق چۈشىنەي ؟ ئەجبامېنىڭ بۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالغىنىم ،ئىلگىرى لەيلى-مەجنۇندەك چىن ئاشىقۇمنىڭ ،مېنىتاشلاپ كېتىشىمۇ ؟ ياكى ئۆز ئاتا –ئانامنىڭ مەندەك سەبىي قۇشنى تاشلاپكېتىشمۇ؟ ئاتا – ئانا مھرىگە تەلمۈرۈپيۈرگەن شۇ كۈنلەردە دادامنىڭ
-سەندەك بالام يوق،يېنىمدىكى بالىلىرمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ،ماڭ ئاپاڭنىڭ يېنغا بېرىپ تۇر !
دەپ يۈزۈمگە تۈكۈرۈپئۆيدىن چىقىرۋەتكەن ،ئانامناڭ باشقا ئائىلە قۇرۇپ ،كۈلۈپ يۈرگەن ھەتتا ئۆز ئاپام بولغان كىشى مېنى يەكلەپ -داداڭنىڭ يېنغا بېرىپ تۇرساڭمۇ بولىدۇ ، دېگەنلىرى ،مەندەك بىچارە قۇشنىڭ ۋىچىلداپنالە قىلۋاتقان شۇ كۈنلەردە ،كىملەردۇر بىراۋنىڭ مەندەك بىر ئۆچۈپ قالاي دەپقالغان مەشئەلنى يورۇتىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتىم … دېگەندەك خۇدايىم مېنىڭ بۇتەلىپىمگە يەتكۈزگەن بولسا كېرەك ،ھېلىمۇ ياخشى تاغام مېنى بېقىۋالدى .
بەزى ئشلارنى قىلغىنىمدىن تولىمۇئەپسۇسلنىمەن پۇشايمان قىلمەن … ئالىي مەكتەپتە
ئۆتكۈزىلگەن تەنەركەتمۇسابىقىسگە نېمىشىقىمۇ قاتناشقان بولغىيتىم ،نېمىشقىمۇ يۈگىرىپلا سۇ ئچكەنبولىغىيتىم قاتناشمىغان بولسام بەلكىمئۆپكەمگە سۇمۇ چۈشمىگەن بولاتتى ... ھەتتا ئۆز دادامۇ مېنىڭ بالنىستا ياتقىنىمنىئۇقۇپمۇ
-مەن جېنىمنى ئارانبېقىۋاتسام ،مەن قانداق قىلمەن .ئاپىسى داۋالاتسۇن دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ خۇددى تېگى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېكىۋاتقاندەك يۈرگىم ساقىپ كەتتى. مەن ئۆزدادامدىننەپىرەتلىنىمەن …
ھەي ! قانداق قىلايبەلكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدۇر …لېكىن چىن ئاشىقۇمنىڭ مېنى تاشلاپ كېتىشى،ئەجبا بۇنىمۇ تەقدىردىن كۆرەمدىم ؟ ئاتا- ئانا مھرىگە قانمىغان قاغجىراپ كەتكەنيۈرگىمنى كۆتۈرەلمىگەن كۈنلىرىمدە بىر بۇلبۇل كېلىپ مېنى ئۆز يېنغا تارتقان ئىدى.خۇددىى قىپقىزىل خۇش پۇراق گۈلنى چىشلەپ چەكسىز ئاسماندىكى بۇلۇت ئۈستىدە لەيلەپھاياتنىڭ خۇشالىقىلىرنى ھېس قىلدۇرغان ئىدى… بۇلبۇلۇمنىڭ گۈلۈم دەپ جېنىدىنمۇئەزىز بىلىشى باغۇ چىمەنلىك بوستانلىقلارنى ئويناپ ئۇنتۇلغۇسىز گۈزەل ئەسلىملەرنىئەسلىگىنىمدە تولمۇ ئەپسۇسلۇنىمەن ۋە ئۆكۈنىمەن … بەلكىم بۇنى سەندىمۇ كۆرۈشكەبولمايدىغاندۇ ، بەلكىم بۇ، ئەڭ يېقىن دوستۇمنىڭ ماڭا زىيانكەشلىك قىلىشىدۇر ، ئۇ مەندىن سېنى تارتىۋالدى .
مەن بالنىستا ياتقان بىر كۈنى دوستۇم بىلەن بىللە ئىدىم ، سەن مېنى يوقلاپ كەلدىڭ ،ئەڭ يېقىن دوستۇمنىساڭا تونۇشتۇردۇم شۇندىن باشلاپ ئىككىڭلاردا بولۋاتقان يېڭىلىقلارنى سەزمەپتىمەن بىلمەپتىمەن ئەمەسمۇ ؟ سېنىڭ ،مەندىن ئاستا – ئاستا يىراقىلىشىشىڭ، سوغوق مۇئامىلە قىلىشىڭنىڭسەۋەبىنى بىلمەپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئايىرىلىپكېتەيلى دېگىنىڭنى ئاڭلاپ بەرداشلىق بېرەلمىدىم ..
ھاۋا ، گۈلدۈرلىدى ،دەشەتلىك چاقماق چېقىپ شارقىراپ يامغۇر يېغشقا باشلىدى،….
ئۆزۈمنىڭ ئاغرىقئككەنىلىكىنمۇ سەزمەي بالنىستىن چىقىتىم ۋارقىردىم ، يىغلىدىم ..
-ئاھ ،خۇدا ماڭا بۇ،نېمە كەلگۈلۈك ئەمدى مەن قانداق قىلاي ۋاي ئسىت … سوغوقتىن چىشلىرىمنىڭ گىچىلداپ،كالپىكىلىرىم كۆكۈرۈپ كەتكەن ئىدى .چاچلىرىمدىن ئېقىۋاتقان يامغۇر تامچىسى بوينۇمنىسىلاپ چۈشمەكتە ..شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ ئىلتىجا قىلدىميالۋۇردۇم ..
يامغۇر مەنمۇ سەنبىلەن بىللە ئاقاي ،مەن يامغۇرغا ئايىلىنىپ كېتەي ،ۋاز كەچكەن مېنى كەتكەن بۇلبۇلۇمنى ،چىن ئاشقۇمنى يامغۇر بولۇپ سۆيەي … كەينى –كەينىدىن كەلگەن ئازاپلارنى كۆتۈرەلمىدىم ،رھىى بېسىمدىنئاجىزلىشىپ كەتكەن تېنىمنى ، كېسەل تېغمۇ بېسىۋالدى … ئارقا –ئارقىدىن ئۆپكەمگەچۈشكەن سۇ ئۇزۇن ھەم يۇغان يىڭنىلەرنىڭ ، بەدىنىمگە كىرشى ، مېنى تېخىمۇئاجىزلاشتۇرماقتا ئىدى…
ھەر بىر يۆتەلگەن ۋاقتىمدا تەڭگىدەك قانتۈكۈرۈپ ، ئاپئاق قول ياغلىقىمنى قانغا بويىۋتتەتتىم ..
كېسىلىم كۈندىن –كۈنگەئېغىرلىشىپ كەتتى .كېسەل سەۋەبىدىن كىرىپ كەتكەن كۆزلىرم ، ساماندەك سارغايغانچىرايىم ،تاياقتەك بولۇپ كەتكەن بەدىنىم ، خۇددى ھازىرلا ئۇ دۇنياغا سەپەرقىلغاندەك ،بۇرۇنقى ھالىتىمدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى ….
گەرچە ،تاغام ياخشىتاماقلارنى بېرىپ ،تەسەللىي بەرگەن بولسۇمۇ ماددىي جەھەتىكى ، بېسمدىن يەنىلا روھى جەھەتىكى پىغانلىقئازاپلار مېنى يىقىتتى ، مەن بەرداشلىق بېرەلمىدىم ،تاغام غەمكىن چىرايىمنى ھەرقېتىم كۆرگەندە ، كۆزگە ياش ئالاتتى …ئەپسۇسلىناتتى …
بىر كۈنى، كاردورنى بويلاپ كېتىپ باراتتىم،دوختۇرنىڭ تاغامغا دېگەن مۇنۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قالدىم …
-قىزىڭىزنىڭ ئەھۋالىئانچە ياخشى ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتسام خېلى ئېغىر دېسەمۇ
بولىدۇ ،ھازىر ئۇ.. ئۇ …ئۆپكە تېبىرىكليوزنىڭئاخىرقى باسقۇچى …
ئاھ،خۇدا ، لەۋلىرىم تىتىرمەكتە ،كۆزۈمدە ياش ئەمەس ئەمەس يۈركىمدە قان ئاقتىى،نېمەبولغىنمىنى بىلمىدىم ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن، ئاردىن بىر ئىككى ھەپتە ئۆتتى …
شۇنداق ھالسىزلىنىپكەتتىم ، ئچىمگە ئوت كەتتى ، بەك قىيلىنىپ كەتتىم پۇت قولىرىمنى تېپىشلىدىم …قانداقتۇر دادام ئاپامنىڭ قىزىم دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ سەل ئارام تاپتى، تاغام بۇئەھۋالارنى ئۇلارغا دېگەن بولسا كېرەك ، گەرچە ئۇلار ماڭا ئاتا – ئانىلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىسىمۇ مەن يەنىلا ئۇلارنى كۆرۈشكە ئنتىلدىم . يەنىلا يۈرگۈم ئېغىر خۇددى بىرەر نەرسەم كەمدەك ،ئاھ ، خۇدا ،ئۇنى بىر كۆرۋالسام ئۆلۈپ كەتسەممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى ، كۆزلىرىم يۇمىلاي دەپلاقالدى ، نەپىسىم بارغانسىرى قىيلىنىپ كەتتى…
-گۈلىزىبا ، قېنىمگۈلزىبا مېنى كەچۈر !
ئاھ ، بۇ نېمە ئاۋاز راستىنلا ئۇ ئىكەن ، مەنئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم …
-مەنمۇ سېنى بەكئۇزاق …ئۇزاق …ساقلاپ كەتتىم … كەينى كەيندىن كەلگەن ھۆتەل مېنى نەپەس ئالدۇرغىلىقويمىدى ، ئۇ قان ئاققان لەۋلىرىمنى سۆيدى …
-كەچۈر جېنىم !مەن خاتالىشىپتىمەن ….
-مەن سېنى كەچۈردۈم،چۈنكى مەن سېنى ياخشى كۆرمەن ئەمەسمۇ؟! مەن ئۇ دۇنيامۇ سېنى ئەسلەپ تۇرمەن …
-ئاھ ، خۇدا ، ياقگۈلزىبا سەن كەتمە … كەتمە …
دېگەن بىر ئېغزگېپىنى ئاڭلىدىميۇ ، ئەتىگەنلىك تاڭ شەپەقنىڭ نۇرنى كۆرەلمەي ئازاپقا تولغاندۇنيادىن خوشلاشتىم…..
دەرتلرىم ئچىمگە سىغماي،تۆكۈلدى يېشىم ،
پۇت قولۇمدا ماغدۇر يوق،ئايلاندى بېشىم.
رەھمسىز رېئللق، ئايرىدى بىزنى ،
سەندىمۇ گۇنا يوق ،ئەي!سۆيگۈنۈم .
تۆكۈلدى بۈگۈن، ياشئەمەس قان ،
يۈرگىمنىڭ ،چوڭقۇرقاتلاملىردىن
يامغۇر بولۇپ تۆكۈلدىكۆزلىرمدىن ياش
خەيىر سۆيگۈنۈم مەڭگۈلۈك،مەڭگۈلۈك خەيىر.
ياخشى كۆرۈش گۇناھمۇ،سېنى ،
تەقدىردىن ئاغرىنمەن ھامان بىر كۈنى ،
چۈنكى تەقدىر ،ئايرىدى بىزنى ،
خەيىرسۆيگۈنۈم مەڭگۈلۈك خەيىر.
ئەسكەرتىش:تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ!
-تەھرىردىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 11:43 PM