تېلىفۇنۇم
ئۇخلاپ ياتسام سەھەردە قۇلاق تۈۋىمدە قوڭغۇراق ‘
تاڭ ئاتتى سەن قوپقىن دەپ ،خوراز بولغان تېلىفۇنۇم.
بىخۇد بولسام بەزىدە ئەسكەرتىسەن زېرىكمەي
ۋاقىت مۇھىم ئالتۇن دەپ خوراز بولغان تېلىفۇنۇم
.
نەگە بارسام مەن بىلەن بىللە بارغىنىڭ بارغان ،
بىزلەر بولدۇق ئايرىلماس، خۇش بولدىڭمۇ تېلىفۇنۇم .
ئوڭ قولۇمدا بولسا قەلەم ۋە چوكا ،سول قولۇمدا سەن ،
ئەتىگەندىن كەچكىچە قولدىن چۈشمەس تېلىفۇنۇم.
دەرسخانىغا مەن بىلەن بىللە بارىسەن ھەر دائىم،
مۇئەللىم دەرس سۆزلىسە ئېچىلىسەن تېلىفۇنۇم
ئۈندىدار ھەم چ چ دەپ ئۆتتى كۈنلەر مۇشۇنداق،
زېھىن قويماس دەرسكە بەك كەپسىزسەن تېلىفۇنۇم
بىر كۈنى دەرسخانىدا بولدى كىچىك بىر سىناق ،
ھىچنىمىنى يازالماي يېنىپ چىقتىم تېلىفۇنۇم.
ئاڭلىسام شۇ سۇئالنى مۇئەللىم سۆزلەپ چىققانمىش ،
مەن بىلمەيمەن نېمىشقا سەن بىلەمسەن تېلىفۇنۇم .
ئۆتكەچ كۈنلەر مۇشۇنداق، كەلدى خىيال كاللامغا ،
سەنسىز دەرس ئاڭلاشنى خالاپ قالدىم تېلىفۇنۇم .
بولا بولماي ئون مىنۇت زېرىكىشكە باشلىدىم .
دەرسمۇ خۇشياقمىدى سەن بولمىغاچقا تېلىفۇنۇم.
گەرچە كەپسىز بولساڭمۇ ئېىپىڭ باردۇر كۆپ ئىشقا ،
ئىمتاھاندىن قورقمايسەن بەيدۇرۇڭ بار تېلىفۇنۇم .
بوش بولدىمۇ ئىمتىھان ،سىنىڭ شۇنداق كۆڭلۈڭ خوش ،
يېڭىۋالغان مىنى ھەم كۆچۈرمىكەش تېلىفۇنۇم.
بارسام ناتونۇش جايغا يول باشلىغۇچى بولدۇڭ ،
گوگۇل خەرىتەم بار دەپ بەك ئەركىسەن تېلىفۇنۇم .
سەن بولغاچقا مەن خاتىرجەم يۈردۈم ھەرجاي ھەرۋاقىت ،
نۇرغۇن ئىشلار بەك ئاسان سەن بولغاچقا تېلىفۇنۇم
.
سەن بىلەن بىللە ماڭغان كوچىلاردا ئازمىدىم ،
لېكىن ھايات يولىدا بەزى قىڭغىر ماڭدىم تېلىفۇنۇم.
سەن ئازمىدىڭ مەن ئازدىم ،سەن بولغاچقا تېلىفۇنوم،
مىنى باشلاپ قىڭغىرغا ئۆزۈڭ بىغەم تېلىفۇنوم
بۇرۇن ئىدىڭ نوكىيا، ھازىر ئاندىرويىد ئالما،
جەلىپ قىلسەن ھەممىنى گۈھەردەكلا تېلىفۇنۇم.
ئىنتىلگەنگە ئۈمۈتسەن،سۆلەتۋازغا مەرۋايىت،
نۇرغۇن ئاتا-ئانىنى قاقشاتتىڭغۇ تېلىفۇنۇم.
بۇرۇن ئىدىڭ تېلىفۇن ھازىر نېمە بىلمىدىم،
جاھاندا بار ھېكمەتكە ئىگىسەنغۇ تېلىفۇنۇم.
ساڭا تايىنىپ يۈرگەچ ئۆتتى كۈنلەر تور ئارا،
قۇرۇق قاپاق سۆلەتۋاز بولدۇمغۇ مەن تېلىفۇنۇم.
سەندىكى شۇ ئىقتىدار ھەم بىلىملەر مەندە يوق،
سەن بولغاچقا مەن ھازىر بەخىرامان تېلىفۇنۇم.
ئەگەر بىر كۈن ئايرىلىپ قالسام سەندىن تۇيۇقسىز،
ئۈتەلەيمەنمۇ شۇنداق بىر گەپ قىلە تېلىفۇنۇم.
تەرەققىيات سەندە بار ئېيتقىن نېچۈن مەندە يوق ،
ھەۋەس قىلىپ مەن ساڭا ئۆتىمەنمۇ تېلىفۇنوم .
مەنمۇ يېتىشەي ساڭا، ئلگىرلەيلى بىز بىللە،
بىخۇدلىشىپ ئايرىلىپ قالماي سەندىن تېلىفۇنۇم .
راست گىپىمنى ئىيتساممەن مەن ساڭا شۇنداق ئامراق ،
ئۆتسەم دەيمەن ئايرىلماي ،بىلەمسەنكىن تېلىفۇنوم .
مۇستەقىللىق ئەركىنلىك بىرەيلى بىز ئۆز-ئارا،
شۇنداق قىلساق بۇ بىزگە نەپ ئەپكىلەر تېلىفۇنوم .
قولۇمدىن چۈشمىسەڭ ھەرۋاخ نەتىجە شۇنچىلىك ئېنىق
مىنىڭ ئۆمرۈم مەنسىز سىنىڭ قىسقا تېلىفۇنۇم.
ئاسرايلى بىز ئۆز-ئارا ،ياردەمدە بوپ ھەرۋاقىت،
خۇشاللىق ،تەرەققىيات بولسۇن ھەمراھ تېلىفۇنۇم
فۇجو شەھىرى
2012.04
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mamat820 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 06:45 PM