مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 14

قوشنىدارچىلىق ئەخلاقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80284
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3467
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 93 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2013-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 12:58:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قوشنىدارچىلىق ئەخلاقى

قوشنىلىرىڭ سىنى  ئادەم دىسە دىمەك سەن ياخشى ئادەم. ئەگەر ئۇلارسىنى يامان ئادەم دىسە، دىمەك سەن يامان ئادەم.

‹سەھىھ ھەدىسلەر› دىن

كىشىلىك جەمئىيەتنى ئائىلىلەرسىز تەسەۋۇرقىلغىلى بولمىغاندەك، ئائىلىلەرنىمۇ قوشنىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس، دېمەك،ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ياخشى ياكى يامان بولسۇن قولۇم – قوشنىلىرى بىلەن ئارىلىشىدۇ،بىللە ياشايدۇ. بىرلىكتە بۇ ھايات مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە تاماملايدۇ. بۇھايات ئۈزۈلمەي شۇنداق داۋام قىلىدۇ.....

شۇڭا، ئەجداتلىرىمىز قوشنىنىڭ ھايات يۇلىمىزدىكىمۇھىملىقىنى يىغىنچاقلاپ ‹يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى› دىگەنھىكمەتنى ئوتۇرغا قويغان. ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن يىراقتىكى تۇققاندىن يېقىندىكىقوشنا ياخشى بولغاچقا ئۇنىڭ قوشنىدارچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلماقلىق زۈرۈردۇر. سىزخۇلۇم – قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈپ، ھەقىقى ھاياتنىڭ مېھرى – ۋاپاسىنى تەڭكۈرىمەن دەيدىكەنسىز ئۇنداقتا تۈۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىڭ.

1. قوشنىڭىز بىلەن ياخشى ئۈتۈڭ، ھەرگىزدۈشمەنلىشىپ قالماڭ، سىز بۇسۇغىڭىزدىن ئاتلىغان ھامان قوشنىڭىز بىلەن ئۇچۇرشىسىز.شۇ چاغدا سىز ئەڭ ئاۋال ‹ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم› دەپ سالام بىرىڭ. كۆرمەسكە سېلىپئۈتۈپ كەتمەڭ ياكى قوشنىڭىزنىڭ سالام بىرىشىنى تەمە قىلماڭ. سىز سالامنى بۇرۇنقىلسىڭىز بۇ سالىمىڭىز قوشنىدارچىلىق مىھرى – مۇھەببىتىنى ئويغىتىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:‹بىر – بىرىڭلار بىلەن سالاملىشىپ يۈرۈڭلار، شۇنداق قىلساڭلارئاراڭلاردا مېھرى – مۇھەببەت ئويغىنىدۇ› دېگەن.

قوشنىلار ئارا ئۇقۇشماسلىق، كۆڭۈلسىزلىك بولۇپتۇرىدۇ، بۇ ئۇقۇشماسلىق، كۆڭۈلسىزلىكنى مۇستەسنا قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئاۋالسالام قىلىشتۇر.

قشنىڭىز بىلەن ياخشى ئۆتسىڭىز كۈنلىرىڭىز كۆڭۈللۈك،خاتىرجەم، پاراغەتتە ئۈتىدۇ. قوشنىللىرىڭىز بىلەن ئارازىلىشىپ، دۈشمەنلىشىپئۆتسىڭىز كۈنلىرىڭىز ئازاب ئىچىدە، كۆڭۈلسىز ئۈتىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:‹بەخىتسىزلىك 3 نەرسىدىدۇر: ئاتتا، خۇتۇندا، ھويلىدا› دېگەن، يەنىيامان ئات، يامان خۇتۇن، يامان قوشنا بار ھويلا دىگەنلىكتۇر.

2. بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرمەڭ. بالىلارنىڭيېشى، مىجەزىدىن ئالغاندا ھېلى ئۇرۇشۇپ، ھېلى يەنە بىللە ئوينىشى تەبىئىي ئەھۋال.بۇنداق ئەھۋاللار تەكىرار بۇلۇپ تۇرۇشى مۇمكىن، شۇڭا باللار ئارىسىغا كىرىپئارازىلىشىپ قالماڭ. ئۈزىڭىزنىڭ بالىسىغا چىقىشىپ ئويناش توغرىسىدا كۆپىرەك تەلىمبىرىڭكى ھەرگىزمۇ بالىڭىزنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ‹قاغا بالام ئاپپاق، كىرپە بالاميۇمشاق› دەپ ەۇناھنى قوشنىڭىزنىڭ بالىسىغا ئارتىپ داۋالاشماڭ، كەينىدىنكوتۇلدىماڭ، تەنە قىلماڭ. بۇنداق قىلسىڭىز قوشنىلار ئارا مۇناسىۋەتكە دەز كىتىپلاقالماي بالىڭىزنىمۇ ئۆز بېشىمچى،كاززدپ قىلىپ قۇيىسىز، ئىناۋىتىڭىزنىمۇتۈكىۋالىسىز. باللارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئاداۋەت ساقلىماڭ. پەيغەمبەرئەلەيھىسساللام:‹ھەردائىم(ئۇزۇن ۋاقىت) خۇسۇسەن ئاداۋەت ساقلاش گۇناھكار بۇلۇشنىڭئالامىتىدۇر›دېگەن.

3. قوشنىڭىز تۈرلۈك قىيىنچىلققا يۇلۇققانداياردەمدە بۇلۇڭ. قوشنىلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىقوشنىللىرىڭىز تۇرمۇشتا قىينىلىپ پۇل، نەرسە – كىرەك ئۆتنە سۇراپ كىرسە قۇلىڭىزدابولسىلا ئايماي ياردەم قىلىڭ. تۇرمۇشتا ئۆز ئارا ئۆتنە - يېرىم قىلىپ ئۆتۈش،ئۇششاق ئىستىمال بۇيۇملىرى، ئۆي سايمانلىرىنى ئۆتنە ئېلىپ ئىشلىتىش دائىملىقئەھۋال. بۇنداق چاغدا بار تۇرۇپ بەرمىسىڭىز قوشنىدارچىلىققا يارىمىغان بۇلىسىز.ئەگەر سىز قوشنىڭىزدىن پۇل، نەرسە – كىرەك ئۆتنە ئالسىڭىز ئۆز ۋاختىدا، ئۆز پېتىقايتۇرۇڭ. بۇزۇلسا تۈلەڭ، ياكى يېڭىدىن سېتىۋېلىپ بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز باردى –كەلدىنىڭ يۇلى ئېتىلىپ قالمايدۇ...دە،‹ياغاچ قازاندا بىر قېتىم ئاش پىشىدۇ› غانئەھۋال شەكىللەنمەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھسساللام:‹ سىلەرنىڭ ياخشىللىرىڭلار ئالغانقەرىزنى چىرايلىق قايتۇرىدىغانلاردۇر› دېگەن.

4. قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ. ئۇلارغا ئاش – تاماقسۇنۇپ قوشنىدارچىلىق ھۆرمىتىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرۇڭ. قوشنىدارچىلىقنىڭ ھەققىمۇ بىر –بىرىنى ھۆرمەتلەشتۇر. سىز تاماق ئەتكەندە قوشنىڭىز تاماق ئەتسۇن – ئەتمىسۇن، توقياكى ئاچ بولسۇن، ئەتكەن غىزايىڭىزدىن سۇنۇپ ئۆز ھۆرمىتىڭىزنى ئىپادىلەڭ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلاتتى ۋە شۇنداق قىلىشنى تەۋسىيە قىلاتتى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دىگەن:‹ئى ئەبۇزەر، شورىپا قايناتساڭ سۈيىنىجىقىراق قىل، قوشناڭغا سۇن› ئائىشە رەزىيۇللاھۇ ئەنھا:‹ئىككى قوشنىنىڭ قايسىغانەرسە سۇنىمەن›دەپ سۇرىغاندا ‹ئىشىكى ساڭا ئەڭ يېقىنغا› دىپ جاۋاپ بەرگەن.

ئەگەر قوشنىڭىز پېقىر – مىسكىن، ئاچ بولساتېخىمۇ شۇنداق قىلىڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:‹يېقىندىكى قوشنىسى ئاچ تۇرۇپ، ئۆزقۇرسىقىنى تويغۇزۇپ يۈرىدىغان ئادەم كامىل مۇسۇلمان ئەمەس› دېگەن.

5. قوشنىلارنىڭ خۇشاللىقىغا ئورتاق جۆر بۇلۇڭ.قايغۇسىغا تەڭ قايغۇرۇڭ. دەردىگە دەرمان بۇلۇڭ. قوشنىڭىزغا ياخشىلىق قىلىڭ. ياردەمسورىسا ‹جان› دەپ ياردەم بىرىڭ. كېسەل بولسا پات – پات نەرسە – كىرەك ئېلىپ كىرىپيوقلاڭ. دوختۇرغا كۈرىنىشىگە ياردەم قىلىڭ. توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراق ئىشلىرداباغاق تارقىتىشتىن باشلاپ ياردەملىشىپ ياخشى قولداش بۇلۇڭ. ھىمايە قىلىشقاتىگىشلىك ئىشلىرىنى ھىمايە قىلىڭ. خاتالىقلىرىنى ئەپۇ قىلىڭ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:‹قوشنىلار بىلەن ياخشى ئالاقىدە بۇلۇڭلار› دېگەن.

6. ئۆي ياكى يول ئىشلىرىدا قوشنىڭىزنى قىستىماڭ.ئۆز ئارا ئالاقىدار نەرسىلەرنى قوشنىڭىزدىن مەسلىھەت سورىماي ساتماڭ ياكى ئىجارەبەرمەڭ. قورو – جاي چېگىرلىرى، قاشا تام، يەر پاسىللىرىنى كېڭىشىپ بىكىتىڭ. ئۆزئالدىڭىزغا ئىگەللىۋالماڭ. بىكار جايدىن ئورتاق پايدىلىنىڭ. ئېتىز – ئېرىقتىكى دەل– دەرەخ، سەي – كۆكتات، زىرائەتلەرگە زىيان سالماڭ. بېخەستەلىك قىلىپ ياكىئۇقۇشماي ئۇلارنىڭ نەرسە – كىرەكلىرىگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ قۇيۇشتىنساقلىنىڭ. ئۇلارنى زىيانغا ئۇچۇرتۇپ قويسىڭىز زىيىنىنى تۆلەپ بېرىڭ. يۇندا –ئەخلەتلىرىڭىزنى قوشنىلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ياكى ئۈتەر يولىغا تۆكمەڭ.

ئۆزنەپىئىن دېگەنلەر ئادەم بۇلارمۇ؟

ئەل نەپىن دېسە كىم چىن كىشىدۇر ئۇ.

‹ئوغلۇم، ئالدىڭغاقار›دىن

7. قوشنىڭىزنىڭ پەرزەنىتلىرىنى ئۆزپەرزەنتىڭىزدەك كۈرۈڭ. ياخشى ئاسىراپ مېھرىبانلىقىڭىزنى يەتكۈزۈڭ. بۇلۇپمۇقوشنىلارنىڭ يىتىم ئوغول، يىتىم قىزلىرىنىڭ بېشىنى سىلاپ، ھېيىت – ئايەملەردەھېيىتلىق بىرىپ خۇشال قىلىڭ. ئېشىنالىسىڭىز كىيىم – كىچەك، ئۇلار ياخشى كۈرىدىغانئۇيۇنچۇقلارنى ئېلىپ بىرىڭ. ئۇقۇشتا ئىقتىسادتىن قىينالسا دەپتەر – قەلەم ئېلىپبىرىپ، تۇرمۇش راسخودىنى تۈلەشكە ياردەملىشىڭ. ئۇلارنىڭ يىتىملىكىنى ھېس قىلدۇرماڭ.ئۇلار سىزنى ياخشى نام بىلەن ئاتايدىغان بولسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:‹مەنيىتىمگە كىپىللىك قىلغان ئادەم بىلەن جەننەتتە بىللە بۇلىمەن› دېگەن. قوشنىلارنىڭخۇتۇن، قىز، كىلىنلىرىگە باشقىچە نەزەر سالماڭ. بۇ شەرمەندىچىلىك بۇلىدۇ. بۇ ھەقتەھەدىستە:‹ كىشىنىڭ ئون خۇتۇن بىلەن زىنا قىلغان گۇناھى، قوشنىسىنىڭ خۇتۇنىنى زىناقىلغانغا قارىغاندا يىنىكرەكتۇر، ئون ئۆيگە ئوغۇرلۇققا كىرگەننىڭ گۇناھى بىرقوشنىسىنىڭ ئۈيىگە ئوغۇرلۇققا كىرىشتىن يەڭگىلرەكتۇر› دېيىلگەن.

8. قوشنىللىرىڭىزنىڭ ئارىسىدا غەيۋەت قىلماڭ.كەلسە – كەلمەس باھالارنى بەرمەڭ. قوشنىلىرىڭىزغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىڭ.ئىقتىسادى ئەھۋالىڭىزنىڭ ياخشىلىقى، ئەمەل دەرىجىڭىزنىڭ يۇقۇرلىقىدىن پايدىلىنىپئۇلارنى پەس كۆرمەڭ. ئۇلارغا تەكەببۇرلۇق قىلماڭ.

ئۇلۇغ بۇۋىمىز، مۇتەپپەككۇر يۈسۈپ خاسھاجىپ:‹پىتنى- پاسات ئەتىراپىدا يۈرمىگىن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشما، پىتنە- پاساتقەيەردە بولسا شۇ يەردە خارلىق بۇلىدۇ. پىتنە- پاسات بار يەردە دۆلەت تۇرمايدۇ،قاچىدۇ، ئەگەر تۇرسا ھەيران قالما ئۇ بىر كىچىلىك مېھمان خالاس› دەپ توغرائېيتقان.

9. ئۆي – زىمىن سېتىۋالغاندا قوشنىنى ياخشىتاللاپ، ئەخلاقلىق، دىيانەتلىك قوشنىلار بار ئۇرۇندىن سېتىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ. ئەگەرقوشنىڭىز يامان چىقىپ قالسا كۈچۈپ كەتمىگۈچە ئۇلاردىن قۇتۇلالمايسىز. ئۆيزىمىنىڭىزنى ساتاي دەپمۇ نەرقىگە چىقىرىپ ساتالمايسىز. مۇتەپپەككۇرلىرىمىز:‹ئۆئالماقچى بولساڭ قوشنىسىنى سۇرا، يەر ئالماقچى بولساڭ سۈيىنى سۇرا› دەپ بىزلەرنىئاگاھلاندۇرغان.

قوشنىلار ئىچىدە ئاتا مىراس قوشنىلار بۇلىدۇ.ئاتا – ئانىڭىز چىقىشىپ ئولتۇرغان قوشنىلار بىلەن سىز چىقىشىپ ئولتۇرالماسلىقىڭىزمۇمكىن. ئۇنداق ئەھۋالدا ئاتا – ئانا ئىزىدىن مېڭىپ چىقىشالماسلىقنىڭ سەۋەبىنىئۈزىڭىزدىن ئىزدەڭ. ئەگەر يامان قوشنا بىلەن ئولتۇرۇپ قالسىڭىز سىزگە سەۋرە قىلىشھەمرا بولسۇن.

بىر كۈنى بىر ئادەم قوشنىسىنىڭ ئۈستىدىن شىياكەتقىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ مۇنداق دىدى:‹سەۋر قىل›،يەنە ئۈچۈنچى، تۆتۈنچى قېتىم كەلگەندە ‹سەرەمجانلىرىڭنى يولغا تاشلىۋەت› دېگەن. ئۇكىشى شۇنداق قىلىۋىدى يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر ‹ساڭا نىمە بولدى› دەپ سۇراشقاباشلىدى.  ئۇ:‹ماڭا قوشنام زىيان يەتكۈزدى›دېدى. كىشىلەر ئۇنىڭ قوشنىسىغا لەنەت ئۇقىدى. ئاخىرى قوشنىسى كىلىپ ئۇنىڭغا:‹نەرسىللىرىڭنى ئۆيىڭگە قايتۇرۇپ ئەكەت، ئاللا بىلەن قەسەمكى ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن›دېدى.

    مەنبە: ‹ئەدەپ– ئەخلاقتىن تەۋسىيىلەر› دىن
مەنبە:ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت تورى




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95043
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 206
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ ئەجىر  بەرسۇن......................... ئىسىل تىما بوپتۇ..................ھارمىغايسىز...............................

چىدىماسلار يوقالسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3895
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:41:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىراقىتكى ئىزەشمەيدىغان تۇققاندىن يىقىندىكى قوشنا ياخشى.......دىگەنىكەن كونىلار ...

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ

مىسكىن ئاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85981
يازما سانى: 457
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1684
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 273 سائەت
تىزىم: 2012-10-12
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:42:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىنا ئۆيلەردە ئۇدۇل قوشنىللىرىنى تونۇمايدىغان، تونۇسىمۇ  ئەتىگەن ئاخشاملىرى ئۇچقىشىپ قالسا ياپۇنچە سالامدىن بىرنى قىپ قويۇپلا  ئىشىكىنى «گوپ» يېپىپ ئۆز -ئۆيلىرىگە كىرىپ كەتكەنچە، ئاي -يىللاپ بىرە قاچا تاماق سۇنۇلمايدىغان  ئىشلار  بىر چاغلاردا  بەك ئەۋجەپ كەتكەنىدى، « مەدەنىيەت  بوستانى» دەك ئېسىل پىروگىراممىلىرىمىزنىڭ ،  مۇنبەردەك ياخشى تەربىيە سورۇنىمىزنىڭ ھىممىتىدە  ھازىر خېلى تۈزۈلۈپ كەتتىغۇ دەيمەن.   ھە راس  تېما ئىگىسىگە رەھمەت جومۇ~! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   happy123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-28 01:45 PM  


مەڭزىمدىكى  ياراشقان زىناقنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ كۈلۈپ ياشايمەن...!

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:43:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق خوشىندارچلىق يېزلاردىلا بۇلىدۇ ھەم ئىشلەيدۇ ..بۇلار ئۆزئارا كۆيىندۇ ھەم ئاش -تاماق دىگەندەك نەرسلەرنى ئۇزۇتۇپ تۇرىدۇ..بىراق شەھەرلەردە بۇنداق ئەھۋال يۇق..بولسىمۇ بەك ئاز ...بىر قەۋەتتە ئولتۇرىدغان ئۇددۇل خوشىنسىنمۇ تۈزۈك تونمايدىغانلار بوتىكەن توۋا شۇڭا يېزا تۇرمۇشى بىر خىل كۆڭۈللۈك ،بەختلىك تۇرمۇش ...پۇل بولسا شۇ يېزىغا ئېسل قىلىپ ئۆي سېلۋالسا مانا ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئۈلۈم ۋە ھايات!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 129
يازما سانى: 3795
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 11666
تۆھپە نۇمۇرى: 2760
توردا: 2801 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:45:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ قوشنىلىرىم ھەرھالدا ياخشى، يەنىمۇ ياخشىراق قوشنىلىرى بار بولغان
مەھەللىگە پات يىقىندا كۆچمەكچىمەن. قوشنا ياخشى بولمىسا ،ھەقىقەتەن بۇ كۈنلەرنىڭ ئۆتمىگى تەس. ئاللاھ قا شۇكرى ،ئاللاھنى تۇنۇيدىغان مۇسۇلمان قوشنىلىرىم  بار.


بەكمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز!

ئاخىرقى تىنىقىمغىچە بىر ‹اللە› گە مۇھەببەت باغلىدىم!ئۇلۇغ اللا ھ،مىنى گۇناھ ئىشلاردىن ساقلىغىن!

چىدىماسلار يوقالسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 750
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3895
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:50:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوشىنىلار ئوتتۇرسىدا مۇناسىۋەت ئىناق -ئىتتىپاق بولمىسا ،ئىككلا تەرەپكە ياخشى ئەمەس، بىزنىڭ مەھەللىدە بىر قوشنىمىزنىڭ بالىسى يەنە بىر قوشنىمىزنىڭ بالىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قاپتىكەن، ئۇ ئىككى قوشنىمىز شۇ بالىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ نەچچە يىلغىچە گەپمۇ قىلىشمىدى، كىيىن بىر قوشنىمىزنىڭ يولدىىشى تۈگەپ كىتىپ ئاندىن ئۇلار ياخشىلىشىپ قالغان..

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ

Ζεβ←②χ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52234
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3072
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2011-8-19
ئاخىرقى: 2013-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:53:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللاھ ئەجىر  بەرسۇن

Ζεβ←②χ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1046
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:54:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇڭا كونىلار : ‹‹ قوشنا كۆرۈپ ، ئۆي ئال ›› دەيدۇ ئەمەسمۇ ...

شىرئەلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 333
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1282
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 279 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 02:03:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىرئەلى يوللىغان ۋاقتى  2013-4-28 01:54 PM
شۇڭا كونىلار : ‹‹ قوشنا كۆرۈپ ، ئۆي ئال ›› دەيدۇ ئەمەسمۇ ...

توغرا گەپ.ئېسىل تىما بوپتۇ.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش