يېتىلىۋاتقان ئەزا
چۈش تامچىسى ئاينۇر روزى زەمزەم
تۇتاشتىم تاڭلارنىڭ قوياش نۇرىغا، سەھەردە ئېچىلغان ھېسلىرىم بىلەن. سېنىڭدىن بىشارەت ئەپ كەلسە شامال، چۈمدىممەن بىر تاتلىق سۆيگۈگە لىۋەن. چۈشۈمدە ئازابلىق يۈرسەممۇ تەنھا، سەھەردە ئارمىنىم چېچەك ھۆپپىدە. سېزىمىم شەبنەمدەك تۇرسىمۇ تامچىپ، كېلىدۇ ئاھ ھىدىڭ گۈلدەك گۈپپىدە. تۈندىكى مۇڭىمغا مۇڭلار قاتقاندەك، نەچچە خىل كۈي تۆكۈپ بۇلبۇل ئاۋارە. قايتىمەن سەھەرگە مۇڭلىرىم بىلەن، بۇلبۇلۇم ۋىسالسىز قالدى نە چارە. چۈشۈمنىڭ تاتلىق تامچىسى يەنە، ۋىجداندىن نۇر تۆكەر خىياللىرىمغا. قەلبىمدىن ئاققۇزۇپ سۈپ ـ سۈزۈك سۇلار، ياسايدۇ چىمەنزار ۋىساللىرىمغا. «بورتالا گېزىتى » 19- ئاپرېل
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ