(كۆرۈڭ)ئەلبەھىر شىركىتى تېلۋىزىيە زىيارىتى UTV-2 دا ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار، يېقىندىن بۇيان شىركەت ۋە باشقا ئىشلارنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا مۇنبەرگە تېما يوللاپ بولالمايۋاتىمەن، نەچچە كۈندە بىر شىركەت ۋە ئىگىلىك تورى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇش ۋە ئالاقىدار ئىشلار توغرىىسدا تېما يوللاپ تۇردۇم. بىراق مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى سىلەر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن يەنىلا ناھايىتى ياخشى كېتىپ بارىدۇ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن سىلەرگە ئېيتماقچى بولغان يەنە بىر خوش خەۋەر:
ئالدىنقى كۈنى سۈرەتكە ئېلىنىپ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى «ئىقتىساد كۆزنىكى» پروگراممىسىنىڭ بازار مۇلاھىزە سەھىپىسىدىكى «ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى بازىرى» توغرىسىدا مەخسۇس ئىشلەنگەن ئۈرۈمچى ئەلبەھىر سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى ئۆمەرجان جامال (يەنى مەن) بىلەن بولغان زىيارىتى تۈنۈگۈن كەچ سائەت ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 18:55 (يەنى كەچ سائەت 6:55) دە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانىسى 2- قانال ئىقتىساد كۆزنىكى پروگراممىسىدا قويۇلدى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىركىتىمىزنى قوللاپ بېرىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە بۇ تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى ۋاقتىدا كۆرۈپ شىركىتىمىزنى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ياخشى چۈشىنىۋېلىشىڭىزلارنى تەۋسىيە قىلىمەن !
نەق ۋاقتىدا كۆرۈشكە پۇرسەت چىقمىغانلار مۇشۇ ھەپتە تەكرار قويۇلۇشىنى كۆرسە بولىدۇ، كونكرت ۋاقتى تۆۋەندىكىچە:
جۈمە: 18:56 (كەچ سائەت 6:56 مىنۇت)
شەنبە: 7:42 (ئەتىگەن سائەت 7:42 مىنۇت)
سەيشەنبە: 11:22 (چۈشتىن بۇرۇن 11:22 مىنۇت)
پەيشەنبە: 14:37 (چۈشتىن كىيىن سائەت 2:37 مىنۇت)
(يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى ۋاقتىنى ئاساس قىلىدۇ.)
كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ شىركىتىمىزنى قوللاپ بەرگىنىگە چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.
ناۋادا تېلېۋىزوردىن كۆرۈشكە پۇرسەت بولمىغانلار بولسا كىلەر ھەپتىدە يوللانماقچى بولغان ئىگىلىك تورىدىن كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: ئۈرۈمچى ئەلبەھىر سودا چەكلىك شىركىتى
تور ئادرېسىمىز:
http://www.albahir.com
ناۋادا بىز بىلەن ئالاقىلاشماقچى ياكى ھەمكارلاشماقچى بولسىڭىز ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمىز.
تېلېفون: 15999114171
0991-2579836
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا igilik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 11:10 PM