جۇڭگو ۋاسكىتبول جەمىئىيىتى تورىنىڭ 2013- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا شىنجاڭ ۋاسكىتبول كوماندىسىدىن شىرئەلىجان مۇختەر دۆلەتلىك ۋاسكىتبول ئەرلەر كوماندىسىغا قايتىپ يىغىپ مەشىقلىەندۈرۈشكە قاتنىشىدىكەن.
ۋاسكىتبول جەمىئىيىتى تورىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«2013- يىلى 8- ئاينىڭ1- كۈنىدىن 11- كۈنىگىچە فىلىپىندا ئىلىپ بىرىلىدىغان 27- نۆۋەتلىك ئاسىيا ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە 2016-يىللىق ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۇن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق 2013-يىلى 5-ئاينىڭ5-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 15-كۈنگىچە دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈشكە تەشكىللەش، تاللاشنى قارار قىلىندى. يىغىپ مەشىقلەندۇرۇشكە قاتنىشىدىغان ئەزالار 2013-يىلى 5- ئاينىڭ4- كۈنىدىن ئىلگىرى تىزىملىتىدۇ.» دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش تىزىملىكىدە شىرئەلىجانمۇ بار ئىكەن.
ئۇقتۇرۇشتا بىر ئەسكەرتىش بېرىلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا « بۇ نۆۋەتلىك دۆلەتلىك ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى تىزىملىكىگە كىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتلىك ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغانلار 5-ئاينىڭ 16-كۈندىن 21-كۈنىگىچە ئىلىپ بىرىلىدىغان كورىيە شەرقى ئاسىيا ئەرلەر ۋاسكىتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن كىيىن دۆلەت كوماندىسىغا ئۆزىنى تىزىملىتىدۇ.» دېيىلگەن، دۆلەتلىك ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللانغانلار قاتارىدا بىزنىڭ شىرئەلىجانمۇ بار ئىكەن.
تېما ئىگىسىنىڭ ئەسكەرتمىسى:
2012- يىلى 5- ئايدا شىرئەلىجان 2012- يىللىق لوندۇن ئولىمپىكقا قاتنىشىدىغان جۇڭگۇ ئولىمپىك ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى تەركىبىۋە مەشىققە قاتنىشىۋاتقاندا شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇللىقىدىن قايتۇرۇۋىتىلگەن، كىيىن ئولىمپىك كوماندىسىغا باش مەشقاۋۇل بولغان ئەجنەبى مەشقاۋۇلنىڭ يوقىلاڭ باھانە سەۋەپ كۆرسىتىشى، شۇنداقلا بىزگە ھازىرچە مەخپى بولغان ئويۇنلار سەۋەبى بىلەن مۇسابىقىگە ئاز قالغاندا ئولىمپىك كوماندىسىدىن قايتۇرۇۋىتىلگەنىدى، ھەمدە لوندۇن ئولىمپىققا 2 ئۇيغۇر بارىدۇ دەپ ئولتۇرساق بىزنىڭ شىر بىتەلەيلىكىدىن بارالمىغانىدى.
بۇ ھەقتىكى بۇلتۇرقى ئىشلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز پېقىرنىڭ بۇلتۇر يوللىغان مۇشۇ ھەقتىكى تېمامنى كۆرۈپ بېقىڭ.
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-78118-1-1.html
مەنبەhttp://www.cba.gov.cn/show.aspx?id=11125&cid=94
دىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىپ قۇراشتۇرۇلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 10:18 PM