زوڭلىنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك چوڭ؟
ما چاڭبو
دولان تەرجىمىسى
بىز ئادەتتە دائىم ئاڭلايدىغان « ئىككى مەركەز » نىڭ بىرى پارتىيە مەركىزى كومتىتى، يەنە بىرى مەركىزى ھۆكۇمەت يەنى دۆلەت مەھكىمىسى، ئۇنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنىمۇ مەركىزى كومتىت بىلەن ئوخشاش جوڭنەنخەيگە تەسىس قىلىنغان.
دۆلەت مەھكىمىسىنىڭ ئورنى بەكمۇ ئالاھىيدە بولۇپ، ئاساسى قانۇن ئۇنىڭغا « ئەڭ ئالى دۆلەت مەمۇرىي ئورگىنى » دىگەن ئاتاقنى بەرگەن، گوۋۇيۇەننىڭ زوڭلىسى، دۆلەت رەئىسى ۋەمەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيىنىڭ ۋېييۇەنجاڭنىڭ دەرىجىسى ئوخشاش بولۇپ، ھەممىسى «دۆلەت دەرىجىلىك » ئەمەلدارلار.
2013-يىلى 3-ئاينىڭ 5-كۇنى، ۋىن جاباۋ زوڭلى ھۆكۇمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندىن كىيىن ۋەكىللەرگە ئۇچ قېتىم تازىم قىلدى.
زوڭلىنىڭ ھوقۇقى قانچىلىك چوڭ؟ ئاساسى قانۇندا گوۋۇيۇەننىڭ 18 تۇرلىك خىزمەت ھوقۇقى بەلگۇلەنگەن بولۇپ، ئەڭ مۇھىم خىزمىتى ئىككى تۇرلىك، بىرى مەركەزدىكى مىنىستىرلىك، كومتىتلارنىڭ خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش يەنەبىرى غايەت زور بولغان يەرلىك ھەردەرىجىلىك ھۆكۇمەتنىڭ خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، يەنى مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە بولغان مەمۇرىي ئاپپارانىڭ ھەممىسىنى زوڭلى باشقۇرىدۇ دىگەنگەپ.
ھەتتائېنىق بولىش ئۇچىن، ئاساسىي قانۇندا يەنە، ھەرقايسى مىنىستىرلىك، كومتىتلارنىڭ «مەملىكەت خەرەكتىرلىك مەمۇرىي خىزمىتى » گوۋۇيۇەنگە مەسئۇل رەھبەرگە تەۋە ئەمەس دەپبەلگۇلەنگەن، بۇ دىگەنلىك بىرەر مىنىستىرلىك، كومتىتنىڭ باشقۇرىشىغا تەۋەبولمىغان خىزمەتنىڭ ھەممىسى گوۋۇيۇەننىڭ باشقۇرىشىدا دىگەنلىك بولىدۇ.
يوقۇرقىلاردىن زوڭلىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانچىلىك چوڭ ئىكەنلىگىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ، زوڭلى-غايەتچوڭ مەركىزى ھۆكۇمەتنىڭ باشلىقى بولۇپ، گوۋۇيەندە « زوڭلى مەسئۇل بولىش تۇزىمى » يولغا قويۇلغان.
بۇ نىمەدىگەنلىك؟ شىنخۇاشىنىڭ قارمىقىدىكى « نەزەر » ھەپتىلىك ژورنىلىدا چۇشەندۇرىپ، بۇدىگەنلىك « گوۋۇيۇەندىكى بارلىق ھوقۇق زوڭلى بىر ئادەمگە مەركەزلەشكەن » لىكىىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى ئەڭ ئاخىرقى قارارقېلىش ھوقۇقى يەنىلا زوڭلىدا دىگەنلىك.
تەخىمۇئامماباپراق دىگەندە، گوۋۇيۇەندىكى بارلىق يېغىن، مۇزاكىرە قارارىنى زوڭلى چىقىرىدۇ،دۆلەت ئورگانلىرى ئىچىدە، مەركىزى ھەربى كومتىتنىڭ رەئىسىنىڭ مۇشۇنداق ھوقۇقى بار.
زوڭلى مەسئۇلبولىش تۇزىمى يولغا قويۇلغان ئىكەن، مەسىلە چىقسىمۇ زوڭلى مەسئۇل بولىدۇئەلىۋەتتە.
گەرچەزوڭلىنىڭ ئاشۇنداق چوڭ ھوقۇقى بولسىمۇ بىراق ئۇنى كۆپچىلىك سايلاپ چىقمايدۇ، بەلكى زوڭلى نامزاتىنى دۆلەت رەئىسى « كۆرسىتىدۇ ». دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى،ھالقىلىق پەيىتتە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيى بۇ « كۆرسىتىلگەن نامزات » نى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ياكى تەيىنلىمەسلىكنى « قارار قىلىدۇ » .
« قارارقىلىش » دىگەن نىمە؟ سايلامدىن رازى بولمىسىڭىز، « باشقىلارنى سايلىسىڭىز » بولىدۇدىگەنلىك، بىراق دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى شۇكى دۆلەت رەئىسى كۆرسەتكەن گوۋۇيۇەننىڭ زوڭلى نامزاتىنى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىنىڭ پەقەتلا « قارارقىلىش » ھوقۇقى بار، بىۋاستە سايلامغا ئوخشىمايدىغان پەرق شۇكى سىزنىڭ قارشى تۇرىش، قوللاش، ھوقۇقدىن ۋازكىچىش ھوقۇقىڭىز بولسىمۇ، بىراق « باشقلارنى سايلاش »ھوقۇقىڭىز بولمايدۇ.
مۇنداقچەئېيىتقاندا، زوڭلى نامزاتى دۆلەت رەئىسنىڭ دىگىنى ھىساپ، ئەگەر دۆلەت رەئىسى كۆرسەتكەن زوڭلى نامزاتى مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيىدا ماقۇللانمىسا قانداق بولىدۇ؟ بىز بۇ ھەقتە كونكىرىتنى بەلگۇلىمىنى كۆرمىگەن بولساقمۇ لىكىن ھازىرغىچەبۇنداق ئەھۋال يۇزبەرمىدى. قىزىقارلىقى شۇكى زوڭلى نامزاتىنى گەرچە دۆلەت رەئىسى كۆرسەتسىمۇ بىراق گوۋۇيۇەن زوڭلىسى دۆلەت رەئىسى ئالددا جاۋاپكار بولماي بەلكى مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى ئالدىدا جاۋاپكار بولىدۇ. شۇنداقلا ج ك پ ھاكىمىيەت يۇرگۇزگىچى پارتىيە بولغاچقا، زوڭلىمۇ ج ك پ مەركىزى كومتىتى سىياسىيبىيرۇسى دائىمى كومتىتنىڭ ئەزاسى بولىدۇ.
دۆلەت رەئىسى كۆرسەتكەن زوڭلى نامزاتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتېيىدا ماقۇللانغاندىنكىيىن، زوڭلى ئۇزىنىڭ « ئىچكى كابىنېت » نى تەشكىللەيدۇ، يەنى زوڭلى ئۆزقولئاستىدىكىلەرنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ. زوڭلى مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيىغا گوۋۇيۇەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى، دۆلەت كومىسسارى، ھەرقايسى مىنىستىرلىكنىڭ مىنىستىرى، ھەرقايسى كومتىتنىڭ مۇدىرى، باش مۇپەتتىش، باش كاتىپ نامزاتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كىشىلەرنى مەملىكەتلىك خەلق قورۇلتېيى « قارار » قىلىدۇ.
ئادەتتە1-رەتكە تىزىلغان گوۋۇيۇەننىڭ مۇئاۋىن زوڭلىسى ج ك پ مەركىزى كومتىتى سىياسىيبىيرۇسى دائىمى كومتىتنىڭ ئەزاسى بولۇپ، بىز دائىم ئاڭلايدىغان « دائىمىئىشلار مۇئاۋان زوڭلى » بولۇپ، بۇمۇ دۆلەت دەرىجىلىك رەھبەر. « گوۋۇيۇەننىڭ خىزمەت بەلگۇلىمىسى » دە « دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن زوڭلى » دىگەن ئىبارە بار،مەسىلەن ۋىن جىئاباۋ زوڭلى بولغان 2008-يىلدىن باشلاپ، ج ك پ مەركىزى كومتىتىسىياسىيبىيرۇسى دائىمى كومتىتنىڭ ئەزاسى لى كىچاڭ « دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن زوڭلى » بولغان ئىدى. « دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن زوڭلى » دىگەن بۇنام ئادەتتە دىيىلمىسىمۇ بىراق يوقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئاشكارا سورىنى ياكى زىيارەت قىلغاندا چۇقىم تەكىتلىنىش كىرەك.
دۆلەت كومىسسارلىرى ئىچىدە، يېقىنقى ئوننەچچەيىل جەريانىدا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە ج خ مىنىستىرى ئىزچىل دۆلەت كومىسسارى بولۇپ كەلدى، گوۋۇيۇەننىڭ باش كاتىۋىمۇ دۆلەت كومىسسارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ دەرىجىسى مۇئاۋىن زوڭلى بىلەن ئوخشاش يەنى مۇئاۋىن دۆلەت دەرىجىلىك رەھبەرلەر. شۇنىڭ ئۇچۇن ج خ مىنىستىرىنىڭ دەرىجىسى ئىزچىل باشقا مىنىستىرلارنىڭ دەرىجىسىدىن يوقۇرى.
مەنبە:
http://www.21ccom.net/articles/zgyj/xzmj/article_2013031879251.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا karluk2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-28 07:48 AM