ئاردا يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 12:22 AM 
شىېرىك ئەقىدە يامراپ كىتىپتۇ بەزى قىرىنداشلىرىمىزدا ، ...
«قۇرئانىكەرىم »ھەقىقەتەنمۇ ئىنسانلارنىڭ باش قانۇنى،لېكىن ئامېرىكىنىڭ «ئاساسي قانۇنى» باشقا دۆلەت قانۇنلىرىغا قارىغاندا ھەقىقەتنى تېخىمۇ ياقلايدۇ،ئاۋامنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىنى تېخىمۇ قوغدايدۇ.بۇلار دەل «قۇرئانىكەرىم»دە تەشەببۇس قىلىنغان ئىدىيىلەر.
«قۇرئانىكەرىم » ھەقىقەتەنمۇ ھەممە ساھە ۋە ئىلىمگە چېتىلىدۇ،شۇنداقلا ئۇ ھەممىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا قادىر ئەڭ ئالى قانۇن ،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىنسانلار ھېچ قانداق كونكىرىتنى قانۇن چىقارمىسا ياكى كىتاپ يازمىسا ۋە ياكى تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ ئىلىم -پەننى راۋاجلاندۇرمىسا،ئاللاھ بىزگە پايدىلىنىڭلار دەپ يارىتىپ بەرگەن كائىناتتىن قانداق پايدىلىنالايمىز؟
كونكىرىتنى ساھەلەردە يەنىلا خاس قانۇنلارنىڭ بولغىنى ياخشى،ئۇنداق بولمايدىكەن ئوخشاش بىر ئىشقا ئوخشىمىغان پەتىۋاچىلار ئوخشىمىغان ھۆكۈمنى چىقارسا،بۇنىڭ بىلەن ئختىلاپ يامراپ كەتمەمدۇ؟ چۈنكى «قۇرئانكەرىم»مۇقەددەس بولغىنى بىلەن،پەتىۋاچىلار يەنىلا پېقىر ئىنساندۇر ، شۇڭا خاتالىقتىن ،ھەتتا گۇناھلاردىن خالى بولالمايدۇ.