مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1080|ئىنكاس: 4

(ھەسەنۇل بەسەرى)ھاياتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:45:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                   ھەسەنۇل بەسەرى
                   « ئارىسىدا ھەسەنۇل بەسەرىگە ئوخشاش كىشى
                       بار ئادەملەر قانداقمۇ ئېزىپ كەتسۇن؟ »
                            _ مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىك

خوشخەۋەرچى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئۇممۇ سەلەمەگە ئۇنىڭ ئايال خىزمەتكارى خەيىرەنىڭ بۇشانغانلىغى، ئوغۇل تۇغقانلىغىدىن خۇشخەۋەر ئېلىپ كەلدى. مۇئمىنلارنىڭ ئانىسىنىڭ قەلبى شاتلىققا چۆمدى. خۇشاللىق ئۇنىڭ سالاپەتلىك، تەمكىن چىرايىغا تېشىپ چىقتى. ئۇ تۇغۇتنى ئۆز ئۆيىدە بېقىش ئۈچۈن، ئانا ۋە بالىنى ئېلىپ كېلىشكە ئالدىراپ ئادەم ئەۋەتتى. ئۇممۇ سەلەمە خەيىرەنى ھۆرمەتلەيتتى ۋە ياخشى كۆرەتتى. ئۇنىڭ خەيىرەنىڭ يېڭى تۇغقان بالىسىنى بەك كۆرگۈسى كەلگەن ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي خەيىرە قولىدا بالىنى كۆتۈرگەن ھالدا كەلدى. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ كۆزى بالىغا چۈشۈشى بىلەن، ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قالدى ۋە چىن دىلىدىن ياقتۇرۇپ قالدى. بۇ بۇۋاق ناھايىتى چىرايلىق، يۈزى نۇرلۇق، تىمەن بولۇپ، قارىغانلا ئادەمنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالاتتى.
ئۇممۇ سەلەمە خىزمەتكارىغا قاراپ:
- خەيىرە! بالاڭنىڭ ئىسمىنى قويدۇڭمۇ؟ - دەپ سورىدى.
- ياق، ئانا! بۇنى سىزگە قالدۇردۇم، خالىغان ئىسىمدىن بىرنى تاللاپ قويۇڭ.
- ئىسمىنى الله  نىڭ رەھمىتى بىلەن ” ھەسەن “ قۇيايلى، دەپ بالىنى قولىغا ئالدى ۋە ياخشى دۇئالارنى ئوقۇدى.
ھەسەن ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىق مۇئمىنلارنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ئۆيى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، بەلكى مەدىنىدىكى يەنە بىر ئۆينىمۇ خۇشاللىققا چۆمدۈردى. ئۇ ئۇلۇغ ساھابە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھى يازغۇچىسى - زەيىد ئىبنى سابىتنىڭ ئۆيى ئىدى. چۈنكى زەيىدنىڭ دادىسى يەسار زەيىدنىڭ خىزمەتكارى ئىدى. زەيىد يەسارنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيتتى ۋە ياخشى كۆرەتتى.
ھەسەن ئىبنى يەسار ( كېيىن ھەسەنۇل بەسەرى - يەنى بەسرەلىك ھەسەن دەپ مەشھۇر بولغان ) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆيلىرىنىڭ بىرىدە چوڭ بولدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ بىرى ئۇممۇ سەلەمە دەپ تونۇلغان سۇھەيلنىڭ قىزى ھىندىنىڭ تەربىيەسىدە تەربىيىلەندى. ئۇممۇ سەلەمە - ئەگەر بىلمىسىڭىز - ئەرەپ ئاياللىرى ئىچىدە ئەقلى ئەڭ مۇكەممەل، يۇقىرى پەزىلەتلىك، ئىرادىسى كۈچلۈك ئاياللاردىن بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرى ئىچىدە بىلىم مول، بايان قىلغان ھەدىسلىرى كۆپلەردىن بىرى ئىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۈچ يۈز سەكسەن يەتتە ( 387 ) ھەدىس بايان قىلغان. بۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ جاھىلىيەت ۋاقتىدىكى ناھايىتى ئاز بىر قىسىم ساۋادى بار ئاياللارنىڭ بىرى ئىدى. بۇ بەخىتلىك بۇۋاقنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇ دائىرىدىلا توختاپ قالمىدى، بەلكى بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كېڭەيدى. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ھەسەننىڭ ئانىسى خەيىرە مۇئمىنلارنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمەنىڭ ھاجەتلىرىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقاتتى. بىر قېتىم بۇۋاق ئاچلىقتىن يىغلاپ كەتتى، ئۇممۇ سەلەمە بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بەزلەپ تۇرۇش ئۈچۈن، بالىغا كۆكسىنى سالدى. ئۇممۇ سەلەمەنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ قاتتىقلىغىدىن، كۆكسىدىن سۈت چىقتى، بالا سۈتنى ئېمىپ، جىم بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇممۇ سەلەمە ئىككى تەرەپتىن - بىرى، مۇئمىنلارنىڭ ئانىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە بىرى، ئېمىتكەنلىك سەۋەبى بىلەن ھەسەننىڭ ئانىسىغا ئايلاندى.
مۇئمىنلارنىڭ ئانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر مۇناسىۋەت، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ يېقىنلىغى، بۇ تەلەيلىك بالىغا بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىگە كىرىپ چىقىش، شۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەخلاقىنى ئۆگىنىش، ئۇلارنىڭ ھىدايىتىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى. ئۇ ئۆزىنىڭ سۆزلەپ بەرگىنىدەك، بۇ ئۆيلەرنى دائىملىق ھەركىتى بىلەن تولدۇرۇپ، شوخ ئويۇنلىرى بىلەن جانلاندۇرىۋېتەتتى. ھەتتا ئۇ قولى بىلەن مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرنىڭ ئۆيلىرىنىڭ تۇرۇسلىرىغا يامىشىپ چىقىپ، سەكرەپ ئوينايتتى.
ھەسەن پەيغەمبەرلىكنىڭ خۇشبۇيلىرى تارىلىپ، ئۇنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلدى، مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدىن ئېقىپ تۇرىۋاتقان بىلىم بۇلىغىدىن قانغىدەك سۇ ئىچتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەسجىدىدە پىشقەدەم ساھابىلاردىن - ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئبىنى ئەبۇ تالىپ، ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى، ئابدۇللا ئىبنى ئۈمەر، ئابدۇللا ئىبنى ئابباس، ئەنەس ئىبنى مالىك، جابىر ئىبنى ئابدۇللا... قاتارلىقلارنىڭ قولىدا تەلىم ئالدى، لېكىن ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ ( الله   ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) غا ھەممىدىن بەك بېرىلدى. ئەلىنىڭ دىندا مۇستەھكەملىگى، ئىبادەتتىكى گۈزەللىكى، دۇنيا ۋە ئۇنىڭ زىننەتلىرىگە بېرىلمەسلىكى ئۇنى قىزىقتۇرغان بولسا، ئۇچۇق، ھېكمەتلىك، ئىخچام سۆز - بايانلىرى، قەلىبلەرنى تىترىتىدىغان نەسىھەتلىرى ئەسىر قىلغان ئىدى. ئۇ تەقۋادارلىق ۋە ئىبادەتتە ئەلىنىڭ ئەخلاقىنى ئۆگەندى، بايان ۋە پاساھەتتە ئەلىنىڭ يولىنى تۇتتى.
ھەسەن ھاياتىنىڭ ئون تۆتىنچى يىلىنى كۈتىۋېلىۋاتقاندا، ئاتا - ئانىسى بىلەن بەسرەگە كۆچۈپ ماڭغانلار قاتارىغا قوشۇلۇپ، ئائىلىسى بىلەن شۇ يەردە ئورۇنلاشتى. بۇ يەردە ئۇ بەسرەگە نىسبەت بېرىلدى. كىشىلەر ئارىسىدا ” ھەسەنۇل بەسەرى “ يەنى، - بەسرەلىك ھەسەن  دەپ مەشھۇر بولدى. بەسرە ھەسەن كەلگەن ۋاقتىدا ئىسلام دۆلىتىدىكى بۈيۈك ئىلىم - مەرىپەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بەسرە مەسجىدى ساھابىلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرى، تابىئىنلارنىڭ پىشقەدەملىرىنىڭ كېلىپ - كېتىشى بىلەن قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن، ھەر خىل ئىلىم سورۇنلىرى، مەسجىدنىڭ مەيدانلىرى ۋە ناماز ئوقۇيدىغان جايلىرى ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى. ھەسەن مەسجىدنى ئورۇن تۇتۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتىنىڭ كاتتا ئۆلىماسى - ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتتى، ئۇنىڭدىن تەفسىر، ھەدىس، قىرائەت بىلىملىرىنى ئۆگەندى. شۇنىڭدەك ئۇ باشقىلاردىن فىقھى، تىل، ئەخلاق، ئەدەبىيات ۋە ئۇنىڭدىن باشقا بىلىملەرنى تەلىم ئالدى، ئاخىرى ئىشەنچلىك، ھەممىدىن خەۋەردار ئالىمغا ئايلاندى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن تەلىم ئېلىش ئۈچۈن كېلىشكە باشلىدى. كىشىلەر قاتقان دىللارنى ئېرىتىدىغان، ئاسى كۆزلەردىن ياش ئاققۇزىدىغان نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشاتتى، دىللارنى رام قىلىدىغان ھېكمەتلىرىنى ئەستە ساقلايتتى، ئىپار - ئەنبەردىن پۇراقلىق بولغان ھاياتى پائالىيىتىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلاتتى.
ھەسەنۇل بەسەرىنىڭ ئىشلىرى ئەل ئىچىگە تارقالدى، خەلىفە ۋە ئەمىرلەر ئۇ توغرىسىدا سوراشقا، خەۋەرلىرىنى ئىگىلەشكە باشلىدى. خالىد ئىبنى سەفۋان مۇنداق دەيدۇ:
ھىيرەدە مەسلەمە ئىبنى ئابدۇلمەلىككە ئۇچراپ قالدىم، ئۇ مۇنداق دېدى:
- ئى خالىد! ماڭا ھەسەن توغرىلىق سۆزلەپ بەرگىن، مەن سېنى ئۇنى باشقىلاردىن ئوبدان بىلىدۇ ، دەپ ئويلايمەن.
-  الله  ئەمىرنى سالامەت قىلسۇن، توغرا، مەن ئۇنى باشقىلاردىن ئوبدان بىلىمەن، مەن ئۇنىڭ خوشنىسى ھەم دوستى، بەسرەدە ھەممىدىن مەن ئۇنى ياخشىراق بىلىمەن.
- قېنى بىلىدىغانلىرىڭنى ئېيتقىن.
- ئۇنىڭ ئىچى بىلەن تېشى ئوخشاش، سۆزى بىلەن ھەركىتى بىردەك. ياخشى ئىشلارغا بۇيرىسا ئۆزى ھەممىدىن بۇرۇن قىلىدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىسا ئۆزى ھەممىدىن بۇرۇن يانىدۇ. ئۇ كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەردىن ئۆزىنى تارتقان، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشكە، نەسىھەت ئاڭلاشقا بەك مۇھتاج، - دېدىم. ئۇ:
- بولدى، خالىد، يېتەرلىك! ئارىسىدا مۇشۇنداق ئادەم باركىشىلەر قانداقمۇ ئېزىپ كەتسۇن؟!
ھەججاج ئىبنى يۈسۈف سەقەفى ئىراققا ۋالى بولۇپ، ھەددىدىن ئېشىپ زۇلۇم قىلغاندا، ھەسەن ئۇنىڭ زۇلۇمىغا قارشى تۇرغان، يامان قىلىقلىرىنى كىشلەرگە ئاشكارىلىغان، ئالدىدا ھەقنى سۆزلىگەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇنىڭ مىساللىرىدىن بىر شۇكى، ھەججاج ۋاسىتە ( بەسرە بىلەن كۇفە ئوتتۇرىسىدىكى شەھەر ) دە ئۆزىگە قەسىر بىنا قىلدى. قەسىر پۈتكەندە ھەججاج كىشىلەرنى قەسىرنى كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى تېلەكلەرنى تىلەش ئۈچۈن چاقىردى. ھەسەن كىشىلەر يىغىلىدىغان بۇ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋېتىشنى خالىمىدى - دە، ئۇلارغا نەسىھەت قىلىش، ھەقىقەتنى ئەسلىتىش، دۇنياغا ئالدانماسلىققا ئۈندەش،  الله  نىڭ مۇكاپاتلىرىغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى. قەسىرگە يېتىپ بېرىپ، كىشىلەر توپىغا قارىدى، ئۇلار قۇرۇلمىسى ئاجايىپ، كەڭلىگى ھەيران قالارلىق، بېزىلىشى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بەھەيۋەت قەسىرنى ئايلىنىۋاتاتتى. ھەسەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلىدى. ئۇنىڭ دېگەن سۆزلىرىنىڭ ئىچىدە تۆۋەندىكى سۆزلەر بار ئىدى:
- بىز ئەڭ نىجىسلارنىڭ قەسىرىگە نەزەر سېلىۋاتىمىز، فىرئەۋن مۇستەھكەم قۇرغان، بەھەيۋەت، ئاجايىپ، تەڭداشسىز بىنالارنى سالغان ئىدى، كېيىن  الله  فىرئەۋننى ھالاك قىلدى، قەسىر ۋە قۇرغانلارنى ۋەيران قىلدى. ھەججاج ئاسمان ئەھلىنىڭ ئۆزىگە قاتتىق غەزەپلىنىۋاتقانلىغىنى، زېمىن ئەھلىنىڭ ئۇنى ئالداۋاتقانلىغىنى بىلىدىغاندۇ...
ھەسەن ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى، ھەتتا ھەججاجنى يامان كۆرىدىغان ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرى ھەسەنگە ئىچ ئاغرىتىپ:
- بولدى قىل، ئەبۇ سەئىد! بولدى قىل، - دېدى.
- بولدى قىلامدىمەن؟ الله  بىلىم ئەھلىدىن كىشىلەرگە ھەقنى ئاشكارە قىلىش، ھەقىقەتنى يۇشۇرماسلىق توغرىسىدا ۋەدە ئالغان تۇرسا، - دېدى ھەسەن.
ئەتىسى ھەججاج سارايغا كىرىپ كەلدى. ئۇ ئاچچىقتىن ئېتىلىپ كېتەي دەپ قالغان بولۇپ، سورۇندىكىلەرگە:
- ھۇ يارىماس ئۆلگۈرلەر! بەسرەلىك بىر يالاڭتۆش كېلىپ، بىزنىڭ ئۈستىمىزدىن خالىغان گەپلەرنى قىلسا، قارشى تۇرىدىغان ياكى تۇسىدىغان ئادەم چىقماپتا! قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرگە ئۇنىڭ قېنىنى ئىچكۈزمەيدىغان بولسام.
ئۇ قېلىچ ۋە پاياندازنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىدى، ئۇلار كەلتۈرۈلدى. جاللاتنى چاقىردى، ئۇلار ئالدىدا تىك تۇردى. ئاندىن بىر قىسىم ساقچىلىرىنى ھەسەننىڭكىگە ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەيلا ھەسەن كەلدى، كۆزلەر شۇ تەرەپكە ئاغدى، يۈرەكلەر سېلىپ كەتتى. ھەسەن قېلىچ، پايانداز ۋە جاللاتنى كۆرگەندە لەۋلىرى ھەركەتلەندى، ئاندىن ھەججاجنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇنىڭدا مۇئمىنلەرگە خاس ئولۇغلۇق، مۇسۇلمانغا خاس ئىززەت، الله  نىڭ چاقىرغۇچىسىغا خاس تەمكىنلىك بار ئىدى. ھەججاج ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ قاتتىق قورقتى ۋە دېدى:
- ئاشۇ يەردە تۇر، ئەبۇ سەئىد! ئاشۇ يەردە...
ئۇ ھەسەندىن ئۆزىنى تارتىپ: ئاشۇ يەردە تۇر، دەيتتى. كىشىلەر دەھشەت ۋە ھەيرانلىق ئىچىدە ھەسەنگە قاراۋاتاتتى، ئاخىرى ھەججاج ھەسەنگە يېنىدىن ئورۇن بەردى. ھەسەن ئورۇندا ئولتۇرۇپ بولغاندا ھەججاج ھەسەنگە قارىدى ۋە بىر قىسىم دىنى ئىشلارنى سوراشقا باشلىدى. ھەسەن ھەر بىر مەسىلىگە تەمكىنلىك بىلەن، سېھىرلىك بايان، مول بىلىم ئارقىلىق تۇلۇق جاۋاپ بەردى. ھەججاج ئۇنىڭغا قاراپ:
- سەن ئۆلىمالارنىڭ رەھبىرى، ئى ئەبۇ سەئىد! - دېدى ۋە بىر تۈرلۈك خۇشپۇراقنى ئەكەلدۈرۈپ ھەسەننىڭ ساقىلىغا چېچىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويدى. ھەسەن ھەججاجنىڭ ئالدىدىن چىققاندا، ھەججاجنىڭ دەرۋازىۋېنى ئەگىشىپ كېلىپ مۇنداق دېدى:
- ئەبۇ سەئىد! ھەججاج ئەسلى سېنى بۇ ئىشقا ئەمەس، باشقا بىر ئىشقا چاقىرغان. مەن سېنىڭ كېلىپ قېلىچ ۋە پاياندازنى كۆرگەن ۋاقتىڭدا لەۋلىرىڭنى مىدىرلاتقانلىغىڭنى كۆردۈم، نېمە دېگەن ئىدىڭ؟
- ئى ماڭا پەزلى ئىنئام قىلغۇچى! قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندىكى پاناھگاھىم! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوتنى سوغاق قىلىپ سالامەت قىلغاندەك، مېنىمۇ زىيانسىز سالامەت قىلساڭ - دېدىم، - دېدى.
ھەسەننىڭ ۋالى ۋە ئەمىرلەرگە تۇتىدىغان بۇنداق پۇزىتسىيەسى كۆپ كۆرىلەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئالدىدىن ھوقۇقدارلارنىڭ نەزىرىدىكى ئابرويىىنى ئۆستۈرۈپ،  الله   بىلەن پەخىرلىنىپ، ئىززىتىنى ساقلاپ چىقاتتى. تەقۋادار خەلىفە ئۈمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلغاندىن كېيىن، خەلىفىلىك يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىككە كەلدى. ئۇ ئىراققا ئۈمەر ئىبنى ھۇبەيرە بەزارىنى ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى، ئۇنىڭ ھوقۇقى كېڭەيگەندىن كېيىن، ئۈمەرگە خۇراساننىمۇ قوشۇپ بەردى. يەزىد ئۇلۇغ ئەجداتلىرىغا ئوخشىمايدىغان يول تۇتتى، ئۇ ئۈمەر ئىبنى ھۇبەيرەگە ئارقا - ئارقىدىن گەپ ئەۋەتتى ۋە بەزى چاغلاردا ھەقىقەتكە زىت بولسىمۇ خەتتىكى سۆزلەرنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇيتتى... ئۈمەر ئىبنى ھۇبەيرە ھەسەنۇل بەسەرى ۋە شەئىبى دەپ ئاتالغان ئەمىر ئىبنى شۇرەھىبىلنى چاقىردى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
- مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى يەزىد ئىبنى ئابدۇلمەلىكنى الله   بەندىلىرىگە خەلىفە قىلدى، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ. ئۇ مېنى سىلەر كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك ئىراققا ۋالى قىلدى، ئاندىن پارىس دىيارىنى قوشۇپ بەردى. ئۇ بەزىدە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، توغرىلىقىغا ئىشەنگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى ئىجرا قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. سىلەر مېنىڭ خەلىفىگە ئەگىشىش ۋە ئۇنىڭ ئەمىرىنى ئىجرا قىلىشىمدا دىندا بىر چىقىش يولى تېپىپ بەرسەڭلار.
شەئىبى خەلىفىگە كۈيۈنۈپ، ۋالىغا ئەگىشىپ جاۋاپ بەردى، ھەسەن گەپ قىلمىدى. ئۈمەر ئىبنى ھۇبەيرە ھەسەنگە قارىدى ۋە :
- ئەبۇ سەئىد! سەن نېمە دەيسەن؟ - دەپ سورىدى.
- ئى ھۇبەيرەنىڭ ئوغلى! يەزىدنىڭ ئىشىدا  الله  دىن قورق. الله  نىڭ ئىشىدا يەزىدتىن قورقما. بىلگىنكى ئۇلۇغ  الله   سېنى يەزىدتىن قوغداپ قالالايدۇ. يەزىد سېنى  الله  دىن قوغداپ قالالمايدۇ. ئى ھۇبەيرەنىڭ ئوغلى! قاتتىق قول، قوپال،  الله  نىڭ بۇيرۇغىدىن چىقمايدىغان پەرىشتىلەر پات يېقىندا ساڭا كېلىپ، سېنى بۇ تەختلىرىڭدىن ئايرىۋېتىدۇ، كەڭ قەسىردىن تار قەبرىگە ئېلىپ بارىدۇ.  ئۇ يەردە يەزىدنى تاپالمايسەن، پەقەت يەزىدنىڭ رەببىگە قارشى قىلغان ئىشلىرىڭنى تاپىسەن. ئى ھۇبەيرەنىڭ ئوغلى! ئەگەر سەن  الله  غا بويسۇنۇپ، الله   تەرەپتە تۇرساڭ، الله  سېنى دۇنيا ئاخىرەتتە يەزىدنىڭ ئازاۋىدىن ساقلاپ قالالايدۇ. ئەگەر الله  غا ئاسى بولۇپ، يەزىد بىلەن بىللە تۇرساڭ، الله  سېنى يەزىدكە تاشلاپ بېرىدۇ.  ئى ھۇبەيرەنىڭ ئوغلى! بىلگىنكى، قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ياراتقۇچى الله  غا ئاسى بولۇپ، مەخلۇققا بويسۇنۇش يوق.
ئۈمەر ئىبنى ھۇبەيرە يىغلاپ كەتتى. ھەتتا ياشلىرى ساقاللىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئۇ ئۆرۈلۈپ شەئىبىدىن ھەسەنگە قارىدى ۋە ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئىززەت - ئىكرام قىلدى. ئۇ ئىككىسى ئۈمەرنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، مەسجىدكە قاراپ ماڭدى. كىشىلەر ئۇلارنى ئورىۋېلىپ، ئەمىر بىلەن بولغان ئىشلىرىنى سوراشقا باشلىدى. شەئبى ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:
- ئى خالايىق! سىلەردىن كىم ھەر قانداق ئورۇندا بەندىلەردىن الله  نى ئۈستۈن ئورۇنغا قۇيالىسا، شۇنداق قىلسۇن. روھىم ئىلكىدە بولغان الله  بىلەن قەسەمكى، ھەسەن ھۇبەيرەنىڭ ئوغلى ئۈمەرگە دېگەن سۆزلەر مەن بىلمەيدىغان سۆزلەر ئىكەن. مەن ھۇبەيرەنىڭ ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ گەپ قىلغان ئىدىم، ھەسەن الله  نىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ گەپ قىلدى. الله  مېنى ھۇبەيرەنىڭ ئوغلىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنى يېقىنلاشتۇردى ھەمدە ھەسەننى ئۇنىڭغا چىرايلىق كۆرسەتتى.
ھەسەنۇل بەسەرى سەكسەن يىل ياشاپ، دۇنيانى بىلىم - ھىكمەت ۋە فىقھىگە تولدۇردى. ئۇنىڭ ئەۋلاتلارغا قالدۇرغان مىراسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلىرى - ھەر ۋاقىت قەلىپلەرنى ياشارتىپ، كۆكلىتىپ تۇرىدىغان جاراڭلىق نەسىھەت سىگناللىرى، قەلىپلەرنى تىترىتىۋاتقان، كۆزلەردىن ياش ئاققۇزىۋاتقان، ئازغۇنلارنى الله  تەرەپكە باشلاۋاتقان، غاپىل ۋە مەغرۇرلارنى دۇنيانىڭ ھەقىقىتى ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ ھالىغا ئاگاھلاندۇرىۋاتقان ۋەز نەسىھەتلىرىدۇر. جۈملىدىن ئۇ دۇنيا، ئۇنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق سورىغان كىشىگە مۇنداق دېگەن:
- مەندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەت توغرىلىق سورا. دۇنيا ۋە ئاخىرەت مەشرىق ۋە مەغرىپكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ بىرىگە قانچە يېقىنلاشساڭ، يەنە بىرىدىن شۇنچە يىراقلايسەن. ماڭا بۇ دۇنيانى سۈپەتلەپ بەر دەيسەن، بۇ دۇنيانى قانداق سۈپەتلەپ بېرەي!؟  بۇ دۇنيانىڭ ئەۋۋىلى جاپا - مۇشەققەت، ئاخىرى يۇقىلىش. ھالاللىرىدا ھېساپ بار، ھاراملىرىدا جازا بار. باي بولغانلار مەغرۇرلىنىدۇ، كەمبەغەللەر غەمكىن بولىدۇ.
ئۇ ئۆزى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىلىق سورىغان كىشىگە مۇنداق دېگەن:
- بىزنىڭ ھالىمىز خاراپ، بىز ئۆزىمىزنى نېمە قىلدۇق؟! بىز دىنىمىزنى تاشلىۋەتتۇق، دۇنيانى يۇقىرى كۆتۈردۇق. ئەخلاقىمىزنى كونىرىتىپ چىرىتىۋەتتۇق. يوتقان - كۆرپە، كىيىم - كىچەكلىرىمىزنى يېڭىلىدۇق. بىزنىڭ ئىچىمىزدە كىشىلەر سول يېنىچە يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەيدۇ. ئۇنىڭ تامىغى بۇلاپ كېلىنگەن. خىزمەتچىسى مەجبۇرلانغان، چۈچۈمەلدىن كېيىن تاتلىقنى، سوغۇقتىن كېيىن ئىسسىقنى، قۇرۇقتىن كېيىن ھۆلنى چاقىرىدۇ. قۇرسىقى چىڭقالغاندا سېسىق كېكىرىدۇ ۋە:”ھەي خىزمەتكار! تاماق ھەزىم قىلىدىغان يىمەكلىكنى كەلتۈر “دەيدۇ. ھەي ئەخمەق، پەس! الله  بىلەن قەسەمكى، سەن دىننى مەسخىرە قىلىۋاتىسەن. سېنىڭ مۇھتاج خوشناڭ قېنى؟ خەلقنىڭ ئىچىدىكى ئاچ قالغان يېتىملەر قېنى؟ ساڭا تەلمۈرۈپ قاراۋاتقان ئاجىزلار قېنى؟ الله  ساڭا تاپشۇرغان ئىشلار قېنى؟ سەن ھاياتىڭنىڭ، مال - مۈلۈكۈڭنىڭ چەكلىكلىكىنى بىلىدىغانسەن؟! بىر كۈننىڭ قۇياشى پاتسا، ھاياتىڭدىن بىر كۈن كېمىيىدۇ، الله  نىڭ ئالدىغا بىر قەدەم يېقىنلايسەن، مال - مۈلۈكۈڭ ۋە بۇ دۇنيادىن بىر قەدەم يىراقلايسەن!!!
*                     *                     *
ھىجرەتنىڭ بىر يۈز ئونىنچى يىلى رەجەپ ئېيىنىڭ ئاي تولۇن بولغان بىر جۈمە كېچىسى ھەسەنۇل بەسەرى پەرۋەردىگارىنىڭ چاقىرىقىنى قوبۇل قىلدى. تاڭ يۇرىغاندا كىشىلەر ئارىسىغا ئۇنىڭ ئۈلۈم خەۋىرى تارالدى. بەسرە ئۇنىڭ ئۈلۈمى ئۈچۈن تەۋرەندى. ئۇ يۇيۇلۇپ كېپەنلەندى. ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆگىنىپ - ئۆگىتىپ، الله  تەرەپكە چاقىرىپ ئۆتكۈزگەن جامە سەيناسىدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزى ئوقۇلدى، بارلىق كىشى ئۇنىڭ جىنازىسىغا ئەگەشتى. شۇ كۈنى بەسرە جامەسىدە ئەسىر نامىزى ئوقۇلمىدى، چۈنكى ناماز ئوقۇيدىغان ئادەم قالمىغان بولۇپ، ھەممەيلەن قەبرىستانلىققا چىقىپ كەتكەن ئىدى.
كىشىلەر ھەسەنۇل بەسەرى پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىغا كەتكەن ئاشۇ كۈندىن باشقا ۋاقىتتا، بەسرە جامەسىدە بىرەر ۋاق نامازنىڭ ئوقۇلماي قالغىنىنى بىلمەيدۇ.

مەنبە :تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86400
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2107
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-10-23
ئاخىرقى: 2013-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 07:47:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالللاھ ئۇزاتقا ۋە بارلىق مۆمىنلەرگە-بىزلەرگە رەھمەت قىلسۇن.ئامىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 11:07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 680 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2014-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 11:07:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:16:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئۇزىنىڭ ياخشى يۇلدا ماڭغۇچى ياخشى بەندىلىرنى ئۇزى مۇكاپاتلىغۇچىدۇر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش