ككۆكۆپ تېخى پ
‹ تاڭنۇر ›
ئەل ئىشقىدا شام بولۇپ ، كۆيگەنلەرمۇ كۆپ تېخى ،
مىللىتىم دەپ ،ئەتەم دەپ، ئۆلگەنلەرمۇ كۆپ تېخى .
ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن، ئاتاپ بارۇ جېنىنى ،
سۇسىز يەرگە يېشىنى ، تۆكگەنلەرمۇ كۆپ تېخى .
تاڭ سەھەردە پارلىغان ، ھارارەتلىك قۇياشتەك ،
يۇقسۇزلارغا مىھرىنى ، تۆككەنلەرمۇ كۆپ تېخى .
تونۇتۇش ئۈچۈن دۇنياغا ، سېخى ئۇلۇغ ئۇيغۇرنى ،
ئىلىم - ئېرپان يولىغا ، چۆككەنلەرمۇ كۆپ تېخى .
ئۇنتۇلسىمۇ ئەسلەردىن ، ئۆتكۈر ،لۇتپۇل روھلىرى ،
ئۇلار يازغان ‹ئۈنچىنى › سۆيگەنلەرمۇ كۆپ تېخى .
تەرەقىيات تېزلىشىپ ، ئۇچۇرلاشقاچ دەۋرىمىز ،
‹تەڭ ئىلگىرلەش › دېڭىزغا ،چۆككەنلەرمۇ كۆپ تېخى .
ئۈنۈپ قالسا مىللەتكە ، گىياھ كەبى ئىللەتلەر ،
بېرىپ ئاچچىق رەدىيە ، سۆككەنلەرمۇ كۆپ تېخى .
توسىمۇ گەر ئىشەنچنى ، ۋەدىسى يالغان نامەرتلەر ....
ئارمان ،غايە، ئۇمۈدنى ،كۈتكەنلەرمۇ كۆپ تېخى ،
نىمە دەيمىز تەقدىرگە ، قىسمىتى كۆپ مىللەت بىز ،
قىسمىتىدىن يىراقلاپ ، كۆچكەنلەرمۇ كۆپ تېخى ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 04:25 PM