مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2090|ئىنكاس: 13

سىرلىق 70 يىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 44386
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3459
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2011-6-14
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 03:35:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەم بۇ دۇنيادا قانچىلىك ئۆمۈر كۆرۈدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ، بۇنى پەقەت ئاسمان – زىمىنلەرنىڭ ،پۈتۈن ئىنسانىيەت ۋە مەۋجۇداتلارنىڭ ئىگىسى بولغان بىر ئاللاھلا بىلىدۇ . ئەگەر بىز بىر ئادەمنى 70 يىل ئۆمۈر كۆردى دىسەك ئەمىلىيەتتە ئۇ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرگەن بولىدۇ ، بۇنى بىز ھىسابلاپ باقايلى :
تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ھەر قانداق ئادەم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئۆلگىچە تەخمىنەن ئۈچتىن بىر ئۆمىرى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتىدىكەن، مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا بۇ 70 يىل ئۆمۈر كۆرگەن ئادەمنىڭ 23.3 يىلى ئۇيقۇ بىلەن ئۆتۈپ كەتتى .
بىر كۈن ئىچىدە ئۈچ قېتىملىق غىزالىنىشقا ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن 1.5 سائەت ۋاقىت كىتىدىكەن ، مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا 1.5*365*70/24/365= 4.38 يىل ۋاقتى غىزالىنىش بىلەن كەتتى .
ھازىرقى دۆلىتىمىزنىڭ سىياسەتلىرى بويىچە بىر ئادەمنىڭ مائارىپ تەربىيلىنىش ۋاقتى تۆۋەن بولغاندا يەسلى مائارىپى قېتىلىپ تۇلۇقسىزقىچە 11 يىل ، تۇلۇققىچە بولسا 14 يىل ، ئالىي مەكتەپكىچە بولسا 19 يىل ۋە تېخىمۇ يۇقىرلاپ ئوقۇسا 22 يىل دىگەندەك بىر قانچە خىل . بىز بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچىسىنى ھەمدە بالدۇر مەكتەپتىن يېنىپ چىققان ( بۇلار ھۈنەر ۋە باشقا نەرسە ئۈگىنىشكە كەتكەن ۋاقىتمۇبار، مائارىپ ۋە ھۈنەر – كەسىپلەرنى ئۈگۈنۈشتىكى نورمال ۋاقىتلاردىكى باشقا مەشىق ۋە تاپشۇرۇق ئىشلەش ۋاقتىلىرىمۇ بار ) ۋاقتىنىمۇ نەزەرگە ئالساق 12.4 يىل بۇنىڭدىن ئۈچتىن بىر ئۇيقۇ ۋاقتى ۋە يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋاقىتلارنى چىقىرىۋەتسەك مائارىپ تەربىيلىنىشىگە 7.5 يىل سەرپ بولدىكەن.
بىر كۈن ئىچىدىكى كۈندۈزدە ھەر خىل ئارام ئېلىش ۋاقتى ئوتتۇرىچە ھىساب بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا بولىدىكەن . بۇنى ھىسابلىساق 2*365*70/24/365=  5.83 يىل بولىدىكەن.
بىر كۈن ئىچىدە ئادەمنىڭ شەخسى تازىلىق ، ئۆي ئىشى ( چوڭ – كىچىك ئەمگەكلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ) ، كىشىلىك مۇناسىۋەت دىگەنلەرگە ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 1.8 سائەت ئەتراپىدا بولىدىكەن . بۇنى ھىسابلىساق 1.8*365*70/24/365=5.25 يىل بولىدىكەن .
بىر كۈن ئىچىدە تىلىۋۇزۇر كۈرۈش ۋاقتى ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا بولىدىكەن ، بۇنى ھىسابلىساق 2*365*70/24/365=5.83 يىل بولىدىكەن .
بىر كۈن ئىچىدە ئادەمنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ، ئويناش ، ساياھەت قاتارلىق ئىشلىرىغا 1.5  سائەت ئەتراپىدا بولىدىكەن . بۇنى ھىسابلىساق 1.5*365*70/24/365=4.4 يىل بولىدىكەن .
بىر كۈن ئىچىدە ئادەمنىڭ ئاغرىپ قېلىشى 18 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدىكەن ( بەزى كۈنلەردە سالامەت بولىدۇ ، بەزى كۈنلەردە ئاغرىپ دوختۇردا يېتىپ قالىدۇ ، بەزى چاغلاردا ئاغرىپ قېلىپمۇ دوختۇرغا بارماي ئۆيىدە ئارام ئالىدۇ دىگەندەك ) . مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندا 0.3*365*70/24/365=0.88 يىل بولىدىكەن .
ئۇ ئادەم تىجارەت ، ھۈنەر ياكى خىزمەتچى خادىم بولسا بىر كۈندە 4 سائەت ۋاقتى مۇشۇنداق تىرىكچىلىك يولىدا سەرپ قىلىنىدىكەن ( سەككىز سائەتلىك مەشغۇلىيەت دىگەن بىلەن ھەقىقىي ئىشلەش ۋاقتى 4 سائەت چىقىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقارقى ساناپ ئۆتكەن ۋاقىتلارمۇ بۇ سەككىز سائەتنىڭ ئىچىدە بار) . بۇ خىل ۋاقىتنى 30 يىلغا ھىسابلاپ كۆرسەك  4*365*30/24/365=5 يىل بولىدىكەن .
ئەگەر ئۇ ئادەم نامازخان بولسا ناماز ئوقۇغان ۋاقتىنى 70 يىلنىڭ  50 يىلىدا ئوقۇدى دىسەك ، بىر كۈندە ناماز ئوقۇش ۋە تاھارەت ئېلىشقا كەتكەن ۋاقىت 1.5 سائەت بولىدىكەن. بۇنى ھىسابلىساق 1.5*365*50/24/365=3.13 يىل بولىدىكەن .
خۇلاسە كالام قالغانلىرىنى ھىسابلىمايلى يۇقىرىدا بايان قىلغانلارنى ھىسابلاپ باقايلى :
70-23.3-4.38-7.5-5.83-5.83-5.25-4.4-0.88-5-3.13=4.5
70 يىل ئۆمۈر كۆرگەن ئادەمنىڭ بىز تىلغا ئالغان ۋاقتلىرىدىن باشقا قالغان ۋاقتى 4.5 يىل ، تىخى تىلغا ئالمىغان باشقا ۋاقتىلارمۇ بار ، سىز مۇشۇ 4.5 يىل ۋاقىتنىڭ قانچىلىكىنى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ، ئىسلامىيەت ئۈچۈن سەرپ قىلدىڭىز ؟
تېخى سىز مۇشۇ 70 ياشقا كىرەلەمسىز بۇنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ ، ناۋادا ئۇنچىلىك ئۆمۈر كۆرەلمىسڭىز بۇ ۋاقىت 4 يىلغىمۇ ھەتتا 3 يىلغىمۇ بارماسلىقى مۇمكىن . ئەمما سىزنىڭ پۈتكۈل ئۆمرىڭىزدە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزگەن ۋاقتىڭىز مۇشۇ 3~4 يىلنىڭ ئىچىدە  (ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولسىڭىز ).  بىر يىلنىڭ ئىنچىكە ھىساباتى تۆۋەندىكىدەك :
بىر يىل = 365 كۈن=8760 سائەت=525600 مىنۇت=31536000سىكونت
ئەگەر كەبىسە يىلى بولسا :
بىر يىل = 366 كۈن=8784 سائەت=527040 مىنۇت=31622400سىكونت
ھەي ئادەملەر ، ھەي ئىنسانلار ئوبدان ئويلىنىڭلار ، سىلەر بۇ دۇنيادىكى مۇشۇ ۋاقتىڭلاردىن ئىنچىكە ھىساب بىرىسىلەر ، ئويلاپ بېقىڭلار مۇشۇ مىنۇت ، سىكونتلارنىڭ قانچىلىكىدىن ھىساب بىرەلەيسىلەر؟ ھازىر نەچچىگە كىرگەن بولساڭلار مۇشۇ بويىچە ھىسابلاپ بېقىڭلار ،قانچىلىك ياشىدىڭلار ،قانچىلىك ۋاقتىڭلارنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلدىڭلار؟ مەن تېخى تەتقىقاتلارغا ئاساسەن يىل بويىچە تەخمىنەن ھىسابلاپ چىقتىم.  سىلەر ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت دەيسىلەر ئەمما ۋاقىتنى تۆمۈرنى قەدىرلىگەنچىلىك قەدىرلىمەيسىلەر . ئىسىڭلەردە بولسۇنكى  ئاللاھ ھەر مىنۇت ھەر سىكونتنىڭ ھىسابىنى ئالىدۇ . بۇ توغرىسىدا ئاللاھ قۇرئاننىڭ 67- سۈرە مۇلكنىڭ 24- ئايىتىدە مۇنداق دىگەن : ئېيتقىنكى، « ئاللاھ سىلەرنى يەر يۈزىدە يارىتىپ كۆپەيتتى، (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا توپلىنىسىلەر» ، 69- سۈرە ھاققەنىڭ 18- ئايىتىدە مۇنداق دىگەن : بۇ كۈندە سىلەر (ئاللاھقا) (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) توغرىلىنىسىلەر، سىلەر ھېچقانداق بىر سىرنى يوشۇرۇپ قالالمايسىلەر .

بىلمىگەننى بىل ،

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13907
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1195 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 11:44:22 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ۋاقىتلىرىمىزنى بەرىكەتلىك قىلغاي!

ئېتقادنى يېگىلى بولمايدۇ، لېكىن ئېتقادى يوق ئادەم ھەممىنى يەيدۇ.
www.bildur.net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29519
يازما سانى: 1124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8280
تۆھپە نۇمۇرى: 392
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2011-2-7
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 09:44:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرىگىمۇ 7-8يىل چىقىدىكەنمىز

@ئۆزەمنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن پەخىرلىنىمەن@

ئۇيغۇر☾✫

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35521
يازما سانى: 222
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4032
تۆھپە نۇمۇرى: 112
توردا: 465 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 10:59:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس، دىلى ئاقارغانلاردىن سورا.

كۆزگە ئايلانغان كۆڭۇل!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3336
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8320
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 632 سائەت
تىزىم: 2010-7-4
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:05:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىىن  ئامىن !

راسىت ئۇخلىغان ئادەمنى ئويغاتماق ئاسان .يالغان ئۇخلىغان ئادەمىنى  ئويغاتماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3944
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 858 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:12:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92216
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2013-2-24
ئاخىرقى: 2013-5-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 12:03:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنداق ھىساپلاش بىر ساراڭلىق !!!!خىزمەتچى ؛ خوجاين مەن بۈگۈن بىر كۈن رۇخسەت سوراي دىگەنتىم ،
خوجايىن ؛ سەن بىر كۈن رۇخسەت سوراي دىگەنمىتىڭ ؟
خىزمەتچى ؛ ھە ئە .
خوجايىن ؛ سەن شىركەتتىن يەنە نىمە تەلەپ قىلسەن ؟ بىر يىلنىڭ ئىچىدە 365 كۈن ، 52 ھەپتە . سەن ھېلىمۇ ھەر ھەپتىسى شەنبە . يەكشەنبە ، ئىككى كۈن دەم ئالىسەن ، جەمئى 104  كۈن قالدۇ ، ئاران 261 كۈن خىزمەت قىلدىغان ۋاقىت قالىدۇ ، شۇنداقمۇ ؟
خىزمەتچى ؛شۇنداق ،
خوجايىن ؛ سەن  كۈنىگە  8 سائەتلا ئىشلەيسەن ،16 سائەتتە ئىشلىمەيسەن ، خىزمەتتە ئەمەس بۇ 174  كۈننى چىقىرۋەتسەك .يەنە 87 كۇن قالىدۇ شۇنداقمۇ ؟
خىزمەتچى ؛ ھەئە خۇجايىن ،
خۇجايىن ؛ ئېشىپ قالغان 64 كۈننىڭ ئىچىدە چۈشلۈك تاماق ۋاقىتتا 1 سائەت بىرلىدۇ .  ھېسابلىساق جەمئى  46 كۈن  ئىسراپ بۇلىدۇ، يەنە  18 كۈن ئېشىپ قالدۇ شۇنداقمۇ ؟
خىزمەتچى ئۈن چىقارمىدى ،
خوجايىن ؛ ئادەتتە سەن بىر يىلدا ئىككى قىتىم ئاغرىق دەپ رۇخسەت سۇرايسەن .  2 كۈننى چىقىرۋۋەتسەك  سېنىڭ خىزمەت ۋاقتىڭ  16  كۈن قالىدۇ .
خىزمەتچى بېشىنى ساڭگىلاتتى ،
خوجايىن ؛  ھەريىلى  5  چوڭ بايرام بار ، شېركەت دەم ئېلىش بىرىدۇ ، ئىشلىمەيسىلەر ، 5 كۈننى ئېلىۋەتسەك  ئاران  ئون بىر كۈن  خىزمەت ۋاقتى قالىدۇ  شۇنداقمۇ ؟
خىزمەتچى ..................؛

خوجايىن ؛ ھەر يىلى شېركەت يەنە ساڭا مەردلىك بىلەن  10  كۈنلۈك دەم ئېلىش بىرىدۇ ، ھېسابلىساق ، سېنىڭ  خىزمەتقىلىدىغان  ۋاقتىڭ  بىر  كۈن  بولىدۇ . خىزمەتچى ............؛
خوجايىن ؛ ھالبۇكى  سەن  مۇشۇ    بىر    كۈندە رۇخسەت سوراي دەمسەن ؟
خىزمەتچىدىن ئۈن چىقمىدى ، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   123520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-28 12:05 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 11 ھاھاھا، رۇخسەت بەرمەس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 11   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2478
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9343
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 803 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 12:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاھاھا ئىنكاستىكى ھىساپلاشمۇ بەك كەپتۇ دىسە.
بۇ ھىساپلاشنى ئىدارە باشلىقلىرى ئۈگۈنۈۋالمىسا ياخشى-ھە.
بولمىسا ئۇ باشلىقلار رۇخسەت بەرمەسلىكنىڭ  ئامالى بىلىۋېلىپ،  مۇشۇنداق ھىساپلاپ كەتسە، راستلا ئىشلەش كۈنى شۇ بىر كۈن بپ قالىدىكە
ئەڭ ياخشىسى ئادەم ئۆز-ئۆزىنى جىددىلەشتۈرۈپ، مۇنداق غەلىتە ھىساپلاشنى قىلمىغىنى ياخشى،
بولمىسا مۇشۇندا ئادەمنى ساراڭ قىلىۋېتىدۇ بۇ ھىساپلاش.

پاك يۈرەك ئۇ قۇلۇپقا ئوخشار،
  يۈرەك تىۋىش،  ئۇ  تىڭشالايدۇ.
خاتا ئاچقۇچ ئاچالماس ھەرگىز،
  يۈرەك  بەرگەن  ئۇ   ئاچالايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89800
يازما سانى: 705
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1103
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2013-1-9
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 12:53:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4642
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 270
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 01:06:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
123520 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-28 12:03 PM
بۇنداق ھىساپلاش بىر ساراڭلىق !!!! ...

مەنچىمۇ مۇنداق ھېسابلاشقا بولمايدۇ ..خۇددى ئادەملەر يېتپلا پۇل تېپۋاتقاندەك بولۇپ قالمامدۇ ھە؟

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش