|
|
|
|
ۋىسالسىز سۆيگۈ
(نەسىر)
-مەنمۇ سىزگە ئاشىق –دەپ يۈزلىرى ۋىللىدە قىزارغان ئاي،قوللىرى بىلەن يۈزىدىكى قىزارغىنىدىن تېخىمۇ ئۇچۇق بىلىنىپ قالغان داغلىرىنى تۇسۇپ قۇياشقا كۈلۈپ باقتى .لىكىن ئېچىنىشلىقى شۇكى قۇياش ئاڭلىغۇسى بار بۇ نىدالارنى ئاڭلاپ بولغۇچە تاغنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ كەتتى.ئاي ھەركۈنى كەچتە كۆڭلىنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ مۇھەببەت يالقۇنى ئىچدە ئۆرتۈنۈپ، بۇ سوغۇق كىچىنىڭ تىزراق ئۈتۈپ كىتىشىنى ،تاڭ يۇرىغان چاغدىكى قۇياش بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ تىزراق كىلىشىنى كۈتۈپ شۇ ئىچىگە سىغدۇرالمايۋاتقان مېھىر- مۇھەببىتىنى يەر زىمىنغا ياغدۇرۇپ ،تالاي ئاشىق –مەشۇقلار ئۈچۈن گۈزەل داستىخان ھازىرلايتتى. كۆپكۆك ئاسمان ،ياپيىشىل دەل-دەرەخلەر،شىلدىر-شىلدىر ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار،ۋىچىر –ۋىچىر سايرىشىۋاتقان قۇشلار ،ئاشىق ئۇتىدا كۈيىۋاتقان ،ھىجران ئازابىدا تولغۇنىۋاتقان گۈزەل ئاينى ئۇيغۇتۇپ،ئۇچرىشىشقا ئۈندىدى.شەرق تەرەپتىن كەلگەن قىپقىزىل نۇرلارنىڭ كۈچىيىشى گۈزەل ئاينىڭ تەبەسسۇمىنى بارغانسىرى سۈزۈلدۈرۈپ ،مەڭزىدىكى داغلىرىنى سۇسلاشتۇرۇپ تېخىمۇ گۈزەل قىلۋەتتى. ئاي ساقلىدى،ساقلىدى،تەنلىرى ئۆچۈشكە باشلىدى.قۇياش ئىللىق ھارارەتلىك نۇرلىرىنى سىخىلىق بىلەن چېچىپ ئاستا-ئاستا تاغنىڭ كەينىدىن كۈتۈرۈلۈپ،مەشۇقى ئاينىڭ ھۆسنىگە نەزەر تاشلىدى ۋە –ئەي گۈزەل ئاي،مەنمۇ سېنى سۆيىمەن-دەپ ئاران ئۈلگۈردى . بۇ قىسقىغىنە ئۇچرىشىشتا ئاي قۇياشقا قاراپ مۇنۇلارنى پىچىرلىدى: ئاشىقىم، سەن قۇياشلەمنىڭ مەركىزى بولغان كۆيۈپ تۇرغان تۇرغۇن يۇلتۇزسەن ،سەن ئاشۇ ھارارەتلىك سىھرىي تارتىش كۈچۈڭ بىلەن مىللىيۇنلىغان پىلانىتلارنى ئۆزۈڭگە جەلىپ قىلىپ «قۇياشلەم « سىرتىغا چىقارماستىن ساڭا ئىتائەت قىلىپ تەرتىپلىك ئايلاندۇرىسەن.يەنە تېخى گۈزەل تاغ-دەريالار،ئاپئاق بۇلۇتلار ،يامغۇردىن كىينكى رەڭگارەڭ ھەسەن-ھۈسەنلەرمۇ سەن ئۈچۈن نەغمە ناۋا قىلىپ كۆڭلۈڭنى ئالىدۇ. بولدى جېنىم، سەن شۇلاردىن بىرىنى تاپقىن.-دىگىنىچە تېخىمۇ سۇسلىشىپ قۇياشتىن ئۈزىنى قاچۇردى.قۇياش ئالدىراپ تىنەپ-توختا جېنىم ،كەتمەي تۇرغىن ،مېنىڭ يۈرەك سۆزلىرىمگە بىر قۇلاق سال!ئەي گۈزەلىم ،سەن پەقەت مېنىڭ گۈلۈمسەن.دەپ توۋلىغىنىچە زار بولۇپ قاياقتىندۇر ئاينىڭ سىماسىنى ئىزدەيتتىيۇ بىراق پۈتكۈل ئاسماندا پەقەت ئۈزىنىڭ يالغۇز يىگانە قايتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. بىراق مەشۇقى ئاي يۈرىگىدىكى بۇرۇنقى سۆيگۈسىدىن قېپ قالغان داغلىرى ئۇنى قىيناپ نە ئازابلىنىشىنى، نە خۇشال بۇلىشىنى بىلەلمەي، ئاستا –ئاستا ئاشىقى قۇياشنىڭ ھارارىتىگە كۈزى قىيمىغان ھالدا خوشلۇشۇپ كىتىپ قالاتتى .گۈزەل ئاي بولسا قۇياشنىڭ سۆيگۈ ئىلتىجاسىدىن يانغان نۇرلار بىلەن ،قۇياشقا ئەڭ يىراق ماكاندىمۇ ، ئۈزىنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلىقىنى سىزەلەيتى ۋە ئىپتىخارلىناتتى. كېچە ،قاراڭغۇ تۈنلەردە مىللىيۇنلىغان چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار مەشۇقى ئايگە ھەمراھ بۇلۇپ ،بۇ ھىجرانلىق كىچىلەردىن ئۇنى قۇتۇلدۇراتتى.لىكىن مەشۇقى ئاي يەنىلا كۆڭلى غەش،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شۇ ئاشىقى قۇياشنى سېغىنىپ،ئۇنىڭ بىلەن دىدارلىشىش پۇرسىتىگە ئىنتىلەتتى. مەشۇقى ئاي كىچەمۇ كۈندۈز مەۋجۇت بولسىمۇ، كۆڭلىدىڭى داغ ئۇنى قۇياشتىن يىراقلىشىشقا ،ئۇنىڭدىن يۇشۇرنىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇپ، پەقەت ئاشىقى قۇياش ئۈچۈن دىلدا بەخت-سائادەت تىلەپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلاتتى. مەڭگۈ بىرگە بۇلۇشنى ئارزۇ قىلسىمۇ نە چارە .ئاشىقى قۇياش بولسا ،كېچىدە چاقنىغان يۇلتۇزلاردىن.مەشۇقى ئاي بولسا ئاپئاق بۇلۇت،ھەسەن –ھۈسەنلەردىن قىزغىنىپ بىر –بىرنى سېغىناتتى، كۈنلەيتى. تاڭ سۈزۈلگەندىكى بۇ قىسقىغىنە ئۇچرىشىش بۇ بىر جۈپلەرنى مەڭگۈ تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدى.ئۇلار شۇ بىر دەقىقە ئۈچۈن ياشاشنى قارار قىلدى. تاڭ ساباھدىكى ئۇچرىشىش ،
قىلدى ئۇلار كۆڭلىنى تۇتاش،
پۈكتى دىلدا دەقىقە ۋىسال،
ئاي سېغىنىپ مەشۇقى قۇياش.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم
|
|
|
|
|
|