پاراڭلاش
ئاپتورى: ئەنىۋەر ئەمەت ئەزىزى
بولۇپ كېتىپ ھەرجايدا ئىلىم-پەندە يۇقۇرلاش،
مودا بولدى كوت-كوتتا ئۈندىداردا خەت يوللاش،
بولۇپ كەتتى كىچىك ئىش تېلىفۇنلار جاراڭلاش،
سەنمۇ قالماي زاماندىن ئۇچۇر يېزىپ پاراڭلاش.
سۆزلىشىۋەر سىنىپتا، ئۆيۈڭ ياكى ياتاقتا،
قويۋەتمىگىن ھەر جايدا يولۇقساڭمۇ چاتاققا،
ئاڭلىمىساڭ يانفۇننى تىقىۋەتكىن قۇلاققا،
ئوڭدا يېتىپ، دۈم يېتىپ، ئۆرۈلۈپمۇ پاراڭلاش.
نائۇشنىكتە تىڭشىغاچ، ناخشا ئېيتىپ غىڭشىغاچ،
توختىماستىن سۆزلەشكىن قاچا يۇغاچ، كىر يۇغاچ،
تاماقتىمۇ ئولتۇرغىن ئۈندىدارنى ئوينىغاچ،
دوكىلات قىپ ھەممىنى ھاجەتتىمۇ پاراڭلاش.
‹شەمشى جانان› بولۇپ سەن ‹قەمەرشاھ›قا دەت ئېيتىپ،
ئۇچىراشقان، كۆرۈشكەن، سۆيۈشكەننى يات ئېيتىپ،
تۈگىگىچە گەپ-سۆزلەر شېرىن ئۇيقىغا كېتىپ،
بۇخاراغا كەتكەندە چۈشۈڭدىمۇ پاراڭلاش.
نان قېپىدىن تۆت-بەشنى قىلىۋىلىپ سەپەرداش،
‹بىرلەشمە›گە ‹كۆچمە›گە ‹ئابونىت› بوپ ھەمكارلاش،
بىزار قىلغىن ھەممىنى چىقىرۋەتسۇن قان ئارلاش،
ئۇخلاتمىغىن ھېچكىمنى تاڭ ئاتقۇچە پاراڭلاش.
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-27 01:38 PM