مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: xayhim

زۇلمەتلىك تۇپراق(داۋامىنى كۆرمەي تۇرالمايسىز) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 09:50:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      سەككىزىنچى باپ: مۇدھىش كۈنلەر

ۋاقىت سۇدەك ئۆتۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پاششاخان يەتتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالدى.
ئىنىك ئانا تۈركمەن خاندانلىقنىڭ ئەنئەنىسىدىكى شاھزادىلەرنى تەربىيەلەش تۈزىمىگە ئاساسەن پاششاخانغا يەتتە ياشقا كىرگۈچە بىرقانچە چەتئەل تىلىنى ئۆگىتىشى كېرەك ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنىك ئانا بالا پادىشاھ – پاششاخانغا رۇس تىلى، ئەرەب تىلى ۋە پارس تىللىرىدىن دەسلەپكى قەدەمدە ئاساس تۇرغۇزماقچى بولدى، ئىنىك ئانا پارس تىلى بىلەن ئەرەب تىلىغا پۇختا ئىدى، شۇڭا ئۇ بۇ ئىككى تىلنى ئۆزى بىرىپ ئالدىنقى بىر تىل-رۇس تىلىغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلدى.
ئىنىك ئانا كامىل مۇسۇلمان بولسىمۇ ئەرەب تىلىغا قارىغاندا رۇس تىلىنى مۇھىم دەپ بىلەتتى ئۇنىڭ نەزىرىدە «يامانلىق ۋە شۇملۇق دوستتىن ئەمەس دۈشمەندىن كېلىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن دۈشمەننىڭ تىلىنى پۇختا بىلىپ مۇستەملىكىچى دۈشمەن مىللەتنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئۈزۈل-كېسىل قوغلاپ چىقىرىش كېرەك» دەيدىغان ئىدىيە بار ئىدى.
مەلىكە كۈنچېچەكنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئىنىك ئانىغا ئېيتقان ئارزۇسىمۇ بالىنى يەتتە يېشىغىچە چوقۇم ياۋروپالىقلارنىڭ تىلىدىن مۇكەممەل ساۋات چىقارغۇزۇش ئىدى شۇنداقلا بۇ تۈركمەن خاندانلىقىنىڭ شاھزادە -مەلىكىلەرنى تەربىيەلەشتىكى ئەنئەنىۋى قائىدە-تۈزۈمىگە قېتىلغان يېڭى بىر ماددىسى ھېسابلىناتتى، شۇنداق قىلىپ پاششاخان بەش يېشىغىچە ھېلىقى بازاردا چوڭ بولۇپ ئالتە ياشقا قەدەم قويغان يىلى بازاردىن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى تېپىلماسلىق سەۋەبلىك بۇ يەردىن ئايرىلىشقا مەجبۇرى بولدى، ئىنىك ئانا بۇ بازاردىكى يېقىن-يورۇق، قۇلۇم-قوشنىلار بىلەن خوشلىشىپ رازىلاشقاندىن كېيىن ئاستانىگە قاراپ يولغا چىقتى.
نەچچە كۈنلۈك جاپا-مۇشاققەتلىك ماشىنا سەپىرىدىن كېيىن ئىنىك ئانا ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان شەھرىگە يېقىنلاپ كەلدى.ئىنىك ئانا بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە بالا بېقىش ۋە بالا تەربىيەلەش ئىشى بىلەن بەكلا جۈدەپ كەتكەن بولغاچقا شەھەردىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرىمۇ ئۇنى كۆرسە تونۇماسلىقى ئېنىق ئىدى.بالا پادىشاھ- پاششاخان ئىنىك ئانىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى بەدەل تۆلىگىنىگە يارىشا ھەقىقەتەن بەكمۇ ئەقىللىق بالا بولغان ئىدى، ئۇ كىچىگىدىن باشلاپ تىرىشچان، ئىرادىلىك بالا بولدى، مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام دىگەندەك بۇ بالا ياۋۇزبەگ بىلەن مەلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى جەۋھەرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغاندەك مەيلى چىرايدا بولمىسۇن مەيلى قىلىق-ھەرىكەتلىرىدە بولمىسۇن كۆرگەنلىكى كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەتتى. ئۇ ئىنىك ئانىسىغا شۇ دەرىجىدە ئامراق ئىدىكى ئۇ تاكى تۆت يېشىغىچىمۇ ئىنىك ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ ئۇخلايتتى. ئىنىك ئانىمۇ ياشىنىپ قالغاندا بۇ بالىغا ئادەتتىن تاشقىرى ئامراق بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھە دىسىلا بالىنىڭ غېمىنى يەپ «بارغانسېرى قېرىپ كىتىۋاتىمەن ناۋادا ئاللاھ تۇيۇقسىزئامانەتنى تاپشۇرۋېلىپ بۇ دۇنيادىن كېتىپ قالسام يۈرەك پارەم پاششاخان نەلەردە بوينىنى قىسىپ قالار؟!» دىگەننى ئويلاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا يىغلاپ كىتەتتى.بۇنداق چاغلاردا پاششاخان ئىنىك ئانىنىڭ ئاقارغان بېشىنى قۇچاغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ يۈزىگە يۈزىنى چىڭ يېقىپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاپ ئىنىك ئانىنىڭ يۈرىكىنى تېخىمۇ ئىزىۋىتەتتى.
شەھەرگە ئاز قالغاندا ئىنىك ئانا بوخچىسىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ بالا بىلەن قارا ماشىنىنىڭ كوزۇپىدىن چۈشۈپ قالدى، چۈنكى شەھەر ئىچى ھازىرچە ئىنىك ئانىغا نىسبەتەن يەنىلا ناتۇنۇش خەتەرلىك جاي ھېسابلىناتتى.
ئۇلار ياۋۇزبەگنىڭ دادىسى جالال شەيىخنىڭ ئۈيىگە بارىدىغان مازارلىققا قاراپ يول ئالدى، بالا پادىشاھ- پاششاخان ئىنىك ئانىنىڭ ئالدىدا گاھى پىلتىڭلاپ گاھى يۈگۈرۈپ مېڭىپ ئىنىك ئانىنىڭ خوشلىقىنى كەلتۈرەتتى.ئۇلار چۈشكە يېقىن جالال شەيىخنىڭ ئۆينىڭ ئەتراپىغا يىتىپ كەلدى لېكىن ئۆيلەر يېقىۋېتىلگەن بولۇپ پەقەت ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى سوقما پاكار تامنىڭ بىر قىسمىلا قالغان ئىدى.
ئىنىك ئانا بىردەم ساقلاپ تۇرۇپ مەسچىتكە پىشىن نامازغا كەلگەن بىرەيلەندىن جالال شەيىخنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدى، ئۇ كىشى ئېغىر خورسىنىپ رۇس ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ جالال شەيخنى ئوغلۇڭ باش سانغۇن بولۇپتىكەن شۇنى تېپىپ بەر دەپ تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى، ئۆيىنىمۇ يېقىپ تۈزلەپ مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئىنىك ئانا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ رەھىمسىز تەقدىردىن ئېچىنىپ جالال شەيىخنىڭ روھىغا يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزۇن دۇئا قىلدى، ئالتە ياشلىق پاششاخانمۇ ئىنىك ئانىسىنىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن سۈرە ياسىننىڭ ئالدىنقى بىر مۇبىيىنىنى يېقىملىق ئاۋازدا قىرائەت قىلىپ ئۇلارغا ئاتاپ دۇئا قىلدى.
ئۇلار بۇ كېچە مۇشۇ ئۆينىڭ ئورنىدىكى سوقما تامنىڭ بۇلۇڭىدا يېتىپ ئۇخلايدىغان بولدى، چۈنكى كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇسى چوڭ شەھەرگە قانچە يېقىن بولغانسىرى ئۇلارنىڭ سىرتى پارقىراق ئىچى كىرگە تولغان بۇلاتتى، بۇلاردىن كېلىدىغان خەۋپ ھېلىقى بازاردىكى كىشىلەرگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى بۇلاتتى.
ئۇلار ئەتىسى ئاش ۋاقتى بىلەن شەھەرگە كىردى، شەھەر ئاندا-ساندا بىنا ئۆيلەرنىڭ سېلىنغانلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاۋۋالقىدىن ئانچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى، كۇچا-كويلارنى پەقەت رۇسلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سودىگەر-بايلار ياكى بۇ شەھەرنى مۇقىم ماكان تۇتقان رۇس پۇقرالىرىدەك قىلاتتى. قاتار تىزىلغان قۇراللىق رۇس ئەسكەرلىرى كۇچا-رەستىلەرنى دەمدە بىر ئايلىنىپ قۇلىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان شەھەر پۇقرالىرىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ شەھەرنىڭ ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلاتتى.
ئىنىك ئانىنىڭ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن بايلىقى ئەمەلىيەتتە شەھەرنىڭ يېرىمىنى سېتىۋىلىشقا ئازادە يېتەتتى، ئۇلار شەھەر مەركىزىدىن ئوبدان بىر ئۆينى سېتىۋېلىپ ئولتۇرسىمۇ بۇلاتتى لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ خەتىرى بەكلا چوڭ بۇلاتتى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆي-زېمىن ئېلىم-بېرىم قىلغۇچىلار شۇ ۋاقىتتىكى قورچاق ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆزىنى تىزىملىتىپ باج تۆلىشى، تۈرلۈك ھۆججەتلەرگە قول بېسىپ رەسمىيەتلەرنى ئۆتىشى كېرەك ئىدى، بۇنداق ئىشنى قىلىدىغان ئورگانلار كاللا كېسەر مۇناپىقلار بىلەن رەھىمسىز رۇس خىزمەتچىلىرىگە تۇلۇپ كەتكەچكە رۇس پۇقرالىرىغا ئىش بىجىرىش ئۇيۇنچىلىق، تۈركمەن پۇقرالىرىغا ئىش بىجىرىش ناھايىتى بەس مۈشكۈل ئىدى.شۇڭلاشقا ئىنىك ئانا بالىنىڭ ئوقۇش ئىشىنى ئويلاپ شەھەردىن بىر ئۆي ئىجارە ئېلىشنى ئويلىدى.
ئىنىك ئانا كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۈزىنى يېرىم ئورىۋېلىپ قەدىمىنى «قەلەندەر كوچىسى» دەپ ئاتىلىدىغان مەھەللىگە قاراتتى، چۈنكى بۇ يەر كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە نامراتلارنىڭ تۇرالغۇسى دەپ قارالغاچقا مەيلى رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ياكى شۇ چاغدىكى قونچاق ھاكىمىيەتنىڭ چارلاپ –تەكشۈرۈشلىرىدىن بىر ئاز خالىي ئىدى.
ئىنىك ئانا پاششاخاننىڭ قۇلىنى يىتىلەپ ئۆيمۇ-ئۆي يۈرۈپ ئاخىرى كىچىك بىر ئۆينى ئىجارە ئېلىپ شۇ يەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشتى.
ئاي-يىللار بىر بىرىنى قوغلىشىپ ھەش-پەش دىگۈچە پاششاخان يەتتە ياشقا كىرىپ قالدى، ئىنىك ئانىمۇ بار ئاماللار بىلەن بالىنى مەلىكە كۈنچېچەكنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياخشى تەربىيىلىدى. ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرۇپ سۈننەتنى ئادا قىلدى.
لېكىن ئۇلارنىڭ بۇنداق تىنچ-ئامان كۈنلىرىمۇ ئۇزۇنغا بارالمىدى، مۇشۇ مەزگىلدە بۇ شەھەردە بىرخىل ۋابا پارتلىدى. بۇ كېسەل بىلەن ئاغرىغۇچىلارنىڭ باشتا كۆڭلى ئېلىشىپ ئوڭ بېقىنى تېلىپ ئاغرىيتتى ئاندىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا كۆزىنىڭ ئېقى سارغىيىپ كۆپىنچىسى بىھوش بولۇپ ئۆلۈپ كىتەتتى.
بۇ كېسەل مىللەت ئايرىمىدى، شەھەر تۇيۇقسىز يىغا-زار ئىچىدە قالدى، بۇنىڭدىن رۇس ھاكىمىيىتىمۇ جىددىلىشىپ ئالدىنى ئېلىش - داۋالاش ئىشلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ باقتى، لېكىن بۇ كېسەلدىن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسايىن كۆپىيىشكە باشلىدى.
بىر كۈنى ئىنىك ئانىنىڭ چۈشى بۇزۇلۇپ تاڭ سۈزۈلمەستە پاششاخاننى ئويغاتتى.
- پاششاخان بالام، ئورنۇڭدىن تۇرغىن بىر يەرگە بېرىپ كىلەيلى- دېدى ئىنىك ئانا ئۆشنىسىگە بوخچىسىنى ئارتىپ تۇرۇپ.
- يەنە يۆتكىلەمدۇق ئانا؟ - دەپ سورىدى پاششاخان كۈزىنى ئۇۋلاپ.
- ياق بالام بارغاندا بىلىسەن، چاققان بولە...
پاششاخان ئورنىدىن تۇرۇپ كېيىملىرىنى كىيىپ ئانىسىنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، ئىنىك ئانا ھويلىدىكى بىر كىچىك قۇرۇق كومزەكنىمۇ قۇلىغا ئېلىۋالغان ئىدى، ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە جامائەت مەسچىتتىن يانار چىغىدا جالال شەيىخنىڭ ئۆيىنىڭ ئورنىغا يىتىپ كەلدى، ئىنىك ئانا قۇلىدىكى كومزەكنى تامنىڭ تۈۋىدە قاپ قۇيۇپ مەسچىتتىن كىشىلەرنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇردى، شۇ ئەسنادا جامائەت مەسچىتتىن چىقىشقا باشلىدى، ئىنىك ئانا كىشىلەرنىڭ ئارسىدىكى ساقاللىرى ئاقىرىپ قېرىلىقتىن ئاران مېڭىۋاتقان بىر كىشىگە سالام قىلىپ ئۇنى يانغا تارتىپ جالال شەيىخنىڭ ئايالىنىڭ قەبرە بېشىنى سورىدى. بۇۋاي جالال شەيخ بىلەن تەڭ دىمەتلىك بولۇپ ئۇنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا ئۇ قىينالمايلا ئىنىك ئانىغا يول باشلاپ ھېلىقى قەبرە بېشىنى كۆرسىتىپ قويدى. قەبرە ياغاچ سالاسۇن بىلەن ئورالغان بولۇپ باشقا قەبرىلەردىن ئالاھىدە پەرىقلىنەتتى.
ئىنىك ئانا پاششاخاننى ھېلىقى قەبرە بېشىغا يىتىلەپ ئەكىلىپ قۇلىدىكى كۆمزەككە بوخچىسىدىكى ئالتۇن تاجىدىن باشلاپ بوينىغا ئاسىدىغان تۇمارغىچە ھەممە نەرسىلەرنى سالدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چوڭ –كىچىكلىكى ئوخشاش بولىمغان ئالماسلار بولۇپ ئالتۇن تىللالار ئىلگىرىكىدىن ئاز قالغان ئىدى، ئۇ بارلىق نەرسىلەرنى كومزەككە قاچىلاپ ئاغىزىنى راسا پۇختا ئەتتى.
ئىنىك ئانا ئەتراپقا سەپسېلىپ ئادەم شەپىسىنى سەزمىگەندىن كېيىن سالاسۇندىن تەسلىكتە ئارتىلىپ كىرىپ بوخچىسىدىكى تەييارلىۋالغان ئوتۇغۇچ بىلەن قەبرىنى خېلى چوڭقۇر كولاپ كومزەكنى كۆمۈۋەتتى، ئۈستىگە غازاڭ-شاخلارنى چاندۇرماي تاشلاپ قۇيۇپ ناھايىتى ئالدىراپلا سالاسۇننىڭ ئىچىدىن چىقىۋالدى. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتىنى ئىنسى-جىن كۆرمىگەن ئىدى. ئىنىك ئانا ئەتراپقا تازا بىر قارىۋېتىپ خۇداغا شۈكرى دەپ يىنىك نەپەس ئالدى، ئاندىن ئۇ پاشاخاننى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ئېيتتى:
- ئوغلۇم پاششاخان مىنىڭ بۇ سۆزلىرىمنى ئىسىڭدە مەھكەم تۇتقىن، شەھەردە كېسەل تارقاپ مۇسىبەت –يىغا-زار ھەممە ئۆينى قاپلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە چۈشۈم بۇزۇلۇپ كۆڭلۈم بىرنىمىنى تۇيۇپ تۇرىدۇ، بۇ چاققىچە سەن كىچىك بولغاچقا بۇ گەپلەرنى دىمىگەن ئىدىم، ئەمدى دەيدىغان چاغلار بولۇپ قالدى- ئىنىك ئانا بۇلارنى دىگەچ كۆزىگە ياش ئېلىپ يىغلاپ كەتتى- مەن سىنىڭ ئۆز ئاناڭ ئەمەس...سىنىڭ ئۆز ئاناڭ مۇشۇ خاندانلىقنىڭ مەلىكىسى شۇنداقلا خاندانلىقنىڭ ئاخىرقى شاھى -مەلىكە كۈنچېچەك...سىنىڭ ئاتاڭمۇ خانلىقنىڭ ھەربىي باش ۋەزىرى ھەم باش سانغۇنى ياۋۇزبەگ ئىدى، بالام...تەقدىرنىڭ چاقى تەتۈر چۆرگىلەپ رۇسلار زىمىنىمىزغا باستۇرۇپ كىرىپ خەلىقنى دەھشەتلىك قىرغىن قىلدى، يالغاندىن ئادالەت بايرىقىنى كۆتۈرۋېلىپ ئەكسىچە كىشىلەرنى قاتتىق بۇلاڭ –تالاڭ قىلىپ قەتلى قىلدى...سىنىڭ ئاتاڭنىڭمۇ... ئاناڭنىڭمۇ قاتىلى دەل مۇشۇ رۇسلار...سەن ئاددى كىشىلەردىن ئەمەس بالام...ئاناڭ سەن بىلەن ۋىدالاشقان چاغدا سىنىڭ مۇشۇ خاندانلىقنىڭ شاھى بولغانلىقىڭغا يارلىق چۈشۈرگەن...سەن مۇشۇ ئەلنىڭ خانى ئوغلۇم!- ئىنىك ئانا يىغلاپ ئېقىپ كەتكىنىچە پاششاخاننى باغرىغا چىڭ باستى.
پاششاخان ئانىسىنىڭ گېپىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى، ئۇمۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ ئىنىك ئانىنىڭ يېشىنى ئالقىنى بىلەن سۈرتۈپ ئاۋالقىدەك تەڭ يىغلاشقا باشلىدى.
- بالام، بۇ گەپلەرنى قەتئىي كىشىگە تىنما، ئىسىڭدە مەھكەم تۇت، ئاتاڭنىڭ قاتلىنىمۇ ھېلىقى تۇمارنىڭ ئىچىگە پۈتۈپ قويدۇم، ئۇ تۇمار ساڭا بوۋاڭدىن قالغان ئىكەن، داداڭ ئۇنى يېنىدىن ئايرىمايتتى، ئىسىڭدە بولسۇنكى يىگىرمە ياشقا كىرمىگۈچە بۇ قەبرىدىكى كومزەكنىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ سالما، بىلدىڭمۇ؟- دېدى ئىنىك ئانا يىغلاپ تۇرغان پاششاخاننىڭ ئىككى قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىگە تىكىلىپ قارىغىنىچە.
- ماقۇل، ئىسىمدە ساقلايمەن ئانا ! – دېدى پاششاخانمۇ ئانىسىنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ ئىشەنچ بىلەن.
ئىنىك ئانا پاششاخانغا يول بۇيى يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى تاپىلىدى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئۈيىگە قايتتى.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتمەيلا ئىنىك ئانىنىڭ كۆرگەن چۈشى ئالدىغا كىلىپ كۆزىنىڭ ئېقىنى سېرىقلىق باستى، ئىنىك ئانا ئۆزىنىڭ ۋابا بىلەن ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئوڭ بېقىنىنى تۇتقىنچە ئوغلى پاششاخانغا ئۆزىنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنى ئېيتتى. پاششاخان يۈگرەپ چىقىپ قوشنىلارنى چاقىردى، ئاڭغىچە ئىنىك ئانا ھۇشىدىن كېتىپ سۇپىغا يېقىلىپ بولغان ئىدى، بۇ خىل كېسەل بىلەن ئاغرىغانلار بەك كۆپ بولغاچقا دوختۇرخانىلار تۇشۇپ كەتكەنلىكتىن يېڭى ھۆكۈمەت مەھەللىدىكى ئىش بىجىرىش ئۆيلىرىنى ھەتتا مەكتەپلەرنىڭ سىنىپلىرىنىمۇ كېسەلخانا قىلغان ئىدى، بۇنداق ۋابادىن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ ساقايغىنىدىن ئۆلگىنى كۆپ بولسىمۇ لېكىن دوختۇرلار قۇلىدىن كېلىشىچە داۋالاش –قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئىشلەيتتى.
ئىنىك ئانا قوشنىلارنىڭ ياردىمىدە مەھەللىگە يېقىن بولغان مەكتەپكە يۈدۈپ ئاپىرىلدى، كىچىك ياتاق ئۆينىڭ ئىچىدە تىقما-تىقما بەش كارىۋات قۇيۇلغان بولۇپ ئىنىك ئانا يان تەرەپتىكى كارۋاتقا ياتقۇزۇلدى، دوختۇر-سېستىرالار ھەش-پەش دىگۈچە ئۇنىڭغا ئاسما ئوكۇل ئۇرۇپ قۇتقۇزۇشنى باشلىۋەتتى. ئىنىك ئانا شۇ ياتقىنىچە ئەتىسى ئەتتىگەندە ئازراق ھۇشىغا كەلگەندەك بولۇپ يېنىدا كېچىچە ئانىسىغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇخلاپ قالغان پاشاخاننىڭ قۇلىنى ئاستا تارتتى. پاششاخان ئويغۇنۇپ دەرھال ئانىسىنىڭ قۇلىقىغا يېقىن كىلىپ:
- ئانا ، ساقايدىڭمۇ... – دېدى ئۇ ئانىسىنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىدىن خوش بولۇپ يۈزىنى ئانىسىنىڭ يۈزىگە يېقىپ.
ئىنىك ئانىنىڭ كۈزىنى ئاچقۇدەكمۇ مادارى قالمىغان ئىدى، ئۇ ئاغىزىنى بوش-بوش مىدىرلىتىپ پاششاخانغا گەپ قىلدى:
- بالام...مىنىڭ بولغىچىلىكىم قالمىدى...ھېلىقى گەپ ئىسىڭدىمۇ...؟
- ئىسىمدە ئانا...ھەممىسى ئىسىمدە...
- قەبرىنى پات-پات يوقلاپ تۇر...ئسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ قالمىسۇن...
- ماقۇل ئانا...بېرىپ تۇرىمەن...
ئانا-بالا ئىككىيلەن ئايرىلغىلىۋاتاتتى، بۇ قېتىم پاششاخاننىڭ كۆزىدىن توختىماي ياش تاراملاشقا باشلىدى. ئانىنىڭ بولسا كۆزىدىن ياش چىقارالىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان ئىدى.
- ئۆينىڭ ئىجارىسىنى... ئالدىغا بېرىۋەتتىم...
- بىلدىم ...ئانا...
- سۇپىنىڭ ئاستىدا ... ئازراق نەرسە قالدۇردۇم...
ئىنىك ئانىنىڭ نەپسى جىددىلىشىپ ئاۋازى چۈشۈپ كەتتى، ياندىكى كىسەلنىڭ ئىگىسى دەرھال سېستىرانى ئىزدەپ يۈگۈردى، رۇس دوختۇر يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىنىك ئانىنىڭ مەيدىسىگە تىڭشىغۇچنى قۇيۇپ زەن سېلىپ تىڭشىغاندىن كېيىن قول بېغىشىدىن تومۇرىنى تۇتۇپ بېقىپ ئوكۇل كۈتۈرۈپ كىرگەن سېستراغا بېشىنى چايقاپ ئوكۇلنى ئۇرغاننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
ئىنىك ئانا ئاخىرقى قېتىم كۈزىنى كۈچەپ ئېچىپ ئوغلى پاششاخاننى قانغۇدەك كۆرۈۋالماقچى بولدى، لېكىن ئۇ كۈزىنى ئاچالمىدى ئۇ پەقەت «جېنىم بالام...» دەپ ئۈنلۈك بىرنى توۋلاپلا شۇك بولۇپ قالدى.
دۇختۇر ئۇنىڭ قۇل بېغىشىنى قۇيۇپ بىرىپ يۈزىنى ئاستا يېپىپ قويدى.
پاششاخان ئانىسىنى يەنە ھۇشىدىن كەتتى دەپ ئويلاپ قالغان چېغى ئۇ ئانىسىنىڭ قۇلىنى تۇتقىنىچە چوڭقۇر ئويغا پېتىپ ئولتۇردى، ئەتراپتىكى باشقا كىشىلەر بالىنىڭ بۇ سەبىيلىكىگە قاراپ ئىچى-ئىچىدىن يىغلاپ كىتىشتى، شۇ چاغدا سېسترا قىز پاششاخاننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ سورىدى :
- سىنىڭ داداڭچۇ؟
- ئۆلۈپ كەتكەن...
- ئۇنداقتا ئاكا-ئاچىلىرىڭ بارمۇ؟
- ياق...مەن يالغۇز...
- باشقا تۇققانلىرىڭ بارمۇ؟
- ياق...مەن بىلمەيمەن...
سېسترا قىزنىڭ كۆزىگە مۆللىدە ياش كەلدى.
- ئاناڭ ئۇ ...ئۇ ئەمدى ئارام تاپتى...
پاششاخان سەبىي كۆزلىرى بىلەن سېستراغا سوئال نەزىرىدە قارىدى.
- ئۇ...ئۇ ئەڭ گۈزەل جايغا كەتتى...كەلمەسكە كەتتى...-دېدى سېسترا پاششاخاننىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ.
- سىز جەننەتنى دىمەكچىمۇ؟ ياق...ياق...سىز يالغان ئېيتتىڭىز...-پاششاخان چىقىراپ يىغلاپ ئانىسىغا ئۆزىنى ئاتتى...ئۆينىڭ ئىچىنى يىغا ئاۋازى قاپلىدى...
- ياق ئانا...ئويغىنە ئانا...بىز كىتەيلى...
بالا ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ يىغلاپ ئانىسىنى خېلى ئويغۇتۇپ باقتى، ئانا ئويغانمىدى...
پاششاخان شۇ تەرىقىدە ئانىسىنى قۇچاغلاپ يېتىپ كەتتى، بۇ ئۇنىڭ ئۆمرىدىكى ئەڭ بىچارە، ئەڭ كۆپ يىغلىغان چېغى بولدى...
شۇ چاغدا ئۇنىڭ يېڭىنى بىرسى يىنىك تارتتى، ئۇ يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن كۈزىنى تەستە ئېچىپ قارىغان ئىدى، ئۈچ ياشلار چامىسىدىكى كىرپىكلىرى ئۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئۇلاشما قاش كىچىك بىر قىزچاقنىڭ ئۆزىگە بىردانە ئالمىنى تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. پاششاخان ئالمىنى ئالماي يەنە ئانىسىنى قۇچاقلاپ دۇم ياتتى. قىزچاق يەنە ئۇنىڭ يېڭىنى تارتىپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچتى :
- ئاكا...بۇنى ئالە...ئەمدى يىغلىمىغىن...-دېدى قىزچاق چۈچۈك ئاۋازدا گەپنى ئاران قىلىپ.
- ياق...يىغلايمەن...- پاششاخان بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن جاۋاب بەردى.
- ئەمدى ئاناڭ ئويغانمايدۇ...مىنىڭ ئاناممۇ ئويغانمىدى...
پاششاخان بېشىنى كۈتۈرۈپ قىزچاققا قارىدى.
- سىنىڭ ئاناڭمۇ شۇ جايغا كەتكەنمۇ؟
- ياق...مىنىڭ ئانام ئۇ يەرگە كەتمىدى جەننەتكە كەتتى...
- ئاناڭ قاچان كەتكەن؟،- پاششاخاننىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ قالدى.
- ئاناممۇ مۇشۇ يەردىن جەننەتكە كەتكەن...كەتكىلى مانا مۇنداق كۈن بولدى...،- قىزچاق شۇنداق دىگەچ قاپقارا بولۇپ كەتكەن بارمىقىدىن ئۈچنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا كۈلدى.
پاششاخان بۇ قىزچاقنىڭ تەقدىرىنىڭمۇ ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاشلىقىنى پەملەپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
- سەن كىم بىلەن تۇرىۋاتىسەن؟
- ئۆزەم بىلەن تۇرىۋاتىمەن...كىشىلەر ئاناڭ جەننەتتە ھايات...ئۇ ھامان سىنى يوقلاپ كېلىدۇ دىيىشىدۇ...بۈگۈنمۇ مەن ئانامنى ئىزدەپ كەلگەن...
قىزچاقنىڭ جاۋابى پاششاخاننىڭ يۈرىگىنى تېخىمۇ ئەزدى، ئۇ قىزچاقنىڭ تېخىچە ئۆزىگە ئالمىنى سۇنۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئالمىنى ئۇنىڭ قۇلىدىن ئالدى.
شۇ چاغدا سىرىتتىن دوختۇر-سېستىرالار كىرىپ ئىنىك ئانىنى بىر غالتەكلىك ھارۋىغا يۆتكەشكە باشلىدى.
- ئانامنى قەيەرگە ئاپىرىسىلەر؟،- دەپ سورىدى پاششاخان ھېلىقى سېسترانىڭ يېڭىنى تارتىپ.
سېسترا قىز قاتتىق ئالدىراش ئىدى، ئۇ گەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەي ياندىكى كارۋاتتىكى كېسەلنىڭ باققۇچىسىغا قاراپ قويدى. ئۇ كىشى سۈرۈلۈپ كىلىپ پاششاخاننى ئىككى قۇلى بىلەن چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ مۇلايىملىق بىلەن ئېيتتى :
- بالام، بۇ خىل كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنلەرنى دوختۇرلار بىر خىل دورا بىلەن يۇيۇپ ئاندىن يەرلىكىدە قۇيىدىكەن، بولمىسا بۇ كېسەل يەنە نۇرغۇن ئادەملەرگە يۇقۇپ ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىدىكەن، قارىغىنا ماۋۇ بىچارە قىزغا... ئۇنىڭ ئانىسىمۇ بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇمۇ بىزنىڭ گېپىمىزگە ماقۇل بولدى... دوختۇرلار ئاناڭنى ھېلىقى دورا بىلەن پاكىزە يۇيۇپ ئاندىن بىز بىلمەيدىغان ئايرىم يەرگە دەپنە قىلىدۇ، باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلدى، ئۇلارنىڭمۇ باللىرى چىدىدى، ئەمدى ئۇلارغا ماسلاشقىن بالام...
پاششاخان تولا يىغلاپ مادارىدىن كەتكەن ئىدى، ئۇ ھېلىقى ئادەمنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ غالتەكلىك ھارۋىدا ئېلىپ مېڭىلىۋاتقان ئانىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتماقچى بولدى ئەمما ئۇنىڭ كۈچى يەتمىدى، ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ ۋارقىراپ يىغلىماقچى بولدى ئەمما ئاۋازىنى تېشىغا چىقىرىپ يىغلىيالمىدى...ئۇ تىركىشىپ-تىرمىشىپ باقتى، كىچىك قىزچاقنىڭ پاششاخاننىڭ بۇ ھالىغا ئىچى ئاغرىدى، ئۇ يۈگۈرۈپ كىلىپ پاششاخاننىڭ كەينىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاشقا باشلىدى...
يەتتە ياشلىق پاششاخان تەقدىرگە تەن بەردى، ئۇ ئانىسىنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمىدى. ئۇنىڭ بېشى قېيىپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى... ئۇ دوختۇرخانىدىن چىقىپ نەگە مېڭىشىنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدى ئاندىن ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ھېلىقى ئۈچ ياشلىق يىتىم قىزمۇ ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋالغان ئىدى، پاششاخان كەينىدىكى ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپ قارىغان ئىدى، قىزچاق كۈلگىنىچە تامنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالدى، پاششاخان كەينىگە يېنىپ قىزچاقتىن سورىدى:
- سەن نەدە تۇرىسەن؟
- شۇ ...بىلمەيمەن...
- سىلەر قەيەردىن كەلگەن؟
- بىز تۇرمىدىن كەلگەن...
- تۈرمىدىن ...؟ تۈرمىدە ئۆي يوق...!
- ياق ...دادامنىڭ ئۆيى بار...بىز دادامنى يوقلاپ كەلگەن...ئۇلار دادامنى ئۆلۈپ كەتتى دېدى...
- كېيىنچۇ؟
- ئانام يىغلاپ...يىغلاپ ئۇخلاپ قالدى...كىشىلەر ئانامنى يۈلەپ بايامقى ئۆيگە ئەكىلىپ قويغان...
- ئۆيۈڭلەرنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەمسىلەر؟
- بىلىمەن... ئۆيىمىزنىڭ كەينىدە چوڭ تاغ بار...
قىزچاق ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ خىيالى كۈلۈپ تۇراتتى، پاششاخاننىڭ بۇ يىتىم قىزنى كوچىغا تاشلاپ قويغۇسى كەلمىدى. چۈنكى بۇ كىچىك قىزچاق ئۈلۈمنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى تېخى چۈشىنەلمىگەن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆينىڭ نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيتتى.
- مەن بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەت...
پاششاخان قۇلىنى قىزچاققا سۇندى، قىزچاق مۈكۈپ ئولتۇرۇۋالغان يىرىدىن دەس تۇرۇپ كۈلگىنىچە پاششاخاننىڭ قۇلىغا ئېسىلدى.
بۇ رەھىمسىز ۋابا ياز چىكىتىپ قىش كىرەي دىگەندە تارقىلىشتىن توختىدى، بۇ بىر يىل ئىچىدە بۇ خىل كېسەللىك نەچچە يۈزمىڭ ئادەمنىڭ جېنىنى ئېلىپ نەچچە ئونمىڭ بالىلارنى كوچىلاردا يىتىم قالدۇردى، يىغا-زار، مۇسىبەت پۈتۈن ئەلنىڭ يېرىمىنى قاپلىغىلى تاس قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتالىن دىھقانلارنىڭ قۇلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تارتىۋېلىپ «ئوپچە تېرىقچىلىق قىلىپ ئادىل تەقسىم قىلىش» دېگەن سىياسەتنى كۈتۈرۈپ چىقىپ بۇ مۇستەملىكە رايۇنىدا ئەمەس ئۆزىنىڭ ئىلىدىمۇ ئاچارچىلىقتىن نەچچە يۈزمىڭ كىشىنىڭ بىھۇدە ئۈلۈشىگە سەۋەپچى بولىۋاتاتتى.
ئاچارچىلىق پۈتۈن ئەلنى قاپلاپ بىر تال نان ئۈچۈن كىشىلەر زار-زار يىغلايدىغان دەۋر باشلاندى. بۇ مۇدھىش كۈنلەردە بۇ بىر جۇپ يىتىم بالا ئاللاھنىڭ ھىممىتى بىلەن ۋابادىن ساق قېلىپ ئىككى يىلنى خاتىرجەم ئۆتكۈزدى.
پاششاخان توققۇز ياشقا، قىزچاق بەش ياشقا كىرگەن ئەشۇ يىللارنىڭ مەلۇم بىر كۈنى پاششاخان مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ بوخچىسىنى ھويلىغا تاشلاپ قۇيۇپ سىڭلىسى بەرناخاننى چاقىرى :
- بەرناخان !
ئاۋاز چىقمىدى.
- بەرناخان!
يەنە ئاۋاز چىقمىدى.
پاششاخان ئۇنىڭ داۋاملىق ئىشىكنىڭ كەينىگە مۆكۈۋېلىپ ئۆزىنى ئىزدىتىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى، شۇڭا يۈگۈرۈپ كىرىپ ئىشىكنىڭ كەينىگە قارىدى. ئۇ بۇ يەردىمۇ يوق ئىدى. ئاندىن يېغىلغان يوتقان-كۆرپىنىڭ كەينىگە قاراپ باقتى، ئۇ يەردىنمۇ يوق چىقتى. پاششاخان كاللىسىنى قاشلاپ ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنىچە ھويلىغا چىقىپ ئۆگزىگە قاراپ بېقىش ئۈچۈن شۇت بىلەن ئۆگزىگە ياماشتى، بەرناخان ئۇ يەردىمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىغا دەرھال بىر ئوي كىلىپ ھويلىنىڭ بۇرجىكىدىكى كونا تۇنۇرغا قاراپ باقماقچى بولدى، ئۇ ئۆگزىدىن ئالدىراپ چۈشۈپ كونا تونۇرنىڭ ئىچىگە قارىغان ئىدى دىگەندەك سىڭلىسى بەرناخان تونۇرنىڭ ئىچىدە تۈگۈلگىنىچە مۈكۈپ ئولتۇراتتى.
- بەرناخان ...مانا كۆرۈپ قالدىم...
قىزچاق ۋىلىقلاپ كۈلگىنىچە تونۇردىن چىقتى. ئەسلىدە پاششاخان ئۇنىڭ بۇيەرگە يۇشۇرىنىدىغانلىقىنى ھويلىغا كىرىپلا ئۇقۇپ بولغان ئىدى، لېكىن ئۇ سىڭلىسىنى خوش قىلىش ئۈچۈن بايامقى ئىزدەپ تاپالمىغان ھەركەتلەرنى قەستەن قىلغان ئىدى.
- ئەستاخپۇرۇللا، بەرناخان بۇ نەچچىنچى قېتىملىقى، قارىڭە كىيىملىرىڭىزگە...پاسكىنا بولۇپ كەتكىنىنى...ئەمدى بۇ يەرگە مۆكىۋالماڭ! – دېدى پاششاخان سىڭلىسىغا يالغاندىن ئاچچىقلىغان بولۇپ.
- ماقۇل ئاكا، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن- دېدى قىزچاق كۈلگىنىچە ئاكىسىنىڭ پۇتىنى قۇچاغلاپ.
- دائىم مۇشۇنداق دەيسىز، لېكىن ئۇنتۇپ قالىسىز –دېدى پاششاخان سىڭلىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ- قارىڭە سىزگە نېمە ئەكەلدىم.
پاششاخان بوخچىسىدىن تاش ۋارىقى يىرتىلىپ كەتكەن بىر تال رەسىملىك كىتاپنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ سىڭلىسىغا بەردى. بەرناخان كىتاپنى قۇلىغا ئېلىپ شۇنداق خوش بولدى، ئۇمۇ ئۆيگە يۈگىرەپ كىرىپ كېتىپ بىر نەرسىنى ئالقىنىدا چىڭ تۇتقىنىچە ئاكىسىنىڭ ئالدىغا چىقتى.
- ئاكا بۇنى ساڭا ساقلىدىم، قارىغىنە بۇنىڭغا...
بەرناخاننىڭ قۇلىدا تاياقلىق كەمپۈتتىن بىرسى تۇراتتى.
- ۋاھ نەدىن تاپتىڭ؟
- ئالدىم شۇ، سەن بەرگەن پۇللارنى يېغىپ قويغان...
پاششاخان خۇشال بولۇپ كەمپىتنىڭ قەغىزىنى ئالدىراپ ئېچىپ ئاغىزىغا سالدى، بەرناخان ئاكىسىنى خوش قىلغانلىقىدىن چەكسز مەمنۇن بولۇپ ئاكىسىنىڭ كەمپۈتنى شۈمىگىنىگە قاراپ ئېغىزىنى تامشىتىپ لىۋىنى يالاشقا باشلىدى، پاششاخان سىڭلىسىنىڭ كەمپۈتنى يېگۈسى كىلىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇنى ئېغىزدىن ئېلىپ سىڭلىسىنىڭ ئېغىزىغا سالدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار كۈلۈشكىنىچە ئۆيگە كىرىپ كىتىشتى.
ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتتى، بىركۈنى پاششاخان مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ سومكىسىنى ھويلىغا تاشلاپ قۇيۇپ سىڭلىسى بەرناخاننى چاقىردى :
- بەرناخان !
ئاۋاز چىقمىدى.
- بەرناخان!
يەنە ئاۋاز چىقمىدى. پاششاخان ئادىتى بويىچە ئۇيەر-بۇيەر ئىزدىگەن بولۇپ تونۇرنىڭ قېشىغا باردى.
- بەرناخان ...مانا كۆرۈپ قالدىم...
لېكىن بۇ قېتىم بەرناخان تونۇرنىڭ ئىچىدە يوق تۇراتتى، پاششاخان بىر ئاز جىددىلىشىپ قالدى، ئۈ يۈگۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ ئۆينىڭ ئىچىگە تەپسىلى قاراپ يەردە چېچىلىپ تۇرغان بىر قانچە رەسىملىك كىتاپنى كۆردى، ئادەتتە بەرناخان كىتاپنى ھەرگىز يەردە قۇيۇپ قويمايتتى. پاششاخاننىڭ يۈرىگى ئۆرۈلۈپ كوچىغا چىقىپ ئۇنىڭ ئىسمىنى توۋلاشقا باشلىدى، شۇ چاغدا ئۆينىڭ ئالدىدىكى قوشنىسى ئۇنىڭغا بىر شۇم خەۋەرنى ئېيتتى :
- سىڭلىڭىزنى باياتتىن بىر توپ رۇس ساقچىلار ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى.
- نېمە ساقچىلار تۇتۇپ كەتتى؟
- شۇنداق، ئۇلار بىزگىمۇ باشقا گەپ قىلمىدى...
پاششاخان ئىشىكىنىمۇ ئەتمەستىن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئۇدۇل ساقچى ئىدارىسىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ خىزمەت بىناسىغا قاراپ مېڭىۋىدى، ئىشىك ئالدىدىكى قاراۋۇللار ئۇنىڭ ئالدىنى توستى:
- نەگە بارىسەن؟
- ساقچى باشلىقىنى ئىزدەيمەن!
- نېمە ئىشىڭ باتتى؟
- ئۆزىگە دەيدىغان مۇھىم گەپ بار ئىدى!
قاراۋۇل تۈركمەن يىگىت ئىدى، ئۇ پاششاخاننى ساقچى باشلىقىنىڭ بالا قۇلاقچىسى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئۇنى كىرگۈزىۋەتتى، پاششاخان ئىشىك ئۈستىدىكى رۇسچە خەتلەردىن باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىنى تەستە تېپىپ ئىشىكنى چەكتى. كىرىشكە رۇخسەت قىلىندى.
- نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ - دەپ سورىدى خام سېمىز رۇس ساقچى باشلىقى تۈركمەنچىنى بۇزۇپ سۆزلەپ تاماكىسىنى توغرا چىشلىگىنىچە.
- سىڭلىمنى تۇتۇپ ئەكىلىۋاپسىلەر، ئۇنى ئىزدەپ كېلىۋىدىم!
- نېمە؟! بىز سىنىڭ سىڭلىڭنى تۇتىۋاپتىمىزما؟ يوق گەپنى قىلما!- دېدى ساقچى باشلىقى تەلەتىنى بۇزۇپ ئاچچىقلىنىپ.
- شۇنداق بايام قوشنىمىز ئۆز كۈزى بىلەن كۆرۈپتۇ!
ساقچى باشلىقى پاششاخاننىڭ ئۆزىگە غەزەپ بىلەن تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ كۈزىنى ئېلىپ قاچتى.
- سەن قايسى مەكتەپتە ئوقۇيسەن ؟ ئىسمىڭ نېمە؟
- شەھەرلىك چاھارباغ مەكتەپتە ئۇقۇيمەن، ئىسمىم پاششاخان!
- كىمنىڭ بالىسى سەن يۈرۈگۈڭنى قاپتەك قىلىپ ئالدىمغا كېلىدىغان؟
پاششاخاننىڭ كۆزىدىن بىر خىل قورقماسلىق چىقىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ دادىسنىڭ ئىسمىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىققا ئانىسىغا ۋەدە بەرگەن ئىدى، شۇڭا بۇ قېتىم ئۇ راست گەپ قىلمىدى.
- دادام مەن تۇغۇلغاندا ئۆلۈپ كىتىپتىكەن، ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلمەيمەن!
- ۋۇ ھارامدىن بولغان ئىتنىڭ بالىسى، يوقال! سىڭلىڭنى بىز كۆرمىدۇق!
ساقچى باشلىقى پاششاخانغا كۆز قىرىنى سالمىغان قىياپەتتە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپ تاماكىسىنى شۇراشقا باشلىدى. پاششاخانمۇ بوش كەلمىدى:
- ئىتنىڭ بالىسى دەپ سەنلەرنى دەيدۇ، ئىت بولمىغان بولساڭ يىراق يەردىن يۇندە ماراپ كەلمەس ئىدىڭ!
- نېمە ...نېمە...؟
ساقچى باشلىقى ئالدىدىكى نەچچە ياشلىق بىر شۇمتەكنىڭ شۇنچە گەپنى قورقماي دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ غەزەپتىن يېرىلاي دېدى، ئۇ ئالدىراپ ئۈستىلىدىكى كونۇپكىنى بېسىۋىدى ئىككى قۇراللىق رۇس ئەسكىرى ئۇچقاندەك كىرىپ بولدى.
- ماۋۇ ھاراملىقنىڭ ئەدىۋىنى بىرىپ تاشلىۋېتىڭلار! ئۇ سىڭلىسىنى ئىزدەپ كەپتۇ، ھەرقايسىڭغا شۇنچە دىسەم يەنە ئىز قالدۇرۇشۇپ قۇيۇپسەن، يۇقىلىش!
ساقچى باشلىقى بۇ قېتىم ئەسكەرلەرگە رۇس تىلىدا گەپ قىلدى، پاششاخان رۇس تىلىغا خېلى پۇختا بولۇپ قالغاچقا ئۇنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋالدى. ئۇ مۇشۇ تاپتا ئۆزىنىڭ سىڭلىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ ئاچىقالمايدىغانلىقىنى بۇلارنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە يارىمايدىغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق ئازاپلاندى.
ئەسكەرلەر پاششاخاننى توشقاننى قۇلىقىدىن تۇتقاندەك يەردىن يۇلۇپلا ئېلىپ ئىشخانىنىڭ ئالدىدىكى سەيناغا قۇمچاق ئاتقاندەك ئېتىۋەتتى ، پاششاخان ئۆمرىدە بۇنداق ھاقارەتكە ئۇچرىمىغاچقا بۇ ئىش بۇنىڭغا بەكلا ھار كەلدى، ئۇ ئورنىدىن ئەمدى تۇراي دىيىشىگە بايامقى گەپنى سىڭدۈرەلمىگەن ساقچى باشلىقى ئىشىكتىن ئۇچقاندەك چىقىپ ئەسكەرنىڭ قۇلىدىكى قۇرالنى تارتىپ ئېلىپ مىلتىقنىڭ ياغاچ پاينىكى بىلەن ئۇنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىرنى ئۇردى، پاششاخاننىڭ كۆزىدىن ئوت چاقنىغاندەك بولۇپ زېمىن پىقىراپ ئالەمنى قاراڭغۇلۇق باستى، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ ئورنىدىن تۇرالماي يېقىلىپ قالدى، قاپىقىدىن ئېتىلىپ چىققان قىپقىزىل قان سەينانى بىر ئالدى، ساقچى باشلىقى بۇنىڭغا قانماي يەنە ئۇرماقچى بۇلىۋىدى ئەسكەرلەر باشلىقىغا ياخشىچاق بولۇپ ئۇنى تۇسۇۋالدى.ئاندىن ئەسكەرلەر يەردە تاياق زەربىسىدىن ئايلىنىپ ياتقان پاششاخاننى ئۈچ-تۆتنى تىپىپ ئۇنى سۆرىگىنىچە دەرۋازىنىڭ ئالدىغا ئاچىقىپ تاشلىۋەتتى.
تاياق زەربىسىدىن ئورنىدىن تۇرالمىغان پاششاخاننى يولدىن ئۆتكەن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر ياتقان يىرىدىن يۈلەپ ئۈيىگە ئاپىرىپ قويدى، پاششاخان كېچىچە ئاغرىق ئازابىدىن كىرپىك قاقماي چىقتى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا ئەڭ ئازاب بولغىنى تاياق زەربىسى بولماستىن بەلكى ئوماق سىڭلىسىنىڭ ئالۋاستىلار قۇلىدا نېمە بولۇپ كەتكەنلىكى ئىدى.
پاششاخان ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن بەرناخان ئىسىملىك بۇ قىزچاقنى ئۆزىگە سىڭىل قىلىپ بۇ ئۆيدە ئىككى يىلدىن ئارتۇق ياشىغان ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۇغقان ئاكا-سىڭىلدەك يېقىن ئۆتۈپ ئۇنىڭغا ھەقىيقى ئاكىلىق مىھرىنى بەرگەن ئىدى. بەرناخانمۇ بەك ئاق كۆڭۈل قىز بولغاچقا پاششاخاننى ئۆز ئاكىسىدەك ياخشى كۆرەتتى، پاششاخاننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە بەرناخان چىشى بىلەن چىشلەپ ئالاتتى، پاششاخانمۇ بەرناخاننىڭ پۇتىغا تىكەن كىرىپ كەتسە چىشىدا چىشلەپ تىكەننى سۇغىراتتى ، قىسقىسى بۇ ئاكا-سىڭىل ئادەتتىن تاشقىرى ئىجىل ئۆتەتتى.
ئەتىسى پاششاخان ئورنىدىن تۇرالمىدى، ئۇ يەرگە چاپلىشىپ ياتقىنىچە ئۆگۈنى ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ مەكتەپكە يول ئالدى، ئۇنىڭ يۈزى قۇلپىدەك كۆكۈرۈپ ئىششىپ كەتكەن بولۇپ سىنىپىغا كىرگەندە ساۋاقداشلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇلىشىۋالدى، پاششاخان مەكتەپتە ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغاچقا ساۋاقداشلىرى ھەم مۇئەللىمى ئۇنىڭغا بەكلا ئامراق ئىدى.
لېكىن مۇئەللىمى قاپىقى چۈشكەن ھالدا پاششاخاننى سىنىپتىن چاقىرىپ مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا باشلىدى. قېرى مۇدىر پاششاخانغا قاراپ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىتقان ھالدا ئېيتتى:
- ئوغلۇم سەن ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرالمايدىغان بولدۇڭ، بىزنى كەچۈرگىن!
مەكتەپ مۇدىرى بۇ گەپنى دەپ بولۇپ كۈزىدىكى چىقالماي قالغان ياشنى قول ياغلىقى بىلەن سۈرتتى.
- نېمىشقا مۇدىر، مەن نېمە خاتالىق ئۆتكۈزدۈم؟ - دېدى پاششاخان ھەيران بولۇپ مۇدىرنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي.
- بالام بۇنى سەن سورىمىغىن، مەنمۇ ئېيتماي، ئۇلار سەن سەۋەپلىك مەكتەپنى تاقايمىز دەپ قوپۇشتى، شۇڭا مىنى چۈشەنسەڭ...
پاششاخان ھەممىنى چۈشەندى، ئۇ مەكتەپتىن ھەيدىلىشنىڭ سەۋەبىنى ھېلىقى ساقچى باشلىقىدىن كۆردى، پاششاخان ئۈچىنچى يىللىقتا ئۇقۇغان بىلەن ئۇنىڭ ئۇقۇپ تۈگەتكەن ھېكايە-رومانلىرىنى تېخى چوڭ ئادەملەرمۇ ئۇقۇپ بولمىغان ئىدى، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ بوخچىسىنى كۈتۈرۈپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى ماڭار چېغىدا مۇئەللىمدىن باشقا مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇرسا بۇلىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىدى، مۇئەللىم بېشىنى چايقاپ ئەمدى ئۇنىڭ بۇ ئەلدە ئۆمۈر بۇيى مەكتەپكە ئېلىنالمايدىغانلىقىنى ئەپسۇسلىنىپ ئېيتتى.
پاششاخان يەرگە قاراپ ئۇزۇن سۈكۈت قىلىپ تۇردى ئاندىن بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۇغۇللارغا خاس جاسارەت بىلەن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ كەتتى.
مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتنىڭ تەقدىرى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ، مۇستەبىتلەر مۇستەملىكە رايۇنىدا مەيلى تاغنى تالقان قىلىپ چۆلنى بوستان قىلدۇق دەپ جاھان ئەھلىگە كارنىيى يىرتىلغۇچە جار سالسۇن ئۇلارنىڭ بۇ يەردە قالدۇرىدىغىنى پەقەت بىر زەمبىل گەندىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس، ئۇلار قۇرال كۈچى ئارقىلىق يالغاننى ئۇدا تەكرارلاپ راستقا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ، ئۇلار خەلقنى بېيىتىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردۇق دېگەن بۈيۈك شۇئارنى كۈتۈرۋالىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت ئىككى خىل بىرى بۇلارنىڭ بايلىقىنى بۇلان-تالان قىلىش يەنە بىرى يەنىلا بۇلارنىڭ بايلىقىنى بۇلان-تالان قىلىشتۇر، ئۇلار مانا مۇشۇ مەخسىتىگە يىتىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىمايدۇ، سانسىز بىگۇناھلارنىڭ خۇن بەدىلىگە ئالتۇن قەدەھلىرىنى تولدۇرۇپ غەلىبىسى ئۈچۈن ھۇررا توۋلايدۇ، مانا بۇ مۇستەبىتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. قاراڭلار مۇشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق پادىشاھى بولغان پاششاخانمۇ ئاددى بىر باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان يەردە يەنە باشقا ئىشلاردىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟!
*     *     *     *     *     *     *     *     *  

پاششاخان ئۆيىدىكى سۇپىدا دۇم ياتقىنىچە ئانىسىنىڭ چاپىنىنى قۇچاغلاپ ئۇزۇندىن-ئۇزۇن يىغلىدى، سىڭلىسى بەرناخاننىڭ يوقاپ كىتىشى ئۇنىڭغا بەكلا ئەلەم بولدى،«رۇسلار سىڭلىمنى تۇتىۋېلىپ زادى نېمە قىلىدىغاندۇ؟» دېگەن سوئال ئۇنىڭ كاللىسىنى چىرمىۋېلىپ ئۇنى قاتتىق بىئارام قىلدى.
ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر سۈت ئۇيقۇدا ئۇخلاپ ياتقان پاششاخاننىڭ پىشمىغان يۈرىگىنى ئىزىپ ئۇنى بالىلارچە خىيال دۇنياسىغا غەرىق قىلىشقا باشلىدى. ئۇ كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى، ئۇ ئامراق سىڭلىسىنى تۇتقۇن قىلغان ساقچىلار بىلەن ئېلىشماقچى بولدى، ئۆزىنى مىلتىقنىڭ پاينىكى بىلەن ئۇرغان ساقچى باشلىقىدىن ئۆچ ئالماقچى بولدى، ئاتىسىنى ئۆلتۈرگەن، ئانىسىنى ئۆلتۈرگەن قاتىللاردىن قىساس ئالماقچى بولدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ قىزىقىپ ئوقۇيدىغان ھېكايە-رومانلاردىكى باتۇر قەھرىمانلار پاششاخاننىڭ ئۆزى بولۇپ كۆرىنىشكە باشلىدى...
ئۇ خۇددى پىشقان يىگىتلەردەك ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ياغاچ ساندۇق ئىچىدىكى بوخچىغا تىقىپ قۇيۇلغان قەغەز پۇللاردىن بىر تۇتامنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ يانچۇقىنى توملىدى، ئۇ شۇ ماڭغىنىچە ماشىنىچى ئۇستامنىڭ ئۈيىگە بېرىپ كىتاپتا كۆرگىنى بويىچە بىرنەرسىلەرنى تىكىپ بىرىشنى ئېيتتى، يەنە تۆمۈرچى ئۇستامغىمۇ شۇ كىتاپنى كۈتۈرۈپ ئاپىرىپ ئىچىدىكى رەسىمگە ئوخشاتقۇزۇپ ئېغىر يېنىكلىكىنى تەڭشىگىلى بۇلىدىغان بىلەك كۈچىنى ئاشۇرۇش مەشىقىگە ئىشلىتىدىغان چېنىقىش سايمىنى ياساتقۇزماقچى بولدى، قۇلى گۈل ھۈنەرۋەنلەر بۇ كىچىك بالىنىڭ گېپىنى تىڭشىماي باقتى لېكىن ئۇنىڭ قۇلىدىكى بىر تۇتام پۇل ئۇلارنى بۇ ئىشلارنى قىلىپ بېقىشقا قىزىقتۇردى.
پۇت-قوللارغا تېڭىلىدىغان، ئېسىپ قۇيۇپ مۇشتلاشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەرخىل قۇم خالتىلار، چوڭ-كىچىك ئىشتانكىلار ھەممىسى تەق بولدى، ئۇ ئالدى بىلەن ھېكايىلەردىكى باش قەھرىمانلارغا ئوخشاش كۈندىلىك قىلىدىغان ئىشلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ يېزىشقا باشلىدى...
ئۇ ئۇزىنىڭ تامغا چاپلاپ قويغان پىلانىغا ئاساسەن ھەر كۈنى ئەتتىگەن ناماز بامداتتىن كېيىن پۇتىغا قۇم خالتىنى تېڭىۋېلىپ ئۆينىڭ ئالدىدىكى كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئۈچ قېتىم يۈگۈرىدى، ئۆيىدە ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن شوتىنىڭ تۆتىنچى بالدىقىدىن ساناپ ئوتتۇزنى پەسكە سەكرىدى ئاندىن ئىنگلىز تىلى مۇئەللىمىنىڭ قېشىغا بېرىپ ساۋاق ئالدى، ئالغان ساۋىقىنى تولا يېزىپ قۇلى تالغاندا ھويلىسىغا ئېسىپ قويغان قۇم خالتىسىنى مۇشتلىدى، ئىشتانكىلارنى كۈتۈرۈپ ھارغاندا يەنە تۈرلۈك ھېكايە كىتاپلارنى ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇردى، بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندا ئۇلار بىلەن قانغۇچە يۈگۈرۈپ ئويناپ كەچ بولغاندا ئۈيىگە كىلىپ ھېچنىمىنى تۇيماي ئۇخلىدى...
پاششاخان بۇ ئىشلارنى ئۆزىگە راستىنلا ئادەت قىلىۋالدى، ئۇ ھەممە ئىشتا ئۆزىگە ۋەزىپە قۇيۇپ شۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىمىغۇچە بولدى قىلمىدى، ئۇنىڭ مەشىق ھەركىتى، تۆت خىل تىلدىن ئالىدىغان ساۋىقى بارغانسېرى كۆپەيدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىتاب ئۇقۇشقا ئادەتتىن تاشقىرى ھېرىسمەن بولغاچقا بىر كۈن ئۇنىڭغا يەتمەيدىغاندەك بىلىنىپ قالدى، ئۇنىڭ ئىشتىھاسى بارغانسېرى ئېچىلىپ يەپ قۇرسىقى تويمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتتى... شۇنىڭ بىلەن سۇپا ئاستىغا كۆمۈپ قۇيۇلغان ئالتۇن تىلللارمۇ ئازىيىشقا باشلىدى.
ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتتى. پاششاخان يار-يۆلەكسىز قارا يىتىم بالا بولسىمۇ لېكىن ئۇ مەھەللىدىكى تەڭتۇش بالىلارغا قارىغانداناھايىتى ساغلام، قاۋۇل چوڭ بولدى، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب بىرىنچىدىن ئۇنىڭ ئاتىسى ياۋۇزبەگمۇ قاۋۇل كۈچتۆڭگۈرلەردىن بولغانلىقىدىن بولسا ئىككىنچىدىن ئۇ تاماقلىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرەتتى يەنى ئىنىك ئانا ئۇنى يەتتە يېشىغا كىرگۈچە ئوردىنىڭ ئەنئەنىۋى بالا بېقىش ئادىتى بويىچە ناھايىتى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ باققان ئىدى، ئىنىك ئانىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم ئىقتىسادى بايلىقنىڭ يېتەرلىك بۇلىشى سەۋەبلىك بازاردىن گۆش تاپقىلى بولمايدىغان چاغدىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن بىر لوقما دۈمبە بىلەن بىر چىشلەم گۆش ئۈزۈلمەيتتى، يازلىقتىكى پىژغىرىم ئىسسىقتىمۇ بىر پارچە گۆش كېچىسى شەبنەمگە سېلىنىپ كۈندۈزى جۇۋا ئارىسىغا ئۇرۇلاتتى، مۇشۇنداق پىژغىرىمدا يەنە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى سۇ قاچىلانغان ئىدىشنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە شىشە يېڭى سۈت ئۈزۈلمەيتتى، پاششاخان ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئانىسىنىڭ ھايات چېغىدىكى ئۆزىنىڭ تاماقلىنىشى جەھەتتىكى قايتا-قايتا تاپىلاشلىرىنى خۇددى قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدەك ئىسىدە تۇتىۋالغان ئىدى، شۇڭا ئۇ ئىككى كۈندە بىر يۇيۇنىدىغان ئادەت بىلەن ياخشى تاماقلىنىشنى كۈندە ئوقۇيدىغان بەش نامىزى بىلەن ئوخشاش مۇھىم كۆرەتتى.
ئۇ كىچىگىدىن باشلاپلا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدى، يىراقتىكى باسما قۇدۇقتىن ئەپكەش بىلەن سۇ ئەكىلىپ ئېدىشلىرىنى تولدۇراتتى، تاڭ-تاڭ سوغۇقلاردىمۇ ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ مەشكە ئوت قالاپ سۇ ئىسسىتاتتى، ئۇ گۆشكە ئادەتتىن تاشقىرى ئامراق بولغاچقا كۈندە بىر قېتىم ئۆزى ئۆيدە شورپا سېلىپ يىگەنچىلىك قىلاتتى.
قوشنىلار ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قاراپ «سەن بىر بالا تۇرۇپ بۇنچە پۇلنى نەدىن تاپىسەن» دەپ سورىسا ئۇ ئانىسىنىڭ ئۈگىتىپ قويغىنى بويىچە«دادام كاتتا باي، ئۇ بىزنى تاشلاپ قۇيۇپ كىچىك خۇتۇنى بىلەن مەككىگە قېچىپ كەتكەن، سۈت پۇلۇمنى شۇ ئىبەرتىپ تۇرىدۇ» دەپ جاۋاب بىرەتتى.
ئۇ ئون ئىككى ياشقا كىرگەن چاغدا ئۇنىڭ سۇپا ئاستىدىكى ئالتۇن تىللاسىمۇ تۈگەي دەپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ غەمسىز ئۈستۈن بېشى يەرگە ساڭگىلاشقا باشلىدى.
ئۇ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق قامداش توغرىلىق ئىنگلىز تىلى ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئۈيىگە باردى، ئەكبەرخان ئۆز ۋاقتىدىكى خانلىق ئونۋېرسىتىتنىڭ ئۇقۇغۇچىسى بولۇپ ھازىر بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرىسى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتاتتى.
پاششاخان ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋالىنى بايان قىلدى، ئوتتۇزلاردىن ھالقىغان بولسىمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن تۇرىدىغان بويتاق ئەكبەرخان ئۆزىنىڭ بۇ مۈنەۋۋەر ئۇقۇغۇچىسىدىن ئالاھىدە زوقلىناتتى، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتى، شۇڭا گەپنىڭ بېشى چىقىپ بولغىچە ئۇنى ئۆزى بالىچىلاپ بېقىۋالىدىغانلىقىنى، ھېچقانداق ئىشتىن غەم قىلماسلىقنى ئېيتتى، لېكىن پاششاخان ئەدەپ يۈزىسىدىن بۇنى رەت قىلىپ ئۆزىگە مۇۋاپىق بىر ئىش تېپىپ بېرىشىنى ئۇنىڭدىن ئۈتۈندى، ئەكبەرخان ئوقۇغۇچىسىنىڭ خاراكتىرىنى ئوبدان بىلگەچكە ئۇنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىپ تۆمۈرچىلىك كارخانىسىدا ئىشلەيدىغان تاغىسىغا قوشۇپ قويماقچى بولدى.
پاششاخان ئۇستازى ئەكبەرخان بىلەن خوشلىشىپ ئۈيىگە خۇشال قايتتى، ئۇ قايتىش يۇلىدا كۇچا ئاغىزىغا كەلگەندە كوچىدا ئويناۋاتقان ئالتە-يەتتە ياشلاردىكى بىر توپ ئۇششاق بالىلار پاششاخاننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ ئويناۋاتقان تۇپىنىڭ قاسىم بەڭگىنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆي ئىگىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن توپنى ئالالمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن توپنى ئەكىرىپ بىرىشنى ئۈتۈندى.
پاششاخان يۇلىغا مېڭىۋەرمەكچى بولدى لېكىن ئۇ ئۆزىدىن كىچىك بۇ بالىلارغا قاراپ توپنى ئۆگزىدىن ئەكىرىپ بىرىشنى ماقۇل تاپتى، قاسىم بەڭگى مۇشۇ مەھەللىدىكى قول ئىلكىدە بار شۇنداقلا مۇتىھەم ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېگىز تاملىق ئۆيى قوشنىلىرىنىڭ تېمىدىن ئايرىلىپ شۇنچە يولنى ئىگىلەپ دوقمۇشتا يالغۇز قەد كۈتۈرۈپ تۇراتتى،
پاششاخان يېڭىنى تۈرىۋېتىپ تامغا يانداش دەرەخكە مايمۇندەك يامىشىپلا ئۆگزىگە چىقىپ كەتتى، توپ يەرگە چۈشتى، بالىلار خوش بولۇپ توۋلىشىپ توپنى قۇلىغا ئېلىشتى، شۇ چاغدا قاسىم بەڭگى ئۆينىڭ ئالدىغا پەيدا بولۇپ قالدى، بالىلار ئۆگزىدىكى پاششاخانغا چۇقىرىشىپ ۋاقىراشقا باشلىدى:
- قاسىم بەڭگى كەلدى، تىز قاچ !
مەھەللىدىكى بالىلار قاسىم بەڭگىدىن بەكلا قورقاتتى، قاسىم بەڭگىمۇ بالىلارغا ئەزەلدىن چىرايىنى ئېچىپ قارىمايدىغان باغرى تاش ئادەم ئىدى، ئۇ بالىلارنىڭ ۋارقىراشلىرىدىن ئۆگزىدىن چۈشكىلى تەمشىلىۋاتقان پاششاخاننى كۆردى.
- ۋۇ كۇسپۇرۇچ،كۈپ-كۈندۈزدە كەپتىرىمنى ئوغرىلىماقچىمىدىڭ؟- قاسىم بەڭگى تەلەتىنى بۇزۇپ تام تۈۋىدىكى ئېرىقنىڭ ئىچىدىن بىر تال ئۇزۇن تاياقنى قۇلىغا ئالدى – چۈشە يەرگە، ئەدىپىڭنى بىر بەرمىسەم!
- مەن كەپتەر ئوغرىلىمىدىم، توپنى تاشلاپ بەردىم! – دېدى پاششاخان بىر ئاز جىددىيلەشكەن ھالدا قاسىم بەڭگىگە ئۆزىنى ئاقلاپ.
- شۇنداق بولسىمۇ سەن يەنىلا ئوغرى !
قاسىم بەڭگى قۇلىدىكى تاياقنى تاشلاپ قۇيۇپ ئۆيىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ شۇت بىلەن دەرھال ئۆگزىگە چىقتى، بالىلار ئۆگزىنىڭ لېۋىدە تۇرغان پاششاخاندىن ئەنسىرەپ ۋاقىراشقا باشلىدى.
- ئاكا، قاسىم قېرى ئۆگزىگە چېكەتتى، دەرھال قاچ!
ئاڭغىچە قاسىم بەڭگى ئۆگزىگە چىقىپ پاششاخانغا گۈلەيگىنىچە ئاغىزىنى بۇزۇشقا باشلىدى.
- ئىگىسى يوق ئۆيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىدى، خەپ قۇلىقىڭنى كەسمىسەم!
قاسىم بەڭگى قوپال ئادەم بولغان بىلەن بالىلارنى ھەرگىز ئۇرمايتتى، ئۇ پاششاخاننى مۇنداقلا قورقىتىپ قويماقچى بولۇپ ئۆگزىدىن تاياقتەك بىر نەرسە ئىزدىگەن بولدى.
پاششاخان جەڭگى جىدەلدىن نېرى بالا ئىدى، قىز بالىدەك تارتىنچاق بولۇپ ئۆزى بىرە خاتالىق ئۆتكۈزسە يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلاتتى، شۇڭا ئۇ قاسىم بەڭگىگە ئۆزىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرماي چىرايى قىزارغان ھالدا «ئەمدى ئۇنداق قىلماي!» دەپ قۇيۇپلا ئۆگزىدىن پوككىدە يەرگە سەكرىدى، بالىلار توۋلىشىپ چۇقان سېلىشتى، قاسىم بەڭگى «ھاي سەكرىمە! » دىگىنىچە قىلغىنىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆگزىدىن پەسكە قارىدى.
پاششاخان خۇددى پەغەزدىكى كەپتەر دان يېگىلى يەرگە قونغاندەك «پوك» قىلغان ئاۋاز بىلەن يەردە زوڭ ئولتۇرۇپ قالدى ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تامبىلىنى قېقىشقا باشلىدى، بالىلار ئۇنىڭ يەرگە ساق-سالامەت چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇلاشتى، قاسىم بەڭگى ئۆگزىدە تۇرۇپ «ماۋۇ شۇمنى قارا!» دىگىنىچە ئاغىزىنى ھاڭ ئېچىپ قالدى.
شۇندىن باشلاپ پاششاخاننىڭ ئۆگزىدىن يەرگە سەكرەپ چۈشەلەيدىغان ھۈنىرى مەھەللىدىكى بالىلار ئارىسىغا پۇر كەتتى، بىر كۈنى مەھەللىدىكى پاششاخان بىلەن تەڭتۇش بالىلاردىن ئون نەچچىسى مەكتەپتىن يېنىپ پاششاخاننىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنى چاقىرىپ ئۆگزىدىن سەكرەيدىغان ھۈنىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشىنى سورىدى.
پاششاخان ئۆزىنىڭ كۈچ مەشىقىنى بالىلارغا بىلدۈرۈشنى خالىمايتتى، شۇڭا ئۇ بالىلار بىلەن ئادەتتە سىرىتتا ئوينايتتى لېكىن بالىلارنى ئۈيىگە باشلىمايتتى، چۈنكى ئىنىك ئانا ھايات ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ئۆيگە قالايمىقان ئادەم باشلىماسلىق توغرىسىدا ئالاھىدە تاپىلاشلارنى قىلغان ئىدى.
پاششاخان ئىچىدىن تاقاپ قويغان ئىشىكىنى ئېچىپ ھويلىسىدىن چىقتى ئاندىن ئىشىكىگە قۇلپا سېلىپ قۇيۇپ بالىلارغا ئېيتتى:
- بۈگۈن باشقا ئويۇن ئوينايلى، مەن سەكرىمەي...
- ياق پاششاخان، سىنى ئاسماندا ئۇچىدىكەن دېگەن گەپ مەكتەپتە بىر بولدى، – دېدى بالىلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەيلەن ئۇنىڭغا يالۋۇرغاندەك،- قارىغىنا بىز ھەممىز سىنىڭ شۇ كارامىتىڭنى كۆرۈپ باقايلى دەپ كەلدۇق...
- شۇنداق پاششاخان،- يەنە بىرەيلەن گەپ قىستۇردى،- مەكتەپتىكى باشقا بالىلار بىزنى قەلەندەرلەر كوچىسىدىن دەپ زادى كۆزىگە ئىلمايدۇ، ماۋۇ گايىت شۇ بالىلارنىڭ نوچىسى، ئۇنىڭغا كارامىتىڭنى بىر كۆرسىتىپ قوي!
پاششاخان بۇ ئاغىنىلىرىنىڭ كۆڭلىنى يەردە قۇيۇشنى خالىماي «بۇپتۇ بۇلارغا بىر قېتىم سەكرەپ بىرەيچۇ» دېگەننى ئويلىدى ئۇنىڭ ئۈستىگە گايىت دېگەن بالا تۇرقىدىن ھارامزادىلىكى چىقىپ تۇرىدىغان ئۆزىدىنمۇ قاۋۇل بالا بولغاچقا پاششاخاننىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويغۇسى كەلدى.
- ئەمىسە قاراپ تۇرۇڭلار ھە ! – پاششاخان شۇنداق دەپلا ئىشىكىگە يامىشىپ ئۆگزىسىگە چېكەتتى.
بالىلار ئۇنىڭ سەكرىشىگە تەقەززا بولۇپ ئۆگزىگە قاراپ تۇرىشاتتى، پاششاخان ئۆگزىدىن كوچىغا گۈپپىدە قىلىپ سەكرەپ ئورنىدىن بىمالال تۇردى، بالىلار توۋلىشىپ ئۇنىڭ يامانلىقىنى تەبرىكلەشتى، گايىت دېگەن بالا مەكتەپ بويىچە چېلىشچىلارنىڭ ئالدى ئىدى، ئۇ بۇنى كۆرۈپ پاششاخانغا ھەسەت قىلدى.
- پاششاخان، كىلە نوچى بولساڭ چېلىشىمىز!
گايىت ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالمايلا چاپىنىنى سېلىۋېتىپ ئالقىنىغا بىرنى تۈكۈرۈپ تەييار بولۇپ ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۇنۇتۇپ قويماقچى بولدى.
پاششاخان ئۆزىدىن ئىككى ياشچە چوڭ گايىت بىلەن تۇتۇشتىن بىر ئاز قورقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەكلا غوللۇق كۆرىنەتتى. مەھەللىدىكى بالىلار بۇ قېتىم شۇك بولۇپ قېلىشتى، چۈنكى ئۇلار پاششاخان بىلەن ئوينىغاندا پاششاخان چېلىشىش ئويۇنىغا قاتناشمايتتى، پەقەت باشقا بالىلارنىڭ چېلىشقىنىنى كۆرەتتى، بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا پاششاخان بالىلار بىلەن چېلىشىپ ئويناپ قاسساپنىڭ ئوغلىنىڭ بىلىكىنى سۇندۇرۋەتكەن ئىدى، قاسساپ مۇتىھەملىك قىلىپ پاششاخاننى ئۇرۇپ-تىللاپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلغان ئىدى، شۇڭا پاششاخان بۇندىن كېيىن بالىلار بىلەن چېلىشىپ ئوينىماسلىققا ئىرادە قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم پاششاخان گايتنىڭ تەلىۋىگە ئۇنىمىدى، گايىت ئەتراپتىكى بالىلارغا قاراپ غادايدى.
- مەن نېمە دېگەن باللا، ئۇ ئۆگزىدىن سەكرىيەلىگەن بىلەن ماڭا چۈشەلمەيدۇ!– گايىت ئۆزىدىن كىچىك پاششاخاننىڭ ئۆزىدىن قورقۇۋاتقانلىقىنى بىلىپ تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى – ناۋادا چېلىشقان بولسا ئۈچىلا مەرتەم يانپاشقا ئېلىپ تازا سالاتتىم!
پاششاخاننىڭ ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق بىر تۇتۇشقۇسى كەلدى، ئەمما ئۇ بىرنىمىنى ئويلاپ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ ئۆيى تەرەپكە مېڭىشقا تەمشەلدى.
- ئاناڭ سىنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقانمۇ ھەي قورقۇنچاق؟ ئەمدى مىنى ئاكا دېگىن! - دېدى گايىت پاششاخاننى زاڭلىق قىلغاندەك ئۈنلۈك توۋلاپ.
پاششاخان بۇ گەپنى كۆتۈرەلمىدى، ئۇ دەرھال كەينىگە يېنىپ گايىتقا تىكىلدى.
- بۇپتۇ، سەن بىلەن چېلىشاي، ناۋادا ئۈچىلا قېتىم سىنى يېڭىۋالسام، بالىلارنىڭ ئالدىدا مىنى ئاكا دېيەلەمسەن؟
- ئاتە پورۇڭنى، بۇپتۇ دېگىنىڭدەك بولسا سىنى ئاكا دەيمەن.
- گىپىڭ گەپمۇ؟
- مانا بالىلار تۇرۇپتۇ، گېپىمدىن يانسام ئوغۇل بولماي كېتەي!
ئىككىيلەن قائىدە بويىچە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دىيىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆينىڭ ئالدىدىكى كوچىدىلا تۇتۇشۇپ كەتتى، ئۇلارنىڭ بىرى چوڭ بىرى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن بىر-بىرىنىڭ بىلىنى ئوبدان تۇتىشالمايۋاتاتتى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان بالىلار پاششاخان ئەمدى يۈزۈمىزنى تۆكىدىغان بولدى دەپ جىددىلىشىپ كۆڭلىدە خۇدايىمدىن پاششاخاننىڭ يېڭىشىنى تىلەپ تۇراتتى، دىگەندەك ئۇلار تۇتىشار تۇتۇشماي گايىت ئوڭدىسىغا چۈشۈپ كەتتى، بالىلار ئۆز كۆزىگە ئىشىنەلمەي ئۆز-ئارا نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۆرۈشتۈرۈپ تۇرغاندا گايىت يەنە بىر قېتىم يانپاشقا ئېلىنىپ چۈشۈپ كەتتى، ئۈچىنچى قېتىم « دۈڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن يولنىڭ نېرىراق چېتىدىكى ئۆرۈكلۈكتە ۋىچىرلىشىۋاتقان بىر توپ ئاق قۇشقاچ ۋىچىرلاشتىن توختاپ كۇچا تىمتاس بولۇپ كەتتى، بالىلار بىر گايىتقا بىر پاششاخانغا قاراپ ئاغىزىنى ئېچىپ قېلىشتى، گايىت ئورنىدىن تەس تۇرۇپ چاپىنىنىمۇ ئالماي كۆزىگە مۆللىدە ياش ئېلىپ پاششاخانغا ئالىيىپ قاراپ «خەپ ھاراملىق!» دىگىنىچە رەستە تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ كەتتى.
بالىلار كۆز ئالدىدا بۇلۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ھەيران قالدى ھەم ئىنتايىن خۇشال بولدى، ئۇلار پاششاخانغا قايتىدىن سەپ سېلىشقا باشلاپ مەھەللىنىڭ بۇ يېڭى نوچىسى بىلەن بالدۇرراق ئايرىلماس دوستلاردىن بولمىغىنىغا پۇشايمان قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر بالا بوخچىسىدىن بىر پارچە ناۋاتنى ئېلىپ پاششاخانغا تەڭلىدى.
- پاششاخان ئالە بۇنى، ئەمدى بىزنى كىم بوزەك قىلسا سىنى باشلاپ ئاپىرىمىز، بۇ سىنىڭ مۇكاپاتىڭ!
بالىلار بوخچىلىرىنى ئاسمانغا ئېتىشىپ پاششاخاننىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەشتى...
ئۇلار شۇ تەرزدە پاششاخاننى ئارىسىغا ئېلىپ شا توپ ئويۇنى ئويناش ئۈچۈن قىزغىن ئادەم ئېلىشىۋاتقاندا يىراقتىن بىر بالا يۈگرەپ كىلىپ«گايىت قانجۇق ئادەم باشلاپ كەلدى!» دەپ خەۋەر يەتكۈزدى. بالىلار ھەممىسى كەينىگە ئۆرۈلۈپ يىراقتىن بىر توپ بالىلارنىڭ شامالدەك ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
- كىمنى ئەكەپتۇ ئۇ چىدىماس ؟- دېدى بوخچىسىدىن ناۋات ئالغان بالا ئۇلارنىڭ يۇلىغا سىنچىلاپ قاراپ.
- كىمنى ئەكىلەتتى، شەھەردىكى تىللا تونۇرنى ئەكەلگەندۇ شۇ!- دېدى يەنە بىر بالا مۇشتۇمىنى تۈگۈپ تۇرۇپ،- قورقمايمىز!
بالىلار گايىتنىڭ بايام قاچقىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا «قانجۇق» دەپ لەقەم قۇيۇپ ئۈلگۈرگەن ئىدى، ئۇلار يەڭلىرىنى تۈرۈشۈپ تەييار بولۇشتى، پاششاخان بالىلاردىن تىللا قۇشۇننىڭ كىملىگىنى سورىدى.
- كىم بۇلاتتى، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى تىللاخان، ئۇ ھارامدىن بولغاچقا ئانىسى ئۇنى كوچىغا تاشلىۋىتىپتىكەن، ئۇنىڭ مۇقىم تۇرالغۇسى يوق، ئاڭلىساق ئۇ تونۇردا يېتىپ چوڭ بوپتىكەن شۇڭا ئۇنى كىشىلەر تىللا تونۇر دەپ ئاتىشىدۇ، كۈندۈزى ئوغرىلىق قىلىدۇ، ئەشۇنداق تىلەمچى بالىلارنى كەينىگە سېلىپ قوشۇن تارتىپ يۈرۈپ ياۋاش بالىلارنى بوزەك قىلىدۇ، ئۆتۈپ كەتكەن ھاراملىق نېمە ئۇ!
شۇ چاغدا گايىت قانجۇق يەتتە-سەككىز بالىنى باشلاپ بۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ كەلدى.
- قېنى بايامقى پاششاخان دېگەن ھاراملىق، ئەمدى نوچىلىقىنى قىلىپ باقسۇن؟! – دېدى گايىت قانجۇق يېنىدىكى بۇيى ئۆزىدىن ۋىجىكرەك بىر بالىنى ئالدىغا چىقىرىپ.
تىللا تونۇر دېگەن بۇ بالا قارىماققا ياشتا پاششاخاندىن كىچىكتەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ قېشىغىچە چۈشۈپ تۇرغان قاپقارا قۇندۇزدەك چېچىنىڭ ئاستىدىكى بىر جۇپ ھەركەتچان كۆزىدىن ئۇنىڭ ناھايىتى زېرەك ھەم چاققان بالا ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.
- مانا مەن، تولا ئادەم تىللىما! – دىگىنىچە پاششاخان بالىلارنىڭ ئارىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ «قوشۇن» نىڭ ئالدىغا باردى.
- ھە، گايىتنى ئۇرۇپ يىغلاتقان پاششاخان دىگىنى سەنمۇ؟ - دېدى تىللا تونۇر قۇلىدىكى تاماكىسىنى توغرا چىشلەپ پاششاخاننى مەنسىتمىگەن ھالدا.
- ھەئە چېلىشتا يېڭىلىپ قالسا ئادەم باشلاپ كېلىدىغان گايىتنى يەرگە سالغىنى پاششاخان مەن شۇ! – دېدى پاششاخان تىللا تونۇرنىڭ ھەيۋىسىدىن قىلچە قورقماي مەغرۇرلۇق بىلەن.
تىللا تونۇر بىر ئۆمۈر كۇچا-كويلاردا قاقىلاي-سوقىلاي كۈن كەچۈرگەنلىكى ئۈچۈن غەللە-ماجىرا، تاياق-توقماق دېگەن ئۇنىڭ ئۈچ ۋاقلىق غىزاسىدەكلا بىر ئىش ئىدى، ئۇ تاماكىسىنى تازا بىر شورىۋېتىپ پاششاخاننىڭ يۈزىگە پۈۋلىدى.
- ھۇ ، لالما ئىت ! گايىت دېگەن مىنىڭ قوشۇنۇمنىڭ ئەزاسى، يۈرۈگۈڭ قاپتەككىنا سىنىڭ؟ - تىللا تونۇر كەينىگە ئۆرۈلۈپ گايىتقا قارىغاندەكلا قىلىپ تۇيۇقسىز مۇشتى بىلەن پاششاخاننىڭ بۇرنىغا قاتتىق بىرنى سالدى، پاششاخان ھېچقانداق تەييارلىقسىز تۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ كۈچلۈك مۇشتنىڭ زەربىسىدىن كۆزىدىن ئوت چاقناپ كەينىگە سەنتۈرۈلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇرنىدىن ئوقتەك قان كەتتى، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن تىللا تونۇر چاقماق تىزلىكىدە بۇرنىدىكى قاننى يېڭى بىلەن سۈرتۈۋاتقان پاششاخاننىڭ مەيدىسىگە كۈچۈپ بىرنى تەپتى، پاششاخان كەينىگە يېقىلىپ چۈشتى، ئاڭغىچە پاششاخاننىڭ دوستلىرى تىللا تونۇرنى تۇتىۋالدى...
پاششاخان ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىرماي چاپىنىنى سالدى، ئاندىن تىللا تۇنۇرغا قاراپ ۋارقىردى.
- قېنى نوچا بولساڭ ئەمدى كېلىشە، سەندەك نېمىلەرگە ئۆزەمنى بىر كۆرسەتمىسەم! – پاششاخان بۇرنىدىن ئېقىۋاتقان قان بىلەن كارى بولماي يېڭىنى شىمايلاپ تىللا تونۇرنىڭ ئالدىغا ئېتىلدى، تىللا تونۇرمۇ بوش كەلمەي ئۆزىنى پاششاخانغا ئاتتى، ئىككىيلەن تازا تۇتۇشۇپ كەتتى، تىللا تونۇر تاياققا بەكلا پىششىق ئىدى، پاششاخانننىڭ پۇت-قۇلى ئۆزىنىڭ يېشىغا باققاندا ئاجايىپ چاققان ئىدى، پاششاخان چاقپەلەكتەك پىقىراپ بىردەمنىڭ ئىچىدىلا تىللا تونۇرنى خىيخىراتتى، تىللا تونۇر بۇلالماي، بىللە كەلگەن قوشۇنىغا بۇيرۇق قىلدى، بۇنى كۆرۈپ پاششاخاننىڭ دوستلىرىمۇ تەييار بولدى، شۇ چاغدا پاششاخان دوستلىرىغا بۇرۇلۇپ قاراپ « سىلەر ئارلاشماڭلار، ھەممىسىگە ئۆزەم تاشايمەن!» دەپ ۋارقىراپ ئۇلارنى كەلگىلى قويمىدى. چۈنكى پاششاخاننىڭمۇ مۇشۇنداق جېدەل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانچىلىك مەشىق قىلغانلىقىنى بىلگۈسى بار ئىدى. ئەخلاقلىق پاششاخان بۇنداق جىدەلنى پۇل بىلەنمۇ سېتىۋالالمايتتى، شۇڭا ئۇ بۇ جىدەلنى بىر پۇرسەت دەپ بىلدى.
قوشۇندىكى نان يېگەن تەرى يوق ئالتە ئۇرۇق بالا تىللا تونۇرنىڭ سېپىگە قېتىلىپ پاششاخاننى ئۆرىۋالدى، لېكىن تىللا تونۇرنىڭ يەپ كەتكەن تايىقىغا قاراپ ھېچقايسىسى قول سالالمىدى، پاششاخان كىتاپتا ئۆگەنگىنى بويىچە ئۇنىڭ ئىچىدىن ئاجىزراق بىرسىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنىڭ يۈرىگىنى ئاندىن يەنە بىرنىڭ يۈرىگىنى ئىزىش قارارىغا كەلدى، ئۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىللا تونۇرنى راسا سالماقچى بولدى چۈنكى ئۇ بۇ قۇشۇننىڭ ئاتامانى ئىدى، بۇ قاچسا ھەممىسى قاچاتتى، شۇنىڭ بىلەن پاششاخان ئۇدۇل تىللا تۇنۇرغا چاپلىشىۋېلىپ شۇنى سېلىشقا باشلىدى، قالغانلار پاششاخانغا توختىماي مۇش سالدى، بۇنداق ئوپچە ئۇرۇلغان مۇشنىڭ ۋەزنى بولمايتتى، پاششاخان ئۇلارغا مۇش ياندۇرماي يەنىلا تىللا تونۇرنى ئۇرۇشقا باشلىدى، تىللا تونۇرنىڭ ئاغزى-بۇرنى قان بولۇپ چىرايى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتتى، بۇنى كۆرگەن قوشۇن ئەزالىرىنىڭ يۈرىگى چۈشۈپ ھەركىتى بىر ئاز ئاستىلاپ قالدى، بۇنى سەزگەن پاششاخان ئۆرۈلۈپلا دىققىتىنى بۇلارنىڭ ئارسىدىكى جۇغى كىچىك ئۇرۇقراق بىرسىگە قاراتتى، ئۇ بالا پاششاخاننىڭ چاقماقتەك ئېتىلغان ئىككى مۇشتىغا بۇلالماي قېچىشقا باشلىدى، لېكىن پاششاخان باشقىلارغا بىر مۇشمۇ ئاتماي پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇشۇ ئۇرۇق بالىنى قوغلاپ شۇنىلا ئۇرۇشقا باشلىدى، بالا چىقىراپ يىراققا قېچىپ كەتتى...ئەمدى نۆۋەت ھەممە جىدەلنى تېرىغان گايىتقا كەلدى، پاششاخان ئۇنىڭ ئالدىغا شۇنداق كېلىۋىدى، گايىت قورقۇپ پۇت-قۇلىدا جان قالمىغان ھالدا كەينىدىكى ھاسىراپ ئولتۇرغان تىللا تۇنۇرغا ئۈمىد بىلەن قارىدى، تىللا تونۇر بۇرنىدىكى قاننى توختىتىپ يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ ئۇيەردە ھاسىراپ ئولتۇراتتى، پاششاخان راسا كۈچ بىلەن گايىتنىڭ يۈزىگە بىر پەشۋا ئېتىۋىدى، ئۇ سەنتۈرۈلۈپ كەينىگە داجىغىنىچە ئۆزىنى تەڭشىيەلمەي تىللا تونۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپ يېقىلدى، ئۇ قوپقىلى تەڭشىلىۋاتقاندا پاششاخان قۇيۇندەك كىلىپ يەنە بىر تەپتى، ئۇ بۇ قېتىم زوڭ ئولتۇرغان تىللا تونۇرنىڭ ئۈستىگە يېقىلدى، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىگەن تىللا تونۇر يەنە تاياق يېيىشتىن قورقۇپ «خەپ ھاراملىق، ئەجەب مەن بىلەنلا قالدىڭا؟!» دىگىنىچە يۈگۈرۈپ قاچتى، گايىتمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تىللا تونۇرنىڭ كەينىدىن بەدەر قاچتى، پاشاخان ئەمدى قالغان تۆتەيلەننىڭ ئىچىدىن بىرسىنى تاللىماقچى بۇلىۋىدى، تۆتەيلەن تىللا تونۇرنىڭ قېچىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ بىر-بىرسىگە قارىشىپ ئالدى-كەينىگە قارىماي تىللا تونۇرنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ قېچىشقا باشلىدى...
بىر مەيدان بالىلار ئۇرۇشى چوڭلار كىلىپ ئارىشلىماستا ھاينى-ھۇيت دىگۈچە ئاخىرلاشتى. ئەتراپتا تۇرغان بالىلار بۇ ئىشلاردىن ئاجايىپ ھەيران قالدى، ئۇلار پاششاخاننىڭ بۇ تەڭداشسىز باتۇرلىقىنى چوڭلارغا ئېيتىش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە ئالدىراپ مېڭىشتى، شۇنداق قىلىپ بالا پاششاخاننىڭ نامى بۇ مەھەللىدە ۋە بالىلارنىڭ مەكتىپىدە ئەپسانە بولۇپ ئېغىزدىن –ئېغىزغا تارقىلىشقا باشلىدى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 09:52:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                        توققۇزىنچى باپ: كونا خومداندىن قايتىش

كەچ كۈز شامىلى بالدۇرلا يوپۇرماقلارنى سارغايتىپ دەرەخلەرنى يالىڭاچلاشقا باشلىدى. ئاستانە قىشنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئالدىراۋاتاتتى.
تۆمۈرچىلىك كارخانىسىدىكى بالا ئىشچى پاششاخان ئۇستىسىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭ قۇلى بىردەم بىكار تۇرمايتتى، ئۆزىگە بەلگىلەپ بەرگەن ئىش تۈگەپ ئازراق ئارام ئالىدىغانغا ۋاقىت چىقسا بېرىپ باشقا ئۇستىلارغا ياردەملىشەتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىغان سۈيىنى تۇشۇپ ئۇششاق ئىشلىرىنى قىلىشىپ بىرەتتى شۇڭا ئۇنىڭغا ئۇستىسىلا ئەمەس كارخانىدىكى ھەممەيلەن ئامراق بولۇپ قالغان ئىدى، بۈگۈن چارشەنبە بولغاچقا ئۇستىسى پاششاخاننى بالدۇرراق قايتىپ ئەكبەرخاننىڭ يېنىغا بېرىپ ساۋاق ئېلىۋېلىشىنى بۇيرىدى، پاششاخان كارخانىغا ئالغاچ بارغان بوخچىسىنى كۈتۈرۈپ ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ تېخى ئىشتىن چۈشمىگەنلىكىنى پەرەز قىلىپ ئۇدۇل مەكتىۋىگە قاراپ ماڭدى.
پاششاخان مەكتەپ ئالدىغا يېقىنلاشقاندا ئەكبەرخان ئۇستاز بالىلارنى قۇيىۋېتىپ ۋەلىسپىتىنى يېتىلىگىنىچە دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ بولغان ئىدى، ئۇ بۈگۈن ساقاللىرىنى پاكىزە قىرىپ ئۆشنىسىگە يارىشىملىق كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىۋالغاچقا خۇددى يېڭى تۇيى بولغان يىگىتلەرگە ئوخشاپ قالغان ئىدى، پاششاخان ئۇستازىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەزەلدىن مەكتەپتىن بۇنداق بۇرۇن قايتالمايتتى. پاششاخان يۈگرەپ بېرىپ ئۇستازىغا كۈلۈپ سالام قىلدى.
- ئەسسالام ئۇستاز!
- ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام پاششاخان، ساڭا ساقلاپ تۇرغان ئىدىم – دېدى ئۇستاز گۇيا بالىسىنى كۆرگەندەك خۇشال بولۇپ، - ۋەلىسپىتنى سەن يېتىلىۋالغىن، ئالدىرماي ماڭايلى!
پاششاخان ۋەلىسپىتكە بەك قىزىقاتتى، ئۇ خوش بولۇپ دەرھال ۋەلىسپىتنى قۇلىغا ئېلىپ يىتىلەپ ماڭدى.
- كارخانىغا كۈنۈپ قالدىڭمۇ؟ تاماقنى قانداق قىلدىڭ؟
- ھەئە، ئۇلار بەك ياخشى، قوسۇغۇممۇ ئاچ قالمىدى، ئۇلار ھەر قېتىملىق تاماقتا ماڭا يەيدىغىنىدىن بىرىشىدۇ، بەزىدە يېگىلى قۇساق يوق بولۇپ كىتىمەن.- دەپ كۈلدى پاششاخان ئۇستازىغا قاراپ.
- ياخشى بۇپتۇ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ، تېكىستلەرنى يادلاشقا ۋاقتىڭ چىقتىمۇ؟
- چىقمامدىغان، ئىشىمنى قىلغاچ توختىماي شۇلارنى يادلايمەن.
ئۇلار پاراڭلاشقان پېتى رەستىنىڭ دوقمۇشىدىكى خانلىق مەسچىتنىڭ ئالدىدا توختىدى، ئەكبەرخاننىڭ بۈگۈن كەيپىياتى ئالاھىدە ياخشى ئىدى، ئۇ يېنىدىكى يانچۇق سائىتىگە قارىۋەتكەندىن كېيىن بوينىنى سۇزۇپ يولغا قاراشقا باشلىدى.
- ئۇستاز بۇ يەردە بىرەسىنى ساقلامدۇق؟ - دەپ سورىدى پاششاخان ئۇستازىنىڭ بىرسىنىڭ يۇلىغا قاراۋاتقانلىقىنى بىلىپ.
- ھەئە، بىر مېھمان كەلمەكچى ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يەردە كۆرۈشمەكچى بولغان.
ئەكبەرخان شۇنى دەپ بولۇپ چىرايى شەلپەردەك قىزاردى. پاششاخان ئۇستازىنىڭ تېخى ئۆيلەنمىگىنىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئۇستازىغا قاراپ كۈلۈپ ئېيتتى :
- ئۇنداقتا مەن ئۆيگە كەتكەچ تۇراي، ساۋاق ئالغىلى باشقا كۈنى كىلەي ئۇستاز !
- ياق، ياق ، پاششاخان ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشۈشۈم، سەن يېنىمدا تۇرمىساڭ بولمايدۇ، ماقۇل دېگىن كەتمە! – ئەكبەرخان ناھايىتى جىددىلىشىپ كەتتى.
پاششاخان ئۇستازىنىڭ گېپىنى يىرالمىدى، ئۇزاق ئۆتمەي رەستە تەرەپتىن ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال كەينىگە بىر قىزنى سېلىپ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئۆز-ئارا قىزغىن سالاملاشتى، قىزچاق يىگىرمىلەرنىڭ قارىسىنى ئالغان ناھايىتى نومۇسچان قىز بولۇپ ئاپئاق چىرايى زىلۋا بەدىنىگە چىپ كەلگەن قىزىل كۆينىكى بىلەن رەڭ تالاشقاندەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى، ئەكبەرخان مۇشۇ تاپتا بۇ قىزدىنمۇ ئۆتە خىجىل بولۇپ كەتكەن بولۇپ ئۆزىنىڭ يەردە ياكى بۇلۇتنىڭ ئۈسىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالغان ئىدى.
ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئۆزىنىڭ مۇھىم ئىشى بارلىقىنى باھانە قىلىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى، ئۈچەيلەن مەسچىت ئالدىدا ئۈن-تىنسىز بىردەم تۇرغاندىن كېيىن زېرەك پاششاخان ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئۇستازى ئەكبەرخانغا ياردەم قىلدى:
- ئۇستاز، ئازراق بىر نەرسە يەيلىمۇ؟ - پاششاخان قەستەن ئۇستازىغا مەسلىھەت سالغان بۇلدى.
- شۇنداق قىلايلى،- بۇ گەپ ئەكبەرخانغا ياغدەك ياقتى – سىنىڭ نېمە يىگۈڭ بار؟
- نېمە بولسا مەيلى، ئىشقىلىپ ئاچامنىڭ يېگۈسى بارنى يىمەيلىمۇ!-دېدى پاششاخان يېنىدىكى چىرايلىق قىزغا يەر يۈزىدىن قاراپ.
قىز ئالمىدەك تومپىيىپ چىققان مەيدىسىنىڭ ئۈستىدە چوكان تالدەك ئۆزىنى تاشلاپ تۇرغان توم چېچىنى ئويناپ يەردىن ئۈستۈن قارىمايتتى، ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاۋالقىدەك يەرگە قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇردى، ئاندىن بېشىنى كۈتۈرۈپ بىر جۇپ قوي كۈزى بىلەن ئەكبەرخانغا قاراپ كۈلۈپ قويدى. ئەكبەرخان ئۆمرىدە بۇنداق چىرايلىق قىزنى كۆرۈپ باقمىغاندەك بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى، ئۇ دىققىتىنى يېغىپ قىزغا قاراپ ئېيتتى:
- ئۇنداقتا قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسىغا بارايلى، شۇ يەرنىڭ تامىقى يامان ئەمەس.
ئىككىيلەن يولدا ماڭغۇچە گەپ-سۆز قىلىشمىدى، پاششاخان ۋەلىسپىتنى يىتىلەپ ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، ئۇلار پەقەت قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسىغا بېرىپ غىزالىنىش جەريانىدا ئاندىن ئاز-تولا پاراڭلاشتى، ئىككىيلەن بىر-بىرىگە يېقىپ قالدى، ئۇلار خۇددى تويى بولغان بىر جۇپ قىز-يىگىتتەك چىرايىدىن كۈلكە كەتمىگەن ھالدا ئاشخانىدىن چىقتى لېكىن مۇشۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش بۇلارنىڭ كەيپىنى بۇزدى.
ئاشخانا ئالدىدىكى كوچىدا ئىككى رۇس بىر-بىرىنى يۈلەپ مېڭىۋاتاتتى، بۇنىڭ بىرى ياش يىگىت يەنە بىرى ياشتا چوڭ يۈزلىرىنى سېرىق بۇرۇت –ساقال قاپلىغان كىيىنىشى قاتتىق پوزۇر بىر ئەر كىشى ئىدى، ياشتا چوڭى ئېھتىمال چوڭ سودىگەر ياكى كاتتا باي بولسا كېرەك ياش يىگىت بۇ قېرى مەستنىڭ توختىماي تىللاشلىرىغا، پات-پات توختاپ يۈزىگە شاپىلاق سېلىشلىرىغا چىداپ ماڭماقتا ئىدى، كوچىدىكى كىشىلەر بۇ ئىككى مەسكە يول بېرىپ كۇچىنى بۇلارغا ئوڭچە قۇيۇپ بەردى، ئۇلار ئوڭ-سولغا دەسسەپ ھېلى كۈلۈپ ھېلى ۋارقىراپ قۇلىدىكى قۇرۇق ۋوتكا شېشىسىنى كىشىلەرگە ئاتقىلى قوپقاندەك قىلىقلارنى قىلىپ قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدىن ئۆتىۋاتقاندا ئەكبەرخان قاتارلىق ئۈچەيلەن ئاشخانىدىن كوچىغا چىقىپ قالدى ، ئۇلار بۇ ئىككى مەستنى كۆرۈپ يانغا ئۆتۈپ ئۇلارغا يول بىرىپ تۇردى، شۇ ئەسنادا قېرى مەستنىڭ كۈزى ئەكبەرخاننىڭ كەينىدە مۈكۈپ تۇرغان قىزغا چۈشۈپ ھىجايغىنىچە بىرنىمىلەرنى دەپ ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا دەلدەڭشىپ كىلىپ قىزغا قۇلىنى سۇندى، ئەكبەرخان مەستنىڭ قۇلىغا ۋاققىدە بىرنى سېلىپ ئۇنى كەينىگە ئىتتىرىۋەتتى، قېرى مەست كەينىگە بىر قانچە قەدەم دەلدەڭشىپ يەنە يۈزىنى قېلىن قىلىپ بۇ يەردىن كەتكىلىۋاتقان ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا ھىجىيىپ كىلىپ ئۇنى كۈچەپ ئىتتىرىۋېتىپ كەينىدىكى قىزنىڭ بىلىكىنى تۇتىۋېلىپ ئۇنى قۇچاقلاشقا ئۇرۇندى، ئەكبەرخان كۆڭلىدە بۇ قېرىنى ھەرقانچە پەس بولسىمۇ بۇنداق قىلىقلارنى قىلىپ يۈرمەس دەپ ئويلىغان ئىدى، ئۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ چاقماق تىزلىكىدە قىزنىڭ قۇلىدىن تارتىپلا قېرى مەستنىڭ سىمىز يۈزىگە كېلىشتۈرۈپ بىر كاچات سالدى، بىر ياندا ئويۇن كۆرۈپ تۇرغان ياش مەست يىگىت خوجايىنىنىڭ مۇشىت يېگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆزىنى ئەكبەرخانغا ئاتتى، ئەكبەرخانمۇ بوش يىگىت ئەمەس ئىدى، ھاينى-ھۇيت دىگۈچە ئەكبەرخان بۇ ئىككى مەستنى كوچىنىڭ بىر يېنىدىكى يۈندە كاتىكىغا قىستاپ ئاپىرىپ مۇشت-پەشۋالىرى بىلەن كاتەكنىڭ ئىچىگە چىڭدىۋەتتى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان ئامما ئەكبەرخاننىڭ قورقماس باتۇر-باتۇرلىقىغا ئاپىرىن ئۇقۇپ چاۋاك چېلىشىپ كەتتى.
شۇ چاغدا كوچىنىڭ نېرىسىدا ئامانلىق ساقلىغۇچى رۇسلار پۈشتەكلەرنى چېلىشىپ ئالا-تاغىل ۋاقىرىغىنىچە جېدەل چىققان تەرەپكە يۈگۈرۈشۈپ كېلىشتى، ئەكبەرخان دەرھال يېنىدىكى قىزنى ئۇنىڭ ئۇنىماسلىقىغا قارىماي مەجبۇرى قاچۇرۋەتتى، بىر قىسىم ئەسكەرلەر يۈگۈرۈپ كېلىشكىنىچە يۈندە ئازگىلىدىن چىقالمايۋاتقان ئىككى مەستنى تەسلىكتە يۈلەپ قوپۇردى يەنە بىر قىسىم ئەسكەرلەر قېچىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئەكبەرخاننى ياش مەستنىڭ كاتەكتە تۇرۇپ كۆرسىتىشى بىلەن تۇتىۋالدى.
قېرى مەست ئورنىدىن تۇرۇپ دەلدەڭشىگىنىچە چەمبەرچەس باغلانغان ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ باردى، ئىككى يېنىغا قاراپ يەنە ھېلىقى قىزنى ئىزدەشكە باشلىدى، قىزنى كۆرەلمىگەندىن كېيىن بىر نىمىلەرنى دەپ ئاچچىقلىنىپ ئەكبەرخاننىڭ يۈزىگە شاپىلاق بىلەن سېلىشقا باشلىدى، ئەسكەرلەر « رۇسلارغا تاياق سالغىنىڭغا توي!» دىگەندەك ئەكبەرخاننىڭ شاپىلاق يېيىشىگە قاراپ كۈلۈشۈپ تۇردى، ئەكبەرخاننىڭ كۆز ئىشارىتىگە بويسۇنغان پاششاخان بىر ياندا مۇشتىنى تۈگۈپ ئاچچىقىنى يۇتقان ھالدا غەزەپ بىلەن تۇراتتى.
تۇيۇقسىز قېرى مەسىت يېنىدا كۈلۈپ تۇرغان بىر ئەسكەرنىڭ قۇلىدىكى مىلتىقنى تارتىپ ئېلىپ ئۇنى بەتلەپلا ئەكبەرخانغا قارىتىپ تەپكىنى باستى، ئاڭغىچە ياندىكى پاششاخان ھۇشيار كىلىپ قېلىپ ئېتىلغىنىچە قېرى مەستنىڭ قۇلىدىكى مىلتىقنى قۇلى بىلەن ئاسمانغا كۈتۈرۈپ ئۈلگۈردى «پاڭ» قىلغان ئاۋاز بىلەن كوچىدىكى كىشىلەر پاتىپاراق بولۇپ كىتىشتى، ئوق ئاسمانغا ئېتىلغان ئىدى. ئەسكەرلەر قېرى مەستكە يالۋۇرغاندەك نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى قۇرالنى مىڭ تەسلىكتە قۇلىغا ئېلىشتى.
پاششاخاننىڭ ھەركىتىگە زەن سېلىپ تۇرغان ھېلىقى ياشراق چالا مەست پاششاخاننىڭ ئەكبەرخان بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى كۆرگەچكە ئۇنى تۇنىۋېلىپ ئەسكەرلەرگە بىر نىمىلەرنى دېدى، ئەسكەرلەر يوپۇرۇلۇپ كىلىپ پاششاخاننى تۇتىۋېلىپ قۇلىنى كەينىگە باغلاپ قويدى، شۇ ئەسنادا قېرى مەسىت پاششاخاننىڭ ئىشنى بۇزغانلىقىدىن نارازى بولۇپ ئەكبەرخاننى يەپ كەتكۈدەك ئەلپازدا تۇراتتى، ئۇ پاششاخانغا بۇرۇلۇپ قاراپ ئۇنىڭ ئالدىغا سەنتۈرۈلگىنىچە بېرىپ ئۇنى تىپىپ ئۇرۇشقا باشلىدى، چوڭ ئادەمنىڭ تىپىكىگە بولالمىغان پاششاخان يەرگە يېقىلىپ چۈشتى، قېرى مەسىت ئۇنى كۈچەپ دەسسەشكە باشلىدى، بۇ قېتىم قېرى مەست ئاچچىغىنى پاششاخاندىن چىقارماقچى بولىۋاتاتتى، ئەكبەرخان بۇ ناھەقچىلىقنى كۆرۈپ غەزەپتىن چىدىيالماي دىققەتسىز تۇرغان ئەسكەرنىڭ قۇلىدىن يۇلقىنىپ چىقىپ قېرى مەستنىڭ چاتىرىقىغا راسا كىلىشتۈرۈپ بىرنى تەپتى، قېرى مەسىت خۇددى توڭگۇزدەك چىقىراپ جان يىرىنى تۇتقىنىچە رەزىنكىدەك يېغىلىپ قالدى، ئەسكەرلەر ئەكبەرخاننى توپلىشىپ ئۇرۇشقا باشلىدى، خالايىق بۇ رەھىمسىزلىكلەردىن ياقىسىنى تۇتۇشۇپ تۆۋۋە قىلىشتى، قېرى مەست ناھايىتى تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا باردى، ئەسكەرلەر ئاچچىغىڭنى چىقىرىۋال دىگەندەك ئۇنىڭغا يول بوشۇتۇپ ئارلىقىنى ئېچىپ بىرىۋاتاتتى، قېرى مەست ئەكبەرخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى ئۇرۇشقا قۇلىنى كۈتۈرۈپ بولۇپ « ياق...ياق » دىگەندەك بىر نىمىلەرنى دەپ بېشىنى چايقىغىنىچە كەينىگە يېنىپ يەردە ياتقان پاششاخاننىڭ يېنىغا باردى، ئۇ كۆڭلىدە پاششاخاننى ئەكبەرخاننىڭ ئوغلى دەپ قاراپ باشقىچە بىر ئۇسۇلدا ئەكبەرخاندىن ئۆچ ئالماقچى بولدى، ئۇ ئالدى بىلەن يەردە باغلاقلىق ياتقان پاششاخاننىڭ يۈزىگە كۈچەپ بىرنى تەپتى ئاندىن ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپ بىرنېمە ئىزدىدى، ئۇ كوچىنىڭ بۇيىدىكى ئادەم بېشى چوڭلۇقىدىكى بىردانە تاشنى يەردىن تەسلىكتە قومۇرۇپ ئېلىپ بۇنىڭ بىلەن پاششاخاننىڭ بېشىنى يەنچىمەكچى بولدى، ئۇ تاشنى كۈچەپ بېشىدىن ئۈستۈن قىلىپ پاششاخان تەرەپكە مېڭىۋاتقاندا تۇيۇقسىز «ۋايجان!» دەپ ۋارقىراپ سالدى ھەم قۇلىدىكى تاشمۇ  يەرگە چۈشۈپ كەتتى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىدىن قان تامچىلاپ ئېقىۋاتاتتى.
ئەسلىدە بۇ جېدەلنىڭ باش ئاخىرىنى تىللا تونۇر كۆرۈپ تۇرغان ئىدى، ئۇ باشتا پاششاخاننىڭ تاياق يىگىنىدىن قانغۇچە خۇش بولدى، ھەتتا باغلاقلىق پاششاخاننى راسا بىر ئۇرغۇسىمۇ كەلدى، ئۇ يەردە ياتقان پاششاخاننىڭ بېشىدا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى، پاششاخان ئۇنى كۆرۈپ تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلىپ قارىدى، ئاندىن پەس ئاۋازدا«تىللاخان!...» دېگەن بىر ئېغىز سۆزنى چىقىرىپلا كۈزىنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچتى، تىللا تونۇرنىڭ ئىسمىنى ئۆمرىدە ھېچكىم بۇنداق توغرا ئاتاپ باقمىغان ئىدى، پاششاخاننىڭ بۇ خىل بىچارىلىك چىقىپ تۇرغان كۆزىدىن شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۈمىد بىلەن چاقىرىشىدىن تىللا تونۇرنىڭ قېنى دولقۇنلىدى، چۈنكى ئۇنىڭ قېنىدا ئاققىنىمۇ پاششاخاننىڭ مىللەت قېنى  ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بىر ئۆتۈپ كەتكەن ناھەقچىلىق بولغاچقا تىللا تونۇر بۇ تەڭسىزلىككىمۇ چىدىمايۋاتاتتى، ئۇنىڭ يۈرىگى سېلىپ ئەركەكلىكى ئۈستۈن كەلدى، ئۇ بايام قىلغان قىلىقىغا خىجىل بولۇپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ كەينىگە يېنىپ ياندىكى دوستلىرىغا بىر نىمىلەرنى جېكىلەپ بۇ يەردىن شۇئان ئايرىلدى.
تىللا تونۇر پاششاخاننىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ كوچىنىڭ بۇيىدىكى تۇتاش دۇكانلارنىڭ ئۆگزىسىگە يامشىپ چىقىپ پاششاخان باغلانغان يەرگە يېقىنلاشتى، شۇ چاغدا قېرى مەسىت يەردىكى چوڭ تاشنى ئېلىپ بېشىدىن ئېگىز كۈتۈرۈپ پاششاخاننىڭ بېشىنى نىشانلاپ مېڭىۋاتقاندا تىللا تونۇر دەرھال قۇلىدىكى رەگەتكە بىلەن قېرى مەستنىڭ يۈزىنى نىشانلاپ يېقىن ئارىلىقتىن ئۈكچىدەك بىر تاشنى سۇزۇپ قۇيۇۋەتتى، شېخىل تاش ئۇدۇل قېرى مەستنىڭ ئوڭ كۆزىگە تەگدى، قېرى مەسىت ئۇق تەگكەن لالما ئىتتەك چىقىراپ قان تەپچىپ چىققان كۈزىنى ئۇۋىلىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى، ئەسكەرلەر پاتىپاراق بولۇشۇپ رەگەتكىنىڭ قەيەردىن ئېتىلغانلىقىنى بىلەلمەي پىتىراشقا باشلىدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئەكبەرخاننىڭ يېنىدا تۇرغان بىر ئەسكەر توۋلىغىنىچە يۈزىنى تۇتۇپ ۋايجانلاشقا باشلىدى، ئەسلىدە ئۆگزىدىن يەنە بىر تال شېغىل تاش ئۇچۇپ كىلىپ بۇ ئەسكەرنىڭ يۈزىنى يىرتىۋاتقان ئىدى.
ئەسكەرلەر بۇ قېتىم رەگەتكىنىڭ ئۆگزىدىن ئېتىلغانلىقىنى بىلدى، ئۇلار باغلاقلىق ئەكبەرخان بىلەن پاششاخاننى تاشلاپ قۇيۇپ ئوڭ-تەتۈر توۋلىشىپ دۇكان ئۆگزىسىگە چىۋىندەك ئۇلاشتى، پاششاخانغا يېقىن يەردىكى بىر بالا يۈگۈرۈپ كىلىپ يەردە ياتقان پاششاخاننىڭ قۇلىدىكى ئارغامچىنى كېسىشكە باشلىدى، ئەسكەرلەر پاششاخاننى بالا دەپ قاراپ ئۇنىڭ قۇلىنى ئۇنچە مەزمۇت باغلىمىغان ئىدى، پاششاخان باغلاقتىن بوشىنىپ ھېلىقى بالا بىلەن ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ قۇلىنى بوشاتماقچى بولدى، ئەكبەرخان ئۇلارغا «مەن قاچقان تەقدىردىمۇ بۇلار مىنىڭ ئاتا-ئانامنى بوش قويمايدۇ، مەن بىلەن كارىڭلار بولمىسۇن دەرھال قېچىڭلار، تىز بۇلۇڭلار!» دەپ پەس ئاۋازدا ۋارقىردى.
ئاڭغىچە ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى ئۆگزىدىكى كۆلەڭگىنى قوغلاپ قالايمىقان ئۇق ئېتىشقا باشلىدى، يەنە بىر قىسمى پاششاخاننىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپ دەرھال ئورنىغا يۈگۈرۈپ كېلىشتى، پاششاخان بىلەن ھېلىقى بالا كىشىلەر ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتكىنىچە بۇ يەردىن غايىب بولدى.
پاششاخان شۇ يۈگۈرگىنىچە ھېلىقى بالىغا ئەگىشىپ شەھەر سىرتىدىكى كونا خۇمدانلىققا كىلىپ توختىدى، بىر دەمدىن كېيىن تىللا تونۇرمۇ بېشىدىن سۇ قۇيۇلغان ھالدا بۇ يەرگە پەيدا بولدى، پاششاخان ئۆزىنىڭ جېنىنى ھايات-ماماتىغا قارىماي قۇتۇلدۇرۇپ قويغان تىللا تونۇر بىلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.

*              *                *             *                 *
پاششاخان بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ئۈچ كۈنگىچە ئۆزىنىڭ ئۈيىگە بارالماي تىللا تونۇرنىڭ كونا خۇمداندىكى تاشلاندۇق ئۆيىدە تۇرۇپ قالدى، ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆز-ئارا سىردىشىپ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى، تىللا تونۇرنىڭ پاششاخانغا ئېيتىپ بېرىشىچە ئۇنىڭ دادىسى ئەسلىدە خاندانلىقنىڭ شەھەر قوغداش قىسمىنىڭ ئەترەت كوماندىرى ئىكەن، رۇسلار باستۇرۇپ كىرگەندە ئۇ خاندانلىقنىڭ «ئۇرۇشماسلىق» بۇيرۇقىغا قارشى ئەللىك نەچچە كىشىنى تەشكىللەپ رۇسلارغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى قوزغىغان ، خاندانلىق ئاغدۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كېيىن ئۇ رۇسلارنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ قېلىپ ئېتىپ تاشلانغاندىن سېرىت رۇسلارنىڭ «خائىنلارنىڭ ئەۋلادىنى ئىنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش» دېگەن سىياسىتىگە ئاساسەن ئۇنىڭ بوۋا-مومىسىدىن باشلاپ ئانىسىغىچە تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ تۈرمىدە كىسەللىك ھەم ئاچلىقتا ئۆلۈپ كەتكەن، تىللاخان ئۇ چاغدا ئاران ئىككى ياشتا بولۇپ ئانىسى ئۇنى يىراق سەھرادىكى بىر تاغىسىغا بىرىۋەتكەن ، لېكىن تاغىسىنىڭ ئايالى ئىچى زەھەر خوتۇن بولغاچقا بۇ بالا ھامان بېشىمىزغا بالا بولىدۇ دەپ قاراپ ئىككى ياشلىق تىللاخاننى شەھەرگە تاشلىۋېتىپ «بالا يۇتۇپ كەتتى» دىگەننى باھانە قىلىپ ئىشنى تۈگەتكەن.
كېيىن تىللاخان كۇچا-كويلاردا سوقۇلۇپ يۈرۈپ ئالتە ياشقا كىرگەندە دادىسنىڭ كونا سەپدىشى تىللاخاننىڭ ئىزدىرىكىنى قىلىپ ئۇنى كوچىدىن ئۈيىگە قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئائىلە مىھرىنى يەتكۈزگەن لېكىن رەھمسىز ۋابا بۇ ئائىلە كىشىلىرىنىمۇ دۇنيادىن ئېلىپ كەتكەن، تىللاخان يەنىلا ئاۋالقىدەك يېتىملىك كوچىسىغا قايتقان. تىللا تونۇرمۇ بۇ گەپلەرنى مانا مۇشۇ كىشىدىن ئاڭلىغان ئىكەن.
پاششاخان ئۇنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق قىسمەتلىرىنى ئاڭلاپ رۇسلارنىڭ زوراۋانلىقىغا قاتتىق غەزەپلەندى، ئۇ مۇشۇ تاپتا كۆڭلىگە بىر خىيالنى پۈككەن ئىدى، لېكىن ئۇ تىللا تۇنۇرغا بۇ گەپنى ھازىرچە ئېيتماسلىقنى ئويلىدى.
- تىللاخان، كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما، ھەر ئىككىلىمىزنى بۇ كۈنگە دۇچار قىلغىنى مۇشۇ رۇسلار – دېدى پاششاخان كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇتى چاچرىتىپ – قاراپ تۇر، ئۇلار ھامىنى جاجىسىنى يەيدۇ.
- بەزىدە ئويلاپ قالىمەن مىنىڭمۇ ئاتا-ئانام ھايات بولسا، مىنىڭمۇ ئۆيۈم بولسا، مەنمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇسام، ئۇلارغا ئوخشاش كىتاب ئۇقۇشنى بىلسەم، خەت يازالىسام دەيمەن لېكىن ...لېكىن بۇلار ھېچقايسىسى ماڭا نېسىپ بولمىدى، مەن ئادەملەردىن بەكلا نەپرەتلىنىمەن، مەن ئۇلارغا ئۆچ پاششاخان...- دېدى تىللا تونۇر قۇلىدا ئويناپ ئولتۇرغان رەگتكىسىنىڭ رەزىنكىسىنى بارمىقىغا چىڭ يۆگەپ تۇرۇپ.
- دېگىنىڭغۇ ئېيتماققا توغرا، ئەمما ھەممە ئادەملەرگە ئۆچ بولساڭ بولمايدۇ، ھەممىسىنىڭ باشلامبېشى يەنە شۇ رۇسلار، ئۇلار ھە دىسە قوللۇق تۈزۈمنى يوق قىلىپ سىلەرنى ئازاد قىلدۇق، تەڭسىزلىكنى تۈگىتىپ ئادالەتنى تىكلىدۇق دەپ جار سېلىشىدۇ، قايسى كۈندىكى ئىشنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە رۇسلاردىن باشقىسى ئادەم ئەمەس، ئۇلار بىزنى ھايۋاننىڭ ئورنىدا كۈرىدۇ، پەقەت رۇسلارلا بىزنىڭ دۈشمىنىمىز بۇلىشى كېرەك تىللاخان!
تىللا تونۇر بىر ئۆمۈر يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان، كىشىلەرنىڭ خارلاپ كەمسىتىشىگە كۆپ ئۇچۇرغان بالا بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانا تەربىيىسىگە ئىرىشىپ باقمىغان ياكى مەكتەپ قارىسى كۆرۈپ باقمىغان بالا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئەشۇ جەمىيەتتىن ئەشۇ ئادەملەردىن نەپرەتلىنەتتى، ئۇنىڭدا دىنىي ئەقىدە دېگەن نەرسىمۇ يوق ئىدى، نىمىنىڭ گۇناھ نىمىنىڭ ساۋاب بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ پەقەت بىر كۈنلۈك قۇرساق غېمىنى ھەل قىلسىلا باشقا ئىشلار بىلەن كارى بولمايتتى، شۇڭا پاششاخاننىڭ گىپى ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن ئانچە ئۆتۈپ قالمىدى.
-        - پاششاخان سەن ئەجەب مەكتەپتىكى مۇئەللىملەردەك گەپ قىلغىلى تۇردۇڭ، بىر قېتىم مەن سىنىپ ئىشىگىنىڭ يوچۇغىدىن مۇئەللىمنىڭ بالىلارغا مۇشۇنداق چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن دەرس ئۆتۈۋاتقىنىنى ئاڭلىغانمەن...لېكىن سەن بىزنى كېيىن چۈشۈنۈپ قالىسەن...
- بۇپتۇ، بۇلارنى كېيىن دىيىشەيلى، مەن ئەمدى كارخانىغا بىر بېرىپ باقايمىكىن...
- توختا، ئالدىرىمىغىن! بالىلار ئولجا ئالغىلى كەتكەن، ئۇلار سىنىڭ ئۆيۈڭنىڭ ئەھۋالىنى تىڭتىڭلاپ باقماقچى، ئۇلار كەلسۇن ئاندىن بىر نېمە دەيلى..
شۇنداق قىلىپ كەچكە يېقىن بەش-ئالتە بالا بەزەنلىرى پۇل-پېچەك، بەزەنلىرى يەيدىغان نان-تۇقاچ يەنە بەزەنلىرى گۆش-توخۇ دىگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرىشىپ پەيدا بولۇشتى، تىللا تونۇر ئالدى بىلەن نەخ پۇللارنى ساناپ يانچۇقىغا سالدى، ئاندىن قالغان ئولجىلارنى داستىخانغا تىزىپ مەززە قىلىشقا باشلىدى. قۇرسىقى ئېچىپ كوكىراپ كەتكەن پاششاخان ئۈچ كۈندىن بىرى بۇلارنىڭ بۇ داستىخانىسىغا داخىل بولۇپ كەلگەچكە ھېچ تارتىنمايلا توخىنىڭ بىر پاچىقى بىلەن بىر تال ناننى قۇلىغا ئېلىپ يىيىشكە باشلىدى، ئارلىقتا تىللا تونۇر بالىلاردىن پاششاخاننىڭ ئۆيىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدى، بالىلار بىرە نورمالسىزلىقنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى، شۇنىڭ بىلەن پاششاخان ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ۋەدىلىشىپ قاش قارايغاندا بۇ شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كونا ئۆيدىن ئايرىلدى.
پاششاخان ئۈيىگە بېرىپ تازا بىر يۇيۇنۇۋالغاندىن كېيىن ئارامىدا ئۇخلاپ ئەتىسى ئەتتىگەن جەينامازدا ئولتۇرۇپ قۇرئان ئوقۇش خۇمارىنى باستى ئاندىن كارخانىغا يول ئالدى، ئۇستىسى ئۇنى نەچچە كۈندىن بىرى ئىشقا كەلمىگەنلىكىنى سورىغاندا ئۆزىنىڭ زۇكام بولۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. قارىغاندا ئۇستىسى ئەكبەرخان توغرىلىق بىرە خەۋەر ئاڭلىمىغاندەك ئىدى.
ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۇدۇل ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ ئۈيىگە باردى، ئەكبەرخاننىڭ ئاتا-ئانىسى ئوغلىنىڭ تېخىچە ساقچى ئىدارىسىدىكى سولاقخانىدا ئىكەنلىكىنى، ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان بىر تۇغقىنىنىڭ ھېلىھەم يولىنى مېڭىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كۆز-يېشى قىلىشتى. پاششاخان قۇربان ھاجىنىڭ ئاشخانىسى ئالدىدا بولغان ئىشلارنى يىپىدىن –يىڭنىسىغىچە ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى.
شۇ ئەسنادا دەرۋازا قېقىلدى، ئەكبەرخاننىڭ ئاتىسى ئىچىدىن ئىتىلگەن ئىشكىنى ئاچقىلى ماڭغاچ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان تۇغقىنىنىڭ كەلگەنلىكىنى پەملەپ پاششاخانغا ئىشارەت قىلىپ قۇيۇپ دەرۋازىنى ئاچتى.
ئەكبەرخاننىڭ ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان نەۋرە تۇققىنى ئۇدۇل ئىچكىرىدىكى ئۆيگە ماڭدى، ئەكبەرخاننىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى. پاششاخان يانىدىكى ئۆينىڭ پەنجىرىدىن ئۇلارنىڭ سۈزىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.
- ئەكبەرخاننىڭ ئەھۋالى ھازىرچە ياخشى ئانا،- دېدى ساقچى يىگىت يىغلاۋاتقان ئانىغا تەسەللى بىرىپ – بۇ ئىش ئەسلىدە ئۇنچە چوڭ ئىش ئەمەستى لېكىن ھېلىقى رۇس كاتتا باي بىرنېمە ئىكەن، ئۇنىڭ شۇ كۈنىدىكى ماجىرادا بىر كۆزى قۇيۇلۇپ كىتىپتۇ، ئۇ شۇنىڭ ئاچچىقىدا يۈزى چوڭلارنى ئىزدەپ ئىشنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىدارە باشلىقى بۇ سودىگەر بىلەن ئېغىز بۇرۇن يالىشىپ يۈرۈپ بۇ ئىشنى ئۆزى بىر قوللۇق تۇتىۋالدى، ئۇنىڭ قارنى بەك چوڭ شۇڭا ھازىرچە بۇ ئىشقا كۈچىگىلى بولمىدى، بەرگەن پۇلۇڭلارنى تېخى ئىشلەتمىدىم، ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ ھەرگىز قاراپ تۇرمايمەن.
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياش قۇيۇلدى.
- جېنىم بالام، مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانار، شۇ ئاكاڭنى بىر نېمە قىلىپ ئاچىقىۋالغىن، كىچىگىڭدە ساڭا ئەمچەك سالغانمەن، بەرگەن سۈتىمىنىڭ ھەققى-ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ ئاڭاكغا ياردەم قىلغىن، پۇل-پېچەكنىڭ يولىنى بىز قىلىمىز بالام ...!
ئانا توختىماي يىغلايتتى. ساقچى ئۇلارغا بىر ھازا تەسەللى سۆزى قىلغاندىن كېيىن يېڭى خەۋەر بولسا ۋاقتىدا يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىقىپ كەتتى، پاششاخانمۇ ئۇزاققا قالماي ئۇلار بىلەن خوشلاشتى.
ئۇ يولدا ماڭغۇچە سىڭلىسى بەرنەخاننى ئوغۇرلاپ سېتىۋەتكەن ساقچى باشلىقىنى ئويلاپ چېكىسىدىكى شۇ قېتىملىق تاياق زەربىسىدىن قالغان تارتۇقنى سىلاپ قويدى. ئۇ كۆڭلىدە يەنە ئۇستازى ئەكبەرخانغا شۇملۇق قىلىۋاتقان ئەشۇ ئىپلاس ساقچى باشلىقى بولمىغىيدى دىگەننى ئويلاپ خۇدادىن ئۇستازىغا ئامانلىق تىلىدى. ئاندىن دوستى تىللاخاننى ئىزدەپ كونا خۇمدان تەرەپكە قاراپ ماڭدى.
ئارىدىن ئۈچ ھەپتە ئۆتتى.
پاششاخان بۇ ئارلىقتا ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ ئۆيىدىكىلەردىن ئەھۋال ئىگىلەپ تۇردى، ئىشلاردا ھېچبىر ئىلگىرلەش بولمايۋاتاتتى.
بىر كۈنى ئەتتىگەندە پاششاخان كارخانىغا كىلىپلا ئۇستىسىدىن ئەكبەرخاننىڭ قويۇۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۇستىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن دەرھال ئەكبەرخاننىڭ ئۈيىگە ئۇچتى.
پاششاخان يېرىم ئۇچۇق دەرۋازىنى چەكمەيلا ھويلىغا كىرىپ ئىچكىرىدىكى ئۆيدىن چىققان ئاۋازغا ئاساسەن ئۇدۇل شۇ يەرگە كىردى.
ئۇستازى ئەكبەرخان ئۇچىسىدا كاستۇم-بۇرۇلكا ساقاللىرى پاكىزە قىرىلغان ھالدا سۇپىدا پۇتىنى ساڭگىلىتىپ يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى. پاششاخان خوش بولۇپ ئۇستازىغا سالام قىلىپ قۇلىنى سۇندى.
ئەكبەرخان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغاندەك يەرگە قاراپ ئولتۇرىۋەردى، ئۇستازىم ئاۋازىمنى ئاڭلىمىغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان پاششاخان يەنە بىر قېتىم«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز!» دەپ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتماقچى بولدى.
ئەكبەرخان يەنىلا بېشىنى كۆتۈرمىدى، پاششاخان خىجىل بولغىنىدىن ھۆپپىدە قىزىرىپ ئەجەبلەنگىنىچە ياندا قاراپ تۇرۇشقانلارنىڭ چىرايىغا سەپسالدى، ئەكبەرخاننىڭ ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل قايغۇ-ھەسرەت چىقىپ تۇراتتى، پاششاخان كۈزىنى ئەكبەرخاننىڭ ئانىسىغا يۆتكىدى، ئانىنىڭ كۈزى لىق ياشقا تولغان ئىدى، ئانا پاششاخاننى كۆرۈپ ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى...
ئەكبەرخان خۇددى خاتىرسىنى يوقاتقان ئادەمدەك ھېچكىمنى تونىيالمايۋاتاتتى، گەپمۇ قىلمايتتى، پەقەت ئەتىدىن كەچكىچە بىر نوقتىغا قاراپ كۈزىنى مىدىرلاتماستىن ئولتۇرۇدىغان بولۇپ قالغان ئىدى...
پاششاخان زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئانىنىڭ كۆزىگە سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى، ئانا يىغلىغىنىچە پاششاخاننى ياندىكى ئۆيگە تارتىپ باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىشىكنى چىڭ يېپىۋەتكەندىن كېيىن ساقچى ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان تۇغقىنىدىن ئاڭلىغانلىرىنى تەپسىلى ئېيتىپ بەردى.
ئەسلىدە بىر كۆزىدىن ئايرىلىپ قالغان كاتتا سودىگەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بىلەن ئاپاق-چاپاق بولۇشۇپ ئۆزىنىڭ يەكچەشمە بولۇپ قالغانلىقىغا ئەكبەرخاندىن زور تۆلەم ئالماقچى بولغان ئىكەن، لېكىن ئەكبەرخان سۇراق قىلىنىش جەريانىدا رەگەتكە ئاتقۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلمىگەچكە ھېچنىمە دېيەلمىگەن، سوراقچىلار ئۆز ۋاقتىدا ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان قىز بىلەن كىچىك بالا توغرىلىق گەپ سورىغاندا ئۇ «مەن ئۇلارنى تونۇمايمەن» دەپ تۇرىۋالغان، ئىدارە باشلىقى پاششاخاننىڭ ئائىلىسىنى تەكشۈرۈپ ئۇلاردىن تۈزۈك  بىر نېمە ئالغىلى بولمايدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ ئۇنى قويۇۋەتمەكچى بولغان، لېكىن ئۇنى قۇيۇپ بىرىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى سودىگەر بىلەن ئىدارە باشلىقى قۇلىقى چىلاشقىچە ۋوتكا ئىچىشكەن، ئىدارە باشلىقى كەيپچىلىكتە ئەكبەرخاننى سودىگەرگە ئاچىقىپ بىرىپ ئاچچىغىنى چىقىرىۋېلىشقا ماقۇل بولغان، شۇنداق قىلىپ يەكچەشمە سودىگەر سوراقخانىدىكى باغلاقلىق ئەكبەرخاننى رەزىنكە كالتەك بىلەن قالايمىقان ئۇرۇپ ئۇنى مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەن.
بۇ ئىش دەل ئەكبەرخان تۇتۇلۇپ يەتتىنچى كۈنى ئاخشىمى يۈز بەرگەن بولۇپ ئەتىسى ساقچىلار ھۇشسىز ياتقان ئەكبەرخاننى ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە بۇ پېتى بىرەلمىگەن، ئۇ تۈرمىنىڭ داۋالاش ئۆيىدە ئۈچ ھەپتىگە يېقىن پەرۋىش قىلىنىپ بېشىدىكى يېرىلغان زەخمىلەر بىر ئاز ساقايغان لېكىن شۇ قېتىملىق كالتەكلەشتە مېڭىسى قاتتىق زەخمىلەنگەنلىكتىن مانا مۇشۇنداق ئەقلىي ئىقتىداردىن قېلىپ ئۆزىنىڭ چوڭ-كىچىك تەرىتىنىمۇ تۇتالمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالغان.
ئۇلار ئەكبەرخاننى ئۆيدىكىلىرىنىڭ قۇلىغا بەرگەندە بىرمۇنچە يوق گۇناھلار بىلەن ئۇنىڭغا سىياسى قارىلارنى چاپلاپ ئۇلارنىڭ ئاغىزىنى چىڭ تۇتۇشنى بولمىسا پۈتۈن ئائىلە ئەزالىرىنىڭ تەقىب ئاستىغا ئېلىنىپ ئىشلارنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پاششاخان بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېين ئۇستازىنىڭ مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ قاتتىق قايغۇردى، ئۇ ئەكبەرخاننىڭ يېنىدىن روھى چۈشكەن ھالدا كارخانىغا قايتتى.
پاششاخان پۈتۈن ئاچچىغىنى قىزىتىلغان تۆمۈردىن ئېلىپ كۈچ بىلەن بازغان ئۇرۇۋاتاتتى، ئەسىرگە يېقىن تۇيۇقسىز سىرىتتىن بىر بالا كىرىپ ئۇنى چاقىردى، پاششاخان بېشىنى كۈتۈرۈپ ئۇنىڭ تىللا تونۇرنىڭ قوشۇنىدىكى بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قۇلىدىكى بازغاننى تاشلاپ ئالدىراپ ئۇنىڭ ئالدىغا باردى.
- نېمە ئىش بولدى؟
- تىللاخان ئۇ...سىنى چاقىرىپ كەل دېگەن...- بالا ئىتتىك يۈگۈرۈپ كەلگەچكە توختىماي ھاسىرايتتى – چاتاق چىقتى...!
- نېمە چاتاق، ئۇچۇقراق دىگىنە؟
- بارغاندا بىلىسەن !
بالا شۇنداق دىگىنىچە پاششاخاننى ئەگەشتۈرۈپ شەھەردىكى ئاۋات رەستىلەرنىڭ بىرى بولغان كونسۇل كوچىسى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى.
ئۇلار ئۇ جايغا يېتىپ بارغاندا بىرمۇنچە كىشىلەر كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يۇمىلاق بولۇپ يىغىلىشىپ بىر كىملەرنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىشقان ئىدى، ئىككىيلەن چوڭلارنىڭ ئارىسىدىن قىسىلىپ ئۆتۈپ كوچىدىكى داق يەردە تىللا تونۇرنىڭ ئۈستىۋېشى قانغا مىلەنگەن دوستى ھەيدەر ئالتە قولنى قۇچاغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى.
ھەيدەر ئالتە قولمۇ قارا يىتىم بولۇپ تىللا تونۇرنىڭ ئەڭ يېقىن ئەڭ ياراملىق دوستى ئىدى، ئۇنىڭ قول بارمىقىدىن بىرسى ئارتۇق بولغاچقا بالىلار ئۇنى ھەيدەر ئالتە قول دەپ ئاتىشاتتى، ئۇنىڭ گەرچە بىر بارمىقى ئارتۇق بولسىمۇ كۇچا-رەستىلەردىكى ھۈنىرى ناھايىتى قالتىس بولغاچقا ئالىدىغان «ئولجىسى» مۇ قوشۇن ئىچىدە ئەڭ زور ئىدى.
پاششاخان يۈگۈرۈپ بېرىپ كۆزلىرى يۇمۇقلۇق تامدەك تاتىرىپ ياتقان ھەيدەر ئالتە قولنىڭ ساڭگىلاپ قالغان قۇلىنى ئالقىنىغا ئېلىپ بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئەنىڭ نېمە سەۋەپتىن بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تىللا تۇنۇرغا قارىدى.
تىللا تونۇر پاششاخانغا گەپ قىلمىدى ، ئۇ قۇچىقىدا قانسىرغىنىدىن بىھوش ياتقان دوستىنىڭ چىرايىغا قاراپ چېكىتتەك قېتىپ قالغان ئىدى. ھەيدەر ئالتە قولنىڭ ئوڭ تەرەپ بېقىنىدىن ئاققان قانلار بولدۇقلاپ ئېقىشتىن توختاپ قېلىۋاتاتتى.
ئەسلىدە ھەيدەر ئالتە قول كونسۇل كوچىسىدىكى رۇس تاماقخانىسىدىن قايتىپ چىقىۋاتقان بىر رۇس ئايالنىڭ سومكىسىغا قول سېلىپ پورتمالنى ئۇڭۇشلۇق سۇغۇرۇپ ئون-نەچچە قەدەم نېرىسىغا بارا-بارماي كەينىدىن ئۇنىڭ ئىرى كۆرۈپ قېلىپ يېنىدىن بىر تال ناگاننى چىقىرىپلا ئۇنىڭ كەينىدىن ئوق ئۈزگەن ئىدى، ئوق ئۇنىڭ بەل قىسمىدىن تىشىپ كىرىپ ئالدى تەرىپىدىن چىكەتكەن، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ جىگىرى ئېغىر دەرىجىدە يېرىلىپ كەتكەچكە نەخ مەيداندىلا بىھوش بولۇپ يېقىلغان، بۇ ئەركىشى ئەسلىدە يۇقىرى دەرىجىلىك رۇس ھەربىي ئەمەلدار بولۇپ ھەيدەر ئالتە قولنى ئېتىۋەتكەندىن كېيىن ئايالىنى بېقىنىغا قىستۇرۇپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بۇ يەردىن قايتىپ كەتكەن.
- تىللاخان ئۇنى دوختۇرغا ئاپىرايلى، تىز بولغىن! – دېدى پاششاخان ھەيدەر ئالتە قولنىڭ بىلىنەر-بىلىنمەس تىنىق ئېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ.
- پاششاخان، ھەممە ئىش تۈگىدى، بايام دوختۇردىن بىرسى كۆرۈپ بولدى...- تىللا تونۇر گېپىنىڭ ئايىغىنى دىمىدى.
- دۇختۇر...دۇختۇر نېمە دېدى؟
- ئۇق ئۇنىڭ جىگىرىنى يېرىۋېتىپتۇ، دوختۇرغا ئاپارغاننىڭ پايدىسى يوقكەن،- تىللا تونۇرنىڭ كۈزى يەنىلا دوستىنىڭ چىرايىدا توختاپ تۇراتتى،- ھەيدەر ئۇيەرگە بارغىلى ئۇنىمىدى...
شۇ چاغدا ھەيدەر ئالتە قولنىڭ پۇت-قۇلى تىتىرەشكە باشلىدى، ئۇ سەكرات ئازابى تارتىۋاتاتتى، تىللا تونۇر ئۇنى تېخمۇ چىڭ قۇچاقلىۋالدى، ئەتراپتا قاراپ تۇرغان كىشىلەرنىڭ كۈزى ياشقا تولدى، ئۇلارنىڭ ئارسىدىن ياشتا چوڭراق بىرى پىيالىدە سۇ ئەكىلىپ ئايەت ئۇقۇپ سۈفلىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئېغىزىغا تېمىتىشقا باشلىدى.
ئۇ بارلىق كۈچىنى يېغىپ كۈزىنى ئاستا ئاچتى، تىللا تونۇر بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتى.
- تىللاخان...مىنىڭ...بەكلا...ئۇيقۇم...كىلىۋاتىدۇ...- دېدى ھەيدەر ئالتە قول ناھايىتى پەس ئاۋازدا ئۆزىنى قۇچاغلاپ تۇرغان تىللا تۇنۇرغا قانمىغاندەك قاراپ.
- ئۇخلىغىن ھەيدەربەگ، مەن يېنىڭدا...- تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە مۆللىدە ياش كەلدى.
- تىللاخان...يانچۇقۇمدا...بۈگۈنكى...پۇللار بار...ئاخشام...بەك توڭدۇم...سىلەرمۇ توڭدۇڭلار...بۇنىڭغا ...كۆمۈر...ئالايلى...
- ماقۇل...ھەيدەربەگ...بۈگۈن چوقۇم كۆمۈر ئالىمىز...
تىللا تونۇرنىڭ كۆزىدىن ياش تاراملاپ كەتتى.
- مەن...توڭلاپ ...كەتتىم...مەشكە...كۆمۈر سالدىڭمۇ؟
- شۇنداق، كۆمۈر...كۆمۈر سالدىم ھەيدەربەگ...
- شۇنداق...مەن ...ئىسسىقلاپ...كەتتىم...بىزنىڭ ئاخىرى مېشىمىز بار بولدى...
كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرغان پاششاخان چاپىنىنى سېلىپ قان ئىچىدە مىلىنىپ ياتقان ھەيدەر ئالتە قولغا يېپىپ قۇيۇپ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقتى.
- تىللاخان...قۇسۇغۇم...بەك...ئېچىپ كەتتى...
ھەيدەر ئالتە قول گېپىنىڭ ئايىغىنى دېمەكچى بولۇپ كۈچەپ باقتى ئەمما ئېغىزىنى مىدىرلىتالمىدى، ئۇ كۈزىنى راسا بىر يۇغان ئاچتى-دە بېشىنى بىر يانغا تاشلىۋەتتى، كەچ كۈزنىڭ سۇغۇق شامىلى كوچا بۇيىدىكى قېرى دەرەخنىڭ ئۇچىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تال سېرىق يوپۇرماقنى بېغىشىدىن يىنىك ئاجرىتىپ كۈزى ئۇچۇق كەتكەن ھەيدەربەگنىڭ يۈزىگە ئۇچۇرۇپ ئەكىلىپ قوندۇردى... كىشىلەر ھۆڭرەپ يىغلاشتى...

*         *         *         *         *         *         *
جامائەت ھەيدەربەگنىڭ يىتىم بالا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۈشمۈ-تۆشتىن ئۇنىڭغا ياردەم قۇلىنى سۇندى، بەزەنلىرى ئۇنىڭ يەرلىكىنى كولاشقا كىتىدىغان چىقىمنى كۆتۈرۈشتى، بەزەنلىرى ئۇنى يۇيۇپ تارىدى، بەزەنلىرى خام-ماتالارنى سۇندى، شۇنداق قىلىپ ئەتىسى ناماز بامداتتىن كېيىن ئۇنىڭ نامىزى ئۇقۇلۇپ مېيىتى مۇساپىرلار مازىرىغا قۇيۇلدى.
قەبرىگە يەتتە كەتمەن تۇپا تاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن چوڭلار دۇئالارنى قىلىشىپ قايتىشتى. تۇپراق بېشىدا تىللا تونۇر قاتارلىق بىر قانچە بالا يۈكۈنگەن پېتى پاششاخاننىڭ قىرائىتىنى تىڭشاپ ئولتۇراتتى، پاششاخان بالىلارچە زىل ئاۋازى بىلەن سۈرە ياسىننى شۇنداق مۇڭلۇق قىرائەت قىلدىكى قەبرە بېشىدىن يىراقتىكى يۇلغۇنلۇقتا چۇرۇقلىشىپ سايراۋاتقان قۇشلارمۇ ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدىن تەسىرلەنگەندەك تىمتاس بولۇشۇپ قىرائەتنى تىڭشاۋاتاتتى.
تىللا تونۇردەك خۇدا-رەسۇلغا قىزىقمايدىغان، ئۆمرىدە كەلىمە تەمجىدنى ئېغىزىغا ئېلىپ باقمىغان، باغرى تاش بۇ بالىمۇ پاششاخاننىڭ يىغلامسىراپ ئۇقۇغان بۇ يېقىملىق قىرائىتىدىن قەلبى لەرزىگە كىلىپ كۆزىدىن توختىماي مۇسىبەت يېشىنى ئاققۇزماقتا ئىدى.
پاششاخان ئۇزۇن دۇئالارنى قىلدى، بالىلارمۇ ئۇنى دوراپ دۇئاغا قول كۈتۈرۈشنى. ئۇلار تۇپراق بېشىدىن يېنىپ مەيۈسلەنگەن ھالدا كونا خۇمدانلىقتىكى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان تاشلاندۇق ئۆيگە كېلىشتى.
بۇ ئۆي بەك كونا ھەم چوڭ ئىدى، ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇيۇلغان مايماق مەش قارىماققا بۇلارنى قىشتىن چىقىرالايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، لېكىن بالىلار نەچچە يىلدىن بىرى مۇشۇنداق تۇرمۇشقا كۈنۈپ كەتكەچكە بۇ ئۇلارنىڭ خىيالىغا كىرمەيتتى. قۇياش نەيزە بۇيى كۈتۈرۈلدى، بالىلارنىڭ «بازار ئوينايدىغان» ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغان ئىدى. بالىلار شۇك بولۇپ قالغان تىللا تۇنۇرغا قارىدى، تىللا تۇنۇرغا دوستى ھەيدەربەگنىڭ ئۆلۈمى بەكلا ئېغىر كەلگەن بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە مېيىت ئۇزىتىشنىڭ قائىدە-مۇراسىملىرىنى ئوبدان بىلمىگەچكە ئۇ بۈگۈن بازارغا چىقىش-چىقماسلىققا بىرنىمە دىيەلمەي يېنىدا تۇرغان پاششاخانغا قارىدى. پاششاخانمۇ بۇ خىل قائىدە –يوسۇنلارغا پىششىق بولمىغاچقا باشتا بىردەم جىم بولۇپ قېلىپ ئاندىن تىللا تۇنۇرغا قاراپ ئېيتتى:
- تىللاخان، بولغۇلۇق بولدى، مەن ساڭا بىر گەپنى ئۇزۇندىن بىرى ئېيتالماي كەلگەن، بىز ئەمدى «بازار ئوينايدىغان» بۇ ئىشتىن قول ئۈزەيلى! – بالىلار پاششاخاننىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيران بولۇپ بىر-بىرىگە ئەجەبلىنىپ قاراشتى.
- سىلەر ھەممىڭلار كۆردۈڭلار، - سۈزىنى داۋاملاشتۇردى پاششاخان- رۇسلار كوچا-كويلاردا پاتماي يۈرۈيدۇ، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز بولسا ئەكسىچە ئۆز مەھەللىسىدە ئۆزى قىسىلىپ يۈرمەكتە، بىنا-سارايلارنىڭ ھەممىسى رۇسلارنىڭ قۇلىغا ئۆتۈپ بولدى، بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلايدىغان ئىشلەمچىلەرگە ئايلاندى، بىز يەنە مۇشۇ بىچارىلەرنىڭ يانچۇقىغا قول سۇنساق، ئۇلارنىڭ باللىرى يەنە بىزدەك كۇچا –كويلارغا چىقىپ قالماسمۇ، مېنىڭچە ھەيدەربەگنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى بولسۇن دېسەك بۇ ئىشتىن بالدۇرراق قول ئۈزەيلى!
تىللا تونۇر پاششاخانغا باشقىچە ئامراق ئىدى، ئۇنىڭغا بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇ پاششاخانغا«ئەمىسە بىز قانداق جان باقىمىز، ياخشى چارەڭ بولسا ئېيتقىن!» دىگەندەك بېشىنى كۈتۈرۈپ قارىدى.
- بۈگۈندىن باشلاپ بىزنىڭ ئۆيگە كىتەيلى، ئۆيۈم گەرچە بەك چوڭ بولمىسىمۇ بۇ ئۆيدىن ياخشى، قىشنى توڭماي چىقىرۋالىمىز، قالدى گەپنى ئۆيگە بارغاندا دىيىشەيلى.
پاششاخاننىڭ سۆزى بالىلارغا بەك ياقتى، چۈنكى بالىلار ئۇنى بەك قابىلىيەتلىك دەپ بىلەتتى، ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ياخشى بىر يولغا باشلاپ ماڭالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى، شۇڭا ئۇلار ئۈمىد بىلەن تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە قارىدى.
- بۇپتۇ، پاششاخاننىڭ دىگىنىدەك بولسۇن، نەرسىلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈيىگە بارايلى! – دېدى تىللا تونۇر پاششاخانغا ئىشىنىش نەزىرى بىلەن قاراپ.
بالىلار ھاينى-ھۇيت دىگۈچە يىرتىلىپ مازلىرى كۆرۈنۈپ قالغان يۇتقان – كۆرپىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بارچە لاققۇ-لۇققۇلىرىنى بىر چاقىسىنىڭ كامىرى يوق كونا بىر قول ھارۋىسىغا بېسىپ تەييار بولدى.
ئۇلار ئۇزۇنغا قالماي پاششاخاننىڭ ئۈيىگە يىتىپ كەلدى، ئۆي جەمئىي ئۈچ ئېغىز بولۇپ پاششاخان ئۇلارنى ئاۋۋال مېھمانخانىسىغا باشلىدى، ئۇلار بۇ ئۈيىگە كىرىپ كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى، تامنىڭ بىر تەرىپىگە قۇيۇلغان ئۇزۇن كىتاب جازىسىنىڭ ئىچى لىق كىتاپلار بىلەن تولغان ئىدى، سۇپىغا سېلىنغان زىلچا-گىلەملەر ئۆينىڭ پاكىزلىقىغا ماسلىشىپ كىشىگە بىرخىل ئازادىلىكنى، مېھرى-ئىسسىقلىقنى ھېس قىلدۇراتتى. بالىلار بۇلارنى كۆرۈپ ئۈزلىرىنىڭ تۇرقىدىن خىجىل بولۇشتى، بەزەنلىرى ئايغىدىن چىقىپ قالغان پۇتنىڭ بارماقلىرىنى ئاستا تىقىۋېلىشتى، بەزەنلىرى يىرتىلىپ كەتكەن تامباللىرىدىن چىقىپ قالغان تىزلىرىنى، بەزەنلىرى ئاغلىرىنى يۆگەشتى...
پاششاخان بالىلارنى باشلاپ ئۆزىنىڭ ھۇجرىسىنى ئاندىن ئاشخانىسىنى كۆرسەتتى. ئاشخانا بىلەن مۇنچا ئۆي ئوتتۇرىسىدىن تام بىلەن ئايرىلغان بولۇپ بالىلار مۇنچىنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ ھاڭ-تاڭ قالدى، مۇنچا خۇددى شەھەردىكى چوڭ ھامماملارغا ئوخشاش ناھايىتى ئۆلچەملىك ياسالغان بولۇپ چىلىشىپ يۇيۇنىدىغانغا پار-پۇر چاق-چۇقتىن ياسالغان ئىككى داس قۇيۇلغان ئىدى، بۇنداق چاق-چۇق داسنى شەھەردىكى كاتتا بايلارنىڭ ئۆيىدىنمۇ تاپقىلى بولمايتتى. بالىلار ھەيران بولۇشۇپ پاششاخانغا قارىدى.
- بۇلارنى ئانام تەييار قىلدۇرغان، بىرىنى ئانام ئىشلىتەتتى، بىرىنى مەخسۇس مەن ئىشلىتەتتىم... – دېدى پاششاخان بالىلارغا قاراپ – ئەمدى سۇ ئىسسىتىپ ھەممىڭلار نۆۋەت بىلەن ماۋۇ بىر داستا يۇيۇنىڭلار، ئاندىن بازارغا چىقىپ نەرسە سېتىۋالىمىز!
بالىلار ھە-ھۇ دىيىشىپ بىردەمدە مەشكە ئوت قالاپ سۇ ئىسسىتىپ نۆۋەت بىلەن يۇيۇنۇشقا باشلىدى. تىللا تونۇر پاششاخاننىڭ بۇ ھەشەمەتلىك ئۈيىگە قاراپ كۆز ئالدىدىكى بۇ ئىشلارنى تازا چۈشىنەلمىدى.
- پاششاخان، ئۆيۈڭنىڭ بۇنداق كاتتا ئىكەنلىكىنى ئويلىماپتىمەن، بايام بالىلارنى بۇ بىر داستىلا يۇيۇنىڭلار دېگەن ئىدىڭ، سەۋەبىنى دەپ بەرگىنە؟- دېدى تىللا تونۇر پاششاخانغا چۈشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ.
- ئانام كىچىك چېغىمدىن باشلاپ شۇنداق ئۆگەتكەن، ئۇ ھەر قېتىم يۇيۇنىدىغان سۈيۈمگە ئالتۇن تىللادىن بىرنى تاشلاپ قۇياتتى ھەمدە بۇ داسنى پەقەت سەن ئۆزۈڭ ئىشلىتىسەن دەپ ئەركىلىتەتتى، ئانامنىڭ روھى قورۇنمىسۇن دەيمەن...
- سەن ماڭا ئۆزۈڭ توغرىلىق ھېچنىمە دەپ بەرمىدىڭ، قارىغىنا نىمانچە سىرلىق بالا سەن؟
- سەن چوڭ بولغاندا قالدى گەپنى دەپ بىرىمەن، بۇ مىنىڭ ئانامغا بەرگەن ۋەدەم، ئاڭغىچە سەن سورىمىغىن، مەنمۇ ئېيتماي ...
- بۇپتۇ پاششاخان مەن سورىماي، ئەمدى نېمە ئىش قىلىمىز، پىلانىڭنى دىگىنە؟
- قارىسام بالىلارنىڭ يوتقان-كۆرپىلىرى، كىيىم-كىچەكلىرى بەك كونىراپ كىتىپتۇ، ئالدى بىلەن بۇلارنى ئالماشتۇرىۋىتەيلى، ئاندىن ئويلاپ قالدىم، بىرە تىجارەت يولىنى تۇتساق قانداق بۇلار؟
- نېمە دەيدىغانسەن پاششاخان! بىزنىڭ ئۈنچىلىك دەسمايىمىز بولمىسا، يەنە كىلىپ بىزنىڭ ئوغرىلىق قىلىشتىن باشقا ھۆنىرىمىز بولمىسا قانداق تىجارەت قىلىمىز؟
- دەسمايىدىن غەم قىلما، پەقەت سىلەر گىپىمگە كىرسەڭلار، بىز ئىشنى قايتىدىن باشلىيالايمىز!
تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە پاششاخان تېخىمۇ سىرلىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
- مۇنداق قىلايلى پاششاخان، بالىلار يۇيۇنۇپ بولسۇن، سەن ياشتىمۇ كۈچتىمۇ بىزنىڭ ئالدىمىزدا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن تولا كىتاب ئۇقۇيسىكەن، مۇئەللىمدەكلا گەپ قىلىدىكەنسەن شۇڭا سەن بىزگە ئاتامان بول، بىز سىنىڭ سىزىقىڭ بويىچە ماڭايلى، بالىلار بەكلا چاپتىكەش، ئۇلارغا مەن دەي بولمىسا ئىككى كۈندە ئۆيۈڭنى خارابىگە ئايلاندۇرۋېتىدۇ، قانداق؟
- مەن ئاتامان بولسام سىنىڭ ئاچچىغىڭ كەلمەمدۇ؟ - پاششاخان تىللا تونۇرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى.
تىللا تونۇر بۇ گەپنى چىن دىلىدىن ئېيتىۋاتقاچقا ئۇنىڭ چىرايىدا قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى.
- مەن ئىككىنچى ئاتامان بۇلاي، ماڭا خەت ئۇقۇشنى ئۆگەتكىن، ئەتتىگەن تۇپراق بېشىدا ئۇقۇغان قىرائىتىڭنى ماڭا ئۈگىتىپ قويغىن، بەك يېقىملىق ئىكەن...
پاششاخان كۈلۈپ كەتتى.
- بۇپتۇ شۇنداق بولسۇن، بىز قائىدە بېكىتىپ تۈزۈم ئىچىدە ياشايلى، ئەتىدىن باشلاپ مەن سىلەرگە ناماز ئۇقۇشنى ئۆگىتەي، كۈندە ۋاقىت چىقىرىپ بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساۋادىنى چىقىرايلى، بۇ ئاسان گەپ، كېيىن بالىلارغا كىتاب ئوقۇش ۋەزىپىسى قۇيايلى، ئانام دائىم «مەكتەپ تەربىيسى ئالالمىغان ئادەم-ئادەم ئەمەس، مەكتەپكە كىرەلمىگەن ئادەم كىتاب ئۇقۇشنى ئۆزىگە ئۈچ ۋاق غىزا يىگەندەك ئادەت قىلىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا تىرىلگەندە ئاللاھنىڭ ئالدىدا كۈزى كور بولۇپ قۇپىدۇ» دەيتتى، دوستلىرىڭ گەپ ئاڭلامۇ تىللاخان؟
- ئۇنىڭدا چاتاق يوق، بالىلار گىپىمنى ئاڭلايدۇ، شۇغىنىسى بۇلارنىڭ چىقىمىنى قانداق قىلىپ تۈزلەرمىز؟
- ئەمدى بۇنى دىيىشەيلى، مەن ئىشلىگەن يەردە ئىشچى كەم ئەمەس، ئۇ يەرگە ئادەم ئالمايدۇ، قارىسام شەھەردە ئىككى خىل ئىشتا ئادەم قىسكەن بىرى گېزىت ساتىدىغان ئىش يەنە بىرى ئاياغ مايلايدىغان كەسىپتە، بالىلارنىڭ ئايىغى يىنىك، چۈشتىن بۇرۇن گېزىتنى كۇچا-كويلاردا توۋلاپ يۈرۈپ ساتايلى چۈشتىن كېيىن مۇقىم بىر يەردە ئولتۇرۇپ گېزىت ساتقاچ مايلامچىلىق قىلايلى، مەن ھىساپلاپ باقتىم، بىز ھەرگىز زىيان تارتمايمىز،سىنىڭچە قانداق؟
- نېمە دىسەڭ شۇ، مىنىڭ ساڭا دەيدىغان يەنە بىر گېپىم بار ئىدى، دەيمۇ؟
- ئېيتە!
تىللا تونۇر ھۇجرىنىڭ ئىشىگىنى يېپىۋەتتى.
- گېپىمنىڭ بىرى ئىككىمىز ھەقىيقى ئاكا-ئۇكا بولۇشايلى، سەن ماڭا ئاكا بول، ئۆلسەكمۇ تەڭ ئۆلەيلى، بۇنىڭغا ماقۇل دەمسەن؟
- ئىككىنچىسىچۇ؟
- ئالدى بىلەن گىپىمگە جاۋاب بەر قالغىنىنى ئاندىن دەيمەن!
- بولىدۇ، ھازىر ھەر ئىككىلىمىز يۇيۇنۇپ چىقىپ قۇرئان تۇتۇشۇپ ئاللاھ يۇلىدا ئاكا-ئۇكا بولۇشايلى، ئەمدى قالغان گەپنى دىگىنە!
- گىپىمىزگەپ ئەمىسە، يەنە بىرى....
- دىگىنە ئادەمنى تەقەززا قىلماي!
- ھەيدەربەگنى ئېتىۋەتكەن رۇسنى ئۆلتۈرۈۋېتەي دەيمەن!
پاششاخان ئۇنىڭ پوچىلىق بىلەن گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى بىراق بۇ قېتىم ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن بىرخىل سەمىمىيلىك چىقىپ تۇراتتى، پاششاخان ئېھتىيات قىلغاندەك ئىككى يانغا قارىۋېتىپ بېشىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ پىسىرلاپ گەپ قىلدى:
- كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ تىللاخان، مەنمۇ شۇنى دەي دەپ تۇرغان، بىزنىڭ قولىمىزدىن كېلىدۇ، بۇ بەكلا خەتەرلىك ئىش ھازىرچە ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى مەخپىيەتلىك بولسۇن ھېچكىمگە تىنمايلى، مىنىڭ ئېغىزىمغا قارىغىن، بىز چوقۇم ھەيدەر بەگنىڭ قىساسىنى ئالىمىز!
ئۇلار بۇ گەپلەرنى دىيىشىپ ناھايىتى خۇشال بولۇشتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ چىقىشىپ پاششاخاننىڭ ھۇجرىسىدا ئىككىيلەن ئايرىم جەينامازدا ئولتۇرۇشۇپ پەس ئاۋازدا قۇرئاننى قۇچاغلاپ تۇرۇپ ئاكا-ئۇكا بولۇشتى.
تىللا تونۇر بالىلارنى يېغىپ مىھمانخانا ئۆيدە قىسقا يېغىن ئاچتى.
- بالىلار! بىز بۈگۈندىن باشلاپ باشقىچە ئۇسۇلدا كۈن ئۆتكۈزىمىز، بۇندىن كېيىن ھەممىز قائىدە –تۈزۈمدە ياشايمىز، تۈزۈمنى ئاكام پاششاخان چىقىرىدۇ، ئۇ بۇندىن كېيىن بىزنىڭ باش ئاتامىنىمىز بولىدۇ، ھەممەيلەن ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك، ئاڭلىمىغانلارنى ئۆزەم كونا قائىدە بويىچە جازالاشتىن سىرىت قوشۇندىن ھەيدەپ چىقىرىمەن، ئاڭلىدىڭلارمۇ؟
- ئاڭلىدۇق!
بالىلار ئۈنلۈك ئاۋازدا تەڭ توۋلاپ جاۋاب بەردى.
- ئەمىسە قالدى گەپنى ئاكام دىسۇن! – دېدى تىللا تونۇر پاششاخانغا كۈلۈپ قاراپ.
- شۇنداق بولسۇن بالىلار، بىز ئەمدى تۈزۈمگە كۆنىمىشىز كېرەك، باشتا ھەممىڭلارغا ئېغىر كېلىدۇ، كېيىن ھەممىمىز بۇنىڭغا كۈنۈپ كىتىمىز، گېپىمىز گەپمۇ؟
- گېپىمىز گەپ پاششاخان! – دېدى بالىلار جۇشقۇن ئاۋازدا.
- بىرىنچىدىن ھەر قانداق كىشىنىڭ نەرسە-كىرەكلىرىنى ئوغرىلىمايمىز، بىر-بىرىمىزنى لەقەم بىلەن ئاتىمايمىز، بىز گەرچە يىتىم بولساقمۇ ئادەم بالىسى! بىز ئاۋۋال ئۆزىمىزنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، بىز ھەممىمىز بۈگۈندىن باشلاپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بولدۇق، شۇڭا ئۆز ئالدىمىزغا ئىختىيارى ھەرىكەت قىلمايمىز، چۈشەندىڭلارمۇ؟ – بالىلار خۇددى كىچىك ئەسكەرلەردەك پاششاخاننىڭ ھەر بىر سۆزىگە بېشىنى لىڭىشتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈۋاتاتتى- ئىككىنچىدىن......
پاششاخان بۇ تۈزۈملەرنى ئالدىن ئالا يېزىپ يادلىۋالغاندەك بىمالال ئوتتۇرىغا قويدى، بالىلار باشتىن ئاخىرى تۈزۈمگە بويسۇنىدىغانلىقىغا ئىپادە بىلدۈردى، تىللا تونۇر بىرىنچى بولۇپ يانچۇقىدىكى يېرىم بولغان سىگارىت قېپىنى چىقىرىپ يەرگە تاشلاپ پۇتى بىلەن يەنچىدى، باشقا بالىلارنىڭ يېنىدا سىگارت بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلار چوڭلارنى دوراپ تاماكا چېكەتتى شۇڭا ئۇلارمۇ ئۈزلىرىنىڭ ۋەدىسىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تىللاخان دەسسىگەن سىگارت قېپىنى تەڭ دەسسەشكە باشلىدى.
شۇنداق قىلىپ كىچىك يېغىن تۈگىدى، ئۇلار كونا قول ھارۋىسىدىكى يوتقان كۆرپە قاتارلىق نەرسىلەرنىمۇ چۈشۈرمەي بازارغا ئالدىراپ مېڭىشتى، پاششاخان ئۆزىدىن باشقا ئالتە بالىنىڭ قىشلىق كىيىم-كىچەكلىرىنى ئايغىدىن-قۇلاقچىسىغىچە يېڭىلىدى، ئاندىن يوتقان-كۆرپە ساتىدىغان جايغا بېرىپ ئالتە كىشىلىك يوتقان-كۆرپە سېتىۋالدى. كەچكە يېقىن پۈتۈن سودا تۈگىدى، بالىلارنىڭ خوش بولغىنىدىن ئاغىزى قۇلىقىغا يەتتى.
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ چىقىشىپ پاششاخاننىڭ كەينىدىن ئۇنىڭ ھەركىتىنى دوراپ شام ۋە خۇپتەن نامازلىرىنى ئۇقۇپ بولغىچە قازاندىكى ۋاراقشىپ قايناۋاتقان گۈشمۇ پىشىپ ئۈلگۈردى، ئۇلار قورسىقىنى راسا تويغۇزغاندىن كېيىن ئۆمرىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز بۇ خۇشاللىق مىنۇتلاردىن ھاياجانلىنىپ خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلىشىپ ئۇخلىمىدى.
مىھمانخانا ئۆيدىكى قاتار سېلىنغان يېڭى ھەم يۇمشاق يوتقان كۆرپىلەر بالىلارنىڭ ئۇخلىمىغىنىغا ئۇنىماي ئۇلارنى شىرىن ئۇيقىغا باشلاپ كەتكەندە پاششاخان ئۆزىنىڭ ھوجرىسىدا تىللاخان بىلەن تېخىچە پاراڭلىشىپ يېتىۋاتاتتى.
- سىنى بەكلا چىقىمدار قىلىۋەتتىم، مەن ساڭا ئۆمۈر بۇيى قەرز پاششاخان! – دېدى تىللاخان دەرىزىدىن تولۇن بولۇپ كۆرۈنگەن ئايغا قارىغىنىچە .
- ئۇنداق دېمىگىن، ھېلىقى كۈنى سەن جېنىڭنى تىكىپ مىنى قۇتۇلدۇرمىغان بولساڭ، ئۇ يەكچەشمە مىنى ئاللاقاچان ئۆلتۈرۈۋەتكەن بۇلاتتى، مەن ساڭا قەرز تېخى...-دېدى پاششاخانمۇ تولۇن ئايغا قاراپ ئۇلۇق كىچىك تىنغىنىچە.
- ھەيدەر ئالتە قول ياق..ياق ھەيدەربەگ... بۇ كۈنلەرنى كۆرگەن بولسا قانچە خوش بولغان بۇلاتتى، ئۇ قايسى كۈنى ئاخشامدا تۇڭۇپ كېتىپ زادى ئۇخلىيالمىغان ئىدى ئۇ مەندىن بىز قاچانمۇ ئىسسىق يوتقاندا راھەت بىر يېتىپ باقارمىز دەپ سورىغان ئىدى، بىچارە...ئۇنىڭغا بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ...
تىللاخان سۆزلىۋېتىپ كۆزىگە ياش ئالدى.
- ئادەم دېگەن ھۆل نەرسە تىللاخان، بىز ئەتتىگەن بىر قېرىندىشىمىزنى يەرگە كۆمۈپ قويدۇق، كەچتە بولسا يەنە كۈلۈشۈپ تاماق يىدۇق، بىز تېخى ئۈلۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلمەيمىز، ئىچىڭگە بەك ئېلىپ كەتمىگىن...
- تۈنۈگۈنكى مەيداندا بىر قانچەيلەن ئۇ ئەبلەخنى تۇنىۋاپتىكەن،ئۇلار ئۇنىڭ چوڭ ھەربىي باشلىق ئىكەنلىكىنى، تۈركمەنىستاننىڭ پۈتۈن پاختىلىرىنى ئاشۇنىڭ سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىشتى.
- پاختىلارنى...ئۇ ھەربىي تۇرۇپ پاختا بىلەن ھەپىلىشەمدىكەن؟- پاششاخان جىددى بۇرۇلۇپ تىللاخاندىن سورىدى.
- ئۇلارنىڭ دىيىشىچە پاختا شىركىتى نامدا ھۆكۈمەتنىڭ بولغان بىلەن ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ئەبلەخنىڭ ئىكەن، ئۇلار ئۇنى بىلىدىكەن، سىنىڭچە ئۇنى پاش قىلغاننىڭ پايدىسى بۇلارمۇ؟
- ياق تىللاخان، پاش قىلغاننىڭ پايدىسى يوق، ئۇلارنىڭ رادىئودا ئېيتقانلىرى پۈتۈنلەي يالغان، ئۇلار خەقنى شۇنداق دەپ ئالدايدۇ، ساقچى ئىدارىسىمۇ رۇسلارنىڭ قۇلىدا، ناۋادا ئۇ ھەربىي بولسا ئۇنىڭ بىر بالىنى ئېتىۋېتىشى ھېچقانچە ئىش ئەمەس، ئۇ پۈتۈن شەھەر خەلقىنى ئېتىۋاتسىمۇ ھېچكىم ئۇنى سورىمايدۇ...
- دىگىنىڭغۇ راستمىكىن دەيمەن، بۇ بازارغا مەسئۇل ساقچىلارنىڭ باشلىقى ئەتىدىن كەچكىچە ۋوتكا ئىچىپ يۈرۈيدىغان زابوي بىر رۇس ئىدى، ئۇ مەندىن ھەپتىدە بىر پۇل ئالاتتى، بەرگىنىمنى ئاز-جىق دىمەي يانچۇقىغا سېلىپ بىزنى كۆرمەسكە سالاتتى، بۇ مەخپىيەتلىكنى بۈگۈن ساڭا دەپ سالدىم...قانداق قىلساق بۇلار، كاللامدا ئۆچ ئېلىشتىن بىلەك خىيال يوق.
- كاللامغا بىر ئامال كەلدى، ھازىرچە مۇشۇنى بولسىمۇ قىلىپ باقايلى تىللاخان!
- مىنى قاچان ئۇكام دەرسەن، قۇرئاننىڭ ئالدىدا يامان بولمامدۇ؟ دىگىنە قانداق ئامال ئۇ پاششاخان؟
- قۇرئاننىڭ ئالدىدا ئەمەس ئاللاھنىڭ ئالدىدا دېگىن ئۇكام، سەنمۇ پاششاخان دىمەي ئاكا دىگىنە مۇنداق!
ئۇلار كۈلۈشكىنىچە قۇلاقلىرىغا پىسىرلىشىپ تاپقان ئامالىدىن خوش بولۇشۇپ ئۇخلاپ قېلىشتى.
ئەتىسى ئەتتىگەن ناماز بامداتنىڭ بىرىنچى ئەزانىدا پاششاخان ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانخانىدىكى تۈنۈگۈن كەچ قويغان مەشنىڭ كۈلىسىنى ئېلىپ ئوت قالاشقا باشلىدى، تىللا تونۇر ئۇنىڭ بۇنچە سەھەر تۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، ئۇ پاششاخاننىڭ بالىلار ياتقان ئۆيدە نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن يېڭى چاپىنىنى يېپىنچاقلىغىنىچە مېھمانخانىغا چىقتى.
- بۇنچە سەھەردە نېمە قىلىۋاتىسەن ئاكا؟ - دېدى تىللاخان مەشتىكى ئوتنى پۈۋلەۋاتقان پاششاخانغا قاراپ.
- پەس گەپ قىل، ئۇلار ئويغۇنۇپ كەتمىسۇن! – دېدى پاششاخان ئاۋازىنى پەسلەپ.
- ھە بىلدىم، سەن ھەركۈنى مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئورنۇڭدىن تۇرامسەن؟- دېدى تىللاخان ئاۋازىنى پەسلەپ پاششاخاننىڭ يېنىغا دوڭغىيىپ كىلىپ.
- شۇنداق، مەن تۇغۇلۇشۇمدىلا ئانام مىنى باش ئەزاندا ئويغىتىپ كۆندۈرۈپتىكەن، ئەقلىمگە كەلگەندىن بىرى بۇ ماڭا ئادەت بولۇپ كىتىگلىك، مەن ئەزەن ئاۋازى چىقمىسىمۇ مۇشۇ چاغدا ئويغىنىپ كىتىمەن.
- توۋۋا...بىز كۈن چىققۇچە ئۇخلاپ كۈنۈپ كىتىپتىكەنمىز، مۇسۇلمان بولماق شۇنچە جاپا ئىشكىنا، بۇندىن كېيىن ھەركۈنى مۇشۇنداق چاغدا تۇرامدۇق؟
- ئەلۋەتتە، كۈن چىققۇچە ئۇخلىغانلار ئۇ دۇنيادا ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆرەلمەيدۇ، ئانام شۇنداق دېگەن، ساڭا ئېغىر كېلەمدىكەن؟
- ياق...ياق...شۇ ...ئۇيقۇمىزدىن ئويغانماق تەسكەن شۇ!
- كۈنۈپ كېتىسەن، كېيىن مەن ئويغاتمىساممۇ سەن ئۆزۈڭ بىزنى ئويغىتىدىغان بولۇپ كىتىسەن تېخى!
ئۇلار كۈلۈشۈپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىرىنى قىلىشىپ بولغىچە مەشتىكى ئوت گۆركىرەپ كۆيۈشكە باشلىدى، پاششاخان ئوتۇندا قالىغان ئوتنىڭ چوغى ئۈچۈپ بولغىچە گۈرجەكنى ئېلىپ كۆمۈرخانىغا چېكەتتى.
- ھەي باللا ! ھەي...ھەي ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار! تىز چاپسان تۇرۇڭلار! ناماز ۋاقتى بولدى ! – دېدى تىللاخان لايدەك ئۇخلاپ ياتقان بالىلارنى قۇلى بىلەن نۇقۇپ ئويغىتىپ.
بالىلار ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاش ئۇياقتا تۇرسۇن بىر بىرىگە پۇتىنى ئارتىشىپ تېخىمۇ ئۇيقىغا كېتىۋاتاتتى. تالادىن كىرگەن پاششاخان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۈلۈپ كەتتى.
- ھەي بولدى ئويغاتمىغىنا، بۈگۈن دەسلەپكى كۈنى بالىلار قانغۇچە ئۇخلىۋالسۇن، ناماز ۋاقتىغا يېقىن ئويغىتايلى! – پاششاخان شۇنداق دىگەچ گۈرجەكتىكى كۆمۈرنى مەشكە شارقىرىتىپ سالدى.
ناماز ۋاقتىغا يېقىن تىللاخان بالىلارنى شاپىلاقلىغانچىلىك قىلىپ بىرمۇ-بىر ئويغاتتى. بالىلار ئەسنىشىپ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ تاھارەت ئالغىلى ماڭغاندا پاششاخان ئۇلارغا تاھارەت ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەپسىلى ئۈگەتتى، شۇنداق قىلىپ يەتتە بالا دەسلەپكى كۈنى مەسچىتكە چىقماي ئۆيدە ناماز ئوقۇيدىغان بولۇپ جەينىمازلىرىنى سېلىشىپ نامازغا تۇردى، پاششاخان سۈننەت نامىزىنى ئۆزىگە قاراپ ئۇقۇشنى بۇيرۇپ ناماز ئۇقۇۋاتقاندا بالىلار جەينامازدا تۇرۇپ بىر-بىرىنىڭ ھەركىتىدىن كۈلۈشۈپ كۈلكىسىنى توختىتالمىدى، پاششاخانمۇ ئۇلارنىڭ كۈلگىنىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ سېلىپ نامىزىنى بۇزۇپ سالدى.
- ھەي بالىلار! ئا....ھاي ! بۇ بولمىدى، ئەستاخپۇرۇللاھ شەيتان! – پاششاخان بالىلارغا قاراپ تەنبىھ بىلەن ئېيتتى- بۇنداق قىلساق يامان بولىدۇ، بۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس!
بالىلار پاششاخاننىڭ قاپاق تۈرگىنىدىن كۈلكىسىنى توختاتتى، تىللاخان ئاغىزىغا كەلگەن كۈلكىنى يۇتىۋېتىپ بالىلارغا تېخىمۇ ئۈنلۈك ۋاقىردى:
-        باشتا كۈلگەن قايسىڭ؟ يەنە مۇشۇنداق ئىش بولسا كونا خۇمدىنىڭغا قايتىشىسەن!
بالىلار جىم بۇلۇشتى، مۇشۇ تاپتا پاششاخاننىڭ ئۆزىنىمۇ كۈلكە تۇتىۋالغان ئىدى.
-        بولدى بالىلار بۈگۈن جىم ئولتۇرۇپ مىنىڭ نامازئۇقۇغۇنىمنى كۈرۈڭلار! بىز ئىككى ھەپتىگىچە ئەتتىگىنى مەسچىتكە چىقماي ئۈيدە ئۇقۇيلى، بۇ ھالىڭلار بىلەن مەسچىتتە چوڭلار بىزنى قوغلىغۇدەك ! ئەتىدىن باشلاپ بىرىنچى ئەزاندا تۇرۇپ ناماز ئايىتىنى ئۈگۈنىمىز، تۈنۈگۈن سىلەرگە دىگەن تۈزۈم بۇيىچە نۈۋەتلىشىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇمىز، ئوت قالاش، سۇ ئىسسىتىش، ھويلا-ئارام تازىلاش، تاماق ئىتىش دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇ نۈۋەتچى قىلىدۇ، چاتاق يوقتۇ؟!
-        چاتاق يوق! – كىچىك ئەسكەرلەر يەنە تەڭ ئاۋازدا ۋاقىراشتى.
شۇنداق قىلىپ پاششاخان بۈگۈنكى ناماز ۋاقتىدا ئۇلارغا زىرىكمەي نامازنىڭ ھەركەتلىرىنى ۋە تاھارەت ئېلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تۇلۇق ئۈگىتىپ چىقتى، ئاندىن ئۇلارغا بىرمۇ-بىر ناماز ھەركەتلىرىنى قىلغىلى سالدى...
پاششاخان بۈگۈن ئىشقا بارمىدى، ئۇ بالىلار بىلەن ناشتىلىق قىلىپ بولغاندى كېيىن تۈنۈگۈن سېتىۋالغان دەپتەر –قەلەمنى ئۇلارغا تارقىتىپ تۈركمەن تىلىنى ئۈگۈتۈشكە باشلىدى...
تۈركمەن تىلىنىڭ ھەرپلىرى ئۇنچە مۇرەككەپ ئەمەس ئىدى، ئۇ چوڭ ۋە كىچىك ھەرپ دەپ ئايرىلغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا ئالدىنىڭ ئۈچ كۈندە كەينىنىڭ ئالتە-يەتتە كۈندە ساۋادى چىقىپ بولدى، تىللاخان مۇشۇ بىر كۈندىلا كىتاپلارنى ھېجىلاپ ئۇقۇيالايدىغان دەرىجىگە باردى.
ئۇلار ھەپتىگىچە ھېچيەرگە بارماي خەت ئۇقۇش ۋە يېزىشنى ئۈگەندى، بالىلارنىڭ كۆڭلى ئاجايىپ خوشال ئىدى، ئاخشاملىرى ئۇلارنىڭ ھەر بىرى بىردىن چۆچەك كىتاپنى كۈتۈرۋېلىشىپ تىللاخان كىرىپ چىراقنى مەجبۇرى ئۈچۈرمىگىچە ياتقىلى ئۇنىمايتتى.
ئارىدىن تۆت ئاي ئۆتۈپ قەھرىتان سۇغۇقنىڭ ئورنىغا باھار پەسلى ئالماشتى، پاششاخان تۆمۈرچىلىك كارخانىسىغىمۇ بارمىدى، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بالىلارنىڭ ئۇقۇش ئىشلىرىغا بېغىشلاش بىلەن ئۆزىنىڭ كۈچ مەشىقى ۋە تىل دەرىسلىرىنى تەكرارلاشنى ئاساس قىلدى، ئۇلار پىلان بۇيىچە ھېچقانداق تىجارەت ئىشىنى باشلىمىدى، ئۇنىڭ كۈمۈگلۈك ئالتۇن تىللالىرىمۇ بارغانسىرى ئازىيىشقا باشلىدى.
پاششاخان ھەپتىدە بىر قېتىم ئۇستازى ئەكبەرخاننى  يوقلاپ تۇراتتى، ئەكبەرخان تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاغىزىدىن سۇ ئاقىدىغان بىر خىل يامان كىسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى، ئەكبەرخان كۈندىن – كۈنگە سىزىپ كىتىۋاتاتتى.
نەۋرۇز ئۆتۈپ شاپتۇل چىچىكى ئېچىلغان كۈنلەرنىڭ بىر ئەتتىگنىدە پاششاخان قاتارلىق يەتتە بالا مەسچىتكە بامدات نامىزى ئۇقۇغىلى چىقىپ شەھەرنىڭ شىمالى قۇۋۇقتىكى ئاق تام مەسچىتىدە ئەكبەرخاننىڭ نامىزىنىڭ چىقىرىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدى، پاششاخان يۈگۈرگىنىچە بالىلارنى باشلاپ بېرىپ ئەكبەرخاننىڭ مېيىتىنى تۇپراق بېشىغىچە ئۇزاتتى.
ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بالىلار ئۆزىنىڭ خىزمەت تەخسىماتى بۇيىچە ئىشقا مېڭىشىپ كەتتى، بۇلار گىزىت ساتىدىغان ۋە مايلامچىلىق قىلىدىغان تىجارەتنى نەۋرۇز كۈنىدىن باشلاپ قىلىشقا باشلىغان ئىدى، گېزىت ساتىدىغان ئىش باشتا دىگۈدەك ئېقىپ كەتمىدى، پاششاخان بۇنىڭغا قارىتا «خەۋەرنى كۆپتۈرۈپ تەشۋىقات قىلىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇراشقا ماھىر بۇلۇش» ئۇسۇلىنى قوللاندى، بالىلار كىچىگىدىن يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغاچقا تەشۋىقات دىگەنگە ھەزىل گەپلەرنى ئارلاشتۇرۇپ چاڭ چىقىرىۋەتتى، گېزىت ئۇقۇمايدىغان كىشىلەرمۇ بۇ بالىلارنىڭ تەشۋىقات سۈزىنى ئاڭلىسا گېزىتنى قۇلىغا ئالغۇسى كىلىدىغان بولۇپ كەتتى.
ئاياق مايلايدىغان ئىش ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ ياخشى بۇلىۋاتاتتى، شەھەر نۇپۇسى نەچچە يىل ئىچىدىلا شىددەت بىلەن ئاۋۇدى، بۇنداق بۇلىشىدىكى سەۋەب ھۈكۈمەت«سودىگەر چاقىرىش» دىگەن سىياسەتنى كۈتۈرۈپ چىقىپ ئۆز دۆلىتىدە جېنىنى ساقلىيالمىغان رۇسلارنى بۇ يەرگە كىلىپ ئىشلەشكە قىزىقتۇرۇپ زور كۈلەملىك نۇپۇس يۆتكەش ھەركىتىنى قوزغىدى. بۇ ئاققۇن رۇسلار ئىككى-ئۈچ يىلغا قالمايلا كاتتا باي ياكى كاتتا ئەمەلدارغا ئايلىنىپ بىر ئۆمۈر يېتىپ يىسىمۇ تۈگىمەيدىغان بايلىقلارغا ئىگە بۇلاتتى، مانا مۇشۇنداق يېشىل چىراقنىڭ تۆرتكىسىدە رۇسلار بۇ ئەلگە سەلدەك ئاقتى.
شەھەر نۇپۇسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى رۇسلار ئىگەللىگەچكە پاششاخان ئاياق مايلايدىغان دۇكاننى رۇسلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايدىكى ئاۋات رەستىلەرگە قۇرىدى، رۇسلار ھەقىقەتەن پۇلنى غازاڭدەك خەجلەيتتى. دۇكان ئورنى ئانچە چوڭ يەرنى ئىگەللىمىگەچكە ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەر تەرتىپىنى قوغداش ئەترىتى، تازىلىقى ئەترىتى، بازار تەرتىپىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى، باجخانا قاتارلىق ئۇرۇنلاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئايىغى كۈندە ياكى ئىككى كۈندە بىر ھەقسىز مايلىنىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئورنى مۇقىم كاپالەتكە ئىگە بولدى. پاششاخان بالىلارغا ھازىرچە گېزىت ساتىدىغان ئىشنى تاشلاپ مۇشۇ ئىشقا كۈچەشنى ئېيتتى. دىگەندەك  مايلامچىلىقنىڭ پايدىسى بەكلا ياخشى بولىۋاتاتتى.
بۇ ئەلدىكى چوڭراقى سۇ ئىنشائات، يېزا ئىگىلىك، يول –كۆۋرۈك ياساش، نىفىت تۇربىسى ياتقۇزۇشتىن باشلاپ كىچىگرەكى ئەۋرەز يوللىرىنى ئىشلەشكىچە بولغان بارلىق قۇرۇلۇشلارنى رۇسلار ئۆزى ھۆددە ئېلىپ ناھايىتى ئەرزان ئەمگەك كۈچى بولغان يەرلىك خەلقلەرنى ئىشلىتىپ ئوتتۇرىدىن غايەت زور پايدا ئالاتتى.
«دۆلەت تەۋەلىگىدىكى دىھقانلارنىڭ مەجبۇرى ئەمگەك ۋەزىپىسى بولىدۇ» دىگەن سىياسەتكە ئاساسەن بۇ ئەلدىكى دىھقانلار ھەر يىلى مەجبۇرى ئەمگەكتىن كىرمىگەنچىلىك قىلاتتى، ئۇلار بوز يەرلەرنى ئېچىپ «ۋەتەننى كۈكەرتىش» چاقىرىقىغا ئاۋاز قۇشۇپ كۈچەت سېلىپ ئورمان بىنا قىلاتتى، ئورمانلار ياشىرىپ يەرلەر تېرىلغۇغا كىرگەندىكى  بۇ يېشىل جەننەتنى رۇس ئەمەلدارلىرى  بىر كېچىدىلا «ئالتە تال تەرخەمەككە ئالتە مو يەرنى بىرەتتى» يەنى رۇس مىللىتىدىن بولغان دىھقانلارنىڭ ئاتالمىش «ئىلمىي تەرەققى قىلدۇرىشى» غا ئۆتكۈزۈپ بىرەتتى.
بۇنداق ناھاقچىلىقنى كۆرگەنلەر«غىڭ» قىلىشقىمۇ پېتىنالمايتتى، ناۋادا «غىڭ» لا قىلىپ سالدىمۇ ئۇنىڭغا ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان مىللەتچى ئونسۇر دەپ يەتتە ئەۋلادى تۈرمىگە سۇلۇناتتى.
ھۆكۈمەتتىكى ھەرقانداق تەشكىلى ئورگانلارنىڭ چوڭ بېشى رۇسلاردىن  ئاستىن قۇلى يەرلىك تۈركمەنلەردىن بۇلاتتى، ئۇلار ئاستىن قولنى تاللاشتا مۇنداق ئۇسۇلنى قوللىناتتى، ئالدى بىلەن شۇ ئورگاندىكى بىرىنچى قول رۇس رەھبەر بىر كېچىلىك بەزمە ئورۇنلاشتۇرۇپ بارلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ئەكىلىپ قاتنىشىشىنى سۇرايتتى، ۋوتكىلار ئىچىلىپ ئەرلەر ئەقلىدىن ئازغاندا بىرىنچى قول رەھبەر قول ئاستىدىكىلەرنىڭ خۇتۇنلىرىنى تانسىغا تارتىپ تانسا يېرىم بولغاندا قەستەن ئالدىدىكى ئايالغا ھاياسىزلىق قىلغاچ ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە سەپ سالاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى بۇ قىلىقسىزلىقىنى كۆرمەسكە سېلىپ چاندۇرماي ئولتۇرغان بولسا شۇ دەل ئاستىن قوللۇقنىڭ نامىزاتىغا كىرەتتى، بۇنداق تىگى پەسلەردىن كىلىپ چىققان نامزاتلار داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ رۇسلارنىڭ ۋاقىتلىق ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بۇلاتتى. ئەمىلىيەتتە بۇ ئاتالمىش سەرخىل «نامزات»لار كۈندۈزى ئۆز خەلقىگە يولۋاستەك ھۆكىرەپ شىردەك ھەيۋە قىلسا ئاخشىمى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى رۇسلارنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇلارنىڭ پۇتىنى قۇچاغلاپ «سىز بولمىغان بولسىڭىز خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنى بولمايتتى، سىز بىزنىڭ داھىمىز...سىز مىنىڭ دادام ! ئۆل دىسىڭىز ئۈلىمەن، ئوتقا كىر دىسىڭىز، ئوتقا كىرىمەن!» دەپ ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاپ كۆز يېشى قىلىپ ئۇلارنىڭ گەندە پۇرايدىغان ئايىغىنى توختىماي يالايتتى.
ئاخۇن-دىنىي زاتلار بولسا رۇسلارنىڭ بەرگەن ئىككى تال پۇلىنى دەپ ياكى بولمىسا يۇرت مەھەللىدىكى يۈز – ئابرويىنى دەپ خانىقا مەسچىتلەردە «پادىشاھنىڭ ئەمىرىگە  بويسۇنماق ۋاجىپ»«مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىش پەرىز» «ئۈچ تالاق» «تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەس،ھەممىسى ئاللاھنىڭ تەقدىرى» «قۇرئاندىن باشقىنى ئۈگەنگەنلەر جەننەتكە كىرەلمەس » دىگەن گەپلەردىن باشقىنى قىلىغىلى ئۇنىمايتتى، بۇنىڭ تۆرتكىسىدە ئازراق قول ئىلىكىدە بارلار ھەجگە بېرىشنىڭ يول خېتى ئۈچۈن بارچە بايلىقىنىڭ يېرىمىنى رۇسلارغا ئارقا ئىشىك قىلىپ ھەجگە مېڭىشاتتى، يوقسۇزچىلىقنىڭ دەردىدە سەپرا بولۇپ قالغان ياشلار يۇقىلاڭ ئىشلار ئۈچۈن ھە دىسە خوتنىنى«ئۈچ تالاق!» دەپ سۈزىنى بىرىپ ئۇششاق باللىرىنى كۇچا-كويلارغا سەرسان قىلاتتى... كىمكى بۇ ئىشلارنىڭ خاتاسىنى كۆرسەتسە پۈتۈن جامائەت ئۇنى«كاپىر، مۇناپىق، ئىسلامنىڭ دۈشمىنى!» دەپ ئارىسىغا ئالمايتتى.
تۈرمە ئوغرى-قاراقچى بىلەن ئەمەس رۇسلارنىڭ قىلغان ناھاقچىلىقىغا قارشى بىر-ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ سالغانلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن ئىدى...ئوغرى-قاراقچىلار بولسا ساقچىلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ئۆزى بەگ-ئۆزى خان بولۇپ يۈرىشەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 09:54:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                       ئونىنچى باپ:  بىنزىننىڭ كارامىتى

پاششاخان رۇسلارنىڭ پۇلىنى چەنلەپ بۇ مايلامچىلىق دۇكىنىنى مەخسۇس رۇسلارغا قارىتىپ ئاچتى، بالىلارمۇ پاششاخاندىن ئاز-تۇلا رۇس تىلى ئۈگۈنىۋالغان بولغاچقا رۇسلارغا كالدۇر-كۇلدۇر بىر نىمىلەرنى دەپ ئۇلارنى قىزىقتۇرۇپ ئاياقلىرىنى مايلاتقىلى سالاتتى. سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەن رۇسلارمۇ بالىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققىنىنى بىرەتتى.
پاششاخان بىلەن تىللاخان بۇ جەرياندا بىر تۇققان ئاكا-ئۇكىلاردەك بولۇپ كەتتى، بىرى بولمىسا يەنە بىرنىڭ گېلىدىن تاماق ئۆتمەيتتى،«مۇز ئىرىسە سۇ بولغىنىدەك» تىللاخاننىڭ كىلىپ چىقىشىمۇ پاكىزە ئائىلىدىن بولغاچقا ئۇ ناھايىتى تىزلا پاششاخانغا ماسلىشىپ كەتتى، كىتاپقا بولغان ھىرىسمەنلىكى پاششاخاندىن قېلىشمايتتى، ئۇنىڭ نامازخانلىقى بەزىدە پاششاخاننى سۈيۈندۈرەتتى.
پاششاخان گەرچە بالا بولسىمۇ رۇس تىلىغا پۇختا بولغاچقا قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىگە مۇناسىۋەتلىك رۇسچە كىتاپلارنى تۇلا كۆرۈپ مۇئەييەن بىلىمگە ئىگە بولغان ئىدى، شۇڭلاشقا ئۇ ئەتتىگەندە بالىلارنى تىجارەتكە يولغا سېلىۋېتىپ بولغاندىن كېيىن تىللاخاننى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرگە يېقىن  يىزا-سەھرالارغا چىقىپ ئاسارە-ئەتىقە يېغاتتى، كىشىلەرنىڭ ئۈيىدىكى كونا بۇيۇملارنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قىممىتى بارلارنى ئەرزان باھادا سېتىۋالاتتى.
ئاندىن ئۇلارنى ئۇدۇل رۇسلارنىڭ يېغىپ ساقلىغۇچىلىرىغا كۆرسىتىپ ئالغىنىدىن نەچچە ھەسسە يۇقىرى باھادا ساتاتتى، كەچلىكى پاششاخان بىلەن تىللاخان بىر كۈنلۈك تىجارەت ئەھۋالىنى ھىساپلاپ كىرىم-چىقىمنى قىلىپ دەپتەرنى بۇغاتتى، تىجارەت كۈندىن كۈنگە  ياخشىلىنىپ پاششاخاننىڭ سۇپا ئاستىدىكى تىللاسى شۇ پېتى قېلىپ قۇلىدىكى قەغەز پۇلى بارغانسىرى كۈپىيىشكە باشلىدى.
مانا مۇشۇنداق قىلىپ پاششاخان ئون ئالتە ياشقا كىرگۈچە توختىماي تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۈچ يىل ئىچىدىلا شەھەردىكى تۈركمەن مىللىتىدىن بولغان كاتتا بايغا ئايلاندى، ئۇنىڭ بۇنداق تىز بېيىپ كىتىشىدە ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدىكى مۇنداق  بىر ئىش ئاساسلىق سەۋەب بولغان ئىدى:
بىر كۈنى كەچتە پاششاخان بىلەن تىللاخان خۇفتەن نامىزىنى ئۇقۇپ بولۇپ ئەمدى كۈزى ئۇيقىغا بېرىشىغا تۇلۇن ئاي دەرىزىدىن ئۇلارنى مارىلاشقا باشلىدى، پاششاخان تاۋاقتەك يانغان بۇ يۇرۇق ئايغا قاراپ تۆت ئاينىڭ ئالدىدا يەنى بۇ ئۆيگە يېڭى كۈچۈپ كەلگەن كۈنى ئاخشىمى ئۇكىسى تىللاخاننىڭ قۇلىقىغا كۇسۇرلاپ ئېيتقان سۆزلىرى ئىسىگە كىلىپ ئاستا ئۆرۈلۈپ تىللاخانغا قارىدى، تىللاخانمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ ئىشنى ئويلاپ ئايغا قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ يېتىۋاتاتتى، بىراق ئۇ ئاكىسى پاششاخاننىڭ تىجارەت ئىشى بىلەن قانچىلىك جاپا تارتىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە ئۇنىڭغا بۇ توغۇرلۇق گەپ قىلىشتىن ئۇيالغان ئىدى.
-        ئۇخلىمىدىڭمۇ؟ - دېدى پاششاخان پەس ئاۋازدا كۈزىنى ئېچىپ ياتقان تىللاخانغا قاراپ.
-        ياق ئاكا، ئۇيقۇم كەلمىدى.
-        نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسەن؟
-        ھېچنىمىنى خىيال قىلمىدىم.
-        دىگىنە ئۇكام...
-        راستىنى دىسەم بۇ كۈنلەردىن بەك خۇشالمەن، بۇلار ماڭا خۇددى چۈشۈمدەكلا بىلىنىدۇ، ئويغۇنۇپ كىتىشىمدىن ئەنسىرەيمەن...
-        ئاران مۇشۇلىما؟
-        ساڭا بەك قايىلمەن، سەن ئاددى ئادەم ئەمەسكەن.
-        يەنىچۇ؟
-        يەنە...
-        ئەمىسە مەن دەپ بىرەي، نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تۇلۇن ئاي دەرىزىدىن مۇشۇنداق قاراپ تۇرغاندا مەن ساڭا نېمە دەپ ۋەدە بەرگەن؟
پاششاخان ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى گەپنى ئەينەن تېپىۋالغان ئىدى. تىللاخان كۈلگىنىچە ئۆرۈلۈپ ئاكىسى پاششاخانغا قارىدى.
-        ھە نېمە دەيسەن ئاكا؟
-        ئەمدى پۇرسەت كەلدى، ئىشلار بىر قۇر يۈرۈشتى، تەپسىلى پىلانىنى تۈزۈپ قويدۇم، ئەتە بالىلار ئۆز ئىشىغا ماڭسۇن، ئىككىمىز ھەيدەربەگنىڭ قىساسىنى ئالىمىز، قانداق؟
-        ۋاھ ئاكا، سىنىڭ مۇشۇ يەرلىرىڭنى دەيمەن ئەمەسمۇ!
تىللاخان خوشاللىقتا ئاكىسى پاشاخاننى قۇچاقلاپ كەتتى.
ئەتىسى بالىلار ئۆز ئىشىغا ماڭغاندىن كېيىن ئىككەيلەن شەھەردىكى كاتتا باي رۇسلارنىڭ دائىم كىلىپ تاماششا قىلىدىغان مۇزىكىلىق بىر رىستۇرانىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئىشىك تۈۋىدە پوزۇر ئىش كىيىمى كېيگەن ئىككى رۇس يىگىت كەلگەن مىھمانلارنى كۈتۈش-ئۇزۇتۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى، بۇ يەرگە ئاددى تۈركمەن پۇقرالىرى كىرەلمەيتتى، پەقەت تۈركمەنلەردىن بولغان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ياكى تۈركمەن بايلىرىلا كىرەلەيتتى.
پاششاخان بۇ ئەھۋاللارنى بىلگەچكە تىللاخانغا بالىلارغا ئۇبدان قاراپ قۇيۇشنى دەپ قۇيۇپ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ھېلىقى ئىككى رۇس يىگىتنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ كەتتى.
-        ھەي توختا! نەگە بارىسەن؟ - دېدى يىگىتلەرنىڭ بىرسى رۇس تىلىدا مۇشتىمىنى پاششاخانغا چىنەپ تۇرۇپ.
-        رېستۇران خۇجايىنى ماڭا ساقلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغان ئىشىم بار ئىدى. – دېدى پاششاخان ئۆلچەملىك رۇس تەلەپپۇزىدا يىگىتلەرگە دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپ.
يىگىتلەر بۇ كىچىك تۈركمەن بالىسىنىڭ رۇس تىلىغا شۇنداق پۇختىلىقىنى بىلىپ ھەيران قالدى، ئۇلار پاششاخاننى تۈركمەن ئەمەلدارلىرىنىڭ ئوغلى بولسا كىرەك دىگەننى ئويلاپ ئۇنى كىرگۈزىۋەتتى.
پاششاخان ھەشەمەتلىك بىزەلگەن رۇس تاماقخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن كىسىپ ئۆتۈپ ھىساۋات قىلىدىغان پۈكەيگە ئۇدۇل بېرىپ ئۇ يەردىكى سېمىز رۇس ئايالدىن ئۆزىنىڭ رىستۇران خۇجايىننى ئىزدەيدىغانلىقىنى كۆرۈشىدىغان مۇھىم ئىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. سېمىز ئايال ئۇنىڭ رۇس تىلىدا راۋان سۆزلىۋاتقانلىقىنى بېلىپ پاششاخاننى خۇجايىننىڭ ئىشخانىسىغا باشلاپ ئەكىردى.
خۇجايىن ئىگىز بويلۇق  پوركۈتەك رۇس بولۇپ مايلىشىپ كەتكەن چىرايىدىن  رەھىمسىزلىك چىقىپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى.
-        مەندە نېمە  ئىشىڭ باتتى يىگىت؟ - دەپ سورىدى خۇجايىن پاششاخاننىڭ چىرايىغىمۇ سەپ سالماي ئالدىدىكى ھىساۋات خاتىرسىگە بىرنىمىلەرنى يېزىۋاتقاچ.
-        مىنىڭ رىستۇرانىڭىزدا كۈتكۈچى بولۇپ ئىشلىگۈم باتتى. – دېدى پاششاخان قىلچە ھۇدۇقماستىن بېشىنى ئېگىز كۈتۈرۈپ.
خۇجايىن رۇس بالىلىرىدەك گەپ قىلىۋاتقان پاششاخانغا بېشىنى كۈتۈرۈپ زەن سالدى، پاششاخاننىڭ قاش-كۈزى بەكلا قاملاشقان بالا بولغاچقا ھەرقانداق كىشىنىڭ بىر كۆرۈپلا ئامىراقلىقىنى كەلتۈرەتتى.
-        سەن تۈركمەنمۇ؟
-        ئەلۋەتتە تۈركمەن.
-        بۇيەردە تۈركلەرنى ئىشلەتمەيمىز چىقىپ كەت!
خۇجايىن يەنە خاتىرسىگە ئېڭىشتى.
-        خۇجايىن، مەن جەنۇبىي قۇۋۇقتىكى رۇسلارنىڭ ۋېكتۇرىيە بەزمەخانىسىدا ئەتىۋارلىق كۈتكۈچى ئىدىم، بىرسى مەس بولۇپ قېلىپ مىنى بوتۇلكا بىلەن ئۇرۇپ بۇ يىرىمنى يېرىۋەتتى...- دېدى پاششاخان چىكىسىىكى رۈشەن تارتۇقنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ – شۇڭا مەن ئۇلارنىڭ يالۋۇرىشىغا ئۇنىماي ئۇيەردىن چىقىپ كەتكەن!
خۇجايىن قۇلىدىكى قەلەمنى تاشلاپ قۇيۇپ پاششاخانغا قايتىدىن سەپ سالدى، چۈنكى ۋىكتۇرىيە بەزمەخانىسى بۇ رىستۇراننىڭ تىجارەتتىكى رەقىبى ئىدى.
-        يىگىت، ئۇلار ساڭا يالۋۇرغىدەك سەن ئۇلارغا ئالتۇن تۇخۇم قۇيۇپ بەرمىگەن بولغىيتتىڭ، قېنى ئېيتقىنە، سىنىڭ نېمە ئالاھىدىلىگىڭ بار ئىدى ئۇنچە قىلغۇدەك؟
-        ئۇ يەرگە ياۋرۇپالىقلار كۈندە بېرىپ تۇراتتى، مەن ئېنگىلىز تىلى دىگەننى سۇيىۋېتىمەن! شۇ سەۋەپتىن ئۇلار مىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەتتى...
-        ئاتە پۇرۇڭنى تۈركمەن يىگىت! – دەپ كۈلۈپ كەتتى خۇجايىن پاششاخاننىڭ سۈزىنى بۈلىۋېتىپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھالدا.
-        مەن ئەزەلدىن يالغان ئېيتمايمەن، ئىشەنمىسىڭىز سىناپ بېقىڭ!
-        قانداق سىنايمەن يا مەن ئېنگىلىزچىنى بىلمىسەم ، قىززىق گەپ بولدى-دە بۇ !
-        ئىشكاۋىڭىزدا ئېنگىلىزچە كىتاپلار بولسا ئۇقۇپ بىرەي خۇجايىن!
-        مەندە ئۇنداق كىتاپ يوق،توختا مۇنداق قىلايلى، ھازىر زالغا چىقىپ قاراپ باقايلى بىرە ئېنگىلىز مىھمان تاماققا كەلگەن بولسا شۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ باق، راستىنلا شۇنداق كارامىتىڭ بولسا بۇ يەردە قېپ قالىسەن، چۈشەندىڭمۇ؟
خۇجايىن ئورنىدىن تۇرۇپ پاششاخاننى ئەگەشتۈرۈپ زالغا قاراپ ماڭدى، تاماق زالىدا دىگەندەك ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئۈچ ياۋرۇپالىق بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتاتتى. خۇجايىن ناھايىتى تەكەللۇپ بىلەن ئۇلارغا رۇس تىلىدا مەخسىتىنى ئېيتتى، ئۇلارنىڭ بىرى ئەلچىخانىدا ئىشلىسە كىرەك بېشىنى لىڭىشتىپ ماقۇللىقىنى بىلدۈردى.
پاششاخان ئۇلار بىلەن خېلى ئۇزۇن ئۆلچەملىك ئېنگىلىز تىلىدا پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ پاششاخانغا ھەۋىسى كىلىپ ئۇنى تېخى تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدى.خۇجايىن بۇلارنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدى، ھېلىقى رۇس تىلىنى چۈشۈنىدىغان ياۋرۇپالىق خۇجايىنغا رۇس تىلىنى بۇزغان ھالدا پاششاخاننىڭ ئىنگىلىزچىنى سۇدەك سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى ئىنىق چۈشەندۈرۈپ ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ پوركۈتەك خۇجايىننىڭ ئېغىزى قۇلىقىغا يىتىپ پاششاخاننى كۈتكۈچىلىككە ئېلىپ قالدى.
پاششاخاننىڭ ئايىغى ئىتتىك قۇلى چاققان بولغاچقا رېستۇراندىكى چوڭ-كىچىك ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئامىراق بولۇپ قالدى، ئۇ بۇ جەرياندا كۈتكۈچى قىزدىن ھېلىقى ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ئەھۋالىنى چاندۇرماي سورىدى.
-        ھەدە، ھېلىقى ھەربىي ئەمەلدار ژاكوف پىرايىۋىچ بۇ يەرگە ئانچە كەلمەمدۇ؟
-        ژاكوف پىرايىۋىچ! ھە ھېلىقى پاختا ئىكىسپورت شىركىتىنىڭ باش پايچىكىمۇ؟
-        ھەئە شۇ، ۋىكتۇرىيەگە تۇلا باراتتى ئۇ...
-        بۇ يەرگىمۇ تۇلا كىلەتتى، كاتتا نېمە ئۇ، ھەپتىنىڭ ئالدىدا كۈندە كەلگەنچىلىك قىلاتتى، بۇ يېقىنلاردا خىزمەت ئىشى بىلەن سىرىتقا چىكەتكەن بولسا كىرەك، بۇ نەچچە كۈندە ئۇنى كۆرمىدىمغۇ...
ئۇلار شۇ گەپنى دىيىشىپ تۇرغاندا تاماق زالىغا كۈتۈلمىگەن بىر مىھمان كىرىپ كەلدى. پاششاخاننىڭ يۈرىگى قارتتىدە قىلىپ ئۆزىنى ئاستا دالدىغا ئالماقچى بولدى، قېرىشقاندەك ھېلىقى يەكچەشمە ياشتا ئۆزىدىن كىچىك بولغان  بىر ياۋرۇپالىق ئايالغا خۇشامەت قىلغان پېتى كىرىپ كىلىۋاتاتتى.
كۈتكۈچى قىز ئاشخانىدا تۇرغان پاششاخاننى چاقىردى، پاششاخان ئاڭلىماسقا سېلىپ تۇردى، كۈتكۈچى پاششاخاننىڭ يېنىغا كىلىپ ھېلىقى ئىككى مىھماننىڭ ئالدىغا بېرىشنى ئالاھىدە تاپىلاپ ئۇنىڭغا ئېيتتى :
-        مۇستافا ! -بۇ پاششاخاننىڭ يالغان ئىسمى ئىدى – ئاۋۇ ئەپەندىنى كۆردىڭمۇ، يېنىدا ياۋرۇپالىق ئايال ئولتۇرغان ...
-        كۆردۈم ...
-        ئۇ رىستۇرانىمىزنىڭ ئەزىز مىھمىنى، ئۇ چاپىنىنى گۈشۈپ قويسىمۇ تۇتاملاپ پۇل چۈشىدىغان ئادەم، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چىگىپ سالما، خىزمىتىنى ياخشى قىلساڭ سىنىڭ يىللىق مۇئاشىڭنى بىرىپ سېلىشى مۇمكىن، تىز بارغىن!
پاششاخان بىر ئالدىغا بىر كەينىگە دەسسەپ ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ ئۈلۈمىگە سەۋەب بولغان بۇ قاتىلىنىڭ ئۆزىنى تۇنۇپ قېلىشىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىدىن  غەزەپلەنگەن ھەم قورققان ھالدا ئۇلارنىڭ ئالدىغا تۇيماي بېرىپ قالدى.
-        كۆڭلىڭىز نېمە تارتىدىكىن خانىم؟ - دېدى پاششاخان تەمتىرگەن ھالدا يەكچەشمىگە قاراشتىن ئەنسىرەپ.
ئېنگىلىز ئايال ئۆزىنىڭ تىلىدا راۋان گەپ قىلغان بۇ بالىغا زوقى كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر نەچچە ئېغىز پاراڭلاشتى. يەكچەشمە ئۇ كۈنى قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەچكە  بۇ قېتىم ئۇنى تۇنىيالمىغان بولسا كىرەك خانىمنىڭ خوش بولغىنىغا قاراپ تەڭ ھىجىيىپ ئولتۇراتتى، پاششاخان كۈزىنىڭ قۇيرىقىدا يەكچەشمىنىڭ ئۆزىنى تۇنىيالمىغانلىقىنى كۆرۈپ يۈرىگى جايىغا چۈشتى.
پاششاخان ھېلى رۇس تىلىدا ھېلى ئېنگىلىز تىلىدا ئۇلارغا سۆز قىلىپ ئۇلارنىڭ قاتتىق ماختىشىغا ئىرىشتى، ئۇلارنىڭ بىرى بىراندى يەنە بىرى ۋوتكا ئىچىپ خېلىلا قىززىپ قېلىۋاتاتتى،  بولۇپمۇ خانىم بالدۇرلا تەڭشىلىپ قالغاچقا پاششاخاننى توختىماي ماختاپ  بەكلا ئۇچۇرۋەتتى، ئۇلار تاماقنى يەپ بولۇپ ماڭار چېغىدا ھېلىقى يەكچەشمە سەنتۈرۈلگەن پېتى پاششاخاننى چاقىرىپ پورتمالىدىن بىر تۇتام پۇلنى سۇغۇرۇپ ئۇنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ كۈلۈپ ئېيتتى:
-        يارايسەن يىگىت، بۇندىن كېيىنكى سودا ئىشىمدا ماڭا سەندەك بىر ياردەمچى لازىم بۇلاتتى، خالىساڭ مەن بىلەن ئىشلە، ماڭا تەرجىمانلىق قىلىپ بىرىسەن، مەن ھازىر مۇھاجىرلار مىھمانخانىسدا تۇرىمەن، ئىسمىم ئانتونىي يىكىرۋىچ ، ئىسىڭدە تۇتىۋال بۇ يەردىكى بىر يىللىق مۇئاشىڭنى مەن بىر ئايدىلا بىرىۋېتىمەن، مەن ھەپتىگە قالماي لېنىنگىرادقا قايتىمەن، تۆمۈرنى قىززىغىدا سوقىۋال يىگىت!
-        ھۆرمەتلىك ئانتونىي ئەپەندى ئەلۋەتتە سىزنى ئىزدەپ بارىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن تۈمۈرچىلىكىنى ئۇبدان بىلىمەن، قاراپ تۇرۇڭ، قىززىق تۈمۈرنى قانداق بازغانلىقىمنى كۆرۈپ قالىسىز تېخى...-دىدى پاششاخان ۋەزنىلىك قىلىپ جاۋاب قايتۇرۇپ .
يەكچەشمە پاششاخاننىڭ مەنىلىك قىلىپ ئېيتقان سۈزىنى ئەسلا چۈشەنمەيتتى، ئۇ پاششاخاننىڭ بۇ جاۋابىدىن ناھايىتى خۇرسەن بولۇپ خانىمنىڭ دۇلىسىدىن ئالغىنىچە دەلدەڭشىپ چىقىپ كەتتى.
پاششاخاننىڭ كۆزلىرىدە قىساس ئۇتى يالقۇنجايتتى.«ھۇ قانخور قاتىل، ئادەم ئۆلتۈرۈپ يەنە تېخى كۇچىدا خىرامان مېڭىۋاتقىنىڭنى، قاراپ تۇر پۈتۈن ھىساپنى ئالمىسام! تۈركمەنلەرنىڭ قانداقلىقىنى ئەمدى كۈرىسەن! ئۆز ۋەتىنىڭدە يۈرۈشمەي بۇ يەرنى خاراپ قىلغاننىڭ جاجىسىنى ئەمدى كۈرىشىسەن، قاراپ تۇر! »
پاششاخان كۈتكۈچى قىزغا قۇلىدىكى پۇلدىن بىرنى ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ سۇندى، قىزچاق ئىنتايىن خۇشال بولدى، چۈنكى بۇ پۇللارنىڭ ھەر بىر پارچىسىنىڭ قىممىتىمۇ يۇقىرى ئىدى.
-        ھەدە ! ۋوتكىلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىممەت ئەڭ ئسىلى بارمىدۇ؟ - دەپ سورىدى پاششاخان كۈتكۈچى قىزدىن.
-        ئەلۋەتتە بار، قارىغىنا ئاۋۇ ھاراق ئىشكابىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تىزىلغىنى شۇ، ئۇنىڭ بىر شىشىسىلا بىزنىڭ بىر يىللىق مۇئاشىمىزغا يېقىنلىشىدۇ...
-        قۇلۇمدىكى ماۋۇ پۇلغا ئۇنىڭدىن كىلەمۇ؟
كۈتكۈچى قىزچاق پاششاخاننىڭ قۇلىدىكى پۇللارنى ئېلىپ ساناشقا باشلىدى.
-        ئازادە كىلىدىكەن، ئۇنداق قىممەت ۋوتكىنى ئېلىپ نېمە  قىلاتتىڭ؟
-        بىرسىگە سوۋغا قىلماقچىدىم، ئۇ ماڭا بىر ئىشنى قىلىپ بەرمەكچى بولغان.
-        ھە مۇنداق دىگىنە، ئۇنداقتا ساڭا كىلىش باھاسىدا بىرنى ئېلىپ بىرەي.
كۈتكۈچى قىز پاششاخاننى ئەگەشتۈرۈپ ھاراق سېتىشقا مەسئۇل خىزمەتچى بىلەن دىيىشىپ ئۇنىڭغا ئەڭ داڭلىق ۋوتكىدىن بىرنى ئەرزان باھادا ئېلىپ بەردى، ئۇنىڭ قۇلىغا يەنە  پۇل ئاشتى. پاششاخان يېنىدىكى پۇلدىن يەنە بىرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ كۈتكۈچى قىزچاققا تەڭلەپ «خۇجايىن سورىسا مىنى تۇيۇقسىز كىسەل بولۇپ قاپتۇ دەپ قۇيۇڭ مەن بېرىپ دادامنى بىر خوش قىلىۋىتەي» دىگىنىچە سىرىتقا يۈگىرەپ ماڭدى.
ئۇ شۇ يۈگۈرگىنىچە بالىلار مايلامچىلىق قىلىدىغان جايغا بېرىپ تىللاخاننى تاپتى، ئۇنىڭ قۇلىقىغا جىددى بىر نىمىلەرنى دەپ ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەرلىك دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ ماڭدى.
پاششاخان دوختۇرخانىنىڭ ساراڭلارنى داۋالايدىغان بۈلۈمىنى ئۇبدان بىلەتتى، چۈنكى ئۇستازى ئەكبەرخاننى ئۈيدىكىلىرى بۇ يەرگە ئەكىلىپ داۋالاپمۇ باققان ئىدى. پاششاخان شۇ چاغدا بۇ يەرگە بىر قېتىم كەلگەن بولغاچقا ئىككەيلەن ئۇدۇل دوختۇرخانىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا جايلاشقان بۇ جايغا يىتىپ كەلدى. پاششاخان ئۇكىسىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ قۇيۇپ ئۆزى ئالدىراپ دوختۇر ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
چاچلىرىنى ئاق قاپلىغان كۈزىگە يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەك تاقىۋالغان رۇس ئەر دوختۇر ئۈستەلگە ئېڭىشكىنىچە بىر نىمىلەرنى يېزىۋاتاتتى.
-        دۇختۇر ، چاتاق چىقتى ! ئاكام ئۇ ...- پاششاخان يالغاندىن جىددىلىشىپ كەتكەن بولۇپ توختىماي ھاسىرايتتى – ئۇ كىيىملىرىنى يىرتىپ ئۆينى بېشىغا كىيىۋاتىدۇ؟
-        نىمە ، قايسى ئۆيدىكى كىسەل؟ - دوختۇر دەرھال بېشىنى كۈتۈرۈپ جىددىلىشىپ كەتكەن پاششاخانغا تىكىلدى.
-        ياق ئاكام بۇ يەردە ئەمەس ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە دوختۇر، بىز ئۇنى ئۆتكەندە قېشىڭىزغا ئەكەلگەن، ئۇ ئىككى-ئۈچ كۈندە مانا مۇشۇنداق ئەسەبىلىشىپ ھەممىمىزنى قوغلايدۇ، ئۇنىڭ ئۇخلىتىدىغان دۇرىسى تۈگەپتىكەن، شۇ دۇرىدىن بەرسىڭىز بۇپتىكەن...- دېدى پاششاخان رۇسچە سۆزلەپ بىچارە بولغان قىياپەتتە.
دوختۇر ئورنىدىن تۇرۇپ كېسەللەرنىڭ تارىخى ساقلىنىدىغان ئارخىپ ئىشكاۋى تەرەپكە ماڭغاچ پاششاخاندىن سورىدى:
-        ئاكاڭنى بۇ يەردە قاچان داۋالىغان؟ ئىسمى نېمە؟
-        ئىسمى ئەكبەرخان...قاچان ئەكەلگەن بولغىيتتى...ئەستا...
پاششاخان بېشىنى قاشلاپ ئويلانغان بولۇپ تۇردى، شۇ چاغدا تۇساتتىن بىر بالا ئىشىكتىن «ئاكا...ئاكا...تىز بول! چاتاق چىقتى!» دەپ ھاسىرغىنىچە قۇلىدا يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى كۈتۈرۈپ ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
-        ۋاي يەنە نېمە ئىش بولدى ئۇكام؟ - دەپ سورىدى پاششاخان ئۈيىدىكى ئىشلاردىن ئەنسىرگەن قىياپەتتە.
-        ئاكام زادى بولالمىدى، ئۇ قۇلىغا پىچاق ئېلىپ ئۆيدىكىلەرنى قوغلىۋاتىدۇ، ئانام بۇ پۇلغا تىزراق  دورا ئالسۇن دەيدۇ...- تىللاخان شۇنداق دەپ بولۇپ پۇلنى ئاكسىنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى.
دوختۇر تۈركمەنچىنى ئاز تۇلا بىلەتتى، ئۇ تىللاخاننىڭ سۈزىنى چۈشەندى بولغاي ئىشكاپ ئىچىدىكى ئارخىپلارنى تىزدىن ئاختۇرۇشقا باشلىدى.
-        ئىسمىنى ئەكبەرخان دېدىڭمۇ؟ بۇ يەرگە قاچانلاردا ئەكەلگەن؟ - دېدى دوختۇر ئارخىپلارنىڭ يان يۈزىدىكى يېزىقلارغا ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغاچ.
-        ھەي دوختۇر ئاكا، بىزگە رەھىم قىلىڭ، دۇرىڭىزدىن پەقەت بىر قېتىم ئىچكۈدەك بىرىپ تۇرۇڭ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئۇخلىتىپ ئاندىن ھارۋىغا بېسىپ بۇ يەرگە ئەكىلەيلى! – پاششاخان شۇنداق دىگەچ قۇلىدىكى يۈز سوملۇق پۇلنى دوختۇرنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.
دوختۇر ئەتراپقا بىر قارىۋېتىپ قۇلىدىكى ئىشنى توختاتتى.
-        ھەي ! ئەسلىدە ئۇكۇلنىڭ ئۈنۈمى ياخشى ئىدى، بۇپتۇ سىلەرگە پەقەت بىر قېتىمغا يەتكۈدەكلا دورا بىرەي، ئاكاڭلار تىنىچلانغاندا ئەڭ ياخشىسى ئۇنى بۇ يەرگە ئەكىلىڭلار! - دوختۇر شۇنداق دىگەچ بەلۋېغىدىكى ئاچقۇچنى شاراقلىتىپ سۇغۇرۇپ ئېلىپ ياندىكى ئۆيگە ماڭدى.
پاششاخان بىلەن تىللاخان دوختۇرنىڭ كەينىدىن تەڭ ئەگىشىپ دورا بار ئۆيگە بىللە كىردى، دوختۇر قۇلپا سېلىنغان جاۋەننى ئېچىپ ئىچىدىن بىر قۇتا دۇرىنى ئېلىپ قەغەزگە تۈكىۋاتقاندا پاششاخان ئۆزىنى ئوڭدىسىغا تاشلاپ پۇت ئېتىشقا باشلىدى، دوختۇر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي قۇلىدىكى قەغەزگە تۈكۈلۈپ بولغان ئىككى تال دۇرىنى تۈگۈپلا تىللاخانغا سۇندى ئاندىن قۇلىدىكى دورا قۇتىسىنى ئۇچىسىدىكى خاللاتنىڭ يانچۇقىغا سالدى.
-        ئالە بۇ دۇرىنى! ئەمدى بۇ ئاكاڭغا نېمە بولغاندۇ؟  -دېدى دوختۇر  ئالدىدا تولغىنىپ يېتىۋاتقان پاششاخاننى ئالدىراپ تەكشۈرمەكچى بولۇپ.
-        ئاكامنىڭ مۇشۇنداق تۇتقاقلىق كسىلى باتتى، سەل تۇرۇپ ئوڭشىلىپ كىتىدۇ!
تىللاخان رۇسچىنى ئۇبدان بىلمىسىمۇ دوختۇرنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى، شۇڭا ئۇ تۈركمەن تىلىدا شۇنداق دەپ جاۋاپ بەرگەچ دوختۇرغا يېقىن كىلىپ ئاكىسىنىڭ پۇتىنى چىڭ تۇتۇشۇپ بەرگەن بولدى.
دىگەندەك پاششاخان مىنۇتقا قالماي كۈزىنى ئۇۋلاپ ئورنىدىن تۇردى-دە تىللاخان بىلەن ئۇچقاندەك يۈگىرەپ دوختۇرنىڭ يېنىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار دوختۇرخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن چىقىپ بولۇپ ياندىكى كۇچىغا كىرىپ توختاپ بىردەم دېمىنى ئالدى.
-        قانداق بولدى ئۇكام؟
-        قانداق بۇلاتتى ئاكا، ئۇ دىگەن مىنىڭ كونا ھۈنىرىم تۇرسا!
ئىككەيلەن قوللىرىدىكى بۇ بىر قۇتىنىڭ ئىچىدە لىق دورا بارلىقىنى كۆرۈپ كۈلۈشۈپ كەتتى، ئاندىن ئۇلار مۇھاجىرلار مىھمانخانىسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى.
مۇھاجىرلار مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىدا ئىككى ئەسكەر قۇراللىق پوستا تۇرۋاتاتتى، چۈنكى بۇ يەرگە رۇسلارنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىرى ياكى ھەربىي ئەمەلدارلىرىلا چۈشەلەيتتى، ئۇلارنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلىكىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇ مىھمانخانىغا كىرىپ –چىققۇچىلار تىزىملىنىپ قاتتىق تەكشۈرۈلەتتى.
پاششاخان ھېلىقى يەكچەشمە سودىگەرنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئېيتسا قاراۋۇل ئەسكەرلار يەكچەشمە بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇنى ئەلۋەتتە كىرگۈزەتتى لېكىن پاششاخان ئىشلارنىڭ كېيىنكى ئاقىۋىتىنى ئويلاپ باشقىچە پىلان تۈزدى. ئۇلار مىھمانخانىنىڭ ئارقا –يان ئەتراپىنى كۈزىتىپ ئارقا تېمىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئولتۇراق ئۆيلىرىگە تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدى شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەچتە شۇ ئارقا تامدىن سىيرىلىپ چۈشىدىغان بولۇپ ئارغامچا تاشلايدىغان يەرنى ئۇبدان پىلانلىۋېلىپ ئۈيگە قايتىشتى.
ئۇلار ئۆينىڭ ئىشىگىنى ئىچىدىن ئىتىۋېتىپ ۋوتكىنىڭ ھىم ئىتىلگەن ئېغىزىنى تىغ بىلەن تىك سىزىق شەكىلدە كىسىپ ئۇنىڭ ئېغىزىدىكى سولىياۋ بىلەن قاپلانغان قىسمىنى ئۇستىلىق بىلەن ئاچتى، شىشە ئېغىزىغا پۈگۈتكە تىقىلغان ئىدى، ئۇلار دۇكاندىن ئالغاچ كەلگەن مەخسۇس ۋوتكىلارنىڭ ئېغىزىنى ئاچىدىغان بورمىسىمان ئاچىقۇچ بىلەن ۋوتكىنىڭ ئېغىزىدىكى پۈگۈتكىنى ئاۋايلاپ سۇغۇرۇپ ئېلىپ ھېلىقى كۈچلۈك تىنىچلاندۇرۇش دۇرىسىدىن يىگىرمە تالچىنى سۇقۇپ ئۇندەك قىلىپ شىشىنىڭ ئېغىزىدىن قۇيۇپ بەردى. ئاندىن پۈگۈتكىنى قايتىدىن ئورنىغا سېلىپ ئەسلى ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كېيىن شىشە بېشىغا ئۇرالغان سولىياۋ ئۇرالمىنى يەنە بۇرۇنقىدەك چاندۇرماي ئورنىغا ئەكىلىپ كىسىلگەن يەرنى شىلىم بىلەن ئەتتى.
قارىماققا ۋوتكىنىڭ ئېغىزى ئېچىلمىغاندەك ھالەتكە كەلدى، ئۇلار بۇ ئىشنى تۈگەتكەندىن كېيىن رەستىگە چىقىپ بەش لىتىرلىق بىر باكقا بىنزىن قاچىلاپ تەييار قىلدى، ئىگىز تامدىن ئارغامچىغا ئېسىلىپ چىقىپ كىتەر چېغىدا قىينىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئارغامچىنى ھەر يېرىم مىتىردا بىر تۈگۈنەك قىلىپ تەييار قىلدى، ئىشلار پۇختا تەييارلاندى.
ئېغىر نامازشام بولغاندا ئىككەيلەن ھېلىقى ئىگىز تامغا يېنىدىكى دەرەخ ئارقىلىق يامىشىپ چىقىپ قۇلىدىكى ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچچىنى دەرەخكە مەھكەم باغلىدى ئاندىن بۇ ئارغامچا بىلەن مىھمانخانىنىڭ ئارقا ھويلىسى غا سىيرىلىپ چۈشتى.
مىھمانخانا ھويلىسىدا ئادەملەر كۈرۈنمەيتتى، تىللاخان بىلىگە ئېسىلۋالغان باكنى قۇلىغا ئېلىپ توختىتىپ قۇيۇلغان بىر قارا ماشىنىنىڭ ئاستىغا كىرىپ شۇ يەردە مۈككىنىچە پاششاخانغا ساقلاپ تۇرىدىغان بولدى، پاششاخان كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قۇلىدا ۋوتكىنى كۈتەرگىنىچە مىھمانخانىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئېچىلغان كىچىك ئىشىك ئارقىلىق بىناغا كىرىپ كەتتى.
ئۇ كۈتكۈچى رۇس مۇلازىملاردىن يەكچەشمىنىڭ ياتىغىنى قىينالمايلا تېپىپ ئىشىكنى يىنىك چەكتى.
-        كىم؟
ئېغىر ئۇيقۇدىن ئويغانغان يەكچەشمىنىڭ  ئەسنەپ ئېيتىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى.
-        ئانتونىي ئەپەندى بۇ مەن! ئابىيام رېستۇراندا سىز بىلەن كۆرۈشكەن كۈتكۈچى مۇستاپا!
-        ھە سەنمىدىڭ!
ئىشىك ئېچىلدى، ئۆي ئىككى ئېغىز بولۇپ  كاتتا بىزەلگەن ئىدى، يەكچەشمە پاششاخاننى سافاغا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ ئۆزى ئۇخلاش كىيىمى بىلەن دەلدەڭشىگىنىچە كارۋىتىنىڭ بېشىدىكى سىگارتىنى ئېلىپ تۇتاشتۇرۇشقا باشلىدى،  ئۇ ئەتتىگەندىلا ئىچىپ تەڭشىلىپ قالغاچقا كۆزلىرى چالا ئۇيقۇدىن قىزىرىپ قاپاقلىرى ساڭگىلاپ كەتكەن ئىدى.
-        ھە بۇ كەچتە كىلىپ قاپسەنغۇ؟ - دېدى يەكچەشمە سىگارىتىنى شۇرىغىنىچە ئەسنەپ تۇرۇپ خوشياقمىغان ھالدا.
-        سىزگە بۇنى ئالغاچ كەلدىم ئەپەندىم، سىزگە ئىشلىسەم دەيمەن!
-        ماۋۇ گىپىڭ جايىدا بولدى يىگىت! ئېنگىلىز ئەبلەخلەر ھە دىسىلا «توختام-پوختام» دەپ يازما ماتىرياللارنى كۈزۈمگە چىيناپ ھۆ قىلىۋەتتى، ئۇلارنى سەن كۆرۈپ چۈشەنەلەيدىكەنسەنغۇ؟- دېدى يەكچەشمە ئۇنىڭ قۇلىدىكى ۋوتكىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدا ھىجايغىنىچە.
-        تىتىۋېتىمەن ئەپەندى ئۇنداق توختام دىگەننى!
-        يارايسەن يىگىت، قۇلۇمنى سۇغۇتساڭ پۇلنىڭ كۈزى ساڭا قاراپ تۇرمايدۇ،- ئۇ شۇنداق دىگىنىچە پاششاخاننىڭ قۇلىدىكى ۋوتكىنى قۇلىغا ئېلىپ ماركىسىنى كۆرۈپ تېخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتتى، - كىلە ئىككىمىزنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن بىرەدىن قاقايلى!
يەكچەشمە ئىشكاۋىدىن بورمىسىمان ئاچقۇچنى ئېلىپ ۋوتكىنىڭ ئېغىزىنى ئىككى تولغاپلا ئېچىۋەتتى.
-        قارىغىنا سىنى، پۇلۇڭنىڭ ھەممىنى بۇنىڭغا خەجلەپسە، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەن ئەڭ ئامىرىقى ئىكەن!- يەكچەشمە شۇنداق دەپ قۇلىدىكى ۋوتكىنى ئىككى رومكىغا قۇيۇپ بىرىنى پاششاخاننىڭ ئالدىغا قۇيۇپ قويدى.
ئاندىن ئۆزى پاششاخاننىڭ ئالدىغا كىلىپ ئولتۇردى.پاششاخان ئىچىدىكى يەنە بىر ئۆيدە ئادەم بولۇپ قالمىسۇن دىگەننى ئويلاپ ئۇنىڭغا جاۋابەن پاراڭ قىلدى.
-        ھېلىقى خانىم كۈرۈنمەيدىغۇ خۇجايىن؟
-        ھە ئۇمۇ؟ ئۇ دىگەن ئەلچىخانىدا ئىشلەيدىغان بىر جالاپ خۇتۇن، ئۇ تېخى ھېلىلا كەتتى!- دەپ كۈلۈپ كەتتى يەكچەشمە قۇلىغا رومكىنى ئېلىپ- قېنى كىلە غەلبىمىز ئۈچۈن !
يەكچەشمە قۇلىدىكى رومكىنى بىردەمدە كۈتىرۋەتتى. پاششاخان ئۇنىڭ چىرايىغا زەن سېلىپ تۇراتتى. يەكچەشمە ۋوتكىنى يۇتىۋېتىپ گېلىنى ئازراق قىردى.
-        تەمى ئەجەپ ئاچچىققۇ بۇنىڭ! ياكى ئېغىزىم بىر قانداق بولۇپ قالدىمۇيا؟
پاششاخاننىڭ سۇقۇپ كەتكەن يۈرىگى بىر ئاز جايىغا كەلدى.
-        بەلكىم مىجەزىڭىز بولمىسا كىرەك خۇجايىن!
-        ھە سەن ئىچمەپسەنغۇ؟
-        مەن تېخى بالا خۇجايىن، سىزنىڭ بىخەتەرلىكىڭىز ئۈچۈن بۇنى قەتئىي ئېغىزىمغا ئالمايمەن، مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىزنىڭ قوغدىغۇچىڭىز خۇجايىن!
-        ھەي سىنى! رۇسچىنى نەدىمۇ ئۈگەنگەن بولغىيتتىڭ، كارامەت بالىكەنسەن!
يەكچەشمە ئۇنىڭ ئالدىدىكى ۋوتكىنىمۇ كۈتۈرۋەتتى، دورا ھەقىقەتەن كۈچلۈك ئىدى، شۇنداق قىلىپ دورا كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى، يەكچەشمە قۇلىدىكى رومكىنى بىر يانغا قاپ قۇيۇپ  ئەمدى گەپ باشلاپ تۇرىشىغا ئاۋازى چۈشۈپ كىتىپ ئولتۇرغان يىرىدە خۇرەك تارتىشقا باشلىدى.
پاششاخان ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ بىر قانچە قېتىم چاقىردى، ئۇ ئويغانمىدى، پاششاخان ئۇنى نۇقۇپ باقتى، ئىنىكىگە شاپلاق سېلىپ باقتى يەكچەشمە يەنىلا خورەككە چۈشۈپ كەتتى.
پاششاخان ياتاقنىڭ ئىشىگىنى يېرىم يېپىپ قۇيۇپ دەرھال تىللاخاننىڭ يېنىغا يۈگىرەپ چىقىپ ئۇنى ياتاققا باشلاپ ئەكىردى. تىللاخانمۇ يەكچەشمىنىڭ ئۇخلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ئىشەنمىگەندەك ئۇنى نۇقۇپ باقتى. يەكچەشمە چوشقىدەك خاتىلداپ ئوخلىۋاتاتتى.
پاششاخان  باكتىكى بىنزىننى قۇلىغا ئېلىپ ئاغىزىنى ئېچىشى تىللاخاننىڭ كاللىسىغا بىر خىيال كەلدى.
-        ئاكا ئالدىرماي تۇرغىن، بۇ توڭغۇزنىڭ يېنىنى ئاختۇرايلى، بۇلار شۇنچە يىراقتىن كىلىپ بىزنى بۇلىغان يەردە بىز قاراپ تۇرساق بولماس؟
-        بۇپتۇ، ئاختۇرايلى!
ئۇلار يەكچەشىمىنىڭ ئۇخلاش كىيىمىنى ئاختۇرماي ئۇدۇل كىيىم ئىشكاۋىدىكى ئېسىپ قۇيۇلغان كىيىملەرنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، پاششاخان ئۇنىڭ پورتمىلىنى تاپتى، تىىلاخان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۈچ-تۆت خىرۇم چامادانلارنى ئاختۇرۇپ ئىچىنى قۇرۇقداپ بولدى، چاماداننىڭ ئىچىدە قەغەز ماتىريال، كىيىم –كىچەكتىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى، شۇ چاغدا تىللاخان  يۈگىرەپ بېرىپ يەكچەشمە ياتىدىغان كارۋاتنىڭ ئاستىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، كارۋات چوڭ بولغاچقا تىللاخاننىڭ كۈچى يەتمىدى، بۇنى كۆرۈپ پاششاخان ئۇكىسىغا ياردەملىشىپ كارۋاتنى يانغا ئۆرۈپ ئوڭدىسىغا قىلدى، كارۋاتنىڭ ئاستىدا ھېچنىمە يوق ئىدى لېكىن كارۋاتنىڭ ئاستى قىسمىغا چىرايلىق بىر قارا خىروم چامادان تېڭىغلىق تۇراتتى، ئۇلار بىر-بىرىگە مەنلىك قارىشىپ بۇ چاماداننى ئاجرىتىپ ئېلىپ   كىچىك قۇلپىسىنى بۇزۇپ ئېغىزىنى ئاچتى. ئۇلار چاماداننىڭ ئىچىدىكىلەرنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قېلىپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشىنەلمەي قالدى، چاماداننىڭ ئىچى باغلام-باغلام پۇلغا لىق تولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ يۈرىگى سېلىپ پۇت-قۇلى تىتىرەشكە باشلىدى، ئۇلار سەل ھۇشىنى يىغقاندىن كېيىن  چاماداننىڭ ئېغىزىنى چىڭ ئىتىپ  بىر يانغا قاپ قۇيۇپ بىنزىننى يەكچەشمىنىڭ بېشىدىن قۇيۇشقا باشلىدى، يەكچەشمە بەئەينى ئۈلۈكتەك ھېچنىمىنى سەزمەي ئوخلىۋاتاتتى. پاششاخان باكتىكى يېرىم بولغان بىنزىننى كارۋات ئىشكاپلارغا تۈكۈپ بولۇپ ئۇكىسى تىللاخانغا ئىشارەت قىلدى، تىللاخاننىڭ سەرەڭگە تۇتقان قۇلى بىر ئاز تىتىرەشكە باشلىدى، بۇنى كۆرگەن پاششاخان تىللاخاننىڭ قۇلىدىن سەرەڭگىنى ئېلىپ ئۆزى ياقماقچى بولدى لېكىن مۇشۇ تاپتا پاششاخاننىڭمۇ قۇلى تۈزۈك قۇلاشمايۋاتاتتى.
-        نىمە بولدى ئاكا؟ ياقە تىز ! – دەپ كۇسۇرلىدى تىللاخان.
-        قۇلۇم بارمايۋاتىدۇ شۇ ! – دېدى پاششاخان سەرەڭگە تىلىنى قاپتىن نېرى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىككىلەنگەن ھالدا.
-        ئەمىسە چامىداننى ئېلىپلا ماڭمايلىمۇ ئاكا؟
-        شۇنداق قىلساققۇ بۇلاتتى بىراق...؟-دىدى پاششاخان جىددىلىشىپ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي.
-        بۇ رۇس چوشقىسى شۇنچە يىراق جايدىن بىزنىڭ يۇرتىمىزغا كىلىپ قورقماي ئازادە يۈرگەن يەردە بىز نىمىدىن قورقاتتۇق ئاكا!- دەپ يەل سالدى تىللاخان ئۆزىنىڭ قورقۇپ سەرەڭگىنى ياقالمىغىنى يۇشۇرۇپ تۇرۇپ.
پاششاخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ئاز يىنىكشىگەندەك بۇلدى ھەم پۇت-قۇلىغا جان كىرىپ قەددىنى رۇسلىۋالدى.
- توغرا دېدىڭ، ئۇستازىمنىڭ خۇن قەرزىگە تولغان بۇ توڭغۇزنى چايناپ پۈركىۋەتسەممۇ دەردىم چىقمايدۇ،- پاششاخاننىڭ غەزەپتىن چىشلىرى كىرىشىپ كەتتى،- سىنىڭ جاجاڭ مانا مۇشۇ بىر تال سەرەڭگە!
ئۇ شۇنداق دەپ سەرەڭگە تىلىنى «ۋاششىدە» ياققىنىچە يەكچەشمىنىڭ ئىت بېشىغا تاشلىدى.
ئوت يالقۇنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە يەكچەشمىنى پۈتۈنلەي يالماپ ئېلىپ چاقماق تىزلىكىدە ئۆينىڭ ئىچىگە تۇتۇشۇشقا باشلىدى.ئاڭغىچە ئىككەيلەن ھېلىقى چاماداننى كۈتۈرگىنىچە سۆرەپ ئېلىپ مېڭىپ ياتاقنىڭ ئىشىگىنى ئىچىلماسقا ئىتىۋەتتى.
ئاندىن ئۇلار شۇ يۈگۈرگىنىچە ئارغامچا تاشلانغان تامنىڭ تۈۋىگە باردى، باشتا پاششاخان ئارغامچىغا يامىشىپ تامغا چىقىپ ئارغامچا ئارقىلىق چاماداننى تارتىپ ئالدى ئاندىن تىللاخان ئارغامچىغا ياماشتى، ئۇلار تامدىن ساق-سالامەت چۈشكىلىۋاتقاندا مىھماناخان ئىچى قىيا-چىيياغا تۇلۇپ كىشىلەر ئۈپۈر-تۈپۈر بۇلىشىپ قېچىشىۋاتاتتى.
ئۇلار خۇپتەنگە يېقىن ئۆيگە خاتىرجەم كىلىۋېلىپ چاماداننى بالىلارغا كۆرسەتمەي پاششاخاننىڭ ھوجرىسىدىكى سۇپىنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ قويدى، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن بۇ قېتىمقى ئۆچ ئېلىش ھەركىتىدىن  بەكلا خۇشال بولدى ھەم بۇ ئىشنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئىنتايىن ئەنسىرەشتى، ئۇلار بىر كېچە قورققىنىدىن تولغىنىپ ئۇخلىيالمىدى، ئەتىسى ئۇلار مەسچىتتىن يېنىپ قۇياش نەيزە بۇيى كۈتۈرۈلگەندە ئاخشامقى ئىشلارنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مۇھاجىرلار مىھمانخانىسىنىڭ ئالدىغا بېرىپ باقماقچى بولدى.
دەرۋەقە مىھمانخانىنىڭ ئالدىغا ساقچى-ئەسكەرلەر گەندىگە قونغان چىۋىندەك يېغىلىشپ كەتكەن بولۇپ ئۇيان-بۇيان تىپىرلىشىپ يۈرەتتى. مىھمانخانىنىڭ يول يۈزىگە قارايدىغان دەرىزىلىرىنىڭ ھەممىسى قاپقارا ئۆڭكۈردەك تۇراتتى، مىھمانخانا ياتاقلىرىنىڭ بىزىلىشى ناھايىتى كاتتا بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوت ئۈچۈرۈش ئەسلىھەلىرى دىگۈدەك ياخشى بولمىغاچقا بۇ كاتتا مىھمان ساراي ئاخشامقى يەكچەشمىدىن تۇتاشقان ئوت يالقۇنىدىن كۈيۈپ قۇرۇق تاملا بولۇپ قالغان ئىدى.
پاششاخان بۇ خارابىلىكنى تاماششا قىلىۋاتقان چوڭلاردىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەسكە سېلىپ سۈرۈشتە قىلىپ باقتى، يېغىلغان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن «ئاخشام بۇ توڭغۇزلار ئاسمانغا كۈتۈرۈلگەن ئوت يالقۇنىدىن خۇددى چاشقاندەك پىتىراپ قېچىشقان ئىدى، خۇدايىم شۇنداقمۇ جاجىسىنى بەردى بۇ خەقنىڭ، شۇغىنىسى تۈزۈك ئادەم ئۆلمەپتۇ، ئەتتىگەن بىرەيلەننىڭ كۈيۈپ كەتكەن سۇڭىكىنى ساقچىلار قۇچاقلىشىپ سۈيۈشۈپ يۈرەتتى...» دەپ خەۋەر بەردى.
نەچچە كۈنگە قالماي گېزىتكە رۇسىيىلىك كاتتا باينىڭ ئۈلۈم خەۋىرى بېسىلدى، ساقچىلار نەخ مەيداندىكى كۈلنىڭ ئارىسىدىن يەكچەشمىنىڭ كۈيۈپ كۆمۈر بولۇپ كەتكەن سۆڭىگىدىن باشقا ھېچنىمىنى تاپالمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئىككەيلەن تامدىن سىيرىلىپ چۈشكەندە ئىز قالدۇرماسلىق ئۈچۈن چوڭ ئادەملەرنىڭ ئايىغىنى كىيىۋالغان ئىدى،  ئەتىدىن كەچكىچە ۋوتكا ئىچىپ يۇرۇيدىغان لاتا قالپاق ساقچىلار تام  تۈۋىدىكى قېپقالغان ئاياق ئىزىغا ئاساسەن دىققەت نەزىرىنى چوڭلارغا قارىتىپ ئىشنىڭ ئايىغىنى قەتئىي چىقىرالمىدى.
پاششاخان بۇ ئىش بولۇپ ئەتىسىلا رىستۇرانغا ئىشقا باردى، ئۇ نەچچە كۈن ئۆتكەندە ھېلىقى ھەيدەر ئالتە قولنى ئېتىۋەتكەن ھەربىي ئەمەلدارنىڭ رۇسىيىگە نەچچە ئايلىق بىر ئىشقا  كەتكەنلىك خەۋىرىنى تاماق يىگىلى كەلگەن بىرسىدىن ئاڭلىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىللاخان بىلەن مەسلىھەتلىشىپ پىلاننى ئۆزگەرتىپ رىستۇراندىكى كۈتكۈچىلىك خىزمىتىدىن ئىستىپا بەردى.
يۇقارقى سەۋەبنىڭ نەتىجىسىدە  پاششاخان ئاكا-ئۇكىلار ئون ئالتە ياشقا كىرە -كىرمەي قۇلىنى قەيەرگە سۇنسا سۇنالىغىدەك زور بايلىقنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغان ئىدى لېكىن ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ بايلىقىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمىدى. يېنىدىكى نەخ پۇللارنى بانكىغىمۇ قويماي ئۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئاز-ئازدىن بۆلۈپ ئېلىپ چىقىپ زىخچە ئالتۇنلارغا ئالماشتۇرۇپ سۇپىسىنىڭ ئاستىغا كۆمدى. ئۇلار يەنە ئاسارە-ئەتىقە تىجارىتى بىلەن توختىماي شۇغۇللاندى، بالىلارمۇ ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ ئۆزىنىڭ چىقىمىنى ئۆزى قامداشتىن سىرت يەنە پايدا ياراتتى. ئەھۋال  كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتاتتى.
بىر كۈنى ئەتتىگندە پاششاخان ئۆيدە ئۇكىسى تىللاخان بىلەن بىر ئىش توغۇرلۇق مەسلىھەتلەشتى.
-  ئۇكام، سەن ئۆيگە قاراپ تۇرساڭ، مەن رۇسىيە تەرەپكە بىر بېرىپ كەلسەم. – دېدى پاششاخان ئۇكىسنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ.
-   تۇيۇقسىز بارىدىغان بولۇپ قاپسەن، بىرە چاتاق چىقمىغاندۇ ئاكا؟- دەپ سورىدى تىللاخان ئاكىسىغا قىيمىغان ھالدا ھەيران بولۇپ.
-  ياق ھېچقانداق چاتاق يوق، شۇ بېرىپ كىلەي دەيمەن.
-  قاچان يولغا چىقاي دەيسەن؟
-  ئەتىلا ماڭاي.
- بۇپتۇ ئۆيدىن ئەنسىرمە، ئۇنداقتا بۈگۈن سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى قىلىۋالايلى!
تىللاخان ئاكىسىغا بەكلا ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنىڭغا بەك ئىشىنەتتى، شۇڭا ئۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى ئانچە سۇراپ كەتمىدى. ئۇلار بازارغا چىقىپ ئەتىدىكى سەپەرنىڭ تەييارلىقىنى پۇختا قىلىۋالدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە پاششاخان بالىلار بىلەن خوشلاشتى، تىللاخانمۇ ئۇنى بىكەتكىچە ئۇزاتقىلى چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشتى.
«توۋۋا ئاكامغا زادى نېمە بولغاندۇ، ئۇ بۇنداق غەلىتە ئەمەستى، تۇيۇقسىز مۇسكۇۋاغا بارىمەن دىگىنىنى؟!» تىللاخان ئۆيگە قايتقۇچە بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپالمىدى.
پاششاخان ئەسلىدە ئۇكىسى تىللاخانغا ھېلىقى قاتىل ھەربىي ئەمەلداردىن ھەيدەربەگنىڭ خۇن قىساسىنى ئېلىپ بىرىدىغانغا ۋەدە قىلغان ئىدى بىراق ئىشلار تۇيۇقسىز ئۆزگۈرۈپ ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ قىساسىنىڭ بىر قىسمى ئېلىنىپ قالدى.
يەكچەشمە ئۈلۈپ ئۇزۇنغا قالماي ھېلىقى ھەربىي ئەمەلدار ئاستانىگە كەلگەن بولسىمۇ پاششاخانلار قول سالىدىغان مۇۋاپىق پۇرسەت چىقمىدى چۈنكى بۇ ئىت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇۋىسىدىن چىقمايۋاتاتتى...
كۆز پەسلىنىڭ ئاخىرىقى ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى پاششاخان بالىلارغا ھەر بىرىگە كۈنىگە ئوندىن تىرىك چاشقان تۇتۇش ۋەزىپىسىنى قۇيدى، شۇنداق قىلىپ بىر ھەپتە ئىچىدە  ئىككى-ئۈچيۈزدەك تىرىك چاشقان يېغىلىپ ئىككى سىم تور قەپەزگە سۇلاندى.
ئاخشىمى پاششاخان بالىلارغا بىلدۈرمەي تىللاخاننى ئەگەشتۈرۈپ يېغىلغان چاشقانلارنى كۈتەرگىنىچە شەھەرنىڭ سىرتىدىكى ھەربىي ئەمەلدارنىڭ پاختىسىنى ساقلايدىغان چوڭ ئىسكىلاتقا يېقىنلاشتى.
پاختا ئىسكىلاتىنىڭ كۈلىمى ناھايىتى چوڭ بولۇپ پۈتۈن ئەلنىڭ پاختىسى مۇشۇ يەرگە يېغىلغانچىلىك قىلاتتى، يېزا-قىشلاقلاردىن ئەرزان باھادا مەجبۇرى سېتىۋېلىنغان پاختىلار ئاساسەن ھەر قايسى ناھىيەلەردىكى پاختا پىششىقلاش زاۋۇتلىرىدا چىگىتىدىن ئايرىلىپ پىششىقلىنىپ بوكلانغاندىن كېيىن ھەممىسى بۇ ئىسكىلات مەيدانىغا يېغىلاتتى. ھازىرقى پەسىل دەل پاختىلارنىڭ ئەڭ كۆپ يېغىلىدىغان ۋاقتى بولغاچقا نەچچە يۈزمۇ كىلىدىغان بۇ چوڭ مەيدان بوكلىنىپ تېڭىلغان پاختىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ پەقەت مەيدان ئىچىدە ئاندا-ساندا يۈك ماشىنىلىرى ماڭغۇدەكلا يول قالغان ئىدى.
ئىككەيلەن قاراڭغۇدا ئىسكىلاتنىڭ تېمىغا يامىشىپ چىققىلى بۇلىدىغان مۇۋاپىق جاينى تېپىپ مەيدان ئىچىگە سەكرەپ چۈشتى، پاششاخان ئۇكىسى بىلەن چاشقانلارنى بىر قەپەزدىن بۈلۈشۈپ بىرسى شەرىق تەرەپكە بىرسى غەرپ تەرەپكە مەسئۇل بولۇپ ئىش تۈگىگەندە ئۆيدە كۆرۈشىدىغان بولدى، ئۇلار پوسپۇرلۇق  يانچۇق سائەتلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئۇدۇللاپ ئون بەش مىنۇتتىن كېيىن ئىش باشلايدىغانغا دىيىشتى.
تىللاخان مۇشۇ يەرگە يېقىن يەردە ئىش باشلايدىغان بولغاچقا پاششاخان بىر باك سەلەركە بىلەن بىر قەپەز چاشقاننى كۈتۈرۈپ شەرىق تەرەپكە ئالدىراپ كەتتى.
ئون بەش مىنۇت توشتى، ئۇلار قەپەزدىكى تىرىك چاشقانلارغا باكتىكى سەلەركىنى ئالدىرماي سۇ سەپكەندەك چېچىشقا باشلىدى، چۈنكى چاشقاننىڭ تۈكلىرى بەك زىچ بولغاچقا ئۆزىگە ئالدىراپ سۇيۇغلۇق يۇقتۇرمايتتى، بىنزىن سەلەركىگە قارىغاندا كۈيۈشچانلىقى يۇقىرى بولغاچقا ناھايىتى تىز كۈيۈپ تۈگەيتتى. سەلەركىنىڭ كۈيۈشچانلىقى يۇقىرى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇ بىنزىنغا قارىغاندا چاشقاننىڭ مۇيىغا بەكلا سىڭىۋالاتتى ئوت كۈچى كۈچلۈك بولۇپ كۈيىشى ئۇزۇنغا داۋاملىشاتتى. شۇڭا بۇنداق ئوت قۇيۇشتا سەلەركە ئەڭ ياخشى يېقىلغۇ ھىساپلىناتتى.
باكتىكى سەلەركە چاشقانلارغا سىپىلىپ يېرىم بولغاندا ئۇلار سەلەركىنىڭ ھەممىسىنى بۇلدۇقشىتىپ چاشقانلارغا تۆكتى. چاشقانلار سەلەركىدىن چىپ-چىپ ھۆل بولۇپ كەتتى. قەپەزنىڭ بىر يۈزى تۇلۇق ئېچىلىدىغان قىلىپ ياسالغان ئىدى، سەرەڭگە يېقىلىپ چاشقانلارنىڭ ئۈستىگە تاشلانغاندىن كېيىن قەپەزنىڭ ئېغىزى ئېچىۋېتىلدى.
چاشقانلار كۈيۈك ئازابىغا چىدىيالماي بېشى قايغان-پۇتى تايغان تەرەپكە چىرىلداشقىنىچە يۈگۈرۈپ قاچتى، قەپەزدىن ئېتىلىپ چىققان بۇ ئوت قويغۇچى پارتىزانلار ھەش-پەش دىگۈچە خۇددى ئاسمانغا چىقىپ چېچېلپ كەتكەن سالىيۇتلاردەك پۈتۈن مەيدان يۈزىگە تەكشى تارىلىپ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇڭۇشلۇق ئۇرۇندىدى.
ئادەتتە بۇنداق ئۇسۇلدا كۈيدۈرۈلگەن تىرىك چاشقانلار كۈيۈپ كۈل بولمىغىچە يۈگۈرۈشتىن توختىمايتتى، ئۇنىڭ بۇخىل ئوت قۇيۇش كۈچى بەزىدە ھەربىيلەرنىڭ ئىلغار ئوت قۇيۇش ئۈسكۈنىلىرىدىنمۇ ئېشىپ چۈشەتتى. بۇنىڭغا ھەتتا ھەربىيلەرنىڭ ئۆزىمۇ قايىل ئىدى.
پاختا ئىسكالات مەيدانىدىكى  ئوت ئۈچۈرۈش ئەسلىھەلىرى خېلى ئىلغار بولسىمۇ ئۇ پەقەت بىر ياكى ئىككى ئۇرۇندا ئوت كىتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلانغان ئىدى، بۇنداق كۆپ ئۇرۇندا بىرلا ۋاقىتتا ئوتنىڭ كىتىشىنى ئىسكىلات خۇجايىنلىرى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە پۈتۈن ئىسكىلات غايەت زور گۇلخانغا ئايلىنىپ كەتتى...پاششاخان بىلەن تىللاخان بۇ قېتىم تامدىن ئەمەس چوڭ دەرۋازىدىن ئوينىغان پېتى چىقىپ كەتتى.
ئاكا-ئۇكا بۇ تىرورچىلار ھېلىقى ھەربىي ئەمەلدارغا ئىختىسادى جەھەتتە كۈتۈرۈپ قوپقۇسىز قاتتىق زىيان سالغان بولسىمۇ ئەمما ئۇزىنىڭ ھەربىي ھۇقۇقىدىن پايدىلىنىپ يېغقان يۇشۇرۇن بايلىقى ئالدىدا بۇ ئانچە چوڭ زىيان ھىساپلانمايتتى. بۇ قېتىمقى ئوت كىتىش ۋەقەسىدە مۇسكىۋا تەرەپ  بۇ ھەربىي ئەمەلدار - ژاكوف پىرايىۋىچنى رۇسىيىگە قايتۇرۇپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 09:55:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                  ئون بىرىنچى باپ: ۋىلادىمىر

پاششاخاننىڭ ئاتىسى ياۋۇزبەگ تىنىچلىقنى خالايدىغان ئىلىم سۈيەر پەلىۋان كىشى ئىدى، ئانىسى كۈنچىچەكنىڭ ئاتا-بۇۋىلىرى نەچچە ئەسىر قېلىچ-توقماق ئىچىدە قان كىچىپ ياشىغان جەڭ خۇمار ئادەملەر ئىدى، شۇ سەۋەبتىنمۇ پاششاخان ئانا تەرەپنىڭ باغرى قاتتىقلىق، قىساسكارلىق، جەڭ خۇمار تەرەپلىرىنى ئۈزىگە ئازراق تارتىپ قالغان ئىدى.
بۇ ھەربىي ئەمەلدار-ژاكوف پىرايىۋىچنىڭ تىرىك يۈرگىنىدىن پاششاخان ئاكا-ئۇكىلارنىڭ تېخى ئاچچىغى چىقمىغان ئىدى. ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە پاششاخان قۇرسىقىدىكى ئۇزۇندىن بىرى ساقلاپ كەلگەن بۇ غومنى تازا بىر چىقىرىپ ئۇكىسىغا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن مەخسىدىنى ھېچكىمگە بىلدۈرمەي بۇ قېتىمقى سەپەرگە ئاتلانغان ئىدى.
پاششاخان ئاپتۇۋۇزدا نەچچە كۈن يول يۈرۈپ رۇسىيەنىڭ مۇسكىۋاغا يىتىپ كەلدى، ئۇ ياتاققا چۈشۈشنىڭ ئالدىدا چاچ ياسايدىغان دۇكانغا كىرىپ ئۆزىنىڭ قارا چېچىنى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە بۇيىتىپ كىيىم دۇكىنىدىن رۇس يىگىتلىرىگە خاس كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ ئالماشتۇردى، پاششاخان گەرچە ئون ئالتە ياشقا كىرگەن بالا بولسىمۇ كۈچ مەشىقىنى تاھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۇنىڭ ئۈستىگە  بوي-بەستىدە ئاتىسىنى تارتقانلىق سەۋەبلىك بەئەينى يىگىرمە ياشلىق يىگىتنىڭ ئۆزى بولۇپ قالغان ئىدى، قاش–كۆز ھەم چىرايدا بۇ ئىقلىمدا بۇنداق كىلىشكەن قۇرغۇيدەك  يىگىتتىن يەنە بىرى تېپىلماس دىسە ھەرگىز ئارتۇقچىلىق قىلمايتتى. ئۇ رۇسلارغا مودا بولغان كىيىملەرنى كىيىپ  چېچىنى سېرىق بۇيىتىش بىلەن سېپى ئۆزىدىن ناھايىتى كىلىشكەن بىر رۇس يىگىتىگە ئايلاندى، بىر كۆرگەن كىشى ئۇنىڭ تۈركمەن ئىكەنلىكىنى قەتئىي بىلەلمەيتتى.
ئۇ قىزىل مەيدان ئەتراپىدىكى ياخشى بىر مىھمانخانىغا چۈشۈپ ئۆزىنىڭ پىلانى بۇيىچە ئىشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۇ ئالدى بىلەن ئاستانىدە قولغا چۈشۈرگەن ئادىرىس بۇيىچە ھەيدەر ئالتە قولنىڭ قاتىلى ھەربىي ئەمەلدار ژاكوف پىرايىۋىچنىڭ ئەپەندىنىڭ شەخسى تۇرالغۇسىنى ئىزدەپ تاپتى. بۇ كۈنلەردە گېنىرال ژاكوف پىرايىۋىچ  مۇسكىۋا شەھرىدىكى مەلۇم بىر ھەربىي قىسىمنىڭ باش شىتابىغا يېقىنراق جايدىكى ھەشەمەتلىك بىر داچىدا ئولتۇراتتى. داچىنىڭ دەرۋازىسى بىۋاستە چوڭ يولغا قارايدىغان بولۇپ دەرۋازا تۈۋىدە مەخسۇس بىر ھەربىي قاراۋۇل چىكىتتەك مىدىرلىماي پوستا تۇراتتى. دىمەك گىنىرال ئادەتتىكى كىشىلەردىن ئەمەس ئىدى.
پاششاخان ئۇنىڭ داچىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يولنىڭ بۇيىدا ماروژنا ساتىدىغان رۇس بۇۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ چىقىشىپ قالدى، ئۇنىڭدىن ژاكوف پىرايىۋىچنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ باقتى.«بۇ گېنىرال بوش ئادەم ئەمەس، ئاڭلىساق ئۇ سىتالىن بىلەن بىۋاستە كۆرۈشەلەيدىكەن، كېرىمىل سارىيىغا ئۈيىگە كىرگەندەك كىرىپ چىقارمىش، ئۇ دائىم ماشىنىدا ئولتۇرغاچقا بىزمۇ تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ باقمىدۇق، ئۇنىڭ خانىمىنى ئاندا-ساندا كۆرۈپ تۇرىمىز ھەر چارشەنبە كۈنى ئۇنىڭ خانىمىنى مەخسۇس ھەربىي ماشىنا بازارغا ئېلىپ چىقىدۇ، خانىم ھەر قېتىم  ئامراق ئىتىنى سەگىتىش ئۈچۈن ماشىنىغا چىقماي ئىتىنى يىتىلەپ ماڭىدۇ، ماشىنا ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ خېلى بىر يەرلەرگىچە ماڭىدۇ، بىز مۇشۇ چاغدا ئۇنى كۈرەلەيمىز!»
پاششاخان ئىشلارنىڭ بەكلا مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئاستانىدە نىمىشقا بالدۇرراق قول سالمىغانلىقىغا پۇشمان قىلدى لېكىن ئۇ جاھىل ئىدى، ئۇكىسىنىڭ ئالدىغا قۇرۇق قول بېرىشىنى ئەسلا خالىمايتتى. شۇڭا ئۇ  كاللىسىغا يېڭى بىر پىلاننى تىزىپ چىقتى. پاششاخان ئۇدۇل ئاۋات كۇچىلارنىڭ بىرىگە بېرىپ گېزىت ساتىدىغان ئۇششاق بالىلارنى ئىزدىدى چۈنكى ئۇ بۇنداق بالىلارنىڭ قانچىلىك چاققانلىقىنى ئۇبدان بىلەتتى. بىر دەمنىڭ ئىچىدە بىر بالا گېزىت كۈتۈرۈپ كىلىپ توۋلاپ سېتىشقا باشلىدى.
-        گېزىت ساتىمەن گېزىت! گىتلىر يەنە قايتا تىرىلىپتۇ!
توققۇز ياشلاردىكى بالا قارىماققا بەكلا چاققان، بەكلا ھەيياردەك كۈرىنەتتى.
-        ھەي گېزىتچى ئەكىلە گېزىتىڭنى! –دىدى پاششاخان ئۈنلۈك ئاۋازدا بالىنىڭ ھەرراپلىقىغا قايىل بولغاندەك بولۇپ.
-        ھە مانا باي ئاكا! – دېدى بالا يۈگىرەپ ئۇنىڭ ئالدىغان كىلىپ – نەچچە پارچە ئالىسىز؟
-        ھەممىنى ئالىمەن!
-        ئاكا، دادىڭىزنىڭ پورتمىلىدىن ئوغۇرلىغان پۇلنىڭ ھەممىسىگە گېزىت ئالماقچىمۇ؟ – دېدى بالا پاششاخانغا چاخچاق قىلىپ.
-        ساتامسەن يوق؟ - دېدى پاششاخان سەمىمىلىك بىلەن.
-        دادىڭىز پۇلنىڭ ھەممىنى تۈگۈتۈپسەن دەپ كاسسىڭىزدىن گۈل چىقىرۋەتسە مىنىڭ كارىم يوق ئەمىسە! – دېدى بالا قۇلىدىكى گېزىت سالغان بوخچىنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ.
پاششاخان بالىنى كۇچىنىڭ بىر چېتىگە تارتتى.
-        راستىنلا پۇل تاپقۇڭ بارمۇ؟ - دەپ سورىدى پاششاخان بالىدىن ئەستايىدىللىق بىلەن.
-        ھەئە ئاكا، پول تاپقۇم بار!
-        ئەمىسە بىر ئىش بار ماڭا ياردەم قىل، بۇ زاكالەت پۇلى.
پاششاخان يانچۇقىدىكى چوڭ سوممىلىق پۇلدىن بىرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ بالىغا سۇندى، بالا قۇلىدىكى ھەممە گېزىتنى ساتقان تەقدىردىمۇ بۇنچلىك پۇلغا ساتالمايتتى، بالىنىڭ كۆزلىرى يۇغۇناپ  پۇلنى كاپپىدە ئېلىپ سورىدى:
-        نىمە ئىشتى ئاكا؟
-        ماڭە خالى بىر جاينى تېپىپ دىيىشەيلى.
پاششاخان بالىنى ئەگەشتۈرۈپ گېنىرالنىڭ داچىسى ئالدىغا يېقىنلاشتى.
-        ئاۋۇ داچىنى كۆردىڭمۇ؟
-        گېنىرالنىڭ داچىسىغۇ ئۇ؟!
-        شۇنداق، ئۇنىڭ خانىمىنىڭ بىر ئەتىۋارلىق بىر ئىتى بار، ئۇنى كۆرگەنمۇسەن؟
-        ئەلۋەتتە، نەچچە قېتىم كۆرگەن.
-        ئۇ ئىت ئەسلىدە سىڭلىمنىڭ ئىتى ئىدى، باشقىلار ئوغورلاپ بۇ گېنىرالغا سېتىۋېتىپتىكەن، گېنىرال كاتتا ئەمەلدار بولغاچقا ئېغىز ئاچالمىدۇق، سىڭلىم ئېغىر ئاغرىپ قالدى، ئۇنىڭ ئىتىنى بەكلا كۆرگۈسى بار، شۇ ئىتنى ئوغۇرلاپ بىرەلەمسەن؟
-        شۇ ئىشمىدى ئاكا، قانچە پۇل بىرىسەن ؟
بالا ناھايىتى ئىشەنىچ بىلەن گەپ قىلدى. پاششاخان ئۇنىڭ سۈزىدىن كۈلۈپ كەتتى.
-        قۇلۇڭدىكى پولدىن بەش تال بەرسەم قانداق؟
-        مىنى ئالدىماڭ، سىزدە ئۇنچىلىك پۇل نېمە  قىلسۇن؟ - دېدى بالا قاپىقىنى تۈرۈپ.
-        ئالدىمىدىم مانا قارا! – پاششاخان يانچۇقىدىكى پۇلنىڭ ھەممىنى ئېلىپ بالىغا كۆرسەتتى – ناۋادا ئىشنى ئۇڭۇشلۇق قىلالىساڭ، يەنە بەش تالنى قېتىپ بىرىمەن، ئىشەنمىسەڭ بۇ ئىككى پارچىسىنى ئالدىن بىرىپ تۇراي!
پاششاخان يانچۇقىدىكى بىر باغلام پۇلدىن ئىككى تالنى ئايرىپ ئېلىپ بالىغا سۇندى، بالا پولنى كۈننىڭ نۇرىغا تۇتۇپ بېقىپ كۈلگىنىچە قوينىغا سالدى.
-        چاتاق يوق ئاكا، ئەتە چۈشتە مالنى قۇلىڭىزغا يەتكۈزىمەن، قەيەردە كۈرىشىمىز؟
-        ئابىيامقى گېزىت ساتقان يەردە كۈرىشەيلى، ياندىكى كىچىك كۇچىدا بولسۇن! لېكىن بۇ قاتتىق مەخپىيەتلىك بىلدىڭمۇ؟
-        بىلدىم، ئۇ داچىنىڭ ھويلا تېمى بەك ئىگىز، سىم تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان، لېكىن مىنىڭ ئامالىم بار، پەقەت گىپىڭىزدە تۇرسىڭىزلا!
-        ۋاي چاتاق يوق يىگىت، گىپىمىز گەپ! يەنە بىر ئىش بار ئىدى سەندىن سۇرايدىغان؟
-        ھە نېمە ئىش باي ئاكا؟
-        ھېلىقىدەك قىزلار بار كۇچا بۇ يەرگە يىراقمۇ؟
بالا كۈلۈپ كەتتى.
-        ھەي ئاكا، ئۇ يەر سىز بارىدىغان يەر ئەمەس جۇمۇ!
-        ياق مەن بارمايمەن، ئاڭلىسام بەزىبىر روھلاندۇرۇش دۇرىلىرىنى شۇ يەردىن تاپقىلى بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان، تاغامغا لازىمكەن، شۇڭا سورىدىم!
-        ھە مەن بىلىمەن، توغرا!  ئۇنداق دورا پەقەت شۇنداق كۇچىلاردىن چىقىدۇ، نەششىدىن باشلاپ ئەپىيۇنغىچە ھەممىسى بار، يۈرۈڭ مەن سىزگە كۆرسىتىپ قۇياي.
گېزىت ساتىدىغان بالا پاششاخاننى ئەگەشتۈرۈپ ئاۋات كۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى بىر كىچىك كۇچىغا باشلاپ بىر دۇكاننى كۆرسىتىپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى. پاششاخان دۇكانداردىن ئۇدۇل گەپ سورىدى:
-        ئاڭلىسام يېقىندا بىرخىل دورا پەيدا بولۇپتىكەن، شۇنىڭدىن سىزدە بارمىدۇ؟
-        مەندە ھەرخىلى بار، ساڭا لازىمى قانداقتى؟ - دەپ سورىدى ياشانغان رۇس ئايال قاش-كۆزلىرىنى ئوينىتىپ پاششاخانغا ئاچكۆزلۈك بىلەن قاراپ.
-        ئاياللار ئىچىدىغىنى، ئەڭ كۈچلۈكى كىرەكتى! – دېدى پاششاخان دۇكاندارنىڭ چىرايىغىمۇ قارىماي.
-        مەندە ئىككى خىلى بار، بىرى دۆلتىمىزدە ئىشلەنگىنى يەنە بىرى ياۋرۇپادىن ئەكىرگىنى بۇ بەك قىممەت ئەمما ئۈنۈمى كارامەت، قېرى مۇناخلار ئىچىپ قالسىمۇ چىركاۋدىن قېچىپ كىتىدۇ يىگىت!
-        بۇپتۇ ئەڭ ياخشىسىدىن ئۈچ قېتىمغا يەتكۈدەك بىرىڭ.
-        بۇ بىر تەمسىز پاراشۇك نەرسە، مەشۇغۇڭنىڭ ئىچىدىغان چېيىغا سالساڭمۇ، ۋوتكىسىغا سالساڭمۇ قەتئىي ئۇقالمايدۇ، پەقەت بەش مىنۇت ئۈتە-ئۈتمەي، ئۇ سىنىڭ ئولجاڭغا ئايلىنىدۇ چىرايلىق يىگىت!
دۇكاندار ئايال سىگارتىنى شۇرىغىنىچە سەت كۈلدى، پاششاخان ئۇنىڭ دىگىنىنى بىرىپ ھورمۇنلۇق دۇرىنى ئالغاندىن كېيىن دەرھال بۇ ئىپلاسلىق قاينىغان كوچىدىن چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە گېنىرال ئادىتى بۇيىچە ماشىنا بىلەن ئىشقا كەتكەندىن كېيىن داچىنىڭ دەرۋازا ئالدىغا يېقىنراق يەردە ئىككى بالا بىر توپنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتتى، ياشتا چوڭراق بىر بالا ئۆزىدىن كىچىك بىر بالىنى بۇزەك قىلىپ ئۇنىڭ تۇپىنى تارتىۋالغان ئىدى، كىچىكراق بالا يىغلاپ كەتكىنىچە بىر دەمدە ئاكىسىنى باشلاپ ئەكەلدى، جىدەل چوڭايدى، بۇزەك بولغان بالىنىڭ ئاكىسى ھاينى-ھۇيت دىگۈچە ئۇكىسىنىڭ تۇپىنى ئېلىۋالغان بالىنى ئاستىغا بېسىپ راسا سالدى، تاياق يىگەن بالىنىڭ بۇرنىدىن چىققان قان ئۇنىڭ يۈزىنىڭ ھەممە يىرىگە سۇۋۇلۇپ چىرايى تۇنۇغۇسىز بولۇپ كەتتى، دەرۋازا ئالدىدىكى ئەتىدىن بىرى بۇ جىدەلنى باشتىن –ئاخىرى كۆرۈپ تۇرغان قاراۋۇل ئەسكەر ئاخىرى تاقەت قىلالماي يۈگىرەپ بېرىپ بالىلارنى سىلكىشلەپ ئايرىۋەتتى.
ئەسلىدە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى گېزىتچى بالا ئۇرۇنلاشتۇرغان بولۇپ  قاراۋۇل دەرۋازا تۈۋىدىن ئايرىلغان دەل مۇشۇ پەيتتە  گېزىتچى بالا غىپپىدە دەرۋازىدىن كىرىپ كەتتى. ئۇ يشىللىق قاپلىغان گۈللۈكلەرنىڭ ئارىسىدىكى چېغىر يوللاردىن مېڭىپ ئۆتۈپ ھەشەمەتلىك ئۆينىڭ چوڭ زالىدىكى ئەينەك دەرىزىلەردىن زالنىڭ ئىچىگە قارىدى، زالدا راستىنلا بىر تال پاخپاق كۈچۈك ئويناپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا يېقىنراق يەردە بىر ئۆي خىزمەتچىسى مېڭىپ يۈرۈپ بىر ئىشلارنى قىلىۋاتاتتى. بالا بىردەم ساقلاپ قاراپ تۇردى، ئۆي خىزمەتچىسى ياندىكى بىر ئۆيگە كىرىپ كەتتى، بالا دەرھال پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ زالنىڭ ئىشىگىنى ئېچىپ قۇلىدىكى بىر پارچە خام گۆشنى پاخپاق ئىتقا تەڭلەپ پەسراق ئاۋازدا ئىسقىرتتى.
ئۇماق ئىت بالىنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ كەلدى، بالا ئىتنى كۈتۈرۈپلا دەرۋازا تەرەپكە يول ئالدى، پاخپاق كۈچۈك بۇ داچىدىن چىققىنىغا خوش بولغاندەك قۇيرىقىنى شىپاڭشىتىپ ئۇنىڭ قۇچىغىدا غىڭ قىلماي ياتتى. دەرۋازا ئالدىدىكى قاراۋۇل جىدەلنى ئايرىۋېتىپ ئورنىغا كىلىپ تۇردى، ھېلىقى بالىلاردىن بۇرنى قانىغان بالىمۇ دەرھال ئۈيىگە كەتتى، ئاكا-ئۇكا ئىككى بالا بولسا جىدەل چىقارغان يەردىن كەتمەي ھېلىھەم توپ ئوينىشىۋاتاتتى...
مۇشۇ تاپتا ھېلىقى تاياق يىگەن بالا يولنىڭ ئۇ چېتىدىكى ئېرىقنىڭ بۇيىدا مۈكۈپ تۇرۇپ گېزىتچى بالىنى زەن سېلىپ كۈزىتىۋاتاتتى، گېزىتچى بالا ئىتنى كۈتۈرۈپ چىقىپ قاراۋۇلنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن دەرۋازىغا يېقىن يەردە مۈكۈپ تۇردى، ھېلىقى بالا ئۇنىڭ چىققانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئالدىن-ئالا دىيىشىۋالغىنى بۇيىچە ئۇزۇن بىر گال پىچاقنى كۈتۈرۈپ يەنە ئىككى بالىنىڭ ئالدىغا قايتىدىن جىدەللەشكىلى ۋاقىراپ كەلدى، ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن پىچاقتىن قورقۇپ قاراۋۇلنىڭ  قېشىغا بېرىۋالدى، پىچاق كۈتۈرىۋالغان بالا ھازىرلا ئاكا-ئۇكا ئىككىسىنى ئۆلتۈرۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا بالىلارغا ئۆزىنى ئاتتى. قاراۋۇل ئەسكەر ئۇلارنى ناھايىتى تەستە ئاجراتتى...گېزىت ساتىدىغان بالا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇچىغىدىكى ئۇماق ئىتنى كۈتۈرگىنىچە دەرۋازىنىڭ كىچىك ئىشىگىدىن يەنە بىمالال چىكىتىۋالدى.
پاششاخان گېزىتچى بالا بىلەن دىيىشكەن جايدا دەل ۋاقتىدا مالنى قۇلىغا تاپشۇرۇپ ئېلىپ بالىنى ئۇبدان رازى قىلدى، بالا ئۆمرىدە بۇنداق جىق پۇلنى كۆرۈپ باقمىغچقا پاششاخاننىڭ يېنىۋېلىشىدىن قورقۇپ پۇلنى ئېلىپلا دەرھال تىكىۋەتتى.
گېنىرالنىڭ خانىمى قېرىق ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان چىرايلىق ئايال ئىدى، ئۇلارنىڭ ئىككى قىزى بولۇپ چوڭى ئون يەتتە ياشلاردا ، كىچىكى ئون بەشلەردە ئىدى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكىدىكى بىر ياتاقلىق مەكتەپتە ئۇقۇيتتى، گېنىرال ئەتىدىن كەچكىچە خىزمەت ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرگەچكە خانىم بۇ پاخپاق ئىت بىلەن كۈن بۇيى بىرگە بۇلاتتى شۇ سەۋەپتىنمۇ ئۇ بۇ ئىتنى جېنىدىن ئەزىز كۈرەتتى، خىزمەتچىلەر ئىتنى ئىزدەپ داچىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىنى قالدۇرماي ئاختۇرۇپ باقتى، خانىمنىڭ گېلىدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى، گېنىرال مەخسۇس ئادەم تەشكىللەپ كوچا-كويلارغىچە ئىزدەپ باقتى،  ئىت تېپىلمىدى.  
ئۈچ كۈنگىچە خانىم ساراڭدەك بولۇپ ياستۇقتىن بېشىنى كۈتۈرمەي يىغلىغانچىلىك قىلدى. تۆتىنچى كۈنى سەھەردە خانىم ھوجرىسىدا ئۇماق ئىتىنى ئويلاپ ئولتۇرغاندا تۇيۇقسىز ئۆي خىزمەتچىسى ئايال  كۆلگىنىچە يۈگۈرۈپ كىرىپ خانمىغا خوشخەۋەر يەتكۈزدى.
-        خانىم ئاق مارجان ئۇ تىپىلدى!
-        نىمە ....نىمە دېدىڭ ئاق مارجان ئۇ ھاياتمىكەن؟
خانىم خوش بولغىنىدىن ئورندىن تۇرۇپ خىزمەتچىنىڭ ئالدىغا باردى.
-        ئاق مارجان قېنى، ئۇ نەدە؟
-        ئۇنى بىر يىگىت گۈللۈكتە تۇتۇپ تۇرىدۇ...- دەپ خىزمەتچى ئالدىراپ خانىمنى ئېلىپ ماڭدى.
خانىم گۈللۈكتە بۇرۇتى ئەمدى خەت تارتقان چىرايلىق بىر يىگىتنىڭ ئاق مارجاننى قۇچىغىدا تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن توۋلىۋەتتى. ئاق مارجانمۇ خانىمغا بەكلا ئامىراق ئىدى، ئۇ خانىمنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ پاششاخاننىڭ قۇچىغىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۆزىنى خانىمغا ئاتتى، خانىم كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئاق مارجاننى قۇچاغلاپ سۈيۈشكە باشلىدى...
بىردەملىك ئانا-بالىنىڭ قىزغىن كۆرۈشىشىدىن كېيىن خانىم يىگىتكە رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىدى.
-        سىزگە نېمە دەپ رەخمەت ئېيتسام بۇلار يىگىت، ئاق مارجان سىزگە قانداق بولۇپ ئۇچراپ قالدى؟ - دېدى خانىم پاششاخانغا قۇلىنى سۇنۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەچ.
-        تۆنۈگۈن كۇچىدا كىتىۋاتسام، قېرى بىر ھاراقكەش بۇنى ئالغىن دەپ تۇرىۋالدى، پۇلىسىنى سورسام ئاسماندا گەپ قىلدى، قارىسام بۇ ئاق مارجىنىڭىز شۇنداق ئۇماقكەن ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ يېنىمدا بار پۇلنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ بۇنى سېتىۋالدىم، ئەتتىگەندە بوينىغا زەنجىر سېلىپ يولدا يىتىلەپ مېڭىۋاتسام، ئاق مارجان ئۆزى مۇشۇ تەرەپكە مېڭىپ مىنى بۇ يەرگە باشلاپ ئەكەلدى...- دېدى پاششاخان ئاپتاپتەك كۈلۈپ تۇرۇپ يالغاننى راستەك قىلىپ.
-        يۈرۈڭ ئۆيگە كىرەيلى ، سىز مىنى ئاجايىپ خوش قىلىۋەتتىڭىز، سىزنى نېمە دەپ ئاتايمەن يىگىت؟ - خانىم پاششاخاننىڭ قۇلىدىن تارتىپ ئۇنى زالغا باشلىدى.
-        ئىسمىم ۋىلادىمىر سىرىيىروۋىچ خانىم، ۋىلادىمىر دەپ ئاتاۋىرىڭ،– دېدى پاششاخان زالدىكى يۇمشاق سافادا تارتىنىپ ئولتۇرغان ھالدا.
ئۆي خىزمەتچىسى ئايال ئاڭغىچە چاي كۈتۈرۈپ چىقىپ ئۇلارنىڭ يېنىدا تەق بولۇپ تۇردى.
-        قېنى مەن سىزگە ئۆز قۇلۇم بىلەن چاي تۇتاي ۋىلادىمىر ، سىز قەيەردە تۇرىسىز؟ نېمە كەسىپ قىلىسىز؟،- خانىم پاششاخانغا ناھايىت قىزىققان ھالدا ئۇنىڭغا قىزغىن مۇئامىلە قىلىۋاتاتتى.
-        مەن يىراق سەھرادىن ئىش ئىزدەپ كەلگەن خانىم، شەھەردە بىر تاغام بار ئىدى،  -دېدى  پاششاخان بىچارە قىياپەتتە خانىمنىڭ ئۆزىگە ھىسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن – ئۇ بىر كاتتا باينىڭ داچىسىدا ماڭا ئۆي خىزمەتچىلىكىنى تېپىپتىكەن لېكىن ئۇ يەردە ئىشلىگۈسى بارلاردىن مەن يالغۇز ئەمەسكەن، ئۇ يەرگە تىزىملاتقانلاردىن بەش-ئالتىمىز بار ئوخشايمىز، ئەمدى ئالدىمىزدىكى ئايدا ھەممىمىزدىن ئەمىلىيەتتىن ئىمتاھان ئالىدىغان ئوخشايدۇ...
-        ھەي سىزدەك بىر يىگىت ئۆي خىزمەتچىلىكىگە زايا كىتىسىز ئەمەسمۇ؟- دېدى خانىم پاششاخاننىڭ كىلىشكەن بوي-بەستى ھەم چىرايىغا قاراپ ئىچى ئاغرىتىپ -  مەن بۇ يەرگە ئېلىپ قالاي دىسەم يولدىشىم ھەربىي ئەمەلدار بولغاچقا بىزنىڭ ئۆيگە كىلىدىغان خىزمەتچىنى باش شىتاپ ئۆزى تەكشۈرۈپ ئۆزى تەخسىملەيدىكەن، بولمىسا يېقىنلىرىمغا دەپ سىزگە باشقا بىرە ئىش تېپىپ بىرەيمۇ ۋىلادىمىر ئەپەندى؟
-        رەھمەت خانىم، دادام بەكلا جايىل ئادەم، ئۇمۇ ئۆي خىزمەتچىسى ئىدى، مۇشۇ ئىشنى قىلمىساڭ بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى...
-        ئەمدى قانداقمۇ قىلامىز؟-دىدى خانىم تەڭلىك تارتقان ھالدا.
-        ناۋادا خانىمغا ئېغىر كەلمىسە بىر تەلىۋىم بار ئىدى، ئېيتسام بۇلامۇ؟
-        ھە دەۋىرىڭ يىگىت! – دېدى خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ پاششاخاننى قوللاپ.
-        ناۋادا ماقۇل كۆرسىڭىز داچىڭىزغا كۈندە ئەتتىگەن كىلىپ ئۆي خىزمەتچىلىرىدىن بەزى قائىدە-يۇسۇنلارنى ئۈگۈنىۋالسام كەچكە يېقىن قايتىپ كەتسەم، ئىككى ھەپتە ئىچىدە نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالاتتىم، ئۇچاغدا ئۇلارنىڭ داچىسىغا كىرىپ ئىشلىشىمگە گەپ كەتمەيتتى. سىزنىڭچە بۇلامۇ خانىم؟
-        ھە.... بۇغۇ ئاسان گەپكەن، شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشنى مەن بىزنىڭ گىنىرالنىڭ سەمىگە بىر سېلىپ قۇياي، ئەتە ئەتتىگەندە ئۇ ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن بۇ يەرگە كىلىپ بۇلۇڭ، سىزگە چۇقۇم ياخشى جاۋاپ قايتۇرىمەن!
پاششاخان خانىمغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈپ ئورنىدىن تۇردى، خانىم ياندىكى سومكىدىن بىر قىزىل پورتمالنى ئېلىپ ئىچىدىن بىر تۇتام پۇلنى سۇغۇرۇپ پاششاخانغا تەڭلىدى، پاششاخان ئادىمىگەرچىلىك قىلىپ پۇلنى ئالغىلى ئۇنمىدى، خانىم جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭ قۇلىغا بۇ پۇللارنى تۇتقۇزۇپ ئالمىسا خاپا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتى، پاششاخان پۇلنى تەستە ئالغان بولۇپ خانىم بىلەن خوشلىشىپ داچىدىن چىقىپ كەتتى.
ئەتىسى سەھەردە پاششاخان داچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قاراۋۇل ئەسكەرگە ئەھۋالنى ئېيتتى، قاراۋۇلنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بار ئىدى، ئۇ پاششاخاننى كىرگۈزىۋەتتى. پاششاخان گۈللۈكتە خانىمنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈپ تۇراتتى، شۇ تاپتا ھەيۋەتلىك ھەربىي فورمىللىرىنى كېيگەن ھەيدەر ئالتە قولنىڭ قاتىلى، تۈركمەنىستاننى ئۇچۇق-ئاشكارا بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان قاراقچىلارنىڭ بىرى بولغان گېنىرال گىرىگىروۋىچ خىزمەت سومكىسىنى كۈتۈرگنىچە ئالدىراش چىقىپ كەلدى، ئۇ ئىشىك تۈۋىگە چىقىپ گۈللۈكتە ساقلاپ تۇرغان پاششاخاننى كۆرۈپ خانىمنى چاقىردى.
-        ئەشۇ يىگىت شۇمۇ؟  -دېدى گىنىرال خانىمغا پاششاخاننى مەنسىتمەسلىك بىلەن كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
-        ھەئە ئەشۇ يىگىت شۇ! – دېدى خانىم ئىرىگە قاراپ كۈلۈپ.
-        بۇياققا كەل يىگىت! – دېدى گېنىرال مۇغەمبەرلىك بىلەن پاشاخاننى يېنىغا چاقىرىپ.
پاششاخان يۈگىرەپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى.
-        سەن ئائىلىمىزگە زور خىزمەت كۆرسەتتىڭ، قائىدە بۇيىچە بىزنىڭ بۇ تۇرالغۇمىزغا بىزنىڭ توققانلىرىمىزمۇ كىرەلمەيتتى، خانىمىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سىنى ئىككى ھەپتە بۇ يەردە ئېلىپ قالايلى، كۈزۈڭنى ئېچىۋال!- دەپ سۇغۇق كۈلدى گېنىرال ماڭغىنىچە.
-        رەھمەت گېنىرال! – دېدى پاششاخانمۇ خوش بولغان قىياپەتتە.
شۇنداق قىلىپ پاششاخان ئۆي خىزمەتچىسىگە ياردەملىشىپ قۇلىقى يۇمشاق پىراكتىكا ئۇقۇغۇچى بولۇپ ئىشقا چۈشۈپ كەتتى، ئۇ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش جەريانىدا خانىم بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇردى، گېنىرال ئۆزى سىرىتتا تۇلا ئويناپ يۈرۈيدىغان ئەخلاقسىز كىشى بولغاچقا خانىمى بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقىمۇ مەيلى يوق ئىدى، بىچارە خانىم بارلىق دەرتنى ئىچىدە ساقلاپ يۈرەتتى، ئۇمۇ ساغلام ياش ئايال كىشى بولغاچقا ئەرلەرنىڭ يېنىغا كىلىشىنى خالايتتى...ئەپسۇسكى بۇ ئائىلىنىڭ ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى بولغاچقا خانىم ئىرىنىڭ يۈزىنى تۈكۈشنى خالىمايتتى... خانىم پاششاخان بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بارغانسىرى ئۇنىڭغا ئىجىل بولۇپ كەتتى...
چارشەنبە كۈنى سەھەردە پاششاخان گېنىرالنى يولغا سېلىپ قۇيۇپ زالغا ئەمدى كىرىپ ئولتۇرۇشى تۇلۇق قۇراللانغان بىر ھەربىي يىگىت زالغا كىرىپ كەلدى. پاششاخان ئۇنىڭ خانىمنى قوغداپ سىرىتقا چىقىدىغان ھەربىي شوپۇر ئىكەنلىكىنى ئۇبدان بىلەتتى. پاششاخان ئاشخانا ئۆيدىن بىر ئىستاكان قىززىق چاينى ئېلىپ چىقىپ  ھەربىي يىگىتكە تۇتتى، يىگىت ئوتتۇزلارنىڭ قارىسىنى ئالغان قارىماققا ناھايىتى تەكەببۇر ھەربىي ئىدى، ئۇ پاششاخاننىڭ بەكلا قاملاشقان بالا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قەستەن ئۇنىڭ چېيىنى ئالمىدى.
پاششاخان مېيىغىدا كۈلۈپ چاينى ئۇنىڭ ئالدىدا قاپ قۇيۇپ ياندىكى بىر ئىستاكان ھەسەل ئارلاشتۇرۇلغان سۈتنى ئېلىپ خانىمنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئىشىكنى يىنىك چەكتى، خانىم ئۇخلاش كىيىمى بىلەن چېچىنى تارىۋاتاتتى، خانىم ئۇنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلدى، پاششاخان كىرىپ پەتنۇس بىلەن سۈتنى خانىمغا تەڭلەپ تۇرۇپ شوپۇر يىگىتنىڭ ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. خانىم پاششاخانغا كۈلۈپ قاراپ سۈتنى پاك-پاكىزە ئىچىۋەتكەندىن كېيىن چېچىنى تۈزەشتۈرۈشكە باشلىدى، ئارىدىن نەچچە مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەي دەرۋەقە سۈتكە ئارلاشتۇرۇلغان ھورمۇنلۇق دورا تەسىرىنى راستىنلا كۈرسىتىشكە باشلىدى، خانىم ئۆزىچە كۈلۈپ كۈزىنىڭ قۇيرىقىدا پاششاخانغا سەپ سېلىشقا باشلىدى، پاششاخان بۇنى سىزىپ چاندۇرماي ئىشىكتىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ شوپۇر يىگىتنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى خانىمنىڭ چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى، شوپۇر يىگىتمۇ گەۋدىلىك ھەم قاملاشقان كىشى ئىدى، ئۇ ئۇدۇل خانىمنىڭ ھوجرىسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىشىكنى چەكتى، خانىم ئۇنىڭ كىرىىشىگە رۇخسەت بەردى، خانىم ئاڭغىچە بىر قىسما بولۇپ كۈزى خۇمالىشىپ كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلاپ ئۆزىنىڭ زادى نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي بېشى قايغاندەك بولۇپ ياتقان ئىدى.
شوپۇر يىگىت ياتاق ئۆيگە كىرىپلا خانىمنىڭ ئۇخلاش كىيىمى بىلەن نازلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ سەل جىددىلىشىپ قورقۇپ قالدى لېكىن خانىمنىڭ ئۇخلاش كىيىمىدىن يېرىمى چىقىپ تۇرغان دۈمبىدەك ئاپئاق تولغان كۆكسىگە قاراپ يۈرىگى سەل-پەل ئويناپ قالدى، خانىم تۇنجى قېتىم شوپۇرنىڭ نەقەدەر قاملاشقان يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلگەندەك ئۇنىڭغا قايتىدىن زەن سېلىشقا باشلىدى، شوپۇر خانىمغا راستىنلا بەك قاملاشقان كۈرۈنۈپ كەتتى، ئۇ شوپۇر يىگىتكە قاراپ ئىللىق كۈلدى، ئاندىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ياتاقنىڭ ئىشىگىنى ئۆزى بېرىپ يېپىپ قۇيۇپ شوپۇرنىڭ بوينىغا گىرە سېلىۋالدى...
بىرە سائەتلەرگە قالماي شوپۇر يىگىت ھالسىزلانغان ھالدا خانىمنىڭ ھوجرىسىدىن چىقتى، خانىممۇ بىردەمدىن كېيىن كۆڭلى ئىنتايىن خوش ھالدا زالغا پەيدا بولدى...ئۇلار بىر-بىرىگە كۆز بېقىشىپ يېڭى مۇھەببەتلەشكەن بىر جۇپ ئاشىق-مەشۇقتەك  ئاق مارجاننى كۈتۈرۈشۈپ سىرتقا مېڭىشتى.ئىشلار پاشاخاننىڭ پىلانىدىكىدەك ئۇڭۇشلۇق كىتىپ بېرىۋاتاتتى.
يەنە بىر چارشەنبە يىتىپ كەلدى، بۇ پاششاخانغا نىسبەتەن ئەڭ ئاخىرىقى ھەم ئەڭ مۇھىم كۈن ئىدى.
گېىنىرال يەنىلا ئادەتتىكىدەك ئىشقا ماڭدى لېكىن بۇ قېتىم ئۇ خىزمەت سومكىسىنىڭ ئورنىغا ئۈيىدىكى تامغا ئورنۇتۇلغان چوڭ بىخەتەر ساندۇقتىن تۆت ئەتراپى تۆمۈردىن ياسالغان كىچىك تۆمۈر چاماداننى ئېلىپ مېڭىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇ كىچىك تۆمۈر چامىداننى سول قۇلىغا كويزا بىلەن چېتىۋېلىپ ماڭغىنىدىن قارىغاندا چامىداندا ئالتۇندىنمۇ ئەتىۋا قانداقتۇ بىرە بايلىق باردەك قىلاتتى. گېنىرال چوڭ دەرۋازا ئالدىغا چىقىشى ھېلىقى مۇغەمبەر شوپىر يىگىت گېنىرال بىلەن سالاملىشىپ گۈللىكتىن كىرىپ كىلىۋاتاتتى...پاششاخان يانچۇق سائىتىگە قارىدى، گېنىرال يېرىم سائەتتىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئىشتاپتىكى ئىشخانىسىغا بارالايتتى...
شوپىر يىگىت زالغا كىرىپ ئۇدۇل خانىمنىڭ ھوجرىسىغا كىرمەكچى بولدى چۈنكى ئۇلار ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى بازاردا شۇنداق پۈتۈشۈپ بولغان ئىدى...
- خانىم سىزنى بىردەم گۈللۈكتە تۇرۇپ تۇرسۇن، مەن چاقىرغاندا ئۇدۇل ھوجىرامغىلا كىرسۇن دەيدۇ! – دېدى پاششاخان ھويلىدىكى گۈللۈكتە شوپۇرنىڭ ئالدىنى تۇسۇپ.
شوپۇر«ھوجىرامغىلا كىرسۇن!» دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ بۇ گەپنىڭ راستلىقىغا ئىشىنىپ قەدىمىنى توختىتىپ گۈللۈكنى تەقەززالىق بىلەن ئايلىنىشقا باشلىدى.
پاششاخان قەدىمىنى ئىتتىك ئېلىپ ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن ئىلگىركىدەك سۈت بىلەن ھەسەلنى تەييار قىلىپ تەق قىلدى، ئاندىن سائىتىگە قاراشقا باشلىدى پاششاخاننىڭ يۈرىگى مۇشۇ تاپتا سائەتنىڭ سىكونىت سىتىرىلكىسىدىنمۇ تىز سېلىۋاتاتتى...
ئون مىنۇت...يىگىرمە مىنۇت...ئوتتۇز مىنۇت...گېنىرال ئالاھىزەل ئىشخانىسىغا يىتىپ باردى. پاششاخان خانىمنىڭ ئىشىگىنى چىكىپ «ھەسەل ئارلاشتۇرۇلغان سۈت» نى خانىمغا ئەكىرىپ بەردى، بۈگۈن خانىم ئەڭ چىرايلىق ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئۆزىگە گىرىم قىلىپ ئولتۇرغان ئىدى، ئۇ پاششاخاننى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ خوشلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرمەي شوپۇرنى ئالدىراپ سورىدى، پاششاخان ئىشلارنىڭ تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشى ئۈچۈن سۈتنى خانىمغا تەڭلەپ تۇرۇپ شوپۇرنىڭ گۈللۈكتە ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، خانىم سۈتنى گۈپۈلدىتىپ ئىچىۋېتىپ تۇرۇپ  شۇپۇرنى چاقىرىۋېتىشىنى ئېيتتى.
شوپۇر بۇ قېتىم خانىمنىڭ ئىشىگىنى چەكمەيلا كىرىپ كەتتى...
پاششاخان خانىمنىڭ ھوجرىسىغا يىراق بولغان زالدىكى تېلفۇن تورۇپكىسىنى قۇلىغا ئېلىپ گېنىرالنىڭ ئىشخانىسىنىڭ نۇمۇرىنى بۇراشقا باشلىدى.
-  ۋەي! گېنىرال ژاكوف پىرايىۋىچما؟
-  ياق مەن كاتىپى!
- ئۇنىڭ بىلەن جىددى كۆرۈشمەكچى ئىدىم، چاقىرىپ قويغان بولسىڭىز..!- دەپ قەستەن ھاسىراپ سۆزلىدى پاششاخان.
-  سىز كىم؟
- مەن ئۇنىڭ ئۆي خىزمەتچىسى، تىز بۇلۇڭ جىددى ئىش چىقىپ قالدى!
كاتىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئىشىكتىن ئەمدىلا كىرگەن گېنىرالغا تېلىفۇننىڭ توروپكىسىنى دەرھال سۇندى.
-        ۋەي، مەن پىرايىۋىچ، نېمە ئىش بولدى؟
-         ۋەي... گېنىرال بۇ سىزمۇ...دەرھال ئۆيگە كىلىڭ مەن ۋىلادىمىر...سىزنىڭ ھېلىقى مايۇر شوپۇرىڭىز ئۇ قىپقىزىل ساراڭكەن...
-        ۋەي نېمە دېدىڭ، شوپۇر ئۇ...ئۇ نېمە  بۇپتۇ؟- دەپ قايتىلاپ ۋاقىردى گېنىرال پاششاخاننىڭ ھاسىراپ –ھۆمىدەپ ئېيتقان ئاۋازىدىن جىددىلىشىپ.
-        گېنىرال ...چاتاق چىقتى...ئۇ شوپۇر ...خانىمغا تاپانچىسىنى تەڭلەپ...ھوجرىسىغا تارتىپ ئەكىرىپ كەتتى...
گىنىرال ئىشخانىسىغا ئەمدى كىلىپ قۇلىدىكى تۆمۈر چاماداننى تېخى ئاجراتمىغان ئىدى، ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەپتىن ئىشتىنىغا چىقىرۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتى، ئۇ تۆمۈر چاماداننى قۇلىدا تۇتقان پېتى  چاقماق تىزلىكىدە ماشىنىسىغا چىقىپ شۇپىرىغا داچىغا قاراپ تىز ھەيدەشنى بۇيرۇق قىلدى، شوپىر گېنىرالنىڭ ئۈڭۈپ كەتكەن چىرايىغا قاراپ ماشىنىنى ئۇچقاندەك تىز ھەيدىدى، گېنىرال يېنىدىكى تاپانچىسىنى ئۈيىگە بارغۇچە نەچچە قېتىم ئېلىپ نەچچە  قېتىم سالدى، گېنىرالنىڭ نەزىرىدە ماشىنا شۇنداق ئاستا مېڭىۋاتقاندەك بىلىنەتتى...
ماشىنا يىگىرمە مىنۇتقا قالماي داچىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلدى، پاششاخان زالنىڭ دەرىزىسىدىن ھويلا گۈللۈكىدە غەزەپتىن ئالچاڭلاپ كىلىۋاتقان گېنىرالنى كۆرۈپ يۈگۈرگىنىچە خانىمنىڭ ھوجرىسىغا كىردى، شۇپىر يىگىت خانىمنىڭ ۋىسالىغا يىتىش ئالدىراشچىلىقىدا  ئىشتان –كۈينەكلىرىنى ئىشىكنىڭ تۈۋىگە يېقىنراق يەرگە سېلىپ قۇيۇپلا خانىم بىلەن يۆگىشىپ كەتكەن ئىدى، پاششاخان ئالدى بىلەن يەردىكى كەمەرگە ئېسىلغان تاپانچىنى غىلابىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ شوپىر يىگىتكە ئۈنلۈك ۋاقىردى.
-        خانىم!...ئىش چاتاق گېنىرال كەلدى!
-        كىم ؟...كىم كەلدى؟ - دېدى شوپۇر بېشىنى يوتقاندىن چىقىرىپ ئىشەنمىگەندەك پاششاخانغا بۇرۇلۇپ قاراپ.
ئاڭغىچە خانىم قورقۇپ چىيقىراپ يوتقاننىڭ ئىچىگە تېخمۇ مەھكەم كىرىۋالدى.
-        ئەنە قاراڭ، گېنىرال ئۇ..ئۇ قۇلىدا تاپانچا كۈتۈرۋاپتۇ! – پاششاخان شۇنداق دەپ يانغا تۇرۇپ بەردى.
خانىمىنىڭ ھوجرىسىدا تۇرۇپ  زالنىڭ ئىشىگىدىن  كىرگەن ئادەمنى  كۆرگىلى بۇلاتتى، شوپۇر يىگىت گېنىرالنىڭ راستىنلا قۇلىدا تاپانچا تۇتقان پېتى زالغا كىرىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ تىتىرەشكە باشلىدى.
-        ھەي مايۇر نېمە تىتىرەيسىز، تاپانچىنى دەرھال بەتلەڭ، تىز بۇلۇڭ،بولمىسا ئۆلگۈرەلمەيسىز؟ - پاششاخان شۇنداق دىگەچ قۇلىدىكى تاپانچىنى دەرھال قورقۇپ گاڭگىراپ كەتكەن  شوپۇرغا تۇتقۇزۇپ قۇيدى.
شوپۇر يىگىتمۇ دەرھال تاپانچىسىنى بەتلەپ تەييار قىلدى.
ئاڭغىچە پاششاخان يەردىكى شوپىرنىڭ ئىشتان-كۆينەكلەرنى يېغىشتۇرۇپ قۇلىدا پومىداقلاپ تۇتقىنىچە ئىشىكنى يېپىۋېتىپ گېنىرالنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ ماڭدى، گېنىرال زالنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئېشىپ خانىمنىڭ ھوجرىسىغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى، پاششاخان گېنىرالنىڭ ئالدىغا يۈگىرەپ چىقىپ قۇلىدىكى كىيىم-كىچەكلەرنى گېنىرالغا كۆرسەتتى.
-        گېنىرال!  مايۇر ئۇ بىر ساراڭكەن، ئۇ قۇلىغا تاپانچىنى ئېلىۋېلىپ بىچارە خانىمنى قىيناپ ئۆلتۈرەي دەپ قالدى...!- پاششاخان ئوتنىڭ ئۈستىگە ياغ چېچىۋاتاتتى.
-        ھۇ ئىتنىڭ بالىسى! سىنى قانداق قىلىدىكەنمەن!،–گېنىرال تاپانچىسىنى بەتلىگەن پېتى خانىمنىڭ ئىشىكىنى غەزەپ بىلەن تەپتى. دىگەندەك شوپۇر قۇلىدا تاپانچىسىنى تۇتقان ھالدا كارۋاتتا يالىڭاچ پېتى تىتىرەپ لاغىلداپ تۇراتتى، گېنىرال بۇنى كۆرۈپ ئەرۋايى قىرىق گەز ئۆرلىدى، گېنىرال تاپانچىسىنى شۇنداق كۈتۈرىشىگە قورققان ئاۋال مۇشت كۈتىرەپتۇ دىگەندەك شوپۇر يىگىت ئالدى بىلەن گېنىرالغا ئوق ئۈزۈپ تاشلىدى، ئوق جايىغا تەگمىگەن ئىدى، گېنىرال شۇپۇرغا قارىتىپ ئوق ئېتىشقا باشلىدى، شوپۇر يىگىتمۇ ئۆلچەملىك ھەربىي بولغاچقا گېنىرالنى چەنلەپ قالايمىقان ئىتىۋەردى...
ئاشخانا ئۆيدىكى خىزمەتچىلەر خانىمنىڭ ھوجرىسىدىن چىققان قالايمىقان ئوق ئاۋازىدىن يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ نەخ مەيداننى كۆرۈپ بىرى شۇ يەردە ئايلىنىپ كەتتى، يەنە بىرى چىيقىراپ بېرىپ يوتقان ئىچىدە مۈكۈپ ياتقان خانىمنى يوتقاننىڭ سىرتىدىن قۇچاقلىۋالدى، يەردە گېنىرال قان قۇسقىنىچە  جان تالىشىۋاتاتتى...كارۋاتتىكى شوپۇر يىگىت بولسا ئاللاقاچان ئاندىن تۇغما ھالدا مىلىق-مىلىق قان ئىچىدە كۈزى ئۇچۇق كىتىپ بولغان ئىدى.
پاششاخان كۈزى قانغا تولغان ھالدا ئاشخانا ئۆيدىكى گۈش پارچىلايدىغان كىچىك پالتىنى كۈتۈرۈپ خانىمنىڭ ھوجرىسىغا كىرىپ كەلدى، گېنىرالنىڭ ئاغىزىدىن تېخىچە توختىماي قان كىلىۋاتاتتى، ئەمدى ئۇنىڭ پۇت-قۇلىنى مىدىرلىتالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئوق ئۇنىڭ ئەجەللىك يىرىگە تەگمىگەندەك قىلاتتى، گېنىرال بار كۈچىنى يېغىپ كۈزىنى پولتايتقىنىچە پاششاخانغا تىكىلىپ بىرنىمىلەرنى دىمەكچى بولدى:
-        سەن...سەن... ؟
گېنىرالنىڭ ئاۋازى ئاران-ئاران چىقاتتى.
-        مەن ھەيدەربەگنىڭ دوستى!- دېدى پاششاخان تۈركمەن تىلىدا ئاچچىق كۈلۈپ تۇرۇپ.
-        قا...قا...قايسى...؟
گېنىرال تۈركمەنچىنى پىششىق بىلەتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى چۈشۈپ نەپەس ئېلىشى بارغانسىرى قېيىنلىشىشقا باشلىدى.
-        سەن تۈركمەنىستاندا ئىككى تال پۇل ئۈچۈن ئېتىۋەتكەن ھېلىقى بالىچۇ؟ ئىسىڭگە كەلدىمۇ گېنىرال!،- دېدى پاششاخان غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىغا يېقىنلاپ تۇرۇپ، - ساڭا ھەممىنى دەپ بىرەي! مەن ئەشۇ ھەيدەربەگنىڭ دوستى، ساڭا دىسەم گېنىرال، پاختا ئىسكىلاتىڭغا ئوت قويغىنىمۇ، سىنى ھازىرقى ھالغا چۈشۈرگىنىمۇ مانا مەن! بۇنى بىلەمسەن؟!
جاھاندا ئۆزىنى بىر چاغلايدىغان گېنىرالغا بۇ گەپ تېخىمۇ ھار كەلدى بولغاي ئۇ ئاچچىقتىن كۈزىنى چىڭ يۇمىۋالدى. پاششاخان مىڭلىغان تۈركمەن خەلقىنىڭ خۇن قەرزىگە تۇغۇلغان بۇ قانخۇر ھەربىي ئەمەلدارنىڭ بۇنداق ئاسان ئۈلۈشىنى ئەسلا خالىمايتتى، شۇڭلاشقا پاششاخان گىنىرالنىڭ يۇمۇلغان قىيسىق كۈزىنى قول بارماقلىرى بىلەن چىمداپ تۇرۇپ مەجبۇرى ئاچتى،ئاندىن ئۇنىڭ قۇلىقىغا تېخىمۇ يىقىن كىلىپ تۇرۇپ رۇسچە كۇسۇرلاپ ئېيتتى:
-        پالتامغا قارا، تۈركمەنلەرنىڭ قانداقلىقىنى ئەمدى كۈرىسەن!
گېنىرالنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ پاششاخاننىڭ قۇلىدىكى پالتىغا تىكىلگىنىچە ئۇنىڭدىن ئاخىرىقى قېتىم بىر قۇشۇق قېنىنى تىلمەكچى بولۇپ بىر نىمىلەرنى دەپ باقتى ، لېكىن غەزەپكە كەلگەن پالتا ئۇنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا قارىماي ھاۋاغا تېخىمۇ ئېگىز كۈتۈرۈلدى، «گاچ...گاچ» قىلغان ئۈچ قېتىملىق ئاۋازدىن كېيىن گېنىرالىنىڭ قېنى ھوجرا تېمىغا پونتاندەك چاچراپ بېشى بىر تەرەپكە دومىلاپ كەتتى. قورققىندىن لاغ-لاغ تىتىرگەن ئايال مۇلازىم  پالتا بىلەن چېپىلغان باشنى كۆرۈپ كارۋات ئۈستىدە يوتقاننىڭ ئىچىگە مۈكىۋالغان خانىمنى قۇچاقلىغىنىچە ئۈنلۈك بىر چىيقىردى-دە شۇئان ھۇشىدىن كەتتى.
پاششاخاننىڭ ئاچچىغى تېخى يانمىغاندەك قىلاتتى، ئەمدىلىكتە ئۇ  نىشاننى ئۆزگەرتىپ گېنىرالنىڭ قۇلىدىكى كويزىغا كۈچەپ ئۇردى، چۈنكى پاششاخان ئوغرى-قاراقچىلارنىڭ قۇلىدىكى بۇنداق«چامادان»لارنىڭ خېلى ياخشى نەرسىلىگىنى ئۇبدان بىلەتتى، تۆمۈر چامادانمۇ  ئوخشاشلا ئۈچ پالتا بىلەن گېنىرالنىڭ قۇلىدىن ئاجرىدى.
پاششاخان قان ئىچىدە ياتقان باشسىز گەۋدىگە قاراپ مېيىغىدا كۈلۈپ قويدى ئاندىن ئىككى كۈزى ئۇچۇق كەتكەن گېنىرالنىڭ ئىت بېشىغا ئېڭىشىپ تۇرۇپ كۈچەپ بىرنى تۈكۈردى، ئۆز ۋاقتىدا ھەيدەربەگنىڭ كۈزى ئۇچۇق كەتكەن چاغدا بىر تال سارغايغان يۇپۇرماق ھەيدەربەگنىڭ يۈزىنى مىھرىبانلىق ۋە سېخىيلىق بىلەن يۆگىگەن بولسا ئەمدىلىكتە ئۆچمەنلىك ۋە قىساسقا تولغان پاششاخاننىڭ تۈپرىگى بۇ ئىپلاس گېنىرالنىڭ يۈزىنى لەنەت سۈيى بىلەن تېخىمۇ سەتلەشتۈرگەن ئىدى.
پاششاخان تۆمۈر چاماداننى ئېلىپ داچىدىن بىمالال چىقىپ كەتكەندىن كېيىن پىنھان بىر يەرنى تېپىپ بۇ تۆمۈر چاماداننى ناھايىتى تەسلىكتە ئاچتى، ئۇنىڭ ئىچىدىكى پۇل ياكى ئالتۇن بولماستىن يەتتە-سەككىز تامغۇ بېسىلىپ پىچەتلەنگەن بىر قەغەز ئارخىپ خالتىسى بولۇپ چىقتى، پاششاخان ئۇنىڭمۇ ئىچىنى ئېچىپ قارىۋىدى ئۇنىڭ ئىچىدە بىر توپ يازما ماتىرياللار بولۇپ خەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا  ئاتوم بومبىسىغا مۇناسىۋەتلىكتەك گەپلەردەك قىلاتتى. پاششاخان بۇ بىر زور ھەربىي مەخپىيەتلىك بولسا كىرەك دىگەننى ئويلاپ ماتىريالنى ئارخىپ خالتىسى بىلەن بىلىگە چىڭ تېڭىپ تۆمۈر چاماداننىڭ ئىچىنى تاش-شېغىل بىلەن تولدۇرۇپ كىچىك بىر كۆلگە تاشلاپ چۆكتۈرۋەتتى. ئاندىن بىر كىچىك چاچ ياسايدىغان دۇكاندىن مەخسۇس چاچتىكى بۇياقنى چىقىرىدىغان سۇپۇندىن بىر قۇتا ئېلىپ باغچىدىكى كىچىك ئېقىنلارنىڭ بىرىدە چېچىدىكى بۇياقنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ ئەسلىدىكى تۈركمەن ھالىتىگە قايتتى، ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ئىھتىيات قىلىشى كىرەك ئىدى، شۇڭا ئۇ ئاستانىگە قايتىشقا ئالدىرماي ۋەزىيەتنىڭ ئەھۋالىنى كۈزۈتۈپ باقماقچى بولدى.
ئەتىسى مۇسكىۋانىڭ ئىچى زىلزىلىگە كەلدى، ۋىلادىمىر ئىسىملىك سېرىق چاچ رۇس يىگىتنىڭ قىياسقا ئاساسەن سىزىلغان  رەسىمى كۇچا-كۇچىلارغا چاپلىنىپ تۇتۇپ بەرگەنلەرگە بىرىدىغان مۇكاپات سوممىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى، مۇسكۇۋا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ جىددى ھالەتكە ئۆتتى.
پاششاخان كۆڭلىدە «گېنىرالنىڭ بىر جېنى بۇ شەھەرنى بۇنچە بىسەرەمجان قىلىشى ناتايىن،  گەپ مۇشۇ قۇلۇمدىكى ماتىريالدا بۇلمىسۇن يەنە؟» دىگەننى غىل-پال ئويلاپ چىقىپ ماتىريالنى باغرىغا تېخىمۇ چىڭ باستى، ئۇ شەھەرنىڭ كۇچا-كويلىرىدىكى ساقچىلارنىڭ رۇس يىگىتلىرىنى بەكراق تەكشۈرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ كۆڭلى بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ چېچىنى كەينىگە قارىتىپ تاراپ  ئاز تۇلا قاتتۇرغاندىن كېيىن ئۈستىۋىشىنى تۈركمەنلەرنىڭ كىيىنىشگە تېخىمۇ ماسلاشتۇردى.
ئۇ شەھەردىكى ئەرمەك ھايۋانلارنى ساتىدىغان سودا كۇچىسىدىن ئاستى تەرىپى ياغاچ تاختايدىن ئۈستى ۋە ئەتراپى سىم توردىن ياسالغان بىردانە قەپەز ۋە بىر پاخپاق كۈچۈكنى سېتىۋالدى، ئۇ ياغاچچىلارنىڭ يېنىغا بېرىپ چوڭ-كىچىكلىكى  قەپەزنىڭ ئاستىدىكى تاختاي بىلەن ئوخشاش بولغان ياغاچ تاختايدىن ئۈچ پارچىنى تىلدۇرۇپ نەخ مەيداندا ئۇلارغا ئىككى پارچە تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىنى يېنىدىكى ماتىريالنىڭ چوڭلىقىدا ھەرىدەپ ئۇيۇپ ئېلىۋاتقۇزدى.
پاششاخان بۇ نەرسىلەرنى كۈتۈرۈپ پىنھان بىر جاينى تېپىپ بىلىگە تاڭغان ماتىريال يېزىقلىرىنىڭ ھۆل نەرسىلەرنىڭ تىگىپ  بۇزۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قاتقات پىلاستىر خالتا بىلەن مەھكەم ئۇراپ چىقتى ئاندىن ھېلىقى ئوتتۇرىسى ئۇيۇلغان ئىككى پارچە تاختىنى قەپەزنىڭ ئاستىدىكى تاختىنىڭ كەينى يۈزىگە مېخ بىلەن چاپلىدى، ئوتتۇرىسىدىكى كاۋاك يەرگە قۇلىدىكى ماتىريالنى سېلىپ دەل كەلتۈرگەندىن كېيىن يۈزىنى يەنە بىر پارچە تاختا بىلەن يېپىپ مىخ بىلەن مەھكەم چاپلىۋەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئۇ پاخپاق كۈچۈكنى قەپەزگە سۇلاپ شەھەرنىڭ كۇچىلىرىدا بىمالال ماڭغىنىچە ئاستانىگە قاتنايدىغان ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە  يىتىپ كەلدى، بىكەتنىڭ ئىچى تۇساق-تۇساق، ساقچى-ساقچى دىگەنلەرگە تۇشۇپ كەتكەن ئىدى، ساقچىلار پاششاخاننىڭ يېنىنى تەپسىلى ئاختۇرغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆتكۈزىۋەتتى، قەپەزدىكى كۈچۈك بىلەن ئۇلارنىڭ ئانچە كارى بولمىدى...ساقچىلار پەقەت رۇس يىگىتلەرنى يالىڭاچلىغانچىلىك قىلىپ قاتتىق تەكشۈرۋاتاتتى.
پاششاخان خاتىرجەم ھالدا قەپەزدىكى كۈچىگى بىلەن ئاپتۇۋۇزغا چىقىپ تۈركمەنىستاننىڭ ئاستانە شەھرىگە قاراپ مېڭىپ كەتتى، ئاپتۇۋۇز ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىن ئۆتكەندە يول-يوللاردىكى تەكشۈرۈش چازىلىرىدىكى ساقچىلار يۇلۇچىلارنى ماشىنىدىن قايتا چۈشۈرۈپ سومكا-خالتىلىرىنى ئاچقۇزۇپ ناھايىتى تەپسىلى تەكشۈرەتتى، ھەر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە ئۇماق پىستە ساقچىلارنىڭ ئۆتكىلىدىن بىمالال ئۈتىۋىرەتتى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 10:06:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                      ئون ئىككىنچى باپ: بورھانبەگ

تىللاخان ئاكىسى كەتكەندىن كېيىن ئۆزىچە جىمغور بولۇپ ئۆيدىن تالاغا ئانچە چىقىپ كەتمىدى، ئۇ ئەتىدىن –كەچكىچە ئاكىسى پاششاخان بىلەن بىللە يۈرۈپ كۈنۈپ قالغاچقا يالغۇز ئولتۇرۇش ناھايىتى تەسكە توختىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پاششاخان ئۇكىسى تىللاخانغا بەكلا كۈيىنەتتى، سۇغۇق قىش كۈنلىرىدە پاششاخان كېچىسى نەچچە قېتىم ئويغۇنۇپ تىللاخاننىڭ يوتقىنىنى يۆگەپ قۇياتتى، ياخشىراق يىمەكلىكلەرنى ئۇچرىتىپ قالغاندا ئۇنىڭغا ئالاھىتەن ئالغاچ كىلەتتى...تىللاخان بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئاكىسىغا بەكلا ئىجىل بولۇپ كەتكەن ئىدى.
تىللاخان بۈگۈن ئەتتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ مەسچىتكە چىقىشنىڭ ئالدىدا ئۈيدىكى جەينىمازدا ئولتۇرۇپ ئاكىسىنىڭ تىنىچ-ئامان قايتىپ كىلىشىنى خۇدادىن تىلىدى. چۈشكە يېقىن كۆكتات ۋە گۆش سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا ئالدىراپ چىقتى، چۈنكى ئۆينى ئادەمسىز قۇيۇشقا بولمايتتى...
تىللاخان قاسساپتىن گۆش ئېلىۋېتىپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى گېزىتتىن پاششاخاننىڭ سۈرىتىگە ئوخشاپراق كىتىدىغان بىر پارچە سۈرەتنى كۆرۈپ قالدى، ئۇ قەنەگە قىستۇرۇپ قويۇلغان گېزىتنى قۇلىغا ئېلىپ ۋىلادىمىر ئىسىملىك رۇس يىگىتىنىڭ تۇتۇش بۇيرىقىنى ئۇقۇغاچ گېنىرال گىرىگىروۋىچنىڭ ئۈلۈم خەۋىرىنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقتى.
تىللاخان بۇ گېزىتنى قاسساپتىن ئۆتنە ئېلىپ يانچۇقىغا قاتلاپ سالغاندىن كېيىن چەكسىز خۇشاللىق ئىچىدە گۈشنى ئېلىپ ئىسقىرىتقىنىچە ئۆيگە چاپتى.
«ئاكام ئەسلىدە مىنى دەپ بۇ خەتەرگە تەۋەككۇل قىپتىكەندە، جېنىم ئاكا، ماڭا قىلغانلىرىنىڭنى قاچانمۇ ياندۇرۇپ بۇلارمەن! مىنى ئەنسىرمىسۇن دەپ ماڭا ھەقىيقى ئەھۋالنى ئېيتماپسەن! ئۇلۇغ ئاللاھىم سىنى مەڭگۈ ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، جېنىم ئاكا! قاچانمۇ كىلەرسەن؟!»
تىللاخان ئۆيگە كەلگەندە ئىشىك ئۇچۇق تۇراتتى، تىللاخاننىڭ يۈرىگى قارتتىدە قىلىپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپ ھوجرىغا قارىدى، ئۆي ئىچى رەتلىك سۇپىدىكى گىلەم شۇ پېتى تۇراتتى،ئۇنىڭ يۈرىگى بىر ئاز ئورنىغا كەلدى، ئۇ مىھمانخانىغا چىقىپ قاراپ باقتى، ھېچكىم كۈرۈنمەيتتى، ئۇ ئاكىسى پاششاخاننىڭ كەلگەنلىكىدىن گۇمان قىلىپ كۈلۈپ ئاغىزى قۇلىقىغا يەتتى، ئۇ شۇئان قۇلىدىكى نەرسە كىرەكلەرنى تاشلاپ قۇيۇپ ئاكىسى دائىم مۈكۈۋالىدىغان ئۆگزىدىكى كەپتەرخانىغا يۈگۈردى، ئۇ شۇت بالداقلىرىنىڭ ئىككىسىنى بىر ئالغانچىلىك قىلىپ ئۆگزىگە چىقتى، ئاكىسى پاششاخان كەپتەرخانا ئالدىدا قۇلىدا بىر تال كۈچۈك سۇلانغان قەپەزنى تۇتۇپ ئۇكىسى تىللاخانغا قاراپ ئىللىق كۈلۈپ تۇراتتى، تىللاخان يۈگىرەپ بېرىپ ئاكىسىنى قۇچاقلىدى، ئاندىن ئاۋاز چىقارماي ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، پاششاخاننىڭمۇ كۈزىگە مۆللىدە ياش كىلىپ ئۇكىسىنى باغرىغا باستى...
كەچتە ئۆي ئىچى قىززىپ كەتتى، بالىلار پاششاخاننى ئۆزىنىڭ ھامىيسى دەپ بىلەتتى، ئۇنىڭغا چەكسىز ھۆرمەت قىلاتتى، ئۇنىڭغا ھەددىدىن تاشقىرى ئامىراق ئىدى، چۈنكى پاششاخان بۇ يىتىم بالىلارنىڭ سۈيىدە ئېقىپ ئۇتىدا كۈيۈپ يۈرۈپ بالىلارنىڭ بۈگۈنىنى بارپا قىلغان ئىدى، ئۇ ئەزەلدىن بالىلارغا قاپاق تۈرۈپ قارىمايتتى، ساۋاق بەرگەندە ئاچچىقلىمايتتى، يامان ئىشلىرىنى كۆرگەندە كۆرمەسكە سالاتتى، قىش كۈنلىرى بالىلار بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ نۈۋەتچىلىكىنى ئۇنتۇپ ياكى ئوت قالاشقا ھۇرۇنلۇق قىلىپ يېتىۋالسا پاششاخان ئۆزى چىقىپ ئوت قالاپ بىرەتتى...
دىمەك بالىلار بۇ ئاتامانىدىن بەكلا رازى ئىدى، ئۇلار بۈگۈن پاششاخاننىڭ ئۆيگە پەيدا بولغانلىقىنى كۆرۈپ باشقىچە خۇشال بولدى، نەچچە كۈندىن بىرى شەھەردە بولغان يېڭى-يېڭى ئىشلارنى ئاغىزى-ئاغىزىغا تەگمەي پاششاخانغا ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ كىتىشتى...
خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن بىر كۈن ئىشلەپ ھېرىپ-چارچىغان بالىلار لايدەك ئۇيقۇغا كىتىشتى، پاششاخان بىلەن تىللاخان ھوجرىسىدا ئۇخلىماستىن پاراڭلىشىپ يېتىۋاتاتتى.
-        ئاكا ئۇ ئەبلەخنى قالتىس جايلاپسەن! – دېدى تىللاخان ئاكىسىغا پەس ئاۋازدا كۈلۈپ تۇرۇپ.
-        قانداق بىلدىڭ؟- پاششاخان ياتقان يېرىدىن ئۆرۈلۈپ ئۇكىسىنىڭ چىرايىغا قارىدى.
-        گېزىتتىكى ۋېلادىمىرغا تازا ئىنچىكىلەپ سەپ سالسام ساڭا ئازراق ئوخشاپ قالدى، تۇتۇش بۇيرىقىنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ باقسام ھېلىقى ئەبلەخنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەپتۇ، بۇنى سەن قاملاشتۇرمىساڭ باشقىلارنىڭ قۇلىدىن كىلەمتى!
-        تۇتۇش بۇيرىقىدىكى سۈرەتتىن باشقىلار مىنى تۇنۇپ قالىدىغاندەكمۇ؟
-        ياق مۇمكىن ئەمەس ئاكا، مەن سەزگىنىمگە باشقىلار ھەرگىز تۇنىيالمايدۇ، تۇتۇش بۇيرىقىدا ساقچىلار سېرىق چېچىڭ بىلەن ئوڭ يۈزۈڭدىكى چوڭ خالىڭنى بەكراق تەرىپلەپتۇ، سىنى سېپىي ئۆزىدىن كەسپىي قاتىل، ھەتتا كىچىك بالىلارنى كۆرسىمۇ ئىككى پۇتىنى يىرىپ تاشلىۋېتىغان ۋەھشى ئالۋاستى دەپ تەرىپلەپتۇ، خەۋىرىنى قىلغۇچىلارغا بىرىدىغان پۇلنىڭ كۆپلىكىنى دىمەمسەن تېخى!
-        ئۇكام مەن بىر ئىشنى ھىس قىلدىم، بۇندىن كېيىن ھەرقانداق ئىشنى كەينىگە تارتمايلى!
-        دىمەكچى بولغىنىڭ...
-        ئەتىدىن باشلاپ بۇرادەرلەر ئاياق مايلايدىغان ئىشنى قىلمىسۇن! بىز ئەمدى ھەركەتلىنەيلى!
-        ئاكا، سىنىڭچە بىز تېخى كىچىك ئەمەسمىدۇق؟
-        ياق ئۇكام، بىز ئۆزىمىزنى سىناپ باقتۇق، بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كىلىدىكەن، جان دىگەن قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىقىدىكى نەرسىكەن، بىز ئەمدى ساقلىمايلى! مەن بۇنى ھېلىقى ئەبلەخنىڭ داچىسىدا ھىس قىلدىم...
-        قانداق دەيسەن ئاكا...
-        ھېلىقى كۈنى ژاكوف پىرايىۋىچ دىگەن ئەبلەخ غەزەپ بىلەن زالغا كىرگەندە ئاچچىغىدا قۇلىدىكى تاپانچىنى ماڭا تەڭلەپ بولۇپ چۈشۈرىۋالدى، قورقۇپ ئەرۋايىم قىرىق گەز ئۆرلىدى دىگىنە...
-        ئۇنىڭ ئېتىۋېتىشىدىن قورقتىڭمۇ؟
-        ھەئە، مەن شۇچاغدا بىرىنچى بولۇپ سىنى ئويلىدىم، سىنى قايتا كۈرەلمەسلىگىمدىن قورقتىم، بالىلارنى كۈرەلمەسلىكىمدىن قورقتۇم، يەنە قىلشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمنى قىلالماسلىقىمدىن قورقتۇم...
-        ئۇنداقتا بىز بۇرۇن دىيىشكەن ئىشنى راستىنلا باشلامدۇق؟
-        بىز ئەتىلا ھەركەتنى باشلايلى، مەن مۇسكىۋادا بۇلارنىڭ بىر ماتىرىيالىنى كۆرۈپ قالدىم، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ مەنىسىنى كېيىن لوغەتكە قاراپ چۈشەندىم، ئۇلار بىزنىڭ بايلىقىمىزنى بۇلاش بىلەنلا بولدى قىلماپتۇ...
پاششاخان ئۆزىدىكى ھېلىقى مەخپى ماتىريالنى بۈگۈن سامانخانىدا قايتا كۆرۈپ چۈشىنەلمىگەن ئاتالغۇلىرىنى رۇسچە-تۈركمەنچە لوغەتكە قاراپ چىقىپ ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن قىسمەن خەۋەر تاپقان ئىدى، لېكىن بىخەتەرلىكنى ئويلاپ ماتىرىيالنىڭ كېلىش مەنبىيى، ئۇنى قەيەرگە يۇشۇرۇپ قويغانلىق توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئۇكىسى تىللاخانغا ئېيتمىدى.
-        دىمەكچى بولغىنىڭ ئاكا...
-        بۇ بىر مەخپىيەتلىك ئۇكام، - پاششاخان ئېغىزنى تىللاخاننىڭ قۇلىقىغا يېقىن ئەكىلىپ ئېيتتى - ئىنسانغا تىنما، ھېلىقى ۋابا ئىسىڭدە بارمۇ؟
-        ھېلىقى قېتىمدىكى كىشىلەر پۈتۈنلەي قىرىلىپ ئۈلۈپ كەتكەن، كۆزىنى سېرىقلىق قاپلاپ كىتىدىغان ۋابانى دەمسەن؟
-        ھەئە ، سەن بىزنى مۇشۇنداق قارا يىتىم قىلغان ئەشۇ ۋابا شۇ، بۇ كىسەلنى ئەسلى رۇسلار تارقىتىپتىكەن ئەمەسمۇ؟
-        ۋاي خۇدايىم مۇنداقمۇ ئىش بارمىكەن تېخى؟! نىمانچە قورقۇنۇشلۇق..
-        ساڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلەر بار ئۇكام، بۇلارنى كېيىن دىيىشەيلى، ھازىر ئەتىكى ئىشنى مەسلىھەتلىشىۋالايلى...
ئۇلار يېرىم كىچىگىچە كۇسۇلدىشىپ ئىشلارنى قايتىدىن پىلانلاپ چىقىشتى ئاندىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشكەندەك بولۇپ ئۇخلاپ قېلىشتى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە پاششاخان بالىلارنى يېغىپ بۇندىن كېيىن ئاياغ مايلامچىلىق تىجارىتىنىڭ ئورنىغا باشقا تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى بالىلارنىڭ ئاڭغىچە بەدەن چېنىقتۇرۇش مەشىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇلارنى شەھەردىكى بىر رۇس تەنتەربىيە ئۇقۇتقۇچىسى ئاچقان جانبازلىق تەربىيەلەش كۇرىسىغا ئاپىرىپ بەردى.
ئىككەيلەن ئەمدىكى نىشانىنى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا  قاراتتى، چۈنكى بۇ مۇتىھەم رۇس لالمىسى ئۆزىنىڭ ئىمتىيازىدىن پايدىلىنىپ تۈركمەنلەرنىڭ رۇسلارنىڭ ئىستىبىدات ھاكىمىيىتىگە قارشى ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تۈرلۈك ئىسىيان بېخلىرىنى تۈركۈملەپ قىرماقتا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاششاخان سىڭلىسى بەرناخاننىڭ ئىشىنى شۇنداقلا ئۇستازى ئەكبەرخاننىڭ ئۈلۈمىنى تېخىچە ئۇنتۇمايۋاتاتتى،  شۇڭا ئۇ ھەر قېتىم چىكىسىدىكى تارتۇقنى كۆرگەندە بۇ قېرى ئىتنى قانداق جايلاشنى ئويلايتتى.
ئىككەيلەن بۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشىلىقىنى ئىككى ھەپتىگە يېقىن كۈزەتتى، ئۇنىڭ ئۈيى ساقچى ئىدارسىنىڭ ئىچىدە بولۇپ دەرۋازىنى قاراۋۇل ئەسكەرلەر بەك چىڭ ساقلىغاچقا ئۇنىڭ ئۈيىگە كىرىپ قول سېلىش سەل خەتەرلىك ئىدى، پاششاخاننىڭ بېشى ئىنتايىن قاتتى، مۇشۇ تاپتا ئۇ گىرىگىروۋىچنىڭ داچىسىدىكى ھېلىقى ئىككى تال تاپانچىدىن بىرىنى بولسىمۇ ئېلىۋالمىغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى.
ئۇلار ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىدارە باشلىقىنىڭ يۈرۈش-تۈرۈش ئەھۋالىنى بۇشاشماي سۈرۈشتە قىلىپ ئاخىرى مۇھىم بولغان بىر يىپ ئۇچچىغا ئىرىشتى، ئىدارە باشلىقىنىڭ قارماق بىلەن بىلىق تۇتۇش ھەۋىسى كۈچلۈك بولۇپ ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆلگە قارماق تاشلاش ئۈچۈن شەھەرنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ئېگىز يارلىقنىڭ ئاستىدىكى چوڭ كۆلگە ماشىنىلىق باراتتى، كۈپىنچە ۋاقىتلاردا ئىدارىنىڭ سىياسى كومىسارىنى بىر گە ئېلىۋالاتتى، سىياسى كومىسار ياشتا ئىدارە باشلىقىدىن كىچىك بولسىمۇ پەي كىسەرلىكتە ئۇچچىغا چىققان تۈركمەن ساقچى يىگىتى ئىدى، ئۇنىڭ ئاستانە خەلىقىگە قىلغان ئەسكىلىكلىرى ئىدارە باشلىقىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق چىقاتتى، شۇ سەۋەبتىن ئىدارە باشلىقى بۇ غالچىنى ئەتىۋارلاپ يېنىدا كۈتۈرۈپ يۈرەتتى.
بۈگۈن كۈنگە شەنبە بولۇپ كۆك ئاسماندا بۇلۇتلار لەيلىشىپ قۇياش كۆزنى چاقنىتاتتى.
پاششاخان بىلەن تىللاخان كۆلنىڭ ئەتراپىدا تەييارلىقىنى پۇختا قىلىۋالدى، ئاش ۋاقتى بىلەن يىراقتىن بىر كىچىك ساقچى ماشىنىسى ئۇچقاندەك تۇپا ئۆرلىتىپ كىلىپ يارلىقىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە  تۈۋەنگە چۈشىدىغان يولغا كىرىش ئۈچۈن  سۈرئىتىنى ئاستىلاتتى. ماشىنا يارلىق ئىچىدىكى تۇپىلاڭ كەلگەن يىلان باغرى يولدا بىردەم ماڭغاندىن كېيىن كۆلنىڭ بۇيىغا يېقىنراق يەردىكى سۈگەتنىڭ ئاستىدا توختىدى، ئەسلىدە  ماشىنا كۆلنىڭ بۇيىغا بارالايتتى، لېكىن بۈگۈن كۆل بۇيىغا بارىدىغان كىچىك يولدىكى دوڭغاق سۈگەتتىن ئۈچ تۈپنى بىرسى قېرىشقاندەك كىسىپ يولغا تاشلاپ قويغان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن سىياسى كومىسار بەكرى بەدى ماشىنىنى يول بۇيىدىكى دەرەخنىڭ سايىسىدا توختۇتۇپ قۇيۇپ پۈتۈن لاققۇ-لۇققۇلارنى ئۆشىنىسىگە ئارتىپ ئىدارە باشلىقىغا پۈكلەنگىنىچە ئالدىدا يول باشلىدى، چۈش ۋاقتى بولغاندا بەكرى بەدى ماشىنىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ ئىچىدىن يەيدىغان-ئىچىدىغان نەرسىلەرنى تەقلەپ ئىدارە باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ ماڭدى.
ئەسىرگە يېقىن ئۇلارنىڭ بىلىق تۇتۇش خۇمارى بىر ئاز بېسىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەسۋاپ-سەرەمجانلىرىنى كۈتۈرۈشۈپ  قايتىش ئۈچۈن ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار ماشىنىغا چىقىپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قوزغىلىۋىدى ماشىنا ئۇبدان ماڭالمىدى، بەكرى بەدى ماشىنىنىڭ مېڭىشىدىكى نۇرمالسىزلىقىنى ھىس قىلىپ دەرھال ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ بىراقلا ئالدى-كەينى چاقلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىردىن بولۇپ ئىككى پاي چاقىنىڭ تەڭلا يېلى چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.
-        ئەستەخپۇرۇللاھ مائىشنى ئەمدى! بايام تېخى ساق تۇرىۋىدى، بىردەمدە يېلى قالماپتۇ بۇنىڭ؟! – دېدى بەكرى بەدى بېشىنى قاشلاپ ئىدارە باشلىقىغا دوكلات قىلىپ.
-        ئۇنداقتا زاپاس چاقنى تىز ئالماشتۇرۇڭ كومىسار! – دېدى ئىدارە باشلىقى ئۇنىڭ گىپىنى ياخشى تىڭشىماي ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلىپ.
-         شۇ ئىككىلا پاينىڭ چىقىپ كىتىپتۇ دىسىلە باشلىق! – دېدى بەكرى بەدى باشلىقنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ- سىلى خاپا بولماي ماشىنىدا بىردەم ئولتۇرۇپ تۇرسىلا، مەن ئىدارىغا ئۇچقاندەك بېرىپ باشقا بىر ماشىنا تېپىپ كىلەي، بۇنى بىزنىڭ بالىلار بىرنىمە قىلىپ ئېلىپ كەتسۇن!
-        ئەمىسە تىز بۇلۇڭ كومىسار، مىنى ساقلاتماڭ! – قاپىقىنى تۈردى، ھارامزادە رۇس باشلىق.
سىياسىي كومىسار بەكرى بەدى ئايىغىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىغا قارىماي ئۇچقاندەك شەھەر تەرەپكە قاراپ چېپىپ كەتتى، ئۇ مۇشۇ يۈگرىشىدە بىرە سائەتلەردە ئاران شەھەرگە كىرەلەيتتى، ئىدارە باشلىقى خام سىمىز ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ماشىنىنىڭ ئىچىدە قىززىشىپ ئولتۇرالماي يەرگە چۈشۈپ ياندىكى سۈگەتنىڭ سايىسىغا كىلىپ ئولتۇردى، ئالەم تۇنۇردەك قىززىپ كەتكەچكە ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلار ئەكەلگەن سۈيىنى ئىچىپ تۈگىتىپ بولغاچقا ئىدارە باشلىقىنى ئۇسسۇلۇق تۇتۇپ كىتىپ بېرىۋاتاتتى...
دەل مۇشۇ چاغدا يىراقتىن ئون ئالتە ياشلار چامىسىدىكى سەھرالىق بىر بالا ۋەلىسپىتنىڭ كەينىگە ئىچىگە لىق مۇز قاچىلانغان بىر پۇلۇقنى چىڭ باغلاپ ۋەلىسپىتىنى جىرىڭشىتقىنىچە كىلىپ كەلدى،پۇلۇقتىكى مۇز پارچىلىرى تۇمۇز ئىسسىقتا ئىرىپ كەتكەچكە  پۇلۇقتىن چاپىلداپ سۇ ئېقىۋاتاتتى، بالا ئۇدۇل ئىدارە باشلىقىنىڭ يېنىغا كىلىپ توختىدى، ئىدارە باشلىقى پۇلۇقتىكى مۇز پارچىلىرىغا قاراپ قۇرۇغان لەۋلىرىنى تامشىتتى. بالا بۇنى سىزىپ ئىدارە باشلىقىغا تۈركمەن تىلىدا گەپ تاشلىدى:
-        بۇنچە ئىسسىقا بۇ يەردە ئوغرى تۇتىۋاتامسىز ساقچى تاغا؟ - دېدى بالا باشلىققا كۈلۈپ قاراپ.
-        يۇقال، يۇقال! ھارام تاماق! – دېدى باشلىق تۈركمەن تىلىنى بۇزغان ھالدا بالىغا قاراپ قاپىقىنى تۈرۈپ.
-        پۇلۇقۇمدىكى مۇز پارچىسىنىڭ ئىچىدە ئېنگىلىزلارنىڭ قۇتىلىق ئىچىملىكى بار، مۇزدەك بولۇپ كەتتى، جىق پۇلغا ساتىمەن! ئالالامسىز؟ - دېدى ھەييار بالا قاشاڭلىق بىلەن ھىجىيىپ.
ئىدارە باشلىقى «ئېنگىلىزلارنىڭ ئىچىملىكى» دىگەننى ئاڭلاپ بالىنىڭ يېنىغا سەنتۈرۈلۈپ بېرىپ قىلىقسىزلارچە قۇلىنى پۇلۇققا سالدى، مۇز پارچىسىنىڭ ئارىسىدا راستىنلا تۆت-بەش قۇتا «كېكې-كولا» ئىچىملىكى تۇراتتى، ئىدارە باشلىقى ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى. ئۇ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپلا بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ بالىغا سۇنۇپ بىرىپ ئىككى قۇلى بىلەن  پۇلۇقتىكى قۇتىلىق ئىچىملىكتىن تۆت قۇتىنى قۇلىغا ئالدى.
- ئەجەب ياخشى بولدى! تىز يۇقال ھارىمى!
ئىدارە باشلىقى بالىغىمۇ قارىماي سۈگەتنىڭ تۈۋىگە بېرىپ بىر قۇتا كېلنى كۈتۈرپلا ئىچىۋەتتى. بالا كۈلگىنىچە ۋەلىسپىتىنى يىتىلەپ باشلىقنىڭ نېرىسىغا بېرىپ قاراپ تۇردى، ئىدارە باشلىقى قۇرۇق قۇتىنى چۆرىۋىتىپ يەنە بىر قۇتىنىڭ ئاغىزىنى ئېچىۋىدى، ھېلىقى مۇھاجىرلار مىھمانخانىسىدا كۈيۈپ-كۈل بولۇپ كەتكەن يەكچەشمە سودىگەرنىڭ كۈنىنى كۆرۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭ بېشى قېيىپ كۈزى تورلىشىشقا باشلىدى، ئۇ ياندا ئۆزىگە  قاراپ تۇرغان ۋەلىسپىتلىك بالىغا بىر نېمە دىمەكچى بولۇپ ئېغىزىنى ئېچىپ باقتىيۇ لېكىن ئۇزىنى قاتتىق ئۇيقۇ تۇتۇپ كەتكەچكە سۈگەتكە يۈلىنىپلا خورەككە چۈشۈپ ئۇخلاشقا باشلىدى.
پاششاخان ئەسلىدە ھېلىقى ئۇلجا ئالغان ئۇخلىتىش دۇرىسىدىنمۇ يامانراق بىر خىل دورىنى تېپىپ ئۇنى سۇدا ئىرىتىپ ئىشپىرىس ئارقىلىق قۇتىنىڭ ئىچىگە ماڭدۇرغاندىن كېيىن يىڭنە ئىزىنى شام بىلەن ئىتىپ بۇ ئىچىملىكنى تەييار قىلغان ئىدى.
بىردەمنىڭ ئىچىدە يىراقتا مۈكۈپ تۇرغان تىللاخان يۈگىرەپ كەلدى، پاششاخان ۋەلىسپىتىنى يانغا تاشلاپ قۇيۇپ تىللاخان بىلەن ھە-ھۇ دىيىشىپ چوشقىدەك سەمىرىپ كەتكەن ئىدارە باشلىقىنى ناھايىتىمۇ تەسلىكتە ماشىنىغا ئىتتىرىپ چىقاردى، ئىدارە باشلىقى ماشىنىنىڭ كەينى ئۇرۇندۇقىدا سىڭايان بولۇپ ئۇيقۇسىنى ئۇخلىۋاتاتتى، پاششاخان ئۇنىڭ يېنىنى ئاختۇرۇپ تاپانچىسى بىلەن غىلابىغا تىزىلغان زاپاس ئۇقىنى قوينىغا سالدى، ئاڭغىچە تىللاخان يېقىن يەردە يۇشۇرۇپ قويغان بىر باك بىنزىننى كۈتۈرۈپ ئەكەلدى، ئىككەيلەن ئەتراپقا تازا بىر قارىۋېتىپ ئىنسى-جىننى كۆرمىگەندىن كېيىن باكتىكى بىنزىنى ئاۋال ماشىنىنىڭ ئىچىگە، ئاندىن ئىدارە باشلىقىنىڭ بېشىغا بولدۇقشىتىپ تۈكۈشكە باشلىدى، باكتىكى بىنزىن  تۈگىدى، پاششاخان سەرەڭگىدىن بىر تالنى ۋاششىدە يېقىپ ماشىنىنىڭ ئىچىگە تاشلاپ قۇيۇپ ۋەلىسپىتىنى يىتىلەپ دەرھال شەھەر تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئاڭغىچە تىللاخانمۇ يەردىكى تۆت تال قۇتىنى تىرىۋېلىپ ئىزىنى ئۈچۈرۈپ بولغان ئىدى، ئۇمۇ ئاكىسنىڭ كەينىدىن كۈلگىنىچە يۈگۈرۈپ ماڭدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بۇ تالانتلىق رۇس ساقچى ئەمەلدارى كۈيۈپ كۈل بولۇپ كەتتى، ئىككەيلەن يار ئۈستىگە ئەمدى چىقىپ بۇلاي دىگەندە «گۈم» قىلغان قاتتىق بىر ئاۋاز ئاڭلاندى، ئۇلار يار ئۈستىدىن پەسكە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى رەھمەتلىك ئىدارە باشلىق ماشىنىسىنىڭ ئاسماندا سالىيوت بولۇپ پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
پاششاخان بىلەن تىللاخان بىر-بىرىگە قارشىپ مەنىلىك كۈلۈشتى، ئۇلار ئەمدى مېڭىشقا تەمشىلىۋاتقاندا ناھايىتى يىراق جايدا شەھەر تەرەپتىن بىر كىچىك ساقچى ماشىنىسىنىڭ ئۆزلىرى تەرەپكە ئۇچقاندەك كىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، پاششاخان يېنىدىكى تاق كۆزلۈك دۇربۇننى ئېلىپ يىراقتا كىلىۋاتقان كىچىك ماشىنىغا زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدى.
-  ئۇكام ھېلىقى بەدىخان دىگەن مۇناپىقكەن، قارىسام يالغۇزدەك تۇرىدۇ، پىلاننى ئۆزگەرتەيلى! – پاششاخان شۇنداق دىگەچ نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تۈركمەن ساقچى يېقىنلىرىدىن ئۈگەنگىنى بۇيىچە قوينىدىكى تاپانچىنى ئوقلاپ بەتلىگەندىن كېيىن بىلىنىڭ كەينىگە قايتىدىن چىڭ قىستۇردى، – ماشىنىنى تۇسايلى، يالغۇز بولسا مىنىڭ كۈزۈمگە قارا، ناۋادا ئىككى ئادەم بولۇپ قالسا چاندۇرماي كىتىمىز!
ماشىنا يېقىنلاپ كەلدى، تىللاخان پىلان بۇيىچە قۇلىنى چىقىرىپ ماشىنىنى توستى. تىز سۈرئەتتىكى ماشىنا تۇيۇقسىز توختىغاچقا تۇپا-چاڭ يولنى بىر ئالغان ئىدى.
-        نىمە گەپ؟ - دەپ توۋلىدى بەكرى بەدى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ ناھايىتى مۇغەمبەرلىك بىلەن.
پاششاخان ماشىنىنىڭ يېنىغا يۈگرەپ كىلىپ ماشىنىنىڭ يان ئەينىكىدىن ئىچىگە سەپ سالدى، بەكرى بەدى يالغۇز ئىدى.
-        ساقچى ئاكا، دەرھال ماشىنىدىن چۈشۈڭ، پەستە چاتاق چىقتى! – دېدى پاششاخان جىددىلەشكەن بولۇپ چىرايىنى بىر قىسما قىلىپ.
-        نىمە چاتاق چىقتى؟ - دېدى بەكرى بەدى ماشىنىدىن چۈشمەي ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ئۇلارغا سەپسېلىپ قاراپ.
-        ئاۋال چۈشۈپ قاراپ بېقىڭ! مۇشۇنداقلا ماڭسىڭىز ئۇلار سىزنىڭ ماشىنىڭىزنىمۇ كۆيدۈرۋېتىدۇ...
-        نىمە؟ - بەكرى بەدى ماشىنىنىڭ ئۇتىنى ئۈچۈرۈپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن يەرگە سەكرەپ چۈشتى.
-        بېشىڭىزنى پەس قىلىپ يارلىقنىڭ ئاستىدىكى ئاۋۇ جايغا قاراپ بېقىڭ ھەممىنى بىلىسىز ئاكا! – دېدى پاششاخان خۇددى ئوقتىن ئىھتىيات قىلىغاندەك بېشىنى يەرگە ئىگىپ.
بەكرى بەدى زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ياندىكى تىللاخانغا قارىۋىدى ئۇمۇ پاششاخاننى دورۇپ زوڭ بولۇپ ئولتۇرۇپ بېشىنى لىڭىشتىشقا باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن بەكرى بەدىمۇ ئېڭىشىشكە مەجبۇرى بولۇپ يېنىدىكى قۇرالىنى بەتلەپ تەييار قىلدى.
-        يۈرۈڭ ئاكا، ئاۋۇ يەردىن  ھەممىنى كۈرەلەيسىز، بېشىڭىزنى پەس قىلىڭ!- پاششاخان شۇنداق دىگىنىچە يەردە ئىمىلەكلىگەندەك يارنىڭ لىۋى تەرەپكە قاراپ يول باشلاپ ماڭدى، تىللاخانمۇ ئۇنى دوراپ يەردە ئۆمىلەپ ماڭدى، بەكرى بەدى بېشىنى پەس قىلىپ يېرىم ئىڭىشكەن ھالدا ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى، بەكرى بەدى يارنىڭ لىۋىگە كىلىپ ئۆزىدىن يىراق ھەم چوڭقۇر پەستىكى ماشىنىنىڭ يالقۇنجاپ كۈيىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
-        ئاپلا بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ ئىدارە باشلىقىنى كۆردىڭمۇ؟- بەكرى بەدى غال-غال تىتىرەپ بالىلاردىن سورىدى.
-        ئۇنى بىر قانچەيلەن تۇتىۋالغاندەك قىلدى، ئەنە ئاۋۇ يەردە! – پاششاخان پەستىكى كۆرۈش تەس بولغان بىر چاتقاللىق يەرنى كۆرسەتتى.
بەكرى بەدى پاششاخان كۆرسەتكەن يەرنى كۆرۈش ئۈچۈن يارنىڭ لىۋىگە تېخمۇ يېقىنلىشىشى كىرەك ئىدى، ئۇ سەل ئالدىغا سۈرۈلۈپ پەستىكى چاتقاللىققا زەن سېلىپ قاراشقا باشلىدى.
-        ئۇ يەردە ئادەم باردەك ئەمەسقۇ؟!
-        ئەنە ئۇبدان قاراڭ، ئالدىڭىزغا سەل سۈرۈلۈڭ ئاكا، ئاندىن كۈرەلەيسىز!
بەكرى بەدى يەنە ئالدىغا سۈرۈلۈپ زوڭ ئولتۇرۇپ قۇلىنى پىشانىسىگە ئەكىلىپ چاتقاللىققا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى، پاششاخان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ تىللاخانغا قاراپ شۇنداق ئىشارەت قىلىۋىدى، بەكرى بەدىنىڭ كەينىدە تەييار بولۇپ تۇرغان تىللاخان ئۇنى كۈچىمەيلا ئېگىز يارلىقتىن ھاڭغا دوملىتىۋەتتى.
بەكرى بەدى بۇ ئىگىز يارلىقتىن پەسكە  ۋاقىرغىنىچە قومچاقتەك چۈشۈپ كەتتى، پاششاخان يارنىڭ تۈۋىگە سىنچىلاپ قاراپ پەستىكى جىگدىلىكتە ئۇنىڭ ئۈلۈك چاشقاندەك ياتقانلىقىنى كۆردى، ئىنىقكى ئۇ بۇنچە ئىگىزلىكتىن ھەرگىزمۇ ساق چۈشەلمەيتتى.
تىللاخان قۇلىنى قېقىپ ئاكىسىغا قاراپ پۇچىلىق قىلدى، پاششاخان ئۇكىسىنىڭ بۇ قىلىقىدىن كۈلۈپ كەتتى. ئۇلار بەكرى بەدى دىگەن مۇناپىق ئەبلەخنىڭ تاسادىپى تىرىك قېلىپ ئىشنى بۇزۇپ قويماسلىقىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭ قۇلىدىكى تاپانچىنى ئولجا ئېلىۋېلىشنى ئويلاپ قۇيۇندەك پەسكە يۈگىرەپ چۈشۈپ كەتتى.
ئەل خائىنى بەكرى بەدىنىڭ ئاغىزىدىن قان ئارىلاش ماغزاپ چىقىۋاتاتتى، ئۇ كۈزىنى ئېچىپ پەس ئاۋازدا بىرنىمىلەرنى دەيتتى، ئۇنىڭغا يۈرەك بۇلىدىغان ئامىراق تاپانچىسى بولسا ئۇنىڭ نەچچە مېتىر نېرىسدا تۇپىغا مىلىنىپ  تۇراتتى، كونىلارنىڭ «ئەسكىگە ئۆلۈم يوق» دەپ ئېيتقىنىدەك يارنىڭ تۈۋى يۇمشاق تۇپا بۇلغاچقىمۇ بۇ ئەبلەخ تېخىچە نەپەستىن قالمىغان ئىدى. پاششاخان ئۇنىڭ تىرىگلىكىنى كۆرۈپ بىلىدىكى تاپانچىنى ئېلىپ ئۇنى ئۇزىتىپ قويماقچى بۇلدى لېكىن  تىللاخان بۇنى كۆرۈپ ئۇنى توستى.
-        ئاكا، بۇ مۇناپىققا ئوق بىكار قىلمايلى، چارىسىنى مەن قىلاي!- تىللاخان يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ دۇكاندىن سېتىۋالغان تېخى ئىشلەتمىگەن پىلاستىر خالتىدىن ئۈچ-تۆتنى قۇلىغا ئېلىپ تۆت خالتىنى بىراقلا يەردە كۈزىنى پۇلتايتىپ ياتقان بەكرى بەدىنىڭ بېشىغا كىيگۈزۈپ بوينى تەرەپنى چۈرگىلىتىپ ھىم چىگىۋەتتى، بەكرى بەردى ئالدىنقى ھەپتە تېخى سىياسى جىنايەتچىلەرنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەن تۈركمەنىستان تەۋەلىگىدىكى «بىرىنچى دەرىجىلىك قەھىرمان ساقچى» بولۇپ مۇكاپاتلىنىپ رۇس ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتتىق ماختىشىغا ئىرىشكەن ئىدى، ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى مەغرۇر گەۋدىسى مانا ئەمدى ئوتقا چۈشكەن قىلدەك تولغۇنىشقا باشلىدى، بىردەمدىن كېيىن ئۇ پۇت ئېتىشتىن توختاپ شۇك بولۇپ قالدى، پاششاخان ئۇنىڭ قول بېغىشىدىن تۇمۇرىنى تۇتۇپ بىقىپ تىللاخانغا قاراپ بېشىنى لىڭىشىتتى، ئۇ ئاللاقاچان بېشىغا يۆگەلگەن پىلاستىر خالتىدىن تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن ئىدى.
تىللاخان ئۇنىڭ بېشىدىكى قان يۇقى خالتىنىڭ ھەممىنى ئېلىپ مىجىقلاپ بىر قۇلىغا تۇتىۋالغاندىن كېيىن يەردىكى تاپانچىنى ئېلىپ ئاكىسىغا ئاستا سۇندى، ئەمىلىيەتتە تىللاخاننىڭ تاپانچىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغۇسى بار ئىدى، پاششاخانمۇ ئۇكىسىنىڭ ئۆزىگە ھۆرمەت يۈزىسىدىن تاپانچىنى سۇنىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تاپانچىنى ئۇكىسىغا قايتۇرۇپ بەردى، تىللاخاننىڭ ئاغىزى قۇلىقىغا يەتتى. ئۇلار يىراق جايدا بىر كىملەرنىڭ بۇياققا كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال بۇ يەردىن غايىپ بولدى.

*           *           *           *           *           *

شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىڭ باشلىقى ۋە سىياسىي كومىسار بەكرى بەدىنىڭ ئېچىنىشلىق ئۈلۈمى پۈتكۈل تۈركمەنىستاننى زىل-زىلىگە سېلىۋەتتى، چۈنكى بۇ  سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتالمىش«ئازات» قىلىنغان رايۇنلىرىدا يۈزبەرگەن شۇنداقلا بۇ رايۇنلارنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستانە شەھىرى بۇ تۈركمەنىستاننىڭ ئىختىسادى مەرگىزى شەھىرى ھىساپلىناتتى.
ئەركىنلىك-ھۆرلۈك ئۈچۈن، ۋەتەن مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاز ساندىكى ئويغانغان تۈركمەن ئەركەكلىرى ھەر قايسى جايلاردا رۇسلارنىڭ زۇلۇمىغا، تەڭسىزلىكىگە قارشى ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى، رۇسلار قۇلىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقى بولمىغان بۇ مىللەتنى دەھشەتلىك ھالدا باستۇراتتى، ئۇلارنىڭ ئەركىنىلىك ئۈچۈن قىلغان ھەركەتلىرىنى ۋەھشىلەرچە تىنجىتاتتى.  رۇسلار بۇ زىمىندا ھېچقانداق تەپ تارتماستىن«بىر گۇناھكارنىڭ بېشىنى كىسىش ئۈچۈن مىڭ گۇناھسىزنىڭ بېشى كىسىلسىمۇ مەيلى!» دىگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇنى قانۇنلاشتۇرىۋەتكەن ئىدى.
بىر قېتىم تۈركمەنىستاننىڭ مەلۇم بىر ۋىلايىتىدە ئوتتۇز نەچچە يىگىت ئۇقۇمۇشلۇق بىر دىنىي زاتنىڭ يىتەكچىلىكىدە رۇسلارنىڭ ھاكىمىيىگە قارشى ئىڭقىلاپ قوزغاپ شۇ جايدىكى رۇس ئەسكەرلەرنىڭ قۇرالىنى تارتىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇردى، رۇسلار بۇنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ سەرخىل ئىلغار ھەربىي قىسىملىرىنى ئىشقا سېلىپ ئىنقىلاپچىلار بىلەن تاغدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلىپ بۇ ئىشنى ئاران بېسىقتۇرغان ئىدى.
بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان خوشنا ۋىلايەتتىكى بورھانبەگ ئىسىملىك بىر تۈركمەن كاتتا باي ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سودا يۇلىنى راۋانلاشۇتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ رۇس ئەسكەرلىرىدىن ھال سۇراپ نۇرغۇن كالا-قويلارنى سۇيۇپ ئۇلارغا سوۋغا قىلغان ئىدى، رۇس تاراتقۇلىرى بۇنى پۈتۈن تۈركمەنىستانغا جار سېلىپ تەشۋىقات قىلىپ خەلىقنىڭ كاللىسىنى قايمىقۇم قىلىۋەتتى، رۇس يۇقىرى قاتلىمىدىكى كىشىلەر بۇ مەشھۇر كىشىنى قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، شۇنداق قىلىپ بۇ كاتتا باينىڭ يۇلى ئېچىلىپ بايلىقى بارغانسىرى ئاۋۇپ تۈركمەنىستاندىكى تەڭداشسىز بىر بايغا ئايلىنىپ كەتتى. پۈتۈن گىزىتتە شۇنىڭ گىپىدىن بۈلەك گەپ بولمىدى.
بىر كۈنى تىللاخان سىرىتتىن بىر پارچە گېزىتنى كۈتۈرۈپ كىرىپ ئاكىسى پاششاخاننىڭ ئالدىغا تاشلاپ قۇيۇپ قاپىقىنى تۈرۈپ ئولتۇردى.
-        يەنە نېمە ئىش بۇپتۇ؟ - دېدى پاششاخان گېزىتنى قۇلىغا ئېلىپ قارىغاچ.
-        بورھان دىگەن بۇ مۇناپىق تىرىسىگە پاتماي قاپتۇ، گېزىتتە شۇنىڭدىن باشقا گەپ يوق! – دېدى تىللاخان ئاچچىق بىلەن يەرگە بىرنى تۈكۈرۈپ.
-        قانداق، مۇشتۇڭ قىچىشىۋاتامدۇ؟-دىدى پاششاخانمۇ ئۇكىسىغا مەنىلىك قاراپ تۇرۇپ.
تىللاخاننىڭ چىرايىغا دەررۇ كۈلكە يۈگۈردى، ئۇ ئاكىسىغا قاراپ كۈلۈپ ئېيتتى:
-         جايلامدۇق؟
پاششاخان ئورنىدىن تۇرۇپ دەرىزىنىڭ ئالدىغا باردى، بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن ئۇكىسغا بۇرۇلۇپ قاراپ بېشىنى لىڭىشىتتى.
-        ئەتە ئەتتىگەن يولغا چىقايلى!
تىللاخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ خوشلىقىدا ئوڭ مۇشتىنى سول ئالقىنىغا ۋاققىدە ئۇرغىنىچە «ياشاپ كەت ئاكا!» دەپ توۋلىۋەتتى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلار بالىلاردىن بىرنى ئۆيگە مۇقىم قارىغىلى قۇيۇپ قالغان تۆتىنى جانبازلىق سارىيىغا يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن سەپەر لازىمەتلىكلىرىنى كۈتۈرۈشۈپ ئۇزۇن يوللۇق بىكەتكە قاراپ مېڭىشتى.
ئاپتۇۋۇز ئۇدا تۆت كۈن يول يۈرۈپ ھاۋاسى ساپ ، ئېرىقلىرىدا سۇلىرى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدىغان گۈزەل بىر يۇرتقا يىتىپ كەلدى. ئۇلار ئاۋات شەھەر ئىچىدىكى بىر ھاجىنىڭ شەخسى مىھمانخانىسىغا چۈشۈپ شۇ يەردە بىرھەپتە تۇرۇپ قالدى، بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇلار بورھانبەگ دىگەن بۇ كاتتا باينىڭ قۇرۇسى يېنىدا چۆرگىلەپ يۈرۈپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللىدى.
بورھانبەگنىڭ ئاتىسى ئەسلىدىلا رۇسىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدا ئېقىپ يۈرۈپ سودا قىلىدىغان رۇسپەرەس كىشى بولۇپ بورھانبەگ ئۇنىڭ تۇقال خوتنىدىن بولغان بالا ئىدى، ئۇ باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىزنى رۇسىيىدە ئۇقۇپ رۇسلارنىڭ ئارىسىدا چوڭ بولغاچقا رۇسلارنىڭ تىلى ۋە مەدىنىيىتىگە پۇختا ئىدى، ئۇ ئۆزىدىكى بۇ ئارتۇقچىلىقلاردىن پايدىلىنىپ سودا ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن مۇۋاپىقىيەتكە ئىرىشىپ نەچچە يىل ئىچىدىلا كۆزگە كۈرۈنگەن چوڭ بايغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى، ئۇ ئىشنى دەسلەپتە تىرە سودىسىدىن باشلىغان بولسا ھازىرغا كەلگەندە ھەرخىل كان رودىلىرى سودىسىنى قىلىۋاتاتتى، ئۆزىنىڭ شەخسى بەش-ئالتە چوڭ كېنى بار ئىدى، ئۇ ئەتىدىن كەچكىچە رۇسلارنىڭ يالىقىنى يالاپ تىجارەت قىلغاچقا يۇرت مەھەللىدىكىلەر ئۇنى ئانچە ياخشى كۆرمەيتتى، ئۇنىڭ كاتتا قۇرۇسىدىن دائىم رۇس ئەمەلدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
جۈمە كۈنى ئەتتىگەندە قۇياش تېخى ئۇپۇقتىن كۈتۈرۈلمەستە بىر جۈپ ياش ئات قېتىلغان بىر مەپىنى ھەيدەپ بورھانبەگنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا توختىدى، تۈركمەن يىگىت مەپىنى دەرۋازا ئالدىدىكى بىر تۈۋرۈككە باغلاپ قۇيۇپ دەرۋازىنى كۈچ بىلەن قاقتى، ھەيۋەتلىك يوغان دەرۋازىنىڭ كۆركەم يۈزىدە چاپلانغىنىغا ئۈچ كۈن بولغان «ۋىلادىمىرنىڭ تۇتۇش بۇيرىقى»مۇ شۇ پېتى تۇراتتى.
دەرۋازا ئېچىلدى، ئۆي خىزمەتچىسى ئۇلارنى ئارقا ھويلىدىكى ھەشەمەتلىك مىھمانخانىغا باشلاپ قۇيۇپ بورھانبەگنى ئويغاتقىلى چىقىپ كەتتى.
-        بىگىم ، بىر رۇس ئەمەلدار ئۆزلىرىنى ئىزدەپ كەپتۇ، ئارقا ھويلىدا ساقلاپ قالدى! – دېدى ياشانغان ئۆي خىزمەتچىسى بورھانبەگنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى تۈۋەن قىلىپ.
-        بۇنچە ئەتتىگەن كەلگەن كىمكەن ئۇ؟ - دېدى بورھانبەگ خوشياقمىغان ھالدا ئەسنەپ تۇرۇپ.
-        مۇسكىۋا ساقچى مېنىستىرلىكىدىن كەلدىم دەيدۇ، مۇھىم ئىشى باركەن!
-        نىمە...نىمە؟ مۇسكىۋادىن كەلدىم...تىز بول كىيىملىرىنى تەييارلا!- بورھانبەگ ئورنىدىن ئالدىراپ قۇپۇپ مىھمانلىق كىيىمىنى كىيىشكە باشلىدى- نىمىشقا تىزراق دىمەيسەن؟ ھەي...سىنى...مۇسكىۋا دىگەننى بىلەمسەن زادى؟!
بورھانبەگ كىيىملىرىنى كىيىپ بولۇپ مىھمانخانىغا ئۇچقاندەك يۈگۈردى. ئۇ مىھمانخانىغا كىرگەندە كىرىسلودا قالتىس پوزۇر بىر رۇس يىگىت يېنىدىكى تۈركمەن يىگىت بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.
-        ھەي...ھەي ...يۇرتدىشىم كەپتۇ ئەمەسمۇ؟ خەۋەر تاپقان بولسام ئالدىڭىزغا ئۈزەم ئالغىلى چىقاتتىم ئەمەسمۇ؟ - دېدى ئەللىك ياشلاردىكى خام سىمىز بورھانبەگ ئۆلچەملىك رۇس تىلىدا موسكىۋا ساقچى مېنىستىرلىگىدىن كەلگەن مىھمانغا خۇشامەت قىلىپ ئۇنىڭغا قۇلىنى سۇنۇپ.
مىھمان تەكەببۇرلۇق بىلەن بورھانبەگكە قۇلىنى ئۇزاتماي ئۇدۇللا گەپ قىلدى.
-        بورھانبەگ دىگەن سىزمۇ؟ - دېدى كۆزئەينەك تاقىۋالغان ياش رۇس ئەمەلدار بورھانبەگنى كۈزىگە ئىلمىغاندەك قىلىپ.
-        ھەئە مەن شۇ باشلىق! – دېدى بورھانبەگ ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭ چوڭ بىر ئەمەلدار ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلىپ.
-        خىزمەتچىلىرىڭىزگە ئېيتىڭ يېرىم سائەتكىچە بۇ يەرگە يۇلىمىسۇن، ھويلىڭىزغىمۇ ئىنسى-جىن كىرمىسۇن، دەرۋازىنى تاقاڭ، سىزگە يەتكۈزىدىغان جىددى ئىش بار!
-        ماقۇل...ماقۇل باشلىق! – دېدى بورھانبەگ پىشانىسىدىكى تەرنى سۈرتۈپ تۇرۇپ– ھاي، ئەخمەتخان دەرۋازىنى تاقاڭ، ھېچكىمنى كىرگۈزمەڭ، بۇ ئۆيگىمۇ ھېچقايسىڭلار كىرمەڭلار!
خىزمەتچى ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ دەرۋازا تەرەپكە كەتتى. رۇس ئەمەلدار يېنىدىكى تۈركمەن بالىغا ئىشارەت قىلدى، تۈركمەن بالا بېرىپ تەمتىرەپ قالغان بورھانبەگنى ئەمەلدارنىڭ ئالدىدىكى سافاغا تەكلىپ قىلىپ ئۇنى ئولتۇرغۇزغاندىن كېيىن بېرىپ دەرىزىنىڭ پەردىلىرىنى بىر يانغا سۈرۈپ گۇڭگا مىھمانخانىنى ئاپتاپتەك يۇرۇتتى، ئەتىگەنكى قۇياش نۇرى دەرىزىلەرىدىن تىشىپ ئۆتۈپ مىھمانخاندىكى ئىران گىلەملىرىدە جۇلالىماقتا ئىدى.
روس ئەمەلدار كۈزىدىكى ئەينەكنى ئېلىۋېتىپ  قۇلىدىكى تۈركمەنچە ھەم رۇسچە گېزىتتىن ئىككى پارچىنى بورھانبەگنىڭ ئالدىغا تاشلىدى، بورھانبەگ ئۆزىنىڭ رۇس تىلىغا پۇختا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن رۇسچە گېزىتنى قۇلىغا ئالدى.
-        قېنى، گېزىتنىڭ باش بېتىگە قاراڭ نىمىلەر يېزىلىپتۇ؟ - دېدى رۇس ئەمەلدار بورھانبەگكە بۇيرۇق قىلىپ.
-        كۆردۈم باشلىق، ۋىلادىمىرنىڭ تۇتۇش بۇيرىقى ئىكەن! – دېدى بورھانبەگ گېزىتتىن كۈزىنى ئۈزمەي.
-        سىز ۋىلادىمىرغا قانداق قارايسىز؟ - دېدى ئەمەلدار بورھانبەگدىن كۈزىنى ئۈزمەي.
-        ھەي، ئۇ ئەبلەخنىڭ ئىشىنى بۇرۇندىنلا ئاڭلىغانمەن،– دېدى بورھانبەگ قۇلىدىكى گېزىتنى ئالدىدىكى قەن-گىزەكلەر تىزىلغان ئۈستەلگە تاشلاپ قۇيۇپ رۇس ئەمەلدارغا خۇشامەت قىلغان ھالدا- تۇتۇش بۇيرىقىنى تېخى قايسى كۈنى ئۈيۈمنىڭ دەرۋازىسىغىمۇ چاپلاپ قۇيۇپتىكەن، ھەر قايسىڭلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئۇنى ئېلىۋەتمىدىم، ئۇچرىتىپ قالسام ئۇ دۆلەت خائىنىنى سىلەرگە شەكسىز تۇتۇپ بىرىمەن  باشلىق!
-        سىز ئۇنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز تۇنىيالامسىز؟
-        ئەلۋەتتە! قارىڭە ئۇنىڭ چېچى سېرىق، ئوڭ مەڭزىدە كىچىك  خالى بار دىيىلگەن تۇرسا، سۈرىتىمۇ كۈزۈمگە پىشىپ كەتتى دەڭا باشلىق، گەپ يوق تۇنۇۋالىمەن!- بورھانبەگنىڭ يۈرىگى بىر ئاز ئارامىغا چۈشكەندەك بولدى.
-        ئۇنداقتا ماڭا قاراپ بېقىڭ، نىمىنى ھىس قىلالىدىڭىز؟
تۇيۇقسىز سۇرالغان بۇ سۇئالدىن بورھانبەگ گاڭگىراپ قالدى، ئۇ ئالدىدىكى رۇس ئەمەلدارغا قاراشتىن قورقۇپ قالدى، چۈنكى بورھانبەگكە ئالدىدىكى بۇ ئەمەلدارنىڭ ئوڭ يۈزىدە خالى باردەك چېچى سېرىقتەك بىلىنىپ قالغان ئىدى.
بورھانبەگ غەيرەتكە كىلىپ بېشىنى كۈتۈرۈپ ئالدىدىكى رۇس ئەمەلدارغا قارىدى، ئاھ خۇدا، ئۇنىڭ ئالدىدا ۋەھشى قاتىل ۋىلادىمىر شۇ پېتى تۇراتتى. بورھانبەگنى تىتىرەك باستى...
-        ھۇ بورھانبەگ دىگەن ئىت بەچچە! مىنى تۇنىمىدىڭما؟ - ۋىلادىمىر قاتتىق غەزەپ بىلەن ۋاقىراپ يېنىدىكى تاپانچىنى قۇلىغا ئالدى.
-        ماڭا رەھىم قىلىڭ! بىر قۇشۇق قېنىمدىن كىچىڭ ! – بورھانبەگ سافادىن چۈشۈپ تىزلىنىپ يىغلاشقا باشلىدى- باللىرىم كىچىك، ماڭا رەھىم قىلىڭ، نېمە لازىم بولسا شۇنى بىرەي... ھۆرمەتلىك ۋىلادىمىر ئەپەندى!
-        مىنى نېمە چاغلاپ قالدىڭ، مەن تىلەمچىما؟ - ۋىلادىمىر بورھانبەگنىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈردى - ئېيتە ! ھازىر قۇلۇڭدا نەخ بارىنىڭ گىپىنى قىل، يالغان ئېيتساڭ ناگانىمنىڭ كۈزى يوق مىڭەڭدىن تۈشۈك ئېچىپ قۇيىدۇ بىكار!
-        ماقۇل...ماقۇل...مەن ئېيتاي...- بورھانبەگ يۈزىدىكى تۈپۈكنى يېڭى بىلەن سۈرتۈپ يېنىدا نەخ بار بايلىقىنى ئېيتىشقا باشلىدى- بىر ساندۇق زىخچا ئالتۇن، بىر چامادان نەخ پۇل... ھازىرچە بارى شۇ كەن ۋىلادىمىر ئەپەندى، قالغىنى بانكىدا ھەم...
-        ئىتنىڭ بالىسى مەن شۇ ئىككى تال نېمەڭگە قاراشلىقمىدىم، مەندىن ئاغرىنما!- ۋىلادىمىر شۇنداق دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ تاپانچىسىنى بەتلەپ بورھان بەگنىڭ ئالتۇن چىش بىلەن تولغان ئاغىزىغا كەپلىدى.
بورھان بەگنىڭ يۈرىگى قېپىدىن چىكىتىپ تامبىلىغا شاررىدە سىيىۋەتتى، ئاندىن يىغلىغىنىچە «مەن دەي..مەن دەي..» دەپ ۋاقىراپ كەتتى، تىللاخاننى كۈلكە تۇتىۋالدى، تىللاخان چاندۇرماي گەپ قىستۇردى:
-        ھەي بورھانبەگ! ۋىلادىمىر ئەپەندى سىزنىڭ ئۈيۈڭىزدە نېمە بارلىغىنى بىلمەي كەلگەنمىدۇ؟سىزگە جان لازىممۇ ياكى يېنىڭىزدىكى بايلىقمۇ؟ سىزگە شۇنىمۇ دەپ قۇياي ۋىلادىمىر ئەپەندىگە ئادەم ئۆلتۈرۈش قۇشقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەكلا بىر ئىشكەن، مەن بۇنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۈرگەن !
-        مەن...دەي ...مەن ...دەي ! ماڭا رەھىم قىلىڭلار...
-        ئەمىسە بىرىنى قالدۇرماي ئېيت، مىنىڭ ۋاقتىم قىس ئىتنىڭ بالىسى! – دېدى ۋىلادىمىر قۇلىدىكى تاپانچىنى بورھانبەگنىڭ ئېغىزىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ.
-        ئۆيدە بار زىخچا ئالتۇن ئىككى ساندۇق، نەخ پۇل ئۈچ چامادان، يەنە ئازراق ئالماس بار...
بۇ قېتىم بورھانبەگ راست گەپ قىلغان ئىدى، ۋىلادىمىر ئۇنىڭغا بۇيرۇق قىلدى:
-        ھازىر ئۈيۈڭدە بار خىزمەتچىڭ قانچە؟
-        ئۈچى بار ئەپەندى...
-        سەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ ئۇلارغا ئېيت ماڭا لازىملىقلارنى ئۆينىڭ ئالدىدىكى مەپىگە باسسۇن، بىرى كەم بولۇپ قالسا ئىت كاللاڭنى يەنچىيمەن، بىلدىڭما؟
-        ماقۇل...ماقۇل...مەن چۈشەندىم ۋىلادىمىر ئەپەندى! – بورھانبەگ كۈزىدىكى ياشلارنى ئالقىنىدا سۈرتۈپ دەسسىگەن گىلەمگە پۇتلاشقىنىچە دەرىزە تۈۋىگە بېرىپ دەرۋازا تۈۋىدىكى خىزمەتچىلەرگە ۋاقىردى- ئە...ئە...ئەخمەتخان!...ھاي...ئەخمەتخان!
ئۆي خىزمەتچىلىرى مىھمانخانىدىكى كاتتا مىھمانلارغا قانداق تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا ئۈچى بىر يەرگە كىلىپ گودۇڭشىشىپ تۇراتتى، ياشتا چوڭ ئەخمەتخان بورھانبەگنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ كەلدى.
-        ئەخمەتخان...ماۋۇ ئاچۇقۇشۇمنى ئېلىپ...ھوجرامدىكى تۆمۈر كارۋىتىمىنىڭ ئاستىدىكى... نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى... ئىشىك ئالدىدىكى مەپىگە ...تۇلۇق بېسىپ بىرىڭ! باشقىلار ياردەملەشسۇن!
ئەخمەتخان ئاچىقۇشنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى، تىللاخان ئەخمەتخاننىڭ كەينىدىن ئەگەشتى. دىگەندەك بورھانبەگنىڭ كارۋىتى ناھايىتى چوڭ پۇختا ياسالغان بىر تۆمۈر ساندۇقنىڭ ئۆزى ئىدى، ئەخمەتخان كارۋاتنىڭ يۈزىدىكى گىلەمنى ئۆرۈپ ياندىكى قۇلپىنى ئېچىپ كارۋاتنىڭ ئۈستىن يۈزىنى ئاچتى، دەرۋەقە كارۋاتنىڭ ئىچىدە ياغاچ ساندۇقتىن ئىككىسى، خېرۇم چاماداندىن ئۈچى ئاندىن كىچىك بىر ساندۇقچە تۇراتتى. تىللاخان ئۆي خىزمەتچىسىنى سىرتقا چىقىرىۋېتىپ خىروم چاماداننىڭ ئاغىزىنى ئېچىپ ئىچىدىكىنى تەكشۈرۈپ باقتى، چاماداننىڭ ئىچى راستىنلا تىزا-تىزا يېڭى پۇل بىلەن تولغان ئىدى، تىللاخان بىلەن ئۆي خىزمەتچىسى ياغاچ ساندۇقنى كۈتىرەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن تىللاخان چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتۇرۇپ مەپىنى ھويلىغا ئەكىرگەچ قالغان ئىككى ياش خىزمەتچىنى ئۆيگە باشلاپ ئەكىردى، بۇ قېتىم تۆتى بىر بولۇپ ياغاچ ساندۇقنى كارۋاتنىڭ ئىچىدىن ئاران تەسلىكتە كۈتۈرۈپ مەپىگە باستى، ھەممە نەرسىلەرنى تۇلۇق بېسىپ بولغاندىن كېيىن تىللاخان يۈگرەپ كىرىپ ۋىلادىمىرغا بېشىنى لىڭىشتتى.
-        بورھانبەگ دىگەن قۇتۇر ئىت!- ۋىلادىمىر ئورنىدىن تۇرۇپ بورھانبەگكە ۋاقىردى -  قېنىڭدىن كەچسەم كىچەي لېكىن خىزمەتچىلىرىڭگە ئېيت ھەپتىگىچە ئۆيگە يۇلىمىسون، ئۈيۈڭدە  ھەپتە پانالىنىمەن، ھازىرلا يۇقالسۇن! چۈشەندىڭما؟
-        ماقۇل...ماقۇل ھۆرمەتلىك ۋىلادىمىر ئەپەندى، دىگىنىڭىزدەك بولسۇن! –دىدى  بورھانبەگ جېنىنىڭ ساق قالغىنىغا خۇشال بولۇپ – ھاي... ئەخمەتخان بۇ ياققا كەل!
ئەخمەتخان ئىگىلگىنىچە مىھمانخانىغا كىرىپ كەلدى.
-        ھەپتىگىچە ھەممىڭلار ئۈيۈڭلاردا دەم ئېلىپ تۇرۇڭلار، خېنىمغىمۇ ئېيتىپ قوي ئاتىسىنىڭكىدە تۇرۇپ تۇرسۇن، ئالدىغا ئۈزەم بارىمەن! ھازىرلا كىتىڭلار! – بورھانبەگ ئۆزىنىڭ چىرايلىق ئايالىنىڭ ۋە ئۇماق باللىرىنىڭ بۇ ۋەھشى قاتىلنىڭ يېنىدا تۇرۇشىنى ئەسلا خالىمايتتى.
ئەخمەتخان ئاچىقۇشنى بورھانبەگكە سۇنۇپ بىرىپ تازىم قىلغان ھالدا مىھمانخانىدىن چىقىپ كىتىپ ھويلىدا ئىش قىلىۋاتقان ئىككەيلەنگە بورھانبەگنىڭ بۇيرىقىنى يەتكۈزدى. ئۇلارمۇ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ئەخمەتخاننىڭ دىگىنىدەك قۇرادىن دەرھال ئايرىلىشتى.
بورھانبەگنىڭ ھەشەمەتلىك سارىيىدا پەقەت ئۈچەيلەنلا قالدى. ۋىلادىمىر قورقۇپ چىرايىدا جان قالمىغان بورھانبەگكە ۋاقىردى:
- بېرىپ دۇنيارىڭنى يۇشۇرغان يەرنى ماڭا كۆرسەت ئىت بەچچە!
بورھانبەگ دىر-دىر تىتىرگىنىچە ئۇلارنى ئەگەشتۈرۈپ ھوجرىسىغا باشلاپ ئاچىقتى. تۆمۈر كارۋاتنىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق تۇراتتى. ۋىلادىمىر تىللاخانغا ئىشارەت قىلدى، تىللاخان باشتا دىيىشىۋالغىنى بۇيىچە تەييارلىۋالغان ئارغامچىسى بىلەن ئۇنىڭ پۇت-قۇلىنى چىڭ باغلىدى. ۋىلادىمىر ياندىكى يېغىلغان تاۋار-دۇردۇندىن ئىتىلگەن يوتقان-كۆرپىدىن بىر –ئىككىنى كارۋاتنىڭ ساندۇقىغا يېيىپ سالدى، ئاندىن بورھانبەگنى ئىتتىرگنىچە كاۋاتنىڭ چوڭ ساندۇقىغا ياتقۇزدى، بورھانبەگ ساندۇقنىڭ ئىچىدە سىڭايان يېتىپ يىغلاپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى:
-        جېنىم ۋىلادىمىر ئەپەندى، مەن خوش بولۇپ قالاي، مىنىڭ كىچىك باللىرىم بار، مىنىڭ بىر قۇشۇق قېنىمدىن كەچسىڭىز، مەن يەنە كېمىنى تەييار قىلاي...نەچچە كۈنگە قالماي ھەممىنى تەييار قىلىمەن...
-        بورھانبەگ! – بۇ قېتىم ۋىلادىمىر ئۆلچەملىك تۈركمەن تىلىدا ۋاقىردى،- سەن تۈركمەنلەرنىڭ يۈزىنى تۆكتۈڭ، زالىم رۇسلارنىڭ چاتىرقىدىن چىقماي ئۈزەڭنىڭ نەپسى ئۈچۈن ۋىجدان-غۇرۇرۇڭنى بىر ياققا قايرىدىڭ! ئېيتقىنا ۋەتەن ئۈچۈن، مىللىتىڭ ئۈچۈن، دىنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنىڭ ئۇششاق بالىسى يوقمىدى؟ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، خۇتۇن –سىڭىللىرى يوقمىدى؟ ئۇلارنىڭ ئىسسىق ئۈيى يوقمىدى؟ئۇلار كىمنى دەپ جەڭ قىلدى بورھانبەگ؟! يىگىتلىرىمىزدىن ئوتتۇز نەچچىسى زالىم رۇسلارنىڭ قۇلىدا تاغدا ئاچلىقىتىن، سۇغۇقتىن قىياناپ ئۆلتۈرۈلدى، ئەكسىچە سەن بىر تۈرۈكمەن تۇرۇپ نىمىلەرنى قىلدىڭ؟! سىنىڭ بۇ بايلىقىڭنى ساڭا كىم بەرگەن، بۇ بايلىقىڭنى مۇشۇ خەلقىڭ بەرمىگەن بولمىسا رۇسلار ساڭا ئاسماندىن پۇل تاشلاپ بىرەمتى؟ ئېيتقىنا قېرى مۇناپىق، خەلقىڭگە يۈز كىلەلەمسەن؟ شېھىت بولغان ئەشۇ قېرىنداشلىرىڭغا يۈز كىلەلەمسەن؟! كۇچا كويلاردىكى يىتىم بولغان ئەشۇ بالىلارغا يۈز كىلەلەمسەن؟!
-        مەن ...مەن...مەن ئېزىپتىمەن، مىنى شەيتان ئازدۇرۇپتۇ...
-        ئاغزىڭنى يۇم ئىپلاس مۇناپىق ! ساڭا ئۈلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ...
پاششاخان شۇنداق دىگىنىچە قاتتىق غەزەپلىنىپ ياندىكى ياستۇقتىن بىرنى ئېلىپ بورھانبەگنىڭ يۈزىگە بېسىپ تۇرۇپ تاپانچىنىڭ ئۇچچىنى ياستۇقنىڭ ئىچىگە مېختىغىنىچە تاپانچىدىن بىر پاي ئوق ئۈزدى. تاپانچا مەخمەل ياستۇققا قادىلىپ ئېتىلغاچقا ئوق ئاۋازىمۇ بۇ ھوجرا ئۆينىڭ سىرتىغا تۈزۈك چىقمىغان ئىدى، ئوقمۇ بورھانبەگنىڭ ئېغىزىدىن كىرىپ ئۇدۇل مىڭىسىدىن چىكەتكەچكە بىر پاي بىلەنلا غىڭ قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي جان تەسلىم قىلغان ئىدى.
- ئاكا خويمۇ ياخشى قىلدىڭ، ئەمدى بۇنىڭ بايلىقى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدىنمۇ جىق چىقىپ قالدى، كېيىنكى قەدەمنى قانداق باسىمىز؟- دېدى تىللاخان ئاكىسىغا تەسەللى بىرىپ گەپنىڭ تىمىسىنى يۆتكەپ.
-        ئەسلى بۇ ئىتنىڭ ئۇششاق باللىرىنى ئويلاپ قېنىدىن كىچەيمۇ دەپ ئويلىغان ، قارىسام شېھىتلىرىمىزغا يۈز كىلەلمەيدىكەنمىز، بۈگۈن بۇنى قۇيىۋەتسەك ئەتە رۇسلارنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان مۇناپىقلاردىن يەنە نەچچىسى چىققۇدەك، شۇڭا بۇنى خەلىققە ئىبرەت قىلىش كىرەككەن...
-        بۇمۇ بولدى ئاكا، ئەمدى...
-        ئەمدى بىز ھەپتىگىچە خاتىرجەم ، يۈر! قالغان گەپنى يولدا دىيىشىمىز!
ئۇلار كارۋاتنىڭ يۈزىنى ئەسلىدىكىدەك ھالەتكە ئەكىلىپ يېپىپ قۇيۇپ بايلىق بېسىلغان مەپىنى ھەيدىگىنىچە دەرۋازىنىڭ تېشىدىن قۇلۇپلاپ بورھانبەگنىڭ قۇراسىدىن ئايرىلىشتى.
ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە ئالتۇنلارنىڭ ئېغىرلىقىنى كۈتۈرەلمەي كامىرى ئېتىلغان مەپىنى ھەيدەپ بىر ئۆستەڭنىڭ بۇيىغا يىتىپ باردى، ۋىلادىمىر چېچىدىكى سېرىق بۇياقنى ئېقىن سۇدا يۇيۇپ چىقىرۋېتىپ ئەسلىدىكى پاششاخانلىق ھالىتىگە قايتتى، ئاندىن ئۇلار شەھەرگە يېقىن بىر مۇساپىرلار مازىرىنى سۈرۈشتە قىلىپ شۇ يەردىكى گۆر كولۇغۇچىلارغا يۇقىرى ھەق بېرىپ بىر ئۇرانلىق كولاتتى، ئوران شامغا قالماي پۈتۈپ بولدى، ئۇلار كەچتە ئاسما چىراقتىن پايدىلىنىپ ئىنسى-جىن يوق بۇ مازارلىققا ئىككى ساندۇق زىخچا ئالتۇننى ناھايىتى تەسلىكتە ئاز-ئازدىن يۆتكەپ ھېلىقى ئۇرانغا دەپنە قىلدى، ئاندىن خارەتلەرگە ئاتاپ ياساتقان سالاسۇنغا تۈركمەنچە«ئاتام ئەلى شەيىخنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!» دىگەن جۈملىنى پىچاقتا ئۇيۇپ چىقتى، سالاسۇننى قەبرىگە ماسلاشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن ئۇلار بۇ مازارلىقتىن ئايرىلدى.
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلار قايتىش يولدا كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شەھەردىكى كونا ئۆي-جابدۇقلىرىنى ساتىدىغان دۇكاندىن چوڭ بىر كونا ياغاچ ساندۇقنى سېتىۋالدى، خارەت ئۇستامغا دەپ ساندۇقنىڭ ئىچى يۈزىگە ماس كىلىدىغان بىر ياغاچ تاختاينى ياساتقۇزۇپ چاماداندىكى پۇللار بىلەن ئالماسلارنىڭ ھەممىسىنى ساندۇقنىڭ ئاستىغا رەتلىك تىزىپ چىققاندىن كېيىن ھېلىقى تاختاينى تىزىلغان پۇللارنىڭ يۈزىگە يېپىپ ياندىن مېخلىۋەتتى، ئاندىن ساندۇقنىڭ بوش يىرىگە  بازاردىن زېغىي-زاغۇن سېتىۋېلىپ ساندۇقنى لىقلىدى.
مانا مۇشۇنداق قىلىپ ئۇلار چۈشكە قالماي  ئاپتۇۋۇز بىلەن بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ  تۆت كۈندە ئۆز يۇرتى ئاستانىگە بىخەتەر يىتىپ كەلدى.
مۇناپىق بورھانبەگ ئۆلتۈرۈلۈپ ھەپتىدىن كېيىن ئۇنىڭ ئۈيىگە خۇتۇن بالىلىرى ۋە ئۆي خىزمەتچىلىرى پەيدا بولدى، ئۇلار ھويلىدىكى سېسىغچىلىقتىن تىنالماي ئاخىرى بورھانبەگنىڭ سېسىپ كەتكەن جەسىتىنى تۆمۈر كارۋاتنىڭ ئىچىدىن تاپتى، يۇرت-مەھەللە بۇ خوشخەۋەرنى قۇلاقتىن –قۇلاققا يەتكۈزدى، پۈتۈن تۈركمەنىستان بۇ خۇشاللىقتىن ئېغىزىنى يۆگەپ تۇرۇپ كۈلۈشتى، رۇسلار لىۋىنى لىۋىگە  چىشلەپ ۋىلادىمىر دىگەن ئەبلەخنى ئىزدەشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
*         *         *         *         *         *         *
ئۇلار ئاستانىگە يىتىپ كەلگەندە شەھەرنىڭ ۋەزىيىتى ئىنتايىن جىددىلىشىپ كەتكەن بولۇپ ئۇلاربۇ پۇللارنى كونا ياغاچ ساندۇققا زېغىي-زاغۇننىڭ ئاستىغا قاچىلاپ ياخشى قىلغان ئىدى، چۈنكى يول بۇيى تەكشۈرۈلمىگەن ساندۇق شەھەرگە كىرگەندە ناھايىتى تەپسىلى تەكشۈرۈلىۋاتاتتى. پاششاخان شەھەردە ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق چىڭ بولۇپ كىتىشىنىڭ سەۋەبىنى بىكەتتە بىرسىدىن ئاڭلاپ ئاندىن چۈشەندى.
ئەسلىدە شەھەرنىڭ ئاۋات گۈزەل كۇچىلىرىدىن بىرى بولغان «روسلار كۇچىسى»غا ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا ئوت كىتىپ ئوت ۋاقتىدا ئۈچۈرۈلمەي پۈتۈن كۇچا كۈيۈپ خارابىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. كۈيۈپ كەتكەن مال-مۈلۈك ھەددى –ھىساپسىز بولۇپ نەچچە يۈزلىگەن كاتتا ھەشەمەتلىك ئۆيلەر، نەچچە يۈزلىگەن دۇكانلار بۇ قېتىملىق رەھمىسىز ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە كۈيۈپ كۈل بولۇپ كەتكەن ئىدى.ساقچى تەرەپ بۇنىڭ سەۋەبىنى دەسلەپكە قەدەمدە ئىنىقلاپ «ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە قارشى تۇرغۇچى مىللەتچى رەزىل كۈچلەر» قىلغان دىگەن خۇلاسىگە كەلگەن ئىدى، شۇ سەۋەپلىك شەھەردىكى بارلىق تۈركمەن ئاممىسى ساقچىلارنىڭ نەزىرىدىكى «رەزىل كۈچلەر»گە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.
ئۇلار كەچكە يېقىن ئۆيگە ساق-سالامەت يىتىپ كەلدى، بالىلار ئىككى كۈندىن بىرى مەشىق مەيدانىغا بارالماي ئۆيدە قاپسىلىپ ئولتۇرۇپ زىرىكىپ قالغاندەك قىلاتتى، ئۇلار پاششاخان بىلەن تىللاخاننى كۆرۈپ باشقىچە خۇشال بولدى، لېكىن زىرەك پاششاخان بالىلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئازراق بىر نۇرمالسىزلىقنى سىزىپ قالدى، بالىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاتامانلىرىدىن بىر ئىشنى يۇشۇرۋاتقاندەك قىلاتتى.
ئاخشىمى ياتار چاغدا پاششاخان ئۇكىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ئۇنىڭغا يېڭى بىر گەپنى ئېيتتى:
-        سەن ھىس قىلدىڭمۇ؟
-        نىمىنى دەيسەن ئاكا؟
-        بالىلارنىڭ كۈزلىرىدىن بىر نىمىنى بايقىمىدىڭمۇ؟
-        ياق...مەن دىققەت قىلمىدىممۇ يا! – دېدى تىللاخان ئاكىسىنىڭ سۇئالىدىن ئەجەپلىنىپ.
-        قارىسام، - دېدى پاششاخان ئۇلۇق كىچىك تىنىۋېتىپ تىللاخانغا ئۆرۈلۈپ قاراپ – بالىلار كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قېچىۋاتقاندەك قىلىدۇ، گەپلىرىمۇ تازا قۇلاشمىغاندەك، ئۇلار ئىشقىلىپ  مەندىن بىر نىمىنى يۇشۇرۋاتىدۇ، مەن ھېچنىمىسىنى بىلەلمىدىم، ياكى ئۇلارنىڭ چېنىقىش مەيدانىغا بارغۇسى يوقمىدۇ ياكى مەندىن نارازى بۇلىۋاتامدىغاندۇ؟!
-        ئاكا ئۇنداق ئويلاپ كەتمە! – دېدى تىللاخان ئاكىسىغا تەسەللى بىرىپ- ئۇلار سەندىن بەك رازى، مەن نەچچە قېتىم  ئۇلارنىڭ ھەر قېتىملىق دۇئاسىدا سىنىڭ ئىسمىڭنى ئاتايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم، بۇ بالىلار يىتىم بولغىنى بىلەن باغىرى بەك يۇمشاق، بەك ئەقىللىق، ئاق-قارىنى مەندىن بەك پەرىق ئىتىدۇ، ھەرگىز ئۇنداق ئويلىما!
-        ئۇكام، ئېيتقانلىرىڭغۇ توغرا، بالىلارنىڭ زىرەكلىكىنى ئۇبدان بىلىمەن، لېكىن سەن بۇلاردىن گەپ ئېلىپ باق، ئىشقىلىپ كۆڭلۈم بىر نىمىنى تۇيۇپ تۇرىدۇ...
-        توختا...ياكى بولمىسا مەن ھازىر چىقىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى كۈلگۈنچەك ئەيسابەگدىن ئەھۋال ئىگىلەپ باقايمۇ-يا؟!
-        مەيلى شۇنداق قىلغىن، بولمىسا كېچىيچە ئۇيقۇم قاچىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزارمىزمۇ ئەمدى؟
-        ھېچقىسى يوق ئاكا، مەن ھازىرلا كىرىمەن!
تىللاخان ئۇخلاش كىيىمى بىلەن يوتقاندىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتى، ئۇ مىھمانخانىدا ئۇخلىۋاتقان ئەيسابەگنى چاقىردى، بالىلار تېخى ئۇخلىمىغان ئىدى، ئەيسابەگ ئورنىدىن تۇرۇپ تىللاخانغا ئەگىشىپ ھويلىغا چىقتى.
-        ئەيسابەگ يۈرە كەپتەرخانىغا چىقىمىز! – دېدى تىللاخان ئالدىدا شوتنىڭ بالدىقىغا دەسسەپ.
ئۇلار كەپتەرخانىنىڭ ئالدىدىكى كۈزدە ئاپتاپ ئىسىنىشقا قۇيۇپ قويغان چوڭ كارۋاتقا كىلىپ ئولتۇردى، بۇلۇتسىز ئاسماندىكى يۇلتۇزلار بىر-بىرىدىن بەس تالاشقاندەك جىلۋە قىلىشاتتى.
-        ئۇكام ئەيسابەگ، –دىدى تىللاخان ئۇنىڭ قۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ- ئاكام ئۇ سىلەردىن ئاغرىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، ئۇ ھېلىلا سىلەرنىڭ گىپىڭلارنى قىلىپ شۇنداق ئازابلىنىپ كەتتى، ئۇ سىلەرگە بەكلا ئامىراق، بۇنى سىلەر ئۇبدان بىلىسىلەر، ئۇنىڭ دىيىشىچە سىلەر بىر ئىشنى ئۇنىڭدىن قاچۇرۋاتقان ئوخشايسىلەر، ماڭا راست گىپىڭنى ئېيتقىغا ، زادى ئاراڭلاردا نېمە ئىش بولدى؟
-        ئاكا...بۇ...بالىلار ئۇ...- ئەيسا بەگ تۈپۈكىنى يۇتۇپ گاچىلىشىشقا باشلىدى- مەن سىزدىن گەپ يۇشۇرمايمەن ئاكا، لېكىن بالىلار ئۇلار...بۇنى ھېچقايسىمىز دىمەس بولغان شۇ!
-        ھەي ئەيسا بەگ! –دىدى تىللاخان ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كىتىپ- ئاكامنى ئويلاپ قوي، ئۇ قاچان سىلەرگە ئاچچىقلانغان، ئۇ بۇ كىچە ياخشى ئۇخلىيالمىسا، ئەتىلىككە ئاغرىپ قالسا بىز قانداق قىلىمىز، ئەمدى راستىنى ئېيتە، بىزگە  دىمىگۈدەك نېمە ئىشتى ئۇ؟
-        ئەمىسە ساڭا دەي ئاكا، بالىلارغا ئۈزەڭ بىر نېمە دەرسەن! – دېدى ئەيسابەگ كاللىسىنى قاشلاپ تۇرۇپ – قايسى كۈنى مەشىق مەيدانىدىكى مۇئەللىم بىز بالىلارنى ئۆز ئارا مۇسابىقىگە سالغان ئىدى، بىز ئۇيان-بۇيان بولۇپ ئاخىرى رۇس بالىلار بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشۈپ قالدۇق، ئۇ رۇس ھارىمىنىڭ ھەقىقەتەن كارامىتى باركەن، ئۇ ھەممىمىزنى يىڭىپ بىزنى يەرگە قارىتىشقا باشلىدى، نۈۋەت بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ھەسەنبايغا كەلگەندە بىز كۈزىمىزنى يۇمۇپ ئولتۇردۇق، چۈنكى ھەسەنباينى سەنمۇ بىلىسەن، ئۇ ئادەتتە بەك يۇۋاش ئىدى، كىم بىلسۇن، يۇۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدىكەن ئەمەسمۇ، ھاينى-ھۇيت دىگۈچە ھېلىقى رۇس ئىتىنى يەرگە چاپلاپ قويدى دىگىنە، ھەممىمىز بۇ غەلبىنى تەبرىكلەپ ئۆيگە مېڭىش يۇلىدا رۇسلار كۇچىسىنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ كىتىۋاتساق، بۇ رۇس ئىتى يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەي بىر مۇنچە رۇس بالىلارنى يېغىپ ئالدىمىزنى توستى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ بولۇپ تۇتۇشۇپ كەتتۇق، كۇرۇسقا كەلگەن تۈركمەن بالىلاردىن بىر مۇنچىسى بىز تەرەپتە تۇردى، بىز ئۇلارنى راسا سېلىۋاتاتتۇق، تۇيۇقسىز بۇ ئىتنىڭ باللىرى ئاۋۇپ كەتتى، قارىساق ئۇلارنىڭ ئاكىلىرىدىن باشلاپ دادىسىغىچە مەيدانغا چۈشۈپتۇ، ھەممىسىنىڭ قۇلىدا كالتەك، كۆزنى-يۇمۇپ ئاچقىچە ئۇلار بىزنى كالتەك بىلەن دۇمباللاپ قۇپالماس قىلىۋەتتى، بىر چاغدا ئامانلىق ساقلىغۇچى دىگەن نىمىلەر كەپتىكەن، ئۇلار كالتەك تۇتقانلارنى تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،تېخى ئۇلارغا يان بېسىپ بىزنىڭ قۇلىمىزغا كويزا سېلىۋاتىدۇ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسەك، گىپىمىزنى ئاڭلىماي ئاغزىمىزغا مىلتىقىنىڭ پەينىگى بىلەن ئۇرىۋاتىدۇ، ساقچى دىگەن نىمىلەر ئۇلاردىن ئۈتە ئۇسال نىمىلەركەن، ئۇلار بىزنى ئاپىرىپ يەنە بولدى دىگۈچە ئۈرۈپ ئاندىن يولغا سېلىۋەتتى، يىگەن تايىقىمىز ئۆزىمىزنىڭ بولدى، كەچتە ئۆيگە كىلىپ بۇ ئاچچىقنى يۇتالمىدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى...
-        ھە دىگىنە ئەتىسى نېمە بولدى؟ - دېدى تىللاخان ئىشنىڭ ئايىغىنى ئاڭلىغۇسى كىلىپ.
-        ئەتىسى...- دېدى ئەيسابەگ گىپىنىڭ ئايغىنى كۈلۈپ داۋاملاشتۇرۇپ- ئەتىسى كۈندۈزى بىز كالتەكنىڭ ئاغرىقىغا چىداپ رۇسلار كۇچىسىنى ئۇبدان كۈزەتتۇق، ئۇ يەردىكى دۇكان-سارايلارنى، ھەشەمەت داچىلارنى بىرمۇ-بىر كۆرۈپ چىقتۇق، ئۇلارنىڭ بىزدىن گۇمان قىلىپ سالماسلىقى ئۈچۈن بىز بىر ھەپتىنى چىداپ ئۆتكۈزدۇق، ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا تۈن يېرىم بولغاندا بەشىمىز رۇسلار كۇچىسىغا باردۇق، ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ سۇ تۇربىسنىڭ مەنبىيىنى ئىتىۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ باش تۇربىنى يەنە ئېچىپ سالماسلىقى ئۈچۈن تۆمۈر كىسىش ھەرىسى بىلەن  باش تۇربىنىڭ چۆرۈيدىغان يۇمىلاق قۇلىقىنى تۈۋىدىن كىسىۋەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بۇ كۇچىنىڭ بارلىق سۈيى ئىتىلدى، ئاندىن شەھەرلىك ئوت ئۈچۈرۈش ماشىنىسىنىڭ بۇ كۇچىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ كۇچىلاردىكى تېلىفۇن سىمىنىڭ باش كاللىسىنى تاپتۇق، ئۆي –دۇكانلاردىن چىققان تېلىفۇن سىملىرىنىڭ ھەممىسى يېغىلىپ كۇچنىڭ شىمالىدىكى بىر تۈۋرۈككە يېغىلىدىكەن، بىرىمىز شۇ تۈۋرۈككە يامىشىپ چىقىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تۈمۈر كىسىدىغان قايچا بىلەن سىملارنىڭ ھەممىسىنى كىسىپ چىقتۇق، شۇنىڭ بىلەن بۇلار ئوت ئۈچۈرۈش ئىدارىسى بىلەن ئالاقىلىشالمايدىغان بۇلدى، ئىككىنچىسى ئىشنى تېخىمۇ پۇختا قىلىش ئۈچۈن كۇچىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى قاتار كەتكەن سۈگەتلىكنى كىسىپ يولغا ياتقۇزىۋەتتۇق، ئۇ چوڭ سۈگەتلەرنى كىسىشتە مايلامچىلىق تىجارەت قىلغاندىكى ئايلىقىمىز شۇنداقلا باتتى دىگىنە، ئۇنىڭغا مۇتۇرلۇق ياغاچ كىسىش ھەرىسىدىن ئىككىنى سېتىۋالغان ئىدۇق، يېرىم سائەتكە قالماي ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىلىمدەك سۈگەتتىن بەش-ئالتىنى يولغا ئۈرىۋەتتۈك، ئامانلىق ساقلىغۇچى دىگەن نىمىلەرمۇ شەكىلگە شەھەر ئايلىنىدىكەن، كېچىسى شۇنچە ئاۋاز چىقرىپ دەرەخ كەسسەك بىرسىمۇ كىلىپ قويمىدى، شۇنىڭ بىلەن كۈندۈزى ئېلىپ قويغان بىر تۇڭ بىنزىننى قول ھارۋىسىغا بېسىپ رۇسلار كۇچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئەكىرىپ بەشىمىز بەش چىلەكتە دۇكانلارنىڭ ئالدىغا بۈلۈشۈپ تۆكتۇق، سەرەڭگىنى ياققاندەك قىلىۋىدۇق، ئاسمان پەلەك ئوت بىردەمنىڭ ئىچىدە كۇچىنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغىچە گۆركىرەپ تۇتۇشۇپ كەتتى، بىزمۇ ئوتنىڭ ئىچىدە قېلىپ ئاران جېنىمىز ئېلىپ قاچتۇق، كىم بىلسۇن بۇ ئوت دىگەن نەرسىنىڭ يامانلىقىنى، بىز دۇكانلارغا ئوت قويدۇق دەپ ئويلاپتۇق، ئەتىسى كىلىپ قارىساق بۇ ئوت دۇكانلارغا تۇتاش بولغان كەينىدىكى رۇسلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆيلىرىگە بەكراق تۇتۇشۇپ كىتىپتۇ، ئاڭلىساق بۇ كۇچىغا يېقىن يەردىكى ئاھالىلەر بۇ ئوت يالقۇنىنى كۆرۈپ ئوت ئۈچۈرۈش ئىدارىسىغا تېلفۇن قىپتىكەن،ئۇلار بۇ تېلفۇننى ناھايىتى كىچىپ ئاڭلىغاچقا بۇ يەرگە كىلىپ سۈگەت دەرەخلىرىنى يۆتكەپ بولغىچە ئوت بۇنىڭغا ساقلىماپتۇ، بولغان ئىش مۇشۇ ئاكا...
-        ۋاي خۇدايىم ئۇكام، شۇنداقمۇ تەۋەككۇلچىلىك قىلغان بارمۇ ئەمدى؟!- دېدى تىللاخان پىشانىسىنى تۇتۇپ بۇ كەپسىز بالىلارنىڭ قىلغان ئىشىدىن ھاڭ-تاڭ قېلىپ بېشىنى ئىككى يانغا چايقاپ - ساقچىلار سىلەرنى ئىزدىمىگەندۇ؟
-        ئىزدىدى، ئۇلار جانبازلىق سارىيىغا بېرىپتىكەن، ھەممىزنى يېغىپ بۇ ئوت قۇيۇش ئىشىنىڭ شامىسىنى ئاڭلاپ قالساڭلار بىزگە خەۋەر قىلىڭلار، ناھايىتى كاتتا سۈيۈنچە بىرىمىز دېدى شۇ!
-        شۇنداق قىلىپ سىلەر بۇ ئىشنى بىزدىن يۇشۇرماقچى بولغانمۇ؟
-        ھەئە، بىز بۇ گەپنى ئىككىڭلارغا دىمەس بولغان، ناۋادا بۇ گەپ قايسىمىزنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ قالسا، شۇ توڭغۇز بۇلىدىغان بولغان، مانا چاتاقنىڭ چوڭى چىقتى ئاكا! ئەمدى بالىلارغا نېمە دەرمەن؟
-        بۇنى دىگىنىڭ ياخشى بولدى، چوڭ چاتاقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى ئاكىمىزدىن يۇشۇرماسلىقىمىز كىرەك، ئىسىڭدە بولسۇن يەتتىمىزنىڭ پۇتى بىر ئۈتۈكتە ئۇكام، ساڭا تەگكەن تاياق ھەممىمىزگە تىگىدۇ، ھەممە ئىشتا ئاكام پاششاخاننىڭ ئاغىزىغا قارايلى، ئۇ بوش ئادەم ئەمەس، بىلدىڭمۇ؟
ئۇلار شۇنداق دىيىشىپ ئۆگزىدىن چۈشتى، ئەيسابەگ ياتىقىغا كىرىپ كەتتى، تىللاخان كۈلۈپ پىشانىسىنى تۇتقىنىچە پاششاخاننىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى.
-        ھە قانداق، يىڭىلىق بارمۇ؟، - دېدى پاششاخان چىراقنى ياندۇرۇپ ئۇكىسىنىڭ كۈلۈپ كىرگىنىنى كۆرۈپ.
-        ئاۋال چىراقنى ئۈچۈرە ئاكا، گەپنىڭ قىززىقى ئەمدى چىقتى.
پاششاخان توكنى ئۈچۈردى. تىللاخان ئاكىسىنىڭ قۇلىقىغا ئېغىزىنى يېقىپ ئېيتتى:
-        بۇرۇن چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۈڭگۈز ئېشىپ كىتىپتۇ دىگەندەك بىر ئىش بۇپتۇ ئاكا – دېدى تىللاخان پىخىلداپ كۈلۈپ – رۇسلار كۇچىسىدىكى ئوتنى بۇ كاساپەتلەر قۇيۇپتىكەن ئەمەسمۇ؟!
-        ئاپلا ماۋۇ ئىشنى ئەمدى!، - دېدى پاششاخانمۇ ئالقىنى بىلەن پىشانىسىگە ۋاققىدە بىرنى قويغاچ،– كۆڭلۈمگە شۇنداق بىر كىلىۋىدى لېكىن بۇنداق چوڭ ئىش بۇلارنىڭ قۇلىدىن ھەرگىز كەلمەس دەپ ئويلاپتىمەن!
-        نىمىسىنى دەرسەن«كۆزگە ئىلمىغان چۇماق  قاڭشانى يېرىپتۇ» دەپ تېخى ھەممىنى ئاڭلىمىدىڭ...
تىللاخان ئەيسابەگدىن ئاڭلىغان پۈتۈن تەپسىلاتلارنى ئاكىسىغا بىرمۇ-بىر ئېيتىپ بەردى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان پاششاخان ئاخىرىدا كۈلۈپ كىتىپ :
-        بۇپتۇ بۇلارمۇ چوڭ بۇپتۇ، ئۇقۇغان كىتاپلىرى بىكارغا كەتمەپتۇ، ئەمدى بۇندىن كېيىنكى ھەركىتىمىزگە بۇلارنىمۇ قاتناشتۇرايلى، ھازىردىن باشلاپ يۈرىگى قاتسۇن!
ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن بالىلارنىڭ بۇ قېتىملىق ئوت قۇيۇش ھەركىتىدىكى زىرەك ھەم باتۇرلىقىغا قايىل بولۇپ ئۇزۇنغىچە ھاياجانلىنىپ ئۇخلىيالمىدى تۈن يېرىمدىن ئاشقاندا ئاندىن كۆڭلى خوش ھالدا ئۇخلاپ قېلىشتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73887
يازما سانى: 579
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3771
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 11:22:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخشام تېخى يېرىم كىچىگىچەباغداش مۇنبىرىدەبۇئېسىل يازمىڭىزنى كۆرگەنتىم،بۈگۈن ئەتىگندىلاداۋامىنى كۆرۈشكەمۇيەسسەربوپتىمەن،چوڭقۇرمەنىلىك ئېسىل يازمىڭىزغاتەشەككۈرقېرىدىشىم.

ئاز بولسىمۇ ھالالدىن يەيمەن !!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91717
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 11:32:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
awatbag يوللىغان ۋاقتى  2013-4-29 11:22 AM
ئاخشام تېخى يېرىم كىچىگىچەباغداش مۇنبىرىدەبۇئېسىل يا ...

rahmat kerindixim,siz bolsingizmu inkas yezipsi...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6440
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 946 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 01:53:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى كۆرۈشكە تەقەززامىز...ئاللاھ سىزگە مەدەتكار بولسۇن...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94315
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1034
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2013-4-4
ئاخىرقى: 2013-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 01:57:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83947
يازما سانى: 132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3823
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 216 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-29 02:38:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىسىل تېما ، سۈيۈندۈردى ، داۋامىغا تەشنا بىز ،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش