مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1597|ئىنكاس: 13

سەئد ئىبنى ۋەققاس (تەۋسىيە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89160
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1630
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2012-12-27
ئاخىرقى: 2015-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 12:44:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەئد ئىبنى ۋەققاس



ئى سەئد، ئاتقىن! ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولۇپ كەتسۇن! — (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوھۇد كۈنىدە سەئدنى ئوق ئېتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ قىلغان سۆزىدىن)

پەيغەمبەر ئەلەيھېسسالامنىڭ «ئاتا-ئانام ساڭا فىدا بولسۇن» دېيىشىگە نائىل بولغان بۇ ئىنسان زادى كىم؟ كېلىڭ، ئەستايىدىل بىر ئوقۇڭ.



ئاللاھتىن ئاللاھ دەرگاھىدىن قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن!



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن (باشلايمەن)!



ئىنساننى ئاتا ـ ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرۇدۇق. ئانىسى ئۇنى (قورسىقىدا) ئۈستى ـ ئۈستىگە ئاجىزلىق بىلەن كۆتۈردى. ئىككى يىلدا ئۇنى ئەمچەكتىن ئايرىدى. (ئى ئىنسان!) ماڭا ۋە ئاتا ـ ئاناڭغا شۈكۈر قىلغىن، ئاخىر قايتىدىغان جاي مېنىڭ دەرگاھىمدۇر. ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن)، ماڭا تائەت بىلەن قايتقان ئادەمنىڭ يولىغا ئەگەشكىن، ئاندىن مېنىڭ دەرگاھىمغا قايتىسىلەر، سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىمەن. بۇ ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار. بۇنىڭ نەتىجىسى مەغلۇبىيەتكە ئەمەس، غەلىبىگە، شىرېكلىككە ئەمەس، بەلكى تەۋھىدكە دالالەت قىلىدۇ. ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى، سەئد ئىبنى ۋەققاس مەككىدىكى ئېسىل نەسەبلىك ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ياشلاردىن بىرىدۇر. مەككىدە پەيغەمبەرلىك نۇرى چاقناشقا باشلىغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سەئد تېخى كىچىك بولۇپ، ئۇ ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان، بولۇپمۇ ئانىسىغا بەكمۇ ئامراق بىر ئۆسمۈر ئىدى. گەرچە ئۇ ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بولسىمۇ لېكىن، ئۇنىڭ ئەقلى ئۆتكۈرلىكىدە، ھېكمەتلىكلىكىدە چوڭلاردىن قېلىشمايتتى. ئۇ ئۆز تەڭتۈشلىرىدەك ئورۇنسىز ئويۇن ـ تاماشىغا بېرىلمەي، ۋاقتىنى ئوق ياساش، ياچاقنى ياخشىلاش، ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلىشتەك ئاقىلانە ئىشلارغا سەرپ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئۇ خۇددى ئۆزىنى چوڭ ئىشلارغا تەييارلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ يەنە كۆڭلىدە ئۆز قەۋىملىرى ياشاۋاتقان ناتوغرا ئەقىدىدىكى ھاياتىدىن قوتۇلدۇرىدىغان بىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى كۈتىۋاتقاندەك بىر تەقەززالىق تويغۇسىدا بىئارام ياشايتتى. مانا مۇشۇ مەزگىلدە ئاللاھ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى توغرا ياشاش يولىغا باشلايدىغان رەھمىتى بولغان، ئازغۇن، خاتا ئەقىدىدىكى ئىنسانلارنى قۇتۇلدۇرىدىغان، مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتتى. بۇ خاسىيەت ئىگىسى پەرۋەردىگارى ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزەتتى. سەئد ھېچ كېچىكمەستىن بۇ ئىلاھى چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى. ئۇ ئىسلام كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئاۋالقىلىرىدىن بولدى. ئۇ كۆپ ھاللاردا بۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ: «پەيغەمبەرلىك ۋەھىيسىنىڭ دەسلەپكى دەۋىتى باشلىنىپ يەتتە كۈندىن كېيىن ئىمان كەلتۈردۈم. دېمەك، مەن ئىمان كەلتۈرگەنلەرنىڭ ئاۋالقىلىرىدىن بولدۇم» دەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەئدنىڭ ئىسلامغا كىرگەنلىكىدىن خۇشال بولدى. چۈنكى، سەئدتە يېڭى چىققان ئاينىڭ تولۇن ئاي بولىشى مۇقەررەر بولغاندەك، پات ئارىدا ھەقىقىي ئەركەكلەردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىدىغان ئالامەتلەر بار ئىدى. شۇنداقلا، يەنە مەككە ياشلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ ئەگەشتۈرىدىغان، سۆزىگە كىرگۈزۈشكە سەۋەب بولىدىغان، ئېسىل نەسەب، يۇقىرى مەرتىۋە بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا پەيغەمبەرگە يېقىن تۇرىدىغانلىق تەرىپىدىنمۇ ئىمتىيازغا ئىگە بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانا تەرەپ جەمەتى بولغان بەنى زوھرا جەمەتىدىن بولغان تاغىسى ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ تاغىسى بىلەن پەخىرلىنەتتى. بىر رىۋايەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن ئولتۇرغاندا سەئدنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇرغانلارغا قاراپ: «بۇ مېنىڭ تاغام، قېنى كىمنىڭ مۇشۇنداق تاغىسى بولسا كۆرسىتىپ باقسۇن!» دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان. سەئدنىڭ ئىسلامدا تۇرۇشى ئاسانغا چۈشمىدى. ئىسلام بۇ ياشنى قاتتىق سىناقلارغا دۇچار قىلدى. سىناقنىڭ بۇ قاتتىقلىقىدىن ھەتتا ئايەت نازىل بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان دەرىجىگە يەتتى. بۇ ئاجايىپ كەچۈرمىشنى سۆزلەپ بېرىشكە سەئدنىڭ ئۆزىنى تەكلىپ قىلايلى. «مەن ئىسلامنى قوبۇل قىلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇنداق بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈمدە قاتمۇقات قاراڭغۇلۇق ئىچىگە چۆكۈپ كېتىۋاتقانلىقىمنى، بۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ يۈرگىنىمدە بىر ئاينىڭ نۇر چاچقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ئۇ ئايغا ئەگەشتىم ۋە ئالدىمدا بىر قانچە كىشىنىڭ شۇ ئايغا مەندىن ئىلگىرى ئەگىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلار زەيد ئىبنى ھارىس، ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئەبۇ بەكرى سىدىق ئىكەن. مەن ئۇلاردىن: ‹سىلەر قاچاندىن بېرى بۇ يەردە تۇرۇۋاتىسىلەر؟› دەپ سورىسام. ئۇلار: ‹بىر ئاز ئىلگىرى› دەپ جاۋاب بېرىشتى. «تاڭ ئاتقاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوشۇرۇنچە ئىسلامغا دەۋەت قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. مەن ئاللاھنىڭ ياخشىلىقنى ئىرادە قىلىپ، بۇ سەۋەب بىلەن مېنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقىرىشنى خالىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم ـ دە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرەپكە چاپتىم. مەن ئۇنىڭ بىلەن جىياد جىلغىسىدا ئۇچراشتىم. بۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزى ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇ نامىزىنى ئوقۇپ بولغاندا مەن ئىمان ئېيتتىم. چۈشۈمدە كۆرگەن ھېلىقى بىر نەچچەيلەن مەندىن بۇرۇن ئىمان ئېيتقان ئىكەن. ئانام مېنىڭ ئىسلامغا كىرگىنىمنى ئاڭلاپ تەتۈرلىكى تۇتتى. ئەمەلىيەتتە مەن ئانامنىڭ ناھايىتىمۇ بەك كۆيۈنىدىغان ۋە ئۇنى ئىنتايىن بەك ياخشى كۆرىدىغان بالىسى ئىدىم. ئۇ: — ئى سەئد! ئەسلى دىنىڭدىن يېنىپ قوبۇل قىلغان ئۇ زادى قانداق دىن؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سەن بۇ يېڭى دىننى تاشلا. بولمىسا مەن يېمەي، ئىچمەي ئۆلۈپ كېتىمەن... ئۇ چاغدا سەن مەن ئۈچۈن ئېچىنىپ يۈرىكىڭ پارە ـ پارە بولىدۇ. بۇ ئىش سەۋەبىدىن كىشىلەر سېنى ئۆمرۈڭ بويى ئەيىبلەيدۇ، — دېدى ۋە يېمەسلىك ـ ئىچمەسلىك ھەققىدە قەسەم ئىچتى. مەن ئۇنىڭغا: — ئى ئانا! ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ! ھەر قانچە قىلسىڭىزمۇ مەن بۇ دىنىمدىن يانمايمەن، — دېدىم. لېكىم ئانام يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك قەسىمىدە چىڭ تۇرۇپ بىر قانچە كۈننى ئۆتكۈزدى. ئۇ ئورۇقلاپ، تېنى ئاجىزلىشىپ ماغدۇرۇدىن كېتىپ قالدى. بۇ بىر نەچچە كۈن ئىچىدە مەن ئۇنىڭ ئازراق بولسىمۇ يەپ ـ ئىچىشىنى تەۋسىيە قىلىپ ئۇنىڭ قېشىغا كېلىۋەردىم. لېكىن، ئۇ قەتئىي ھېچنېمە يېمىدى. ھەم ماڭا يا مېنىڭ دىنىمدىن يېنىشىمنى يا بولمىسا ئۆزىنىڭ شۇ پېتىچە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى شەرت قىلىپ تۇرۇۋالدى. — ئى ئانا! مەن ھەقىقەتەن سىزنى بەك ياخشى كۆرىمەن. لېكىن، مەن ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرىنى سىزدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرىمەن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى! سىزنىڭ مىڭ جېنىڭىز بولۇپ ھەر بىر جېنىڭىز ئاچلىقتىن بىر ـ بىرلەپ چىقىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مەن بۇ دىنىمدىن ھەرگىز يانمايمەن، — دېدىم مەن ئاخىرى. «ئانام مېنىڭ بۇ قەتئىيلىكىمنى كۆرۈپ ئاخىرى تەن بەردى ۋە مەجبۇرىي ھالدا يەپ ـ ئىچتى. ئاللاھ بۇ ئەھۋالغا قارىتا: ئەگەر ئاتا ـ ئاناڭ سېنى سەن بىلمەيدىغان نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈشكە زورلىسا، ئۇلارغا ئىتائەت قىلمىغىن، ئۇلارغا دۇنيادا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىن (يەنى دىنىڭغا زىيان يەتمەيدىغان ئاساستا ياخشىلىق قىلغىن) دېگەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدى.» ئەمەلىيەتتە سەئدنىڭ ئىسلامنى قوبۇل قىلغان كۈنى، مۇسۇلمانلار كۆپ ياخشىلىقلارغا ئېرىشكەن، ئىسلامغا خەيرلىك بىر زات قوشۇلغان بىر كۈن بولغان ئىدى. بەدىر كۈنى سەئد بىلەن قېرىندىشى ئۆمەيرنىڭ ئاجايىپ كۆرۈنۈشلىرى مەيدانغا كەلگەن بىر كۈن بولدى. ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەير تېخى تولۇق بالاغەتكە يەتمىگەن بىر ئۆسمۈر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا چىقىدىغان قوشۇننى كۆزدىن كەچۈرۈشكە باشلىغاندا ئۆمەير ئۆزىنىڭ يېشىنىڭ كىچىكلىكى سەۋەبىدىن قالدۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قوشۇننىڭ ئارقا تەرىپىگە مۈكىنىۋالغان ئىدى. بىراق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى يەنىلا كۆرۈپ قېلىپ قايتۇرۋەتكەندە ئۇ يىغلاشقا باشلىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، رۇخسەت قىلدى. بۇ چاغدا ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ ئاكىسى سەئدنىڭ قېشىغا كەلدى. سەئد ئۇنىڭ قىلىچىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويدى. چۈنكى، ئۇ تېخى كىچىك بولغاچقا ئۇنىڭ قىلىچى يەرگە تىگىپ قالاتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئاكا ـ ئۇكىلار ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇشقا ئاتلاندى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا سەئد جەڭ مەيدانىدا شېھىت قىلىنغان ئىنىسى ئۆمەيرنى قويۇپ مەدىنىگە قايتىپ كەلدى. ئوھۇد ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارغا مەغلۇبىيەت يۈزلەنگەندە قورققىنىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كەتتى. پەقەت سەئدلا ئۇنىڭغا يېقىن كىشى بىلەن قېلىپ ياچىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوغداپ تۇردى. ئۇنىڭ ئاتقان ھەر بىر ئوقى بىر مۇشرىكنى يەر چىشلىتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بۇ ماھارىتىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ رىغبەتلىەندۈرۈپ: «سەئد ئاتقىن! ئاتقىن!... ئاتا ـ ئانام ساڭا پىدا بولسۇن!» دېدى. سەئد ئۆمۈر بويى بۇ سۆز بىلەن پەخىرلەندى. ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچبىر ئادەمگە ئاتا ـ ئانىسىنى تەڭ پىدا قىلمىغان ئىدى» دەيتتى. ئۆمەر (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن!) خەلىپە ۋاقتىدا پارسلارنى گۇمران قىلىپ، يەر يۈزىدە بۇددىزىمنىڭ يىلتىزىنى قورۇتماق ئۈچۈن قوشۇن تەيارلىماقچى بولغاندا سەئد ئۇلۇغلۇقنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسىگە يەتتى. ئۇرۇشتىن بورۇن ھەرقايسى جايلاردىكى ۋىلايەتلەرنىڭ ۋالىيلىرىغا: «ماڭا قورالى، ئېتى، ھەر قايسى جەھەتتىكى تەييارلىقى بار، شېئىر، نۇتۇقتىن جەڭ ئۈچۈن پايدىلىق ئارتۇقچىلىقى بار بارلىق كىشىلەرنى ئەۋەتىڭلار!» دەپ مەكتۇپ ئەۋەتكەندە ھەرقايسى جايلاردىن مۇجاھىد قوشۇنلار بەس ـ بەس بىلەن كېلىشكە باشلىدى. قوشۇن تولۇقلانغاندا، ئۆمەر بۇ دەرىجىدىكى زور قوشۇنغا كىمنى قوماندان قىلىش توغرىسىدا مەسلىھەت قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك: «باتۇر يولۋاس سەئدنى!» دېيىشتى. ئۆمەر ئۇنىڭغا قوشۇننىڭ بايرىقىنى تۇتقۇزدى. قوشۇن يولغا چىقىش ئالدىدا ئۆمەر سەئدكە نەسىھەت قىلىپ: — ئى سەئد! سېنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسى ۋە دوستى دېيىشلەر مەغرۇرلاندۇرۇپ قالمىسۇن، ئاللاھ يامانلىقنى يامانلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق بىلەن ئۆچۈرىدۇ. ئى سەئد ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بويسۇنۇشتىن باشقا ھېچقانداق باغلىنىشلىق يوق. كىشىلەرنىڭ مەرتىۋىلىكى بىلەن مەرتىۋىسىزىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى پەرقى تەقۋالىق بىلەنلا ئۆلچىنىدۇ. كىشىلەر پەقەت تەقۋالىقى بىلەن پەرقلىنىدۇ. ئاللاھقا بويسۇنۇشى بىلەن ساۋابقا ئېرىشىدۇ. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كۆرگەن ئىشلارغا قارىغىن ھەم ئۇنىڭدىن چەتنەپ كەتمە، بۇ بولسا بۇيرۇق، — دېدى. قوشۇن ئاتلاندى. قوشۇندا بەدىر ئۇرۇشىغا قاتناشقانلاردىن 99 كىشى، رىزۋان ۋە باشقا بەيئەتلەردە بار كىشىلەردىن 310 نەچچە كىشى بىرگە ئىدى. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن مەككىنى ئىشغال قىلىشقا قاتناشقانلاردىن 300 كىشى، يېزا پەرزەنتلىرىدىن 700 كىشى بار ئىدى. سەئد قادىسىيەگە يېتىپ بارغاندا قوشۇننى توختاتتى. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى كۈنى مۇسۇلمانلار قادىسىيەنى تۈپتۈن گۇمران قىلىۋىتىش نىيىتىدە دۈشمەنلەرنى خۇددى كىشەن ئوشۇقنى قىسقاندەك قاتتىق ئىسكەنجە قورشاۋىغا ئالدى. ئۇلار تەكبىر، تەھلىل ئېيتقان ھالدا دۈشمەن سېپىگە تۇشمۇ ـ تۇشتىن بۆسۈپ كىردى. پارسلىقلارنىڭ باش قوماندانى رۇستەمنىڭ بېشى مۇسۇلمانلارنىڭ نەيزىسى ئۈستىدە كۆتۈرۈلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرى ئالاقىزادىلىككە چۈشتى. ھەتتا، مۇسۇلمانلار ئۇلارنى چاقىرىپ، ئاندىن ئۆلتۈرەتتى. بۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەن دۈشمەن قوشۇنىنىڭ سانىنىڭ 30 مىڭ ئىكەنلىكىلا بۇ جەڭنىڭ كاتتا غەلىبە ۋە غەنىمەتلەرگە ئىگە بولغانلىقىغا كۇپايىدۇر. سەئد ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى. ئاللاھ ئۇنىڭغا كۆپ مال ـ مۈلۈك ئاتا قىلدى. لېكىن، ئۇنىڭغا ئەجەل يېقىنلاشقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ كونىراپ تىتىلىپ كەتكەن تونىنى تەلەپ قىلىپ: «مېنى بۇنىڭ بىلەن كىپەنلەڭلار، چۈنكى، مەن بەدىر كۈنى مۇشۇ توننى كىيگەن ھالدا مۇشرىكلار بىلەن ئۇرۇشقان ئىدىم. مەن يەنە مۇشۇ تون بىلەن ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشنى خالايمەن...» دېدى. ئاللاھ ئۇنىڭ ياتقان يېرىنى نۇرلۇق قىلسۇن!


مەنبە: ساھابىلەر ھاياتىدىن تاللانما


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3759
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 11:41:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 417
يازما سانى: 1775
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15691
تۆھپە نۇمۇرى: 476
توردا: 3425 سائەت
تىزىم: 2010-5-22
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 12:27:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن شۇدەۋىردە بىللە ياشىغان شۇ ساھابىلەرنىڭ ئىش - ئىزلىرى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ ـ شۇنچە كاتتا نۇسرەتكە ئىرىشىپ مانا ئەمدى مۇشۇ رەببىنى تۇنۇمايدىغان مۇناپىق، كاپىرلارنىڭ ئالدىدا قالغان كۈنىمىز. ھەى! ئېچىنىمەن .

خەپ ! ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 01:01:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم تولۇق ئوقۇپ چىقتىم ....كاتتا ساھابىلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆرنەك ئالايلى ..شۇنداق ئېسىل ئادەملەر ئۇ چاغدا بار بولغان بولسا ھازىرمۇ يوقىلىپ قالمايدۇ ئاللاھ خالىسا!!!!!!!!!!!!!!!

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94107
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 530
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2013-3-30
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 02:50:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ساھابە توغۇرلۇقمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم، تېما ئىگىسىنىڭ تەپسىلى مەلۇماتىغا ئاللاھتىن ئەجىر تىلەيمەن.
ئىلگىرى گۇاڭجۇ غا بارغىنىمدا شۇ يەردە (سەئىد ۋەققاس مەسجىدى) دەپ نام قويۇلغان بىر مەسجىدتە ناماز ئوقۇغان ئېدىم، كۆلەم جەھەتتە جۇڭگودا بارغان يەرلىرىمدە ئۇنىڭدەك چوڭ مەسجىد كۆرمىگەن ئىدىم.  شۇ يەردىكىلەردىن ئىگەللىشىمچە ئىلگىرى جۇڭگوغا ئىسلام دىنى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن ساھابىنىڭ تۇرغان جايىمىش،ۋە قۇرغان مەسجىدى ئىمىش .
مۇشۇ توغۇرلۇق بىلىدىغانلار بولسا بىلىۋالساق، شۇ ساھابە جۇڭگوغا كەلگەنمۇ؟ ياكى ئۇ باشقا كىشىمۇ ؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35040
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2011-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 04:11:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم
ئاللاھ ھەممىمىزگە ئەنە شۇ ساھابىلەرنىڭ ئىمانىدەك مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن ..ئامىن!

‹‹ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بىرىلگەن) نېئمەتلەردىن سۇئال-سوراق قىلىنىسىلەر›› تەكاسۇر سۈرىسى 8-ئايەت

ئادەم ھامان ئۆلىدۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23296
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6481
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مەن بۇندىن كىيىن بۇنداق كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ماقال قالدۇرماسلىقنى قارار قىلدىم

ئادەم ھامان ئۆلىدۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23296
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6481
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-2-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:03:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
مەن بۇندىن كىيىن بۇنداق كەلگۈسىنى ئىپادىلەيدىغان ماقال قالدۇرماسلىقنى قارار قىلدىم
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 05:33:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91323
يازما سانى: 367
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 667 سائەت
تىزىم: 2013-2-7
ئاخىرقى: 2013-7-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 11:12:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!  ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلارننىڭ  ئىمانىنى  مۇشۇ ساھابىلەردەك مۇستەھكەم قىلسۇن!
بىزلەردىنمۇ ھەم  مۇشۇ ساھبىدەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ  يىتىشىپ چىقىشىغا نىسىپ  قىلسۇن!........ئامىن،

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش