قەشقەر ئاسمىندا چاقنىغان يۇلتۇز.....غا( ئوبزور )
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ياخشىمۇ سىلەر ؟ مەن نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۆزۈمنى چاغلىماي ، ئۆزۈمگە خىلى ياققانلىقى ئۈچۈن ھەم ئۇ بالا مەن بىلەن بىر مەھەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ مۇشۇ ساھەدە قانچىلىك تىرىشۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇنىڭ 2011-يىلى 7-ئايدا قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىكىنى مۇنبەرگە يوللاش ئارقىلىق :
1.مەخمۇتجان ئابدىغوپۇرنىڭ شىئىرنى ئۆزى يېزىش ، موزىكىسنى ئۆزى ئىشلەش ، ئۆزى ئوقۇشتەك ئارتۇقچىلىقدىن مۇنبەر ئەھلىنى خەۋەردار قىلىش .
2.ئۇنىڭ ئاشۇ لىرىك كۈيلىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە ئالدىمىزدا يەنە بىز بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان يېڭى ناخشىلىرنى مۇنبەر ئەھلىگە ئالدىن خەۋەر قىلىش .
3.ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ جەمىەتكە چىققاندىن تارتىپ ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ناخشىغا ئاتىغانلىقى ئۈچۈن كوپلىگەن كىشلەرنىڭ ئۇنى تونۇپ ئۇنىڭغا مەدەت ئىلھاملار بېرەيلى .......
دىگەندەك ئارزۇ ئارمانلار بىلەن مەزكۇر تىمىنى يوللىغان ئىدىم . https://uyghur-archive.com/misranim/thread-104465-9-1.html.
تولىمۇ ئەپسۇس مەن بۇ تىمىنى يوللاپ مۇنداق خولاسىگە كەلدىم .
1. مەن تىمىنى پەقەتلا ياخشى قويالماپتىمەن . قويۇلغان تىمام نۇرغۇن مۇنبەرداشلارغا ياقماپتۇ .
2. تۇنجى يوللانغان ئىنكاسنى كۆرۈپلا ئاچچىغىم كېلىپ ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. مەسلەن :
مۇنبەردىشىمىز ئەزىزەننىڭ (ئاۋامنىڭ غەززەلگە بېرىلىشى بىزنىڭ سۈلۈك تەۋرىتىشىمىزگە ئاممىۋىي ئاساس سېلىپ بېرىدۇ . مۇشۇنداق يۇلتۇزلار قەشقەردەك سانىي بۇخارا ئىلىم يۇرتىنىڭ ئاسمىنىدا كۆپرەك چاقنىسا ...)مۇنۇ ئىنكاسى ۋە مۇنبەردىشىمىز ئابدۇۋايىتنىڭ ئەزىزەننىڭ ئىنكاسىنى قوللاپ يازغان (ئاۋامنىڭ غەززەلگە بېرىلىشى بىزنىڭ سۈلۈك تەۋرىتىشىمىز ...
ھاھاھا راس دەيسىز بۇ شەھەر ئىككىنجى بۇخارا دەپ نام ئاغان شەھەرتى ئەمدە ئۇ نامنى ئەسلەشكىمۇ پىتىنغىلى بۇلمايدىغان شەھەر بۇپقالدى
نۇرغۇن ئۇلۇغ خەلىىق ئارسىدا ئۇلۇغلاشقا ئىرىشكەن ئالىملىردىن ئايرىلىپ قالدى بۇ قەشقەر
مەن مۇشۇ ھازىرقى قەشقەردە ئاغىزغا چىققىدەك ئالىم نى ئەسلىيەممەي مەن ھەم كۇرمۇدۇم
15-10 يىلنىڭ ئالدىدا خەلە بارتى مەن تۇنۇيدىغان ئالىملاردىن.
ھازىېر ئۇيلاپباقسام 10-15يىل بۇرۇنقى ئالىملىرمىز ھەقىقى ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئالىملار ئىكەنتۇق ھەربىر سۇزنى ئاڭلىسام شۇنداق پاساھەتلىك شۇنداق چۇشنىشلىك سۇزلىيەلەيدىغا ئالىملىرمىز ئىكەن ئاشۇ ئالىملار ئۇلار دىنى ئالىم بۇلۇپ قالماستىن يەنە ئۇزنىڭ مىللىتىڭ تىلنىى ھەقىقى چۇشەنگەن ئۇزنىڭ تىلدا قالتىس ئىپادلەش قابىيىتىگە يەتكەن ئالىم لار ئىكەنتۇق بىراق ئۇلار بىزبىلەن مەڭگۇلوك خۇشلاشتى دە) مۇنۇ ئىنكاسى ،يەنە تېخى بۇرۇنقى قەشقەردىن ئالىم تولا چىقىتى ، ھازىر قەشقەردە ئالىم يوق ، قەشقەرنى مەرىپەت شەھرى دىمەي مۇھەببەت ناخشىلىرى شەھەرچىسى دىسەك بولغىدەك دىگەن ئىنكاسلىرىنى ئوقۇپ ئۇلارنىڭ بۇنداق قەشقەر شەھرىگە باھا بەرگىدەك ئۇنداق سالاھىيتى يوق بولغان ھالەتتىمۇ ئۇدۇلدىن ئۇدۇل ئۇنداق دىيىشكە ھەددى ئەمەس دەپ ئويلاپ نېرۋام ئۆرلەپ قالغان بولسا ئۇنىڭدىن كىيىنكى مۇنبەرداشلىرمىزنىڭ ھەرخىل ئىنكاسلىرى مېنى بەكلا بىئارام قىلۋەتتى ، ئويلىدىم ئۆزىگە ياقمىغان بولسا ئاڭلىمسا بولدۇ ، ياكى ئۇنداق باشقىلارغا ياخشى بولمىغان ئىنكاسنى يازمىسا بولدۇ ، چۈنكى مەخمۇتجان ئۇكېچىلىكنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 1000 (يۈزمىڭ )مىڭ يۈەن سەرىپ قىلىپ ئۆتكەزگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم . مۇنبەرداشلار ئىچىدە ئاشۇ يەنە ناخشا ، قەشقەر ئۇ قەشقەر بۇ دەپ ئىنكاس يازغانلار باشقىلار ھوزۇرلانسۇن دەپ 100 (يۈز)يۈەن سەرىپ قىلىپ باقمىغان بولشى مومكىن ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن قانچىلغان كىشلەر پايدىلانمىدى دەپ كىم ئېيتالايدۇ ؟!!!! تېخى ئابدۇللا ئابدۇرھىم ، ئىززەت ئىلياسلارنى يۇلتۇز ، چولپان دىسەك بولدۇ ، ئۇندا نەدە دىبادا ، بۇلۇڭ پۇچقاقتا ناخشا ئېيتقان كىشىنى چولپان دىگىلى بولمايدۇ دەپتۇ ؟ ئەمدى بۇ ئىنكاسنى نىمە دەپ چۈشەنسەك بولۇر ؟ توغرا ئۇلار دىگەن بىزنىڭ پەخىرلىك سەنئەتچىلىرىمىز ، لىكىن كىم مەخمۇتجاننى ئۇنداق كىشى قەلبىگە ياقمايدۇ دىيەلەيدۇ ؟
شۇڭا ئوغام قايناپ قالغاننى ئۈچۈن ئاشۇ ئىنكاس يازغانلارغا قايناپ قالدىم . بۇ لارنى دىيىش ئارقىلىق ئۆزۈمنى ئاقلىماقچى ئەمەسمەن ، شۇنداقتىمۇ مۇنبەر ئەھلىنىڭ ئاشۇ ئىنكاسلىرىنى توغرا تاپمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۆز يولىدا رەدىيە بېرىپ قويدۇم .
مۇشۇ تىنى يوللاپ بولغاندىن كىيىن ھېس قىلغانلىرىم
1. بىز ھەممىز خۇددى چېچىلىپ كەتكەن تېرىقكەنمىز . مەن ئۇ ناخشىلار ئۆزۈمگە يارغانلىقى ئۈچۈن ، ئاشۇنداق نامۇۋاپىق سۈپەتلەش بىلەن ماۋزۇ قويۇپ تىما يوللاپتىمەن ، باشقىلارغا بولسا يارمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق ئىنكاس يېزىپتۇ .
2. بىزدە قوللاش ، رىغبەتلەندۈرۈش كەمچىل ئىكەن ، ئۆزۈم قانچىلىك دىمەي بىراۋغا باھا بېردىكەنمىز . مەنمۇ بىر مۇسۇلمان ، ئۇيغۇر پۇشتى ، ناخشا موزىكا ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس قىيامەت قىيىم بولغاندا جەددال ئېشەككە تەتۈر مىنىپ داقا دۇمباق چېلىپ كەلگەندە ناخشا موزىكىغا ئامراق كىشلەر ئۇنىڭ خورجىنىغا كىرىپ كېتىپ دوزىخى بولۇپ كېتدىغانلىقىنى بىلمەن . لىكىن خەق قىلغان ئىشنى قوللاپ قويايلى ، مۇنبەر ئەھلى خەۋەر دار بولسۇن دەپ يوللاپتىمەن .
3. ھازىرقى كىشلىرىمىزنىڭ قانچىلىك ساپادا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم ، ھەتم ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ، شۇنداقلا ئازار بەرگەن بارچە مۇنبەر ئەھلىدىن چىن دىلىمدىن ئەپۇ سورايمەن . كەچرۈڭلار ..............
2013-يىلى4-ئاينىڭ27-كۈنى . دىيارى خوتەن .