مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1087|ئىنكاس: 9

سارغايغان ياپراق-داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 07:35:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


سارغايغان ياپراق



(پوۋىست)




تاۋلانغان پولات



ئاپتوبۇس ھەيۋەتلىك تەڭرى تېغىنىڭ  ئاقباش چوققىلىرى، يايلاقلارئارىسىدىن يېرىپ ئۆتۈپ ئەمدىلىكتە داۋانچىڭ ئارىسىدا توختاۋسىز ئىلگېرلەۋاتتى. جەڭگاھتىكى جەڭچىدەك مەزمۇت تورۇپ ،رەت-رەت تىزىلغان چاقپىلەكلەردىن

چىققان شامال خىلىلا كۈچلۈك ئىدى .مىھرىزات ھاياجان ئىلكىدە يىڭى مۇھىتنى تەسەۋۋۇر قىلغاچ،بىچارە ئانىسىنى ئەسلەپ كۆڭلى قانداقتۇر بىرنەرسە قوچۇۋاتقاندەك  ئېچىشىپ كەتتى.ئانىسىنىڭ يېنىدا بۇلۇشنى خۇدادىن تىلەيتتى .مانا -مانا  ئاپتوبۇس ئۈرۈمچىگىمۇ يىقىنلاپ كەلدى.شىنجاڭ  ئونۋېرستىتىنىڭ ھەيۋەتلىك ئالتۇن قەسىرىدىن مەغرۇرانە قەدەمدە كېرىپ كەلدى .مىرزات قىزنىڭ يۈك-تاققىلىرنى كۆتۈرشۈپ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ياردەملەشتى.ئوقۇش پۇللىرىنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن  مېھرىزاتنى ئېلىپ يىڭى ياتىقىغا ئەپ چىقىپ جايلاشتۇرۇپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى. مىھرىزات نەرسە -كىرەكلىرىنى رەتلەۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ :

-ۋۇي ماۋۇ سەھرالىق تومپاينىڭ ھالىنىڭ يۇغانلىقىنى كۆرمەمدىغان ،سالام قىلسا كاسسىسنى تېلكامىرادەك قېلىپ تۇردىيا ،تەربىيە كۆرمىگەن- قارشى تەرەپتىكى كارۋاتتا ئولتۇرغان قىزنىڭ گىپىدىن خورلۇق ھىسىلسىمۇ دەردىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

-ۋوي نىمىگە قايناپ كەتتىڭ ماھىرە،نىم كارىڭ بۇ تومپاي بىلەن – ئۈستىدىكى كارۋاتتا مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان قىزنىڭ سېسىق

گىپىدىن قويۇق چاچلىرى تىك تۇردى. لاپپىدە بىر قاراپ ئالايغاندىن كىيىن  ئالدىغا قاراپ كۈرپىلىرىنى تۈزەشتۈردى.

-ئوھۇش ،قاراڭلا ماۋۇ قەلەندەر تومپايغا،يوتقان كۆرپىلىرنى

غانجۇغىلاپ كۈتۈرۈپ كەلگىنىنى ،پۇلى يوق قەلەندەرنىڭ-يەنە بىر قىزنىڭ گىرىم قىلغاچ قىلغان ھاقارەتلىرىگە چىدىغۇچىلىكى قالمىغان مىھرىزات ئەمدىلا گەپ قىلاي دەپ تۇرىشىغا سىنىپ مۇدىرى ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزلار،قانداق ياخشى ئورۇنلىشىۋالدىڭلارمۇ؟

نەرسىلىرىڭلارنى ئوبدان جايلاشتۇرۇپ بولغانسىلەر....-قىزلار بىشىنى لىڭىشتىپ مىيىقىدا كۈلۈشتى.

-ئىسمىڭىز نېمىدى،توغرا مىھرىزات راس،سىڭلىم ،قانداق ئىشلىرىڭىز تۆگىدىمۇ؟-مۇئەللىم دىققەت نەزىرىنى مىھرىزاتقا قاراتتى.

-ھە،ھە،ھەئە، مالىم ئاساسەن قىپ بولدۇم.رەھمەت مالىم

كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە،-مىھرىزاتنىڭ يۈزى شەلپەردەك قىزاردى.

-ساۋاغداشلار،ئۆز -ئارا تونۇشۇپمۇ بولغانسىلە-قىزلار بېشىنى چايقىدى.مۇئەللىم:

-ھە،ئۇنداقتا قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ماۋۇ قىز ئاقسۇدىن، ئىسمى مىھرىزات مەمەت، مىھرىزاتنىڭ ئۈستېدىكىسى

ماھىنۇر تۇرغۇن ،كورلىدىن. ئاۋۇ قىز ئالىنۇر ئابدۇخېلىل تۇرپاندىن. ئۈسىتېدىكىسى، مەلىكە مەتتۇرسۇن خوتەندىن،

ماۋۇ يان تەرەپتىكى ،ماھىرە تەلئەت ئۈرۈمچىدىن ،ئۈستېدە ئولتۇرغان بۈدۈرچاچ قىز بولسا

غۇلجىدىن.ئىسمى شەھىدە ئابدۇسالام.ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ ،ئاچا-سىڭىلدەك ياخشى ئۆتۈڭلار.بىر ياتاقتا تۆت يىل ياتىسىلە،قانداق

ئىش بولسا مىنى ئىزدىسەڭلار بولىدۇ، ھەراس،كەچ سائەت 7 دە سىنىپ يىغىنى بار ئۈلگۈرۈپ چىقىڭلار،سىنىپنىڭ ئادرىسى قولۇڭلاردىكى

تارقىتىپ بەرگەن جەدۋەلدە بار،ماقۇل ئەمسە مەن باشقا ياتاققا كىرىپ باشقا قىزلاردىنمۇ ھالسوراي ،خوش قىزلار ھېلى سىنىپقا چىققاندا كۆرۈشىلى،-مۇئەللىمنىڭ قارىسى يۈتكىچە خوشلىشىپ تۇرغان قىزلار.شۇنداق ئىشىك يېپىلىشىغا قاقاقلاپ كۈلۈشكىلى تۇردى.

شۇنداق قىلىپ كەچلىك سىنىپ يىغىندا مۇئەللىم ئالىي مەكتەپ

ئىمتىھانىنىڭ نومۇر پەرقىگە ئاساسەن مىھرىزاتنى ئۆگىنىش ھەيئىتى قىلىپ سايلىدى. قادىر ئىسىملىك ئاتۇشلۇق بالىنى سىنىپ باشلىقى قىلدى. يىغىنمۇ ئاخىرلىشىپ مىھرىزات ياتاققا قايتىپ كىردى. باياتىن بىرى سەھرالىق دەپ كەتكەن قىزلار ئەمدىلىكتە ۋۇي ئاداشلار دەپ يېقىنچىلىق قىلغىلى تۇردى.10 نەچچە كۈنلۈك ھەربىي مەشىقمۇ ئاخىرلىشىپ  دەرىسمۇ باشلىنىپ كەتتى .ئارىسىدىكى بىر ماھىرە ئىسىملىك ئۈرۈمچىلىك قىز سەھرالىق تومپاينى ئاغزىدىن چۆچۈشمەي داۋاملىق ھاقارەتلەۋەردى.مىھرىزات يۇۋاش بولغاچقىمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرغىسى كەلمەيتتى. ئارىدىن بىر نەچچە ئايلار ئۆتۈپ ئۆيدىن ئەكەلگەن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىمۇ،پۇللرىمۇ تۈگەشكە باشلىدى. ئامالسىز قېتىپ كەتكەن نانلارنى چايغا چىلاپ يەپ  كۈن ئۈتكۈزىۋاتقان مىھرىزات

ئەمدىلىكتە ئاچلىق ئازابىنى تارتىپ ھالسىزلىنىۋاتاتتى.ياتاقداشلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئىدى .دەم ئېلىش كۈنلىرى  ياتاقنى كەڭرى تاشلاپ بېرىپ،

دىسكۇخانا،رىستۇرانلارغا توپ –توپ بولۇپ چىقىپ كىتەتتى.

بىچارە مىھرىزات ئاخىرى يۇرتىشى مىرزات ئېسىگە كېلىپ ئازراق ياردەم سوراشنى ئويلاپ ،مىڭ تەسلىكتە مىرزاتنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرىنى تېپىپ ئاممىۋى تېلېفۇن بوتكىسىغا بېرىپ تېلېفۇن نومۇرىنى باستى.تېلېفۇن 2 سايراپلا ئۇلانغانىدى.

-ۋەي ،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ياخشى تۇردىڭىزمۇ مىرزات ئاكا،مەن

مىھرىزات-مىھرىزاتنىڭ پۇت-قوللىرى سەل تىترەۋاتاتتى.

-ھە،قانداق ئەھۋالىڭىز،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟

- خۇداغا شۈكرى،مىرزات ئاكا ،بۈگۈن ۋاقتىڭىز بارمىدۇ؟كۆرۈشسەك بوپتىكەن.

-ماقۇل ،چۈشتىن كىيىن 2 لەردە مەن مەكتىپىڭىزگە باراي،ھېلى ئالاقىلىشايلى-مىرزات شۇنداق دەپ ئالدىراپلا تېلېفۇننى قۇيدى.

مىھرىزاتنىڭ يۇمران قەلبىدە بىرخىل شېرىن ھىسسيات ئۈنچىلىرى

چاقناۋاتقاندەك ئىچى-ئىچىدىن خوشال بۇلۇپ سەكرەپ كەتتى.

ھاياجان ئىلكىدە ياتاققا قايتىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ،ئەينەككە قاراپ چاچلىرىنى تۈزەشتۈردى. كارىدوردىن ياتاقداشلىرىنىڭ سەت

چىقىراشلىرى ئاڭلاندى.يۈرىكى يەنە شۇملۇقنى سىزىپ ئەنسىز سۇقۇپ كەتتى. جالاققىدە ئېچىلغان ئىشىكتىن ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەردەك تېزىلىشىپ كىرىپ كەلدى.ئارىدىن كىمدۇ بىرى:

-ۋاي-ۋۇي قاراڭلا ،ماۋۇ سەرالىق تومپاينىڭ ئەينەككە قاراپ ئولتۇرىشىنى.ئاشنىسى بىلەن بوزۇقچىلىق قىلغىلى تەييارلىق قىلۋاتقان ئوخشايدۇ، -ئۈستەل ئۈستىدىكى نان پارچىسىنى كۆرسىتىپ تورۇپ -بۇ قەلەندە قاچانلا قارىسا قاتتىق نان غاجاپ ئولتۇرغىنى

ئولتۇرغان، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ-پاراققىدە كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى.مىھرىزات تۇغۇلۇپ تا مۇشۇ كەمگىچە بۇنداق خورلۇق تارتىپ باقمىغانىدى.گەز باغلاپ كەتكەن كالپۇكلىرىغا گەپمۇ كەلمەيتتى. ئىچى-ئىچىدىن يۈرەك باغرى ئۆرتىنىپ يۈرىكىنى قان-زەرداپ بىلەن لىق تولۇپ كەتكەنىدى. قار-يامغۇر تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى تەستە توختىتىپ كۈزىگە دوزاخ كۆرۈنۈپ كەتكەن ياتاقتىن ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. مەكتەپ ئىچىدە ھەر بىر تال گىياھمۇ كۆزىگە شۇنداق سوغۇق ،مۇزدەك كۆرۈندى. ماڭا-ماڭا ئاخىرى

مەكتەپنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كۆل بۇيىغا قانداق كېلىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قالدى.كۆل نىڭ قىرغىقىدىكى چىمدا ئۇزۇندىن –ئۇزۇن كۆزىنى يىراقلارغا تىكىپ خىيال دەرياسىغا غەرىق بولدى.

سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى ئىچىدە بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ،ئويناقشىپ ،كاللەكشىلىپ كەتكەن ھەرخىل رەڭدىكى ئالتۇن بېلىقلارغا قاراپ

ئۆزىنىڭ  يۇمران قەلبىدە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن غەمسىز بالىلىق ئەسلىمىلىرى،مەرھۇم دادىسىنىڭ سىماسى كۈز ئالدىدا زاھىر بولۇشقا باشلىدى.ئانىسى گۈلسۇمخاننىڭ قىزارتىپ پىشۇرغان تۇقاچلىرىنى ئەسلىگىنىدە كۆز چاناقلىرى ئارىسىغا يۇشۇرۇنغان ياش لىغىرلاپ قالغانىدى.

-ۋۇي مىھرىزات باشلىق ،يالغۇز ئولتۇرۇپ كىتىپسىزغۇ؟ مابىتىڭىز تاشلىۋەتتىمۇ ياكى بىرەر قارقاش يىگىتكە ئاشىق بۇلۇپ دىيەلمەي ئىشىق ئوتىدا پۇچۇلۇنۇپ كىتىۋاتامسىز،بىزغىمۇ قايلاپ قۇيۇڭ.

يامان باللا ئەمەسمىز،ئاۋۇ قارشى تەرەپتە بىر-بىرىگە تويماي قاراپ

قۇچاقلىشىۋاتقان ئاشىق -مەشۇقلاردەك بىر شىرىن مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى بىللە سۆرۈپ كەتمەمدۇق دەيمەن.ھەرقانداق ھاجىتىڭىزدىن مەن چىقاي،قانداق قۇشۇملامسىز مىھرىزات- يىگىتنىڭ قوللىرى مىھرىزاتنىڭ مۆرىسىدە ئىدى.

-قوللىرىڭىزنى تارتىڭ ،مەن سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق شاللاق قىزلاردىن ئەمەس. بۇنداق تۇز قۇيمىغان سۇيقاچتەك تېتىقسىز،لاۋزا گەپلىرىڭىزنى بېرىپ ھامما ئاچىڭىزغا دەپ بىرىڭ-مىھرىزات يىگىتنىڭ قوللىرىنى كۈچەپ سىلكىۋەتتى.

-ۋۇت ئىززىتىنى بىلمەيدىغان قانجۇق ،كۆرۈڭە،سەھرالىق تومپاينىڭ ھالىنىڭ يۇغانلىقى .خەپ قاراپ تۇر،ئۆزۈمنى ساڭا بىر تونۇتۇپ قۇيمايدىغان بولسام-يىگىت شۇنداق دىگىنىچە كەينىگە بورۇلۇپلا

كۆزدىن غايىپ بولدى.بۇ يىگىت مۇشۇ شەھەردىكى چوڭ باشلىقنىڭ

ئوغلى بۇلۇپ ،ياتاقدىشى ماھىرە بىلەن نەچچە قېتىم سىنىپتا نۇرغۇن باللىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا ھاقارەتلەپ تىللاپ كەتكەنىدى .نېمە ئۈچۈن ھەممە ئادەم مىھرىزاتقا قايسى قىلىپ قويغان گۇناھلىرىغا بۇنچە قىلىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە ھىچبىر يىتىپ بۇلالمايتتى.ئۆزىنى بىر ئاز ئوڭشىۋالغاندىن كىيىن ،ياشلىرىنى سۈركەچ ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى سىزىپ  ئوقۇتۇش بىناسى يىنىدىكى ماگىزىندىن ئاممىۋى تېلېفۇن ئارقىلىق مىرزات بىلەن ئالاقىلاشتى.مىرزات ئاللىبۇرۇن كېلىپ بولغانىدى. مىھرىزات ئالدىراش دەرۋازا ئالدىغا يېتىپ كەلگىنىدە مىرزات  يوللىرىغا تەشنا بۇلۇپ تىىتلداپ تۇرغانىدى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىھرىزات،نىمانچە ساقلىتىدىغانسىزئادەمنى ،سەل تۇرۇپ جىددى ئىشىم بار ئىدى. جۈرۈڭ ،يېقىن ئەتراپتىكى ئاشپۇزۇلغا كىرىپ تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى-مىرزات قىيپاش ئۇدۇل تەرەپتىكى تاماقخانىغا قايرىلىپ ماڭدى. مىھرىزاتمۇ مىرزاتنى كۆرۈپ يىراق سەھرادىكى تۇققانلىرىنى كۆرگەندەك خوشال بۇلۇپ كەتكەنىدى.

ئۇلار دوسلۇق تىز تاماقخانىسىنىڭ ئايرىم خانىسىدىكى ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى. مىرزات كۈتكۈچىنى چاقىرىپ ئىككى تەخسە سومەن بۇيرۇتۇپ، ئۈستەلدە تۇرغان پىيالىگە تولدۇرۇپ چاي قۇيۇپ قىزغا تەڭلىدى.

-قېنى چايغا بېقىڭ، يىقىندىن بۇيان ياخشى تۇرىدڭىزمۇ ،ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ سىزنى يوقلاپ  بۇلالمىدىم . مەكتەپكە،ياتاق مۇھىتىغا خىلى كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ –مىرزات مىھىرلىك كۆزلىرى بىلەن بېقىپ قىزدىن سورىدى.

-ھەر ھالدا ياخشى ،خىلى كۆنۈپ قالدىم.ئۆزىڭىزچۇ ياخشى تۇرغانىسز.-مىھرىزات مەكتەپتە تارتقان خورلۇقلىرىنى  دىيىشكە پېتىنالمايتتى. مىرزاتنىڭ ئالدىدا يۈزىنىڭ تۆكۈلۈپ كىتىشىنى خالىمايتتى .

-خۇداغا شۈكرى ،دادام بىلەن قايسى كۈن ئالاقىلاشقان ،ئانىڭىز سىزگە سالام ئېيتىپتۇ. ھە،راست ئاتايىتەن مىنى ئىزدىگىنىڭىزگە قارىغاندا بىرەر ئىش بولدىمۇ سىزگە-قارىماققا مىرزات ئەستايىدىللىق بىلەن سوراۋاتقاندەك قىلاتتى.

-ھە، ئاپام يالغۇز قىلىپ ھەقىقەتەن جاپادا قالدى،مەندىنمۇ ئالاقىلىشىپ قالسىڭىز سالام ئېيتىپ قۇيۇڭ .شۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن بۇيان ئۇقۇش پۇلى تۆلەپ دىگەندەك ئاشقان پۇللارغا نەچچە ئايدىن بۇيان تۇرمۇشۇمنى قامداپ كەلگەنىدىم ،يىقىندىن بۇيان سەل قىينىلىپ  قالدىم .شۇڭا-قىزنىڭ سۆزى تۈگىمەيلا مىرزات مەيدە يانچۇقىدىن 100 يۈەن پۇلنى چىقىرىپ قىزغا تەڭلىدى.

-مەڭ ،ماۋۇ پۇلنى ئاز بولسىمۇ ئىشلىتىپ تۇرۇڭ ، كىىين يەنە بىر ئامالى بۇلۇپ قالار- قىز خىجىللىقتىن ئوتقاشتەك قىزىرىپ كەتتى.

تاماقمۇ چىقتى .مىھىرزات يىقىندىن بۇيان ھەقىقەتەن تۈزۈكرەك تويغۇدەك تاماقمۇ يەپ باقمىغانىدى .ئىشتىھا بىلەن ھوزۇرلىنىپ پاك-پاكىز يەۋەتتى.شۇنداق قىلىپ مىرزات ئالدىراش خوشلىشىپ كېتىپ قالدى .مىھرىزات پۇلنى چىڭ سىقىمدىغىنىچە يەنە شۇ نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ تورىدىغان، مەرى سوغۇق ياتاققا قايتتى.

ئەتىسى مىھرىزات سىنىپ مەسئۇلىغا قايتا-قايتا دىېيىش ئارقىلىق مەكتەپ كۈتۈپخانىسىنىڭ تازلىق ئىشچىلىق خىزمىتىنى تاپتى.

كۈندۈزى دەرىس ئوقۇپ چۈشكەندە كۈتۈپخانىنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بىر ساۋاقدىشىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىدا قاچا يۇيىدىغان خىزمەت تاپتى .كۈنلىرى شۇنچىلىك ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۈتەتتى .ئاخشىمى ھېرىپ -چارچاپ قايتىپ كېلىپ كارىدۇرنىڭ غۇۋا چىراغ نۇرىدا دەرىس تەكرار قىلاتتى. بارا-بارا  ئىككى تەرەپتىكى خىزمىتىگە كۆنۈپمۇ قالدى .ئاخشىمى ئاشخانىدىكى نەچچە يۈز تەخسە، چىنە، پىيالىلەرنى  يويۇپ پاقىرىتىۋىتەتتى.

بۈگۈنمۇ ئادىتى بويىچە ئاشخانىدىكى قاچىلارنى بىسىقتۇرۇپ بۇلۇپ ،خۇجايىننىڭ تەكلىپى بۇيىچە كۈتكۈچى بولۇپ ياردەملەشتى.

ئاشخانىغا كەلگەن ئادەم بۈگۈن پەۋقۇلاددە جىق ئىدى. بولۇڭدىكى ئۈستەلگە يېڭى كەلگەن مېھمانلار ئولتۇرۇشۇپ بولغاندىن كېيىن ئىككى قاچا چۆچۈرە بۇيرۇتتى .4-5 ياشلاردىكى كىچىك بالىسى يەپ بولغان بانان شۆپىكىنى ئەينەكتەك پارقىرىتىپ  تازلانغان يەرگە تاشلىۋەتتى. مىھرىزات  ئىككى قاچا چۆچۈرىنى تەستە توتۇپ ئۇلارغا يىقىنلىشاي دەپ تورىشىغا ئېھتىياتسىزلىقتىن  بانان شۆپىكىگە تېيىلىپ قولىدىكى پەتنۇس جاراڭ -جۇرۇڭ قېلىپ يەرگە چۈشۈپ كەتتى .چۆچۈرىنىڭ سۈيى  بالىنىڭ  قوللىرىغا چاچىراپ كۆيدۈرۈپ قۇيدى.بالا قاتتىق ھۆڭرەپ يىغلاۋاتتاتتى.  مىھرىزات يەرگە قاتتىق چۈشكەن بولسىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىىدا خىجىل بولۇپ كەتتىمۇ ئورنىدىن چاققانلىق بىلەن تورۇپ پەشتامىسى بىلەن بالىنىڭ قوللىرىنى ئېيتىپ كەتتى .بالىنىڭ ئاپىسى ئايال توڭلاتقۇدىكى گۆشتەك كۆكىرىپ :

-كۈتكۈچىلىك قىلالمىغان نىمەڭگە ئۈجمەڭنى يىسەڭ بولمامدۇ، ئاپىرە ،قاسماق بېسىپ كەتكەن ئەسكى جانباڭدا بالامنىڭ كىيمىنى مەينەت قىلماي، بىچارە بالام ،نەرىڭىز ۋويەي بوپ كەتتى.خوجايىنىڭنى چاقىر ،بالامغا بىرە ئىش بوپ قالىدىغان بولسا ئۈستۈڭدىن ئەرىز قىلىمەن قاراپ تۇر.-خوجايىن يۈگۈرۈپ كىلىپ

-كەچۈرۈڭ خانىم ،بىز قايتا قىلىپ بىرەيلى،مۇلازىم بولۇڭلار،مەيەنى تازلىۋېتىڭلار.

-ۋاي بولدى رەھمەت ،ئۆزلىرى ئىچۋالسىلا-ئايال شۇنداق دېگىنىچە بالىسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى. ئاشخانىدىكى خىرىدارلار مېھرىزاتقا قاراپ كۇسۇرلىشىپ نىمىلەرنىدۇر پىچىرلىشىۋاتتى.

-مىھرىزات ئىشخانامغا كىرىڭە-خۇجايىن كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا سەت بىرنى ئالىيىپ كىرىپ كەتتى .قورقۇپ كەتكەن مىھرىزات نىمە قىلارىنى بىلەلمەي جالاقلاپ تىترەپ كەتتى.

- ئولتۇرۇڭ ، پوخ بارمىتى سىزگە، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىنى قىلسىڭىز بولمامدۇ،نەدىكى پارنىكتا ئۆستۈرگەن سويمىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن مەنمۇ دۆت ،ئاستا كۆزۈمدىن يۇقىلىڭ ،ھىلىمۇ ئاشخانىمىزنىڭ يۆزىنى تۆكۈپ بولدىڭىز-خوجايىن زەردە بىلەن ئاچچىقلاپ تاماكىسىدىن بىرنى ئېلىپ ئۆچى باردەك بولۇشىغا شوراشقا باشلىدى.

-ئەمىسە 18 كۈنلۈك ئىش ھەققىمنى-قىز يەرگە كېرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتكەنىدى.

-نىمە،ھېلىمۇ قانىڭىزنى مۇشۇ يەردە تويغۇزىۋاتقانسىز،ئۇنىڭ ئۈستىگەئىناۋىتىمىزنىمۇ خېلىلا تۆكۈپ بولدىڭىز.يەنە نىمە مائاش-ئۈستەلگە مۇشلاپ قاتتىق ۋارقىردى خوجايىن- ئەگەر يەنە بىزىرىپ تۇرۋالسىڭىز سىزنى قىز بالىكەن دەپ ئاياپ قويماي ئۆزۈم كەشىڭىزنى توغۇرلاپ قويىمەن-خوجايىننىڭ سۆزىدىن ئىچى ئاچچىق بولغان مىھرىزات نېمىلا دىگەن بىلەن ئاقمايدىغىنى بىلدىمۇ ئۈمۈتسىزلەنگەن ھالدا مەكتەپكە قايتىپ كەلدى.

پاچىقىنىڭ تېز تەرىپىدىكى گۆش بىر ئاز كۆكىرىپ قالغان  بولۇپ ،سىرقىراپ ئاغرىيتتى .ئاخساپ قالغان پۇتىنى سۆرەپ دەرىستىن سىرتقى بوش ۋاقىتلىرىدا كۈتۈپخانىدىكى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار تىخى مائاش بەرمىگەچكە ئامالسىز دەم ئېلىش كۈنىدىكى شەنبە رۇخسەت سوراپ  خىزمەت ئىز دەشكە كىرىشتى.قوشنا سىنىپتىكى يۇرتلۇقلىرىنىڭ ئۇقۇشۇپ بىرىشى بىلەن ئېلان،

تەشۋىقات ۋاراقچە تارقىتىغان ئورۇننىڭ ئادرىسىنى تاپتى.ئەتىسى

رەتلىك كېيىنىپ ئېلانچىلىق مەركىزىگە باردى .ئەمما ئىشلار ئويلىغىنىدەك ئوڭۇشلۇق بولماي قالدى.ئامالسىز يىقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە جايلاردىن

دۆڭكۈۋرۈك ئەتراپى ،بۇلاقبېشى كوچىسى ، ئىتتىپاق يولى ،نەنمىن ...پۇتى قاپىرىپ كېتەي دەپ قالغىچە خىزمەت ئىزدىدى. ئەمما نۇرغۇن ئاشخانا، سارايلاردا سائەتلىك خادىم ئالمايتتى.

قانداق قىلىشىنى بىلمەي  بىر بىنانىڭ ئاستىدىكى لەمپىدە ئۇزۇندىن -ئۇزۇن خىيالغا چۆكۈپ ،تەلمۈرۈپ ئولتۇردى. توساتتىن كۆزىگە 5 مېتىر نېرىسىدىكى دۇكاننىڭ يىنىغا چاپلانغان خەتلەر

چېلىقىپ قالدى. يەنى غەرىپچە تاماقخانىغا كۈتكۈچى قۇبۇل قىلىمىز دىگەن خەتنى ئۇقۇپ قەۋەتلا خوشال بۇلۇپ كەتتى.

مەسئۇل جىڭلى بىلەن كۆرۈشۈپ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىپتى،جىڭلىنىڭ ئىچى ئاغرىپ قالدىمۇ ،سائىتىگە 4 يۈەنگە كىلىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى .كۈتۈپخانىدا قىلغان ئىشى ئاز كەپ قالغاندەك بۇ تاماقخانىدىمۇ ،پۇت -قۇلى يەرگە تەگمەي شاپاشلاپ ئىشلەييتتى.

بۇنداق ئېغىر خىزمەت مىھىرزاتنى ھالسىرىتىپ قۇيدىمۇ –قانداق، ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۈتە- ئۈتمەي دەرىس ۋاقتىدا بىر قانچە قېتىم تۇيۇقسىز ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپ  چۈشتى. شۇنداقتىمۇ بۇ

جاھىل قىز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن يەنە ئىشلەشكە مەجبۇر ئىدى.مەۋسۇم ئاخىرىمۇ كىلىپ ئىمتىھانلارمۇ ئېلىنىپ بولدى.

مىھرىزاتنىڭ ئوتتەك ئۆيىگە قايتقۇسى بولسىمۇ ئامالسىز ئىدى. چۈنكى بىچارە ئاپىسىنى خىراجەتتىن قىيناپ قۇيۇشنى ئەسلا خالىمايتتى. بىر ئايلىق تەتىل ۋاقتىنىمۇ بوشقا ئۈتكۈزمەي خىزمەت ئورنىدىن ئىستىپا بېرىپ ،يىڭى خىزمەت ئورنى بولغان بىر تۇڭگاننىڭ راڭپىزىخانىسىغا قاراشتى. ئىشى غەرىپچە تاماقخانىدەك ئېغىر بولمىسىمۇ ئەمما كۈندە راڭپىزا يەۋېرىپ ،ئاشقازىنى ئاغرىشقا باشلىدى.

بەزى كۈنلىرى تاماق سىڭمەي ھۆ بۇلۇپ ،قان تۈكۈرەتتى.

يىڭى ئۇقۇش مەۋسۇمىدىكى سىنىپنىڭ ھەرخىل ھەقلىرىنى تاپشۇرغىدەك پۇلنى تېپىپ بولغان بولسىمۇ  داۋاملىق راڭپىزىخانىدا ئىشلەشكە ئەمدى سالامەتلىكى يار بەرمەيتتى. تۇڭگان لوبەننىڭ

يالۋۇرۇشىغا قارىماي ئۇ يەردىكى خىزمىتىدىنمۇ ئىستىپا بەردى.

بىر مەزگىل ئۆگىنىشىنى قىلغاچ كۈتۈنۈپ ھەر ھالدا سالامەتلىكى خىلى ئەسلىگە كېلىپ قالغانىدى. ياتاقداشلىرىنىڭ بەزىلىرىنىڭ كۆز-قارشى ئۆزگىرىپ  مىھرىزات قايتىپ كېرىپ بولغىچە چاي قۇيۇپ بېرىدىغان،ھەر ھالدا ھالىغا يىتىدىغان بۇلۇپ قالغانلىقىدىنمۇ مىھرىزاتنىڭ كۆڭلىدە خوشلۇقى بار ئىدى. بىكا تۇرۇشنى خالىمىغان مىھرىزات يەنە باشقىلارنىڭ ياردىمى ئاستىدا مائاشى ھەر ھالدا يامان ئەمەس بولغان

يەنئەن يولى ئەتراپىغا يېڭى  ئېچىلغان قەھۋەخانىغا كۈتكۈچى بولىدىغانغا كىلىشتى.ھەر كۈنى كەچ 6 تىدىن 11 گىچە 5 سائەت ئىشلەيتتى. ھېرىپ جۇلۇقى چىقىپ كەتسىمۇ جان بېقىش ئۈچۈن لەۋلىرىنى چىشلەپ بەرداشلىق بېرەتتى. بەزى كۈنلىرى قەھۋەخانىغا مېھمانلار لىق تولغان

كۈلىرى بولسا ھەتتا 12 لەرگىچە ئىشلەيتتى.بۇنداق ۋاقىتلاردا ئاللىبۇرۇن ياتاق بىناسىنى تاقاپ بۇلاتتى. قەھۋاخانىدا كۈندۈزلۈك بەندە ئىشلەيدىغان ئەقىدە ئىسىملىك قەشقەرلىك قىز بىلەن خىلى  ياخشى ئۈتىدىغان بولغاچقا بەزى كەچ قالغان كۈنلىرى شۇ قىزنىڭ ياتىقىدا قونۇپ قالاتتى. بارا- بارا قەھۋاخانا مەسئۇلى مىھرىزاتنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىلىققىنى يىراقتىن كۆزىتىپ باشقىچە ئامراق بولۇپ قالدى. مىھرىزاتمۇ قەھۋەخانا خىزمىتىگە ماسىلىشپ  قالغانىدى،قەھۋەخانا مەسئۇلى مىھرىزاتنى ھەتتا ئەڭ يىنىك ئىشلارغا يۆتكەپ قۇيدى. خىزمەتچىلەر ئارىسىدا  مىھرىزاتقا ئالاھىدە مۇئامىلە  قېلىپ ،يىقىنچىلىق قىلىپ كەتكەنىدىن . مىىھرزاتمۇ قەستەن بۇ ئاشپاقىدەك ئېچىرقاپ كەتكەن ئادەمدىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تىرىشاتتى.

بىر كۈنى قەھۋەخانىنىڭ مەسئۇلى ب تىجارەت توختىتىپ ،خىزمەتچىلەرگە ھاردۇق چېيى بېرىش مەقىستىدە دۆڭ كۈۋرۈكنىڭ يىنىدىكى بىر دىسكۇخانىغا چاقىردى.مىھىرزاتمۇ يېڭى سېتىۋالغان كىيىمىنى ئالماشتۇرۇپ ،ئەقىدە نىڭ گىرىم بۇيۇملىرىدىن سۇس قىلىۋالغاندىن كىيىن ئىككىسى بىرلىكتە دىسكۇخانىغا قاراپ ماڭدى. بۈگۈن مىھىرزات باشقىچە ئېچىلىپ كەتكەنىدى. 10 نەچچە قىز- ئوغۇل خىزمەتچىلەر خۇشال- خوراملىق ئىچىدە بۇيرۇتۇلغان سەي-قورۇمىلاردىن يېيىشتى. ئوغۇللار ئاق ھاراقتىن قېقىشقىلى تۇردى. تەڭشىلىپ قالغان

قەھۋەخانا مەسئۇلى قىزلارنى تاڭسىغا تارتىپ ئۇ يەر -بۇيەرلىرىنى سىيلىغىلى تۇردى. بۇلارنى كۆرۈپ تەنلىرى شۈركۈنۈپ كەتكەن مېھرىزات  ئامال بار بۇ ئادەمدىن ئۆزىنى ئەپ قېچىشقا ئۇرۇنۇپ،نەچچە قېتىم تانسىغا تاتسا قوپماي ئولتۇردى.

بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قىزلار ئۇسۇلغا چۈشۈپ تۇرۇپ كەتتى. قەھۋەخانا مەسئۇلى كاسسىسىنى مىھرىزاتنىڭ يىنىدىكى بوش ئورۇندۇققا سۈركىدى. ئاندىن سەت ھىجىيىپ:

-ھې ھې ھې ھې،مىھرىزات سىز خىزمەتنى بەك ياخشى ئىشلەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىڭىز چىرايلىق ،ئەخلاقلىق قىز،مەن سىزنىڭ ھۆسىن –جامالىڭىزغا كۈيۈپ يۈرگىلى خېلى ۋاقىت بولغان ،لىكىن دىيەلمەي كەلگەن .مىھرى،،، ،مىھرىزات مەن سىزگە كۈيۈپ قالدىم. بىلەمسىز سىڭلىم مەن سىزگە مەجنۇنلارچە ئاشىق ، مىنى بۇنداق قىينىماي تىزراق ۋىسال شارابىڭىزدىن مەي ئىچكۈزۈڭ بۇلامدۇ-قەھۋەخانا مەسئۇلىنىڭ تىنىدىن گۈپۈلدەپ چىقىۋاتقان سېسىق ،قاڭسىق ھاراق پۇرىقىدىن مىھرىزات بىرئاز بىئارام بولغاندەك ئورۇندۇقنى سەل نېرى تارتىپ ئولتۇردى. قەھۋەخانا مەسئۇلىنىڭ  چىرايلىق نازىنىنلارنى قاماققا ئېلىندۇرۇش ئۈچۈن يالغان-ياۋىداق.شىرىن -شىكەر سۆزلەرنى بۇلۇشىغا قىلىپ  نۇرغۇن قىزلارنىڭ نۇمۇسىغا تېگىپ دەپسەندە قىلغانلىقىنى باشقىلاردىن

ئاڭلىغانىدى.

-ئاكا ،بولدى قىلىڭ ،ماڭا بۇنداق سالجىدەك چاپلىشىۋالماڭ،مەن سىزنىڭ خىلىڭىز ئەمەس،بۇنداق گەپلەرنى قىلماڭ بۇلامدۇ-قىز ئۈتۈنۈپ سوراۋاتتى.

-ۋوي شۇ جىنىم سىڭلىم ،سىزگە كۈيەپ قالغىنىمنىڭ نەرى خاتا دەيمەن،ئېيتىڭە،مەن ،مەن سىزنى سۆيىمەن جىنىم ،–قەھۋەخانا مەسئۇلى قۇللىرىنى مېھرىزاتنىڭ بوينىدىن ئۈتكۈزدى-ماقۇل دەڭ -ھە سىڭلىم ،مەن راسلا  ئىشقىڭىزدا كۆيۈپ كاۋاپ بۇلاي دېدىم ،كىلىڭە جېنىم .-يۈزلىرىنى مىھرىزاتقا يىقىن ئەكىلىپ مەڭزىگە سۆيمەكچى بۇلىۋېدى،مىھىرزات:

-ۋۇي نىمانداق  كۆزۈمگە كىرىۋالسىز، بولدى قىلىڭ دىدىم سىزنى،كوچىدىكى پاھىشە قىز ئەمەس مەن، نىمانداق قاملاشمىغان.

-خاپا بولماڭە،ماقۇلمۇ ،-قۇللىرىنى ب مىھرىزاتنىڭ مەيدىسىگە تەككۈزۈشكە باشلىغانىدى-جېنىم مىھرىزات ،بۇنداق قۇپاللىق قىلماڭ ماڭا ،مەن سىزنى بەخىتلىك قىلىمەن ئاپپىقىم.

قاسسىدە قىلىپ تەككەن بىر تەستەكتىن كېيىن  قەھۋەخانا مەسئۇلى قوللىرىنى چۈشۈردى.

مىھرىزات ئۈستەلدىكى بىر ئىستاكان ئاپلىسسىن سۈيىنى مەسئۇل خادىمنىڭ يۈزىگە قارىتىپ چاچتى .

-ئىززىتىنى ساقلىمايدىغان ئىپلاس -غەزەپتىن كۆزلىرى چەكچەيدى .سومكىسىنى ئالدىدە چىقىپ كەتتى.  ئەتىياز پەسلىنىڭ چاڭ تۇزانلىق كۈنلىرى بولغاچقىمۇ ب،غۇر-غۇر شامال

بەدەنلىرىنى تىترەتمەكتە ئىدى. مەكتەپكە قايتاي دېسە سائەت 12 دىن ئاشقان ۋاقىتتا ياتاق بىناسى ئاللىبۇرۇن تاقىلىپ بولغان ئىدى.

ئامالسىز نام-نىشانسىز كوچىلارنى ئىقتىيارسىز بىردەم ئايلاندى.

كۆزلىرى ئۇيقۇدىن خۇمالىشىپ  كەتتى .ويلا-ئويلا ئاخىرى يەنىلا ئەقىدەنىڭ قېشىدا قۇنۇشنى ئپىلانلاپ يەنئەن يۇلى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. يېرىم كىچە بولغاچقىمۇ ئادەم شۇنچىلىك شالاڭ ئىدى.

كېتىۋاتقان ماشىنىلارمۇ ئانچە جىق ئەمەس ،ئاندا-ساندا ئۈتۈپ كىتىۋاتاتتى. يەنئەن باغچىسىغا يىقىن كىلەي دىگەندە ئالدى تەرەپتىن 3 مەس سەت كاكىراپ ناخشا ئېيتىشىپ كېلىۋاتاتتى .مىھرىزاتنىڭ كۆڭلى سەل شۇملۇقنى تۇيۇپ قالدىمۇ قانداق يۈرىكى ئەنسىز دۈپۈلدەپ سۇقاتتى.  رىشاتكىنى بويلاپ  ئاستا كىتىۋاتسا مەسلەر قەستەن بىر -بىرنى مازاق قىلىشىپ ،ۋارقىرىشىپ ،ھىجىيىشىپ مىھرىزاتقا قاراپ:

-ۋۇي ماۋۇ خان ئەجەپ چىرايلىقكىنا،كەلتۈرۈپ باقمامسە ئاداش-ئوتتۇردىكى پاكار ،سىمىزرەك كەلگەن بىرىنى كۆرسىتىپ –يوۋپانا خام يىگۈدەك قىز كەنغۇ بۇ ۋەتتتتتتتتتتتت- مەسخىرىلىك كۈلۈشلەردىن باشقىلىرى تىقىملىرىغا ئۇرۇپ كىتىۋاتاتتى.

-ۋۇي خان ،نەگە بۇنچە كەچتە، ئاپىرىپ قۇيمايلىمۇ ،جۈرڭە،قۇرقماڭ دەيمە،ئادەم

يىمەيمىز بىز ماقۇل دەڭە خان- دىدى.

-ماڭە ۋە لاۋزا،خوتۇن كىشىگىمۇ يالۋۇرامدۇ دەيمەن. چەتتىكى قارامتۇل كەلگەن مەس دىمەسمۇ ، قالغان ئىككىسىمۇ باشلىرىنى لىڭىشتىپ مىھرىزاتقا يۇپۇرۇپ كەلدى.

-نېرى تۇرامسىلە ،مەن ئۆتىۋالاي، بىكا ساقچى چاقىرمەن جۇمۇ.

-نىمە ساقچى؟ ۋاي چاقىرىپ باقە نوچى بولساڭ،بۇ يېرىم كىچىچە نەدىن پەيدا بۇلىدىغان ساقچىكەن ۋوي،ما قانجۇقنىڭ پوپاڭلىقىنى كۆرمەمدىغان-يەنە بىرى پاس چىقىىرپ كۈلدى.

-ئاكىلار،سىلەرنىڭمۇ ھەدە-سىڭىللىرىڭلار باردۇ ،ئۇنداق قىلماڭلا-قىز يالۋۇرۇشقا باشلايتتى.بۇ مەسلەرنىڭ يۈرىكى تاشمۇ پەقەت پەيلىدىن يانىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.بارغانسىىرى چەكتىن ئاشۇرىرىۋاتاتتى.

-ھەي ئاغىينىلە ما قانجۇقمۇ خىلە چىرايلىقكەن،كېچىچە خوتۇن قىلىپ ئۈچىمىز،كۆڭلىمىزنى ئاشمايمىزما،قانداق دىدىم،- قالغانلىرىمۇ بەرھەق دىگەندەك كۆزلىرىنى ئىما قىلىشتى.

-ۋۇي لۇكچەكلەر،ھايۋانلار، قۇتقۇزۇڭلارررررررررر ،ئادەم بارمۇ؟قۇتقۇزۇڭلار-قاتتىق

ۋارقىرىدى مىھرىزات.ئەمما كوچىدا ئادەمنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى.

-ئاغزىڭنى يۇم ،ئاناڭنى جالاپ،مۇنا ئەمسە ساڭا،-مىىھرزاتنىڭ يۈزىگە تەتۈر شاپىلاقتىن بىرنى قويدى .قىزنىڭ ئاغزى بۇرنىدىن ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقتى.كەينىدىن يەنە بىرىمۇ بىرقانچە مۇش سالدى.قىزنىڭ ئەمدى گەپكە كۈچى يەتكۈدەك ھالى قالمىغاندى.

-ھەي،ماۋۇ يول ،بولا كۈتۈرە  ئاداش ،يەنئەن باغچىسىنىڭ ئىچىدىلا كىيىملىرنى سالدۇرۇپ بىراقلا ئىشنى باشلايمىز-ئۇلار شۇ پىلاننى سوقۇپ قىزنىڭ بوينىلىرىنى سىلاشقا باشلىدى.يەنە بىرى بولسا ئېچىرقاپ كەتكەن پاقىدەك قىزنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ ،سالدۇرۇپ بەدەنلىرىگە تويماي سۆيۈشكە باشلىدى.

-ۋوي ماڭە بولدى ،قالغان ئىشنى باغچىنىڭ ئىچىدە ساڭا بىر كىچە بەردىم ،خالىغانچە ئوينا-قىزنى كۈتۈپ ئەپ ماڭماقچى بۇلۇپ ئىككى قەدەم ئېلىپ مىڭىشىغا بىر قارا رەڭلىك پىكاپ سۈرىتىنى

ئاستىلىتىپ يول ياقىسىدا توختىدى.

-ئاۋۇ ماشىنا توختاۋاتىدۇ بۇلا تىز ،،،- قىزنى ئىككىسى بىرلىشىپ كۆتۈرۈپ ماڭا-ماڭمايلا ماشىنىدىن بىر يىگىت كىلىپ:

مەن ساقچى ،نىمىش قىلىشىۋاتىسەن ،قۇيىۋەت قىزنى!!!! –قاتتىق ۋارقىرىدى.

-بۇلا قاچايلى ساقچى كەپتۇ..،-قىزنى قاتتىق يەرگە پالاققىدە تاشلىۋېتىپ ھاپىلا -شاپىلا چۈشۈپ قالغان دوپپىسىغا قارىماي باغچا ئىچىگە قاراپ يۈگۈردى. يىگىت قىزنى ماشىنىغا سېلىپ يىقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى .يىگىتنىڭ يول بويى جىدىدىلىشىپ پۇت قۇلىدا جان قالمىغاندى. قىزنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىردى.

دوختۇرلار بىرقۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن جاراھەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى  ياخشى دەم ئالسا بىر قانچە كۈنگە قالماي ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى  ئېيتتى.

يىگىت پۈتۈن بىر كېچە قىزغا كىرپىك قاقماي قارىدى.تاڭمۇ سۈزۈلەي دىگەندە قىز ھۇشىغا كېلىپ ئاستا قۇللىرىنى مىدىرلاتتى.

-ھەھەھەھەھە. ئا....ئا...ئاپا..ئاپا مىنى تاشلاپ كەتمە..ئا،..ئاپا،-قىزنىڭ گەپلىرى تىترەڭگۈ ئاۋازدا ئۈزلۈپ -ئۈزلۈپ چىقىۋاتاتتى.

يىگىت قىزغا قاراپ:

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزچاق ،مىنى ئەجەپمۇ قۇرقۇتتىڭىز،نىمانچە ئۇزۇن ئۇخلايسىز-مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى.

- مە...مە..مەن نە..دە، بۇ نە-قىزنىڭ ئاجىز ،بۇغۇق ئاۋازى تەستە چىقاتتى.

-بۇ دوختۇرخانا قىزچاق ،ئاخشام 3 لۈكچەك بىر بولۇپ تاس قالدى سىزنىڭ قىزلىق ئىپپىتىڭىزگە خىيانەت قىلىپ دەپسەندە قىلغىلى

،ھىلىمۇ مىنىڭ شۇ يولدىن ئۆتۈپ قالغىنىم، خۇداغا مىڭ شۈكرى،قۇتۇلدۇرۋالالىدىم.-دىدى.

-رە ،رە ،رە ،رەھمەت،سىزگە ،كۆپ ..ئاۋارە قىلدىم ،مە ،مەندىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا رەھمەت-مىھرىزات بارغانسىىرى ئاجىشلىشىپ كىتىۋاتاتتى.

- بولدى بولدى ،كۆپ گەپ قىلماي بىر دەم ئارام ئېلۋېلىڭ ،ھىلى دوختۇرلار كېرىپ يەنە تەكشۈرۈپ قالسا قىينىلىپ قالىسىز-يىگىت شۇنداق دېگەچ قىزغا يوتقاننى چۈمكەپ ياپتى.

مىھرىزات بەلكىم بۇنداق قىسمەتلەرنى تارتىلىشنى بالدۇرراق بىلگەن

بولسا بۇ شەھەرگە كەلمەس ئىدى. خىلمۇىىل چىگىش خىياللار ئىلكىدە  يەنە ئۇيقۇغا كەتتى. بىر ئاز دىن كېيىن يىگىت سىرتتىن بىر قاچا شوۋگۈرۈشنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئۈستەلگە قويدى.

-سىزنى ،يە،يەنە ئاۋارە قىلدىمدە،كەچۈرۈڭ –قىزنىڭ كۆكەرگەن يۈزىدىكى مەمنۇتلۇقنى كۆرگەن يىگىت:

-تاماق يەۋالامسىز،دوختۇرلار سەل تۇرۇپ دورا سۈرۈپ قۇيدۇ ،يارىڭىزنى تىڭىۋېتىدۇ،ئۇ چاغدا قىينىلىپ تىخىمۇ يىيەيمەيسىز،مەن سىزگە يىگۈزۈپ قۇياي- قىز بېشىنى لىڭىشتى.

يىگىت گويا مەرھۇم دادىسى مەمەتقارىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.

بىر قوشۇق- بىرقوشۇقتىن پۈۋدەپ ئىچكۈزۈلگەن تاماقتىن كېيىن مىھرىزاتنى ئانچە -مۇنچە ئىسىق باستى.

دوختۇرلار كىرىپ تىڭىقنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن دورا سۈرۈپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.

-دوختۇر سىزنى  ئاز دېگەندە 3 كۈن ياتمىسا بولمايدۇ دەيدۇ.ئىسمىڭىزنى بىلمىگەچكە رۇخسىتىڭىزنى ئالمايلا سوملكىڭىزنى ئاختۇرۇپ كىملىكتىكى ئىسمىڭىزنى جەدۋەلگە تولدۇردۇم.-يىگىتنىڭ قارىماققا سەمىمىيدەك كۆرۈنەتتى. مىھرىزات يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ:

-ئىسمىم مىھرىزات،ئاقسۇدىن ،شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ بۇيىللىق

يېڭى ئۇقۇغۇچىسى ،سىزنىڭچۇ؟-قىز قىزىقىپ سورىدى.

-مەن ساقچى -ئوفىسسىرلار مەكتىپىنى بۇ يىل پۈتتۈرۈپ ،تىيانشان رايۇنلۇق ساقچىخانىدا پىراكتىكا قىلىۋاتىمەن،ئىسمىم جۈرئەت ،ئۈرۈمچىدىن.

-ھە مۇنداق دەڭ....ھە راس،دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتسەم بۇلامدۇ؟ بەك جىق دەرىستىن قالدىم ھېلىمۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە...-قىز كەينىنى دىيىشتىن خىجىل بولدى.

-ۋاي نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيدىغانسىز،مۇشۇ چىرايىڭىزدا بارسىڭىز،ساۋاقداشلىرىڭىز نىمە دەپ قالىدۇ ؟ بولدى ئارتۇق ئىشنى ئويلىماي جىم يېتىپ ئارام ئېلىڭ –يىگىت تەسەللەيلى بەرگەچ-مەن ئىدارىگە بىر بېرىپ كىلەي ھىلىمۇ يىرىم كۈن يۇقاپ كەتتىم. ئۇنىڭغىچە جىم يىتىپ تۇرۇڭ.-يىگىت شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى.

مىھرىزاتنىڭ يۈز قىسمىدىكى جاراھەتنى ھىساپقا ئالمىغاندا قالغان يەرلىرىدە چوڭ چاتاق يوق ئىدى.  مەسئۇل دوختۇردىن ئازراق سۈرىيدىغان مەلھەم دورا ئېلىۋالغاندىن كېيىن ،نەرسىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ مەكتەپكە قايتىپ ماڭدى.چۈنكى يېتىۋەرسە داۋاملىق پۇل كىتەتتى.

ياتاققا كىرىشى بىلەن تەڭ يەنە  ھىلىقى ماھىرەنىڭ زۇۋانى ئېچىلدى.

-كىمنىڭ ئاشنىسىنى تارتىۋېلىپ مۇش يىدىكىنە ماۋۇ رەسۋا.توۋا،توۋا،راسلا ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار جۇمۇ ،يۇۋاشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن مۈڭگۈزى ئىچىدىكەن بۇنىڭ-قىزلار

ياقىلىرىنى تۇتۇشتۇپ كەتتى. مىھرىزات پەرۋامۇ قىپ كەتمەي يوتقىنىنى يېپىپ ئۇيغۇغا كەتتى. بىر قانچە كۈنگىچە دورىنى ئۈزمەي سۈرۈپ بەرگەچككىمۇ يۈزىدىكى كۆك خىلىلا

يىنىپ قالغانىدى.ئەتىسى دەرىسخانىدا قىز دىققىتى بىلەن دەرىس ئاڭلاۋاتاتتى.تۇيۇقسىز ئىشىك چىكىلىپ سىنىپ مۇدىرى مىھرىزاتنى سىرتقا چىقىشقا ئىما قىلدى.

-مىھرىزات ،سىز ئەخلاقلىق ،يۇۋاش يۇمشاق قىز ئىدىڭىز،يىقىندىن بۇيان 15 سائەتكە يېقىن دەرىس تاشلىغاننى ئاز دەپ، ئاڭلىسام ياتاققىمۇ كېچىلىرى كىرمەيدىغان بۇلۇپ قاپسىز، بىلىمەن ،سىز جاپاغا چىداپ يۈرۈپ سىرتتا ئىشلەۋاتىسىز،بىراق جەمىيەت ھازىر بەك قالايمىقان،دىققەت قىلىڭ سىڭلىم ،ئامال بار دەرسىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا قىلىڭ. ياتاققا قايتمايدىغان ئىشلارنى قىلماڭ،قىز بالا ئۈچۈن ياخشى ئەمەس،سىرتلاردا قۇنۇپ يۈرسە.

-ماقۇل مۇئەللىم،مەن دىققەت قىلاي.-ئاغىزىدىن مۇشۇ گەپنى ئاران چىقىرالىدى. چۈنكى يىقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن خىلمۇىىل ئىشلار تۈپەيلى مىھرىزات تۇرمۇشنى ھەقىقى چۈشەنگەندەك بولدى. بۇرۇن قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك يۈرگەن بولسا ئەمدىلىكتە خېلى بۇ قاينامغا چوڭقۇر

چۈكۈپ ،بوران -چاپقۇنلىرىدا تاۋلانغان ئىدى.

ياتاققا قايتىپ پۈتۈن زېھنى بىلەن قالدۇرغان دەرىسلەرنىڭ كونسىپىكلىرىنى تۇلۇقلاپ ،تەكرار قىلىپ باشقىلارغا يىتىشىپمۇ قالدى. ئاپىسىدىن ئانچە -مۇنچە خەتلەرنىمۇ تاپشۇرۋېلىپ تۇردى.ئەمما قۇرۇق سالامدىن باشقا ھىچقانداق ئىقتىسادىي ئۇچۇر يوق ئىدى.ئىككى قولىغا تايىنىپ جىنىنى باقمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن مىھرىزات ياتاق باشقۇردىغان ئايالنىڭ ياردەم قىلىشى بىلەن مەلۇم بىر ئولتۇراق رايۇنىنىڭ ئىچىدە تازلىق ئىشچىلىق خىزمىتىنى تاپتى.

بۇرۇن ساۋاقداشلىرى سەھرالىق تومپاي دىگەن بولسا،ئەمدىلىكە

تازلىق ئىشچىسى مىكىجىن دىگەن يىڭى بىر لەقەم قۇشلاپ قۇشۇلغانىدى.لىكىن مەيلى

نەدە ئىشلىسۇن شۇنچىلىك ئەسستايىدىللىق بىلەن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيتتى .

ئولتۇراق رايۇننىڭ خوجىلىق بۆلۈمىدىكى خەنزۇ رەھپەرلەرمۇ بۇ قىزغا ئامراق بۇلۇپ قالغانىدى.

ئەمما بۇ ئىشنىڭ كىرىمىمۇ ئانچە جىق ئەمەس ئىدى.

باشقا يەردىن كەچتە يەنە بىر قىتىم ئىشلەشنى ئارزۇ قىلغان مىھرىزات يېقىن ئەتراپتىكى بىر رىستۇراندا ئاشخانا ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ تازلىق قىلىپ قۇش خىزمەتنى يەنە بىر قېتىم باشلىۋەتتى.

گەرچە تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولسىمۇ لىكىن مەكتەپتىكى ئۆگىنىشىگە خىلىلا تەسىر يەتكۈزىۋاتتتى. ئىرادىسى پۇلاتتەك تاۋلانغان بۇ قىز نىڭ ئەجرى يەردە قالمىدى.فاكولتىت رەھپەرلىرى

مىھرىزاتنىڭ ئائىلە قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قايتا-قايتا ئويلىشىش ئارقىلىق مىھرىزاتقا  

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ ،يېرىمىنى تاماق كارتىسىغا ئۇرۇپ بەردى.قالغان يىرىمىنى بولسا  مىھرىزاتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن كىلەر يىللىق ئۇقۇش پۇلىغا ھىساپ قىلىنىپ تۇتۇپ

قالىدىغان بولدى.

شۇنداق قىلىپ ئولتۇراق رايونىدىكى خىزمىتىدىن كىرگەن كىرىم بىلەن رىستۇراندىكى

خىزمىتىدىن كىرگەن كىرىمنى ئازراق كىيىم سېتىۋالغاندىن كېيىن قالغىنىنى  ياستۇقىنىڭ

ئاستىغا تىقىپ ئازراق  يىغىشقا باشلىدى.قىز بالىغا ھامان پۇلنىڭ ھەمراھ ئىكەنلىكىنى

ئوبدان بىلەتتى.

بىر كۈنى تۇيۇقسىز مىرزات مىھرىزاتنى ئىزدەپ مەكتەپ ئالدىغا پەيدا بۇلۇپ قالدى.

-مىھرىزات، ئاخشام يۇرتتىكى ئورۇق -تۇققانلاردىن بىر قانچىسى

ئۈرۈمچىگە كەپتىكەن .خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن . ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ئاپىڭىزنىڭ

سالامەتلىكى ناچارلىشىپ قېلىپ ،ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ .بىر بېرىپ كىلەمسىز،-مىرزاتنىڭ گەپلىرىدىن ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي ھاڭۋىقىپ  تۇرۇپلا قالدى:

-نىم نىمۇ ،ئاپام ؟تىخى 15 كۈننىڭ ئالدىدا يازغان خىتىدە ئۆزىنىڭ ياخىش تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ تىكەنغۇ؟مىنى نىمىشقا ئالدايدۇ.......

-بۇ قىتىم يامانراق ئوخشايدۇ . خەۋەر ئالىدىغانغا ئادەم يوق قۇشنىلار قاراۋېتىپتۇدەك.-

قىزنىڭ كۈزى قاراڭغۇلاشتى.پۈتكۈل زىمىن پىرقىراۋاتقاندەك بولۇپ يەرگە يىقىلىپ چۈشتى.

مىرزات باشقىلاردىن ئىزدەپ -سوراپ يۈرۈپ مىھرىزاتنى مەكتەپ دوختۇرخانىسىغا ئەكىردى.

دوختۇرلار كۆزىتىپ ،ئۇكۇل ئۇرۇپ قويدى. مىھرىزات يىرىم سائەتلەردىن كېيىن  ھۇشىغا

كەلدى.

سىنىپ مۇدىرىغا خەۋەر قىلىپ مىھرىزاتنى ياتاققا ئەچىقىپ قۇيۇپ قايتىپ كەتتى.

بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مھرىزات يۇرتقا  قايتىش نىيىتىدە سىنىپ مۇدىرىنىڭ

زورىغا ئۇنىماي 15 كۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ يۇرتقا قايتىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى.

ئاپىسىغا سوۋغا سالام ئېلىش ئۈچۈن بازار ئارىلاپ بىر تال ياغلىق ۋە بىر جۈپ ھالقا ئالدى

.ئەتىسى پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ كەچنىڭ بىلىتىدىن بىرنى ئەپ قۇيدى.

مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن نەرسىلىرىنى رەتلەپ بۇلۇپ سىنىپ مۇدىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر قۇر خوشلاشقاندىن كىيىن پويىىز ئىستانسىسىغا يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ........



  مەنبەسى: ئۆزۈم



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85030
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1067
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 129 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2014-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 08:41:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ...ئەلناز داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ ھە.......مۇۋەپپەقىيەت يار بولسۇن...

يۈرەك يىغلايدۇ «نېمىشقا؟» دەپ، ئەقىل كۈلىدۇ «خوپ بولدى» دەپ!!!

ھۆكۈمران قەلبىمگە گۈزەل ئارمان

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41800
يازما سانى: 1056
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7574
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 746 سائەت
تىزىم: 2011-5-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 09:10:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ساقلىۋېلىپ ئۆيگە ماڭغاندا پويىزدا ئولتۇرۇپ ئاندىن ئوقۇي بۇنى، كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم،خېلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ

مەن مېنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىنىڭ مەن ياخشى كۆرمەيدىغان كىشىنى ياخشى كۆرىشىنى ياخشى كۆرمەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5565
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32176
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3371 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 12:04:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.ئەتىسى پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ كەچنىڭ بىلىتىدىن بىرنى ئەپ قۇيدى.

مەكتەپكە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن نەرسىلىرىنى رەتلەپ بۇلۇپ سىنىپ مۇدىرى ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن بىر قۇر خوشلاشقاندىن كىيىن پويىىز ئىستانسىسىغا يۈرۈپ كەتتى.

داۋامى يىزىلىۋاتىدۇ........

  داۋامىنى بالدۇراق يازارسىز،مىنى بەك قىزىقتۇردى ،بۇ ئەسىرىڭىز.


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91476
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2013-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 01:26:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئىسىل تىما يوللاپسىز داۋامىنى بالدۇرراق يازارسىز

ئىسمىممۇ   جىسمىممۇ   ئەزەلدىنلا  يىك ،
يىك كەبى تۈپ -تۈزمەن ئىگىلمەيدۇ يىك.
يىقىلىپ   كەتسەممۇ  تۇرىمەن   دەرھال  ،
ئەجداتتىن  قېپ قالغان  لەقىمىممۇ   يىك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 01:38:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇشفال يوللىغان ۋاقتى  2013-4-26 08:41 PM
ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ...ئەلناز داۋاملىق غەيرەت قىلىڭ ھ ...

رەھمەت، خۇشفال تىخىمۇ تىرىشىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 01:39:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 12:04 AM
.ئەتىسى پويىز ئىستانسىسىغا بېرىپ كەچنىڭ بىلىتىدىن بىر ...

مىنىڭ يازمىلىرىمنى ئىزچىل ياقتۇرۇپ كىلىۋاتىسىز، رەھمەت.چۇقۇم تىرىشىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 01:40:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
handanjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-26 09:10 PM
ھازىر ساقلىۋېلىپ ئۆيگە ماڭغاندا پويىزدا ئولتۇرۇپ ئاند ...

بۇلدۇ قىرىندىشىم ،نۇقسانلىرىم نى ئايىماي كۆرسىتىپ بىرەرسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 01:41:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yik يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 01:26 AM
ئىسىل تىما يوللاپسىز داۋامىنى بالدۇرراق يازارسىز

رەھمەت، 1- قىسمىنى ئۇقۇسىڭىز تىخىمۇ چۈشىنىسىز،  3- قىسمىمۇ سىلەر بىلەن يىقىندا يۈز كۈرۈشكۈسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77608
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 100 سائەت
تىزىم: 2012-3-18
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 11:36:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش