مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 403|ئىنكاس: 1

ئارمىنىم ئاقماقتا گۈزەل سەھراغا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 3485
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3952
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10833 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 04:36:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئارمىنىم ئاقماقتا گۈزەل سەھراغا


شەبنەمدە نەمدەلگەن يۇلـتۇز كىرپىكى،

پارلايدۇ كۆزىدىن چېچىپ نۇر زىيا.

قەلبىمگە ھىس بىرىپ ياندۇردۇڭ گۈلخان،

مىھرىڭنى ئۆركەشلىك قىلىپ بىر دەريا.


ئىقپالىم قۇياشقا ئورالدى شۇدەم،

غەۋغاستەك چۈكۈپ مېھر- بۇلقىڭغا.

ھىسلىرىم بۇلىقى فۇنتاندەك تېشىپ،

كۆك ئاسمان قەھرىدە قىلماقتا ناۋا.



قەلبىمنىڭ بەھرىسەن مەڭگۈلۈك ئەركەم،

ۋۇجۇدۇم باغرىمغا قۇياشتەك ئىللىق.

سېنىلا يات ئىتىپ ساقلاپ ئۆتەرمەن،

مەن ساڭا ئىنتىزار بولمىغىن سىرلىق.


ئۇزىسا مەيلىغۇ كۈن، ئايلار تىزدىن،

بەخىتمۇ كۈلۈمسىرەپ كىلەر بىركۈنى.

تىلىكىم ،ئىستىكىم رىياتقا چىقىپ ،

كۆك ئاسمەن قەھرىدە ئاڭلىنار ئۈنى.


ئارمىنىم ئاقماقتا گۈزەل سەھراغا،

بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم ئوتلۇق تىلىكىم.

مۇقەددەس ،ئەقىدەم ئۆلمەيدۇ مەڭگۈ،

كۆزىمدىن ئاقسىمۇ ھەرقانچە يېشىم.

مەنبە قەلىمىم


ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81628
يازما سانى: 1631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 05:28:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى  مۇھىتى ساپ  كەڭرى كەتكەن سەھرالاردىن تاپالايمىز،  

قۇياش نۇرى پاسكىنا يەرگە چۈشكەن بىلەنلا قەدىرسىز بولۇپ قالمايدۇ....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش