بۈگۈن قارىسام،مىسرانىمغا تۈرلۈك پىكىر،خۇلاسىلەر يېغىپ كېتىپتۇ،قارىغاندا بۇ ھەپتىلىك مودا مۇشۇ ئوخشايدۇ،مەنمۇ ئويلىغانلىرىمنى ئېيتىپ باقاي
مېنىڭ ئاساسلىق تەكلىپىم تېمىغا يوللانغان ئىنكاسقا قارىتا بولىدۇ.يېقىندىن بۇيان مىسرانىمنىڭ تىنىچلىقىنى بۇزۇپ،كۆپچىلىكنى بىئارام قىلىۋاتقىنى دەل ئەشۇ بىر قىسىم ئىنكاسلاردۇر،گاھىلار يېڭى نومۇرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆرلىتىش ئۈچۈن مىسرانىم بىنا بولغاندىن بۇيان يوللانغان بارلىق تېمىلارغا ئىنكاس يېزىپ چىقىدىكەن،تىزىملىتىپ تۆت سائەتنىڭ ئىچىدە 200دىن ئارتۇق ئىنكاس يېزىپ نۇر سۈرئىتىدە دەرىجە ئۆرلىگەنلەرنى كۆردۈم،ئەكسىچە مۇنەردىكى ۋاقتى2000سائەتتىن ئاشقان بولسىمۇ ئىنكاسى200گە يەتمەيدىغان،مىسرانىمغا چوڭقۇر چۆككەن دەرجىدىن تاشقىرى غەۋۋاسلارنىمۇ كۆردۈم،يېڭى ئەزالارنىڭ تېزراق دەرىجە ئۆسۈشىنى ئۈمىد قىلىشىنى توغرا چۈشەنگىلى بولسىمۇ،لېكىن يازغان ئىنكاسلىرى نوقۇل ئىنكاسلا بولماي،ئۆز كۆز قارىشىنى قوشۇپ قويماقتا،ئەلۋەتتە ئىنكاس دېگەن شۇ ئۆز كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرغا قويىدىغان نەرسە،لېكىن سىز يېڭىلا تىزىملىتىپ مۇنبەردىكىلەرنىڭ پىكىر ئېقىمىنى،تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلىنى چۈشەنمەستىنلا رىئاللىقتا تونۇش-بىلىش،دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە سۆزلىگەندەك سۆزلىسىڭىز،ياكى تېمىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر مەزمۇنلارنى چۈشەنمەستىن،ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئۆزىڭىزگە ئوخشاشلا ئاددىي تەپەككۈر قىلىدۇ دەپ قارىسىڭىز ئېنىقلا زىددىيەت تۇغۇلىدۇ،ئەسلى مۇنبەردە ئۇزۇن مەزگىل چېنىققان پېشقەدەملەر سوغوققان بولسا توغرا بولاتتى،چۈنكى مەلۇم ئادەمنىڭ ئىنكاسىنىڭ كۆرۈپلا ئۇنىڭ يېڭى ياكى كونىلىقنى بىلگىلى بولىدۇ،ھالبۇكى بەزى كونىلا ئۆزىنى ئاسىرىماي كىچىك نومۇرلىرى بىلەن كىرىپ ئۆت ئۈستىگە ماي چېچىپ كولمىناتسيە يارىتىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ.
خەن مۇنبەرلىرىدە بىر ياخشى ئەھۋال بار،يېڭى كىرگەنلەر ئېنىقلا قىلىپ بۇ ئىنكاس نومۇر ئېلىپ دەرىجە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يوللاندى دېگەندەك مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى يوللايدۇ،ئۆز كۆز-قارىشىنى ئالدىراپ ئوتتۇرغا قويمايدۇ،گەرچە بۇ تېما يوللىغۇچىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ،لېكىن يالغاندىن دانىشمەن بولۇۋېلىپ قىچا چاچقاندىن ئەۋزەل دەپ قارايمەن،يەنە كېلىپ بۇنداق ئىنكاسلار كۆپىنچىسى پايدىلىنىش قىممىتى يوق،كۆپچىلىك ياقتۇرمىغان تېمىلارغا يوللىنىدۇ،ۋاقتى كەلگەندە نۇرغۇن ئادەم مەلۇم بىر تېمىغا ئۇخشاش بىر ئىنكاسنى يوللاش ئارقىلىق مەزكۇر تېمىنى مەسخىرە قىلىدۇ،بۇمۇ بىر خىل ئۆز كۆز-قارىشىنى ئوتتۇرغا قويغانلىق ھېساپلىنىدۇ.
يەنە بىرسى ئەزالارنىڭ دەرىجىسىنى پەقەت ئىنكاس-تېما ئارقىلىقلا ئۆلچەشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس،مەن بۇنىڭ تور بەت سېستىمىسىنىڭ ئۆزىدىكى قائىدە ياكى مۇنبەر قائىدىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن،لېكىن بۇ راستىنلا مۇۋاپىق ئەمەس،مېنىڭچە بولسا توردىكى ۋاقتىنىمۇ يەنە بىر خىل ئۆلچەم قىلىش كېرەك،شۇندىلا نەچچە مىڭ سائەت توردا تۇرۇپ ئادەتتكى ئەزالىقتىن ئۆسەلمەيدىغان ئوڭايسىز ئەھۋال يۈز بەرمەيدۇ،مۇمكىن بولسا ئىنكاس سانىنىمۇ چەكلەش كېرەك،كۈندىلىك يوللاشقا بولىدىغان ئىنكاس سانىغىمۇ چەك قويۇش كېرەك،شۇندىلا مۇنبەرگە ئىنكاس يوللاپ خەت بېسىشنى مەشىق قىلىدىغانلاردىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ،بۇنى يەنە دەرىجىسى ئاشقانسىرى كۆپرەك يوللىغىلى بولىدىغان قىلسىمۇ،كونا ئەزالار ئۆزىنى تۇتىۋېلىشنى بىلىدۇ.
مېنىڭ ئاساسلىق پىكرىم بولسا ئىنكاس شەكلىنى ئۆزگەرتىش،يەنى قەۋەت تىزىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،دېمەكچى بولغىنم ھازىرقى مىسرانىمنىڭ قەۋەت تىزىش ئۇسۇلى بولماستىن،خەن تورلىرىدىكى قەۋەت تىزىش،يەنى ئىنكاسقا قايتۇرغان ئىنكاس ئەسلى ئىنكاس بىلەن بىرلىكتە تۇرىدىغان،خۇددى رەسىمدىكىدەك: