مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3209|ئىنكاس: 37

سىز خوتۇننى توغرا تاللىيالىدىڭىزمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25741
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3286 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 12:08:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      بىر ئەر كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ئىنتايىن مۇھىم! ئەگەر سىزنىڭ دادىڭىز خوتۇنىنى خاتا تاللىغان بولسا، سىزنىڭ ئۆسمۇرلۇك چاغلىرىڭىز ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدۇ... ئەگەر سىز خوتۇننى خاتا تاللاپ قالسىڭىز، سىزنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىڭىز ئوخشاشلا ئازاپ ئىچىدە ئۆتىدۇ... مۇبادا سىزنىڭ ئوغلىڭىزمۇ ئوخشاشلا خوتۇننى خاتا تاللاپ قالسا،ئۇنداقتا سىزنىڭ ئاخىرىقى ئومۇرىڭىزمۇ يەككە-يىگانە ۋە غېرىپلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ...
     كىشىلەر بىل.گەيتىستىن ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان ئەڭ ئاقىلانە ئىشنىڭ ئۇنىڭ مىكرۇسۇفىت شىركىتىنى قۇرغانلىغى ياكى خەيىر-ساخاۋەت يولىنى تۇتقانلىغى ئىكەنلىگىنى سورىغاندا، ئۇنىڭ جاۋابى كىشىلەرنىڭ كۈتمىگەن يېرىدىن چىققان. يەنى  بىل.گەيتىس كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاقىلانە تاللىشىنىڭ ئۆزىگە ھەقىقى ماس كېلىدىغان ئايال كىشىنى تېپىپ توي قىلغانلىغى ئېكەنلىگىنى ئېيتقان.
    فۇرۇن.بارفىتمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دىگەن: <مېنىڭچە ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ ئاقىلانە چىقىرىلغان قارار سىزنىڭ ھەرقانداق بىر مۇۋاپپىقىيەتلىك سېلىنغان مەبلىغىڭىز بولماستىن، بەلكى قانداق ئايال كىشى بىلەن توي قىلىشىڭىزدۇر. كەلگۇسى ھەمرايىڭىزنى تاللاش پەقەتلا نوقۇل ھالدا بىر ئادەمنى تاللاش بولماستىن، بەلكى بىر خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش بولىدۇ. ئايال كىشى ئۆتكەن چوڭلارنىڭ بەختىنى، ھازىرقىلارنىڭ خوشاللىغىنى، ئەۋلاتلارنىڭ كەلگۇسىنى بەلگىلەيدۇ...>.
خەنزۇچە<تەرمىلەر> ژورنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 04:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئېسل گەپ بولاپتۇ جۇما ؟ ئۆمۈرلۈك ھەمرانى ياخشى تالمسا چاتاق شۇ ..سىز شۇنچە ئائلەم دەپ كۈچسڭىز مەن ئالدىرايمەن ماڭغلى ،ئېشكىم ئالدىرايدۇ ياتقلى دىگەندەكلا ئىش بۇلىدۇ شۇ...بىراق بۇمۇ تەقدىرمكىن دەپ قالىمەن بەزىدە شۇنداق ئەھۋاللارنى كۆرسەم

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58154
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 338
توردا: 180 سائەت
تىزىم: 2011-9-27
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 04:20:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتتىق دىققەت قىلمىساق زادى بولمايدۇ  
سالىھ ئايالغا ھىچنىمە يەتمەيدۇدە

سەنمۇ قويساڭ ئۈمۈدۈڭنى نەۋرىگە
  مەنمۇ قويسام ئۈمۈدۈمنى نەۋرىگە
  نەۋرىلەردىن نەۋرىلەرگە يۈكلىنىپ
  كۆمۈلمەمدۇ ئۈمۈدىمىز قەبرىگە ?

  

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6763
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7026 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 03:28:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدىكى ھىساپ تالادا توغرا كەلمەپتۇ دەپ پىشانىغا پۈتۈلگەننى كۆرمەي ئىلاجىمىز يوق

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

سۈبھى ئادۋوكاتل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59026
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7987
تۆھپە نۇمۇرى: 1638
توردا: 1251 سائەت
تىزىم: 2011-10-4
ئاخىرقى: 2013-12-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 04:03:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ياخشى خوتۇن تاللاپ بولالماي ساقىلىمغا ئاق چۈشۈپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
xohsanam886 + 10 كەسپى كىسەللىك قىلمىس.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سۈبھى ئادۋوكاتلىق ئىش ئورنى سىزنى قارشى ئالىدۇ!!
قانۇن سىزنىڭ مەنپەتىڭىزنى ھەرگىزمۇ ھەقسىز قۇغدىمايدۇ ،سىز بەدەل تۆلەش ياكى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ھوقۇقىڭىزنى قۇغدىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1487
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 04:09:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلىڭىزغا ئاق چۈشۈشتىن قورقماڭ ،بۇيۋالسىڭىز  قاردايدۇ........

دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسان......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90820
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 288
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-29
ئاخىرقى: 2014-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 04:10:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد  ساللاللاھۇ  ئەلەيھى ۋەسسالام  مۇنداق  دېگەن  :  
دۇنيا  نىئىمەتلىرىنىڭ  ئۆزى  كاتتا  نىئىمەت  . دۇنيا  نىئىمەتلىرى  ئىچىدە  ئەڭ  كاتتا  نىئىمەت   سالىھ   تەقۋا   ئايال  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80655
يازما سانى: 390
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1513
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2012-5-26
ئاخىرقى: 2014-2-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 04:12:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي تاڭ بۇنداق دىسە ئادەم توي قىلىشتىنمۇ قورقۇپ قالىدىكەن جۇمۇ

دادام دەيدۇ تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغان نەدە بار؟ مەن دەيمەن ئاشۇ تۇخۇمنىڭ شۇ تاشتا دەردى بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88094
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1487
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 04:25:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانچىلىقتا ھېسسىيات گويا ئوتقا ئوخشايدۇ. ئاۋۋال «گۈر» قىلىپ يانىدۇ. بارا-بارا پەسىيىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھەر بىر كۈن ھېكىم، مېغىزىنى مېغىزغا، پۇچىكىنى پۇچەككە ئاجرىتىپ بېرىدۇ.
ھېسسىيات بورىنى تىنچىغاندا تەپەككۇرۇڭ بىلەن ئوبدان كېڭەش. ئاشۇ ياقتۇرغىنىڭنى ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە كۆزەت، باشقىلارغا سېلىشتۇر. يادىڭدا قالسۇنكى، ياقتۇرۇش ساناقسىز بولۇشى مۇمكىن. ئون بەشىڭدە بىراۋ، ئون ئالتىڭدە باشقىسى، ئون يەتتىڭدە يەنە بىرى يۈرىكىڭگە ئىز سالسا، ئۆزۈڭنى بىتەلەيلىكتە ئەيىبلىمە. چۈنكى، بۇ تېخى مۇھەببەت ئەمەس. بۇ ياقتۇرۇش ، خالاس. دىلىڭدا بۇنداق ياقتۇرۇشتىن يىگىرمىسى كەچسىمۇ مەيلى، ئەيىب ئەمەس. ئەمما، ھەرگىز  تىلىڭغا چىقارما. ئاھلىرىڭنى تۆكمە! ئون سەككىز يېشىڭغىچە ئاغزىڭنى مەھكەم يۇمۇپ يېتىۋالساڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭنى باشقۇرىدىغان بولۇپ قالىسەن. كۆڭلى چۇشكەنلىكى كىشى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېتىش ــــ بۇ ھاۋايى نەپسىدۇر. ئۇ بار جايدا مۇھەببەت بولماس! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، نەپسىڭگە ئىخلاس قويۇپ، جەننەتتىن قوغلانغان ئادەم ئاتا قىسمىتىنى ھەمىشە يادىڭدا تۇت. ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىي « بەش شىرنىڭ ۋەھىمىسى نېمە ئۇ، ئۇنى يېڭىش ھېچ گەپ ئەمەس. ئەمما نەپىس ئىتى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە زىيانلىقراقتۇر. سەن ئاشۇنى يېڭىشنى بىل! شۇندىلا شىجائەتلىك سانىلىسەن» دېگەندۇر.
ياقتۇرۇش بىلەن مۇھەببەتنى پەرقلەندۈرۈشنى بىل. مۇھەببەت بىر بولىدۇ ۋە كىشىنىڭ جىسمىدا بېسىپ بولماس دولقۇن پەيدا قىلىدۇ. بىراۋنى ياقتۇردۇڭ دەيلى، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۆزۈڭ ئۆزۈڭدىن كۆڭلۈڭ تولماي قالىدۇ. بىردىن جەمئىي ئەيىبىڭ يۈزگە چىقىدۇ-دە، قاتتىق ئۇيىلىشقا چۈشىسەن. بىلگىنكى، بۇ، مۇھەببەت! ھەممە خاتايىڭنى ئۇ قىز كۆرۈپ تۇرغانغا ئوخشاش، جان ئاچچىقىڭدا ئوڭشىلىش  زۆرۈرىيىتىنى سېزىسەن. شۇ، مۇھەببەت! ئىشلىرىڭدا، ئوقۇشلىرىڭدا، ئۆيدىكى لازىمەتلىكلىرىڭدە ئەۋزەللىك، سەرەمجانلىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ ئاشۇ قۇتلۇق ئىشقتۇر! بۇنداق پاكلىنىشلار مۇھەببەتنىڭ قەدەملىرىدۇر !
ئۇ ساڭا خۇش كەلسۇن، مۇبارەك كەلسۇن، ئوغلانىم! مۇھەببەت كۆڭۈل مۈلكىدۇر. كۆڭۈل قويغان ئادىمىنى مەن بىلەن قال دېيەلمىگەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتەلمەيدىغانلار نەپىسكە بېرىلگەنلەردۇر. يۈرەككە ئىشىق چۈشۈشنىڭ ئۆزى چوڭ
بەخت!  سەن ئەمدى ھېچقاچان يالغۇز قالمايسەن. دائىم باغرىڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا سەن بىلەن شېرىن سۆھبەت قۇرىدىغان دەرددىشىڭ، مەھرەمى جان ــ مۇھەببەت بار! ئۇ ھەمىشە سېنى نازارەت قىلىدۇ. ھەمىشە ئۇنىڭغا ھېسسىيات بېرىسەن. ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولۇشقا بىر ئۆمۈر ئۇرۇنۇپ ئۆتىسەن. ئۇ بىراۋنى سېغىنىش، بىراۋ  ئۈچۈن ئەفغان چېكىش، يىغلاشمۇ، ھەتتا ئارىلىقمۇ ھاياتىڭنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان پۈتۈنلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ھەقىقىي مۇھەببەتكە يولۇققان كىشى سۆيگىنىگە ھەمىشە ياخشىلىقلارنى تىلەپ، ئۇنىڭ تەرىپلىرىنى يۈرىكىنىڭ ئاسمانلىرىغا كۆرۈرۈپ ياشايدۇ. ھەقىقىي ئاشىق يارىغا سەن مېنىڭكى بولۇشۇڭ شەرت دېمەيدۇ، ساڭامۇناسىپ بولۇشقا ماڭا يول بولسۇن، دەپ ئۆزىنى تۇپراق بىلەن تەڭ قويىدۇ.
مۇھەببەت كۆكسۈڭگە پاتقان قۇياش، ئۇ سېنى، پۈتۈن ئۆمرۈڭنى ئىسسىتىپ  بارىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلەڭگە، بالا- چاقاڭغا ھالاقىت بەرمەيدۇ. ئەكىسچە، ئۇلارغا بولىدىغان مۇناسىۋىتىڭگە ئەۋزەللىك قوشۇپ، ئۆيۈڭنى كۆڭۈللۈك، ئاۋات قىلىدۇ. شۇنداق ياخشى، بۈيۈك روھىي پاكلىقلارغا ئېرىشتۈرگۈچى ــ مۇھەببەت كەلسۇن ساڭا!
ئوغلانىم، مۇھەببەت باشقا، ئائىلە باشقا نەرسە، مۇھەببەت ئەركىن ـــ خالىساڭ ئاسمانىي پەرىشتىنى سۆي! چۈنكى، ئۇ ھېچكىمگە ھالاقىت بەرمەي يۈرىكىڭدە ياشايدۇ. ئەمما، ئۆمۈر يولداشلىق غايەت جىددىي ھېساب-كىتاب بىلەن تۈزۈلۈشى شەرت. چۈنكى، بۇ ئۆزۈڭگىچە بولغان سۇلالىنى داۋام ئەتتۈرۈش ۋە ئۆزۈڭدىن ئەۋلاد قالدۇرۇشتەك مەسئۇللۇق، جاۋابكارلىق ئىشتۇر. «تەڭ تېڭى بىلەن» دېگەن گەپكە سەل قارىما. بىزدە «ئەسلىگە تارتىپتۇ» دېگەن گەپ بار. بۇ «ئالمىنىڭ تېگىگە ئالما، بېھىنىڭ تېگىگە بېھى چۈشىدۇ» دېگەنلىكتۇر، ئوغلانىم. ئىمكان يار بەرسە ساڭا ياخشى ئەۋلادنىڭ، يەنى ھالال، پاكىزراق يېگەن، ئاتا- ئانىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى تۈزۈك، ئېنىقى، ئانىسى ياخشى قىزغا باغلىنىش نېسىپ بولسۇن. دادام رەھمەتلىكنىڭ بىر گەپلىرى قۇلىقىمغا ئورناپ قالغان: «ئاتىسى  يامان ـــ بىرسى يامان، ئانىسى يامان ـــ ھەممىسى يامان.» ئەگەر سېنىڭ بالىلىرىڭدىن باشلاپ سۈپەت بەلگىسى توشۇپ كەتسە، بىلگىنكى، ئەمدى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ روھى سېنى تەقىب قىلىدۇ. ئوچۇق ئېيتسام،نەپىسكە بېرىلىدىغان پەرزەنتلەر قالدۇرۇۋاتقىنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەيىپدارىغا ئايلىنىسەن!
ئائىلە ھىندى فىلىملىرىدىكىدەك چىرايلىق كىيىنىپ، قىر-ئېدىرلاردا چاپچىپ يۈرۈش، قول تۇتۇشۇپ قوشاق توقۇپ ھەمدۇسانالار ئېيتىش ئەمەس. بىر-بىرىنى چۈشىنىشنى مۇستەھكەملەش، بالا دېگەن بىر پارچە گۆشتىن ئىنسان بەرپا قىلىش، ئۆمۈرنى ئوتۇن قىلىپ، قارا قازاننى قاينىتىش دېمەكتۇر. يەنى، ئەل ئېيتقاندەك «قوش ئۆكۆز بولۇپ ئائىلىنى تارتىش» دىمەكتۇر. ئەركەك زاتىنىڭ بىر زەئىپلىكى بار ـــ ئۇ بەكمۇ سەمىمىي، بىر ئىشقا ئاسانلا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان ئادەم ئۇنىڭ ئايالىدۇر. «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەن نەقىلنى كۆيگەنلەر ئېيتقان! شۇ سەۋەبلىك ئوغلانىم، ئۆزىدىن كۆرە ئەقلى چىرايلىق بولغان جۈپ تىلىگىن. «ئائىلە» دېگەن زىمىستان گۆردە يېنىڭدا يۈرىكىنى يېقىپ، يولۇڭنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان سائادەتلىك، سەۋرلىك، ئەقلى-ھوشى جايىدا يار تىلىگىن!
يىگىرمە يېشىڭدا ئىنساننىڭ سەرخىلىنى ئىلغاشنى سەن قايدىن بىلىسەن؟ ئائىلىنىڭ سەن بىلمەيدىغان، ئاتا-ئاناڭ تىلغا ئالمىغان، ئېيتىپ بولمايدىغان تالاي نازۇك گەپلىرى بار. ئۆزىگە قاراڭغۇ سىناقلارنى كۆتۈرىدىغان ئادەم تاللاشنى بۇ پىشمىغان بېشىڭ قانداق ئىلغىسۇن؟ ئىنىقى، بېشىڭغا مۇھەببەت سەۋداسى چۈشكەندە شەيتان- مەلئۇن يۈرىكىڭنىڭ قېتىغا كىرىپ، سېنى ھەرخىل كويغا سېلىپ تۇرىدۇ. كۆزۈڭنى كور، قۇلىقىڭنى پاڭ قىلىپ تاشلايدۇ! مانا شۇئىسكەنجىدىن ئار-نومۇسۇڭنى ساقلاپ پاكىز چىقىپ كېتەلىسەڭ سەن ھەقىقىي پەرزەنتسەن، دىيانەتلىك پەرزەنتسەن. سېنىڭ پەرزەنتىڭ ئۆزۈڭدىنمۇ ئەلا بولىدۇ!
بىرەر-يېرىم يىل كىيىدىغان كىيىم، ئون يىللاپ ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئېلىشتا، ئۈچ – تۆت يىل ئوقۇشقا كىرىشتە ئاتا-ئاناڭ بىلەن قاتتىق مەسلىھەت قىلىسەنۇ، ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمراھ بولىدىغان جۈپ تاللاشنى نېمىدەپ ئۆزۈڭ يالغۇزلا ھەل قىلماقچى بولىسەن؟ ئوغۇل بالىنىڭ مېغىزى پۇچەك ياكى ئەمەسلىكى مانا شۇ مەسىلىدە بىلىنىدۇ. «ئوغلانىم، ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ ھەل قىل، جۈپتۈڭنى ئۆزۈڭ تاللا» دېگەن ئاتا-ئانا خاتاغا يول قويغان بولۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە پەرزەنتنى ئوتتۇرىدا ياردەمسىز قالدۇرۇش، ئۇنىىڭ تەجرىبىسىزلىكىدىن خاۋاتىرلەنمەسلىك ئۇنىڭغا نىسبەتەن نامېھرىبانلىقتۇر! ياكى ئاتا – ئانىلىق ئىلمىنى بىلمەسلىكتۇر! ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەر شۇنداق دىسە، كۆپنى كۆرگەن، مۇلاھىزىكار تاغاڭ ياكى ھامماڭ ۋە ياكى ئۇستاز قەدىردانلىرىڭغا مەسلىھەت سال. سۈپەتسىز چىققان كىيىمنى تاشلىۋىتىشىڭ، ياقمىغان ماشىنىنى ئالماشتۇرۇشۇڭ مۇمكىن. ئەمما، ئارىدا گۆدەك پەيدا بولغاندىن كېيىن ئارقىغا قايتىش يوق ـــ جېنىڭ بالاڭغا جايلىشىپ قالىدۇ، تاشلاپ كېتەلمەيسەن! كۆرىسەنكى، ئاھىڭ ئىچىڭدە، ئارمان بىلەن ئۆتۈش قىسمىتىڭگە ئايلىنىدۇ… ئوغلانىم، «ھەزرىتى ئايال» دىگەن كىتابىمدا شۇنداق دىگەنتىم : ئەلۋەتتە، ئۆز شەھىرىڭ، ئۆز يېزاڭ، ئىلاجى بولسا ئۆز مەھەللەڭدىن ئۆيلەن! كېيىن خۇرسەن بولىسەن! ئاڭلا :  دەيلى، سەن «ئاشىق-مەشۇق» بولۇپ باشقا جايدىن، مەسىلەن: بۇ شەھەرلىكسەنۇ، ئۇ شەھەردىن ئۆيلەندىڭ. ئۆي ئىچىلىك، ئائىلىچىلىك ـــ بۇ چۈمۈلىدەك جان بىلەن پىلنى تارتىش دېگەن گەپ. يېشىڭغا ياش قوشۇلغانسىرى قاتارغا قوشۇلۇپ، ئىشىڭ، ئىنسانىي قەرزلىرىڭ ئارتىپ بارىدۇ. بىر جېنىڭ مىڭغا بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ، ئۆزۈڭغۇ شۇنداق كۈچەپ تارتىۋاتىسەن. ئەمما، ئۆيلىنىشىڭدىكى خاتايىڭ ئەھۋالىڭنى تېخىمۇ ئەبگا قىلىدۇ: يان بۇلۇڭدىكى كېلىنلەر ئانىسىنىڭكىگە سەھەردە كەتسە، كەچقۇرۇن قايتىپ كېلىدۇ. سېنىڭ ئايالىڭ بولسا ھەر كەتكەندە بىر ھەپتىسىز قايتىپ كېلەلمەيدۇ ۋە يىللار داۋامىدا شۇنداق بولىۋېرىدۇ. ھەممىنىڭكىگە كەلگەن مېھمان تاڭدا قۇشتەككىنى كېلىپ، تۈنگە قالماي قۇشتەككىنە قايتىدۇ. ئايالىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا ئۇزاقتىن كېلىدۇ، كەم دېگەندە ئۈچ كۈن ياتماستىن كەتمەيدۇ! بۇ ھال يىل بويى داۋام ئېتىۋەرسە، چۆنتىكىڭ كۆتۈرسىمۇ كەيپىياتىڭ كۆتۈرەرمىكىن؟ ئايالىڭنىڭ ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ ئاكا-ئۇكىسى توي قىلىۋېرىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالەمدىن ئۆتۈۋېرىدۇ، ئىسسىق جان ـــ گاھ دادىسى ئاغرىسا، گاھ ئانىسى كېسەلخانىغا كىرىپ قالىدۇ. ئايالىڭنىڭ يۈرىكى قېرىنداشلىرىغا تىنماي تارتىپ تۇرىدۇ، يەنى بىر تەرەپتىن خەۋەر ئېلىش ئۇنىڭ بۇرچى- قەرزىدۇر. ئەمما، سېنىڭ ئالغان ئايلىقىڭ ياكى ئازغىنا كىرىمىڭ ئائىلەڭنى باقسۇنمۇ، باللىرىڭنىڭ خىراجىتىنى قامدىسۇنمۇ، يول كىراسىغا يەتسۇنمۇ، قولۇڭ قىسقىلىق قىلىپ بىرەر لازىمەتلىكنى بېرەلمىسەڭ، ئونلاپ يىللار داۋامىدا «سىزگە تەگكەچكە مۇشۇنداق كۈننى كۆرۈۋاتىمەن…» دېگەن تەنىدىن قۇتۇلالمايسەن. دىماغ قېقىش مەسىىرىلىك قاراشلارنىغۇ قويۇۋەر! بەندىنىڭ بېشىدا ھەر ئىش بار، «پالانچى ئېغىرلىشىپ قالدى» دېگەن خەۋەر كېلىدۇ. ئاشۇ زامان ئايالىڭنى يولغا سالىسەن. ئەمما، ئۇ يەتكۈچە بىمار ئېغىرلىشىپ قالىدۇ، دەيلى، ئوقتەك ئۇچۇپ ئارقىدىن سەنمۇ يېتىسەن. بۇنداق
پەيتتە يېقىن جايغا چۈشكەنلەر ئۈندىمەستىن يىغلاپ كۆرۈشسە، ئايالىڭ دىدارىنىمۇ كۆرەلمەي قالدىم» دپ داد-پەرياد سالىدۇ! ئوتتۇزدىن ئاشقاندا ھەر ئىككىلىڭلار ئۆزۈڭلار تەرەپتىكى ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەشەببۇس قىلىش ئاشۇ يەرگىلا خاس بولغان تائاملارنى سېغىنىش باشلىنىدۇ. ئەمدى ھەر كۈندە مانا شۇنىڭدىنمۇ جاڭجال چىقىۋېرىدۇ. ئوغلانىم، قېنى ئېيتچۇ، مانا شۇنداق ئاۋارىگەرچىلىك، گەپ-سۆز، بوغۇلۇشلىرىڭ ئىچىدە مۇھەببەت قالامدۇ؟ ئاتا-ئاناڭ مېغىزىنى ساڭا بېرىپ، ئۆزلىرى پۇچەككە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنى بەختلىك قىلىدىغانمۇ، بەخىتسىز قىلىدىغانمۇ سەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى رازى قىلىپ ئىش تۇت. ئاتا-ئانا نارازىلىقى سەندىن قەدىمىگە قۇربانلىق سورايدۇ. « ئۆتكەن كۈنلەر» رومانىدىكى ئاتابېكنىڭ قىسمىتىنى ئەسلە، ئاتا-ئانىسىنى، زەينەپنى ۋە باشقىلارنى نارازى قىلغىنى ئۈچۈن كۈمۈش ئۇنىڭغا بۇيرۇلمىدى….

تۇرمۇشىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى سۆيۈشۈپ ئائىلە قۇرغانلاردۇر. خالىس باھالىغاندا ئۇلارنىڭ ھاياتى بەلكى ياخشىدۇر. ئەمما، مۇھەببەتكە تەمە ئارىلاشتۇرۇلغانلىرى ئاتا-ئانا رازىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ياراتقۇچى شېرىن ھاياتلىرىنىمۇ تېتىتمايدۇ. بەخىت ئىچرە بەخىتسىزلىك ھېس قىلىۋېرىدۇ. دىللىرىدا تولا ئارمان ۋە توۋا. بۇنىڭدىن ئېغىر كۈن يوق، ئوغلانىم…
يىگىتچىلىكنىڭ ھېچ قەيىرىدە يېزىلمىغان. ئەمما ھەربىر ئەركەكنىڭ روھ چوڭقۇرىدا ياشايدىغان يەنە بىر بۇرچ باردۇر:

ئوغۇل بالا ئاتا ھويلىسىنى ساتمايدۇ! پەقەت ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئەمەس، قىز پەرزەنت ئۈچۈنمۇ بۇنداق قىلىش غايەت ئۇياتلىقتۇر!  مەيلى، ئىشىڭ ئارقىغا كەتسۇن، مەيلى مېلىڭدىن ئايرىلىپ كەت، ئەمما ئاتاڭنىڭ ماڭلاي تەرى، ئاناڭنىڭ ئۆمرى تۆكۈلگەن، بالىلىقىڭغا بۆشۈك بولغان، مۇبارەك ئائىلەڭنى ھەرقانداق ئەھۋالدا ساتما !


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
992402464 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
tapalmidim + 39 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 49   باھا خاتىرىسى

دۇنيانى ئۆزگەرتىش تەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ئاسان......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93013
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 669
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 246 سائەت
تىزىم: 2013-3-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-26 04:36:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خۇتۇننى تۇغراتاللىيالىغىننى ئادەم بۇلمەك تەس .پەقەت ۋە پەقەت بىر ئۇمۇر جاپا-مۇشەققەتتىمۇ راھەت-پاراغاتتىمۇ  ئۈمۇرنىڭ ئاخىرغىچە بىللە ئوتەلىگەن شۇ ئەرگە يار يۇلەك بۇلۇپ شۇ ئەرنىڭ ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا بەخىتلىك بۇلۇش ئۇچۇن كۇچ چىقارغان ئايال ھەقىقى ياخشى سالىھە ئايال مىنىڭ نەزرىمدە.
لىكىن بۇندا ئاياللار1000يىگىتنىىڭ بىرسىگە ئۇچقاپ قالامىكى بۇممىسا ئۇچقىمايدۇ
ئەڭ ياخشىسى ياخشى خۇتۇن ئالدىغانلارياخشى ئايالنى ياراتقۇچى دىن تىلەش كىرەك .يارتىلغۇچىدىن ئەمەس

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش