رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
ئالالمىدىم ھەققىمنى
ئىشلەپ تۇرۇپ ئالالمىدىم ھەققىمنى،
كىمگە ئىيتاي ئەمدى ئۆشبۇ ئەرزىمنى،
ياكى ئالا قىلمىغانتىم نىيتىمنى،
پۇل بەرمەك يوق ئۇردى مەندەك يېتىمنى،
ئىلىپ بىرەر كىممۇ مېنىڭ ئەنتىمنى.
بەش كۈن ئىشلەپ يىتىپ قوپتۇم ئۆيىدە،
گۆش كۆرمىدىم يالاڭ چامغۇر چۆپىدە،
قورساق تويماي تويغازدىم ئاش سۈيىدە،
مەن پەگادا بايكام ياتار تۈرىدە،
شۇ كۈنلەردە ئۆزۈم بىلدىم دەردىمنى.
سىلكىۋەتتى ئىش ھەققىمنى بەر دېسەم،
مۇشمۇ ئاتتى سىلكىگەنگە خەر دېسەم،
بەكمۇ تولا سۆزلەپ كەلسەم گەر دېسەم،
لەۋزى يالغان بولۇپ چىقتى ئەر دېسەم،
ھارام يېدى ئاققۇزغان قان تەرىمنى.
بەش كۈن ئىشلەپ قاداق بولدى قوللۇرۇرم،
پۇل ئالالماي قاتراپ تالدى پۇتلۇرۇرم،
مېنىڭ بىلەن تەڭ يىغلىدى تۇغقۇنۇم،
تەسەللىگە سەۋىرر دېدى دوسلۇرۇم،
مىڭ تەسلىكتە ئاران باستىم زەردىمنى.
ھاجىم دېگەن قۇرۇق شۆھرەت ئاتاقمۇ؟
يا،بىلمىدىم بىخىل دېگەن شۇنداقمۇ؟
بۇزەك قىلغان بارمۇ ئەمدى بۇنداقمۇ؟
ئۆتنە جاھان ئۆچۈپ كېتەر بۇ داغمۇ.
پۇلنى بەرمەي قويدى داغدا قەلبىمنى.
ررۇستەم قاراسۇ.....ئاتۇش
كېچىڭىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-25 10:58 AM