مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 588|ئىنكاس: 4

دۇكان ئىجارە توختىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 861
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8766
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2013-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 12:25:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىجارە توختامى

Aتەرەپ:                                        ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :

Bتەرەپ :                                       ئالاقىلىشىش تېلفۇنى :

توختام ئىمزالانغان ۋاقىت :   200-يىلى   -ئاينىڭ   - كۈنى.

توختام مەزمۇنى :

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ‹‹ئىقتىسادى توختام قانۇنىنىڭ ›› مۇناسىۋەتلىك بەلگلىمىلىرىگە ئاساسەن A،B ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق مەنپەتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن A،B ئىككى تەرەپ كېلىشىش ئارقىلىق توۋەندىكىدەك توختام ئىمزالاندى .

1.        ئىجارىگە بېرىلىدىغان بۇيۇم نامى ۋە سۇپىتى :

㎡       كۇۋادىرات مېتىرلىق ئېغىزلىق دۇكان .ئىشىك نومىرى

2.        (توختام )ئىجارە مۇددىتى :

ئىجارە مۇددىتىيىل بولۇپ ، Aتەرەپ   200-يىلى-ئاينڭ-كۈنىدىن باشلاپ Bتەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىپ    20-يىلى-ئاينىڭ -كۈنى قايتۇرىۋالىدۇ .

3.        ئىجارە ھەققى ۋە ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇش ئۇسۇلى :

دۇكاننىڭ ھەر ئايلىق ئىجارە ھەققى ¥ يۇەن ()بولۇپ، يەنى  200-يىلى-ئاينىڭ-كۈنىدىن ،   200-يىلى-ئاينىڭ-كۈنىگىچە ھەر ئايلىق ئىجارە ھەققى¥ يۇەن ()بولىدۇ .رەنە پۇلى¥يۇەن ()بولىدۇ .

Bتەرەپ دۇكاننىڭ ئاچقۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈنىيىللىق ئىجارەھەققى¥يۇەننى () ۋە رەنە پۇلى¥ يۇەن( ) نى Aتەرەپكە تاپشۇرىدۇ .   

ئىجارە ھەققى ھەربىرقېىتم ھېساپلىنىدۇ . Bتەرەپ ئىجارە ھەققىنى تاپشۇرۇش بىلەن بىرگە توك ،سۇ ،خوجۇلۇق باشقۇرۇش ھەققىنى تاپشۇرۇشنىمۇ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ ، توك ،سۇ ،خوجۇلۇق باشقۇرۇش ھەققىنى Aتەرەپ بىرتۇتاش بېكىتىپ يىغىۋالىدۇ ،ئەگەر Bتەرەپ ئىجارە ھەققىنى ۋە توك سۇ،خوجۇلۇق باشقۇرۇش ھەققىنى ۋاختىدا تاپشۇرمىسا ياكى تاپشۇرۇشنى رەت قىلسا A ، B ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر ئىجارە توختىمى بىكار قىلىنىپ، Aتەرەپ دۇكاننى قايتۇرىۋالىدۇ ھەمدە B تەرەپنىڭ رەنە پۇلىنى قايتۇرمايدۇ .

Bتەرەپ دۇكاننى ئىجارىگە ئالغان مەزگىلدە چوقۇم Aتەرەپنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇشى كېرەك ، Bتەرەپ دۇكان ئىچىدە، Aتەرەپ رۇخسەت قىلمىغان ھەر قانداق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ  ، ھەر ۋاقىت دۇكاننىڭ ئىچى سىرتى مۇھىت تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىشى ،دۇكان ئالدىغا ئ‍ۆزى خالىغانچە يايما ئېچىۋالماسلىغى كېرەك،دۇكان ۋېۋىسكىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىگىنى بىرخىل ئۆلچەمدە ئورنىتىشى لازىم ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ۋە شەھەر قۇرلۇش مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ۋە باشقۇرۇشىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى لازىم .ئەگەر يۇقارقىلارغا ئەمەل قىلمىسا Aتەرەپ ،Bتەرەپنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ،ئەگەر يەنە تۈزەتمىسە، Aتەرەپ دۇكاننى قايتۇرىۋالىدۇ .رەنە پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.

4.        ئىجارىگە بېرىلگەن بۇيۇمنى ئاسراش ۋە رېمۇنت قىلىش جەھەتتىكى مەسئۇليەت :

دۇكان  ئىجارىگە بېرىلگەن مەزگىلدە دۇكاننى ئاسراش ،رېمۇنت قىلىش ۋە بېزەش چىقىملىرىغا Bتەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ . توختام مۇددىتى توشقانداBتەرەپ دۇكاننىAتەرەپكەئەسلى ھالىتى بويىچە قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە Bتەرەپ دۇكاننى بېزەش جەريانىدا دۇكاننىڭ قۇرۇلمىسىنى ،ۋە توك ،سۇ يوللىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ،ناۋادا ئۆزى خالىغانچە دۇكان قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىۋېتىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتسا ياكى كۈتۇلمىگەن ھادېسە كورۇلسە،بارلىق ئاقىۋەتكە Bتەرەپ مەسئۇل بولغاندىن باشقا، كۆرۈلگەن بارلىق ئىقتىسادى زىياننى Bتەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ، توختام توشقانداBتەرەپ، Aتەرەپكەدۇكاننى رېمۇنت قىلىپ بېرىدۇ ياكى بازار باھاسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ، Bتەرەپ رېمۇنت قىلىپ بېرىشنى ياكى تۆلەپ بېرىشنى رەت قىلسا، Aتەرەپ ، Bتەرەپنىڭ رەنە پۇلىدىن تۇتۇپ قالىدۇ .ياكى قانۇن ئورۇنلىرىدىن دۇكاننى رېمۇنت قىلدۇرۇپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ .

5.        ئىككى تەرەپتىكى ئۆزگىرىش :

دۇكان ئىجارىگەرچىلىك مەزگىلدە ، ئالاھىدە ئەھۋال كورۇلۇپ دۇكاننى چېقىشقا توغرا كەلسە، Bتەرەپ دۇكاننى شەرتسىز بىكارلاپ بېرىشى كېرەك ،يۇقارقى ئەھۋالدا Aتەرەپ، Bتەرەپكە ھېچچقانداق تۆلەم بەرمەيدۇ.

دۇكان ئىجارىگەرچىلىك مەزگىلدە Bتەرەپنىڭمۇ مەزكۇر دۇكاننى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ ، Bتەرەپ دۇكاننى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرمەكچى بولسا ، Aتەرەپنىڭ ماقۇللىغىدىن ئۆتكۈزىشى كېرەك .( Bتەرەپ دۇكاننى ئۆز مەيلىچە باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بەرسەAتەرەپ مەزكۇر توختامنى ئېتىراپ قىلمايدۇ ).

6.        جەمىيەت ئامانلىغى،دىننى باشقۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە :

Bتەرەپ چوقۇم جەمىيەت ئامانلىغى ،ۋە ئومۇملاشتۇرۇپ تۇزەش قائىدە نىزاملىرىغا ئاڭلىق بوي سۇنۇشى ،مەدىنى تىجارەت قىلىشى كېرەك ،يالغان ساختا مەھسۇلاتلارنى سېتىپ سودا بازىرىنىڭ ئىناۋېتىگە تەسىر يەتكۇزمەسلىگى كېرەك ،بازار ئىچىدە قانۇنسىز تىجارەت قىلماسلىغى ۋە شەكلى ئ‍ۆزگەرگەن قىمارخانا ،پاھىشخانا ئاچماسلىغى كېرەك .

دۆلەتنىڭ دىننى باشقۇرۇشقا ئائىت قانۇن نىزاملىرىغا ئاڭلىق بويسۇنۇشى ،دۇكان ئىچى سىرتىدا دىننى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىغى ۋە دىننى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ بازار تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلماسلىغى لازىم. ئەگەر يۇقارقىدەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ Aتەرەپنىڭ مەنپەتىگە زىيان كەلتۇرسە ، Bتەرەپ بارلىق زىياننى تولەيدۇ.ھەمدە Aتەرەپ دۇكاننى قايتۇرىۋالىدۇ  .

Bتەرەپ ھەر ۋاقىت بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ ئوتتىن مۇداپىەلىنىش ۋە بىەتەرلىك تەلىۋىگە ئاساسەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە بىخەتەرئىشلەپچىقىرىش تارماقلىرىنىڭ تەلىۋېگە ئاساسەن ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش،ئوغۇرلۇقتىن ساقلىنىش خزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .بىخەتەر توك ئىشلىتىشى دۇكاننى تاقىغاندا توك ،سۇمەنبەسىنى ئېتىۋېتىشى لازىم ،بىخەستەلىك قىلىپ ۋەقە سادىر قىلسا بارلىق ئاقىۋەتكە Bتەرەپ مەسئۇل بولىدۇ .  

7.        پىلانلىق تۇغۇت جەھەتتە :

Bتەرەپ دۇكان ئىجارىگە ئالغاندا چوقۇم Aتەرەپكە پىلانلىق تۇغۇتنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئىسپات گۇۋاھنامىلىرىنى كۆرسىتىشى كېرەك ،ھەمدە دۇكان ئىجارىگەرچىلىك مەزگىلىدە چوقۇم دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك ،ئەگەر پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتگە خىلاپلىق قىلىپ مەسىلە سادىر قىلسا بارلىق مەسئۇليەتنى Bتەرەپ ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ،ۋە Aتەرەپكە كەلتۇرگەن زىياننىمۇ Bتەرەپ ئۈستىگە ئالىدۇ .

8.        توختام مەسئۇليىتى:

مەزكۇر توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ .توختام مۇددىتى ئىچىدە توختامدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىشلار كۆرۈلسە ‹‹ئىقىتىسادى توختام قانۇنى ››غا ئاساسەن مەسئۇليىتى قاتتىق سۇرۇشتە قىلىنىپ ،توختامغا خىلاپلىق قىلغۇچى تەرەپ تېگىشلىك مەسئۇليەتنى ئۈستگە ئالىدۇ ۋە تېگىشلىك زىياننى تۆلەيدۇ .

مەزكۇر دۇكان ئىجارىسى  200–يىلى   - ئاينىڭ  -كۈنىدىن كېيىن بازار ئەھۋالىغا قاراپ تەڭشىلىدۇ.ئەگەر تەڭشەلگەن ئىجارىدە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىسە مەزكۇر توختام ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ Aتەرەپ دۇكاننى قايتۇرىۋالىدۇ ھەمدە Bتەرەپنىڭ رەنە پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ .

Aتەرەپ: قانۇنى ۋەكىلى (                                     ) .

Bتەرەپ :

200– يىلى   - ئاينىڭ   -كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-11 09:58 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1281
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 6595
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1166 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 11:06:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خېلى ئۆلچەملىك ئىجارە توختام ئۆرنىكى ئىكەن ،بولسا خەت شەكلى تاللاپ قويۇلسا بوپتىكەن،  رەھمەت...

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94805
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2013-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 11:10:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94298
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2013-4-3
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 03:47:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولىدىغان توختامكەن  مەن بىر ئىشلىتىپ باقاي رەخمەت ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7093
يازما سانى: 441
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6991
تۆھپە نۇمۇرى: 364
توردا: 6356 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-25 03:49:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت جۇمۇ، توردا تەييار توختام يوق بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتىسىز.

ھامان بىر كۇنى گېنرال بولىمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش