ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! توردا بەزىلەرنىڭ ئىچى پۇشۇپ قېلىپ ئەمدى ئۆز مىللىتىنى ئالدايدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قالدى . نەدىكى قوڭالتاقنىڭ تاپقان نەرسىسىنى نەچچە كۈن، نەچچە ئاي ۋە نەچچە يىلغىچە تارقىتىپ بىكار ئاۋارە بولىدىغان ئىشلارغا ئەجەپ ئىچىم سىقىلىدۇ.
ئۆتكەن قېتىم مۇشۇ ھەقتە
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ئالدايدىغان تاراتقۇلارغا ئىشەنمەڭلار! تېمىسىدىكى تېما بىلەن تور دۇنياسىدا بىر قەدەر رەدىيە بەرگەن ئىدۇق.
ئەمما ھەپتە بولۇپ قالدى بىر ئۇچۇر تارقىلىۋاتىدۇ يەنى:
<<خەنزۇلار بىز ئۇيغۇرلارنى بىرلىكى يوق ئىتتىپاقسىز مىللەت دىگەن كۆز قاراش بىلەن بىزنى ھاقارەتلەپ ئۇيغۇرلار بىلەن توختاملىشىپ مۇشۇ 2 ھەپتە ئىچىدە بۇ خەتنى 200000 ئادەمگە يوللاش يوللىيالماسلىق توغۇرلۇق باغلاشقان. شۇنىڭ ئۈچۈن قېرىنداشلار بىز دىگەن ئۇيغۇر. ئۇيغۇر دىگەن بىرلىشىش ... دېگەن گەپ . ئىسىمغا لايىق بىرلىشىپ ئىتتىپاقلىشىپ ئايرىلماس قەلىپداش بولپ كەتسەك شۇنداقلا بۇ ئۇچۇرنى 200مىڭ ئادەمگە يەتكۈزسەكلا بىز يەڭگەن بولىمىز . ... ئۇيغۇر بولسىڭىز دەرھال سىزمۇ يوللاڭ! >>
مانا مۇشۇ شەكلىدە ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرنى يەنى ئۇيغۇرچە يېزىلغان رەسىم شەكلىدىكى تەشۋىقاتنى يوللاپ توپنى پاخاللاشتۇرماقتا.
شۇ يوللىغۇچىلار نېمىشقا بۇ بىر قانچە نۇقتىنى ئويلاپراق ئىش كۆرمەيدۇ.:
1. بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان توپتا 99.99 پرسەنت ئۇيغۇر تۇرسا بۇنى كۆرۈپ ھېسابلايدىغانلار كىم.
2.بۇنى يوللىسا قانداقسىگە ئىتتىپاق مىللەت بولغان بولىدۇ.
3.ئاشۇ ئىتتىپاقسىز مىللەت دېگەن كىم؟ ئىسپاتى قېنى؟ نەدە دېيىلدى؟
4.بۇنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىدىغان كىم؟ كىم تەكشۈرىدۇ؟ كىم ئىگە؟
5.ئۆز ئارا توختام تۈزۈشكەنلەر كىم؟ئۇلارنىڭ توختامى قېنى. ئىسپات سۈپىتىدىكى ئېنىق فىلىمى ھېچ بولمىسا بىر نەچچە كۆرۈنۈش رەسىمى قېنى؟
6...
مۇشۇلارنى ئويلىدىڭلارمۇ؟ قېنى قايسىسىنىڭ رازى قىلالىغۇدەك جاۋابى بار.
بىز بۇنداق ئەمەس، كوچىلاردا ئۇرۇش جېدەل بىلەن ئەمەس ، مېھرىبانلىق يەتكۈزش، ھەقىقىي بىر بىرىمىزنى ھۆرمەتلەش بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىتتىپاقلىقىمىزنى كۆرسىتىشىمىز كېرەك . ھەرگىز ئەمەلىيەتتە بىر خىل يۈرۈپ بۇ ئۆزىمىزدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ قۇرۇق ئۇچۇرنى ئەۋەتىپ يۈرسەك بۇ توغرا بولامۇ؟ ئويلاپراق بىر ئىش قىلساق نېمە بولار! ئەمەلىي ئىش قىلساق نېمە بولار؟ بەك ئىچىڭىز پۇشۇپ كەتسە ئادەم ئالدىغۇچە باشقا بىر كۆڭۈللۈك ئىش قىلسىڭىزمۇ بىر ئىش! ئۇنداق نادانلىشىپ كەتمەيلى قېرىنداشلىرىم!
نەدىكى يوقىلاڭ ئىش ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ! ئۆزىڭىزگە بالا تاپماڭ! ۋاقىتنىڭ ياراتقۇچى بىزگە مۇھىم رىزىق تۈرى قىلىپ بەرگەن.