ئۆي ئىجارىگە بېرىش توختامى
ئا تەرەپ : كىملىك نومۇرى :
ب تەرەپ : كىملىك نومۇرى:
1. ئا تەرەپ ب تەرەپكە ئىجارىگە بەرگەن ئۆينىڭ ئادرېسى: ...............................................................................
.....................................................................................
2. توختام مۇددىتى -يىلى - ئاينىڭ -كۈنىدىن
-يىلى -ئاينىڭ - كۈنىگىچە ئىجارىگە بېرىلىدۇ .
3. ئىككى تەرەپ توختام قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، باراۋەر ئاساستا كېڭىشىپ بۇ توختامنى تۈزدى. بۇ بەلگىلىمىلەرگە ئورتاق بويسۇنىدۇ.
4. ئۆينىڭ ھەر ئايلىق ئىجارىسى ( ) يۈەن بولۇپ، زاكالەت پۇلى ئۈچۈن ( ) يۈەن تاپشۇرىدۇ. توك، سۇ، گاز پۇلىنى ب تەرەپ ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.
5. پۇل تۆلەش ئۆلچىمى: ( ھەر ________ ئايدا ) ؛
6. ئۆيدە بار ئەسلىھەلەر:
7. ئۆي ئەسلىھەلىرى بۇزۇلۇش، يوقاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ب تەرەپ ئەسلى باھاسى بويىچە تۆلەپ بېرىدۇ، ھەم ئۆي قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشكە، ئىشىك-دەرىزىلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ۋە ئەۋرەز يولىنى توسۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ.
8. ئۆيدە پەقەت ب تەرەپ تۇرىدۇ، باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىشكە ۋە رەنىگە قويۇشقا بولمايدۇ.
9. ب تەرەپ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارنى قەتئىي قىلماسلىقى ۋە گازنى، توكنى ھەم باشقا خەتەرلىك ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا مەشغۇلات قىلىش سەۋەبىدىن بىرەر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا، جاۋابكارلىققا ب تەرەپ ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، ھەم بىخەتەرلىك قۇلۇپىنى ئالماشتۇرۇشنى سەمىگە سالىمىز.
10. توختام ۋاقتى توشماي تۇرۇپ ب تەرەپ ئۆينى قايتۇرماقچى بولسا، ئۆي پۇلى ۋە زاكالەت پۇلى قايتۇرۇلمايدۇ.
11. توختام ۋاقتى توشۇپ ب تەرەپ ئۆيدىن كۆچمەكچى بولسا، چوقۇم بىر ئاي بۇرۇن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.
12. كىلەر قېتىملىق ئىجارە پۇلىنى تاپشۇرۇش ۋاقتى:
ـ يىلى ـ ئاينىڭ ـ كۈنى، (يەنى كۈن بۇرۇن تاپشۇرىدۇ.)
13. بۇ توختام ئىككى نۇسخا بولۇپ ئىككى تەرەپتە بىر نۇسخىدىن ساقلىنىدۇ، ھەم ئىككى تەرەپ قول قويغاندىن كېيىن قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئا تەرەپ ئىمزاسى: تېلىفون:
ب تەرەپ ئىمزاسى: تېلىفون:
ـ يىلى ـ ئاينىڭ ـ كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەردار566 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-24 11:00 PM